kariguja يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:51 PM
تېما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام سىز دىن ئىلمى ئۆگەنگەنمۇ ؟ ...
سىز ئۆزىڭىز دىن ئىلىمى ئۆگەنگەنمۇ؟ ئۆگەنگەن بولسىڭىز سىز قانچىلىك ئۆگەنگەن؟ ئېغىزىڭىزغا دىققەت قىىلىڭ. نەزىرنى سىز ئىسلامغا ئۇيغۇن، ئىسلامدا بار دەپ قارامسىز؟ ئەگەر بار، ئۇيغۇن دەپ قارىسىڭىز، مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم يوق!
ئەگەر ئىسلامدا يوق، ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسىڭىز، ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە بىدئەت بولىدۇ.
مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي، نەزىر دىگەن گەپنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئالمىغان، ساھابىلەرمۇ تىلغا ئالمىغان ھەم قىلمىغان. بۇنى قىلىدىغانلارنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟ بىلمەيسىزغۇ دەيمەن. ئەگەر بىلگەن بولىسىڭىز يۇقىرقى سۆزىڭىزنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولاتتىڭىز.
نەزىرنى قىلىدىغانلار بولسا ئاتەشپەرەسلەر ۋە بۇتپەرەسلەر! چۆچۈپ كەتتىڭىز-ھە؟ چۈنكى ئەھۋال شۇنداق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغىنىغا 1000 يىللار ئەتىراپىدا بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى مەن دېمىسەممۇ بىلىسىز. بىز ئۇيغۇرلار ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخىمىزدا تاشقا، ئايغا، قۇياشقا، ئوتقا ۋە سۇغا...... دىگەندەك نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ كەلگەن. ئىسلامدا ئېنىق قىلىپ ھالال ھاراملىقى تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلارنىڭ ھەممسىنى دىگۈدەك تاشلىماي شۇ كونا ئېتىقادىمىزدىن سۆرەپ ئەكەلدۇق مانا!