Qabiljan يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 10:34 PM
-مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.لېكىن بالام،سەن ت ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، تېمىڭىزغا يازغان ئىنكاسلىرىمدىن خاپا بولماڭ. مەن پەقەت ئويلىغىنىمنى دەپ باقتىم خالاس، شۇڭا سىزمۇ خاپا بولماي، تەنە قىلماي سەۋىرچانلىق بىلەن جاۋاب بەرگەيسىز، دىل ئازار خۇدا بىزار. مەنمۇ بۇ مەسلىنى خېلى ئوبداق بىلىمەن ، شۇڭا دىل ئاغرىقى بولمىسا!
خوش، تېمىڭىزنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇقۇپ تېخىمۇ بەك گاڭگىراپ قالدىم، ئالايلى، سىز ئەسەر بېشىدا ئېيىتقاندا قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىنى ئېتقادى كۈچلۈك، تاغىسى ئىمام دەپ ئېيىتقان ئىدىڭىز، ئەمما بۇ قىسمىدا قىزنى ھۈسۈن تۈزەش دۇكىنى ئاچىدۇ دەپ تەسۋىرلەپسىز، سىزچۇ دىنى ئېتقادى كۈچلۈك ئائىلە قىزنىڭ ئاشۇنداق دۇكان ئېچىشىغا يول قۇيارمۇ؟ بۇ يەردە زىددىيەت پەيدا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟