مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 11:40:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
milla يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 08:49 PM
بۇنىڭدىنمۇ ياخشى جەريان بولماس .سىز چۈشۈنۈپ ئوقۇماپس ...

83-قەۋەتكە ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىلا بار جەريان يېزىلماپتۇ. شۇڭا ماۋزۇسى بار جەريانى يوقكەن دىمەكچىمەن. اللە  ماڭا سەبىر ئاتا قىلسۇن. سىزمۇ بۇرۇندىن مۇشۇنداق قۇپالمتىڭىز ياكى مۇنبەردىكى بەزىلەرنىڭ جىدەلخورلۇقى يۇقىۋاتامدۇ. بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ......

جىلۋە سىڭلىم  ئەسلىدە بۇ يازمىڭىزنى ئىز قۇغلاپ تېلفۇندا ئۇقىۋاتقان ئىدىم ئۇقۇپ بۇلۇپ بىراقلا ئنكاس يازماقچىمەن.
ناھايتى ياخشى داۋاملشىۋاتىدۇ.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 12:21:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخرى بەك  ياخشى  داۋملىشۋاتىدۇ.....داۋامىنى قاچان يوللايسىز

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 04:24:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)

ئەتىگەندىكى سۇغۇق شامال يۈزنى سىپاپ ئۆتىۋاتاتتى.دىلرابا سۇباتنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن بىكەتكە كىلىپ تۇختىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك سۇنۇق ،پەقەت يىغلىغۇسى سۇباتنى كەتمەڭ دەپ قۇيۇپ بەرگۈسى كەلمەۋاتاتتى .يەنە كىلىپ سۇباتنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئالدىدا ئۆزىنىڭ يىغلاپ سىلىشىدىن بەكمۇ قۇرقاتتى.
-دىلرابا ...
سۇبات قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ قۇيۇپ دىلرابانىڭ يىنىغا كەلدى .
-سىزنى كەلمەسمىكىن دەپ قۇرقۇپ ئولتۇراتتىم،ياخشىمۇ كەپسىز مانا ..
-كەلمىسەم قاملاشماس ..سىزگە بەخىت تىلەپ قۇيۇش ئۈچۈن كەلدىم .قانداق قاچان ماڭماقچى بولىۋاتىسىز؟
-يەنە 2 سائەت بار ،خالسىڭىز تاماق يەپ كىرەمدۇق؟
-مىنىڭ قۇسقۇم تۇق .ئايلىنىپ كىرەيلى بولمىسا يۈرۈڭە
سۇباتمۇ دىلرابانىڭ كەينىدىن ماڭدى،ئۇلار بىكەتتىن چىقىپ سىرىتتىكى ئۇرۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن دىلرابا سۇباتنىڭ بىلكىدىن تارتىپ ماڭدى.
-نەگە ؟
-سىزگە يىمەكلىك سىتىۋالايلى يۇل بۇيى زىرىكىپ قالماڭ ئەمدى .
-ياقەي،قۇرسىقىم ئاچمايدۇ .سىزنى ئويلىسام.......
سۇبات گىپىنى تىزلا توختىتىۋالدى .دىلرابا سۇباتنى نىمە دەيدىكىن دىگەندەك قاراپ قۇيدى .....
-نىمە دىمەكچى ؟
-ھىچنىم ..يۈرۈڭا ،باشقا يەرلەرنى ئايلىنىپ كىلەيلى .
دىلرابا گەپ قىلماستىن سۇباتنى باشلاپ ماگزىن ئىچىگە ئىلىپ كىردى،
-بۇ پىچىنە نان،يەنە گازىر ،يەنە بولكا،يەنە مانا بۇ ئۇششاق -چۈششەكلەر بولدىمۇ ؟
دىلرابا قۇلىدا كۆتۈرۈۋالغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىلىپ ،سۇباتقا كۆرسەتكەندىن كىيىن ماگزىن خۇجايىننىڭ ئالدىغا قۇيدى.
-تەييار چۆپچۇ؟4 تال قۇشۇپ قۇيۇڭە ..
-ۋۇي ..تەييار چۆپنى سىزمۇ يەمسىز؟بۇرۇن تىخى مىنىڭ مازاق قىلىدۇ ...
دىلرابا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قۇيغاندىن كىيىن بىر قانچە تال تەييار چۆپنى قۇشۇپ سىلىپ قۇيغاندىن كىيىن ماگزىدىن چىقىشى بىلەن تەڭ بىكەتتە سۇباتنى ساقلاپ تۇرغان  ،فەرۇق ،غۇنچەملەر كىلىپ بولغان ئىدى .
-سىز بىكەتكە نىمىگە كەلگەن ئىدىڭىز دىلرابا؟
فەرۇق گۇمانلىنىش نەزىرى بىلەن دىلراباغا قارىدى ،سۇبات فەرۇقنىڭ بىكەتكە كىلىشنى بىلمىگەچكىمۇ ئۆزىنىڭ دىلرابانىمۇ بىكەتكە كىلىڭ دىگىنىگە پۇشايمان قىلىۋاتقان ئىدى.
-شۇ مەن چارقىرغان بۇ قىزنى ئاداش ..سەنمۇ كىلىدىغان بولغاچ..
سۇباتنىڭ گىپىدىن رەنجىگەن دىلرابا سۇباتقا چەكچىيىپ قاراپ قۇيدى .غۇنچەممۇ نارازى بولغاندەك ئۇيان-بۇيانغا قاراپ قۇيدى .
-بولدى ..بولدى ..ماشىنىغا چىقىڭلار ،سۇبات بولە تىز ماشىنىغا چىق ..
ياۋۇرپاچە شەپكلىلىك شۇپۇر يەنە تۇراتتى ،ئۇ دىلرابانى كۆرۈپ تۇنۇپ قالدى بولغاي ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا مۇئامىلە قىلىپ كەتتى .
-ۋۇي سىزمۇ قەشقەرگە بارامسىز؟
-ياقەي ...
-قارا سۇبات يامانلىقىڭنى ،ئاخىرى تىپىۋاپسەندە بۇ قىزنى ...
-ئاكا ۋاي .. جۈيلىمىگىنە .مەن ماشىنغا چىقىپ كەتتىم ئەمسە خۇش ..
شۇپۇرنىڭ ئىيتقان سۆزىدىن فەرۇقنىڭ گۇمانى تىخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى .ئۇلار سۇباتنى ئۇزىتىپ قۇيغاندىن كىيىن  بىكەتتىن چىقىشتى .
-بولدى دىلرابا .سەن فەرۇق بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭغىن مەن ھاۋا يەپ كىلەي .
-بىللە ئايلانمامدۇق؟
-بولدى ،مەن ماڭاي
غۇنچەم ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى .سۇباتنىڭ كىتىپ قىلىشى بىلەن تەڭ دىلرابانىڭ كۆڭلىمۇ قاتتىق يىرىم بولىۋاتقان ئىدى ،خۇددى سۇبات ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك ئەمدى ئۇلار بىلەن بىر ئۆمۈر كۆرىشەلمەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى .
-دىلرابا سەن بىلەن ياخشىراق پاراڭلاشقۇم بار سەن خالىساڭلا قانداق؟
-پاراڭلاشقۇدەك نىمە ئىش بولسۇن فەرۇق..
-سەن مەندىن ياخشىراق بىلىسەن تىخى ....يۈرە خالىي يەرنى تىپىپ پاراڭلىشايلى.
دىلرابا بىشىنى تۆۋەن سىلىپ فەرۇقنىڭ كەينىدىن ماڭدى ،يۇل بۇيى ئۇنىڭ پۈتكۈل خىيالى دەل سۇباتتا ئىدى .دىلرابا ئۆزىنىڭ يۇلدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىدا قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ماشىنىغىمۇ دىققەت قىلماي  كىتىپ باراتتى.
-دىلرابا...
فەرۇق دىلرابانى يان تەرەپكە ئىتتىرىۋىتىپ ئۆزى ماشىننىڭ ئالدىغا كىلىپ يىقىلدى .دىلرابا چۆچۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ جايىدىلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .تاكسى شۇپۇرىمۇ چۆچۈپ ماشىندىن چۈشتى.ئۇ فەرۇق بىلەن دىلرابانى ماشىنغا سىلىپ دۇختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭغان ئىدى ...
دىلرابا بىر چاغدا كۆزىنى ئاچىقىندا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ساباھەت شۇنداقلا سۇبات قاراپ تۇراتتى .سۇباتنىڭ دىلرابادىن قانچىلىك ئەنسىرگىنى ئىنىقلا بىلىنىپ تۇراتتى .
-فەرۇق ..فەرۇق قىنى؟
-جىددىيلەشمە ،،ئۇنى جىددى قۇتقۇزىۋاتىدۇ .تىخى ھۇشىغا كەلمىدى باياتىن نىمە بولغان ئىدى؟
دىلرابا بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتكەندىن كىيىن سۇباتقا قاراپ قۇيدى .
-سىز قەشقەرگە ماڭالماپسىز دە ..
-بۇ ھالەتتە قانداقمۇ قىلىمەن .مەن تىخى  دۆڭمازارغا كەلگەن ئىدىم ئاپام بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى ماڭا ..سىلەردىن ئەنسىرەپ شۇ يەردىن كىرا قىلىپلا كىلىشىم ئىدى .
-ھەدە ،مىنى فەرۇقنىڭ قىشىغا ئىلىپ چىققىنە خۇش بولاي ...
دىلرابانىڭ كۆزلىرىدىن ئەكىسچە پۇشايمان ياشلىرى قۇيۇلۇۋاتاتتى ،ئۇ فەرۇققا بىرەر خەتەر يىتىپ قىلشىنى خالىمايتى .ساباھەت دىلرابانى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ فەرۇق ياتقان ياتاققا ئىلىپ كىردى .
دۇختۇرلار دىگەندەكلا فەرۇقنى جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدە قۇتقۇزۇۋاتقان ئىدى ......ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن دىلرابانىڭ كۆڭلى تىخىمۇ بىئارام بولۇپ ئۇرۇندۇققا كىلىپ تەستە ئولتۇرۋالدى .......



ئارىدىن 2 سائەت ئۆتۈپ كەتتى ،بىر ئازدىن كىيىن دۇختۇرلار جىددى بۆلۈمدىن چىقىپ كەلدى .
-دۇختۇر فەرۇقنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
-ئەھۋالى ناھايىتى ئىغىر ،قان جىق چىقىپ كىتىپتۇ ....
-بىرەر ئامالىنى قىلغىنى بولماسمۇ دۇختۇر؟
فەرۇقنىڭ ئاپىسىمۇ ياشاڭغۇراپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئىيتىپ دۇختۇرغا قارىدى ،دۇختۇرمۇ بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى ............
-ئاھ ..خۇدا نىمە كۈن بۇ ؟
دىلرابا شۇ تاپتا پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى ،ئۆزىنىڭ يۈزىگە نەچچە كاچات سالغۇسى كىلىۋاتقان ئىدى .<<مەن نىمانچە ئەخمەق ھە ،مۇشۇ ئالتۇندەك بىباھا يىگىت يىنىمدا تۇرسا ئۇنى قەدىرلىمىگىنىم نىمىسى>>..دىلرابا شۇ خىياللار بىلەن ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاۋاتاتتى.
ئۇنىڭغىچە غۇنچەم بىلەن نىگارەمۇ دۇختۇرخانا ئىچىگە يۈگۈرۈ پ كىرىشىتى ،ئۇلارمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بولسا كىرەك چىرايى تۇلىمۇ جىددى تۈستە ئىدى.
-سەن ئورنۇڭدىن تۇرىۋاپسەنغۇ ؟سۇباتمۇ بۇ يەردە تۇرىدىغۇ؟
-مەن ساق ..شۇ فەرۇق....
دىلرابانىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيىشكە ئۈلگۈرمەيلا  يىغلاۋەتكەن ئىدى ،
-فەرۇققا نىمە بولدى؟
نىگارە بىلەن غۇنچەم تەڭلا ئەجەپلىنىپ سورىدى .
-بولدى .بولدى .بۇ ئىشلارنى سىلەرگە كىيىن چۈشەندۈرۈپ قۇياي ،دىلرابانىڭ كۆڭلىمۇ قاتتىق يىرىم سىلەر ئەچقىپ ئايلاندۇرۇپ كىرىڭلار ...
سۇبات غۇنچەملەرگە ئىشارەت قىلىپ قۇيدى ،غۇنچەم دىلرابانىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى قۇلتۇقلىغىنىچە دۇختۇرخانا ھويلىسىغا ئىلىپ چىقىپ كەتتى ....
-دىلرابا ..ئەمدى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسەن؟
ھەممە ئىشلارنى بىر قۇردىن ئاڭلاپ چىققان غۇنچەم دىلراباغا قارىدى.
-قانداق قىلاتتى؟ ئەھۋال ھازىرقىدەك تۇرسا دىلرابا قانداقمۇ قىلالىسۇن دەيسەن ؟ئۇنىڭ كىيىننى ئويلاشقا قۇربى يەتسۇنمۇ ؟
-بولدى قىلىڭلارچۇ ..رامىزاننىڭ چىقىپ كىتىشىگە 9 كۈنلا قالدى ، رۇزا ھىيىتىىن كىيىن فەرۇق ساقىيىپلا قالسا چۇقۇم ئۇنىڭ بىلەن تۇي قىلىمەن ...
دىلرابانىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگىنى ئىنىق بىلىنىپ تۇراتتى .غۇنچەم ھەيران بولغىنچە ياندۇرۇپ سورىدى.
-چوقۇم دەمسەن؟ئىلگىرى تىخى بىر نىيەتكە كەلمىگەنمىتىڭ ؟
-ۋاي .جىق گەپنى قۇيساڭچۇ ...
دىلرابا جىلە بولۇپ بىشىنى چىڭڭىدە قاماللىغىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى .نىگارەمۇ دىلرابانىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەچكىمۇ ئۇنىڭ مۆرىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ قۇيدى.
-مەن سۇبات بىلەن كۆرۈشۈپ چىقاي سىلەر ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ھە
غۇنچەمنىڭ ھازىرقىدەك پەيىتتىمۇ سۇباتنىڭ گىپىنى قىلغىندىن دىلرابانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىۋاتقان ئىدى ،لىكىن ئۆزىنى زورىغا بىسىۋىلىپ  نىگارەگە قاراپ قۇيدى.



                                             *****************************************
بىر ئازدىن كىيىن غۇنچەم سۇبات بىلەن پاراڭلاشقىنچە دۇختۇرخانا ھۇيلىسىغا چىقىپ دىلرابانى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدى .
-بولدى ،جىق ئويلىماڭ .فەرۇق ياخشى بالا ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ ،بۈگۈنكى قاتناش ۋەقەسىدە گۇناھ سىزدە ئەمەس
-مەندە بولمىسا كىمدە ؟سىزدىمۇ ياكى فەرۇقتىمۇ ؟
-ئۇنداق دىمەڭ دىلرابا ،ھايات ۋە ئۆلۈم ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ،ھىچبىر ئىش تەقدىرنىڭ تاشقىرىدا ئەمەس بىز پەقەت سەۋىر قىلايلى ،دۇئا قىلايلى چۈنكى بىز ئاجىز بىر بەندە ئەمەسمۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ دىلرابا بىر ئاز سۈكۈتكە چۈمدى ،سۇباتنىڭ دىگەنلرىمۇ خاتا ئەمەستە. دىلرابا ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ سۇباتقا ئىشارەت قىلدى.
-سىزگە گىپىم بار ئىدى .
-قىنى دەڭە
سۇبات دىلرابانىڭ كەينىدىن ماڭدى .
-سۇبات مەن بىلىمەن سىزنىڭ قەشقەردە لايىقىم بار دىگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان .غۇنچەم سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن ئۇنىڭغا تەلەپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ .
دىلرابانىڭ بۇ گىپى خۇددى سۇباتقا خەنجەر ئۇرغاندەك ئاچچىق ئاڭلىنىپ كەتتى .سۇباتمۇ ئۆزىنى سەل بىسىقتۇرۋىلىپ دىلرابادىن ياندۇرۇپ سورىدى .
-سەۋەبى نىمە؟
-سەۋەبى سىزنى ئۇنتۇپ كىتىىشم ئۈچۈن ....
دىلرابا بۇ بىر ئىغىز گەپنىڭ نەدىن كەلگىننى چۈشەنمەيلا قالغان ئىدى .
-مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟
سۇبات ھەيرانلىق ھەم ھاياجانلىنىش ئىچىدە قايتىلاپ سورىدى ،ئىلگىرى بۇ ئىشلار بولۇشتىن بۇرۇن دىلرابا مۇشۇ بىر ئىغىز گەپنى دىيەلىگەن بولسا سۇبات قانچىلىك خوش بولار ئىدى ھە؟
-بۇنى كالۋا ئادەممۇ بىلدۇ ،مىنىڭ ئەمدى فەرۇقنى رەنجىتكىم يۇق يەنە كىلىپ ئۆزۈمنىڭ تۇنجى مۇھاببتىمنى بۇنداق سۈكۈت ئىچدە نابۇت قىلغۇم يۇق سۇبات،سىزگە بىر قتىىم ددەپ خىلى يەڭگىللەپ قالدىم بۇنىڭدىن كيىىن سىزنىڭ قەلبىمدىكى ئۇرۇنىڭىزنى فەرۇققا بىرىمەن ..سىزمۇ غۇنچەمنى قەدىرلەڭ ....
سۇبات ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ ياندۇرۇپ سورىدى :
-ئۇنداقتا مەن سىزنى ياخشى كۆرسەمچۇ ماڭا ماقۇل بولامسىز؟
-ئەمدى ھەر ئىككىمىز كىچىكتۇق..
دىلرابانىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى ،ئۇ سۇباتنىڭ ئالدىدىن خۇددى رۇھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك كتىىپ قالدى
سۇباتنىڭ مۇشتۇملىرىمۇ چىڭڭىدە تۈگۈلگەن ئىدى .سۇبات تىڭىرقاش ئىچىدە تۇرغان يىرىدە قىتىپلا قالدى.دىلرابا  ياشلىرىنى سۈرتكىنچە ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلپ تۇختىدى ،ئۇنىڭغىچە سۇباتمۇ چىققان بولۇپ دىلراباغا كۆزىنى ئۈزەلمەي قاراپ قۇياتتى ...
جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن دۇختۇرنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن دۇختۇرنىڭ يىنىغا  يىىغلىپ فەرۇقنىڭ ئەھۋالىنى سورىماقچى بولۇشتى .


دۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-7 05:48 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 04:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 04:24 PM
داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ

بۈگۈن يوللىنامدۇ؟ بەك جىق ئېچىپ كەتتىم ، ھېچ يوللانمىدى

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 06:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي -ۋۇي ئەمدى قانداق بولار؟
فەرۇق ئۆلمىسۇن ھە ؟؟؟  ئۆلۈپ كىتىپلا قالسا دىلرابا بىلەن سۇباتنىڭ ئىشى ئاسانغا چۈشىدۇ .تازا ھالقىلىق يىرىگە كەلگەندە .
ۋاي ئىسسسىت  خەپ جىلۋەم شۇمتەك سزنى.

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 06:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال بار تىزراق يۇللاۋىتىڭە ،بۇرۇن كۈتۈلمىگەن مىھماننى ئۇقۇپ ئۇزۇنغىچە ئۇيقۇم كەلمەتتى .قانداق بولار زادى كىمدۇ دەپ؟
ئەمدى بۇ ھىكايىڭزىنىڭمۇ ئاخىرىنى ۋاقتىدا يۇللاپ بىرىپ مىنى خاتىرجەم قىلىۋىتىڭە ،ھەي راسىت كۈتۈلمىگەن مىھماننىمۇ يۇللاڭ جۇمۇ
ئۇتۇق تىلەيمەن شۇمتەك

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 10:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلراباغا بەك ئۆچلۈكۈم كەلدى....

ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 02:33:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساباھەتكە بەك ئۆچلۈكۈم كەلدى، دىلرەبانىڭ سۇباتنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ ئ.ىككىسىنى ئايرىۋەتتى..... بولدىلا سۆزلىسەم   گەپ جېق،  جاھاندا شۇنداقمۇ ھەدە بۇلامدۇ ئۆزىنىڭ سىڭلىسىغا قارا سانايدىغان؟!

ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 01:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat886 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 06:24 PM
ئامال بار تىزراق يۇللاۋىتىڭە ،بۇرۇن كۈتۈلمىگەن مىھمان ...

كۈتۈلمىگەن مىھماننى يازمىىغنى ئۇزۇن بوپتۇ .ئۇ ئەسەرنى سىز تەلەپ قىلغان بىلەن باشقا تۇرداشلار ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتى ..
بولدىلا سىزگە ئۇ ئەسەردىكى گۈلپەرنىڭ ئاخىرىدا قانداق قىلدىغانلىقى ،يەنە ئەكرەملەر تۇغۇرلۇق كۈتۈلمىگەن مىھماننىڭ زادى كىملىكىنى ئاغزاكى دەپ بەرسەم بولار؟؟
مىنىڭمۇ تۇلۇق ئىسىمدە قالماپتۇ ،ئۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى ....................................

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 01:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 01:10 PM
كۈتۈلمىگەن مىھماننى يازمىىغنى ئۇزۇن بوپتۇ .ئۇ ئەسەرن ...

ياق ،مەن دەپ بىرىڭ دىمەيمەن
ئىشقىلىپ ئاخىرىنى تۇلۇق يىزىپ چۈشەنچە بىرىڭە ،تاكى ھازىرغىچە ئۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغىچە كاللام قاپاقتەك بولۇپ كەتتى؟
ئىنقراق چۈشەنچە بەرسىڭىز بولاتتى شۇ ئەسەر توغورلوق

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش