52arslan يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:44 PM
مۇلاھىزە ھىسياتچان ھەم بىر قەدەر يۈزەكى يېزىلغان ، لىك ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرندىشىم،شۇنچە يوغان تىمىنى ۋە شۇنچە كۆپ ئىنكاسلاردىن پەقەت سىزنىڭ مۇشۇ يازغان ئىنكاسىڭىز ھەقىقەتكە لايىق بولغانلىقتىن سىزنى ۋە پىكىرىڭىزنى قوللايمەن!بىر ئوقوتقۇچى بولۇش سۈپتىم بىلەن شۇندا دىيەلەيمەنكى بۇ يەردىكى مەسلە ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىدا ياكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيمەسلىكىدە ئەمەس!سەۋەب_ دەل بىزنىڭ مائارىپ تۈزىلمىمىزدە،باشقۇرغۇچىلاردا!مائارىپ تۈزىلمىمىزدە ئىنسانى ئەقىل ئىدراكىنى ئويغاتقۇچى،ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيۈشنى چىن يۈرەككە سىڭدۈرگۈچى دىنىمىز ئىسلام ئۇياقتا تۇرسۇن،ئاددىغىنىسى مىللى ئۆرىپ-ئادەتلىرمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان كىيىم-كىچەكلىرىمىزگە چەك قويۇپلا قالماي،ھازىر قوش تىل مائارىپى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ ئەسلىدىنلا تەپەككۇر شەكىللەندۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بالىلىرمىزغا يات بىر تىلدا تەپەككۇر قىلىش تەلپىنى قويۇپ ئۇلارنىڭ تەپپەككۇر قۇرۇلمىسىنىڭ يىتلىشىگە زور توسالغۇ پەيدا قىلغاننى ئاز دەپ،ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆگەنسەممۇ ئۆگنەلمەيمەن پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ مائارىپتىن،مەكتەپتىن زىركىش تۇيغىسىنى شەكىللەندۈردۇق،ھەتتا بەزى يىزا قىشلاقلىرىمىزدىكى ئوقوغۇچىلار باشلانغۇچىنى پۈتكۈزىپمۇ ساۋاتسىز ھالەتتە تۇرماقتا!مەن خەنزۇلارنىڭ بىر كۆپ قىسملىق تىلۋىزىيە تىياتىرنىڭ بىر قىسمىنى توردىن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغانمەن ،مەزكۇر قىسمىدا بىر ئايال جەڭچى بىر پىداكار،تۆھپكار كومارتىيە جەڭچىسىدىن ئۇرۇش ئاياغلاشسا سىز نىمە ئىش قىلسىز دەپ سورغاندا ئۇ جەڭچى ،(我回去东北当中文老师شەرقى شىمالغا قايتىپ خەنزۇچە دەرس ئۆتدىغان موئەللىم بولىمەن)،دېگنىدە ئۇ ئايال نىمە ئۈچۈن ؟سىز گومىنداڭدا خىزمەت قىلىڭ ۋە ياكى كومپارتىيەدە خىزمەت قىلىڭ چوقۇم ئەڭ ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان گىنرال بولالايسىز دېگىنىدە مىنىڭ يۇرتۇم شەرقى شىمال ئۇ يەرلەرنى ياپۇنلار ئىگەللەپ ياپۇن تىلىدا دەرس ئۆتۈپ سەبى بالىلىرمىزنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلماقتا دەپ جاۋاب بىرىدۇ!دىمەك بىر مىللەتنىڭ ئوقوتقۇچىلىرى شۇ مىللەت كىشلىرى ئىچىدىكى مىللەت ئۈچۈن پۇل-مېلىنى،ياشلىق باھارىنى بېغشلىيالايدىغانلا ئەمەس بەلكى شۇ مىللەت ئۈچۈن ئۆزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بولغان ھاياتىنى تەقدىم ئىتەلەيدىغان بولغاندا ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققى قىلىدۇ،يەنى بۇ مىللەتكەپەرزەنتلىرنى توققۇز تىللىق مائارىپ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلايدىغان ئاتىلاردىن كۆرە مىللەت ئۈچۈن ئۆز بەختى ،تەختى،ھەتتا ھاياتنى ئىككى قوللاپ ئېلىپ چىقالايدىغان مەمتلى ئەپەندىدەك،ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ھەقىقى ئەزمەت،ھەقىقى ئۇستازلار كىرەك،ئەنە شۇ خەنزۇ جەڭچىدەك ئۆز تىلىنىقوغداپ شۇ تىلدا دەرس سۆزلەشنىڭ موھىملىقىنى تونۇپ يىتەلەيدىغان قان كىچىپ جەڭ قىلىش روھىغا ئىگە پالۋانلار كىرەك!ھە ئۇنداق بولسا بىز بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىمىزدىكى ئوقوتقۇچىلار قوشۇنىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى،ئۇلار ئەنە شۇنداق روھلار بىلەن تەربىلەنگەنمۇ؟ئۇلاردا شۇ خىل ئاڭ،ئىديەنىڭ چۈچىلىسى بارمۇ؟يوق بولسا نەگە كەتتى؟رىيانلىق شۇكى بىزنىڭ ئۇ خىل روھقا ئەمەس،ھەتتا ياخشى ئوقغان،بىلىملىك ياشلىرمىز ئوقوتقۇچىلىق كەسپىنى ياختۇرمايلا قالماي،ھەتتا يىرگىنىدىغان،قاچىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس،ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەقەت ھۆكمەت خادىمى بولۇش،كۆپ پۇل تېپىش،ماشىنا ئېلىش ،يوغان ئۆي سېتۋېلىش،بىر ئۆي بولسا يەنە بىرنى سېتۋېلىش، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولسا باش ئىدارە باشلىقى بولۇش ۋەھاكازالار،ئۇنداقتا مائارىپتىچۇ؟ئاساسى جەھەتتىن ئامال يوق ،خىزمەت تاپالماي ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ قالغانلار بىلەن،ھەتتا مائارىپ سىپىمىزدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمدەك جالاپ پاھىشىلىك قىلدىغانلار ھەم نان تېپىپ يىمەكتە،ئۇنداقتا بۇ خىل ئوقوتقۇچىلار قوشۇنى قانچىلىك ئىش قىلىپ بىرەلە؟ھە ئوقوتقۇچىلار ئىسىل دەپمۇ تۇرايلى مەكتەپتىكى ئوقتۇش ئاتمۇسفىراسىنى بىر ئويلاپ كۆرمەيمىزمۇ،ئوقوتقۇچىلار ۋە ئوقوغۇچىلار مەكتەپكە كەلسە قاق سەھەردە ئۆگىنىشتىن سۆز ئېچىش ئەمەس،بەلكى يىغىندىن سۆز ئېچىش شۇنچە تەبى،ئۇنى ئاز دەپ دەرس تەييارلىقىدىن باشقىلا ئوقوتقىچىلارنىڭ توشقىزىشىنى كۈتۈپ تۇرغان يەتتە سەككىز دەپتەر بارلىقى بار،ئۇنى توشقىزمىسىڭىز جەرىمانە تەنقىدلىرىڭىز مەكتەپ مودرىڭىزنىڭ يانچۇقىدا چەپ-چەستەي قاتلاغلىق،ھە پىچقتى ئېچىلمىغانلىرى كۆپ تېخى!بۇنى ئاز كەلدى دەپ ناھيە،ئوبلاست،ئاپتوتونۇم رايۇن دېگەن ناملاردا كىلدىغان تەكشۈرىشلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئوقوتۇش ئىشلىردىن زىركىپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەردى نەچچە ھەسسىلەپ ئاشتى، بۇ تەكشۈرىشلەر ھەپتە ھەتتا بىر ئاي ئىلگىرلا خەۋەر قىلىنىدىغان بولغانلىقتىن شۇ بىر ئىككى ھەپتە مەخسۇس شۇلارنى قانداق كۈتۈش،ئوقوغۇچىلار ئۇلار كەلسە نىمە دىيىش كىرەكلىكى،نىمە دىمەسلىكى،مەكتەپ قورۇسىنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىر ئېرىقلارنىڭ بەكلا سەت ئىكەنلىكى شۇڭا ئۇ يەرلەرنى ئوقوتقۇچىلار ئۆز قوللىرى بىلەن سۇۋاش كىرەكلىكى قاتارلىق نورغۇن ئىشلار بىلەن ئۇلار ھەم چارچاپ دەرس ئۆتۈش ئەمەس مەكتەپ دىسە ھۆ دەيدىغان تۇيغۇ،شۇ سەۋەبلىك ئوقوتقۇچىلىق كەسپىدىن ۋاز كىچىپ چىقىپ كىتىشلەر!بۇنىسى يالغان ئەمەس،بىزنىڭ مەكتەپتىكى تەينجىندە ئوقۇپ كەلگەن مەن ئەل ئۆمرۈمدە چىن دىلىمدىن قايىل بولغان بىر دوستۇممۇ مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇنچە بەدەل تۆلەپ تاللىغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللاپ مەمۇرى خادىم بولۇپ كەتتى.ئەھۋانىڭ مۇشۇنداق بولغانلىقىدىن ئاتا-ئانىلار بالىلىرنى مەكتەپكە ئەۋەتمەس بولدى،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى ئۇلار ھەم ئۆز پەرزەنتىنى سۆيمەسمۇ؟ مەن شۇنچە ھەيرانمەنكى ئاشۇ ئاتا-ئانىلار بالىلىرنى يەنە مەكتەپكە ئەۋاتىۋاتىدۇ،ئاشۇ قەدىرلىك بالىلىلىرنى مەسئۇليەتسىزلىكنىڭ،شەكىلۋازلىقنىڭ،داغۋازلىقنىڭ ئۇۋۇسىغا ئايلانغان شۇ جايغا ئەۋەتىۋاتىدۇ،مەن ئويلايمەنكى بىزنىڭ مائارىپىمىز مۇشۇ بوينچە كىتىۋىردىغان بولسا ئاخىردا بېرىپ مەكتەپ دېگەن سۆزگە لۇغەتلىرمىزدە باشقىچە بىر ئىنقلىما بىرشكە توغرا كىلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇ يەردە تىلغا ئالغانلىرمىز مەسلىنىڭ بەزى-بىر ھالقىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ،لېكىن ماھيەتلىك تەرەپلىرى ۇەنلا بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى چوڭقۇرلاپ ئوتتۇرغا قويۇلمىدى،ئاخىردا بىز ئاۋۇ ئىلىم-مەرىپەت بىلەن گۈللىنىمىز دېگەنلەرگە شۇنى دەپ قويماقچىمىزكى ئىسلام ۋە ھەقىقەتتىن يىراق ھالەتتىكى بۇ خىل مائارىپ ئۇيغۇرلارغا ھىچ بىر تەرەققىيات ئېلىپ كىلەلمەيدۇ!بۇ توغرىسىدا قۇرئاندا ئاشۇنداق ھالەتنى سەلنىڭ كۆپكىگە ئوخشاتقان بولۇپ ، ئۇ كۆپۈك ھامان يوقلۇپ ھىچ نەرسىسى قالمايدۇ،پەقەت قالدىغىنى ئەڭ ئاخىردا سۇ بولىدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاش ئەڭ ئاخىردا ھەممە باتىل،تاغۇت يوقلىپ ھەقىقەت زاھىر بولىدۇ!شۇڭا بۇ مائارىپ بىلەن ئۆزمىزنى كۈچلەندۈرمىز دىيىش بۇ بىر ئەخمەقلىق بولسا كىرەك!ئەگەر ھەقىقەتنمۇ شۇنداق تەرەققى قىلىشنى ئويلىسىڭىز ئەنە شۇ خەنزۇ جەڭچىسىدەك ئۆز مائارپىڭىزنى ئۆز قولىڭىزغا ئالسىڭىز ئاندىن تەرەققى قىلشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن!