مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتى-قابىلجان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:51:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 01:02 PM
كەچۈرۈڭ ، ئۇنداق ئويلاپ قالسىڭىز بولمايدۇ . خاتا سۆزل ...

ئۇكام ياكى ئاكا ، كىچىككىنە ئىشلارغا مۇنبەردە دىرامما ئوينىغىلى ئارانلا تۇرىدىكەنسىز .
سوغۇق قانراق بولۇڭ !  

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسز، داۋامىغا تەشنامىز..............

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 03:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئەسەر رۇياپقا چىقىپتۇدە، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن !

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4125
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30668
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8994 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 03:16:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 01:08 PM
تىمىغا قىستۇرغان رەسىم ماڭا پەقەت ياقمىدى ، ھىندىستان  ...

بۇنى چەكتىن ئاشقان سۈرەت دېسىڭىز مۇنبەرلەردە ئېقىپ يۈرگەن يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەر    دەستىدىن تور دۇنياسىدىن يامانلاپ دېھقانلىرىڭىزغا يىغىن ئاچقىلى كېتىپ قالماپسىز ھەنىم بولسا.
بۇ ئەسەردىكى يىگىت بەكمۇ رايىش ۋە ساداقەتمەن،قىز بولسا ئۇنى مۇھەببىتى ئارقىلىق جەلپ قىلىۋېلىپ قونچاقتەك ئوينىتىدۇ.بۇ سۈرەت شۇ مەزمۇنغا ماس كەلگەن بولغاچقا تاللانغان.
سىز دېگەن ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىنىڭ بۇ مەزمۇنغا ماس كەلگۈدەك سۈرەتلىرى يوق.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90764
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 03:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتى-قابىلجان     دەپ يازسىڭىز   ئوغلىڭىزنىڭ مۇھەببتىنىڭ قابىلجان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيىدىكەن، بۇنداق بولسا ئەسەر تېمىسى بىر قاراشتىنلا خاتا تۇيغۇ بېرىپ قۇيىدىكەن، مېنىڭچە ئاپتۇرلىقىڭىزنى ئەسكەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، يازغىنىڭىز ياخىشى بولسىلا.بەك ئەسكەرتىكىڭىز كەپ كەتسە تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويغىنڭىز ئەۋزەلرەك.

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 04:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەيلى قانداقلا بولسۇن بۇ ياخشى ئىش بولماپتۇ ، نۇرغۇن كىشلەر بۇ خىل خاتا يولنىڭ دەردىنى بىر ئۆمۈر ، بەزىللىرى ئىككىلا دۇنيادا تارتىدۇ .................!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4125
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30668
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8994 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 04:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-بىرىنچى يول، گۈلقىزغا بىرەر ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى  كەلسە،ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ  ئوقۇشىغا قوشۇلسا، ئۇ  شۇ مەكتەپكە بېرىپ يۇقۇرىلاپ ئوقۇشى كېرەك.ئىككىچى يول ،ئەگەر ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالسا ئۆيىدىكىلەرگە ‹‹ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قاپتىمەن،ئىستىقبال تېپىشىم،كېلەر يىلى قايتا ئىمتىھان بېرەلىشىم ئۈچۈن مېنى قەشقەردىكى نۇقتىلىق بىرەر ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر يىل قايتا ئوقۇتۇڭلار›› دەپ قايتا ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ،‹‹قايسىسىدا ئوقۇيسەن؟›› دەپ سورىسا  مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە تىزىملىتىپ  كىرىپ مەن بىلەن بىر يىل قايتا ئوقۇيدۇ.
-سەن ئۇ قىزنى ‹‹بەك ياخشى ئوقۇغان ئەلاچى قىز›› دەپ ماختاۋاتمامتىڭ؟ شۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياخشى مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلمەسلىكى،قايتا ئوقۇپ قېلىشى مۈمكىنمۇ؟
-مۈمكىن،چۈنكى بىز ئىمتىھاندىن بۇرۇنلا  مەسلىھەتلەشكەن،ئۇ مەن بىلەن بىر يىل قايتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىلقى  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا جاۋابىنى بىلىدىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنىمۇ قەستەن خاتا يېزىپ قويۇش ئارقىلىق تۆۋەن نومۇر ئېلىپ كۈزدە تولۇق ئوتتۇرىدا  قايتا ئوقۇشقا شەرت-شارائىت ياراتماقچى بولغان ئېدى.
-نەتىجىسى قانداق بولدى؟
-ئىمتىھان نومۇرى تېخى چىقمىدى،شۇڭا بىز ئۇ ھەقتە تېخى قارار چىقارمىدۇق.لېكىن بىزنى ئەنسىرىتىدىغان،بېشىمىزنى ئاغرىتىدىغان  باشقا بىر مۈشكىلات پەيدا بولۇۋاتىدۇ.
-نىمە مۈشكىلاتكەن ئۇ؟
- گۈلقىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ ئوقۇش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمەي ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىغا قارار چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ.
-ئۇلار قانداق قارار چىقارماقچىكەن؟!
-ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغاچقا مۇتەئەسسىپرەك كېلىدىكەن.قىز بالىنىڭ بويىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئوقۇشىنى ‹‹گۇناھ›› دەپ قارايدىكەن.
-ئۇلار نېمە دەپتۇ.
- ئۇلار: ‹‹-قىز بالا بويىغا يېتىپ قالغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئوقۇۋەرسە يامان بولىدۇ.بۇ جەرياندا يۈزىنى ئوچۇق قويۇپ،كۈندە نامەھرەمگە قاراپ، ئۆزىگىمۇ ئاتا -ئانىسىغىمۇ ئېغىر گۇناھ يۈكلەپ قويىدۇ.شۇڭا كېيىنكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى دەرھال ئوقۇشتىن توختۇتۇپ ۋاقتىدا تويىنى قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك›› دەپتۇ.
-ئۇلار ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلەمدۇ؟
- ئانىسى ئازراق بىلىدۇ، لېكىن دادىسى ۋە تاغىلىرى تېخى بىلمەيدۇ.
-سەن ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەنمۇ؟
-ئانىسى ئۆتكەندە قەشقەرگە كېسەل يوقلاپ كەپتىكەن،گۈلقىز مېنى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشقا ۋە ياردەم بېرىشكە بۇيرىغان.
-سېنى نېمە دەپ تونۇشتۇرۇپتۇ؟
-‹‹قەشقەردە بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بار،شۇ ئالدىڭىزغا چىقىدۇ››-دەپتۇ.
-بايا تاغىسىنىڭ گېپىنى قىلدىڭ،ئۇ كىشىمۇ بۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشامدىكەن؟
-ھەقەمسايە ئولتۇرىدىغان بىر تاغىسى بار ئىكەن، ئۇ قارىم ئىكەن، شۇ مەھەللە مىچىتنىڭ ئىمامى ئىمىش،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىكەن. مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلار  بۇ قارىمنىڭ ئاغزىغا قارايدىكەن.
-توي قىلىشقا ئالدىرىغىنىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگەن ئوخشىمامدۇ،سىلەر قانداق قىلماقچى بولدۇڭلار؟
-گۈلقىزنىڭ قاسساپچىلىق قىلىدىغان بىر ئاكىسى بار.شۇ ئاكىسىنىڭ بۇرۇندىن ياخشى ئۆتىدىغان بىر دوستى بار ئىكەن،گۈلقىز ئوقۇش پۈتتۈرىشى ھامان ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئەلچى كىرىپتۇ.
-ئاكىسى نېمە دەپتۇ؟
-ئۇ غۇرۇرلۇق يىگىتكەن،شۇڭا بۇ ئىش تۈپەيلى دوستىغا قاتتىق ئاچچىقلاپ:‹‹مەن سېنى ‹يېقىن دوستۇم› دەپ ئويلاپ كۆپتىن بېرى ئىشىنىپ يۈرۈپتىمەن،ئەسلى سەن سىڭلىمنى كۆزلەپلا مەن بىلەن دوست بولغان ئىكەنسەن-دە››  دەپتۇ.
-كېيىن قانداق بوپتۇ؟
-ئۇ يىگىت ئۆزىنى ئاقلاپتۇ،لېكىن ئاكىسىمۇ بوش كەلمەپتۇ.شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئىككىسى سوقۇشۇپ  يىرىكلىشىپ قاپتۇ.
-ئۇ يىگىت بۇ ئىشنى بولدى قىپتىمۇ؟
-ئۇ يىگىت دوستىدىن ۋە ئۆيىدىكىلەردىن يامانلاپ ياقا-يۇرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.
-ئۇنداقتا ياخشى بوپتۇغۇ،ئەمدى ئارىدىكى توسالغۇمۇ تۈگەپتۇ!؟
-نەدىكىنى،ئۇ يىگىت بولدى قىلغان بىلەن ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى،خوشنىلىرى،مەھەللىداشلىرى ۋە ئۇلارنى تونۇيدىغان يۇرتداشلاردىن بولۇپ يەنە  5-6يەردىن ئەلچى كىرىپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپتۇ.ياخشى قىزنىڭ خېرىدارى كۆپ بولىدىكەن دادا!
-بىزمۇ بېرىپ خېرىدارلىق قىلايلى دېسەك، سەن تېخى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان تۇرساڭ، بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟
-ئۇغو شۇنداق،لېكىن قاراپ تۇرۇپ بىر ياخشى دوستنى قولدىن بېرىپ قويسام ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالارمەنمىكىن.
- سەن پەقەت مۇھەبببەتنىلا كۆزلىمەي،ئۆز تۇرمۇشۇڭ،كەلگۈسى ئىستىقبالىڭنىمۇ ئويلا.بىلىسەنغۇ؟سەن مېنىڭ بىر تاللا يالغۇز ئوغلۇم،سېنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگىچىلىكمۇ تولۇق ئوقۇتماي  بۇرۇنلا ئۆيلەپ قويسام ياخشى بولماس.
-ئۇ تەرىپىنى چۈشىنىمەن دادا،گېپىمدىن ‹‹تويۇمنى مۇشۇ تەتىلدىلا قىلىۋېتەيلى›› دېگەن مەنە چىقمايدۇ.
-ئەمىسە نىمە دېمەكچىسەن؟
-ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ھەدەپ ئەلچى كىرىپ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە سىلەرمۇ ئەلچىلىككە بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەڭلار،ئۇلار مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىۋالغىچە بىر يىل ساقلاپ تۇرغان بولسا بولاتتى.
-تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا توي قىلامسەن؟! ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمامسەن؟
-مەقسىدىمنى چۈشەنمەپسىز دادا،مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايمەن دېمىدىم.
-ئەمىسە نىمە دېمەكچىسەن؟
-ئاڭلىسام ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قورامىغا يەتكەنلەر ھېساپلانغاچقا ئۇلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە ۋە توي قىلىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەچ ئوقۇشىغا يول قويۇلىدىكەن.
-بۇ گەپچە كېلەر يىلى تەتىلدە تويۇڭنى قىلغۇدەكمىز- دە؟!
-سىز قوشۇلسىڭىز ئاندىن.
-مەن قوشۇلالمايمەن،ھەم بۇ مۈمكىن ئەمەس!
-نىمىشقا؟
-سەن نىكاھ قانۇنىنى چۈشىنەمسەن؟ نىكاھ قانۇنىدىكى ياش چەكلىمىسىدىن خەۋىرىڭ باردۇ؟قىزلار 18 ياشقا،ئوغۇللار 20 ياشقا كىرمىگۈچە توي خېتى كېسىپ بەرمەيدۇ.
-مەن قوشۇلالمايمەن دېيىشىڭىزدىكى سەۋەپ نېمە؟
-مېنىڭ ئارزۇيۇم ۋە پېلانىم ساڭا ئايان.مەن سېنى ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن.تولۇق كۈرۇسنى پۈتتۈرگەنگە، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى ئوقۇيالىساڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشلىرىنىمۇ تۈگەتكەنگە قەدەر ئوقۇتىمەن.شۇڭا سەن بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي جەمىيەتنى چۈشىنىىڭ،ئۆز ئىستىقبالىڭغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ كېرەك.شۇنى تونىغىنكى،بۇندىن كېيىنكى دەۋر بايلىقنىڭ ئەمەس بەلكى بىلىم ئېگىلىكىنىڭ دەۋرى، بىلىملىكلەرنىڭ  ھەرقايسى ساھەلەردە كۈچلۈك رىقابەتلىشىدىغان،ياشاش،ئىشلەش ۋە باشقا تەرەپلەردە كەسكىن كۈرىشىدىغان دەۋرى.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا سەن  كېيىنلىكىڭنى ئويلىماي، بۇرنىڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ،ئىستىقبالدىن مۇھەببەتنى ئەلا بىلىپ، بىر قىز بالىنى دەپلا كەلگۈسىڭنى نابۇت قىلىۋەتسەڭ بولماس؟!
-مەنمۇ ھازىرلا توي قىلىمىز،توي قىلسام ئوقۇشنى توختىتىمەن دېمىدىمغۇ؟!
-ھە ئەمىسە قانداق پېلانىڭ بار؟!
-بىز دېيىشىپ بولغان،مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىۋالغۇچە گۈلقىز مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ،ماڭا يېتەرلىك پۇرسەت بېرىدۇ.
-قانداق ساقلايدۇ؟
-ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسە  بىر يىل ئوقۇپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولماي قالسا ئۆيىدىكىلەرنى ھەر خىل ئامالللار بىلەن قايىل قىلىپ توي ئىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
-ئوقۇشقا بارالماي قالسا نىمە ئىش قىلىدۇ؟
-بۇ بىر يىلدا تىجارەت قىلىپ دۇكان ئاچقاچ مېنى ساقلايدۇ.
-ئۇ قانداق دۇكان ئاچماقچىكەن؟
-ئانسىنىڭ بىر شىركەتكە پاي قوشۇپ ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنى بار ئىكەن.ئۇ دۇكاننى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئانىسى ئېچىپ كېلىۋاتقان ئىكەن،گۈلقىز تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئانىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئەشۇ دۇكاننى مۇستەقىل ئاچقىلى تۇرۇپتۇ.
-دېمەك ئوقۇشقا بارالماي قالسا دۇكان ئاچقاچ مېنى ساقلايدۇ دېگىن؟
-شۇنداق.
-ئۇنداقتا ئەلچىلەرنى قانداق قىلىدىكەن؟
-ئۆيگە ئەلچى كىرگەن بىلەن ئۇلار قىزىنىڭ ئاغزىغا قارايدىكەن،قىزى رازى بولمىسىلا زورلاپ تويىنى قىلىپ قويمايدىكەن.
-ئەمىسە ئىش پۈتۈپتىغۇ،ئەنسىرىگۈدەك ھېچ ئىش يوقكەن.ئۇنداقتا بىز ئەلچىلىككە بېرىپ يۈرمىسەكمۇ بولغۇدەك.
-لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى يوقكەن.
-كىمگە؟
-بىزگە.
-نىمىشقا؟
-بىرىنچىدىن بىز بىلەن ياخشى تونۇشمايدۇ،ئىككىنچىدىن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى ئانىسىدىن باشقىلىرى تېخى بىلمەيدۇ.شۇڭا ‹‹بىر ئوبدان پۇرسەتنى قولدىن بېرەمسەن؟›› دەپ رەنجىيدىكەن.
-ئاساسى گەپ يەنىلا ئىككىڭلاردا،پەقەت ئىككىڭلارلا بىر-بىرىڭلاردىن چېنىپ كەتمىسەڭلار،دااملىق ياخشى كۆرۈشۈپ باشقا ئوبىكتى تۇتۇۋالمىساڭلار بىزدە چاتاق يوق. بىزنىڭ سىلەرنى ئۆزۈڭلار ىالىمغان ئىشقا مەجبۇرلىمايمىز.سېنىڭ يەنە  قانداق پېلانلىرىڭ بار؟
-بايا دېگىنىمدەك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىۋالغاندىن كېيىن كېلەر يىلى يازدا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن.
-ئوقۇش ئىشىنىچۇ،مېنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمنىچۇ؟!
-ئوقۇشنىمۇ ئوقۇيمەن،توينىمۇ قىلىمەن.
- توي خېتى ئالالارسەنمۇ؟
-كېلەر يىلى 18 ياشقا كىرىپ بولىمەن،يېزىلاردا ھەممە ئادەم ئوغۇللىرىنى 18-19 ياش ۋاقتىدا ئۆيلەيدىكەنغۇ؟ئۇلار ئالالىغان خەتنى بىز نىمىشقا ئالالمىغۇدەكمىز؟!
-توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ياخشى ئوقۇياللارسەنمۇ؟
-ئەلۋەتتە ياخشى ئوقۇيالايمەن.
-ئەھۋال دېگەن ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە،ناۋادا گۈلقىز بىرەر ياخشى مەكتەپكە ئۆتۈپ قالسا،ئۆيىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىنى قوللىسا ئۇ چاغدا قانداق بولىدۇ.
-ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى،بىز بىرگە ئوقۇيمىز.
-ئەگەر ئوقۇتماي قالسىچۇ؟
-ئەگەر ئۇنى ئوقۇتماي قالسا مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن توينى قىلىپ ئۇنى ئۆيىمىزگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋالىمىز.ئاندىن مەن داۋاملىق ئوقۇيمەن.
-سەن ئوقۇشقا كەتسەڭ ئۇ قانداق قىلىدۇ؟
-ئۇ سىلەرگە، ئانامغا ھەمراھ بولۇپ ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ تۇرۇپ تۇرىدۇ.
-ئەگەر ئۇنىڭمۇ ئوقۇغۇسى كېلىپ قالسىچۇ؟
-ئۇنداقتا بىرگە ئوقۇيمىز.ئالىي مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىن بىرەر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىۋېلىپ،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلىۋېلىپ ،ئۆيىمىز يېزىدا بولغاندىكىن يەيدىغان ئاشلىقتىن يېتەرلىك ئەكىلىۋېلىپ، تېجەشلىك -ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەچ ئوقۇيمىز.
-بۇ پېلانىڭلار بولىدىكەن بالام،تېلىفۇندا نىمانچە كۆپ سۆزلىشىدىكىن دېسەم ھەر كۈنكى پارىڭىڭلاردا مۇشۇنداق پىلان لاھىيەلەرنى قىلىشىدىكەنسىلەر دە؟!
ئۇ يەرگە قاراپ كۈلدى.پارىڭىمىز شۇنداق ئاخىرلاشتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 04:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋاااااااااااااااااااااااااااااا

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2675
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 05:37:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 11:29 AM
17 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى دادىسىغا يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ توينىڭ  ...

ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدىكى پەدىشەپنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ،ئىماننىڭ نۇرى ئۆچۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ  ئپادىسىدە...

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14152
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5662 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 06:10:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بالىلارنىڭ يۈزى نېمانچە قېلىنلىشىپ كەتكەندۇ؟ 17 ياشقا كىرىپ ئوقۇۋاتقان بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈرۈۋاتقان قىزى توغرىلىق بىمالال سۆزلىشەلىسە، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپلا توي قىلىمەن دەپ ئېغىز ئاچالىسا، ھازىرقى بالىلاردىن قورقسا بولامدۇ نېمە؟! بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەن ھېلىتىن 1 ياشلىق قىزىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم، بالىلار شۇنداق قېلىنشىۋالسا نېمە قىلغۇلۇق؟ ئاتا-ئانىغا ھېيىقماي شۇ گەپلەرنى قىلسا نېمە دېگۈلۈك؟! بالىلار مۇشۇ دەرىجىدە قېلىنشىپ، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلغىلى تۇرسا، ئاتا-ئانىسىنى قاقىىشپ تېزراق ئۇ دۇنياغا يول سالىدىغان ئوخشايدۇ.

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش