مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hina

616-نومورلوق ياتاق‹ۋەھىمىلىك ھېكايە›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1492 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hushwah يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 12:22 AM
مەنمۇ بىرنى يازايمىكى  بۇ قورقۇنۇشلۇق  ھىكايىدىن بىرىن ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم.ئۇنداق زىرىكىپ كەتمىسىلەتېمائىنكاسلىرىنى ئىزقوغلاپ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بىزدەك ئەزالارنىمۇئويلاپ قويسىلادەيمەن....

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەركىن مەھبۇس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94118
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 10:39 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.ئۇنداق زىرىكىپ كەتمىسىلەتېمائىنك ...

ھازىر دەپتەرلىرىمگە يىزىۋاتىمەن ،  ئەسلى تورغا  بولۇپمۇ بۇ مىسرانىمغا يوللىماي دىگەن ئىدىم ، سىلىنىڭ يۈزۈڭلىنى دەپ بولسىمۇ  يوللاي .   بىلمىدىم مىسرانىم باشقۇرغىچىلار كوللىگىيىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۈتەمدۇ يوق بىلمەيمەن ،....

كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە !  بىركۈنلەر كىلىىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم   بىر  بۇلىدۇ           
باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەرگەنلەر ، ئاۋال ئۈزىڭىزدىن مەن قانداق دەپ سۇراڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 08:30:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marhaba77 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 05:10 PM
ئەڭ ئاخىرىدا ئاڭلاندى دىمەي ،بىرى ئىچىنىشلىق ۋارقىرىد ...

توغرا دەيسىز قېرىندىشىم ، مەن بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماپتىمەن ، ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت .

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 10:15:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    تۆتىنچى كۈنى
    چۈشتە تاماقنى سەل كۆپرەك يەۋالغان رەفىنە ئۈگىنىشتىن چىقىپلا ئۇددۇل ياتاققا قايتىپ كىردى ۋە ناماز ئۆتەشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى .
    -ئەھھە-
    ھاجەتخانا تەرەپتىن ئاڭلانغان گېلىنى قىرغان ئاۋاز ئىجتىھات بىلەن ناماز ئۆتەۋاتقان رەفىنەنى چۆچىتىۋەتتى ، رەفىنە نامازنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ قالدى :
    -توۋۋا ، بىزنىڭ ياتاق كارىدورنىڭ چېتىدىرەك ، بۇ ياققا ئادەممۇ كەلمەيدۇ ، ساۋاقداشلار بولسا تېخى قايتىپ كەلمىدى ، كىم گېلىنى قىرغاندۇ ؟ ئەجەبىلىنەرلىك ئىشقۇ بۇ ؟!
    ئۇ شۇنداق ئويلىغىنىچە پەزىلىيەگە تىلىفون ئۇرماقچى بولوپ كارىۋاتقا تاشلاپ قويولغان تېلىفۇنىنى قولىغا ئالدى .
     -ئەھھە
     يەنە شۇ ئاۋاز ، رەفىنە يۈگرۈپ زالغا چىقتى ، كەڭ كەتكەن جىمجىت زال ، گىرىمسەن قاراڭغۇلۇقتا سەل سۈر باسقان رەفىنە ياتاققا قايتىپ كىرىپ پەزىلىيەگە تېلىفون ئۇردى .
     -نېمە دەيدىغانسەن ؟-پەزىلىيە رەفىنەدىن بولغان ئىشنى ئاڭلاپ سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ۋە رەفىنەگە :
     -رەفىنە ، مەن ساڭا دىسەم بۇ ياتاق سەل تەكشى ئەمەسكەن ، مەن گۇمانلىنىپ قالدىم -دەپ ئالدىنقى كۈنى كەچتە كېچىدە كۆرگەن ئادەم توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى ، پەزىلىيەنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغان رەفىنە پەزىلىيەدىن :
    -ئاداش ، سەن ئۇ كۈنى كەچتە سائەت نەچچە بولغانلىقىنى بىلەمسەن ؟-دەپ سورىدى .
    -سائەتكە قارىسام سائەت12دىن 59مىنۇت ئۆتۈپتىكەن ، نىمە بولدى ؟-دەپ ھەيران قالغان ھالدا جاۋاب بەردى پەزىلىيە ۋە قوشوپ قويدى :-ئەجەب بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ ؟
     - شۇ كېچىسى ، مەن قارا باسقاندەك بولوپ چۆچۆپ ئويغىنىپ كەتتىم ۋە ئاللاھنىڭ مىنى قورقونۇچلۇق چۈشتىن ئويغىتىپ قويغىنىغا شۈكرى ئېيتقىنىمچە سول تەرىپىمگە ئۆرۈلسەم كارىۋىتىمنىڭ بېشىدا ئېگىز بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ ، مەن يەنە قارا باسقان ئوخشايدۇ دەپ كۆزۈمنى بىر يۇمۇپ ئاچسام ھېچنىمە يوق ، شۇنىڭ بىلەن سەل قورقوپ تىلفونومنى ئېلىپ سائىتىگە قارىسام سائەت 1دىن 36مىنۇت ئۆتۈپتۇ ، ساڭا قارىسام ئۇخلاۋىتىپسەن ، شۇنىڭ بىلەن مەن چۈش كۆرگەن ئوخشايمەن دەپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، ئەتىسى بۇ ئىش ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ، ئەمدى سېنىڭ دىگىنىڭگە قارىسام مەن چۈش كۆرمەپتىمەن ، بىر كىچىدە ئىككىلىمىزنىڭ كۆزىگە ئايرىم ئايرىم كۆرۈنۈپتۇ ، ئۇف ، ئەمدى قانداق قىلارمىز ئاداش ؟
    -مېنىڭچە بىز چارچاپ قالغانلىقتىن كۆزىمىزگە شۇنداق كۆرۈندىمىكىن دەپ ئويلايمەن ، ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ قورقوشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئاللاھ بار ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلىغاندا كىچىك ئىشىك تەرەپتىكى كىچىك چىراغنى ياندۇرۇپ قويوپ ئۇخلايلى ، قانداق ، قوشۇلامسەن ؟
    - ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭ ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ، قالغىنىغا ئاللاھ بار .
    پەزىلىيە بىلەن رەفىنە بىر بىرىگە شۇنداق دەپ تەسەللى بېرىشكىىنىچە كۈندىلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن بالدۇرلا يېتىپ قېلىشتى .

      بەشىنچى كۈنى
      
     تۈنۈگۈنكىنىڭ ئەكسىچە رەفىنە تاللا بازىرىغا كەتكەنلىك سەۋەبى بىلەن پەزىلىيە يالغۇز ھالدا ياتاققا قايتىپ كەلدى  ۋە ناماز ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئىشكاپ ئىچىنى رەتلەپ قويوش ئۈچۈن ئىشكاپىنى ئاچتى .
    -تاك تاك تاك تاك تاك
    تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئىشىك چېكىپ قالدى .
    پەزىلىيە كىيىملىرىنى كارىۋاتقا قويغاچ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ‹كىرىڭ›دەپ توۋلىدى ، ئىشىك چەككۈچى تەكلىپنى ئاڭلىمىدىمۇ يەنىلا رېتىملىق ئالدا ئىشىك چەكمەكتە ئىدى .
    -تاك تاك تاك تاك تاك تاك تاك تاك تاك
  ‹ كىرىڭ دىگەندىن كىيىن كىرىۋەرسە بولمامدۇ ›پەزىلىيە شۇنداق دەپ سۆزلىگىنىچە بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى ، ئاچتىيۇ ھەيران بولوپ تۇرۇپلا قالدى ، چۈنكى ئىشىك تۈۋىدە ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ، ئۇزۇن كەرەشنىۋاي رەڭلىك يامغۇرلۇق چاپىنى كىيىۋالغان تەخمىنەن 35ياشلار چامىسىدىكى يوچون بىر ئەر چاپانلىرىدىن چىپ-چىپ سۇ ئاققۇزغىنىچە  ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .
    -ياخشىمۇسىز ، كىمنى ئىزدەيسىز ؟-پەزىلىيە ئەجەبلىنىپ ئۇنىڭدىن سورىدى ۋە ئىشىكنى بالدۇرلا ئېچىپ سالغىنىغا پۇشايمانمۇ قىلىپ ئۈلگۈردى ، چۈنكى بۇ بىناغا ئەزەلدىن يوچون كىشىلەر كىرگۈزۈلمەيتتى ، كىرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ 6-قەۋىتىگە چىقمايتتى ، چۈنكى ساناتورىيە باشلىقى بۇ ئوقوغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ساناتورىيەنىڭ 6-قەۋىتىنى مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن ئاجرىتىپ بەرگەن ، تۇرىۋاتقان ياشانغانلارنى بولسا 4-قەۋەتكە يۆتكىگەن ئىدى .
     -كەچۈرۈڭ ، خاتا كىرىپ قاپتىمەن -يوچون ئەر شۇنداق دىگىنىچە كارىدورنىڭ سول تەرىپىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى ، باياتىندىن بېرى ئۇنىڭ سۇ ئېقىۋاتقان چاپىنىغائەجەبلەنگەن پەزىلىيە ئەمدى تېخىمۇ  ھەيران بولدى ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلىشىچە كارىدورنىڭ سول تەرىپىدە پەلەمپەي يوق ئىدى .
     پەزىلىيەنىڭ خىياللىرىنىڭ ئايىقى چىقماي تۇرۇپلا رەفىنە ياتاققا قايتىپ كىردى .
     -يامغۇر بەك قاتتىڭ يېغىۋاتامدۇ رەفىنە ، پەقەت ھۆل بولماپسەن ، قانداق قىلدىڭ؟-پەزىلىيە رەفىنەنىڭ ئۈستى بىشىدىن ھەيران قالغان ھالدا سورىدى ، چۈنكى رەفىنەنىڭ ئۈستى بىشى قۇپقۇرۇق ئىدى .
     -سەنزە ، پۈتۈن پەردىلەرنى چۈمكەپ تارتىۋىتىپ سىرتتا نىمە ئىش بولغىنىنىمۇ بىلمەي ئولتۇرۇپسەندە ، نەدە يامغۇر ياغىدۇ ، ھاۋا شۇنداق ياخشى ، قارا-رەفىنە شۇنداق دىگىنىچە تارتىپ قويولغان پەردىلەرنى ئېچىۋەتتى ، ھەيران قالارلىق ئىش ، سىرتتا يامغۇردىن ئەسەرمۇ يوق ، كەچنىڭ ئارامبەخىش شامىلى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى .
     ئەمدىلىكتە پەزىلىيەنىڭ ھەيرانلىقى چېكىگە يەتتى ‹بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ، سىرتتا يامغۇر ياغمىغان بولسا بايىقى ئەرنىڭ كىيىمى نىمە ئۈچۈن ھۆل ، يەنە كېلىپ توختىماي سۇ ئاقىدۇ ؟›
    -رەفىنە ، بۇ ياققا كىلە ساڭا بىر گەپنى ئېيتاي .
    -قېنى ئېيتىۋەرگىن .
     -سىرتتا يامغۇر ياغمىدى شۇنداقمۇ ؟
    -قانچە قېتىم دەيمەن شۇنداق دەپ ، ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭغۇ ئەنە -رەفىنە تۇمشۇقى بىلەن دىرىزىنى ئىمالاپ قويدى .
    -يامغۇر ياغمىغان بولسا بايىقى ئادەمنىڭ ئۈستى بېشى نىمانچە ھۆل ؟ يەنە كېلىپ ئۇچىسىغا يامغۇرلۇق چاپان كىيىۋاپتۇ .
    -قايسى ئادەمنى دەيسەن ؟ نىمانداق باش ئۇچى يوق گەپ قىلىسەن ، ئېنىقراق گەپ قىلغىنچۇ .
     پەزىلىيە بايىلا بولوپ ئۆتكەن ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى .
     رەفىنە قوشومىلىرىنى تۈرۈپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن :
     - ئۇ ئادەمنى كارىدورنىڭ سول تەرىپىگە كەتتى دېدىڭمۇ ؟-دەپ سورىدى .
     -شۇنداق
     -قايتا بۇ تەرەپكە ئۆتتىمۇ ؟
     -ياق
     -پەزىلىيە ، ساڭا كۆرۈنگىنى ئادەم ئەمەسكەن .
     - نىمە دەيدىغانسەن ؟
     -راست ، بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب ، سەن ئۇ ئادەم يامغۇرلۇق چاپان كىيىۋاپتۇ ، خۇددى يامغۇردا قالغاندەك ھۆل بولوپ كىتىپتۇ دېدىڭ  ، لېكىن سىرتتا يامغۇر ياغمىغان ، ئۇئادەمنى كارىدورنىڭ سول تەرىپىگە كەتتى قايتا بۇياققا ئۆتمىدى دىدىڭ ، لېكىن ساڭا دىسەم كارىدورنىڭ سول تەرىپىدە پەلەمپەي تۇرماق ھەتتا ئارتىلىپ چۈشۈپ كەتكۈدەك دېرىزىمۇ يوق ، بۇنى مەن ئىككى كۈن ئاۋال تىلىفون ئويناپ كېتىۋىتىپ ئوڭ تەرەپكە ماڭدىم دەپ سول تەرەپكە مېڭىپ قالغان چېغىمدە بىلگەن ئىدىم .
     رەفىنەنىڭ بايانىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن پەزىلىيە تاقەت قىلالماي قالغان پەزىلىيە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا :
     -رەفىنە ئەمدى قانداق قىلارمىز ؟-دەپ ۋارقىرىۋەتتى .
     - مېنىڭچە بۇ ئىشنى مەسئۇل رەھبەرگە ئېيتايلى ، بىزنى باشقا ياتاققا ئورونلاشتۇرسۇن ،سېنىڭچىچۇ؟-رەفىنە پەزىلىيەدىن سورىدى .
     قاتتىق قورقونچتىن ئەسەبلىرى چىڭقىلىپ كەتكەن پەزىلىيە بېشىنى تۇتقىنىچە كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپلا قالدى ۋە بىر ئاز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن رەفىنەگە قاراپ:
    -بۇنىڭ پايدىسى يوق ، بۇلارنىڭ ئۇنداق ئىشلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىسەن ، ئەگەر بولغان ئەھۋالنى ئېيتساڭ بىزنى ساراڭ بولوپ قاپتۇ دىيىشى مۇمكىن ، ھازىر كەچ كىرىپ كەتتى ، ئەتە شەنبە ، ئەتە ئاللاھ خالىسا بىزدىن چوڭ ساۋاقداش ئاكىلىرىمىزغا بولغان ئەھۋاللارنى ئىيتايلى ، ئاندىن شۇلارنىڭ گېپىچە بىر ئىش قىلارمىز ، قانداق؟
    - بولىدۇ ، شۇنداق بولسۇن ، لېكىن بۈگۈن كېچە قانداق قىلارمىز ؟
    - پۈتۈن چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلايلى .
    قىزلار قورقونچ ئىلكىدە يېتىپ پاراڭلاشقىنىچە قاچانلاردا ئۇخلاپ قېلىشقىنىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى .  



      داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ ، ئاللاھ خالىسا تېزلىكتە يوللايمەن ، تورداشلارنى ساقلىتىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزرىلىكمەن .

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9699
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 10:18:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىشنى كۈرۈڭ مەن ھازىر دەل 616-نۇمۇرلۇق ياتاقتا يېتىۋاتىمەن ،ئىككى  يىلدىن ئاشتى،يەنە ئىككى يىل ياتىمەن تىخى،

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10429
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10296 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 11:13:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايىغىنى يوللىغىلى چۇلىسى تەگمىگەن ئوخشايدۇ

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2060 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 11:29:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turklan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 10:18 AM
ما ئىشنى كۈرۈڭ مەن ھازىر دەل 616-نۇمۇرلۇق ياتاقتا يېتىۋا ...

ئادەمنى قورقۇتماڭە ئۇكام.........دىگەن بىلەن بەكلا دىققەت قىلىڭ جۇما...
كېچىسى يالغۇز قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ،ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىلغۇ مەيلى
ئەمدى ما ھىكايىنى ئوقۇدۇڭىزما ئەھۋال باشقىچە بولۇپ قالمىسۇن....
خۇدايىم ساقلار ....سۈف...سۈف

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 01:22:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turklan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 10:18 AM
ما ئىشنى كۈرۈڭ مەن ھازىر دەل 616-نۇمۇرلۇق ياتاقتا يېتىۋا ...

راست دىققەت قىلىڭ جىمۇ،بولمىسا سىزمۇ ئەتىلەتىن مىسرانىمغا مەكتىۋىمدىكى 616-نومۇرلۇق ياتاق دىگەن ئەسەرنى روياپقا چىقارماڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9699
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 02:39:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 01:22 PM
راست دىققەت قىلىڭ جىمۇ،بولمىسا سىزمۇ ئەتىلەتىن مىسرا ...


ياق  ئۇنى  ئەمەس   بىر قەھرىماننىڭ ھىكايىسىنى  چىقىرىمەن .ئۇ  پات ئارىدا  روياپقا   چىقىدۇ   . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-27 02:40 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35424
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4888
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3093 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 02:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما مۇنبەردىكى ئاپتۇرلار مومكىن بولسا تىزراق \ يوللاپ بەرسەڭلار قانداق،ئادەمنى تەقەززا قىلىپ بىر نڭ ئوقۇپ يەنە بىرى چىققان ئىككى ھىكايدىكى پىرسۇناژلارنى ئارلاشتۇرۇپ قويغان،يازغان نەرسەڭلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن بىزمۇ شۇنداق تەقەززە بوپ كەتتۇق دەيمەن.......................

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ قممەتلك  نەرسە ھاياتتۇر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش