uyol يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:14 PM
توغرا دېدىڭىز قېرىندىشىم
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا مۇھەببەتتە چوڭقۇرلاپ كەتكەن كىشىنىڭ بەئەينى مەسكىلا ئوخشاپ قالىدىغانلىقى، نورمال ئەقلى ھۇشىنى يوقۇتۇپ، نومۇس تۇيغىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مۇھەببەت سەۋدالىقىدا ئادەتتىكى ئادەملەر قىلمايدىغان بەزى سۆز ھەركەتلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يازدىم.
مەن بۇ پوۋېستنى ئۇ باش پېرسۇناژنى ۋە دادىنى مەدھىيەلەش،ھەممەيلەن شۇنداق قىلىڭلار دېگەن تەشۋىقاتنى قىلىش ئۈچۈن يازمىدىم.
ئەقلىڭىز نورمال،چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىز ياخشىراق بولسا باش تەرىپىدىكى ئىزاھاتنى ئوقۇپ بېقىڭ.
سىز ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ‹‹مەرگىزى ئىددىيە›› دېگەن ئاتالغۇنى ئاڭلاپ باققان بولغىيتىڭىز؟ بۇ پوۋېستنىڭ مەرگىزى ئىدىيەسىمۇ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش،مۇھەببەتىكى ساددىلىق،باشقىلارغا زىيادە ئىشىنىپ كېتىش،ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ۋاقىتنى ،زېھنىنى كۆڭۈل ئىشىغا ئىسراپ قىلىۋېتىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى تونۇتۇش، شۇنداقلا بىر قىسىم ئاتا -ئانىلاردىكى بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈش،كۆيۈنۈش ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق ،چىڭ تۇتماسلىق،نىشان بۇرىلىپ كەتكەندە ۋاقتىدا نىشااننى توغرىلىماسلىق، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە پىكىردە ئورتاقلىشىپ پەرزەنت تەربەيسى ۋە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى پائالىيەت ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشتىن ئىبارەت.
مەن سىزنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئالىي ئەزا بولالىغانلىقىڭزنى مۇبارەكلەيمەن. ئىنكاسلاردىكى بىر قىسىم توغرا قاراشلىرىڭىزنىمۇ قوللايمەن. لېكىن سىزگە شۇنىمۇ دەپ قويايكى ياخشى نىيەت ساپ بولۇشى، ئۇنىڭغا تىرناقچىلىكمۇ كىر ئارىلىشپ قالماسلىقى كېرەك.ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا سىزنىڭ قارشى تۇرۇۋاتقىنىڭىز ئەسەردىكى پېرسۇناژ ئەمەس باشقا بىرسىدەك قىلىدۇ.
سىز، مەن قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق2-يىللىق ئوقۇغۇچىسىمەن دەپ ئىنكاس يېزىپسىز. بۇ دەۋردە بۇنچىلىك بىلىم قابىلىيەتكە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس.شۇڭا بۇ تەرەپتىن سىزگە زوقۇم كېلىدۇ. لېكىن ئالدىنقى كۈنلەردىكى بەزى ئىنكاسلارنى يازغان ۋاقتىڭىز كەچلىك مۇزاكىر پەيتى ياكى دەرس ۋاقتى دېگەندەك بەزى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىپ قالىدىكەن. ئۇ مەكتەپتە بۇرۇن بىر تۇققىنىمىزنىڭ قىزى ئوقۇغان.ھازىرمۇ بىزنىڭ يۇرتتىن نۇرغۇن بالىلار ئوقۇيدۇ.شۇڭا ئۇ يەرنىڭ تۈزۈملىرىنى ياخشى بىلىمەن.ئۇ يېرىم ھەربىي تۈزۈمدە شەھەر بويىچە ئەڭ چىڭ باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپ شۇنداق ئىكەن سىز مەكتەپ تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق بويسۇنىشىڭىز،دەرس مۇزاكىر ۋاقىتلىرىدا توغا چىقماسلىقىڭىز ۋاقتىڭىزنى قەدىرلىشىڭىز كېرەك.
قۇرسىقىڭىزدا غۇم بولمىسىلا سىز بىلەن پايدىلىق پىكىر جقەھەتتە داۋملىق مۇنازىرلىشىشنى خالايمەن.