kariguja يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 09:59 AM
ئەلىۋەتتە ئىسلامدا بار دەپ قارايمەن.ھايات ئانا- ئانىلې ...
ماۋۇ گىپىڭىزنى خاتا دىمەكچى ئەمەسمەن ، ئەمما بىزدە ئاتام شۇنداق قىپتىكەن دەپ نۇرغۇن ئىشلار بۇلۇنۋاتىدۇ ، مەسلەن ، ئۆلگەندىن كىيىن بېشىدا قۇرئان ئۇقۇش ، تۇپراق بېشىدا تۇرۇپ 7 كىچە ئەرزان توۋلاش (بىزنىڭ مەھەلىدە شۇنداق قىلشىدۇ ) ... دىگەندەك ، بەزىمىز بۇ ئىشلارنى توسساق ھەممىنىڭ قارشلىقىغا ئۇچرايمىز سەۋەبى ، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئاتسى شۇنداق قىلغان -دە ! گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەك ، ھازىر ئۇچۇر دەۋرى ، تورلاشقان ، مەتبۇئادلار تەرەقى قىلغان دەۋىر ، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ، ھەدىسلەر ئىزدىسەك تېپىلىدۇ ، شۇڭا ئاتام شۇنداق قىلغان دىگەندىن ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئىكەن ، پەيغەمبەر سۈنىتى كەن دەپ قىلمىقىمىز ئەۋزەل ، چۈنكى دىنىمزىدا نەچچە قېتىم دىنى سۈيقەستلەر تۈپەيلى چوڭ چوڭ بۇرمىلنىش بۇلۇپ ئۆتكەن ، ئىناۋەت ئۈچۈن ، ئابروي ئۈچۈن پەتۋا بەرگەن ، پەتۋا دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي ھالىنى قويمىغان ، شۇڭا يۇرتىمىزدا بىدئەدلەر ھەققىقەتەن كۆپ .
ئەگەر ماغدۇر كەتكەندە ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى باقى راستىلا ئەينى چاغدىكى تىپ بولسا ، نامازنىڭ بىر يامان تەرپنى شۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلدۇ ...
دۇئا دەپسىز ، ئەگەر ئۈلۈپ كەتكۈچى بۇ ئالەمدە ياخشىلىق بىلەن كىتىپ قالغان بولسا ، شۇ كىشنى ئۇ دۇنيادا باقىدىغىنى ئاشۇ ياخشىلىقى بۇلدۇ ، ئۆلمەستە ئۇقۇلمىغان ئاشۇ قۇرئان ئۆلگۈچىنىڭ بېشىدا ئۇقۇغانىڭ ئەھمىيىتى نىمە ؟ كىشنى چاقرىپ دۇئا قىلغۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە ؟ مەن جامائەت بىلەن ئۇقۇلغان ناماز كۆپ ئەجىر بىردۇ دەپ ئاڭلىغان ، ئەمما يەنە جامائەت بۇلۇپ دۇئا قىلسا ئۆلگۈچىنىڭ گۇناھىنى تىلۋالغىلى بۇلدۇ دەپ ئاڭلىدىم كىشلەر ئاغزىدىن ... كۈلۋەتتىم ، بۇ بايلارنىڭ پۇل خەجلەپ جەنئەتكە ئارقا ئىشىك قىلغان بولماي نىمە ؟ (نەھۇزبىلىللاھ)....
تىما ئىگىسىدىن كەچرۈم سورايمەن ، تىما مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم ... ئەمما مۇشۇ ئىشلارنى قوللايمەن ، ھازىرچە ھىچ بولمىغاندا توي -نەزىرلەردىكى چوڭ چوڭ ئىسراپچىلقنى ئازلىتىشتىن باشلاش كىرەك ...ئۇرۇنسىز توي نەزىر لەرگە كەلسەك(ئەسكەرتىش : ھەممە توي نەزىر دىمىدىم ، ئۇرۇنسىز دىدىم ، بىزدە يۇرتتا يەنە بايلار جۈمە كۈنى يىتىم يىسىر ۋە مەسچىت ئۆلمالىرىنى چاقىرىپ كىچىك داستىخان سېلىپ بېردىغان خۇدايۇلى نەزىرى دىگەندەك نەزىرمۇ بار ) كۈنسايىن ئېشىپ بېرۋاتقان ئاڭ ساپا ۋە دىنى بىلملەر بىلەن تەڭ ئۆزلىگىدىن تارىخ بۇلدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 10:29 AM