otyurak0999 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:35 AM
ھەر قەتىرە ساۋاقتىن(يېڭىلىقتىن) بىر تەجىرىبە، ھەر تەجى ...
ماقۇل،
كەچمىش رومانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىيات ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرىدۇ. ئىلىم چىيىنى توردىن كۆرۈپ تولىمۇ خۇش بولدۇم، ئىلىم چىيىىدىكى دوستلارنىڭ مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىنى تۇتۇپ سۆزلىگىنى مېنىڭ دىققتىتىمنى قوزغىدى، سىدىقجان غوپۇر بىلەن دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «كەچمىش» رومانىنىڭ بايان گۈزەللىكى ۋە پىرىتسىيەلەنگەن بايان توغرسىدا سۆزلىگىنى بولدى. بۇ ھەقتە مەن ئۆزپىكرىمنى يۈرگۈزۈپ باقسام، يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىگە نەزەر سالساق، «ئوربىتا»، «رەڭدار قۇيۇن»، «مەختۇمسۇلا»، «ھاڭگىت كۆلى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بايانىدا گۈزەللىك بار، بايانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بايان گۈزەللىكى يازغۇچى ئەسەرلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك، كەچمىش رومانىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى بايانىدا دېيىشكە بولىدۇ، بايانشۇناسلىق ئىچىدىمۇ بايان گۈزەللىكىنى يازغۇچىىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، كەچمىش رومانىدىكى ئۆزگىچىلىك دېيىشكە بولمايدۇ، كەچمىش رومانىنىڭ باياندىكى ئۆزگىچىلىك(كەچمىش رومانىنىڭ ئۆزگىچىلىكى دېيىشكىمۇ بولىدۇ ئەمەلىيەتتە.) دەل پىرىتسىيەلىك بايان شەكلى ۋە بايان ئەندىزىسى. پىرىتسىيەلەنگەن ھەربىر بابلار بايانىنىڭ پىرىتسىيەلىنىشى ھەگىزمۇ قارغۇلارچە بولماستىن ھەربىر بابلار ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇق نىسپىي پارالېل، بىر باب بىلەن بىر بابنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇق چوڭ، يەنە بىر باب بىلەن يەنە بىر بابنىڭ بوشلۇقى كىچىك بولماستىن ھەربىر بابلار ئارسىدىكى بوشلۇق تەڭ دەرىجىدە. (بۇ مەزمۇنلار چاي سۆھبىتى جەريانىدا ئەسكەرتىلمىگەن)
يەنە بىر نۇقتا سىدىقجان غوپۇر يارىلىش ئەپسانىسى توغرسىدا توختىلىپتۇ (يەنى ئەسەردە قوللانغان ئەپسانە توغۇرلۇق) . بۇ پىكىر ناھايىتى ياخشى. دېمەكچى بولغىنىم روماندا خەلق ئېغىز تەركىبلىرىلا ئەمەس، فولكلورلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. روماندىكى توغراقلىقنىڭ مىللى تۈستىكى مەنزىرە تەسۋىرى، كىشلەرنىڭ يىمەك -ئىچمەك ئادىتى، كىيىم -كېچەكلىرى، ئىسىم قويۇش ئادىتى(بىرنەچچە ئەۋلاد ئارىسىدىكى ئىسىملارنىڭ قايتا قايتا تەكرارلىنىشى)، يەرلىك پۇراققا ئىگە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلار روماننىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ يورۇق نۇقتىلار بىزنىڭ تىخمۇ ئىچكىرلەپ پىكىر يۈرگۈزىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!!!!!