مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 12:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat99 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 12:32 PM
لىكىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى سەت ياقتۇرۇپ قالدىم جۇما  ...

پاھ ،..سەن كەلتۈرگەن قىزلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ ئاغىنە
جىلۋەمنى ئارامىدا قۇيە بولدى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 ھى ھى راسىت دەيسىز جۇم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 08:10:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat99 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 12:07 PM
كەلتۈرۈپ بولالمايسىز دەپ قاپسىز ...
كەلتۈرۈپ بولالمىس ...

مەن يانچۇققا سىلىپ قاچىدىغان ئالما ئەمەس ھە....
سىلەر ئۈرۈمچىلكلەرگە قىز ئىلىپ قىچىش ئەمدى مۇدا بولىۋاتامدۇ نىمە؟  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95623
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 08:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 08:10 PM
مەن يانچۇققا سىلىپ قاچىدىغان ئالما ئەمەس ھە....
سىلەر ئ ...

شۇ ھازىرقى قىزلارنىڭ تۇيلۇقى ئىغىرچۇ..
شۇڭا ئەمدى ئاپلا قچىىپ قۇتۇلاي دىدىمغۇ بولماپتىما جىلۋەم.
ھە قانداق ؟

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ  يۈرۈپ   كۈتۈشلەرنى   سۆيۈپ  قالدىم  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99348
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 03:16:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى  بامۇ يە بۇنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 06:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)

ئايدىڭ كىچە ھەممىلا ئەتراپ جىمجىت .دىلرابا تىلفۇننى قۇلىغا ئىلىپ بىردەم تۇرغا چىقماقچى بولدى،ئۇنىڭ بىردىنبىر خۇشاللىقى دەل مۇشۇ ئىدى ،ئۇ تۇرغا چىققىنىدا تۇر دۇنياسىدىكى ئۆز ئارا ئۆتۈشۈپ كەتسىمۇ تۇنۇشمايدىغان لىكىن ئۆزىنىڭ بىر تۇققىنىدەكلا يىقىن ھەم سىرداش بولۇپ كەتكەن دۇسىتلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ بىردەم بولسىمۇ كۆڭلىدىكى ھەسرەتنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولدى.
دىلرابا چ چ رىنى ئىچىپ نۇرغۇنلىغان يىڭى دۇسىتلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىققاندى .بىر ئاز ۋاقتىتىن كىيىن زورەم چىرايىدا كۈلكە يۈگۈرۈتكىنىچە دىلرابانىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.
-ماڭ .تىزرەك بول ..مىھمانلارغا چاي قۇيغىن.
-ئۆزىڭىز قۇيىۋەرمەمسىز ..ئادەمنى ئارامىدا قۇيماي..
-قارا دەۋاتقان گىپىنى ..مەن ئاپاڭمۇ ياكى نىمەڭ سىىنىڭ ؟خىجىل بولماي جاۋاپ ياندۇرسىنا...
-خاپا بولماڭە ئاپا ..چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم ..كىم كەپتۇ؟
-فەرۇقنىڭ ئۆيدىكىلىرى كەپتۇ ...
-ھە..
دىلرابا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن ئەينەك يىنىغا كىلىپ چاچلىرىنى تۈزەۋالغاندىن كيىىن ئاپىسىنىڭ كەينىدىن ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ چۆگۈنگە چاي سالدى ،ئۇنىڭ قۇللىرى تىترەۋاتاتتى.
-ئاپا...ئۇلارغا نىمە دىدىڭ؟
ساباھەت قىززىقىپ ئاپىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ تۇختىدى. دىلرابامۇ ئۇلارنىڭ گىپىگە پەرۋا قىلماستىن چۆگۈنگە چاينى سالغاچ ئاپىسىنى نىمە دەركىن دىگەندەك قاراپ قۇيدى .
-بىز جاۋابىنى تۈنۈگۈنلا بىرىپ بولغان ،بۈگۈن داداڭلار ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى مىھمان قىلغىنى چارقىرىپتۇ شۇ ..سىلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىڭلاردا .ئۇلار بىلەن بەك ئالاقىمىز قۇيۇق ئىدى ،مىنىڭ يىقىن بىر دۇستۇم بارئىدى .فەرۇقنىڭ ئاپىسىنىڭ سىڭلىسى بولىدۇ .ئىسمى رائىلە دەيدىغان ....ئۇزۇن بوپتۇ بىز ئىزدەشمىگىنى ..بۈگۈن ئۇمۇ كەپتۇ...
-ئاپا سىلەر نىمىشقا ئىزدەشمىگەنتىڭلار؟
-ئۇ بۇ يەردە تۇرمايدۇ ،ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى ئۇنى قاشقەرگە چىقارغان ...
-نىمە؟
دىلرابا نىمىشقىكىن ئەندىككىنچە زورەمنىڭ كۆزىگە تەشۋىشىلىنىپ قارىدى ،زورەم ھەيران بولۇپ سورىدى.
-نىمە بولدۇڭ؟
-بۈگۈن ئۇلارمۇ كەپتۇما ئاپا؟رائىلە ئىسىملىك دۇستىڭىزمۇ كەپتۇما؟
-ھە ..تۇنامتىڭ؟
دىلرابا ھۇجرا ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى ،كەينىدىنلا ساباھەتمۇ ناخشىنى بۇش ئىيىقىنىچە دىلرابانىڭ يىنىغا كىردى ھەم ئۇنىڭ ئەينەك ئالدىدا چاچ تاراپ تۇرغىننى كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇرنىننى يەڭگىل چىمداپ ئەركىلتىپ قۇيغاچ دىلرابانىڭ قۇلىدىكى تارغاقنى ئىلىپ ئۇنىڭ چىچىنى تارىغاچ سورىدى.
-دىلرابا مەن سىنىڭ ھەدەڭغۇ ..ساڭا زادى نىمە بولدى؟يىقىندىن بىرى بۆلەكچىلا بولۇپ قالدىڭ ؟ئىيتە زادى نىمە بولدۇڭ؟
-ھەدە ...سەندىن سوراپ باقاي ...سەن ئىلگىرى ...
ئىشىك بوش ئىچىلىپ زورەم تىرىككىنچە دىلرابانىڭ ھۇجرىسغا كىردى .
-بۇلۇڭلار..تىز ...
ساباھەت بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى يىپىۋەتكەچ مىھمانخانا ئۆيگە قاراپ قۇيدى .
-فەرۇقنىڭ بىر نەۋرە تۇققىنى باركەنتۇق .ئۇ بالىمۇ كەپتۇ ...نىمىدىگەن چىرايلىق كىلىشكەن بالا ئۇ ....مەن كىچىك بولغان بولسام كەلتۈرۈپلا بولدى قىلاتتىم...
-نىمە؟سۇباتمۇ كەپتۇما؟
دىلرابا خۇش بولغىننى ياكى خاپا بولغىننى بىلگىنى بولمىغان ھالدا ساباھەتكە قارىدى .
-شۇ شۇ ...ئۇنى تۇناتتىم ...كىچىك ۋاقتىڭلاردا سۇباتقا ...دىلرابانى ئالامسەن دەپ قۇيساق ھەئە دەيتى ..ياق ساڭا بەرمەيمىز دەپ قۇيساق ئاپ قاچىمەن دەپ قۇياتتى ئۇ ..ھى ھى ھى ..
دىلرابامۇ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ سالدى . قىزىقىپ سورىدى.
-سۇباتلارنىڭ قەشقەرگە كىتىپ قالغىنىغا قانچىلىك بولدى؟سەن ئۇنى ھەجەپ ئىنىق تۇنۇيسەنكەنغۇ..
-سۇبات مەندىن 5 ياشلا كىچىك ،،،ئىشقىلىپ چالا-پۇلا ئىسىمدە بار....بىردەمدىلا رەڭ تۈزەپ بىر چىرايلىق يىگىت بوپتۇ مانا...
-ھەدە.....
دىلرابا ساباھەتنىڭ بىلىدىن تۇتۇپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى .ساباھەتمۇ سىڭلىسىنىڭ بىشىنى سىلاپ قۇيغىنىچە ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى ،ئۇنىڭغىچە فەرۇق دىلرابانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇچۇق تۇرغىننى كۆرۈپ كىرىپ كەلدى ھەم چاقچاق ئارىلاش گەپ قىلىپ قۇيدى.
-ساباھەت ھەدە ..سىڭلىڭىزنى بىرى ھازىر ئىلىپ كەتمەيدۇغۇ تىخى ،،ئىككىڭلار نىمانچىلا ئەمدى ....
-سىىغىنىپ قالىدىغان بولدۇم بۇ ئارزۇلۇق مەلىكەمنى ،،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتىۋارلىق بىر تاللا گۈلى ئىدى بۇ ..كۆزۈم قىيىماي دىگىنە فەرۇق..
-ھا ھا ھا...سىلەرنى زورەم ھەدەم ياق راسىت زورەم ئاپام چارقىرىۋاتىدۇ ...
-تاسلا قالدىڭ ھە ؟قىيىنى ئاپام دەۋەتكىنى....
ئۇلار بىردەم چاقچاقلىشىپ قۇيغاندىن كىيىن مىھمانخانا ئۆيگە چىقىشتى .دەرۋەقە مىھمانخانا ئۆيدە نۇرغۇن مىھمان ئولتۇراتتى .دىلرابانىڭ كۆزىگە تۇنجى يۇلۇققان ئادەممۇ دەل سۇبات بولغان ئىدى ،سۇبات دىلراباغا قاراپلا قۇيۇپ يان تەرىپىگە قارىۋالدى.
-ئەسسالام ئەلەيكۇم ...
-ۋەلەيكۇم ئەسسالام..
ئۆيدىكىلەر  دىلرابا دىن تىنىچ ئامانلىق سورىشىپ قۇيۇپ سافاغا كىلىپ ئولتۇرىشىنى ئىيتىتتى ،،دىلرابا ناھايىتى سۇلغۇن ھالدا مىھمانلار بىلەن يىلىمانلا كۆرىشىپ قۇيۇپ فەرۇقنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۈستەلگە كىلىپ ئولتۇردى.
-ئاللا ..ئاللا دىلرابانى ..بىردەمدىلا چوپچوڭ قىز بولۇپ كىتىپتۇ مانا ..نىمىدىگەن چىرايلىق نازۇك قىز بولغاندۇ بۇ ....
دىلرابا زورىغا كۈلۈپ قۇيدى.
-بىر چاغلاردا سۇباتقا ئاپ بىرىمىز دىيىشكەنتۇق .ئەمدى گىپىڭدىن يىنىپلا فەرۇققا چىقىردىغان بولدۇڭ دىگىنە زورەم بوپتۇ ..بوپتۇ ....
رائىلە زورەمگە چاقچاق ئارىلاش كۈلۈپ قۇيدى.سۇباتمۇ ئىچىۋاتقان چىيىنى ياندۇرۋەتكىنى قىللا قالغان ئىدى .دىلرابا بىلەن سۇبات بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراپ قۇيۇشتى .سۇبات بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىپ قالدى بولغاي چىيىنى قۇيۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-زورەم ھەدە قەشقەرگە بارغان تۇرۇقلۇقمۇ بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ قۇيماپسىز ھە ؟يەنە كىلىپ بىر ماشىنىدا كىلىپ بىر-بىرىمىزنى تۇنۇمىغىنىمىز قىززىقتە...
-شۇنى دەيمەن مەنمۇ ھەيرانلا قالدىم ...قانداق قىلغۇلۇق سۇبات بالام...نەچچە مەرتەم ئادىرىسىڭلارنى سۈرۈشتە قلىىپ باراي دەپمۇ ئويلىدىم بىراق شۇ ....كىلەر قىتىم چۇقۇم بارىمىز ئاللاھ خالىسا....سىنىڭ تۇيلۇرۇڭغا بارامدىم يا؟..
ئۆي ئىچىدىكى ھەممەيلەن ئوخشاشلا كۈلكە چاقچاق بىلەن ئولتۇرماقتا ،پەقەت سۇبات بىلەن دىلرابا بىر-بىرىگە ئارىلاپ-ئارىلاپ قارىشىپ قۇيۇپ ئۇزۇنغىچە سۈكۈتكە چۈمۈشۈپ كىتەتتى.
كىچە سائەت 11 لەردىن ئىشىپ قالدى .مىھمانلارمۇ ئۇزاپ كىتىشىتى ،سۇباتنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا دىلراباغا كۆزى قىيمىغان ھالدا قاراپ تۇرۇپ قالغىنى دىلرابانىڭ قەلىپ ئەينىكدە نەچچە مەرتەم ئەگىپ ئۆتەتتى ،بىراق دىلرابا ھەرقتىملىقىدا سۇباتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ ئۇيان-بۇيانغا قارىۋالغان ئىدى.....






-ماقۇل،ماقۇل بولىدۇ ..
زورەم تىلفۇننى قۇيىۋىتىپلا دىلرابانىڭ ھۇجرا ئۆيىگە كىرىدى .
-فەرۇقنىڭ ئاپىسى تىلفۇن قىپتۇ ،ئەتە ئەتىگەندە سىلەرنى تۇي خىتى ئالغىنى بارسۇن دەيدۇ ،ئەتە كەچتە بىللە تاماق يەيلى دەيدۇ..ماڭ ھەدەڭ بىلەن بازارغا چىقىپ بىر قانچە قۇر كىيىم سىتىۋىلىپ كىر..
-نىمە؟نىمانداق بالدۇر ئاپا؟
دىلرابا ئىسەدەپ يىغلاشقا ئۇرۇندى ،بىراق ئۆزىنى زورىغا بىسىۋالغان ئىدى .ساباھەتمۇ دىلرابانىڭ بىلىدىن غىدىقلاپ قۇيۇپ ئۇنى ئالدىراتتى.
-نىمە بولدۇڭ ؟بۇ كۈننى كۈتۈپ تۇرغىنىڭنىمۇ ئۇزۇن بولغان بولغۇيتى...
-يۇق گەپنى قۇيغىنە.....مىنى بىردەم ئارامىمدا قۇيغىنە بولدى ..ھەدە سەن لايىقىڭنى قاچان تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىسەن ماڭا؟
-بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولسۇن ھە ...
-ماقۇل ..راسىت تۇي قىلىپ قالساڭ بالاڭنىمۇ قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالامسەن ؟مىنىڭ بەك كۆرگۈم كەلدى جىيەنىمنى ....
-ياق ،،،ئۇنى دادىسى باقىدۇ...بۇ قىتىم مەن يۈرىۋاتقان ئاكاڭ تىخى تۇي قىلمىغان يىگىت ئۇ ..ئائىلە ئىقتىسادى يامان ئەمەس ...بىراق دادام ئاپام نىمە دەركىن تاڭ.......
-دادام ئاپام نىمە دەيتى ،،ماقۇل بولار ....ئۆزى ياخشى بالا بولسىلا بولدىغۇ ھەدە.
-سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن دادام ئاپامنى چۈشەنمەيسەن ،ئۇلارغا پۇل بولسىلا بولىدۇ مىنىڭ بەختىم سىنىڭ بەختىڭ مۇھىم ئەمەس ،ئىلگىرى مىنىڭ قانچىلىك مەجبۇرلىنىپ تۇي قىلغىنىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ ...مانا كىيىن قانداق بولدى؟ 2 يىل ئۆي تۇتۇپ ئاجراشتۇق مانا ،قاراپ تۇرۇپ بىر ئوغلۇمنى تىرىك يىتىم قىلدىم...
ساباھەتنىڭ كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تۇلدى ،دىلرابا ھەدىسىنىڭ ياشلىرىنى سۈرتكىنچە ئۆزىمۇ يىغلاۋەتتى .ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ھەدىسىدەك بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىنى خالىمايتى .يەنە كىلىپ ساباھەتمۇ ئەمدى 23 ياشقا كىردى ئۇنىڭ گۈلدەك ئىچىلىپ ياشايدىغان ۋاقتىنى دەل ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نابۇت قىلىۋەتكەن ھىسابلىناتتى.



ئۇلار  يەنە ياشلار كوچىسىغا يىتىپ كىلىپ بىر قانچە قۇر كىيىم سىتىۋالدى ،دىلرابا كىيىمنىڭ ئەڭ سەت شۇنداقلا ئەڭ كۆرۈمسىزلىرىنى تۇتىۋاتاتتى .ساباھەتمۇ دىلرابا ئالغان ھەربىر كىيىمگە قاراپ غۇدۇڭشىپ قۇياتتى.
-ساڭا زادى بۈگۈن نىمە بولدۇڭ؟كۆزۈڭ تۇرلىشىپ قالدىمۇ قانداق؟
-شۇنداق بولسىمۇ بولغاندۇ بەلكىم ...
-ساڭا تىلفۇن كەلدى تىلفۇنۇڭغا قارىغىنە ..
دىلرابا تىلفۇننى ئىلىشقا ئالدىراپ قۇلىدىكى كيىىم يەرگە چۈشۈپ كەتتى ،دىلرابا كىيملەرنىڭ چىنە قىش ئۈسىتىدىكى ھۆل ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكىنى كۆرۈپ ئالدىراپ ئالماقچى بولۇپ تۇرىشغا قارشى تەرەپتىن كىلىپ قالغان  سۇبات   كىيىمنى يەردىن تىرىپ ئالغاندىن كىيىن ساباھەتكە تۇتقۇزدى.
دىلرابامۇ بىشىنى لىڭشىتىپ سۇسلا سالاملىشىپ سايراۋاتقان تىلفۇننى ئالدى ..غۇنچەم ئىدى ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلار بازىرىدا ئىكەنلىكىنى ئىيىتىپ تۇرشى بىلەن تەڭ سۇباتنىڭ غىل-پال گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى بولغاي غۇنچەممۇ ئۆزىنىڭ ياشلار بازىرىغا بارىدىغىننى ئىيتىپ تىلفۇننى قۇيىۋەتتى.
-كىمكەن ؟
سۇبات قايتۇرۇپ سورىدى .
-غۇنچەمكەن..
-ۋاي نىمە دەيدۇ ئۇ؟
سۇبات مەنسىتمىگەندەك سوراپ قۇيدى .
-مىنى نەدىدۇ دەپ تىلفۇن قىلىپتىكەنتۇق  نىمە بولدى ھەجاپ ئىنىقلاپ كەتتىڭىز ئەمدى ...
-سوراپ باقتىم شۇ ..مىنىڭ بارلىقىمنى دىمىگەنسىز ھە ؟
-دىدىم مەن ھازىرلا باراي مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم دەيدۇ ،،،تايىنلىق خۇش بولىۋاتقانسىز ؟كۆز-كۆز قىلىپ كەتكىننى قانداق قىلاي ئەمدى ...
-ئەخمەق قىز خاتا چۈشىنىۋالماڭ ئەمدى..
سۇبات شۇنداق دەپ دىلرابانىڭ بۇرنىنى چىمىداپ قۇيدى .دىلرابا ئىچ-ئىچىدە خۇش بولغان بولسىمۇ چاندۇرمىغان ئىدى .
-دىمىسىمۇ يالغان ئەمەستۇ ...قاچان تەلەپ قۇياي دەيسىز؟
-قۇيىڭە چاقچاقنى ،مەن بەك بىزار ئۇ قىزدىن .نەدىكى يۇقىلاڭ گەپلەرنى قىلىپ ...بولدى مەن ئاستا كىتىۋالاي ھە ئۇ قىزنى كۆرگۈممۇ يۇق مىنىڭ ..
-ھەي نەگە؟؟؟
سۇبات قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ قۇيۇپ نىفىتتىن سەكرەپ يۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى ،دىلرابا سۇباتنىڭ كەينىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالغان ئىدى ،سۇبات كەينىڭىزگە بىر قاراڭ پەقەت بىر قتىىم ..دىلرابا ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىماقتا ئىدى ،دىگەندەك سۇبات كەينىگە بىر قتىىم قاراپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
-ۋۇي ..ساقتۇ سەن؟نىمانچىلا ھىجاراپ كىتىسەن ئەمدى سۇباتنى كۆرۈپ ..
ساباھەت دىلرابانىڭ بۇرنىننى چىمداپ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ تاشلىدى .دىلرابا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قۇيۇپ ساباھەتنىڭ قۇلىدىكى كىيملەرنى ئلىپ ھىساۋات قىلىپ بولۇپلا بازار ئىچىدىن چىقىپ يەنە ئىلگىرىكى سۇغۇق ئىچىملىكلەر دۇككىنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى.
-ھەدە ..ماڭغىنە سۇغۇق ئىچىملىك ئىچىپ چىقىمىز ..
دىلرابا سۇغۇق ئىچىملىك دۇككىنغا كىرىپ ھەيرانلا قالغان ئىدى........................






                                            داۋامى بار  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-29 08:14 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95623
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 06:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قىنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ
نەچچە قاراپ چىقيتىمغۇ؟

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ  يۈرۈپ   كۈتۈشلەرنى   سۆيۈپ  قالدىم  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 08:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى ھەجەپ يوللانمايدىغۇ؟!

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99348
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 09:13:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئىچىم بىر قىسما بوپ كېتىپ بارىدۇ، مېنىڭمۇ يىغلىغۇم كېلىپ  تەستە ئوقۇدۇم، قانداق بولار ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 10:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  يېزۋتسىز  ....نەچچە كۈندىن بىرى ئىنكاس يازمايلا ئوقۇۋاتقانتىم ... ئەمدى يازمىسام بوممىدى   داۋامىنى  تىزراق يوللاسىز

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 08:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)

دىلرابا سۇغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا كىرىپلا بىر ئۈستەلدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان سۇبات بىلەن ساباھەتنىڭ لايىقى جەسۇرنى كۆردى ،جەسۇر ساباھەتنىڭ كەلگىننى كۆرۈپ سۇباتقا ئىشارەت قىلىپ قۇيغاچ ئۇلارنى چارقىردى.
-ساباھەت ..بۇ يەرگە كىلە...
-ھەدە  .ئۇ جەسۇر ئاكام شۇمۇ؟سىنىڭ لايىقىڭ شۇدۇ؟
-ھەئە ....قانداقراقكەن؟
-بەك ئۇماق ھەم كىلىشكەن ئاكاشكەن ،،،ئىشقىلىپ سەندىن قىلىشمىغۇدەك...سۇبات نىمە قىلىدۇ ئەمدى...
دىلرابا ئىككىلەنگىنچە ساباھەتنىڭ يىڭىدىن تۇتۇپ ئۈستەل يىنىغا تۇختىدى ،ئۈستەل ئۈستىدە بىر قانچە بۇتۇلكا ئاپلىسىن سۈيى بىلەن تەييار چۆپ تۇراتتى.
-ھەجەپ ئۇزۇندا كەلدىڭلار ..سىلەرنى ساقلاپ كۆزىمىز تۆت بولۇپ كەتتى...
-ئاكا ..سىنىڭ لايىقىڭ ساباھەت ھەدەم شۇمۇ؟پاھ ،....تۇغرا كەلگىننى .....
سۇبات كۈلۈمسىرەپ قۇيدى .
-جەسۇر سۇباتنى تۇنامسىز؟سىلەر قانداق تۇنۇشىسىلەر؟
-نىمىشقا تۇنۇمايتىم بۇ دىگەن مىنىڭ ئاتاق ئىنىم بولىدۇ ..كۆڭلىمىز بۇرۇندىنلا يىقىن تۇرسا بىزنىڭ ..سىلەر تۇنۇشامسىلەر راسىت...
-شۇنداق ..سۇبات دىلرابا تۇي قىلماقچى بولغان بالا بىلەن نەۋرە كىلىدۇ ..ئاپىسى مىنىڭ ئاپام بىلەن يىقىن دۇسىتلاردىن ....
-نىمە؟ فەرۇق بىلەن تۇي قىلماقچى بولغىنى سىزنىڭ سىڭلىڭىز دىلرابا شۇمۇ؟ئۇنداقتا...
جەسۇر سۇباتقا لاپپىدە بىر قارىدى ،ئۇ ھەممە ئەھۋالنى بىلگەچمۇ ھەممىلا ئىشنى ئىنىق چۈشەنگەن ئىدى ،سۇبات بولسا بىشىنى تۆۋەن سىلىپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتى.ئۇنىڭغىچە مۇلازىم قىزنىڭ كىلىپ ئۇلارنىڭ نىمە بۇيرۇتىدىغانلىقىنى سورىدى.
-مەن ماڭگۇ  ئىچىملىكى ئىچەي ...
دىلرابا سۇباتنىڭ ماڭگۇ ئىچىملىكىنى ياقتۇردىغىننى تۇنجى قتىىم بۇ ئىچىملىكلەر دۇككىنىدا كۆرۈشكەن چاغدا بىلىۋالغان ئىدى ،سۇباتمۇ دىلرابانىڭ ئاپلىسىن ئىچىملىكىنى ياقتۇردىغىننى بىلەتتى .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇدۇللا ئاپلىسىن ئىچىملىكىنى بۇيرۇتتى.ئۇلار ھەممىنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن جەسۇر ھەيرانلىق بىلەن سۇباتقا قارىدى.
-ۋۇي ..سەن ئاپلىسىن ئىچىملىكىنى ياقتۇرماتتىڭغۇ ؟ئەمدى نىمە بولدۇڭ؟
-كۈنۈپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ ..ھازىر كۈن بۇيى ئاپلىسىن سۈيى ئىچمىسەم كۆنۈم ئۆتمەيدۇ ئاكا ...لىكىن مۇشۇ ئاپلىسىنىڭ قەدرىنى كىم بىلىدۇ دەيسەن؟
سۇبات بۇ گەپلەرنى دىگەچ دىلرابانى نىمە دەركىن دىگەندەك مەنىلىك قاراپ قۇيدى .
-پاھ ..سۇباتنىڭ گەپلىرىنى ..دەرىت ئىغىر ئوخشىمامدۇ؟
-دىلرابامۇ ئاپلىسىن سۈيى ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى ،ئۇمۇ نىمە بولدىكىن تاڭ ..ماڭگۇ سۈيىگە ئۈگۈنۈپ قاپتۇ ..
-بولدى قىلە..
دىلرابا ساباھەتني نۇقۇشلاپ قۇيدى ،سۇباتمۇ دىلرابانىڭ ۋىللىدە قىززىرىپ كەتكەن يۈزلىرىگە قارىدى. ئۇرغاقتەك ئىنچىكە قاش ..قاپقارا بۇلاقتەك يۇغان كۆزلەر ،لالىدەك لەۋلەر ...سۇبات ئېغىر ئۇھ تارتىپ قۇيدى ...
-ۋىيەي..سەن بۇ يەردىكەنسەندە دىلرابا جانىم .
-قىنى بۇ يەرگە كەل..
دىلرابا غۇنچەمنى كۆرۈپ بىر ئاز بىئاراملىق ھىس قىلدى ،ئۇ سۇباتتىن كۈنلەپ شۇنداق قىلدى بولغاي غۇنچەمگە ئانچە ئوچۇق چىراي ئىچىپ كەتمىدى.
-ۋاھ..سۇبات سىزمۇ باكەنسىز دە ..
غۇنچەم ئەركىلەپ سۇباتنىڭ يىنىغا كىلپ ئولتۇردى .
جەسۇرمۇ ھەيرانلىق نەزىرىدە غۇنچەمگە بىر قىتىم سۇباتقا يەنە بىر قاراپ قۇياتتى .غۇنچەم جەسۇر بىلەنمۇ بىر تۇنۇشۇپ چىققاندىن كىيىن  دىلراباغا قارىدى.
-ئاداش ئاڭلىسام ئەتە تۇي خىتى ئالغىنى چىقىسىلەركەن ھە ؟مۇبارەك بولسۇن...
-كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟
دىلرابا سۇباتقا لاپپىدە قارىدى ،سۇبات ھىچ نىمىنى چاندۇرماستىن ئۇيان-بۇيانغا قارىۋالدى .
-شۇ..ئەتە تۇي خىتى ئالغىنى چىقىمىز ...سەنچۇ سۇبات بىلەن قاچان تۇي قىلماقچى؟
-بىزنىڭ تۇيلارغا يەنە بىرەر يىل بار تىخى ..شۇنداقمۇ غۇنچەم ...
سۇبات شۇنداق دىگىنچە قۇلىنى ئۇرۇندۇقنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ غۇنچەمنىڭ مۆرىسىگە قۇيدى ،دىلرابا شۇ تاپتا  كۆز چاناقلىرىغا تۇلۇپ كەتكەن ياشنى سۈرتۈشكە ئامالسىز قالغان ئىدى .غۇنچەم سۇباتنىڭ گەپلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاۋاتاتتى ...
-بولدى يۈرۈڭلار سىڭلىم ..مۇزىكىلىق تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يەپ قايتايلى...
-قۇسقۇم تۇق ئاكا ....
-نىمە يەپ ئەمدى ؟يۈرۈڭ دەيمەن...
-بايىدىن بىرى تۇيۇپ قالدى ،ئانچە ئىشتىھايىم يۇق تۇغرا چۈشىنىڭلار...
دىلرابا ساباھەتنىڭ چارقىرغىنىغىمۇ قارىماي كىتىپ قالدى ،ساباھەت دىلرابانىڭ كەيندىن يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىغا ئازراق پۇلنى تۇتقۇزۇپ ئۇنى يۇلغا سىىلپ قۇيدى.دىلرابا بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە كىچىك ئاپتۇبۇستىن بىرنى تۇسۇپ ئىلى دەرياسىغا كىلىپ يەنە بۇرۇنقى كونا جايىغا كىلىپ ئولتۇردى.
<<دىلرابا سەن خاتا قىلمىدىڭ ..ئەمدى ھەممە ئىشىڭ چۇقۇم تۈزىلىپ كىتىدۇ ئۆزۈڭگە چۇقۇم ئىشەن سەن بەك غەيرەتلىك ..>>دىلرابا ئۆز-ئۆزىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاۋاتاتتى.
-دىلرابا ....
دىلرابا كەينىدىكى ئاۋازغا چۆچۈپ قارىدى ،نىگارە ئۇنىڭ كەينىدە تۇراتتى .دىلرابا نىگارەنى كۆرۈپ كۆزىدىكى ياشنىڭ يۇقىنى سۈرتىۋەتتى .
-نىمىگە بۇ يەرگە كىرىپ ئولتۇرۋالدىڭ ؟قۇرقىمىدىڭمۇ؟چىقە بۇياققا ....سۇغا چۈشۈپ كەتسەم نىمە بولارمەن دەپ ئويلىمدىڭمۇ؟
دىلرابا ئاۋايلاپ كۆرۈك ئارىسىدىكى بۇش كاماردىن چىققاندىن كىيىن سىرتتىكى چىملىققا كىلىپ ئولتۇرۇشتى .نىگارە دىلرابانىڭ كۆزىدىكى تەشۋىشنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يىشىنى سۈرتتى.
-ئىيتە .بىز ئىككىمىز ئەڭ يىقىن دۇسىتلاردىنغۇ ..قەلبىڭدە نىمە ئويلايدىغىنىڭنى بەك بىلىپ باققۇم بار دىگىنە زادى نىمە بولدۇڭ؟
-ھىچنىمە
-بولدى دىلرابا..نىمىشقا مىنى ئالدايسەن مەن سىنڭ يىقىن دۇستۇڭ ئەمەسمۇ ..مەندىنمۇ يۇشۇرغۇدەك ساڭا زادى نىمە بولدى راستىنى ئىيىت.
-مەن ...مەن...سۇباتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم نىگارە.......
-نىمە؟
نىگارە چۆچۈپ سورىدى .دىلرابا ھەممىلا ئىشنى نىگارەگە بىرمۇ-بىر چۈشەندۈدى .نىگارە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دىلراباغا نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى .نىگارە دىلرابانىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بەرمەكچى بولدى.
-ئاداش قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسەن؟
-ئەمدى فەرۇق بىلەن تۇي قىلىمەن ،سۇباتنى چۇقۇم ئۇنتۇپ كىتىمەن .ئۇنىڭ غۇنچەمگە كۆڭلى بار ئىكەن ئاداش ..شۇنى بىلەمسە سەن...
-كىم شۇنداق دەيدۇ ...مەن قىنى سۇبات بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقاي..
-بولدى لازىمى يۇق ،مەن ئەمدى قانداقلا بولمىسۇن فەرۇق بىلەن تۇي قىلىمەن ئاداش ،بىكارغىلا ئاۋارە بولما سەن ....
ئۇلارنىڭ  پارىڭى بىردەملىكلا بولدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار 2 تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئۆيلىرىگە كىرىپ كتىىشتى .دىلرابا بىنا ھويلىسىغا كىرىپ تۇرىشغا كۆزىگە سۇبات چىلىقتى دىلرابا سۇباتقا ھۇمىيىپ قاراپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كىتىشى بىلەن تەڭ سۇبات دىلرابانى تۇختاتتى.
-دىلرابا ......
-نىمە دەيسىز؟
دىلرابا ئۇچۇق چىراي ئاچماستن ئۇياق-بۇياققا قاراپ قۇيدى.
-سىز خالىسىڭىز سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار ئىدى.
-ساقلاپ تۇرۇڭ ..نەرسە-كىرەكلەرنى ئۆيگە ئەككىرىپ قۇياي...5 مىنۇتلا ساقلاپ تۇرۇڭ ھە ......
-ھىلىغۇ 5 مىنۇت ئىكەن..500 يىل بولسىمۇ سىزنى ساقلايمەن ....
دىلرابا سۇباتنىڭ  سۆزىدىن خىجىل بولۇپ يۈزلىرى ۋىللىدە قىززىرىپ كەتتى ...
-ساقلاپ تۇرۇڭ ...
دىلرابا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتكىنىچە بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى ،ئۇ شۇ تاپتا ئىچ-ئىچىدىن خۇش بولۇپ كىتىپ باراتتى. دىلرابا ئۆيگە كىرىپلا ياتاق ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىردى ساباھەت ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئىتىۋاتقان ئىدى.
-ھەدە ..تىز بولە ..گىرىم بۇيۇملىرىڭ قىنى؟
-ۋۇي...بۇشراق...
ساباھەت دىلراباغا ئىغىز ئىشارىتى قىىلىپ قۇيۇپ ئۇنى ھۇجرا ئۆيىگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى .
-نىمە بولدى ھەدە؟
-ھىچنىم ..ئۆيدە مىھمان بار نەگە بارماقچى ئىدىڭ؟
-فەرۇق بىلەن كۆرۈشكىنى ...
-فەرۇق  بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسا نىمە دىگىنىڭ بۇ ؟
-ھە....
دىلرابا لاسسىدە بۇشىشىپ كەتتى .
-ھەدە مىنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى ،فەرۇققا مىنىڭ كەلگىنمنى دىمەي تۇر سىرتقا چىقىپلا كىرۋالسام بولاتتى ماقۇل دىگىنە...
-ۋاي شەيتان ..ھايال قالما ھە..
ئۇنىڭغىچە فەرۇق دىلرابانىڭ ھۇجرا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ قۇيۇپ ئۇلارنىڭ كىرىڭ دىگەن سۆزىدىن كىيىن  دىلرابانىڭ ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.
-يۈرۈڭە ..بىردەم ئايلىنىپ كىرەيلى ھەجەپ تەستە كەلدىڭىز...
-بۇ..بۇ...ماڭا قاراڭ....
دىلرابا فەرۇققا نىمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدى .
-نىمە ؟مەن ھازىر كەتمەكچى ئۆيۈمگە ...سىلەرنىڭ ئۆيگە ئازراق ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىم ..مىنى ئۇزىتىپ قۇيالمامسىز؟
-ماقۇل ...بىردەم ئولتۇرۇپ قايتار بۇلغۇيتىڭىز ....
-ياق بولدى ..مەن كىتەي..
دىلرابا ئامالسىز فەرۇقنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بىنا ھۇيلىسىدىن چىقتى .دىلرابا ئۇيان-بۇيانغا قاراپ سۇباتنى ئىزدەۋاتاتتى.
-راسىت دىلرابا بۇ ئۈزۈكنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟
فەرۇق يانچۇقىغا قۇلىنى سىلىپ  چىرايلىق ھەم نەپىس ياسالغان ئۈزۈكنى ئىلىپ دىلرابانىڭ قۇلىغا سىلىپ قۇيماقچى بولۇپ قۇلىنى ئۇزىتىش بىلەن تەڭ دىلرابا قۇلىنى تىزلا تارتىۋالدى.
-ماڭا بىرىڭە ..ئۆزۈم سىلىۋالاي ...
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟..مەن سىلىپ قۇيغانغا نىمە بوپتىكەن ....مىنىڭ بولغۇسى ئايالىم بولىسىز جۇمۇ سىز .....ئەكىلىڭە قۇلىڭىزنى ..
فەرۇق دىلرابانىڭ 5 بارمىقنى تەڭلا سىقىملاپ بىر تال ئۈزۈكنى ئىھتىيات بىلەن سىلىپ قۇيدى ،دىلرابا قۇلىنى تىزلا تارتىۋالغاندى.
-چىرايلىقمىكەن؟
-شۇنداق بەك چىرايلىقكەن ..رەھمەت...
دىلرابا ئالدى -كەينىگە قاراپ سۇباتنى ئىزدەۋاتاتتى.
-دىلرابا سىز نىمانچلا قىلىپ كىتىسىز ؟قۇلىڭىزنىڭ ئۇچىنى تۇتقانغا ئۆلۈپ قالماسسز؟
-شۇنداقتىمۇ بولمايدۇ ،،بىزگە تىخى نىكاھ چۈشمىگەن تۇرسا......
فەرۇق ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ دىلرابا بىلەن خۇشلىشىپ كىتىپ قالدى ،دىلرابا  تىلفۇننى قۇلىغا ئىلىپ سۇباتقا تىلفۇن قىلماقچى بولۇپ تىلفۇننى قۇلىغا ئىلىپ تۇرىشىغا سۇبات  راۋاقتىن چۈشۈپ دىلرابانىڭ يىنىغا كەلگەندىن كىيىن نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا قاراپ قۇيدى.
-سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشامدۇق ؟
-بولدى ...
-نىمە بولدىڭىز؟
-مەن قايتاي ..ئاپام مىنى بالدۇرراق يىنىپ كەل دەيدۇ ...
-سۇبات....
دىلرابانىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تۇلدى .
-بۇ ئۈزۈككە قاراڭ ...مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ ئەڭ ئاددىسىنى بولسىمۇ.....
دىلرابا گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىمەيلا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولىۋاتقان زورەم ھەدە  دىلرابانى چارقىرىپ قالدى ...
-ۋۇي ..سۇبات بالاممۇ بار ئىكەنغۇ...
-ھە،،،ياخشىمۇسىز ئاچا...
سۇبات زورەم بىلەن سۇسلا سالاملاشقاندىن كىيىن زورەمنىڭ ئۆيگە كىرىپ مىڭىڭ دىگىنىگە قارىماي كىتىپ قالدى ،دىلرابا تۇلىمۇ ئۈمۈتسىزلەنگىنچە كەينىگە ئاندا-مۇندا قاراپ قۇيۇپ زورەمنىڭ كەيندىن چىقىپ كەتتى.....




-دىلرابا..چاققان بول ..فەرۇق كەپ بولدى.
ساباھەت سەھەردىلا دىلرابانىڭ  بىشىغا كىلىۋىلىپ ئۇنى چارقىرغىنى تۇردى ،دىلراباغا ئورنىدىن تۇرۇش شۇنچە تەس كىلىۋاتقان ئىدى .
-ھەدە فەرۇق راسىت كەلدىمۇ؟
-چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم ،،ئۇرنۇڭدىن تۇرە...سۇبات كەلدى لىكىن...
-راسىتما..
دىلرابا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ،ساباھەت خىرىلداپ كۈلۈپ قۇيغىنچە دىلرابانى نۇقۇشلاپ قۇيدى.
-قارا..سۇبات دەپ قۇيسام خۇش بولۇپ كەتكىنىڭنى .....
-كىم خوش بوپتۇ ..مىنى يەنە ئەخمەق قىلىپسەندە ..راسىتمىكى دەپتىمەن تىخى...
-سۇباتنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسەن دىلرابا....
-قۇيغىنە بۇنداق گەپلەرنى...
-مەندىنمۇ يۇشۇرامسەن؟راسىت گەپ قىل مەن ساڭا يەنە بىر مۇھىم گەپنى ئىيتىپ بىرىمەن ...
-ھەئە .ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم..
دىلرابا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ،ساباھەتنىڭ كۆزلىرىگىمۇ لىققىدە ياش تۇلغىنىچە كىلىپلا دىلرابانىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتۈپ ئۇنى باغرىغا باستى،قىرىنداشنىڭ باغرى نىمانچە ئىللىق ھە ..دىلرابا ھەدىسىنى قۇيۇپ بەرمەي ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاۋالغان ئىدى.
-بولدى يىغلىما ساقام ...
ساباھەت  دىلرابانىڭ يىشىنى سۈرتۈپ ئۇنى يىغىسىدىن پەس قىلغاندىن كيىىن سۆزىنى باشلىدى:
-مەن قارىسام سۇبات سىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ...
-قانداق دەيسەن؟
-بۇنى كالۋا ئادەممۇ بىلىدىكەن ..مەن كالۋامۇ بىلمەيدىغانغا.....
-ھەدە ،ھەرگىز جەسۇر ئاكامغا بۇ گەپلەرنى دىمە جۇمۇ..
-ياقەي ..ساراڭمۇ مەن دەيدىغانغا...نىمىلەرنى ئۇيلاپ كەتتىڭ ..نىمىشقا بۇ گەپلەرنى بالدۇرراق دىمەيسەن دىگىنە.
-خىجىل بولۇپ شۇ ..ساڭا دەپ خىلى يەڭگىللەپ قالدىم ..ھە راسىت سەن كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟
-مەن ھەدەڭ تۇرۇقلۇق سىنى چۈشەنمەمدىم ..سۇبات بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن كۈنىلا ئازراق گۇمان قىلغان بىراق ئىشەنمىگەن ئىدىم ،تۈنۈگۈن نىگارە ھەممە ئەھۋالنى ماڭا دىدى ساقام ...سەن راستىنلا تەس كۈنگە قاپسەن دىلرابا.....
-نىگارەنىڭ مۇشۇ ئىغىزىنى زە......ھەدە مەن قەتئىي قارارغا كەلدىم ،چۇقۇم فەرۇق بىلەن تۇينى قىلىۋىرىمەن تۇيدىن كىيىن تۈزىلىپ قالارمەنمۇ ...قىنى ئەھۋالغا قاراپ باقاي..
-بىراق بىرىنى ياخشى كۆرۈش شۇقەدەر ئاسان،بىراق ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىش شۇقەدەر تەس دىلرابا ..مىنىڭ ئىلگىرىكى تۇنجى لايىقىنى تاكى ھازىرغىچە ئويلاپ قالىمەن .تۇنجى مۇھاببەت ئوق پارچىسىدەك يۈرەككە ئورناپ كىتىدۇ ئاسان ئۇنتۇپ كىتەلمەيسەن ....
-ھەدە مەن تىرىشىمەن ..سۇباتنىڭ ماڭا كۆڭلى بولمىسا مەن يەنە ئۆزۈمنى ئالداپ نىمە قىلاي ...
-ساڭا دىدىمغۇ سۇبات سىنى ياخشى كۆرىدىكەن دەپ ...تەنتەكلىك قىلما مەن سۇبات بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقاي...
-ئاۋارە بولما ،ئۇنىڭغا غۇنچەم بولسىلا بولىدۇ...
دىلرابا چىچىنى تۈزەپ  ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى .دىلرابا ئىشىكتىن چىققۇسى كەلمىگەندەك ساباھەت بىلەن ئاپىىسغا قاراپ قۇياتتى .ساباھەتمۇ گەپ قىلماستىن دىلرابانى ئىتىرىپ ئۆيدىن ئىلىپ چىققاندىن كىيىن ئۇھ تارتىپ قۇيدى.
-فەرۇققا تىلفۇن قىلە كەلسۇن ...
-سەن دىگىنە ..مىنىڭ دىيىشكە ئىغىزىم بارمايدۇ..
-مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە فەرۇق بىلەن تۇي قىلىمەن دەمسەن؟
-مىنى قانداق قىلسۇن دەيسەن ؟
دىلرابا ھۆڭرەپ يىغلاۋەتتى .دىلرابانىڭ ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈنۈپ -ئۆكسۈنۈپ يىغلاشلىرىدىن ئىچى سىيرىلغان ساباھەت ئىلاجىسىز دىلرابانى تەستە بەزلىدى.
-جىنىم سىڭلىم بولدى يىغلىمىغىن ...بولدى مەن بىرەر ئامالىنى قىلاي ماقۇلمۇ؟
دىلرابا ئىلاجىسىز قەدىمىنى ئالدى .بىراق ئۇ يۇل بۇيى تۇختىماي يىغلاپ مىڭىۋاتقان ئىدى ،ئۇ بۈگۈنكى تۇي خىتى ئالدىغان كۈننىڭ پەقەت بىر چۈش بولۇپ قىلىشىنى خالايتى....
ھەي..ئىىست قانداق قىلارمەن؟فەرۇق بىلەن تۇي قىلسام ئۇنى ئالداپ قۇيغان ھىساپلىنىمەن ..تۇي قىلماي دىسەم مەن ئۆزۈم ئىغىز ئىچىپ قۇيۇپ يىنىۋالغان بولىمەن ..قانداقمۇ قىلارمەن؟
دىلرابا يۇل بۇيى شۇلارنى ئويلاپ مىڭىۋاتاتتى ،ئۇ كۈننىڭ ئالدىرماي ئۆتىشىنى ماشىننىنىڭ مەنزىلگە ئالدىرماي يىتىپ كىلىشىنى تىلەۋاتاتتى.
-مانا يىتىپ كەلدۇق.
دىلرابا شۇپورنىڭ سۆزىدىن چۆچۈپ ئالدىغا قارىدى ،دىگەندەك فەرۇق بىلەن سۇبات دىلرابانى ساقلاپ <<تۇي خىتى>>  ئىلىش ئورنىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قاراپ تۇراتتى............


داۋامى يۇللىندۇ.................................................  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-1 11:17 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش