مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12539
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32328
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 10:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:08:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىم يوللىغان بۆلەكتە تۇلا ئىسىملار  ئالمىشىپ قاپتۇ ، تەستە چۈشەندىم بەزى جايلارنى،داۋامىنى ساخلايمەن

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 12:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 12:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)

سۇبات قاۋاقخانا ئىچىدە ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ ئولتۇرغان بولۇپ غۇنچەم سۇباتنىڭ قۇلىدىكى رامكىنى تارتىپ ئىلىۋىلىۋاتقان ئىدى .غۇنچەمنى كۆرۈش بىلەن تەڭ دىلرابا بىئارام بولۇپ نىگارەگە نىمە دەيسەنكىن دىگەندەك قاراپ قۇيدى.
-سەن مۇشۇلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىلىپ كەلدىڭمۇ مىنى بۇ يەرگە؟
-ياق جىنىم ،نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ،باياتىن بۇ يەردە غۇنچەم يۇق ئىدى،سۇبات مىنى كىلىڭ دەپ تىلفۇن قىپتىكەن .مەن كەلگەندە ئۇ ئاللىقاچان مەس بولۇپ قاپتۇ .
-ئۇنىڭ مەس بولۇپ قىلىشى بىلەن مىنىڭ ئالاقەم بارمۇ نىگارە؟سەن زادى مىنى نىمە قىلسۇن دەيسەن دىگىنە.ئەمدى ماڭا سۇبات تۇغۇرلۇق ئىغىز ئاچقۇچى بولمىغىن .
-بولدى بۇ گەپلەرنى قۇيساڭچۇ سەن باياتىن.....
نىگارە دىلراباغا بولغان ئىشلارنى دىمەكچى بولۇپ تۇرىشى بىلەن تەڭ سۇبات دىلرابانى كۆرۈپ قالدى ،نىمىشقىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غۇۋا ياش لىغىرلاپ تۇراتتى .
-دىلرابا  كەپتۇ ،دىلرابا كەپتۇ .قىنى بۇياققا كىلىڭ بۇياققا
سۇبات خىلىلا جىق ئىچىۋالغان ئىدى ،غۇنچەم دىلرابانى كۆرۈپ قىلچە ئەيمەنمەستىن سۇباتنىڭ بارماقلىرىدىن چىڭڭىدە تۇتىۋىلىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى سۇبات گەرچە ھاراق ئىچىۋالغان بولسىمۇ دىلرابانىڭ ئىسمىنى تۇختىماي چارقىرۋاتاتتى.
-دىلرابا ..دىلرابا ھەرگىز كەتمەڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،راسىت دەۋاتىمەن.سىز تۇي قىلسىڭىز بولمايدۇ ...
دىلرابانىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى ،ئەمەليەتتە ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ بىرىپ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگۈسى بار،بىراق سۇبات غىرىق مەس تۇرسا ئۇنىڭ گىپىگە دىلرابا قانداقمۇ ئىشنىپ كىتەلىسۇن.
غۇنچەممۇ سۇباتنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ لىۋىنى قۇلى بىلەن تۇسۇپ قۇيدى ،ئۇ بايىدىن بىرى بۇ گەپلەرنى جىق ئاڭلىغاچقىمۇ ئۇنىڭمۇ كۆزلىدىن تۇختىماي ياش قۇيىلىۋاتاتتى ،يەنە كىلىپ غۇنچەمنىڭ دىلرابانى كۆرۈپ ئەھۋال سۇراپمۇ قۇيمىغىنىدىن دىلرابامۇ خاپا بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇمۇ غۇنچەمگە خۇددى ناتۇنۇش ئادەملەردەك قاراپ قۇيۇپ گەپ قىلمىغان ئىدى .
دىلرابا سۇباتنى يۆلەپ ئۇنى ياتاققا ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيماقچى بولۇپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ سۇباتنى يۆلىمەكچى بولۇپ تۇرىشىغا غۇنچەم دىلرابانىڭ قۇلىنى سىلكىپ سۇباتنى ئۆزى يۆلىمەكچى بولدى.
-نىمانداق قىلىسەن غۇنچەم ساراڭ بولدۇڭمۇ قانداق؟
-راسىت دەيسەن دىلرابا ،مەن ساراڭ بولدۇم ،بىراق سىنىڭ سۇبات بىلەن ئالاقە قىلىشىڭنى مەن پەقەت خالىمايمەن .بىزنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىنى قۇي ماقۇلمۇ؟
-مەن نىمە قىلدىم ساڭا ..سۇبات مىنىڭمۇ يقىن دۇستۇم سۇبات سىنىڭ نىمەڭ ئىدى ،نىمەڭگە بۇنچىلىك قىلىپ كىتەتتىڭ ..
-يۇغان گەپ قىلسەنغۇ سەن كۆرۈپ قالسەن تىخى..
ئۇلارنىڭ يىنىدا ئۇلارنىڭ جىدەللىرىدىن بىزار بولغان نىگارە ئۇلارنى تەستە بەزلىگەندىن كىيىن غۇنچەمگە چەكچىيىپ قاراپ قۇيدى .
-سەن بەك ۋىجدانسىزكەنسەن غۇنچەم .سۇبات باياتىن بىزگە دىلرابانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دىمىدىمۇ ؟بىلىمەن ئۇ ھاراق ئىچىۋالدى ،بىراق بۇ ھاراقنى ھىچ قاچان سەن ئۈچۈن ئىچكىنى يۇقتۇ نىمانچىلا قىلىپ كىتىسەن ئەمدى؟
-شۇنداقمۇ ؟سىلەرنىڭ نىمە كارىڭلار ..سۇبات مىنىلا ياخشى كۆرىدۇ مىنى ..بىلىپ قىلىش ساراڭلار .
دىلرابا غۇنچەم بىلەن نىگارەنىڭ جىدەللىرىدىنمۇ بىزار بولدى بولغاي يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .نىگارەمۇ غۇنچەمگە گەپ تىپىپ بىرەلمەيدىغىننى چۈشۈنۈپ دىلرابانىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەلدى.
-يۈرە ،ئايلىنىپ كىلەيلى بىردەم .
نىگارە دىلرابانى قۇلتۇغلاپ بىر ئاز ئايلانغاندىن كىيىن خەلىق مەيدانى تەرەپكە كىلىشتى ھەم بىكار ئورۇندۇقتىن بىرىگە كىلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن مارۇژنا سىتىۋالغاندىن كىيىن  مارۇژنىنى يىگەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .
-باياتىن مىنى نىمىگە چارقىرغان ئىدىڭ ؟
-ھاماقەت .نىمىگە چارقىرغىنمنى تىخى چۈشەنمىدىڭمۇ ؟
-چۈشەنسەممۇ ماڭا نىمە پايدىسى ؟كۆردۈڭغۇ ئۆزۈمگە بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق تىپىۋالدىم دىسە ...
-بولدى ،خاپا بولما ئاداش.سۇبات ھامان سىنى ياخشىى كۆرىدۇ ،بۇ دىگەن ھەقىقەت  .ھىچقاچان ھەقىقەت ساختىلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمەيدۇ بىلىسەنغۇ ؟قىنى ساقلاپ باقمامدۇق؟
-.................................
-ۋاي ..بولدى .جىق ئويلاپ كەتمىگىنە ..
-مەن ئۇيلايمەن ،باياتن سۇبات سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىدىغۇ ..شۇ دىگەنلىرى راسىتمىدۇ ؟شۇ چاغدا قانچىلىك خۇش بولغىنىمنى سەن تەسەۋۇر قىلىپ بولالمايسەن دە ....
-بۇ دىگەن ئەينەن ئەھۋال ...




                          ******************************************************
-دىلرابا تىلفۇن كەلدى ..
ساباھەت ئەتىگەندىلا دىلرابانى يەنە چارقىرىشقا باشلىدى .
-كىمكەن؟
-سۇبات.
دىلرابا كۆزىنى لاپپىدە ئىچىپ ساباھەتنىڭ قۇلىدىكى تىلفۇننى تارتىپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزىنى سەل بىسىقتۇرۋىلىپ كارىدۇرغا چىقىۋالغاندىن كىيىن تىلفۇننى قايتۇردى.
-ۋەي سۇبات ....
-دىلرابا ياخشىمۇسىز؟
-ياخشى .سىزچۇ قانداقراق ؟
-مەنمۇ يامان ئەمەس .
بىر ھازا سۈكۈتتىن كىيىن دىلرابا سۆزىنى باشلىدى .
-ئاخشام جىق ئىچىۋالدىڭىزمۇ قانداق ؟سىزمۇ ھاراق ئىچەمسىز؟
-ھە ئاخشام سىز كەلگەنتىڭىزمۇ ؟
سۇبات ھۇدۇقۇپ كەتكەن ئىدى .دىلرابا ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قۇيماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كىين گەپ قىلدى.
-شۇنداق .ئاخشام مەن بارغان ئىدىم .نىمە دىگىنىڭىزنى بىلمەمسىز؟ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ھە ؟
دىلرابا بۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكىننى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئىدى ،سۇباتمۇ قايتا-قايتا ئۆزىنىڭ نىمە دىگىننى ئىسىگە ئالالمىغىننى ئىيتىپ دىلرابانىڭ ئىيتىپ بىرىشىنى ئىيتتى ....
-تۈنۈگۈن سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىيتقان ئىدىڭىزغۇ ..شۇنى دىمەكچى ئىدىم .
-ھە.....چاقچاق قىلمىسىڭىزچۇ ...باشقىلار ھاراق دىگەن دۈشمەن دىسە ئىشەنمەتتىم ،راسىتكەن جۇمۇ لىكىن.تۈنۈگۈن ئۆمۈرۈمگە كىلىپ تۇنجى قتىم ھاراق ئىچىشىم ئىدى .ھاراق ئىچسە ئازراق بولسىمۇ دەردىنى ئۇنتۇپ قالدىكەندە ...
-سىز دەردىڭىزنى ھاراقتىن ئالامسىز؟مەن دائىم كۆڭلۈم يىرىم بولسا  ئىلى دەرياسىغا بىرىپ 1 -كۆرۈكتە ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ يىنىپ كىلىمەن دەڭە ...
-ھى ھى ..
دىلرابا بىلەن سۇباتنىڭ پاراڭلىرىنى ئىشىك تۈۋىدە يۇشۇرۇن ئاڭلاپ تۇرغان ساباھەت ئىشىككە چاپلىشىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشاۋاتاتتى ،گەرچە ئۇلار تىلفۇندا پاراڭلىشىۋاتقان بولسىمۇ دىلرابانىڭ گەپ -سۆزلىرىدىن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
-نەدە كۆرىشىمىز ؟
-مىنىڭچە يەنىلا كۇنا جايدا بولسۇن ...
-كۇنا جاي دىگەن نە ئۇ؟
-سىز بىلەرسىز؟بىز دائىم كۆرىشىپ قالدىغان يەرغۇ ..
-ھە ..بىلدىم ئىچملىك دۇككىننى شۇنداقمۇ ؟بولىدۇ ئەمسە ھازىرلا باراي ...
-دىلرابا.....
-ھە ؟ گەپ قىلىڭە ...
-سىزنى .....بولدىلا سىز كەلگەندە پاراڭلىشايلى ....
-ماقۇل ..
دىلرابانىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى ،سۇباتنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ دىلرابانى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئىنىقلا بىلىنىپ تۇراتتى.دىلرابا خۇشال بولغان ھالدا ھۇجرىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ساباھەتنىڭ گىرىملىرىنى غىل-پال قىىلپلا چىقىپ كەتتى .
ساباھەت ئۆيدە يۇق بولغاچمۇ دىلرابا ساباھەتكە دەپ قۇيۇشقا ئۈلگۈرمەي بىنادىن چىقىپلا كىچىك ماشىننى تۇسۇپ ئىچىملىك دۇككىنىغا قاراپ ماڭدى ،ئۇ يۇل بۇيى نۇرغۇن تاتلىق خىياللارنى سۈرۈپ ئىچىملىك دۇككىنىغا كەلدى بىراق سۇبات تىخى كەلمىگەن ئىدى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 01:25 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 12:45:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 12:38 PM

ماۋزۇسى بار جەريانى يوق.......

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 01:27:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزگەرگەن تەقدىر (جىلۋە)

ساباھەت دىلرابادىن بۇرۇنراق ئۆيدىن چىقىپ سۇباتقا تىلفۇن قىلىپ  ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاشپۇزۇلدا كۆرۈشمەكچى بولۇشتى .سۇباتمۇ ھايال بولمايلا يىتىپ كەلگەن ئىدى.
بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن سۇبات ساباھەتنى نىمە دەركىن دىگەندەك قاراپ قۇيدى ،ساباھەتمۇ تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى .
-ھەدە گىپىڭىزنى تىزرەك دەڭە ،مىنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى ئالدىراتتىم .جىددى گىپىم بار دىمىگەن بولسىڭز مەن ھازىر كەلمەتتىم تىخى.
-نەگە دىلرابا بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانمۇ؟
-بۇ ...نىمە بوپتۇ ؟كۆرۈشسەك بولمامتى ھەدە ؟
-بولمايدۇ ،قەتئىي كۆرۈشمەڭلار .مەن ئىككىڭلارنىڭ ئالاقە قىلىشىڭلارنى خالايمەن.يەنە كىلىپ دىلرابا فەرۇق بىلەن تۇي قىلىدۇ ،يەنە كلىىپ مىنىڭچە سىز غولجىدىمۇ تۇرماڭ قەشقەرگە قايتىپ كىتىڭ .
-نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ غولجا ئۆزۈمنىڭ ئانا يۇرتۇم .كىندىك قىنىم دەل مۇشۇ گۈزەل ماكانغا تۆكۈلگەن .قەشقەرمۇ مىنىڭ 2-جى ئانا يۇرتۇم .مەن ھەر ئىككىلا يۇرتىنى ئۇخشاشلا ياخشى كۆرىمەن ،مەيلى نەدىلا تۇراي نىمە ئىش قىلاي ئۆزۈمنىڭ ئىشى سىزنىڭ كۆڭۈل بۈلۈش ھۇقۇقىڭىز بارمۇ؟
-مەن سىزگە دىمەكچى بولغىنىم ئەمدى دىلراباغا گەپ قىلماڭ .سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز بۇ ماڭا ئايان بىراق دىلرابا پەقەت فەرۇقىنىلا ياخشى كۆردىدۇ 3- شەخىسنىڭ  ئۇنىڭغا لازىمى يۇق .ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەڭ .
-بۇ گەپنى ئەسلى ماڭا دىلرابا ئۆزى دىسە تۇغرا بولار ،دىلرابا مۇشۇ گەپنى ماڭا دىگۈسى بولسا ئۆزى دىسۇن مەن ھەرگىز دىلرابادىن ۋاز كەچمەيمەن قۇرۇق خىياللاردىن ۋاز كىچىڭ . يەنە كىلىپ دىلرابا كىچىك بالا .ئەمەس .
بىر ھازا تالاش-تارتىشتىن كىيىن ساباھەت سۇباتقا نۇرغۇن گەپ قىلدى ،بىراق سۇبات ھىچ بىرىگە پەرۋا قىلدىغاندەك قىلمايتى .ساباھەت ئالدىن زورەم ھەدىگە تىلفۇن قىلىپ قۇيغان بولغاچمۇ زورەم ئۇلار ئولتۇرغان ئاشپۇزۇلغا كىلىپ قالدى.
سۇبات زورەمگە نىمىمۇ دىيەلىسۇن ؟يەنە كىلىپ زورەمنىڭ ئىيتقان ھەربىر گەپلىرىدىن سۇباتنىڭ ئىچىمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى .ساباھەت بولسا مەغرۇر قاراپ ئولتۇراتتى.
-شۇنداق بولسۇن بالام ئەمدى دىلرابانى ئىزدىمەڭ .مىنىڭ ئۈمۈدىم پەقەت مۇشۇ ماقۇل دەڭ ..مەن ئاپا يۇللۇق ئادەم سىزگە  .ئەمدى مىنىڭ شەرتىمنىمۇ رەت قىلماڭ .بۇ قىتىملىق سۆھبەتنى دىلرابا ئاڭلىمسۇن قانداق ..
سۇبات نىممىمۇ دىيەلىسۇن ئىلاجىسىز بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ ئاشپۇزۇلدىن چىقىتى .ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ  ئىچىملىك دۇككىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىننىمۇ سەزمىگەن ئىدى .دىلرابا سۇباتنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتكىنچە قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ قۇيدى.
-نىمانداق تەستە كىلىسىز؟سىزنى ساقلاپ تۇرغىنى 2 سائەت بولدى جۇمۇ ..ئۇف....
-كەچۈرۈڭ ..دۇككان ئىچىگە كىرىپ پاراڭلىشايلى قانداق؟
ئۇلار دۇككان ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن سۇبات  نىمە دىيشىىنى بىلەلمىگەندەك مۇشتۇمىنى چىڭڭدە تۈگكىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى .
- ھە راسىت سۇبات .باياتىن گىپىم بار دەۋاتقانغۇ نىمە گەپ ئىدى؟
-دىلرابا ئەمسە گەپلىرىمنى ياخشى ئاڭلاڭ .مىنىڭ قەشقەردە تۇي قىلىشقا دىيشىپ قۇيغان لايىقىم بار ئىدى .ئۇ قىز مىنى تىزرەك قايىتپ كىلىڭ دەيدۇ مەن قايتىدىغان بولۇپ قالدىم،ئۇ قىزنىڭ ئىسمىمۇ ئوخشاش دىلرابا ئىدى .شۇڭا ئاخشام مەسىتلىكتە جۈيلۈپ ئۇنىڭ ئىسمنى چارقىرىپ قاپتىمەن مىنى كەچۈرۈڭ..
-نىمە؟ دىگەنلىرىڭىز راسىتما؟
دىلرابانىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئىقىپ چۈشتى .لىكىن شۇنداقتىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ئىدى .
-ئىشەنمەيمەن مىنى ئالداۋاتىسىز ؟
-راسىت دىلرابا ،سىزگىمۇ فەرۇ ق بار ئۇنى قەدىرلەڭ ئۇ ھەقىقى ياخشى يىگىت ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ يىقىن ئۆتۈڭ كىيىن مىنىڭ تۇيۇمغا بىللە كىلەرسىلەر ماقۇلمۇ ؟
-مەن فەرۇقنى ياخشى كۆرمەيمەن بۇنى بىلەمسىز؟ مىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قۇيسىڭىز نىمە بولار؟
-فەرۇقنى ھامان ياخشى كۆرۈپ قالىسىز  .پەقەت سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن سىلەرمۇ قەشقەرلەرگە بىرىپ تۇرارسىلەر .

دىلرابا كۆز ياشلىرىنى زورىغا بىسىىپ بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيغاندىن كىيىن ئىچىملىك دۇككىنىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى.دىلرابا پەقەت سىرتقا چىقىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋىلىشنىلا خالايتى .
دىلرابا ئۈن-تنسىز  سىرتقا چىقىپ يۈگۈرگىنىچە ماشىنىدىن بىرنى  تۇسۇپ خەلىق مەيدانىغا كەلدى.ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز يىراق يەرلەرگە كەتكۈسى كىلىۋاتاتتى .لىكىن ئۇ يەنە ئىلى دەرياسىغا كلىشنى تاللىدى .
ئۇ يەنە ئىلى دەرياسىدىكى 1-ىنجى كۆرۈككە كىلىپ ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاۋازىنى بولىىشغا قۇيۇپ بىرىپ تازا يىغلاۋاتاتتى .ئۆز-ئۆزىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاۋاتاتتى .ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە قانچە ئۇزۇن تۇرغىننى بىلمەيتى .
بىر ئازدىن كىيىن ھاۋا بۇزۇلۇپ قاتتىق يامغۇر يىىغىپ كەتتى .دىلرابا يامغۇرغىمۇ پەرۋا قىلماي ئولتۇراتتى ئۇ خۇددى مۇشۇ يامغۇردا قانچغۇچە يىغلىۋىلىشىنى خالايتى .يەنە كىلىپ ئۇ قانچىلىك يىغلىمىسىۇن ھىچكىم  ئۇنىڭ كۆز يىشىنى كۆرەلمەيتى  ...
بىر ئازدىن كىيىن كۈنلۈك تۇتىۋالغان فەرۇق دىلرابانىڭ يىنغا كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قىززىرىپ كەتكەن كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتتى.
-دىلرابا نىمە بولدۇڭ ؟دىگىنە نىمىشقا ئۆزۈڭنى بۇنداق ئازاپلايسەن ؟
-ھىچنىمە فەرۇق
دىلرابا شۇنداق دىگىنچە ئۆزىنى فەرۇقنىڭ باغرىغا ئاتتى ،فەرۇقمۇ دىلرابانىڭ باشلىرىنى سىلىغىنىچە ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بىرىپ قۇيماقچى بولغان ئىدى.
بىر ئازدىن كىيىن يامغۇر تۇختاپ ئۇلار پاراڭلاشقىنچە كىتىپ باراتتى .دىلرابانىڭ كەيپىياتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى .
-فەرۇق بۇ يەردىلكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
-مىنىڭ ئاغىنلىرىم سىنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغىنىڭنى كۆرۈپتىكەنتۇق .شۇنىڭ بىلەن مىنى چارقىردى .شۇڭا سىنى دەپ كىلىشىم ..قانداق مەن دىگەن ئىشنى ئويلاشتىڭمۇ؟
-بولىدۇ ،يەنە بىرەر ھەپتە ساقلاڭ فەرۇق ..تۇي قىلساقمۇ رامزاندىن كىيىن بىر نىمە دىيىشەيلى قانداق ؟
فەرۇقمۇ ماقۇل دىگەندەك بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيدى .لىكىن فەرۇقمۇ دىلرابانىڭ نىمە ئويلىغىنىغا يىقىندىن بىرى نىمىشقا ئۇنىڭ بۇنچە پەرىشان ئىكەنلىكىگە قىززىقىۋاتاتتى.





فەرۇق دىلرابانى ئەكىلپ قۇيۇپ كىتىپ قالغاندىن كىيىن دىلرابا بىنادىكى راۋاققا سەپ-سىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى .خۇددى سۇبات يەنە مۇشۇ راۋاقتا دىلرابانى كۈتۈپ تۇرغاندەك ،خۇددى يەنە دىلرابانى يىنىغا چارقىرىدىغاندەك ،مەن باياتىن سىزگە چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم دەيدىغاندەك ....
دىلرابا ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ ئۆيىگە قاراپ كىرىپ كەتتى .ئۆيدە ئادەم يۇق ئىدى .دىلرابا ئاچقۇچنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كىيىن خۇش بولۇپ بىنا دىكى راۋاققا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كيىيىن ئۇيان-بۇيانغا قاراپ يەڭگىل ئۇھ تارتىپ قۇيدى.



دىلرابا تىلفۇنىنىڭ ئىختىيارسىز جىرىڭلاۋاتقىننى سىزىپ تىلفۇننى ئالدى دەل سۇبات ئىدى .دىلرابا ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ تىلفۇننى ئالدى.
-نىمە؟نىمىگە تىلفۇن قىلدىڭىز؟
-مىنى ئەتە ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۇزىتىپ قۇيغىنى بىكەتكە كىلەلەمسىز ؟
-..........................
-كىلەلمىسىڭىز خاپا بولمايمەن ،لىكىن سىزنىڭ ئەتە ئەڭ ئاخىرقى قىتم مىنى ئۇزىتىپ قۇيۇشىڭىزنى خالايتىم ،ئەمدى فەرۇق بىلەن تۇي قلىپ چەتئەللەرگە كىتىپ قالسىڭز بۇنداق ۋاقىتلارمۇ كەلمەيدۇ ھەرقاچان .
-كىم بىلىدۇ ،تۇينى ئاۋال سىز قىلامسىز  ياكى مەن قىلامدىم بۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇغۇ ..مەن ھازىرچە تىخى تۇي قىلىشنى ئويلاشقىنىم يۇق..نىمىشقا غۇنچەمگە تىلفۇن قىلمايسىز ؟
-سىزنى يىقىن كۆرۈپ ئۇزنىتىپ قۇيۇڭ دىدىمغۇ ..بولدىلا ئۇنداق يىرىڭىز بولسا مەيلى سىزنىمۇ ئاۋارە قىلماي دۇسىت بولغانكىن دەپ دەپتىمەنكەن تىخى...
-راسىت دەيسىز ،بىراق مەن سىز بىلەن ھىچقاچان دۇسىت بولۇشنى خالىمايتىم سۇبات ...بولدى نىمىلا دىمەي يەنىلا سىزگە بەخىت تىلەيمەن .
-دىلرابا گەپ-سۆزلىرىڭىز باشقىچىغۇ ؟سىز مىنىڭ  قىينى سىڭلىم جۇمۇ ھە ...ھى ھى ..ئاكىڭىزغا ئاكىڭىزدەك گەپ قىلىڭ ..
-قۇيىڭە بۇنداق چاقچاقنى بولىدۇ ئەتە سىزنى ئۇزاتقىنى چىقىمەن ....
دىلرابا تىلفۇننى قۇيىۋىتىپ ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇيدى ،ئەجەبا سۇبات راستىنلا دىلرابانى ياخشى كۆرمەسمۇ؟ئىشقىلىپ ئۇ ھازىر ئۆزىمۇ بىر نىمە دىيەلمەيتى....


داۋامى بار.................

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 02:40 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10123
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4058 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 01:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى  داۋاملىق يوللىۋىتىڭە جىلۋە قىز .....سىزنى ساقلاپ قالدۇق ...قوللىرىڭىز ھارمىغاي !!1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 08:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ziba0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 12:45 PM
ماۋزۇسى بار جەريانى يوق.......

بۇنىڭدىنمۇ ياخشى جەريان بولماس .سىز چۈشۈنۈپ ئوقۇماپسىز .باشقىلارنىڭ يازمىسىغا باھا بىرىپ ئۇلارنىڭ بىر ياخشى كىتىۋاتقان ئەسىرىدىن قۇسۇر تاپماي ئۆزىڭىز ئوڭشاپ ئەسەر يىزىشنى ئۈگىنىڭە

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 08:51:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ziba0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 12:45 PM
ماۋزۇسى بار جەريانى يوق.......

بۇ ئەسەرنىڭ ھىچقانداق بىر يەرلىرى ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەستۇ .
بۇ سىڭلىمىزنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنى بوش چاغىلىغىنى بولمايدىكەن.

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 08:55:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم سىڭلىم سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم .قارماققا كىچىك بولسىڭىزمۇ ئەسەرلىرىڭىز بەك ئىسىل ئىكەن
داۋاملىق تىرىشىڭ سىڭلىم .بۇ تىمىڭىزنى مەن ساراڭ ئەمەس ناملىق ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغاندەك ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن ،
تۇنجى قىتىملىق تىمىلىرىڭىزغا قارغاندا سىزدە زور ئىلگىرلەش بار ئىكەن داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشمەن سىڭلىم .

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش