مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 12:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ كەتتىما؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 12:01 PM  


ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95623
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 12:35:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ سۇباتقا راسىتنلا ئاچچىقىم كىلىۋاتىدۇ جۇما.
ئۇ دىلرابانى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ نىمىشقا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دىيەلمەيدۇ ؟ناۋادا ئۇ كۆڭلىدىكىنى دىگەن بولسا دىلرابا ھەرگىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلمىغان بولاتتى.

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ  يۈرۈپ   كۈتۈشلەرنى   سۆيۈپ  قالدىم  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95623
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 12:37:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سۇبات ئۆزىنىڭ دىلرابانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىر قىتىم بولسىمۇ دىيىشى كىرەكتە .
مىنىڭچە دىلرابانىڭ شۇنداقلا سۇباتنىڭ تەڭلا ئازاپلىنىپ يۈرىشىنىڭ ئورنى يۇق .داۋامىنى يەنە ساقلاۋاتىمىز .ۋاقتىدا يۇلىلارسىز

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ  يۈرۈپ   كۈتۈشلەرنى   سۆيۈپ  قالدىم  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5271
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 01:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرغىچە سەۋىر تاقەت بىلەن ساقلاپ كەلگەن، بۈگۈن پەقەت چىدىمىدىم .ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 02:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز شۇمتەك قىز.داۋامىنى بىزنى قاقشاتماي تىزرەك يۇللاڭ .
بۇ ئەسەردىكى كۆپ قىسىم مەزمۇنلار مىنى بەك ئۈمۈتسىزلەندۈردى.دىلرابا سۇباتنى ياخشى كۆرىدۇ بىراق فەرۇقچۇ؟
فەرۇقنىڭ ھىسيياتى دەپسەندە بولۇنسا  مەيلىما؟فەرۇق دىلرابا تەرىپىدىن ئالدىنىۋاتىدۇ فەرۇققا ئۇۋال ئەمەسمۇ يەنە كىلىپ سۇبات بىلەن دىلرابا ئارلاشسا فەرۇق قانداق قىلىدۇ دىگەندەك..
گەپنى سۇباتقىلا ئىلىپ بارماي فەرۇق ئۈستىدىمۇ ئاز-تۇلا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسىڭىز بوپتىكەن.

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 02:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن دىلرابا دەك قىز ماڭا ئۇچرىسا ئۇنىڭ كۆرگىلكىنى كۆرسىتىۋىتىمەن لىكىن مەن.
سۇباتمۇ تازىمۇ بىر بالىكەن
ياخشى كىتىپ بارىدۇ ،بىزنى تەقەززا قىلماي كۈتۈلمىگەن مىھمان بىلەن بىللە يۇللىسىڭىز بوپتىكەنتۇق مەدىنە شۇمتەك قىز.

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 06:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئاخىرى؟

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 07:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق يوللاڭ ئاخىرنى تەققەززار قىمماي

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12539
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32328
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىكى ياخشى راۋاجلىنىۋاتىدۇ،داۋامىغا تەشنامەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 01:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)

-يۈرە ،
-ھەدە راسىتلا تۇي خىتى ئالامدىم ؟
-ئالماي قانداق قىلاتتىڭ ؟بۇنى بايىلا ئويلىشىدىغان گەپ ئىدى.
-.........
-ماڭ .قاراپ ئولتۇرماي ماشىنىدىن چۈشەيلى.
ساباھەت دىلرابانىڭ بىلىكىدىن تارتىپ ماشىنىدىن چۈشۈرگەندىن كىيىن شۇپۇرغا كىرا پۇلىنى تۆلەپ يىنىدا رۇھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراپ تۇرغان دىلرابانىڭ يەڭگىل سىلكىپ قۇيۇپ ئالدىنى ئىشارەت قىلىپ قۇيدى .
فەرۇق بىلەن سۇباتمۇ دىلرابانىڭ بۇ رۇھى ھالىتىگە قاراپ نىمە بولغىننى  بىلەلمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قىززىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن نىمە بولغىننى چۈشەندى بولغاي بىر-بىرىگە قارىشىپ قۇيۇپ دىلرابانىڭ يىنىغا ماڭدى.

-دىلرابا...مىجەزىڭىز يۇقما؟نىمە بولدىڭىز؟
فەرۇقنىڭ ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتكەن كۆزلىرىدىن دىلرابادىن قانچىلىك ئەنسىرگىننى بىلىنىپ تۇراتتى .نىمىشقىكىن سۇباتنىڭ كۆز قارچۇقىمۇ كۆكىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ كىچىدىن بىرى ئۇخلىمىغىنى ئىنىق بىلىنىپ تۇراتتى.
-ھە .ئازراق مىجەزى يۇقكەن فەرۇق ،يۈرۈڭلار كىرەيلى.
-ساباھەت ھەدە ...
فەرۇق قۇلى بىلەن ساباھەتنىڭ يۇلىنى تۇسۇپ قۇيدى .
-رامىزان ئايلىرىغا 20 كۈندەك قاپتۇ ،يەنە كىلىپ مىنىڭ تۇيدىن بۇرۇن قىلىۋالمىسام بولمايدىغان مۇھىم ئىشلىرىممۇ بار ئىكەن ،قارىسام دىلرابا بۇ تۇيغا بەك مەجبۇرلىنىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ ،تۇي ئىشى ئۆمۈرلۈك ئىش دىلراباغا بىرەر مەزگىل ۋاقىت بىرىشنى خالايمەن ..
دىلرابا فەرۇقنىڭ گىپىدىن چەكسىز خۇشاللىققا چۈمگەن بولسىمۇ چاندۇرماستىن فەرۇققا سەپ-سىلىپ قارىدى ،بىراق ئىچى سىيرىىلىپ كەتتى ،فەرۇق بۇرۇنقىدىن خىلىلا ئۇرۇقلاپ قالغان ئىدى ،يەنە كىلىپ كۆزىنىڭ چاناقلىرىمۇ كۆكىرىپ كەتكەن بولۇپ كۆزلىرىدىن چەكسىز ھەسرەت چەككىنى بىلىنىپ تۇراتتى.
-فەرۇق....
دىلرابانىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى .كەينىدىن سۇباتنىڭ پەرۋاسىز قاراپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ھومىيىپ قاراپ قۇيدى .
-بولدى ،دىلرابا .باشقا گەپنىڭ ماڭا لازىمى يۇق .مەن دىگەندەك بولسۇن مەن قاشقار تەرەپلەرگە بىرىپ  ئۆزۈمنى سەگىتىپ كىلەي .
-ماقۇل ..ئۇزۇنغا قالماي قايىتىپ كىلىڭ جۇمۇ ..
دىلرابا بۇ گەپنى دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ئارانلا دىيەلىگەن ئىدى ،فەرۇق سۇباتقا ماڭايلى دىگەندەك ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ ساباھەت بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى ،دىلرابا لەسسىدە بولۇپ قالغىنىچە تۇرغان يىرىدە قىتىپلا قالغان ئىدى.
سۇباتنىڭ كىتەر ۋاقتىدا خۇش دەپ قۇيماي كىتىپ قالغىندىن دىلرابا ئۆزىنىڭ نىمنى خاتا قىلغىننى چۈشەنگەندەك ئۇيان-بۇيانغا قاراپ ياشلىرىنى تۇختىتىشقا ئىلاجىسىز قالغان ئىدى ....
-دىلرابا،راسىتنلا تاش يۈرەكلىك قىلىۋاتىسەن؟كۆردۈڭمۇ فەرۇقنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقىنى ئۇنىڭ چىرايىغا چىقىپ كىتىپتۇ ،سەن زادى بۇ ئىشلارنى بۇنداق قالايمىقانلاشتۇرۇپ قەيەرگە ئىلىپ بارماقچى دىگىنە.
-ھەدە،مەن ئۆزۈممۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىمەن .مەن قىز بالا بولساممۇ سۇباتقا ئۆزۈم ئىغىز ئاچاي دەيمەن .سىنىڭچە قانداق بولار؟
-بۇ ....راسىتنلا كاللاڭدىن كىتىپ قاپسەن دىلرابا ،كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ئاندىن گەپ قىلساڭ قانداق؟
-فەرۇق بىلەن سۇبات نەۋرە تۇققانلاردىن ،يەنە كىلىپ ئۇلار ھەدە سىڭىلنىڭ بالىلىرى ،كىيىنكى كۈنلەردە فەرۇقنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن يەنە كىلىپ سەن بۇ ھەدە سىڭلىللارنى بۇنداق قىيناپ نىمە قىلماقچى؟ئۇلار سىنىڭ ئىشىڭ تۈپەيلى ئۇرۇق-تۇققانلىقتىن ۋاز كەچسە مەيلىما سىنىڭچە؟
-................
-يۈرە ،ئۆيگە قايتايلى.
ساباھەت دىلرابانىڭ بىلىكىدىن تارتىپ ماشىنىدىن بىرنى تۇستى.ماشىنىنى ھەيدىۋالغان يىگىت كۆزەينىكىنى ئىلىۋىتىپ ساباھەتكە ئىشارەت قىلىپ قۇيدى ،
-ۋۇي .جەسۇر دىگەن ھاماقەتكەنسىزغۇ سىز....
-قىنى ماشىنىغا چىقىڭلار.
ساباھەت ماشىننىڭ كەينى ئىشىكىنى ئىچىپ كەينىگە كىلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ماشىنا ئىچىگە قاراپ چىقتى .
-بەك قارايسەنغۇ نىمە بولدۇڭ؟
جەسۇر ماشىننىڭ ئالدى ئەينىكىدىن ساباھەتكە قارىدى.
-قارىسام بولمامدىكەن ؟بۇ ماشىنا دادىڭىزنىڭ ماشىنسىىمۇ ياكى تۈنۈگۈن ئالغان ماشىنىڭىز شۇمۇ ؟
-تۈنۈگۈن سىتىۋالغانتىم ،نىمىگە بارغانتىڭ بۇ تەرەپكە؟
-مەن تىخى سىزنى سورىسام بولار يىگت،سىز ئۆزىڭىز نىمىگە كەلگەن نەچچە كۈن بولدى بىز كۆرۈشمىگىنى .
-تۇي خىتى ئالغىنى كەلگنتىم مەن ھى ھى ھى ..
-ۋۇي ساراڭ...سىزگە كىيىن دەپ بىرەي جەسۇر بولامدۇ يا؟
ساباھەت دىلرابانىڭ رۇھسىز ئولتۇرغان ھالىتىگە قاراپ بولغان ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالغۇسى ئۇنىڭ ئىيتىشىۋاتقان يۈرىكىگە يەنە يەنە زىخ سانجىغۇسى كەلمىگەن بولسا كىرەك .جەسۇرمۇ دىلرابانىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭدىن جىق گەپ سۇرىمىغان ئىدى.
-دىلرابا سىڭلىم ،نەگە بارغۇڭىز بار مەن ئاپىرىپ ئۇينىتىپ كىلەي سىلەرنى ...
-مىنى ئۆيگە ئاپپىرىپ قۇيۇڭ ئاكا ،ھەدەم ئىككڭىلار ئايرىم ئويناپ كىلەرسىلەر بۈگۈن پەقەت مىجەزىم يۇق مىنىڭ .
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز ساقام
فەرۇق  ماشىننى تىزلا تۇخىتىۋالغاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى .ساباھەت بولدى گەپ قىلماڭ دىگەندەك جەسۇرغا كۆز ئىشارىتى قىلىپ قۇيۇپ ئالدىنى شەرەت قىلىپ قۇيدى .
-بولىدۇ ،ماقۇل ئەمسە
--جەسۇر ماشىننى ھەيدىگىنچە دىلرابانى بىنا ھويلىسىنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىلىپ تۇختىتىپ قۇيدى ،دىلرابا  ماشىندىن ئارانلا چۈشۈپ بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كيىن جەسۇر ماشىننى ھەيدەپ خەلىىق باغچىسى تەرەپكە ئىلىپ كىلىپ تاماقخانىغا كىرىشتى.
-مىنى دىلرابا ياقتۇرمىدىمۇ قانداق؟دائىم مىنى كۆرسىلا خاپا بولۇپ قالىدۇ ؟قانداق قىلسام بولار ؟سىز دائىم سىڭلىم بەك شۇخ مىجەز دەپ قۇياتتىڭىز ،بىراق سىڭلىمىز مىنى كۆرسىلا خاپا بولۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ.
-ياق .ياق خاتا چۈشەنمەڭ .دىلرابانىڭ يىقىندىن بىرى كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس ،يەنە كىلىپ بۇ تۇيغا ئۇنىڭ تازا رازىلىقى يۇق شۇ سەۋەپتىن كۆڭلى يىرىم ....
-مۇنداق دەڭ ،دىلرابانىڭ ئۆزىنىڭ تاپقىنى بارمكەن ئۇنداقتا؟
-بولدى بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى .
ساباھەت شۇنداق دىگەچ پىيالىدىكى چاينى قۇلىغا ئىلىپ ئىچەي دەپ تۇرىشىغا جەسۇرمۇ ئۇھ تارتىپ قۇيدى .
-نىمانداق تاققا -تۇققا ئىشلار بۇ ..سۇباتنىڭمۇ كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەس يىقىندىن بىرى ...بۇلارنىڭ ئىشى قانداق بولدىكىن تاڭ؟
-نىمە دىگىنىڭىز نىمە بوپتۇ؟
ساباھەت ئىچىۋاتقان چىيىنى قۇيۇپ قۇيغاندىن كيىىن جەسۇرنىڭ گىپىنى ئاڭقىرالماي قايتىلاپ سورىدى .
-بۇ گەپنى ئەسلى سىزگە دىمىسەم بولاتتى .سىز سىر ساقلاشقا ۋەدە بىرەلىسىڭىز مەن سىزگە دەپ بىرەي قانداق ؟لىكىن چۇقۇم سىزمۇ ماڭا دەپ بىرىشىڭىز لازىم .
-بولىدۇ ،بولىدۇ ،ۋەدە بىرەي ..قىنى دەڭە ..
-مەن سۇبات بىلەن ئاكا-ئۇكىلاردەك يىقىن ئۆتىۋاتقىنى خىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى .ئۇ بۇرۇندىنلا بەك ئاقكۆڭۈل شۇخ مىجەزلىك بالا ئىدى ،ئۇ بۇ قىتىلىق قاشقاردىن غولجىغا بولغان سەپىرى جەريانىدا دىلرابا بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ....
-ئۇنداقتا؟؟؟؟ سۇبات ھازىر دىلرابانى.......
-شۇنداق ...
-مەن شۇنداق ھىس قىلغان ئىدىم ،بىراق جەسۇر بۇ گەپنى ھەرگىز دىلرابا ئاڭلىمىسۇن .ئەگەر دىلرابا ئاڭلاپلا قالسا بىزنىڭ ئىشلار چاتاق بولىدۇ ،3 ئائىلىدە جىدەل قۇرىماسلىقى مۇمكىن ،چۇقۇم سىر ساقلاڭ..
-ئۇنداقتا دىلرابانىڭ ئىزچىل فەرۇقنى رەت قىلىپ كىلىشى دەل سۇبات ئۈچۈن ئىكەندە ....ئۇنداقتا ئۇلاردا ئۈمۈت بار دىگەن گەپ.
-قۇيۇڭە بۇنداق گەپلەرنى ،ئۇلارنىڭ ئىشى مۇمكىنمۇ؟سىز بۇ 3 ئائىلىنى نىمە بولسۇن دەيسىز؟ئەڭ ياخشىسى فەرۇق بىلەن ئۆتۈپ كەتسۇن.
-ساباھەت كاللاڭدىن كىتىپ قالمىغانسەن؟سەن دىلرابانىمۇ سۇباتنىمۇ ئازاپلىنىپ ئۆتسۇن دەمسەن؟يەنە كىلىپ ئۇلارنى ئالداپ ئەھۋاالنى ۋاقتىدا ئاشكارلىمىساق كىينكى كۈنلەردە ئۇنى ئازاپلاپ قۇيسەن بىلدىڭمۇ يۇق؟
-بۇنىڭ بىلەن كارىم يۇق .ئۇلار تىخى كىچىك .نىمىنىڭ ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ نىمىنىڭ ساختىلىقىنى بىلمەيدۇ مەن دىگەندەك بولسۇن ..

بىر ھازا جىدەلدىن كيىن ساباھەت جەسۇرنىڭ سىر ساقلىشىنى ئىيىتىپ ئۇنى تىستە قايىل قىلدى ،گەرچە سۇبات تۇلۇق قايىل  بولمىغان بولسىمۇ ساباھەتنىڭ بۇ  ئاددى تەلپىنى رەت قىلماي ئىلاجى يۇقتە ....



دىلرابا ھەدىسىدىن ئايرىلىپ بىنا ھويلىسغا كىرىپ يەنە شۇ راۋاق يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئىلگىرى سۇبات سوۋغات قىلغان تىلفۇننى قۇلىغا ئىلىپ  بىر ھازا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى .ئۇنىڭ كاللىسىنى يەنە شۇ تۈگىمەس خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى .
-دىلرابا..دىلرابا....
نىگارە قارشى  تەرەپتىن يۈگۈرۈپ ھۇدۇققىنىچە يىتىپ كەلدى ،ئۇنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر بىر جىددىيچىلىك بىلىنىپ تۇراتتى .
-نىمە بولدۇڭ؟
-سۇبات ..سۇبات...
-نىمە بوپتۇ ؟
-راسىتكەن ،يۈرە سىنى بىر يەرگە باشلاپ ئىلىپ باراي...
-نەگە ؟نىمە بولدى؟
نىگارە دىلرابانىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئىلىپ ماڭدى ،دىلرابا نىمە بولغىننى ئاڭقىرالمىغان بولسىمۇ ئىلاجىسىز  نىگارەنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ماڭدى ،لىكىن دىلرابا سۇباتنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ تۇرغان يىرىدە قاتقان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالغان ئىدى.


داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 02:29 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش