مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hina

616-نومورلوق ياتاق‹ۋەھىمىلىك ھېكايە›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99425
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-10
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ . ئاخىرنى ئالدىرماي يىزىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     شۇ جىدەل ئۆتۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر كۈنى كەچلىكى لاۋلى كۈندىلىك ئادىتى بويىچە قولىغا قول چىراق ئېلىپ قەۋەتمۇ قەۋەت تەكشۈرۈشكە باشلىدى ، تەكشۈرۈپ6-قەۋەتكە چىققاندا 616-نومورلوق ياتاقنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ ياتاق ئىچىگە كىردى ، ياتاقتا لاۋۋۇ ئۆزى يالغۇز ھالدا تېلىۋىزۇر كۆرۈپ ياتاتتى .
     لاۋلىنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرگەن لاۋۋۇ خوشال ھالدا لاۋلىنى ئولتوروشقا تەكلىپ قىلدى :
      -كېلىڭ لاۋلى ، كېلىڭ  ئولتۇرۇڭ .
      -بۈگۈن يالغۇز قاپسىزغۇ ؟ لاۋتاڭ يوقمۇ؟-كېلىپ كارىۋاتنىڭ بۈرجىكىدە ئولتۇرغان لاۋلى  ياندىكى كارىۋاتنى ئىما قىلىپ سورىدى .
      -ھەي نېمىسىنى دەيسىز ، لاۋتاڭنىڭ بالىلىرى تولىمۇ كۆيۈمچان ئىكەن ، بايا كېلىپ بىر مۇنچە سۆزلەپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ، كۈندۈزى ھەممەيلەن خىزمەتتە بولغاندىن كېيىن دادىسىغا قارىيالماسمىش ، كېچىسى بولسىمۇ قارىماقچىكەنمىش ، ئۇلارنىڭ بۇگىپىنى ئاڭلاپ مېنىڭ بالىلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ كەتتى. -بوۋاي بۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقاندا ئاۋازلىرى تىترەپ كۆز چاناقلىرى پارقىراپ كەتتى .
     بوۋايغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولغان لاۋلى ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى ۋە لاۋۋۇدىن :
     -لاۋۋۇ ، ھەمرايىڭىز تۈگەپ كەتكەنما ؟-دەپ سورىدى .
     -ھەي........شۇ ھەمراھنىڭ يوقلىقىدىن مۇشۇ كۈنلەرگە قالدىم ، كىچىك چېغىمدا ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا  مەن قىرىق ياشقا كىرگەندە ئاران ئۆيلىنەلىدىم ، تويدىن كېيىن تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلىدىم ، ئايالىم تولىمۇ مېھرىبان ئايال ئىدى ، گەرچە نامراتراق بولساقمۇ ئۇ ھېچنىمىدىن ئاغرىنمايتتى ، بىز كەينى كەينىدىن ئىككى پەرزەنتلىك بولدۇق ، بۇچاغدا بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولدى ، شۇنداق بەختلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايالىم ئۇشتۇمتۇت يۈرەك كېسلى قوزغالغانلىق سەۋەبى بىلەن بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى ، ئۇ چاغدا چوڭ ئوغلوم 8ياش ، كىچىكى 5ياش ئىدى ، ئايالىم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن مەن بالىلار ئۈچۈن قايتا ئۆيلەنمىدىم ، ئەكسىنچە بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويون قىستۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلىدىم ، تىرىشقانلىقىمنىڭ نەتىجىسىدە ، بىر نەرسەم ئىككى ، ئىككى نەرسەم ئۈچ بولدى ، بارا بارا ئىگىلىكىم زورايدى ، شۇ شىركەتنىمۇ قوردۇم ، ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس ، بالىلار ئۈچۈن تاپقان شۇ بايلىقنىڭ ، بالىلار ئۈچۈن قۇرغان شۇ شىركەتنىڭ بۈگۈنكىدەك سوروقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ئۇنچىۋالا بايلىقنى تېپىپ نىمىمۇ قىلار ئىدىم ، لېكىن ئادەم بىشىغا كېلىدىغان كۈنلەرنى ئالدىنئالا بىلىشكە ئامالسىز ئىكەن ، مانا بۈگۈنگە كەلگەندە تاپقان شۇ بايلىقلىرىمنىڭ دەردىنى تارتىپ ئولتۇرۇپتىمەن . چوڭ ئوغلوم مەخسۇس سودا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ،ھەم نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شىركەتتە ماڭا ھەمنەپەس بولوپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولغاچقا مەن كۆڭلۈمدە شىركەتنى چوڭ ئوغلومنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرسام خاتىرجەم بولغۇدەكمەن دەپ  پۈتۈن ھوقوقنى چوڭ ئوغلومغا تاپشۇرغانىدىم ، لېكىن ....كىچىك ئوغلوم بۇنىڭغا قوشولمايدىكەن ، ئۇنىڭچە بولسا شىركەتنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشىم كىرەككەن ، كىچىك ئوغلومنى بىكار لاغايلاپ يۈرمىسۇن دەپ شىركەتكە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدىم  ، ئۇ گەرچە شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ مەن كىچىكىدىن تارتىپ ئەتىۋارلاپ باققاچقا سەل ئاقنانچىراق چوڭ بولوپ قالغان بولوپ قولىدىن چوڭ ئىش كەلمەيتتى ، شۇ سەۋەب شىركەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسام خاتىرجەم بولالمايتتىم ، مەن كۆڭلۈمدە ئۇلار ئاكا ئۇكا بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كىتەلەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن كىچىك ئوغلوم بەك يولسىزلىق قىلىپ تۇرىۋالدى ، ئۇنىڭغا مېنىڭمۇ ئامالىم بولماي قالدى ، ئامال بولمىغاندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋالدىم ، ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز بۇ يەرگە كەلسەممۇ ئارامچىلىق يوق ، كېلىپ خاپا قىلغىنى قىلغان ، بەزىدە بالدۇرراق بۇ دۇنيادىن كېتىشنىمۇ ئويلاپ قالىمەن ، بالا دىگەننىڭ كۆيۈمى بولمىسا بىكاركەن .-لاۋۋۇ گىپىنىڭ ئايىغى تۈگەر تۈگىمەيلا ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ يوچون بىرەيلەن ئۈسۈپلا كىردى ۋە ياتاقتا لاۋلىنى كۆرۈپ قىزغىن ئەھۋال سورىدى ، كىرگەن كىشىنى كۆرۈپ كارىۋاتتا ياستۇققا يۆلىنىپ ، مۇڭلىنىپ ياتقان لاۋۋۇ خۇددى يوقىتىپ قويغان بىر نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك بولوپ ھاياجانلانغان ھالدا:
   -كەل بالام كەل ، بۇ كەچتە كېلىپ قاپسەنغۇ ؟-دەپ سورىدى.
    لاۋۋۇنىڭ بۆلەكچە خوش بولوشىدىن ھەم ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ‹بالام›دىيىشىدىن لاۋلى كىرىپ كەلگەن بۇ كىشىنىڭ لاۋۋۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈردى .
    -ئەمىسە مەن چىقاي لاۋۋۇ ، ياخشى ئارام ئېلىڭ .-لاۋلى شۇنداق دىگىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى ، ۋە لاۋۋۇنىڭ ئۆزىگە قاراشقا ھەپسىلىسىمۇ يوق ھالدا ئوغلى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئىچىدە:‹ھەي ، بۇ بوۋايغىمۇ تەسكەن ، يەنىلا مەندەك ئاددى ئادەم بولسا ياخشىمۇ نىمە ؟!›دەپ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۆز تۇرمۇشىدىن قانائەت ھېس قېلغاندەك بولوپ كېچىنىڭ ھاۋاسىدىن قېنىپ سۈمۈردى ۋە ئۆزىنىڭ كىچىككىنە خانىسىگە كىرىپ كەتتى .
   

      ئاخىرىنى داۋاملىق يېزىۋاتىمەن ، بۈگۈن يۇقىرىدىن باشقىچە ئورونلاشتۇرۇش بولمىسىلا داۋامىنى يوللايمەن، ساقلىتىپ قويدۇم سەت بولدى .
      

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئۈچ كۈندىن كېيىن
     -لاۋتاڭ ، بۈگۈن ئۆيگە قايتمامسىز ؟-لاۋۋۇ كىچە سائەت 9دىن ئاشقان بولسىمۇ تېخىچە ئۆيىگە قايتمىغان لاۋتاڭدىن ئەجەبلىنىپ سورىدى .
      -ياق ، بالىلارنىڭ بۈگۈن زىياپىتى باركەن ، زىياپەتتىن يېنىپ يەنە بىر يەرگە بارىمىز دەمدۇ ئەيتاۋۇر ، مىنىمۇ بىللە بارغىن دېگەن ئىدى ، ياشلارنىڭ ئارىسىدا ماڭا نىمە بار دەپ ئۇنىمىدىم ، يالغۇز ئۆيدە ئولتورغاندىن بۇ يەردە سىز بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرسام ياخشى ئەمەسمۇ ، شۇڭا بۈگۈن ئۆيگە كەتمەيمەن .-ئورون-كۆرپىلىرىنى قىقىشتۇرىۋاتقان 70ياشلاردىن ھالقىغان ، ئوروق ، ۋىجىك كەلگەن لاۋتاڭ ئىسىملىك بوۋاي لاۋۋۇغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بۇسۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى .
     بۈگۈن بولسىمۇ يالغۇز ياتمايدىغانلىقىدىن خوشال بولغان لاۋۋۇ لاۋتاڭنىڭ ھاجەتخانىدىن چىقىشىنى ساقلاپ كارىۋىتىدا ئولتۇردى .
      ئىككىيلەن جاھاننىڭ گېپىنى قىلىشىپ پۈتۈن ئىشلارنى بىرەر قۇر تاسقاپ بولغاندىن كېيىن تىلىۋۇزۇرنى ئۆچۈردىدە ئۇيقۇغا كېتىشتى .
      تۈن كېچە ، كېچە سائەت12ئاشقان چاغ ، سىرتتا يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقان. لاۋتاڭ كىمدۇر بىرىنىڭ ياتاق ئىچىدە شىپىلداپ ماڭغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى ۋە چۆچۆپ كۆزىنى ئاچتى ، دەرۋەقە لاۋۋۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ بىشىدا ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان بىر ئېگىز گەۋدە ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇخلاۋاتقان لاۋۋۇغا قاراپ تۇراتتى ، قاراڭغۇدا ئۇ گەۋدىنىڭ كىم ئىكەنلىكنى پەرق قىلالمىغان لاۋتاڭ كارىۋات بېشىدىكى چىراقنى ياندۇرماقچى بولوپ تۇرىۋاتقىنىدا سىرتتا  چاقماق چېقىپ ئۇ گەۋدىنىڭ پۈتكۈل چىراينى نامايان قىلدى .
‹ بۇ لاۋۋۇنىڭ تولا كېلىپ جىدەل چىقىرىدىغان ھېلىقى ئوغلىغۇ ؟! بۇ كېچىدە نېمىگە كەلدىكىنە .›لاۋتاڭنىڭ خىياللىرىنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپلا لاۋۋۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى لاۋتاڭنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى .
    لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلى يانچۇقىغا ئاستا قولىنى سالدى ۋە نىمىنىدۇر چىقاردى ، لاۋتاڭ جىممىدە ياتقان ھالدا ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزەتمەكتە ئىدى ، كىچىك ئوغول يانچۇقىدىن چىقارغان نەرسىنى لاۋۋۇنىڭ گېلىغا ئاپاردى ، يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك چاقماق چېقىلدى ، بۇ قېتىملىق چاقماق يوروغىدا لاۋتاڭ لاۋۋۇنىڭ گېلىغا ئاپىرىلغان نەرسىنىڭ بىر دانە ئۇزۇن قىزىل رەڭلىك يىپ ئىكەنلىكنى ئوچوق كۆردى .
    ‹لاۋۋۇنىڭ بۇ ئوغلى ، دادىسىنى ئۆلتۈرمەكچى ئەمەستۇ ، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىشنى قىلماس.›لاۋۋۇ شۇ دەقىقىدە ئويلىغان خىيالىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلدى ، كىچىك ئوغول لاۋۋۇنىڭ گىلىنى قىزىل يىپتا بوغوشقا تەييەرلىنىۋاتاتتى .
   ‹قانداق قىلىش كېرەك ، مەن ھازىر ۋارقىرىسام بەلكىم ماڭىمۇ ياخشى كۈن يوق ، ۋارقىرىمىسام ئۇ بەدبەخت لاۋۋۇنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ . › لاۋتاڭ جىددىييلىشىپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى ۋە تۇيدۇرماي كارىۋىتىنىڭ بېشىدىكى قۇتقۇزۇش كۇنۇپكىسىنى كۈچەپ بىر قانچىنى باستى .
   بۇ كېچە سىستىرالار دەم ئالغان ،  دىجورنىخانىدا لاۋلى بىلەن لاۋلىنىڭ يىراققا ھەربىيلىككە كېتىپ تېخى بۈگۈن قايتىپ كەلگەن ،كېلىپلا دادىسى بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىۋالغان ئوغلى پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى ، لاۋلى قۇتقۇزۇش بەلگىسىنىڭ 616-نومورلوق ياتاقتىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نىمىنىدۇر خىيال قىلغىنىچە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ياتاققا كىردى ۋە چىراغنى ياندۇردى ، ياتاقتا ئۇزۇن كەرەشنىۋاي رەڭلىك يامغۇرلۇق چاپىنى كىيىۋالغان لاۋۋۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى قىزىل رەڭلىك يىپ بىلەن لاۋۋۇنىڭ گېلىنى بوغۇۋاتقان ، لاۋۋۇ بولسا  گېلىنى بوغۇۋاتقان قولدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان ئىدى. يوتقانغا پۈركۈنىۋالغان لاۋتاڭ بولسا قورقوپ كەتكەنلىكىدىن يوتقاندىن بېشىنىمۇ چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماي ياتقان ئىدى .
    بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن لاۋلىنىڭ ھەربىي ئوغلى ئېتىلىپ كەلگىنىچە لاۋۋۇنىڭ ئوغلىغا پەشۋا ئاتتى ، كىرىپ كەلگەن بۇ كىشىلەردىن مەڭدەپ كەتكەن لاۋۋۇنىڭ ئوغلى  تۇيۇقسىز ئېتىلغان پەشۋادىن نەچچە قەدەم نېرىغا يىقىلىپ چۈشتى ۋە ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ قاچماقچى بولدى ، بۇ چاغدا لاۋلى ئاللىبۇرۇن ساقچىغا تېلىفون قىلىۋەتكەن ئىدى .


     ئاللاھ خالىسا قالغىنىنى تېزلىكتە يوللايمەن ، ئېيتقىنىمدەك ئۈگىنىشتە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىمغا ئۆزۈم ئىگە بولالمايمەن ، شۇ سەۋەب بۇ ئەسەر كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ ، تورداشلارنىڭ شۇنداق بولسىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن ، يەنە ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم ، ئۆزرىلىكمەن .
   

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئىتقاد بارچە بار

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1021
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10949
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2597 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدا ساراڭ بۇلايلا دېدىم، ئاياجىپلا كەنسىزغۇ، تەكەللۇپ قىلىپسىزيۇ داۋامى يوق،،، قۇرۇق تەكەللەپنىڭ نىمىگە دالدىسى ... زىرىكتىم

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cubat يوللىغان ۋاقتى  2013-11-29 12:51 PM
ۋاي خۇدا ساراڭ بۇلايلا دېدىم، ئاياجىپلا كەنسىزغۇ، تەك ...

ئىملا خاتالىقى...        ‹‹ئاياجىپ›› ئەمەس ‹‹ئاجايىپ››

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cubat يوللىغان ۋاقتى  2013-11-29 12:51 PM
ۋاي خۇدا ساراڭ بۇلايلا دېدىم، ئاياجىپلا كەنسىزغۇ، تەك ...

كەچۈرۈڭ ، ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقىڭىزغا رەھمەت ، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك مەن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىغا ئۆزۈم ئىگە بولالمايمەن‹ھازىرچە ›شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى بىۋاستىلا يېزىپ يوللاۋاتىمەن ، شۇ سەۋەب قانداق چاغدا بىكار بولسام شۇنداق چاغدا ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي يوللاۋاتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ ›دېگەن گەپ بار ، بۇغداي نېنىمنى ۋاقتىدا سىلەرگە سۇنالمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇغداي سۆزۈمنى بولسىمۇ  ئايىمىدىم ، ئۆزرىلىكمەن ، ئەسەرلىرىمنى داۋاملىق ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، رەھمەت .

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81298
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3139
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى يولداشلارنىڭ ئەرۋاھى ئۇ قىزنى قۇرقۇتۇپتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99896
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cubat يوللىغان ۋاقتى  2013-11-29 12:51 PM
ۋاي خۇدا ساراڭ بۇلايلا دېدىم، ئاياجىپلا كەنسىزغۇ، تەك ...

ئىنكاس يازغۇڭىز كەلمىسە يازمايلا قويۇڭ , ئاپتورنىڭ ئىلھامىنى قاچۇرماي . باشقىلاردەك ياخشى ئىنكاسلارنى يىزىڭ . بىزمۇ ئەسەر تىزراق يولانسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ، تاتلىق سۆزلىرىڭىز بىلەن ئاپتورغا ئىلھام بىرەلمەمسىز؟ قايسىلا تىمىغا كىرسەم سىزنىڭ ئاچچىق تەنىلىرىڭىزنى كۆرۇۋاتىمەن.
مەنمۇ بەك زىرىكتىم , سۆزلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماي ياخشى ئويلىنىپ بىقىڭ .

سىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە تەمەگەرلىك بىلەن قارىماڭ , كۆز ئالدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ساناتورىيەگە يېرىم سائەتنىڭ ئىچىدە ساقچىلار يېغىپ كەتتى ، لاۋتاڭ بىلەن لاۋلىنىڭ ئوغلى ساقچىلارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرىۋاتقان شۇ پەيتتە لاۋلى لاۋۋۇغا قانداق تەسەللى بېرىشىنى بىلەلمەي ئولتۇراتتى :
    -ھەي لاۋلى ھەي لاۋلى ، مەن شۇنچە يىل بىكار ياشاپتىمەن ، بالىلىرىمدىن كېلىدىغان ۋاپا شۇنچىلىككەن ، شۇنچىگىنە مال دۇنيانى دەپ ئۆز دادىسىغا زەھەرلىك قولىنى سۇندى ، بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلسەم بولمامدۇ ؟-لاۋۋۇ شۇنداق دىگىنىچە ساقچىلارنىڭ قاماللاپ تۇتۇشىدا شۈمشەرەپ تۇرغان ئوغلىغا قاراپ غەزەپ بىلەن ئېيتتى :
    -ھەي ۋاپاسىز ئەبلەخ ، مېنى يىپتا بوغوپ ئۆلتۈرىمەن دەپ قىينالغىچە بىر پىچاقتىلا جېنىمنى ئالساڭ بولمامدۇ ، ئەمدى مەن نېمەم بار دەپ ياشايمەن ، ماڭا نېمە كۈن بۇ ؟!ھۈ ھۈ ھۈ ....-بوۋاينىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسى كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزەتتى ، ساقالسىز ، تارتقان نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلىرىنىڭ  ئىزناسى بىلىنىپ تۇرغان يول يول قوروق باسقان يۈزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقاتتى ، لاۋلى  ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي لاۋۋۇغا قوشولوپ يىغلاپ كەتتى ، بىر ئاتىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى پەرزەنتىنىڭ ساپاسىز، ۋاپاسىز بولوپ قېلىشى بولسا كېرەك ، مانا لاۋۋۇ ئاھ ئۇرۇپ ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھالدا يىغلىماقتا ، لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلى بولسا خۇددى بۇ ئىشلار ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك گۆشىيىپ تۇرماقتا.
     بۇ ۋەقە بىرەر سائەتلەردەك تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ساقچىلار لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلىنى‹قاتىللىق قىلىش مۇددىئاسى بار .›دەپ ساقچىخانىغا سوراق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى ، لاۋلى بىلەن لاۋتاڭ لاۋۋۇغا تەسەللى بېرىشكەندىن كېيىن لاۋلى ئوغلىنى ئېلىپ كۆزەت ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
    -شۇ كېچىسى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقانمىدى ؟-پەزىلىيە لاۋلىدىن سورىدى.
   -شۇنداق ، يامغۇر بەكلا قاتتىق يېغىۋاتقان كېچە ئىدى .
   -ئۇنداقتا قاتىل ئېيتقىنىڭىزدەك كەرەشنىۋاي رەڭلىك ئۇزن يامغۇرلۇق چاپىنى كىيىۋالغان شۇنداقمۇ ؟
    -ھەئە ، ئېسىمدە قېلىشىچە شۇنداق كىيىۋاپتىكەن .
    -ئەمىسە كېچىدە مېنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى ، ئىشىك چەككىنى لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئىكەندە ، ئۇ....ئۇ ئۆلۆپ كەتتىمۇ ؟-پەزىلىيە قورقومسىرىغان ھالدا لاۋلىدىن سورىدى .
    -شۇ كېچىسى مەن بىلەن ئوغلۇم كۆزەت ئۆيىگە قايتىپ كىردۇق ، ئەتىسى ئەتىگەندە لاۋۋۇدىن ئەھۋال سورايلى دەپ ياتاققا كىرسەك لاۋتاڭ لاۋۋۇنى ئويغىتالماي تۇرۇپتىكەن ، بىزمۇ كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغاندىن كېيىن ھازىر بولسىمۇ ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتماي چىقىپ كەتتۇق ، لېكىن.......-لاۋلى خۇددى بوغۇزىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بولوپ ئاۋازىنى چىقىرالماي قالدى ، پەزىلىيە بىلەن رەفىنە بىربىرىگە قارىشىپ قويوشتى .
    -لېكىن -گېپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى لاۋلى :-شۇ كېچىنىڭ بىز كۆرۈشكەن ئاخىرقى كېچە بولوپ قېلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىلەر ، بىز قايتا كىرگەندە ياتاققا دوختۇر ، سېستىرالار توشوپ كېتىپتۇ ، كېچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئىچىگە ئېلىپ كەتكەن لاۋۋۇ بارلىق دەرت-ئەلەمدىن ، جاپا -مۇشەققەتتىن ، بالىلىرى تەرىپىدىن خورلىنىشتىن بىراقلا قۇتۇلۇپ ئۇ ئالەمگە كېتىپتۇ ، لاۋتاڭ ئىككىمىز لاۋۋۇنىڭ ئۆلۈمىگە تولىمۇ قايغۇردۇق ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولغان بالىسىنى ئىچىمىزدە مىڭلاپ قارغىدۇق ، ساناتورىيە رەھبەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن لاۋۋۇنىڭ چوڭ ئوغلى كېلىپ مىيىتنى يۆتكەپ كەتتى ، چوڭ ئوغلىنىڭ شۇ ھالىتىنى كۆرگەن بولساڭلار تولىمۇ ئېچىناتتىڭلار ، بىر كېچىدىلا ئىككى يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشتەك بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى تۇرقىدىن چىقىپلا تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلارمۇ بېسىقىپ بۇجاھاندا لاۋۋۇ ئىسىملىك كىشى ياشاپ ئۆتمىگەندەك ، ئىشلار ئۆز ئورنىغا چۈشكەندەك بولدى.
        لېكىن بىر كۈنى كېچىسى شۇ ياتاقتىكى لاۋتاڭ تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ كېچىدە لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلىنى كۆرگەنلىكى ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىلگىرى لاۋۋۇ ياتقان كارىۋاتقا يېڭىدىن كىرىپ ئورونلاشقان لاۋجاڭنىڭ بېشىدا خۇددى ئۆز دادىسىنى قەستلىگەن كۈنى دادىسىنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغاندەك قاراپ تۇرغانلىقىنى ، ھەتتا بۇ ئىشنىڭ بىر قانچە كۈن داۋاملاشقانلىقىنى ئېيتتى ، بىز باشتا لاۋتاڭنى بۇ ئىشلار كاللىسىغا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدۇق ، چۈنكى لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلىى ئاللىبۇرۇن ‹قاتىللىق قىلماقچى بولوپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن .›دەپ سوت تەرىپىدىن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولوپ ، ھازىر شەھەرنىڭ چېتىگە جايلاشقان مەلوم تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى ، لېكىن  بىر قانچە كۈندىن كېيىنكى تىلىۋىزۇردا قويولغان خەۋەردىن لاۋتاڭنىڭ خاتا ئېيتمىغانلىقىنى بىلدۇق ، چۈنكى لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمە بىر قېتىملىق گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن پارتلاپ كەتكەن بولوپ ، پارتلاشتا 10نەچچە نەپەر جىنايەتچى ، 3نەپەر ساقچى قازا قىلغان ئىدى ، ساقچى تەرەپ چىقارغان سۈرەتلەردىن پارتلاپ ئۆلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچىدە لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ، دېمەك لاۋتاڭنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىنى لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ روھى ئىكەن .
    -ئەمىسە ئۇ نىمە دەپ يەنە ياتاققا كىلىپ تۇرىۋالىدۇ ؟ -پەزىلىيە بىلەن رەفىنە تەڭلا لاۋلىدىن سورىدى .
     - بىزنىڭ بىلىشىمىزچە لاۋۋۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئۆزىنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىغا ، ئۆلۈپ كېتىشىگە دادىسىنى سەۋەبچى دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن دادىسىنى قايتا ئىزدەپ كېلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولسا كېرەك .
     - دادىسىنى قىزىل رەڭلىك يىپتا بوغوپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسا ئەمىسە بىز كەلگەن  بىرىنچى كۈنىدىكى قىزىل يىپلار ۋە بۈگۈن بىزنى بوغقان قىزىل يىپلار سەۋەبسىز ئەمەس ئىكەندە ، ئەمدى چۈشەندۇق .-قىزلار بىر بىرىگە قاراپ بىشىنى لىڭشىتىپ قويوشتى .
    -كېيىنچۇ ؟ كېيىن قانداق بولدى ؟
    -شۇنىڭدىن كېيىن -دەپ ھېكايىسىنى داۋام قىلدى لاۋلى :
    -لاۋتاڭنىڭ قايتا قايتا تەلەپ قىلىپ تۇرىۋىلىشى بىلەن لاۋتاڭ بىلەن لاۋجاڭ ئىككىسى ياتاق ئالمىشىپ چىقىپ كەتتى ، كېيىن ئۇ ياتاققا قانداقلا ئادەم كىرمىسۇن كېچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن چاپان كىيگەن بىرىنى كۆرگەنلىكىنى ، ھەتتا بەزى كۈنلىرى بىرىنىڭ گىلىنى بوغقانلىقىنى ئېيتىپ ئۇ ياتاقتا ياتالمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى ، شۇنداق قىلىپ ساناتورىيە باشلىقىمۇ بۇ ئىشلاردىن خاۋاتىرلىنىپ ئۇ ياتاققا ئادەم ئورونلاشتۇرمايدىغان بولدى ، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ ساناتورىيە باشلىقى خىزمىتىنى يۆتكەپ كەتتى ۋە ئورنىغا ھازىرقى ساناتورىيە باشلىقى كەلدى ، يېڭى ساناتورىيە باشلىقىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولمىغاچقا سىلەر كەلگەندە سىلەرنى بۇ ياتاققا ئورونلاشتۇردى ، مەن ئەھۋلنى ئېيتاي دىسەم خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇم ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر يولوققان بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەردى .
    لاۋلىنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندىن كېيىن قىزلار:
       -ئەمدى قانداق قىلارمىز لاۋلى تاغا ، بىز ئۇ ياتاقتىن باشقا ياتاققا چىقىپ كەتمىسەك پەقەتلا بولمايدۇ ، لېكىن بىزنىڭ مەسئول رەھبەر بۇنداق ئىشلارغا ئىشەنمەيدۇ ، ساناتورىيە باشلىقىنى بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوق دىدىڭىز ، قانداق قىلارمىز ؟-دەپ ئۆتۈنۈش ئىلكىدە لاۋلىغا قارىدى ، لاۋلى ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن قىزلارغا مۇنداق دىدى:
    -ھەقىقەتەن بولغان ئىشنى ئۇلارغا دىسەك ئۇلار ئىشەنمەيدۇ ، ھەم مېنى خىزمىتىمدىن قوغلايدۇ ، شۇڭا بىز ياتاقتىن مەسىلە چىقتى دەپ گېپىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ ياتاق ئالماشتۇرايلى ، قانداق؟
    -ئامالى بولارمۇ ؟
    -بولىدۇ ، خاتىرجەم بولوڭلار .-لاۋلى قىزلارغا شۇنداق دېگەندىن كېيىن نىمىدۇر بىر نەرسىنى ئويلىغىنىچە مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى .

     بىر قانچە كۈندىن كېيىن
     -لاۋلى تاغىمىزنىڭ ئەجەب ئېپى باركەن ھە ، تۇربىنى  ، مونچىنى بۇزۇپلا ياتاق بىزنڭ ياتاق ئالماشتۇرغۇزۇپ قويدى .
    -شۇنى دىگىنە ، ھېلىمۇ ئاللاھقا مىڭ شۈكرى ، ئاخىرى ئۇ ياتاقتىن قۇتۇلدۇق .
    -شۇ شۇ ، ئاۋۋال ئاللاھنىڭ ئورونلاشتۇرىشى ئاندىن لاۋلى تاغىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى ، ئاللاھقا مىڭ شۈكرى .
    قىزلار كىتاب ماتىرىياللىرىنى قولتوقلىغىنىچە قىزغىن پاراڭ بىلەن بىنادىن چىقىپ كەتتى ، بۇ چاغدا ئۇلارنى كۆرگەن لاۋۋۇ قىزلارغا قاراپ قول پۇلاڭشىتىپ قويدى ۋە ئىچىدە :‹ھېلىمۇ خىلى جاپا چىكىۋالدى بۇ قىزلار ، ھەي لاۋۋۇ ھەي لاۋۋۇ ، ھەجەب سېغىندىمغۇ سىزنى ، بولغان بولسىڭىز مۇڭدىشىپ ئولتۇرار بولغىيتۇق .› دەپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى .

     ئاللاھنىڭ نىسىپ قىلىشى بىلەن چۈشتىن كېيىنكى يىغىن بىكار قىلىنغان بولغاچقا ھېكايەمنى ئاخىرى تولوق پۈتتۈردۈم ، ئاللاھ خالىسا سىلەر ياقتۇرساڭلارلا داۋاملىق ئەسەرلىرىمنى يوللاپ تۇرىمەن ، نەچچە كۈندىن بىرى تورداشلارنى ساقلىتىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن ،تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقوغانلىقىغا رەھمەت .


ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99917
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنى  بۇنداق  پارچە  تېمىلارنى  كۈرىۋىرىپ  بىر  بىرگە  ئالماشتۇرۇپ  قۇيۋاتمە    بولسا   بىراقلا  ھەممسىنى  يوللىۋىتڭە    خۇش  بوپ  قالاي  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش