مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kell

يەتتە رەڭلىك قاشتاش ( فانتازىيە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 12:51 PM
بۇ تىمىنىڭ  باشلىنىشمۇ ياكى؟  باشلىمىسى نەدە باشتىن ئو ...

تۆتىنجى باب دەپ يېزىقلىققۇ دەيمەن . شۇنىڭغا قارىغاندا ، باشلىنىپ ئازراق ئۆتكەن ۋاقتى ئكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 10:12 AM
راست بۇ رومانمۇ ھېكايىمۇ؟ ئۇنىڭ ئىلگىركى قىسىملىرى نە ...

ھىكايە بولغان بولسا ، بىراقلا تۈگەپ كىتەر ئدى ، رومان شەكلىدىلا ئۇزۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇن قىلىپ يېزىۋىتەي دەيمىنا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qaynam1 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 10:28 AM
رەھمەت، دەسلەپتە بىرىنچى باب يوللانغاندا ئانچە قىزىقم ...

قىزىق يېرىنى تېخى كۆرمىدىڭىز ، خۇدايىم بۇيرىسا ئاخىرىنى داۋاملىق يازىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 10:38 AM
يىغىپ چۇغلاپ پۈتكەندە بىراقلا يوللىساڭلا بولمامدۇ

ئۇكام ، يازماق ئاسان ئەمەسكەن ، ئالدىرماي تۇرۇڭ ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 10:12 AM
راست بۇ رومانمۇ ھېكايىمۇ؟ ئۇنىڭ ئىلگىركى قىسىملىرى نە ...

ئىلگىرىكى قىسىملىرى ----- مىسرانىمدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:54:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزرەك يوللارسىز  ،،،بەك قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106725
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 514 سائەت
تىزىم: 2014-5-13
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 03:52:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى كىلەر شەنبە داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىشى مۇمكىن  شۇڭا ئالدىرماي ساقلايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 04:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەشىنجى باب   ئامرىكىغا بارمايمەن

غالىپ جىددىيلىشىپ قالدى . بۇ زادى قانداق بوپ كەتكىنى ؟ بۇ زادى چۈشۈممۇ ياكى ئوڭۇممۇ ؟ غالىپ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى . ھەم بىلەلمەيتتى . ئۇ دەرھال ساپما كەشىنى كىيىپ ، سىرىتقا قاراپ يۈگۈردى .
- رائىلە ، رائىلە ، مىنىڭ دىگىنىمنىڭ ھەممىسى راسىت .
ئۇ ئۆزىنىڭ زادى نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمەيۋاتقاندەك سەل تۇرۇپ قالدى :
- دوختۇر ، دوختۇر . تىزدىن مەسئۇل دوختۇرىمنى چاقىرىڭلار ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن . تىز .
سېستىرالار باشلىقى ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ چىققانلىقىنى كۆرگەندىلا جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ مەسئۇل دوختۇرىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دەرھال تېلفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى . چۈنكى ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسىنى ئالغان ئىدى . غالىپنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى ھايال قالدۇرماي قاندۇرۇش ، بارلىق چىقىملىرىغا دوختۇرخانا ئىگە بولۇش دىگەندەك 20 نەچچە يىللىق خىزمەت تارىخىدا ئاڭلاپ باقمىغان ئالاھىدە ئىمتىيازى ئۇنى ئالدىرتىپ قويدى .
- ۋەي ، رائىلە دوختۇرما ؟ شۇنداق ، غالىپجان سىزنى چاقىرۋاتىدۇ. مۇھىم ئىشتەك قىلىدۇ.
غالىپنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياقتىن - بۇياققا مىڭىشىغا قاراپ ، سېستىرالار باشلىقىمۇ تەمتىرەپ قالغان ئىدى. سېستىرالار باشلىقى نېمىلا دىگەن بىلەن ، دوختۇرخانىدا نەچچە ئون يىل ئىشلىگەن بولغاچقا ، بۇ ئالاھىدە ئەھۋالدىن بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتمىگەن ئىدى ، غالىپ گەرچە ئالاھىدە ئېمتىيازلىق بولسىمۇ ، سېستىرالار باشلىقىنىڭ ئالدىدا بىر ئالاھىدە بىمارلا ئىدى ، خالاس . سېستىرالار باشلىقى دەرھال دوختۇرخانا باشلىقىغا تېلفون قىلدى.
- باشلىق ، غالىپنىڭ بۈگۈن ئەھۋالى ئالاھىدە ، ئۇ جىددىي ھالدا رائىلە دوختۇرنى چاقارتتى . ئەھۋالدىن قارىغاندا ... شۇنداق ، شۇنداق ، غالىپ بەكلا تەمتىرەپ كىتىپ بارغاندەك قىلىدۇ . ماقۇل ، ماقۇل ، شۇنداق ، بولىدۇ.

بىردەمدىن كىيىن ، رائىلە قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە غالىپ ياتقان ئالاھىدە ياتاققا قاراپ كىلىپ كەلدى .
- نېمە ئىش ، شۇنچە ۋارقىراپ - جارقىراپ كەتكۈدەك ؟
قارىغاندا مۇشۇ ئەتراپتا بار چېغى ، بايام ئاۋازىم ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەندە ئاڭلىغان ئوخشايدۇ.
- سىز بايام سورىغان سۇئالنىڭ جاۋابى ، راست گەپ .
- قايسى گەپ ؟ يەنە شۇ چۈشۈم دىمەكچىما سىز ؟
- يا ، يا ، ئۇنداق ئەمەس ، ياق ، راس شۇنداق . ئەسلىدىنلا چۈشۈم راستقا ئايلانغان تۇرسا .
- ھەي ..... بولدىلا . غالىپ ، مېنى ئەخمەق قىلىشقا بۇنىڭدىن باشقا گەپمۇ تېپىلىدۇ .
غالىپ ئارتۇق گەپنىڭ ئىشەككە يۈك ئىكەنلىكىنى بىلدى دە ، ئۇدۇل بارغىنىچە رائىلەنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ياتاققا قاراپ ماڭدى . غالىپنىڭ قولىدىن تۇتۇپلا سۆرەپ مېڭىشى رائىلەنى بەكلا ھەيران قالدۇردى ، چۈنكى غالىپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنى خېلىلا تۇتىۋالغان يىگىت ئىدى .
- قولۇمنى قويىۋىتىڭ . قانداق قىلىق بۇ ؟
- مىڭىڭ ، ياتاققا كىرىك دەيمەن . سىزگە مەن ئىسپاتلاپ بىرىمەن .
- ئالدى بىلەن قولۇمنى قويىۋىتىڭ .
- ھە ، ماقۇل .
غالىپمۇ ئۆزىنىڭ سەل ھاياجانلىنىپ قالغانلىقىنى سىزىپ ، رائىلەنىڭ قولىنى قويىۋەتتى . ئاندىن ئۆزى ئالدى بىلەن يول باشلاپ ياتاققا قاراپ ماڭدى . رائىلەمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىردى .
- قاراڭ ھە .
غالىپنىڭ بىر قولىغا پىچاق ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرگەن رائىلە قورقۇپ كەتتى .
- ھەي ، غالىپ ، مەن ئىشەندىم ، بولدى ، قولىڭىزدىكى پىچاقنى تىزدىن قويۇڭ دەيمەن .
- ئەنسىرمەڭ ، ھىچ ئىش بولمايدۇ ، ئېنىق قاراپ تۇرۇڭ ھە .
- غالىپ ، بولدى ، پىچاقنى قويۇڭ . مەن .... مەن ....
رائىلە قورققان ھالدا ، ئارقىغا داجىدى ، بىراق ئارقىسىدىنلا كىرىپ كەلگەن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن يەنە جايىدىلا تۇرۇپ قالدى .
- بۇ قانداق بوپ كەتكىنى ، غالىپ ، قولىڭىزدىكى پىچاقنى قويۇڭ .
دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ، غالىپنىڭ قولىدىكى پىچاقنى ، قورقۇپ كەتكەن رائىلەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى .
- ئەستا .... ....
غالىپ قولىدىكى پىچاقنى يەنە بىر قولىنىڭ بارمىقىغا شارتتىدە قىلىپ سۈردى .
- ۋاي ... ...
قورقۇپ كەتكەن رائىلە ۋارقىراپ تاشلىدى . بۇ ۋاقتقىچە ئىشىك ئالدىغا بىر نەچچە سېستىرا ۋە دوختۇرلار يىغىلىپ قىلىشتى . غالىپ ئۇلارنى كۆرۈپ
- قاراپ تۇرۇڭلار ھە ، ھازىرلا ساقىيىدۇ .
قاراپ تۇرغان سېستىرالار قورققىنىدىن ئارقىسىغا داجىشتى ، غالىپ ئۆزىنى - ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆنىرىنى ئىشقا سالدى دە ، مىنۇتقا قالماي قان ئېقىۋاتقان قولىدىكى قاننى توختاتتى . كۆرۈپ تۇرغان دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن رائىلە دوختۇر ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئېچىلىپ قالغان ئىغىزلىرىنى يۇمالمايلا قالدى .
- بۇ ، بۇ قانداق ئىش ؟
- بۇ نېمە كارامەت ئەمدى ؟
كۆرۈشكە پىتىنالمىغان بىر نەچچە سېستىرالارمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياتاققا بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى . بىراق دوختۇرخانا باشلىقى سېستىرالار باشلىقى بىلەن رائىلەدىن باشقىلارنى چىقىرۋىتىپ ، ياتاق ئىشىكىنى چىڭ يىپىۋەتتى . دوختۇرخانا باشلىقى ئاستا مىڭىپ غالىپنىڭ يېنىغا كەلدى دە ، خۇددى ئاۋايلاپ تۇتمىسا ھازىرلا ئېرىپ  سۇنۇپ كېتىدىغان مۇز پارچىسىنى تۇتقاندەك غالىپنىڭ قولىنى ئاۋايلاپ تۇتتى .
- ۋوي ، بۇ قانداق ئىش ئەمدى ؟ تارتۇقمۇ يوققۇ ؟
سېستىرالار باشلىقى بىلەن رائىلە دوختۇر بىر ياندا ھەيرانلىق ئېلىكىدە ، ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى . غالىپ خۇددى ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇچۇپ كەلگەن پالۋانلاردەك بىر قولىدا پىچاق ، مەيدىسىنى تىك تۇتقىنىچە دوختۇرخانا باشلىقىغا قاراپ تۇراتتى .
- بۇ ، بۇ ، كۆزۈم تورلىشىپ قالدىمۇ يا ؟ راستىنلا ساقىيىپ قالدىغۇ ؟
- بۇ ئوڭۇممۇ ، چۈشۈممۇ ؟ خۇدايىم توۋا ، مۇنداق ئىشنى كۆرۈش ئەمەس ، ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .
- غالىپجان ، بۇ ، قانداق قىلدىڭىز ؟
ھەممەيلەننىڭ ئاغزى بىسىلماي قالدى . بىراق جىددىيلەشكىنىدىن ھەممەيلەن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قىلىۋاتاتتى . غالىپنىڭ مۆجىزىلەرچە ھايات قىلىشى ، ناھايىتى تىزلا ئەسلىگە كىلىشى قاتارلىق بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ھامان بىلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكەن بولسىمۇ ، نەتىجىنىڭ مۇنداق بولىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى .
- بۇ راستمۇ ؟
دوختۇرخانا باشلىقى ھەيرانلىق ئىلىكىدە يەنە بىر قېتىم سورىدى . بايىدىن بىرى ئاغزى بىر ئېغىز گەپكىمۇ كەلمىگەن رائىلە دوختۇر :
- غالىپ ، يەنە بىر قېتىم كىسىپ كۆرۈپ بىقىڭە ... ...
- يەنە بىر قېتىم ؟
غالىپ تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن تاساددىبىلىق ھىس قىلغاندەك :
- يەنە بىر قېتىم كەسسەم بولىۋىرىدىغان ياغاچ قول ئەمەس بۇ ، بەكلا ئاغرىيدىكەن . بىراق سىز دىگەندىكىن يەنە بىر قېتىم كەسسەممۇ كىسەي .
شۇنداق قىلىپ غالىپ قولىنى يەنە بىر قېتىم كىسىپ ، ئەسلىگە ئەكەلدى . دوختۇرخانا باشلىقى قاتارلىقلار توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتقىنىچە ، ئۇنىڭغا ئوبدان ئارام ئېلىشىنى تاپىلاپ ، سىېرتقا قاراپ ماڭدى .

ئارىدىن ئون مىنۇتلار ئەتراپىدا ئۆتكەندىن كېيىن ، ھېلىقى بىر نەچچە ياپونىيەلىك مۇتەخخەسسىسلەر رائىلە دوختۇر بىلەن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقىدا ياتاققا كىرىپ كەلدى .
- غالىپ ، خاپا بولماي ، يەنە بىر قېتىم قولىڭىزنى كىسىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولامدۇ ؟
رائىلەنىڭ بايامقى ئاچچىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . بەلكىم ئۇ ، غالىپنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆنىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۇنى خاتا ئەيىپلىگەنلىكىنى بىلگەندۇ ، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى غالىپ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس . غالىپ رائىلەنىڭ سۆزلىرىنى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغاندەك ئاڭلايتتى .
- بولىدۇ .
غالىپ قولىنى يەنە بىر قېتىم كەسكەندىن كىيىن ، ياتاققا كىرگەن بارلىق دوختۇر ، مۇتەخخەسسىسلەر ھەيرانلىق ئېلىكىدە ئۇنىڭغا قاراشتى ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ نەزىدىن ئۇنى بىر ئادەم ئەمەس ، غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئورنىدا كۆرىۋاتقاندەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس ئىدى . ئارىدىن بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن ، ئاقباش بىر پاكىنەك ( ياپونلۇق ) غالىپنىڭ قولىنى ئاستا تۇتقاندىن كىيىن :
- مەن 50 يىلدەك دوختۇرلۇق قىلىپ ، تېخى مۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . ئەگەر خالىسڭىز ، سىزنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كۈتسەك ، ئەگەر قوشۇلسىڭىز ، ئامرىكىغا چىقىپ ، يۇقىرى تېخنىكا بىلەن بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارىڭىزنىڭ سىرىنى بىلەلىگەن بولساق ، سىزنىڭ بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارىڭىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولاتتى .
- ئامرىكا ؟ مەن ئامرىكىغا چىقامدىم ؟
غالىپ سەل ئىككىلەنگەندەك :
- كەچۈرۈڭ ، مەن چىقالمايمەن . ھەم چىقمايمەن . چۈنكى بۇ يەردە مىنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىم بار .
غالىپ يەنە بىر قېتىم رائىلەگە مەنىلىك بىر قارىۋالدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 05:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يوللاپ قويدۇم ،. بۈگۈن ئارام ئالغان ، ئەگەر باشقۇرغۇچىلار ئىنكاسىمنى تىزراق تەستىقلىۋەتسە ، ئىنكاس شەكلىدىلا چىقىدىغۇ دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى كۆرىدىغانلار يوقما؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش