پادىشاھ يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:33 PM
سىز مۇنداق دەپسىز.بەزەن خەلقىمىزنىڭ باللىرىنى مەكتەپت ...
پىكىرلىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق، قاراڭ قېرىندىشىم، مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا يۇقۇرلاپ ئوقۇشقا ئىمتاھان بېرىمەن دېسەم دادام توسقان، سەۋەبىنى ئەمدى چۈشىنۋاتىمەن، بىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى بىر قىسىم ھەپتىيەكنىڭ بېشىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ تېشىنى ئوقۇغان ئاكتىپ موللىلار تۆككەندەك، زىيالىيلارنىڭ يۈزىنمۇ بىر قىسىم دىپلوم ئۈچۈن ئوقۇغان، بىلىمسىز سامان قورساقلار تۆكىۋاتىدۇ، دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى قوشۇپ ئالغاچقا خەلقتە ئوقۇغانلارغا ئۆچلۈك پەيدا بولۇپمۇ قالدى، لېكىن كاللىسى يۇيۇلۇپ ، ئەقلى ئالمىشىپلا كەتمىسە بالىلارنى چوقۇم ئوقۇتۇش كېرەك. چۈنكى ئىسلامدا ئەڭ ئاۋال ‹‹ئوقۇ›› دېگەن ئايەت نازىل بولغان. ئوقۇغانلارغا ، ئوقۇۋاتقانلارغا ئىلتىجارىم : سىلەر مىللەتنىڭ ئۆگۈزىسى ئەمەس، تۈۋرۈكى ، شوتىسى بولۇشۇڭلارنى سورايمەن!!!!!!!!!!!!! ھەم مەن مۇسۇلمانتىم بالام ئۇ بولاتتى، بۇ بولاتتى دېگەنلەرگە بالاڭلارنى ئامال قىلىپ ھەم دىندا ، ھەم پەندە ئوقۇتۇڭلار...................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyoglani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 01:03 PM