ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى ،ئالدى بىلەن قىلغان ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر،
ئاندىن سىزگە سەمىمى تەكلىپ بەرسەم ،تىمىڭىزنىڭ ئاخىرىدىكى ئويلىرىڭز ۋە تەھلىلىڭىز بىر مىللەتنى سۆيگەن ئويغاق ياشنىڭ پىكرى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ،ئەمما تىمىنىڭ بېشىدىكى مەزمۇنلارغا كەلسەم ،تارىخنى سۈيئىستىمال قىۋىتىپسىز،ئالىم شائىرلارغا ھاقارەت قىلىۋىتىپسىز .
| ئاپتورى:پادىشاھ
مائارىپ مىلەتنىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر،ئۇ مىللەتنىڭ روناق تېپىشى،ھالاك بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىدۇر.مىللىتىمىز ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامىيەتتىكى چېكىنىشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۈچلۈك(سۇپىۋىزىم ئىدىيىسى بۇ ئېقىم ئەسلى ياۋروپا ئاقارتىش ھەركىتىدىن بۇرۇن ئۇزۇن بىر مەزگىل ياۋروپادا ھۆكۈم سۈرگەن .كېيىن ئىسلامىيەتكە سىڭىپ كىرىدى) ئۇچرىغان مىللەتتۇر19-ئەسىرگە كەلگەندە بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرىمىز مائارىپ ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۇ ،ئۇيغۇر مىللىتىنى جەلىپ قىلالمىدى.ئەكسىچە ئۇلار مىللىي مۇناپىقالار تەرىپىدىن <<دەھرى>> ئاتىلىپ تۈرمىلەردە قازا قىلدى دىمەك مىللەت پەۋەر كىشى ئۆز مىللىتىنىڭ قولىدا ئۆلۈدۇ دىگەنلىك ئەنە شۇ بولسا كېرەك. قۇتلۇق شەۋقى ئەينى يىللىرى شۇنداق جەڭگىۋار شېئىرلىرى بىلەن بىزگە خىتاپ قىلغان يەنى:
ئوقۇدى ئاشتى بىزدىن باشقىلەر،
ھارامدىن تاماق ئىچەر ،ئەي قاپاقباش مولىلەر .دەپ ياز ىدۇ بۇنىڭدىن بىز خەلقىمىزنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالمايمىزمۇ؟
|
1.مىللەتنىڭ چېكىنىشى سوپىزىم تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسىڭىز ئۇ مەيلىڭىز، ئەمما يازغان تىمىڭىزنى ئۆزىڭىز كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ ئوقۇپ بېقىڭ، ئىسلامىيەتنىڭ نۇرىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندەك ئېسىل شاھلار ۋە يۈسۈف خاس ھاجىپ بوۋىمىزدەك دىنى زاتلارنىڭ مىللىي مائارىپ ۋە مىللەت تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسىنى ،ئۆزىڭىزچە كىيىنكى دەۋىردىكى چېكىنىش بىلەن ياپماقچىمۇ؟.
2. ئوقۇدى-ئاشتى….
ئوقۇدى-ئاشتى باشقىلار بىزدىن ئەي قەدىردانلار،
كورگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى قاينا ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇرلەر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئىممەتلەر!
ئۆگەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار،
ئەخلاقنى پۇچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.
رىشىۋە(2) بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،
بېشىدا سەللە، قولىدا تەسۋى، ھەقتىن قاچارلەر.
ئويلاڭلار! زاكات-ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى، كىملەر ئالۇرلەر؟
نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان قالۇرلەر.
مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەر ئانچە ھىكمەتلەر،
ئەمىلىگە قارىتا بەردى ئاللا شانۇ-شەۋكەتلەر.
ئوقۇيمىز، بىلمەيمىز، لىسانۇ ئەرەپ مۇشكۇل تىلى بىزگە،
يادىكار قالغان يوق بىر نوكتە ھىكمەت ئۇلاردىن بىزگە.
قەشقەردە يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۇلدە ياتۇرلەر،
تەربىيەسىز، ئوشۇق ئويناپ، نىشە تارتۇرلەر.
مەرھۇمى داموللا ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر،
گۇناسى نىمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۇگەتتىلەر.
سىزقۇتلۇق شەۋقى ئەپەندىنىڭ ئىككى مىسراسى بىلەن مائارىپقا كىملەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كىمەرنىڭ كۆڭۈل بۆلمەيدىغنىنى ئايرىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن بولسىڭىز نوچىكەنسىز . مەيلى ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتاپ مولىلىق دەۋاسى قىلسۇن ، مەيلى مىللەتچىلىك دەۋاسى قىلسۇن خەلقىمىز ئىچىدىن نۇرغۇن خائىن مۇنافىقلارنىڭ چىققىنى راسىت. ئەمما ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مائارىپ ،ھەق يولىغا ئاتىغان ئابدۇقادىر داموللامدەك دىنى ئالىملىرىمىز ،يەنى موللىرىمىزمۇ سىز دىگەن باشقا مىللەت سۆيەر مائارىپچىلارغا ئوخشاش ھاياتىنى بۇ يولدا قۇربان قىلغان ، توك توك پاراڭلىرىڭىز بىلەن خەلىقنىڭ كاللىسىنى قالايمىقان قىلماڭ . كىم مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ ؟كىم بۆلمەيدۇ ؟بۇلار ئاز تولا تارىخ بىلگەن ،ھەقنى تونۇغان كىشىلەرنىڭ كاللىسدا بەش قولدەك ئايان . يالغان كۆيىنىش ،يالغان تەقۋالىق ۋە ئازغۇنلۇق ھامان لەيلەپ چىقىدۇ. ھامان سورىقى بولىدۇ.