otyurak0999 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 07:28 PM
مۇمكىن بولسا ئىدى، بىز مۇشۇ يورۇق يۇلتىزىمىزنى تىخىم ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالدى بىلەن ئۇستاز ئەدىبە خالىدە ئىسرائىلنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ كاتتا ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
ئۇستاز ئەدىبە خالىدە ئاچام ئەزەلدىن نام قوغلاشمايدىغان، شۆھرەتنى چوڭ بىلمەيدىغان ئالىي جاناب ھۆرمەتلىك يازغۇچى. شۇ خىسلىتى سەۋەبلىك، ھەر قايسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە دوست، شاگىرتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ھەرقانداق شەرەپ داستىخانلىرىنى زىنھار قوبۇل قىلماي كەلدى، ئەمما ئۇ شەرەپنى قانچە قوغلاشمىغانسىرى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئۇنى شۇنچە شەرەپلىك ئىنسان قىلىپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
مەن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ مۇنبەرگە كىرەلمىگىلى ئۇزۇن بولغانىدى، خالىدە ئاچامنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ شەرىپى مەركەز قىلىنغان بۇ «ئىلىم چېيى»نى كۆرۈپ دەر ھال كىرىپ بۇ ئىنكاسنى يېزپ تۇرۇپتىمەن، نۆۋىتىدە خالىدە ئاچامنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ كاتتا ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
ئىككىنچىدىن، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ مۇنداق ئېسىل بىر سورۇننى ھازىرلىغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن. ئىشلىرىڭلار خەيرلىك بولسۇن، ھەم بۇ چايغا ئىزچىللىق تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نازى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-27 08:26 PM