مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتى-قابىلجان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە قەيسەر بىلەن يەنە كىيۇ-كىيۇدا پاراڭلىشىپ قالدىم :
-دادا،يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،بانكىدىن پۇل قەرز ئالالىغان بولسىڭىز ماڭا 500يۈئەن پۇل ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز؟،-دېدى ئۇ پاراڭنىڭ بېشىدىلا.مەن كۆڭلۈمدە:‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەييارلىق ماتېرياللىرغا ياكى باشقا تىزىملىتىش ھەققى دېگەندەك بىرنىمىلەرگە ئىشلەتسە كېرەك›› دەپ ئويلىدىم دە:
-بولىدۇ بالام،شۇنچىلىك پۇل زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغان بولسا دەرھال تېپىپ ئەۋەتىپ بېرەي.نىمىگە ئىشلىتەتتىڭ؟!
-بۇرۇن گۈلقىز بىلەن ھەر كۈنى تېلىفۇندا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق،بىر نەچچە كۈن بولدى،ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدەك قىزغىن تېلىفۇن قىلماس بولىۋالدى.
-نىمە ئىش بوپتۇ؟
-بۇرۇن مەنمۇ سەۋەبىنى بىلەلمىگەنتىم،تۈنۈگۈن ئۇ باشقا بىر ساۋاقدىشىنىڭ تېلىفۇنىدىن ماڭا تېلىفۇن قىپتىكەن، شۇندىلا ئۇنىڭ تېلىفۇن قىلالماسلىق سەۋەبىنى ئۇقتۇم.
-سەۋەبى نىمىكەن؟
-تېلىفۇنىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ.
-نەدە،قانداق قىلىپ؟
-يەكشەنبە كۈنى بىرنەچچە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن كوچا ئاپتۇۋۇزىغا ئوتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە  تېلىفۇنىغا پۇل قاچىلىغىلى چىقىپتىكەن،ئاپتۇبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا يانچۇقچى تېلىفۇنىنى ئوغۇرلىۋاپتۇ.
-شەھەر دېگەندە نى نى بايلار تۇرسا شۇلارنىڭكىنى ئوغۇرلىماي، بىر نامرات قىز ئوقۇغۇچىنىڭ تېلىفۇنىنى ئوغۇرلايدىغان قانداق نومۇسسىز ئوغرىدۇ ئۇ؟!
-دادا،سىز دېگەن بايلارنىڭ شەخسى ماشىنىسى بولمامدۇ،ئۇلار كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ يۈرمەيدۇ-دە! ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يانچۇقچى دېگەن دەل ئادەملەر توپىدىكى قىستاڭچىلىقتىن پايدىلىنىغان تۇرسا.
-ئۇغو شۇنداق،ئەمدى دەيمىنا بالام.گەپنى ئەگىتكىنىڭدىن قارىغاندا بۇ پۇلنى شۇ قىزغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولغان ئوخشىمامسەن؟
-ياق پۇلنى ئەۋەتمەيمەن،ئەۋەتسەممۇ ئۇ ئۈرۈمچىگە تېخى يېڭى بولغاچقا تېلىفۇن بازىرىنى ئىزدەپ تېپىپ تېلىفۇن سېتىۋالالمايدۇ.مەن شۇ پۇلغا ئىسىل تېلىفۇندىن بىرنى سېتىۋېلىپ پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرەيمىكىن دېگەن ئىدىم.
-بۇنىغۇ ياخشى ئويلاپسەن،بىراق ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئىگە-چاقىسى باردۇ؟!
-بار!
-شۇنداق تۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ تېلىفۇنى يۈتسە ئۆز ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرمەي نىمىشقا سەن ئېلىپ بەرگۈدەكسەن؟!
-گۈلقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى بەك چىڭ تۇتىدىكەن،‹‹قىز بالا تېلىفۇن ئىشلەتسە ئاسانلا يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ›› دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئېلىپ بەرمىگەن ئىكەن.
-ئۇنداقتا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قايسى تېلىفۇندا ئالاقىلەشكەن ئېدىڭلار؟
-ئالاقىمىزنىڭ راۋان بولىشى ئۈچۈن بۇرۇنقى تېلىفۇنىنىمۇ ئۇ ئۈرۈمچىگە ماڭغان چاغدا مەن ئېلىپ بەرگەن ئېدىم.
-ھە مۇنداق دېگىن،سەن خېلى مەرت ئوغۇل بالىكەنسەن جۇمۇ!؟ ۋاپادارلىقىڭ يېتەرلىك بوپتۇ.بۇرۇنقى چاغ بولغان بولسا مەن ساڭا جەزمەن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن بولاتتىم،لېكىن بۇ قېتىم مەن ئەۋەتىپ بېرەلمىگۈدەكمەن
-نىمىشقا دادا؟!
-مەندە ھازىر ئارتۇق پۇل يوق،پۇل تاپقان بولسام ئاناڭغا يەنە دورا ئېلىپ بېرەتتىم.ئۆتكەنكى دورىلىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ.
-ئۇنداقتا مەن چاتاق بولىمەن دادا!
-قانداق چاتاق بولىسەن؟!
-مەن ئۇ قىزغا ۋەدە بېرىپ قويۇپتىكەنمەن!
-نىمە دەپ ۋەدە بەرگەن؟!
-‹‹ياخشى تېلىفۇندىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرىمەن›› دەپ.
-ئوغۇل بالا دېگەن دەڭسەپ ئىش قىلىدىغان،ئالدى ئارقىسىنى ئويلاپراق ۋەدە بېرىدىغان.سەن مۇقىم كىرىمى يوق،ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىشىغا تايىنىپ ئوقۇۋاتقان نامرات ئوقۇغۇچى تۇرۇپ نىمىشقا ئويلاشمايلا باشقىلارغا ۋەدە بېرىۋېتىسەن؟!
-سىزگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن،‹‹دادام ماڭا بەك ئامراق،مېنى بەك چۈشىنىدۇ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ قېلىشىمنى خالىمايدۇ›› دەپ ئويلايتتىم سىزنى.
-ئويلىغىنىڭ توغرا،مەن ھەقىقەتەن شۇنداق.لېكىن مەن ھازىر بىر تەرەپتىن ئاناڭنىڭ،بىرتەرەپتىن ئائىلىنىڭ،يەنە بىر تەرەپتىن سېنىڭ ئوقۇش خىراجىتىڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمەن دەپ قوشلاپ يۈك كۆتۈرۈپ خېلىلا ھالسىراپ قالدىم.مەن ئەسلى كۆپرەك ئىشلەپ باي بولالىغان،كۆپرەك پۇل تېپىپ بانكىدا قويالىغان،سىلەرگە پۇلنى ھاجىتىڭلاردىن چىقىپ ئاشقىچە بېرىپ ھىچبىر ئىشتا يەرگە قارتىپ قويمىسام ياخشى بولاتتى.لېكىن شۇ ئارزۇ تۈرتكىسىدە كېچە كۈندۈز جاپالىق ئىشلىسەممۇ ھىچ ئىلگىرى باسمايۋاتىمەن. 2000كوي بولسىمۇ پۇل ئېشىنىپ بانكىدا ئامانەت قويالمايۋاتىمەن.بۇ بەلكىم مېنىڭ يارامسىزلىقىمدىن بولسا كېرەك.مېنى كەچۈرگىن بالام،مەن ساڭا باشقا دادىلاردەك ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرەلمىدىم.كۈتكەن يېرىڭدىن چىقالمىدىم.
-ئۇنداق دېمەڭ دادا،سۆزلىرىڭىزنى ئوقۇپ تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى.مەن سىزگە ئارتۇقچە تەلەپ قويغانلىقىمنى،سىزنى يامان يەردىن قىستاپ غەمگە سېلىپ قويغىنىمنى ھىس قىلدىم.
-بولدى بالام،بۇنداق كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشمايلى،سەن ئۇ قىزغا ۋەدە قىلغان ئىكەنسەن ئۇنداقتا ۋەدىنى ئورۇنلىماي بولمايدۇ.لېكىن ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم بۈگۈنلا پۇل تاپالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.مۇنداق قىلساق قانداق؟!
-ھە، قانداق قىلىمىز؟
-ئۆتكەندە مەن ساڭا بەرگەن ھېلىقى لىيەنشاڭ  تېلىفۇن بارغۇ؟
-ھە.
-شۇنى ئەۋەتىپ بېرىپ تۇر.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SAM_0757.jpg


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1405 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 09:52 PM
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە قەيسەر بىلەن يەنە كىيۇ-كىيۇ ...

دادىسىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن مەنمۇ تەسىرلەندىم . بۇ نىمىدىگەن سەۋرچان دادا ھە ...

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12721
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31717
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن، ئا قەيسەر دېگەن بالا نېمانداق باشباشتاقلىق قىلىدىغاندۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتمەي...

ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىگە ئىمان -ئىنساپ تىلەيمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89170
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم داۋامى قىنىدۇ ئەمدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100139
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكاشنىڭ دېگىنې توغرېغۇ.
كىتاپقىلا ئىسلىۋالغان ئادەمنىڭ قولىدىن چوڭ ئىش كىلىشى ناتايىن،  ئۇنداق دىسڭىز بولمايدۇ  ئاپتۇر  ئاكا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100626
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-12-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:32:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏راس گەپنى قىلسام ئەسەردىكى قەيسەر دىگەن بالىنىڭ شۇنچىۋالا ساددا ئاق كۆڭۈللىكىگە مەسلىكىم  كىلىش بىلەن بىرگە ئازراق  ئاچچىقىم كەلدى ئۇ دادىنىڭ شۇنچىۋالا ئېغىر بېسىق ئوغلى بىلەن شۇنچىۋالا ئەركىن پاراڭلىشىدىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم    ئۆزۈمنى مىسال ئالسام مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ھازىرقى ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشۇمغىچە ماددى جەھەتتىن قىلچلىك قىينالمىغان
‏بىرەر ئىش ئۈچۈن پۇل لازىم بولسا   دادامدىن دەپ بولغۇچە نەچچە ھەسسە كۆپ پۇلغا ئېرىشىدىغان بولساممۇ  ئەسەردىكى  دادا بالىدەك
‏  دوسلارچە ئۆز كۆڭلىدىكى گەپنى بىر بىرىگە تارتىنماي دەيدىغان مۇناسىۋەتكە بەكلا ھەۋەس قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 05:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رويال يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 12:32 AM
‏راس گەپنى قىلسام ئەسەردىكى قەيسەر دىگەن بالىنىڭ شۇنچ ...

بۇنىڭ ھەۋەس قىلغۇدەك يىرى يوق،ئاتا -ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەردىشەپ بولغىنى ياخشى،ھايا بار يەردە ئىمان بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100139
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 06:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بالىنىڭ ئەقلى كەمتۈكمۇ يا؟17 گە كىرگەن ئادەم شۇنچىلىك بىر ئىشلارنىمۇ ئويلاپ يىتەلمىسە؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100139
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 06:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بالىنىڭ ئەقلى كەمتۈكمۇ يا؟17 گە كىرگەن ئادەم شۇنچىلىك بىر ئىشلارنىمۇ ئويلاپ يىتەلمىسە؟؟؟؟؟؟؟           توۋا دەيلى  ، ئاز كۇندە بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلمىسۇن يەنە.




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش