مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hina

616-نومورلوق ياتاق‹ۋەھىمىلىك ھېكايە›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 08:41:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 03:09 PM
تەۋسىيە،،،،،،  داۋامىنى  ئىنكاس شەكىلدە يوللىماڭ ھە،، ...

داۋامىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىماسلىقىم مۇمكىن دىمەكچىدىم ، كەچۈرۈڭ ھە

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 09:42:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بىرىنچى كۈنى

     ئۇيقۇسىغا قېنىپ قوپقان پەزىلىيە بىلەن رەفىنە ئالدىراش-تېنەش تەييارلىقلىرىنى قىلىشتىدە شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى ئورونلاشتۇرغان شەھەر ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە چىقىپ كېتىشتى ، چوڭ شەھەردىن نۇرغۇنلىغان ھېس تۇيغۇلارغا ئىگە بولوپ قايتىپ كەلگەن قىزلار ياتاققا قايتىپ كېلىپ ھەيران بولوپ تۇرۇپلا قېلىشتى ، چۈنكى ئەتىگەن پاك پاكىزە تازىلاپ قويولغان ياتاق ئىچى خۇددى بىر كىم قەستەن كېلىپ بىر چىلەك سۇنى تۆكىۋەتكەندەك سۇ بولوپ كەتكەن بولوپ سۇنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە تال قىزىل يىپ لەيلەپ يۈرەتتى .
    -ئەتىگەن ياتاقنى تازىلىغانتۇق رەفىنە ، نىمە ئىش بۇ ؟
    -شۇنى دىگىنە .
     -تۇربىدىن سۇ چىقىپ كەتتىمۇ يا ؟
     ئۇلار شۇنداق دىيىشكىنىچە ھاجەتخانىغا كىرىشتى ، تۇربا مەھكەم ئېتىك . قىزلار ھەيران بولغان ھالدا بىر-بىرىگە قاراشتى .
     -بەلكىم بىرەر يەردىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ ، بىز چىقىپ دەرۋازىۋەنگە ئىنكاس قىلىپ قويايلى .
    -بولىدۇ ، يۈرە.
    ئىككىيلەن ياتاقلىرىدىن چىقىپ دەرۋازىۋەننىڭ قېشىغا يۈرۈپ كەتتى ، دەرۋازىۋەن قىزلارنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىيلەنگە سىرلىق ھالدا قارىۋىتىپ بىشىنى چايقىغىنىچە دەپتىرىگە :‹616-نومورلوق ياتاق› دەپ يېزىپ قويدى .

    ئىككىنچى كۈنى

    بىر كۈنلۈك ئۈگىنىشتىن ھېرىپ چارچىغان قىزلار ياتاققا قايتىپ كېلىپ كۈندىلىك مەشغۇلاتى بولغان ‹ناماز›نى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن كارىۋاتلىرىغا چىقتىدە بىر-بىرىگە  گەپ قىلىشمۇ خوشياقماي يېتىپ قېلىشتى .
   -پەزىلىيە
    قۇلاق تۈۋىدىلا شىۋىرلىغان ئاۋازدىن پەزىلىيە تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كەتتى ، ‹بۇ كېچىدە رەفىنە نىمىگە چاقىرىدىغاندۇ؟›دەپ ئويلىغان پەزىلىيە رەفىنەگە قارىدى ، لېكىن رەفىنە غەرق ئۇيقۇدا ئىدى ، بۇ ئىشتىن ئەجەبلەنگەن پەزىلىيە قايتا ياتماقچى بولغىنىدا دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرىدا كارىۋىتىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئۆزىگە سول يېنىنى قىلىپ ئۆرە تۇرغان ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان ، ئېگىز گەۋدىنى ئوچوق كۆردى ، كۆردىيۇ كۆزىگە ئىشەنمەي ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىماقچى بولدى ، دەل شۇ پەيتتە ئېگىز گەۋدە ئاستا يېنىغا ئۆرۈلدى ، غۇۋا ئاي نۇرىداپەزىلىيەنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيۈپ كەتكەن بىر ۋەھشى چىراي نامايەن بولدى ، گەۋدە يىقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى ، ‹ئاپام !›قورقوپ كەتكەن پەزىلىيە ئاغزىنى تۇتىۋالدى ۋە دەررۇلا كارىۋىتىنىڭ بىشىدا تۇرغان چىراقنى ياندۇردى ، ھېچنىمە يوق . ئەتراپ جىمجىت ، ياتاق ئىچى بايىقى ۋەقەلەردىن خەۋەرسىزدەك ئېغىر سۈكۈتتە .
    قورقونچتىن يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغان پەزىلىيە چىراقنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئۇخلاشقا پېتىنالمىدى ، ‹چۈش كۈردۈممۇيا›دەپ ئۆزىنى چىمداپمۇ ئۈلگۈردى ، ئەپسۇس ، مەڭزى ئاغرىدى ، دىمەك بۇ چۈش ئەمەس .
   -ئاللا ، بۇ نىمە ئىش بولوپ كەتتى ئەمدى ، كۆزۈمگە راست كۆرۈندىمۇ ياكى كۆزۈم تورلىشىپ قالدىمۇ ، ئەمما ئىسمىمنى بىر كىمنىڭ چاقىرغىنى ئېنىق ، قانداق ئىش بولوپ كەتتى ، كەلگىنمىزگە ئۈچ كۈن بولار بولمايلا بۇنداق ئىشلار بولوشقا باشلىدىغۇ ئەمدى .رەفىنەگە دەيمۇ دىمەيمۇ ، ھەي ئەڭ ياخشىسى دېمەي ، ئۇ مەندەكلا قورقونچاق ، ئۆزۈمنىڭ قورققىنىممۇ يېتىپ ئاشار ، بۇ قورقونچقا باشقىلارنى شېرىك قىلماي .-   پەزىلىيە شۇنداق ئويلىغىنىچە سائىتىگە قارىدى ، سائەت 12-59مىنۇت  ،  ئۇ كۆڭلىدە ئاللاھنى زىكرى قىلىپ ‹ئايتەل كۇرسى›نى ئوقوپ ئەتراپىغا بىر قانچىنى ھۈرگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولغاندەك بولوپ چىراقنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاپ قالدى .

    ئۈچىنچى كۈنى

    -پەزىلىيە ، نىمە بولدى ، نىمانداق ۋارقىرايسەن ؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ساڭا؟
    ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن رەفىنە ھاجەتخانىدىن بېشىنى چىقىرىپ پەزىلىيەگە ئېيتتى .
    -نىمە دەيدىغانسەن ؟ كىم ۋارقىراپتۇ ؟ تېلىفۇنۇمغا قاراپلا ئولتۇردۇمغۇ؟
    -راست ۋارقىرىمىدىڭما ؟
    -ۋاي راست دىدىمغۇ ، قەسەم ئىچكۈزەمسەن ئەمدى .
    -ئەمىسە كىم ئۇ ۋارقىرىغان ؟
    -نەدە ۋارقىرىدى ؟ نىمىلەرنى دەيدىغانسەن ؟ بەزىدە سەندىن بەك ئەنسىرەپ قالىمەن جۇمۇ .-پەزىلىيە كۈلگىنىچە بېرىپ رەفىنەنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ قويوپ :-بولمىسا قىزىماپسەن .-دەپ قوشوپ قويدى .
   -ساڭا چاقچاق قىلمىدىم ، ھاجەتخانىدا يۈزۈمنى يۇيۇۋاتسام بىرەيلەن ئىشىك ئالدىدىلا ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ كەتتى ، مەن تېخى سىاڭا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ يۈگرەپ چىقىپتىمەن .
    -ۋاي نىمە دەيدىغانسەن ؟
    -راست ، ياتاقتا ، مانا ئىشىك تۈۋىدىلا .
    -ئاللا ، بىرەرسىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ياتاقتا ۋارقىرىغان بولسا بىزگە شۇنداق ئاڭلاندىمۇ يا ،.
    -بۇ نەدىمۇ مۇمكىن بولسۇن ، ئېسىڭدىمۇ ، بىز كەلگەن تۇنجى كۈنى ساناتورىيە باشلىقى ‹ياتاقلارنىڭ تېمى ئاۋاز ئۆتكۈزمەس تام›دىگەن ئىدىغۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئەڭ چەتتە تۇرساق باشقىلارنىڭ ۋارقىرىشىنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىنمۇ ؟
    رەفىنەنىڭ بۇ گېپىدىن پەزىلىيەنىڭ كاللىسىغا تۈنۈگۈن ئاخشامدىكى ئىش كەلدىيۇ بوغۇزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋىتىپ رەفىنەگە:
  - ئاللاھ بار ئاداش ، ئەنسىرىمە ، ساڭا شۇنداق ئاڭلانغان ئوخشايدۇ ، ئەمدى چۈشتىن كىيىنكى دەرىسكە چىقايلى .-دىدى ، ئىككىيلەن خاتىرە دەپتىرىنى قولتوقلىغىنىچە ئىشخانىغا قاراپ ماڭدى ، بۇ چاغدا قۇلۇپلانغان ياتاقتىن ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى ، لېكىن بۇ ئاۋازنى قىزلار ئاڭلىمىدى ، چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئۇزاپ كەتكەن ، ياتاقنىڭ ئاۋاز ئۆتكۈزمەسلىك ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى ئىدى .
   
   
     داۋامى بار.
      ئاللاھ خالىسا تېز سۈرئەتتە يوللايمەن ، بىر تەرەپتىن يېزىپ بىر تەرەپتىن يوللاۋاتقانلىقىم ھەمدە ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋاقتىدا يوللاپ بولالمايۋاتىمەن ، تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن ، سەت بولدى .

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5108
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:33:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىرىنجى بوپ كۆرۈپتىمەن ،داۋامىنى تىزراق يۇللاڭ ھە

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:35:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hina يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 08:38 AM
ئادەمنى ئۇنداق قورقوتماڭچۇ ، مىنى توخوغا يەم قىلىۋەت ...

  ماقۇل  .  سىزنى توخۇ غا يەم  قىلۋەتمەيمەن  . چاققان يىزىڭە  قورقماي  . ئاياتاقنمۇ قورقماڭ .  جىن بولسا رەسمگە تارتىپلا  دوستلۇق چەمبىرىگە  يوللىڭە . راست   رەسمگە تارتقاندا ماڭىغمۇ يوللاپ قويۇڭ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99896
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:48:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم , داۋامىنى تىزرەك يوللاڭە

سىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە تەمەگەرلىك بىلەن قارىماڭ , كۆز ئالدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 11:01:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆتۆتۈك يوللاپ قويدىڭىزما؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 11:05:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى    !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99297
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2013-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 11:34:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاپا بولماي تىزرەك يوللىسىڭىز بوپتكەن بەكلا قىزقىپ قالدىم

مىنىڭ تومرۇمنى تۇتما،بەك تۇتقۇڭ كەلسە بىرىپ ئاناڭنىڭ پۇتىنى تۇت ساۋاپ ئالىسەن

ئىتقاد بارچە بار

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10980
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2610 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 12:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتمەك

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9557
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 01:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ، ئاللا ... دەرۋازىۋەن ئۇ ياتاقنىڭ تەكشى ئەمەسلىگىنى بىلگەندىن كىيىن  ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۇ قىزلارغا ئۇ ياتاقنى ئېچىپ بەرمىگەن بولسچۇ... داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم.

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش