پادىشاھ يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 04:40 PM
ھازىرقى سىياسىي توسالغۇمۇ ئۇيغۇر مائارىپىغا كۈچلۈك تو ...
70-يىللاردا مەن ياشاپ باقمىغان، 80-يىللاردىمۇ مەن تېخى ئانامنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمىگەن، مۇنبەردە ماڭا ئوخشاش ياشلار كۆپ، سىزدەك شۇ دەۋىردە ياشىغانلار زادى نېمە ئىش قىلغان؟ خەلق ئەمدىلا قورسىقى تويغان ۋاقىتتا نېمىنى ئويلىشى مۇمكىن ، ئاچ تالىپقا ئۆگىنىش خوش ياقامدۇ؟
ئەمدى بىزگە مۇھىمى ئۆز ئەيىپىمىزنى ئۆزىمىز ئېچىش ئەمەس، ئەمەلىي باشلامچىلىق كېرەك. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بىلىملىكلەر سازايى قىلىناتتىمىشكەن، تاماق بىلىمگە ئەمەس، قىلغان قارا ئىشقا كېلەتتىكەن، شۇ دەۋىردە چوڭ دادام ئىككى بالىسىنى ئوقۇتۇپتىكەن، بىرى مائارىپچى، يەنە بىرى خەنزۇۋان بولدى، يەنە ئىككىسى شۇلارنىڭ ئورنىغا كاپراتسىيەدە ئىشلەپ ساۋاتسىز بولدى، بىز ئىلگىركىلەرنى ئەيىپلىمەي ئىشنى ئۆز پەرزەنتىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. قۇرۇق ئارزۇ ، قۇرۇق پىكىرگە ئاق نان كەلمەيدۇ.