مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

خالىدە ئىسرائىل ئىلىم چېيىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98659
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 01:05:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئىلىم چېيىڭلارنى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، روھىيىتىدىكى ئەخلەتلەرنى
سۇپۇرۇپ تاشلايدىغان ئەھمىيەتلىك چاي دەپ ئويلايمەن. بۇ ئەھمىيەتلىك چاينى داۋاملاشتۇرۇش
ھەر تەرەپلىمە بىلىم، زور كۇچ تەلەپ قىلىدۇ. خەلقىم ئۈچۈن ھارمىغايسىلەر! بولسا بىزلەرمۇ چەتتىن
قاتناشساق ، قاتمال تەپەككۇرمىزنى جانلاندۇرساق، تىل بايلىقىمىزنى ئاشۇرساق ئوبدان بولاتتى.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 09:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتايىن ياخشى ئىشتىن بىرنى باشلىۋاپسىلەر،بولا بولماس چايلاردىن مانا مۇشۇنىڭدەك ئەھمىيەتلىك چايلارنى باشلىۋالساق مىللەتنىڭ كۈلگۈسىمۇ چۇقۇم پارلاق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.بولسا باشقا يەرلەردىمۇ ئۆتكۈزىلسە بىزمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قاتنىشىپ بىلىم دائىرىمىزنى كىڭەيتسەك دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 10:24:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلپىقار بارات ئاكىمىزنىڭ ئايالىنىڭ تۇرقىدىن بەك خۇشال بولدۇم。خالىدە خانىمنىڭ غەيرىيلەردەك تۇرقىدىن ھەم بەكلا ئېچىندىم。!!!!ئىسىت بىر ئۆمۈر ئەسەر يېزىپ ھەقنى تۇنالمىغان ئەدىبەلەر)ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار(。。。。。。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84311
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2014-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 07:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى ئۇچرىشىش، پىكىرلىشىشلەر بولۇپتۇ. مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەخمەت مۇشۇ تېمىنى يوللېغان قىرىندېشىم ئاللا قۇلڭىزغا دەت بەر مىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8963
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 11:43:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچرىشىش، پىكىرلىشىشلەر بولۇپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 11:59:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئىلگىرى يوللىغان .بىراق يۇيۇلۇپ كەتكەن.ئىنكاس شەكلىدە بولسىمۇ قايتا يوللاپ قويدۇم.

زىيالىيلار نىمىشقا ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدۇ
توردىن بىر سەنئەتكارنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى كۈرۈۋېتىپ ، بىر پەيلاسۇپنىڭ يېنىدىكى بۈدرە چاچلىق ئايالنى كۈرۈپ قالدىم.پەمىمچە بۇ ئايال ئۇ ئەدىپنىڭ ئايالى ئىكەن.نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن،خۇددى زارىقىپ كۈتكەن بالىلار بايرىمى ئاخىرلاشقان بالىنىڭ كەيپىياتىدەك مەنىسىزلىك ئىلكىدە كۆڭلۈم بەكلا غەش بولدى.
نىمىشقا دېگەندە ئەدىپلەر ھەقتە گەپ بۇلۇنسا مەن ئىختىيارسىز ئۇ ئەدىپنى ئەسكە ئالاتتىم. ئۈزەمچە ئەدىپلەرنى ئەركەك ئەدىپ ۋە ئەخلەت ئەدىپ دەپ ئىككىلا تۈرگە ئايرىيتتىم.ھېلىقى ئەدىپمۇ دەل مىنىڭ نەزەرىمدىكى ئەركەك ئەدىپ ئىدى.چۈنكى ئۇ پاساھەتلىك يازمىلىرى،يازمىلىرى چۇڭقۇرلىقىدا پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق شولىلار، ،ئىنساننى ئۈزى ھەقتە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئىماگلاردىكى مەنىلەر چوڭقۇرلىقى بىلەن يۈكسەك ھۆرمىتىمگە سازاۋەر بولغان بىلىم ئىگىسى ئىدى.ئايالىمۇ مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدا قالتىس تۇيۇلاتتى.قىياسىمدا ئۇ ئايال، (بىر قىسىم ئايال زىيالىيلاردەك ئىلىم دۇنياسىدا يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇرغىنى بىلەن،ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك قىياپەتلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان زامانىۋى خانلار ئەمەس ئىدى.)   بىر كىمنىڭ تاشقى جەھەتتىكى كىملىكى بولغان قىياپەت جەھەتتە چۇقۇم بىر ياخشى ئوبرازغا ئىگە ئىدى.ئەپسۇس،ئۇمۇ باشقىلاردىن قىياپەت جەھەتتە پەرىقلەنمەيدىكەن.
ئىچىمنىڭ ئاچچىق بۇلىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىدى.نىمىشقا دىگەندە ئۇ ئەدىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ئىچىدىكى يازمىسى بىلەن ئەمىلىيىتى ماس كېلىدىغان بىردىن –بىر سەردار كىشى ئىدى.مەن ئۇنىڭ رەپىقىسىنىمۇ خۇددى نەزىرە مۇھەممەد سالىھتەك ھەم بىلىدىغان،ھەم ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقى ئىلىم ئىگىسى دەپ ئويلىغانىدىم.چۈنكى ئېڭىمدىكى بۇشلۇقلار تارىيىپ ،مەنىلەر چوڭقۇرلىقىغا شۇڭغىغانسىرىم بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەنىدىم.
بۇلۇپمۇ ئەلنىڭ نەزەرى چۈشكەن كاتتىلارنىڭ مىڭ ئېغىز قۇرۇق گەپ قىلغىنىدىن،ئەمەلىيىتىنىڭ قانداق بۇلىشى ،«ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم »دېگەن قاراشقا ئىگە خەلقىمىز ئۈچۈن نەچچە سائەتلىك نەزەرىيەنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى مەنلا ئەمەس ھەممەيلەن  بىلەتتى.
مىنىڭچە ئۇ ئەدىپ بىر ئايالنىڭ قانداق بۇلىشىنى، قانداق كىيىنىشىنى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ.ھازىرقىدەك روھى ياتلىشىشلارنىڭ،ئەقىدىدىكى  بۇزۇلۇشلارنىڭ بىر قەۋىمگە بىر مىللەتكە نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىمۇ تۇلۇق چۈشۈنىدۇ-يۇ رەپىقىسىنىڭ قىياپىتى ئەنە شۇنداق.
ئۇنىڭ تۇرقى نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟مىنىڭچە بۇنداق كۆز قاراشتا بولغۇچى يالغۇز مەنلا ئەمەس .
ئەتىمالىم مەن زاماننىڭ بەكلا ئارقىسىدا قالغان «مەتۇدۇرمەن».شۇڭا ھازىرقىدەك زامانىۋى مەدەنىيەتلەر روھىيەتكە كۈنسىرى سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتلەردە،ئاشۇ شالغۇت، ئازغۇن مەدەنىيەتلەرنىڭ  مىللى كىملىكىمىزنى شىددەت بىلەن «بېيىتىۋاتقانلىقىنى»بىلەلمىگەندىمەن.بۇ قارىشىم يەنە كىملەرنىڭ غەزەپ پىلتىسىگە ئوت بۇلىدۇ بىلمىدىم.[ئۈرۈمچىلىك ئاياللار ناملىق شېئىرىم ئۈچۈن بەزىلەر ھېلىھەم تىللاشتىن توختىمىدى.
     شېئىردا يۇرتۋازلىق مەزمۇنى يوق.پەقەت مەركىزى شەھەردىكى ئايال زىيالىيلارنىڭ  ئەقىدە ئېتىقاد جەھەتتىكى نامراتلىقىنى ،بار كۈچى بىلەن تاشقى قىياپىتىنى پەردازلىغان بىلەن،مەنىۋى جەھەتتە نەقەدەر غېرىبانە ياشاۋاتقانلىقىنى، ،شېئىرى ئىماگلار بىلەن غىدىقلاش مەقسىتىدە (گال پىچاقنى بىلەش ئۈچۈن بىلەي لازىم بۇلىدىغىنىدەك) يوللاپ قويغانىدىم.
چۈنكى مەركىزى شەھەردىكى ئىككى يىللىق ئۇقۇشۇم( يولدىشىمنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا بۇ پۇرسەت كەپ قالغان) ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈش ئىمكانىيىتى بەرگەنىدى.مەن داۋاملىق ئاياللار تۇپىغا نەزەر سالدىم.بىلىملىكلەر،ئالىملار،ئەدىپلەر، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سەرخىل ھىساپلىنىدىغان داڭلىقلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان بۇ مەركىزى شەھەر، ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ(ھەممىسى ئەمەس) ئەقىدىسىزلىكى ئاياللىرىنىڭ ئۈزىدىن يىراقلىقى،بالىلىرىنىڭ نۇرانە ئۈگۈتلەرجەھەتتىكى پەرۋىشسىز قېلىشلىرى بىلەن مىنىڭ نەزەرىمدە بەك غېرىپ ھەم بىچارە ئىدى.
سۈبھى سودا سارىيىدا مەلۇم بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلات ۋەكالەتچىلىكىنى قىلىدىغان بىر ياشانغان ئايال(ئەسلى بىزنىڭ يۇرتتىن ئىكەن)نى تۇنۇيتتىم.بىچارە مەھسۇلاتلىرىنى ماختاپ كەتسە ،شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ ياشاش ھەقىقىتىنى بىلەلمەي نەدىكى نەرسىلەر ئۈچۈن بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقتىغا ئېچىناتتىميۇ بىراق ئۇنىڭ غېرىپ روھىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنمەيدىغانلىقىغا بولغان ئۈمۈتسىزلىكىم بىلەن ئۇنىڭغا  ئاستا خوش دەيتتىم.ئۇنىڭمىغۇ پۇلغا ئىھتىياجى يوق ئىكەن پەقەت بىكار قېلىپ زىرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن نەرسىلەرنى ساتىدىكەن.ئۇنىڭ چاچ بۇياقلىرى ياپالمىغان ئۇچتەك ئاق چاچلىرىغا قارىغىنىمدا ،قېنىق گىرىملىك چىرايىدىكى بىئولۇگىيەلىك يېشى ئاللىقاچان ئاتمىشلاردىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق روھىنىڭ تېخىچە گۈدەك، بىخۇت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان قۇرغاق نىگاھلىرىدىن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلاتتىم.مىنىڭچە ئۇ بۇ يېشىدا چېچىنى ھەر خىل ياساپ ،ئالۋاستىدەك بەتبەشرە گىرىم قىلىپ،زىرىكىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىپ يۈرمەي ،ئۈزىگە ئىشلىشى، ئاخىرەت ئۇزۇقى بولغان پەرىز ئەمەللەرنى جىددى ئۇرۇنلىشى لازىم ئىدى.
ئۇنى ئىزلەپ كەلگەن (توي قىلغان) قىزىنى مەن تېخى مەھسۇلات ئالىدىغانلار (باشقا خەقلەر )ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ خەنزۇچە سۆزلەپ قۇيۇپ خىجالەت تارتقانىدىم.
ئاڭلىسام ئۇ موماي كېسەل تارتىپ  ئۈلۈپ كېتىپتۇ. موماينىڭ ھۇسۇلسىز، ھىكمەتسىز ،نۇرسىز ،ئۈتۈپ كەتكەن ساقلىقى ئۈچۈن نەقەدەر ئېچىنغىنىمنى ،( ئەگەر ئاللاھ ماڭا  قېرىلىق مەۋسۇمىغىچە ئۆمۈر بەرسە  مىنىڭمۇ ئاشۇنداق گۇمراھ ھالەتتە قۇرۇق قول كەتمەسلىكىم ئۈچۈن  ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىنىمنى) ئاللاھ بىلىدۇ.
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز قىستۇرمىنى بايان قىلىشىم ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
ئۆز گېپىمگە كەلسەم،يەنە شۇ ئاياللارنىڭ گېپى.ئاياللارنىڭ ئىنسانىيەت،مىللەت قەۋىمنىڭ ئۇستازى ئىكەنلىكى بۇ بۇرۇن دىيىلىپ بولغان ئىبارىلەر.بىراق بىزنىڭ ئايال زىيالىلىرىمىز ئۈزىنىڭ رۇلىنى قانداق جارى قىلدۇردى ،بۇ ھەقتە ئويلىنىش ۋە ئۈزىگە دىئاگنۇز قۇيۇش مانا بۇ ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى .(ۋىجدانسىز بولسا ئامال يوق،ۋىجدانسىزلار توپىدا ئەدەپ-ئەخلاق-ھايا يوق).
يەنە كېلىپ خەلقنى توغرىغا باشلاش ،مىللەتنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىرى بولغان ئەدىپلەرنىڭ ،بىلىم ئىگىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىدى.چۈنكى ئۇلار ئىلمىدىنمۇ ھىساپ بىرەتتى.مېنىڭچە ھەقنى تۇنۇماي،تۇنۇسىمۇ ئىبلىستەك ئەمەل قىلماي،شۆھرەت پاتقىقىغا چۈكۈپ كەتكەن داڭدارلارنىڭ مال جاھازىسىدىكى قىممەت باھالىق، ئەمما ئىچىگە تۇپا چىڭقاپ قۇيۇلغان قاشتېشى لوڭقىدىن پەرقى يوق ئىدى..
سەۋەبى مىللىتىمىز ٪90 دېھقان مىللەت.ئاشۇ ساددە ،جاپاكەش ،سەترەك ئېيتساق كۈپىنچىسى  نادانغا مايىل دېھقانلىرىمىز كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان ئىجدىمائى توپقا نىسبەتەن زىيالىيلارنىڭ ئالتە ئىشەككە يۈك بۇلىدىغان نەزەرىيەسىدىن،ئەمەلىيەتتىكى بىر ھەركىتى ئەلا ئىدى.
خەلقىمىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى كىتاپتىن ئەمەس رېئاللىقتىن،مەنىۋى سەركىلەر بولغان بىلىملىكلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۈگۈنەتتى.
يالىڭاچلىشىشنى تۈگۈتۈش ھازىرقى دەۋىردە بىز جىددى ھەل قىلمىساق بولمايدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى.چۈنكى ئاياللارنىڭ يالىڭاچلىشىشى قىيامەتتىن دىرەك بىرىدۇ.ئەمما بۇ يالىڭاچلىق ئايال زىيالىيلاردىن باشلانغاچقا ، نورمال كەيپىياتتەك تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە ئۈتۈپ قالدى.ئىش ئورنىدىغۇ «خىزمەت ئىھتىياجىكەن»
دەيلى،بىراق جەمىيەتتىچۇ؟مەركىزى شەھەردەك ئىجدىمائى سىياسى ھاۋاسى ياخشى ،ئەۋزەل ماكاندىمۇ ،ئاشۇ بىلىملىكلەرنىڭ ھالى شۇ بولدى.
بىر قىسىم ئەدىپلەرنىڭ «ئۈزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي »دەيدىغان ساتقىنلارچە مەنتىقىسى(بۇ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە ئەڭ قورقۇنۇچلۇق.ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭلا قۇلى كۆيمەيدىغانلىقىنى ھەممەيلەننىڭ كۈيىدىغانلىقىنى ئەقىدىلىكلەر بىلىدۇ.لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى كېيىنچە سۆزلەرمىز) ئاستىدا «كىملىكى يوق ئۇيغۇر زىيالى» دىگەندەك ھەققانى چۇقانلار پەيدا بولدى.( مىنىڭچە بۇ قالتىس ئېسىل ئەسەر).
سۈرەتتە يالاڭباش كۈرۈپ رايىم يانغان ئۇ خانىم ئىلىم جەھەتتە مەيلى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، تەشۋىقاتتا سۆزلىگۈچىلەرنى  «ئۇيغۇرنىڭ ئۇنداق داڭلىق ,مۇنداق مەشھۇر ».....سى دەپ مىڭلارچە كاكىراتقاندىن ،ئېتىقاد جەھەتتە ئاينىش ،بۇزۇلۇش، ياتلىشىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن مەدەنىيەت ساپاسى تۈۋەن،بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز،روھى قاتلىمى تىيىز خەلققە نىسبەتەن ئاشۇ خانىمنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا چاچلىرىنى(بۇيۇن كۆكرەك بىلەك پۇتلارغۇ ئالدىدا)  يۆگەپ يۈرۈشى ،پەيلاسۇپنىڭ مانچە دانە كىتاۋىدىكى ئۈگۈتلەرنى ،شەكسىز بېسىپ چۈشەتتى .چۈنكى بىر ئالىم؛-« بەندىلىك لاياقىتى ئۈچۈن ئەڭ زۈرۈر بۇلىدىغىنى شەرىئەت(بۇ مەجبۇرى)،ئاندىن تەرىقەت(جىمى يامانلىقلاردىن قول ئۈزۈش لېكىن بۇ ئىختىيارى) ئاندىن مەرىپەت،ئاندىن ھەقىقەت»- دەپ ئېيتتى . شەرىئەتنى تۇنۇماي تەرىقەتنى تۇتتۇم دىيىش يالغانچىلىق،شەرىئەتنى تۇتماي مەرىپەت ئالدىم،دىيىشلەرمۇ كاززاپلىق.شەرىئەتنى تۇتماي ھەقىقەتنى تۇنۇدۇم دىيىشمۇ رىياكارلىق خالاس.پەقەت ۋە پەقەت شەرىئەتتىن تەرىقەتكە، تەرىقەتتىن مەرىپەتكە، مەرىپەتتىن ھەقىقەتكە يىتىمىز.بىراق بىزدە شەرىئەتسىز تەرىقەتچىلەر،شەرىئەتسىز مەرىپەتچىلەر،شەرىئەتسىز ھەقىقەتچىلەر شەرىئەتسىز..........لەر كۆپ بولغاچقا ئەھۋالىمىزدا يۈكسىلىشلەر بولمىدى.
شائىرلار ئىچىدە نىمىشقا ئادىل تۇنىياز ئەڭ ھۆرمەتلىك؟چۈنكى ئۇ يازمىسىغا ۋاپا قىلىدىغان ئېتىقادلىق شائىر .ئۇنىڭدا ھىكمەت شولىلىرىغا تولغان بىر ئاينىماس قەلب، ھەر بىر مىسرالىرىنى ئۈزىنىڭ بەندىلىك ئاجىزلىقىغا لايىقلاشتۇرغان نۇرلۇق تىۋىشلار بار.  
ئايال زىيالىيلار ئىچىدە نەزىرەدەك ئىچى تىشى بىردەكلەر قانچىلىك؟ئايال زىيالىيلار نىمىنى ئويلايدۇ؟ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئۇچۇق گەپ قىلساق بىزنىڭ ئايال زىيالىلىرىمىزدا چوڭ ئۈمۈتلەر قالمىدى. دىمىسىمۇ شۇنچە بىلىم ئۈگۈنۈپمۇ (ئاتالمىش ئېھتىياجلاردىن سىرت يەرلەردىمۇ)ياتلاردەك  يۈرۈشلەرنىڭ ئەقىدىلىك ئىنسانغا نىسبەتەن قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەي، بىلسىمۇ تاقاق سېلىنغان بوينىنىڭ ئۆرىلىكى بىلەن تەن ئالمايدىغان روھى غېرىب زىيالىيلاردىن نىمە ئۈمۈتلەرنى كۈتكىلى بولسۇن؟مەنچە بولسا ئۇلار مىللەتكە تۆھپە(تۆھپە سۇبىكتىپ ھەم ئۇبىكتىپ بۇلىدۇغۇ) قۇشۇۋاتىمەن دىيىشتىن بۇرۇن ،ئۈلگە بۇلالىدىممۇ ئۈزەمنى تۈزىيەلدىممۇ؟دەپ سۇراش كېرەك ئىدى.
نەھايەت بۇلارنىڭ جەمىيەتكە قوشقان  چوڭ.ئۇلار ئىجاد قىلغان نەزەرىيەنى ،بايقاش ،كەشپىياتلارنى،ھەيۋەتلىك سەھنىلەردە ئالغان شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى ،خالىسانە ياخشى ئىش قىلىپ ،جەمىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىنىنى ،كەسىپلەردە ئۇتۇق قازىنىپ ،ئىگىلىك تىكلىشىنى،مېدىتسىنا ۋە تەبىئى پەنلەردە چوڭ-چوڭ شەرەپ مېدالى ئالغانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز.ھەم نۇرغۇنلىرىمىز ئۇلار قىلالىغاننى قىلالمايمىز.مەنمۇ ھەم شۇنداق.بىراقكى ئۇلار ئۈزىگىلا ۋەكىل بولماستىن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلاربولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.بۇلۇپمۇ قىياپەت جەھەتتە ياتلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى لازىم ئىدى.ئىلىم ئۈگۈنۈشتىن مەقسەت ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن بولمىسا،بۇنداق بىلىمنىڭ سەلبى تەسىرى چوڭ بۇلۇپ كېتىپ،زىيادە چېچەنلىكتىن ئەقلىدىن ئېزىپ قالغاندەك نەتىجەلەر يۈز  بىرىپ قالاتتى.
ئەدىپلەر ئەدىپلىكىنى،شائىرلار شائىرلىقىنى ،كەشپىياتچىلار كەشپىياتچىلىقىنى،دوكتۇرلار دوكتۇرلىقىنى ،ساخاۋەتچىلەر ياخشى ئىشلىرىنى قىسقىسى،ھەر بىر كىشى ئۆز قابىلىيىتىنىڭ يادرۇسىنى دۇنيادىكى شۇ بىرلا مەۋجۇدىيەتكە ئويغۇنلاشتۇرمايدىكەن قۇمغا سېپىل سالغاندەكلا بىر ئىش خالاس!چۈنكى قىيامەتتە ئەڭ ئاۋۋال ھېساپ بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئالىملار(ئىلىم ئىگىلىرى)دۇر.
مەركىزى شەھەر نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكى بىلەن دىللارنى مەھلىيا قىلىدۇ.ھەم يەنە نۇرغۇن يۇقۇتۇشنىڭ،بەرباتلىقنىڭ ،ئاينىشنىڭ ،بۇزۇلۇشنىڭ ياتلىشىشنىڭ،ئەقىدىسىزلىكنىڭ،ئۇۋىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دىللارنى تەشۋىشكە سالماقتا.بۇلۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ زىيادە زامانىۋىلىشىشى ئاۋامغا«ھەممە ئىشنى موللا بىلەر، موللا قۇپۇپ كۆلگە سىيەر » دىگەندەك تەسىر بەرگەچكە زىيالىيلارنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلىشىپ قالدى.
زۇلپىقار بارات(ئۆز باش) مىنىڭ نەزەرىمدىكى يەنە بىر ئەركەك ئەدىپ.ئۇ ئۆزلۈكنىڭ نۇرانىلىكىدە تىنىمسىز ئىزلىنىۋاتقان ئاكاش .بىراق ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ قىياپىتىنى بىلمەيمەن.نەھايەت ئۇ خېنىمنى ھېلىقى ئەدىپنىڭ ئەھلىدەك ھالەتتە ئۇچرىتىپ قالمىسام دەيمەن.ئەگەر شۇنداق يالاڭباش،كالتە يوپكا،يېرىم –يالىڭاچ ھالەتتە ئۇچراتسام،مىنىڭ ۋە مەندەكلا ئوي-پىكىر قىلىدىغان ئاۋامنىڭ سۈيۈنىدىغان روھى پەخىرلىرىمىزدىن يەنە بىرى  گۇمران بۇلىدۇ.
ئېتىقادسىزلىق،ئەقىدىسىزلىكتىن رەزىللىك جەمىيەتلىشىشكە يۈزلەندى.بۇنىڭ يىلتىزى يەنە زىيالىيلاردىن باشلاندى.ئەقىدىسىز(ھەممىسى ئەمەس) ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزخەلقىگە ئۈلگە بۇلالمىدى. روھى غېرىپ زىيالىيلار«ئەدىپلەرمۇ ئادەمغۇ ،ئەلۋەتتە بەزىبىر يېتەرسىزلىكتىن خالى بۇلالمايدۇ»دىگەننى بار كۈچى بىلەن قوللاپ ئۈزىنىڭ بەندىلىك جەھەتتىكى ئازغۇنلىقىنى يۇشۇرۇشقا دەسمايە تاپتى.
مەنغۇ ئۈزۈمنى زىيالى دەپ كېتەلمەيمەن. بىراق يىڭنىنىڭ قۇلىدىن كەلگىنى نەيزىنىڭ قۇلىدىن كەلمەپتۇ دېگەندەك بىزنىڭ ئالى شەمشەرلىرىمىز ئېگىزدە تۇرۇپ  نەزەردىن ساقىت قىلغان تەرەپلەرنى ،مەندەك ئاددى يىڭنە بايقىغاندىمەن.شۇڭا

باردى دەيدۇ،ياندى دەيدۇ،
مەيلىم ئۈزەمنىڭ.
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن،
يارىم ئۈزەمنىڭ.
دېگەندەك ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ مىھرىبانلىرى بولغاچقا ئۆزقەۋمىمنىڭ سەركىلىرىگە دوق قىلىپ سالغاندىمەن.بۇ دوق قىلىشىم ھەرگىزمۇ ياتقا قىلغان زەھەرخەندىلىك ئەمەس بەلكى قېرىنداشقا قىلغان كۈيۈم،باتناش ئەمما چوڭقۇر مىھىر مۇجەسسەملەنگەن سەمىمى قېيداشتىن ئىبارەت.
شۇڭا زىيالىيلار كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى لازىمكى ئەمدى خامۇشلىقىنى،تۈگۈتۈشى كېرەك.ئۇلار يازمىلىرىدىلا ئەلگە ئۈگۈت قىلماي ئەمەلىيىتىدىمۇ  ئۈلگە بۇلىشى لازىم.
يەنە بىر باياننى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ،يازغۇچىلار تورىدا ئايال يازغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئۇقۇش كۇرسى ئېچىلغانلىق توغرىسىدىكى خەۋىرىنى كۆردۇق.ئايال ئەدىپلەرنىڭ تۇرقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.ئۇلار بىلمەمدۇ ؟كىمنىڭ يازغۇچىسى؟نىمىنى يازىدۇ ؟نەگە قايتىدۇ؟ئۇلارنىڭ ئاشۇ يېرىم –يالىڭاچ تۇرقىدىن نە بىر روھى بالاغەتنى ،روھى تاكامۇللۇقنى سېزەلەيدۇ كىشى؟ھەتتا بەزى پىشقەدەم ئەدىبەلەردىن ;ھازىرغا قەدەر يۆگىمىگەن ئەۋرەتلىرىڭىزنى قاچان يۆگەيسىز؟يا بىر يۇلى ك ...دە ياپماقچىمۇسىز دەپ سورىغۇم كەلدى.شۇ كۇرۇسقا قاتناشقان بىر ئەدىبەنىڭ بايانىچە ئۇنىڭ چىرايلىق ياغلىقى مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ،قالاقلىقنىڭ بەلگىسىمىش.ياغلىقنى پەقەت سەھرالىقلار ئارتارمىش ؟يازغۇچى دېگەن زامانغا لايىق(مۇشۇ گەپنى دىگەنلەردەك، ياتلاردەك ئۇچۇق مەيدە ،چاڭگا چاچ ،قىسقا كىيىملىك تۇرقىدىن ھاياسىزلىق، گۇمراھلىق تاراملاپ تۇرىدىغان)مەدەنى بولمىسا سەھرالىق خۇتۇنلاردىن پەرقى بولماسمىش.
بۇ نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ ئاشۇ ئەدىبەلەرنىڭ روھى نامراتلىقىنى،ئەقىدىسىزلىكىنى،ئازغۇنلۇقىنى بىلدۇرىدۇ خالاس!مانا بۇنداق ئازغۇن ئەدىپلەرنىڭ يازمىسى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بولغاچقا ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىلەش نازاكىتى بۇرۇنلا سۇنغان.
بىزگە ئادىل تۇنىيازدەك شائىرلار،نەزىرەدەك ئەدىبەلەر(ئۇنىڭ خىزمەت قىلمىغانلىقى بۇنىڭ سىرتىدا) زۇلپىقار باراتتەك روھى ئويغاقلار پاكىزە زىيالىيلارلازىم .پەرىشتىلەرگە دەرس بەرگەن ئەمما ئەمەل قىلمىغانلىقتىن لەئىنلىككە گىرىپتار بولغان ئىبلىستەك، يازمىسىدا ئەخلاقنى، ئەمەلىيىتىدە يالاقنى ياقىلايدىغانلار لازىم ئەمەس.ئەدىپ بۇلۇشتىنمۇ ساپ ئادەم بۇلۇش مۇھىم.يازغۇچى بۇلۇشتىنمۇ ئاشۇ بىرلا مەۋجۇتلۇققا قايتالايدىغان ئەقىدىلىك بەندە بۇلۇش ئەڭ مۇھىم.بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئەمدى ساختا شەرەپ شەرمەندە شۆھرەت كۇيىدا پالاقلاۋەرمەي،ئۈزىگە يۈزلىنىشى ئەھلى-ئاياللارغا مەسئۇل بۇلىشى لازىم.                         بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىز نۇتۇقلاردا, جاي-جايلاردىكى لېكسىيەلەردە،كىتاپ-كىتاپلاردىكى يازمىلاردا ،بۇ ھەقتە مىڭ پاتمان ۋەز ئېيتقاندىن يېنىدىكى ئەھلىنى تۈزۈشى ھەممىدىن ئەۋزەل.چۈنكى ئۇلار نىمىشقا ئەسەر يازمىغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى نىمىشقا ئەھلىنى ئاشۇ چەكسىزلىكنىڭ قانۇنىغا لايىقلاشتۇرالمىغىنىدىن، (ئاددى مىسالى ;ياتلاردەك يۈرۈشتىن چەكلىمىگەنلىگىدىن) ھېساپ بېرىدۇ.شەرىئەتنى تۇتماي ئېرىشكەن ھەر قانداق شان-شەرەپلەر دەرگاھى ھەقتە ئەجىرگە ئېرىشمەيدۇ.مەيلى قايسى قاتلامغاتەۋە بولسۇن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئوبرازى.ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپىتى(ئىچكى ھالىتىنى پەقەت ياراتقۇچىلا بىلىدۇ) ،ئەرلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ نامايەندىسى.سالىھ تەقۋا پازىل كىشىلەرنىڭ ئەھلى ھەرگىزمۇ ياتلاردەك يېرىم-يالىڭاچ،ئەبجەش سىياق  يۈرمەيدۇ.بەزىبىر ئېھتىياجلار ئىش ئورنىدا بولغىنى بىلەن باشقا يەرلەردىكى قىياپەتلەر شەخىسنىڭ ئەقىدىسىدىكى تاللىشىغا باغلىق ئىش.
قىسقىسى زىيالىيلار ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى لازىم.ئۇلار قۇلىدىن كېلىشىچە ئاۋامغا ئۈلگە بۇلىشى لازىم.ھەرگىزمۇ قىياپەتتىكى چاكىنىلىقى،روھى جەھەتتىكى ئازغۇنلىقى ،پەزىلەتتىكى رەسۋالىقى،ئادىمىلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلىكى  ئېتىقادتىكى گۇڭگىلىقى بىلەن بىلەن ئاۋامنى ئەقىدىسىزلىككە ئۈندىمەسلىكى لازىم. بولمىسا «كىملىكى يوق ئۇيغۇر زىيالى»دىگەن سادالار يەر-جاھاننى قاپلايدۇ.ھەتتا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتى كەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ،زىيالىيلارنىڭ يەتتە ئىشەككە يۈك بولغىدەك بىلىمى ،ھەقنى تۇنۇشقا ئىشلىتىلمىسە مەھشەردە جانابى ھەقنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەر بىر  ئەقىدىلىك ئىنسان چۇقۇم ئنكار قىلمايدۇ.
چۈنكى تاشقى جەھەتتىكى بۇزۇلۇش،  ئەبجەشلىك، روھى جەھەتتىكى سېسىمچىلىقنىڭ، ئاينىشنىڭ، ئازغۇنلۇقنىڭ بىشارىتىغۇ ئاخىر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 12:29 AM  


كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 10:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر مەجلىس ساڭا ئويلىغىنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر ئۈنۈم بىرىدۇ،گەپنىڭ ھەممىسىنى سىنىڭ مەجلىسكە نىمىشقا كەلگەنلىكىڭ.بولمىسا سەن دەرياغا بېرىپ سۇ ئىچەلمەي كىلىسەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 10:09 PM  


قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74409
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-1-31
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 10:34:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بۇپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74409
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-1-31
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 10:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



بەك بەلەن ئىش بۇپتۇ مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشىنى بەكمۇ خالايمەن خۇرسەن بولدۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش