مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتى-قابىلجان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 03:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي راست گەپ قىلسام ئاۋۇ دادا نىمىدىگەن مەسئۇلىيەتسىز ھە،ئۇ دادىنى بەكلا بىلى بوش سايىماخون تەسۋىرلەپ قويۇپتۇ،
ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ كۆپ بالىسى يوق خۇدايىم بەرگەن 2 ياكى 3 بالىسى بار،6 ،7 بالىسى بارلار سىرتقا ئاچىقىپ تاشلىۋەتمەيدۇ،2 بالىسى بارلار نىمە دىسە شۇنى قىلىپ ئەسەردىكى دادىدەك بولسا جەمىيىتىمىز نىمە بولۇپ كىتەر ئۇ بالا كەلگۈسىدە  قانداق ئادەم بولار؟؟؟؟؟ھەر بالىنىڭ ئوتى باشقا دەپ بىر بالىنىڭ ئوتى بىر بالىغا ئوخشىمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 03:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر 17 ياشلىق بالىنىڭ دادىسى بىلەن يۈرىۋاتقان قىزى توغۇرلۇق بىمالال پاراڭلىشالىشى بۇ نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟
ئىچىم بەك ئاچچىق بولۇپ كىتىۋاتىدۇ؟؟؟؟؟
بولدى ،گەپ قىلماي
سۈكۈت سۈكۈت سۈكۈت سۈكۈت سۈكۈت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 03:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
natonux-kiz يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 12:14 PM
راست شۇنى دەيمەن ، ئالي مەكتەپكە يېڭى ئوقۇشقا بارغان  ...

تەركىن بىلەن ناتونۇش قىز ئىككىڭلارنىڭ يۈزۈڭلار بەكلا تۆۋەنكەن بولمىسا ئىككىڭلارلا چىقىشىپ قالساڭلار بولمامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 04:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەزمۇنى ياخشى ، ئىبرەت بولغۇدەك ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن

http://www.iptihar.net/bbs/

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 06:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-بالام،ياخشى كۆڭلۈڭنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن،ئەمما بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.سەن ئۇ قىزنى تونىغان بىلەن بىز تونىمايمىز،ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىمۇ بۇرۇندىن تونۇشلۇق ۋە باردى-كەلدى مۇناسىۋەت يوق.
-ھەممە نەرسە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىدۇغۇ،تونۇشلىقىڭلار بۇرۇندىن تارتىپ بولمىغان بولسا ئەمدى بار بولار.
-پۇلنى مەن ئۆزۈم ئاپىرىپ بېرىمەن دەۋاتساڭ،بىزگە نەدە ئۇنداق پۇرسەت بار؟
-ئەمىسە سىز ئاپىرىپ بېرىڭ.
-مەن قانداق ئەكىرىمەن،تا ئەزەلدىن تارتىپ پەقەتلا تونۇشمايدىغان ياقا يۇرتلۇق يات بىر ئەركىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە لوڭڭىدە پەيدا بولۇپ:‹‹سىلەر ئۆي پۇلىغا قەرىزدار بولۇپ قىينىلىپ قاپسىلەر،پۇلغا ھاجەتمەن بوپسىلەر،شۇڭا مەن سىلەرگە پۇل ئېلىپ كەلدىم››،دەمدىمەن.ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ بۇ ئىش بەكلا غەلىتە تۇيۇلۇپ قوبۇل قىلالمايمەن،تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ‹‹ناتونۇش نىجاتچى››دىن گۇمانلىنىمەن.ئۇنىڭدىن شەكلىنىپ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايمەن.تېگى تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېتىمەن.بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىش.
-ئەمىسە مېنىڭ ئامالىم بويىچە پۇلنى يەنىلا گۈلقىز ئارقىلىق بېرەيلى.
-پۇلنى بېرىشنىغۇ بېرەرمىز،ئەمما كېيىن قايتۇرۇپ ئالالايامىزمۇ؟
-ئەلۋەتتە ئالالايمىز!
-قانداق ئالىمىز؟
-ئۇلار پۇل تاپقاندا قىزىغا‹‹بالام،ھېلىقى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر بەكمۇ ياخشىكەن،ئۇلار بىزگە تولىمۇ يامان ۋاقىتتا ئەسقاتتى،ئەمدى قولىمىزغا پۇل كىرگەندە پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىقىمىز پەرز. ما پۇلنى تېزراق ئاپىرىپ بەرگىن››دەپ پۇلنى بېرىدۇ.گۈلقىز مېنى چاقىرتىپ ياكى كارىمغا ئۇرۇپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ- شۇ.شۇنداق ئاددىي!
-سەن گۆدەك،ساددا بولغىنىڭ،جەمىيەتنى،ئادەملەرنى چۈشەنمىگىنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتىسىەن. لېكىن بۇ يەردە قاملاشمايدىغان ئىككى تەرەپ بار.
-قانداق ئىككى تەرەپ؟!
بىرىنچى،مۇھەببەت دېگەن پاك نەرسە،ئىككى ياش ئوتتۇرسدا پاك سۆيگۈ مۇھەببەتلا بولۇشى كېرەككى ھەرگىزمۇ ئىقتىزادىي ئامىل ئارىلىشىپ قالماسلىقى كېرەك.بولمىسا ئۇ ئارىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئېلىپ قالىدۇ.
-بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟
-قىز تەرەپ پۇلنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن  ئەگەر بىزگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالسا،مەن ساڭا ‹‹ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ كەل›› دەپ بۇيرۇسام سەن ئارىلىقتا تەڭلىك تارتىپ قالىسەن.دېسەڭ ئۇ قىز رەنجىيدۇ،دېمىسەڭ مەن رەنجىيمەن.خىجىلچىلىقتا ئىككى قېتىم سۈيلەپ قالساڭ مۇھەببىتىڭلارغا دەز كېتىدۇ.
-ھە ئىككىنچى تەرەپچۇ؟
-سەن ئۇ پۇلنى بەرگەن چېغىڭدا ئۇ قىزدىن ھۆججەت ئېلىۋالالمايسەن.
-ئەگەر سىز ‹‹ھۆججەت كېرەك›› دەپ تۇرۇۋالسىڭىز مەن دەپ يازدۇرۇۋالىمەن.
-چاتاق دەل مانا شۇ يەردە!
-قانداق دەيسىز؟
-ھۆججەت يازدۇرۇۋالساڭ ئۇقىزغا ئىشەنمىگەن،پۇلنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كۆرگەن بولىسەن،يازدۇرۇۋالمىساڭ كېيىن ئاراڭلار بۇزىلىپ قالسا ئۇ پۇل قۇدۇققا چۈشكەن بولىدۇ.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99441
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-11-10
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 07:29:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز، بالا بىلەن ئاتا ئەنە شۇنداق سەمىمي پاراڭلىشالىغان بولسا نۇرغۇن ياشلىرىمز يولدىن چىكەتمىگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئاتا بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخىشى مەسلىھەتچى ۋە دوست بولالايدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 07:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 02:31 PM
تېمىغا ئىنكاس يازغانلار ئىچىدە ھەقىقىي مۇھەببەتلىشىپ  ...


بەزىدە  مۇشۇنداق چۈشەنچە بەرمىسە  ئەسەر مەزمۇنى 180 گىرادۇس  بۇرلۇپ كىتىدىغان گەپكەن .... ئەمما ساراڭلارچە  ئاشىق بولغانلارنى   قېېېېېېېپقىزىل ساراڭ چاغلايمەن ... بەلكىم مەن تىخى كىچىكتۇرمەن .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 07:45 PM  


خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 10:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.لېكىن بالام،سەن تېخى بىلمەيسەن. شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى بەئەينى خامىلىيۇندەك ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ.ئۆزىنىلا ئويلايدۇ.ئۆز مەنپەتىنىلا كۆزلەيدۇ.نەپ چىققاندا چاپلىشىپ،نەپ چىقمىغاندا ھېچ ئارسىزلا تاشلايدۇ.  شۇڭا بۇنداقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىشلارمۇ، قىسمەتمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.يەنى ئادەم ئۆزى بۇرۇن ئويلاپمۇ باقمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.‹‹ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتماپتۇ›› دېگەن ماقال مانا شۇنداق قىسمەتلەر ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن. ئۇ قىز بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا پولاتتەك قاتتىق،ھەسەلدىن شېرىن ۋەدىلەرنى بەرگەن بىلەن ئۈرۈمچى تەرەپلەرگە ئوقۇشقا بېرىپ قالسا بىر خىل تۇرالىشى تەس.
-نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟
- ساڭا قارىغاندا مېنىڭ بېشىمدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن،جىق كىتاپلارنى ئوقۇغان.شۇڭا كۆپلىگەن ئادەملەرنى،جەمىيەتنى چۈشىنىمەن.ئۇ قىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئوقۇشقا سەن بىلەن تەڭ بارالمايدۇ،كېلەر يىلى سەن بارغۇچە ياتلار بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇيدۇ.شۇ جەرياندا سەندىنمۇ چىرايلىق،سەندىنمۇ سېخىي، سەندىنمۇ بەكرەك پۇل خەشلەپ بېرىدىغان بىرەرسىگە ياكى شېرىن سۆزلۈك،يامان نىيەتلىك قەبىھ ئالدامچىدىن بىرسىگە ئۇچراپ قېلىپ ئالدانسا،شۇ سەۋەپلىك سەندىن چانسا،مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلسا،ئوچۇق ئاسماندا قارا بۇلۇت پەيدا بولۇپ بىردىنلا  يامغۇر قۇيۇۋەتكەندەك سەن بۇرۇن ئويلاپمۇ باقمىغان،كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىغان  ئىشلار يۈز بەرسە، ئۇ چاغدا قانداق  قىلىسەن؟!
-ئۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن!
-مەن مىسال ئۈچۈن دەۋاتىمەن،راستىنلا شۇنداق ئىش بولۇپ قېلىپ ئۇ پۇلدىن قۇرۇق قالساق قانداق قىلىمىز؟!
-راستىنلا شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا مەن ئۇ پۇلنى سۈيلەپ بارمايمەن.بەلكى ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ بىر يەردىن ئىش تاپىمەن، ياكى مەدىكار ئىشلەپ بولسىمۇ سىزگە شۇ پۇلنى تېپىپ بېرىمەن.
-مەن سېنى كېيىن قىينىلىپ قالمىسۇن،ئىشسىز قېلىپ باشقىلارغا مەدىكار ئىشلەيدىغان كۈنگە قالمىسۇن دەپ ئوقۇتۇۋاتىمەن ۋە ئىستىقبالىڭ ئۈچۈن غەم يەۋاتىمەن.ئۇنداق ئىشقۇ بولماس،ئەگەر شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا مەنمۇ سېنى ‹‹پۇلنى قايتۇرۇپ كەل›› دەپ قىستىمايمەن.بەلكى‹‹ئىقتىمائى  قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويدۇم ››دەپ چۈشىنىمەن.لېكىنزە  شۇنداق كۈن كېلىپ قالساساڭىمۇ،ماڭىمۇ زىيان ئۈستىگە زىيان،ئەلەم ئۈستىگە ئەلەم بولىدۇ-دە! ؟
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
-ئەسلى بۇنداق ئىش بولمىسا بولاتتى،بەرسەم زىيان،بەرمىسەم سەن مەندىن قاتتىق رەنجىيسەن.بۇ ئۆيدە بارلىق تاپقان تەرگىنىمىز سەن ئۈچۈن.شۇڭا سەندىن ھېچنىمىمىزنى ئايىمايمىز ئوغلۇم،ئاساسى گەپ سەندە، سەن ‹‹ئاپىرىپ بەرمىسەم بولمايدۇ›› دەپ تۇرۇۋالساڭ ،مەن ساڭا پۇل تەييارلاپ بېرىشكە تەييار. بولدى ئاپارماي،مەن بىر بىقۇۋۇل ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن ئۇلار مەندىن خاپا بولماس دېسەڭ ئوڭ ئىش قىلغان بولىسەن. كونىلاردا ‹‹بېرىپ يامان بولغۇچە،بەرمەي يامان بول›› دېگەن ھىكمەتلىك ماقال بار.ئەسلى ئۇ قىزمۇ پۇل سورىمىغان،بىزمۇ بەرمىگەن بولساق،مۇناسىۋىتىڭلارغا پۇلدىن ئىبارەت سېسىق نەرسىنىڭ كىرى يۇقمىغان بولسا ياخشى بولار ئېدى.
-مەنمىغۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم،لېكىن بەزى ئىشلارغا مەن ئامال قىلالمايمەن-دە؟!
-بىر ئىشنى بىلگىم كېلىدۇ بالام،ئۇ قىز ساڭا تېلىفۇن قىلىپ پۇل گېپىنى ئۆزى قىلدىمۇ؟
-ياق،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس.
-ئەمىسە بۇ گەپ قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى؟!
-ئەتىگەن تېلىفۇن قىلسام ئاۋازى بوش،غەمكىن چىقتى، نىمە بولغانلىقىنى سورىسام دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن گەپ كوچىلاپ يۈرۈپ ئەھۋالنى ئۇقتۇم.
-كېيىن ئۇ قىز سەندىن ياردەم سورىدىمۇ؟
-ياق،مەن ئۇلارنىڭ  ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن تەشەبۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەرمەكچى بولدۇم.
-بىر يەردە يىغىپ قويغان پۇلۇڭ بارمىتتى؟
-ياق،مەندە نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟
-ئەھۋالىڭ شۇنداق تۇرسا، نىمىشقا باشباشتاقلىق بىلەن خەققە ۋەدە بېرىۋەتتىڭ؟پۇل ئاپىرىپ بېرەي دېسەڭ ئۇ قىز نىمە دېدى؟
-‹‹ياق،سىز پۇل ئەكەلمەڭ،پۇلنىڭ ئامالىنى ئۆزىمىز قىلىمىز،پەقەت باشقا ئامالى بولمىسا باي ساۋاقداشلىرىم بار شۇلاردىن قەرىز ئېلىپ تۇرىمەن›› دېدى.
-سەن نىمە دېدىڭ؟
-‹‹مەن تۇرغان يەردە نىمىدەپ باشقىلاردىن قەرىز سوراپ ئىززىتىڭىزنى دەپسەندە قىلىسىز،بولدى باشقىلارغا ئېغىز ئاچماڭ،دادام ماڭا بەك ئامراق،مېنى بەك چۈشىنىدۇ.مەندىن ھېچنىمىنى ئايىمايدۇ.مەن دادامغا دېسەم چوقۇم ياردەم بېرىدۇ.ئەتە مېنى ساقلاڭ،مەن چوقۇم پۇل ئېلىپ بارىمەن››-دەپ ۋەدە بەردىم.
-ئۇنداقتا مەسلىھەتلىشىپ تۇرغۇدەك ئىمكاننىمۇ قويماپسەن.كارىمدىغۇ سەككىز مىڭ يۇئەن پۇل بار،ئۇ پۇلغا ئىككى مىڭى كاملايدىكەن.كېمىنى قانداق قىلارمىز؟
-قەرىز ئالايلى! مەن تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سىزنى بېرىپ تۇرسۇن دېدى دەپ قەرىز ئېلىپ كېلەي!
-مەيلى ئەمىسە،شۇنداق بولسۇن.
سۆھبەتتىن كېيىن قەيسەر كەم پۇلنى تېپىپ كىرىش ئۈچۈن موتسېكىلىت مىنىپ چىقىپ كەتتى.كەچتە پۇل كۆتۈرۈپ كىردى.ئۇقسام ئىنىمنىڭ ئۆيىدىن‹‹دادام بېرىپ تۇرسۇن دېدى›› دەپ ئىككى مىڭ يۈئەن پۇل قەرىز ئېلىپ كەپتۇ.
ئەتىسى قەيسەر پۇلنى ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى.مەن ئۇنىڭدىن ۋە پۇلنى يوقۇتۇپ قويۇشىدىن  ئەنسىرەپ ھەمسەپەر بولۇپ بىرگە بارماقچى بولدۇم.
بىز‹‹م›› ناھيەسىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن بىز گۈلقىزنىڭ ‹‹تىنىچ ئوكيان ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش سالۇنى››غا يېقىن يەردە ئايرىلىشتۇق.قەيسەر پۇلنى ئېلىپ دۇكانغا كىرىپ كەتتى.مەن بىرەر سائەتچە ماگىزىن چۆگىلىگەندىن  كېيىن قېينانامنى يوقلىغاچ قەيسەرنى ساقلاپ تۇرماق بولۇپ ئايالىمنىڭ چوڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم. شۇ كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولغاچ بۇ ئۆيدە قېينانامدىن باشقا باجام(ئايالىمنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشى) ياسىنجان،قېيناكام ئابدۇراخمان،قېينىئىنىم مۆمىنجان ۋە قېيناچام خەيرىنىسالارمۇ  كېلىپ قېينانام بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىكەن .ئۇلار قەيسەرنىڭ بۇ سەۋدايى ئاشىقلىقلىرىدىن بۇرۇنمۇ ئاز تولا خەۋەردار ئېدى.بىز شۇ توغرىلىق پاراڭلشىپ ئولتۇردۇق.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 12:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسەل
بىر نادان كىشى سەپەر ئۈستىدە بىر مەھەللىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. بۇ مەھەللىدە ئىگىسى يوق لالما ئىتلار خېلى بار ئىكەن. ئۇلار ھېلىقى يولۇچىغا ئەگىشىۋېلىپ ھەدەپ قاۋاشقا باشلاپتۇ:
  -ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
  -ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
يولۇچى ئۇلاردىن بىراز قورقۇپتۇ،‹‹قانداق قىلىش كېرەك؟››ئۇ بىراز ئويلىنىپ ئىتلارغا ياخشى گەپ قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ھىسداشلىقىغا  ئېرىشىپ باقماقچى بوپتۇ:
-ياخشىمۇسىلەر ئىتلار؟ ھە ياق،ياق،ياق،ئىت ئەپەندىملەر،قانجۇق خانىملار، كۈچۈك بەگزادىلەر! بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىمدىن بەكمۇ خۇشال بولىۋاتىمەن.سىلەر بەكمۇ ئوماق،بەكمۇ سۆيۈملۈك،بەكمۇ مىھرىبان ۋ مىھماندوست ئىكەنسىلەر.بۈگۈن مەھەللەڭلەردىن ئۆتۈپ بولغىچە ئالدىمغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئېلىپ بەس بەستە تەبرىك سۆزلىرى قىلىشىپ كەتتىڭلار.شۇ تاپتا مەن تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن.بىلسەڭلار مەن تولىمۇ ئاددىي بىر يولۇچى،ھىچكىمگە پايدام ياكى زىيىنىم تەگمەيدىغان تولىمۇ ئاددىي بىر ئادەم شۇڭا بۇ ئالىيجاناپ ھەركىتىڭلار ماڭا ئارتۇقلۇق قىلىدۇ.شۇڭا سىلەردىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى مېنى بۇ يەردە توسۇۋالماي يول بەرگەن بولساڭلار،مەن ئاستا يولۇمغا كېتىۋااي.
ئىتلار داۋاملىق قاۋاۋېرىپتۇ:
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
  -ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-قانداق دېگەن غەرەز ئۇقمايدىغان ئىتلاردۇر بۇ،ياخشى گەپ قىلسام ئاڭلىمايدىيا؟ ئەمدى چۈشەنچە بېرىپ بىر يالۋۇرۇپ باقايچۇ،ئەي دوستانە ئىتلار،مەن راست ئېيتىۋاتىمەن، مەن راستىنلا ئاددىي بىر ئادەم،پەقەت بىر يولۇچى،مەن بۇ يەرگە سىلەرگە زىيان يەتكۈزگىلى ياكى سىلەردىن بىرەر نەرسە تالاشقىلى كەلمىدىم.ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە يېتىدۇ.شۇڭا ماڭا يول بەرگەن بولساڭلار.
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
  -ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-چۈشەنچىمۇ كار قىلمىدى ئەمدى تەھدىت سېلىپ بىر تىللاپ باقايچۇ! ھەي بەغەرەز ئىتلار،ھارام تاماق لالمىلار،مەن سەنلەرگە بىر ئوبدان گەپ قىلىۋاتىمەن.ماڭا يول بېرىڭلار،ئۆتكىلى قويۇڭلار دېدىمغۇ،نىمىشقا ياخشى گەپ ئاڭلاشمايسەن؟! چىرايلىقچە كېتىشسەڭ كېتىش،بولمايدىكەن ھەممىڭنى تىللايمەن، تاياق بىلەن ساۋىدايمەن،قاۋاپ توختىمىغان ئاغزىڭغا توخماق بىلەن سېلىپ ھىڭگاڭ چىشلىرىڭنى تۆكۈۋېتىمەن! ماڭ يوقىلىش!
  ئىتلار ئىنسان تىلىنى زادىلا  ئۇقمايدىكەن،پەقەت قاۋاپ قورقۇتۇپ تەھدىت سېلىشنى،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى نان پارچىسى ياكى سۆڭەك تاشلاپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ قۇرسىقىنى باقىدىكەن. بۇئۇلارنىڭ ھەر كۈندىكى كۆنگەن ئادىتى ئىكەن. بۇ پىخسىق نادان ئۇلارغا ياخشى گەپ قىلىپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىغا شۇنداقلا قىلغان بولسا بۇ كەمگە ئاللىقاچان يولىغا كېتىپ بولغان بولاتتىكەن.ئىتلار تىل بىلمىگەن بىلەن ئادەمنىڭ چىرايى ۋە ھەركىتىگە قاراپ مەقسىدىنى بىلىۋالىدىكەن.قارىغۇدەك بولسا خېرىدارنىڭ ئەلپازى يامان،كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ يۇقرى ئاۋازدا بىرنىمىلەرنى دەۋاتقان. ‹‹ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن نىمە قورقۇش،بۇنداق تەييار ئولجىنى نەپ بەرمىگۈچە ھەرگىز قويۇۋەتمەسلىك كېرەك،تېخىمۇ بەكرەك قاۋاپ بىر قورقۇتايلىچۇ!››
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
  -ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
  -ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
-ھاۋ،ھاۋ،ھاۋ!
  قاۋاش كۈچىيىپلا قالماي ئىتلارنىڭ ئەلپازىمۇ بۇزۇلۇپتۇ،چىشلار تېخىمۇ سەت ھىڭگايغان،كۆزلەر قان ئىچكەندەك قىزارغان.ئۇلار بارغانسېرى شىپقاپ كېلىپ بىچارە يولۇچىنى قورشىماقچى،بىرلىشىپ راسا تالاپ مەجبۇرى نەپ ئۈندۈرمەكچى بولۇشقان ئىكەن.
  دەل مانا شۇنداق خەتەرلىك بىر پەيتتە شۇ مەھەللىلىك بىر مويسىپىت بوۋاي بۇ يەردىن ئۆتۈپ قاپتۇ.ئۇ بىر قاراپلا ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ يولۇچىغا ئەقىل ئۆگىتىپتۇ:
  -ھەي يولۇچى،سەن ھازىر جەمىيەتنى چۈشەنمەيدىكەنسەن،ھازىر ھەرقايسى مەھەللىلەردە مۇشۇنداق لالما ئىتلار كۆپۈيۈپ قالدى.ئۇلار ياخشى يامان گەپ ئاڭلىمايدۇ،پەقەت تاياق توقماق ياكى تاش داڭگاللاردىنلا قورقىدۇ.سەن بۇندىن كېيىن سەپەرگە چىقساڭ ھاسا ئېلىۋالغىن.ئۇلار ھاسىدىن قورقۇپ ئالدىڭغا چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. ئەمدى ساڭا مەسلىھىتىم شۇكى دەرھال يەرگە ئېڭىشكىن دە قولۇڭغا تاش چىقسا تاش،داڭگال چىقسا داڭگالنى ئېلىپ ئۇلارغا ئاتقىن.شۇ چاغدىلا قۇتۇلۇپ قالىسەن!
  يوۇچى قۇرۇق گەپ سېتىشنى توختۇتۇپ بوۋاينىڭ دېگىنىدەك قىلغان ئىكەن لالما ئىتلار ھەمساتتا قۇيرىقنى خادا قىلىپ يول بوشۇتۇپتۇ.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بالىنىڭ ئەقلى كەمتۈكمۇ يا؟17 گە كىرگەن ئادەم شۇنچىلىك بىر ئىشلارنىمۇ ئويلاپ يىتەلمىسە؟؟؟؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش