مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kell

يەتتە رەڭلىك قاشتاش ( فانتازىيە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105570
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 11:46:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئوقۇشقا بەكلا قىزىقىپ قېلۋاتىمەن ،ۋاقتىڭىز چىقسىلا يېزىپ تۇرارسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105570
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 11:47:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇزۇن تاشلاپ قويماڭ جۇمۇ؟ ئادەمنى تەقەززا قىلىپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 817 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 01:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە ئىككى كۈن كىرمىسەمۇ يەنە ئاخىرى چىقماپتىغۇ  بۇ ئەسەرنىڭ    تازىمۇ بىر  

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:17:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يەنە يوققۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتىنجى باب   ئامرىكىغا سەپەر  (1)

ئىككىنجى كۈنى ، رائىلە دوختۇرنىڭ ياتىقىغا كىرىشى بىلەن غالىپ تاڭ سەھەردىلا ئويغۇنۇپ كەتتى .
- دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋاقتى ئىلگىرى سۈرۈلدىمۇ نېمە ؟
رائىلە غالىپنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغاندەك قىلىپ ، كارۋات ئالدىدىكى ئوروندۇقنى ئالدىغىراق سۈردى دە ، ئالدىرماستىن ئولتۇرىۋىلىپ :
- ئەگەر قوشۇلسىڭىز ، ئامرىكىغا چىقىپ كۆرۈنۈپ كىلىڭ ، نېمىلا دىگەن بىلەن سىزدىكى بۇ ئەھۋالمۇ بىر غەلىتە كىسەللىك بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە ھازىرچە ھىچقانداق ئىش بولمىغاندەك قىلغاندەك بىلەن ، كىيىنچە يەنە باشقىچە بىر غەلىتە ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك . بىزنىڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش شارائىتى ، سىزنىڭ مۇنداق غەلىتە كىسەللىكىڭىزگە نىسبەتەن ھىچقانداق ئىلگىرلەش ئىلىپ كىلەلمەيدۇ .
غالىپ سەۋىرچانلىق بىلەن رائىلەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن :
- دوختۇر ، سىزگە ئىككى نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قوياي  ، بىرىنجىدىن ، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كىسەللىك دەپ ئېيىتسىڭىز تازا توغرا بولمايدۇ ، بۇ دىگەن كىسەللەرنى ساقايتىدىغان ئوبدان ئۇسۇل . ئىككىنجىدىن ، مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئامرىكىلىقلار ساقايتىش ئەمەس ئۈچۈن ، تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن . ئۇنداق ئەمەسمۇ يە ؟
رائىلە نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ، غالىپ يەنە :
- ئۇ يەرگە سىزمۇ بارامسىز ؟
رائىلە خۇددى غالىپنىڭ ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغانلىقىدىن ھەيران قالغاندەك :
- سىز قانداق بىلدىڭىز ؟
- ئۇلار سىزگە قانداق ئىسىل نەرسىلەرنى بىرىشكە ۋەدە قىلدى ؟
- ھىچ ... ھىچقانداق .
- ئەمسە نېمىشقا تۈنۈگۈن بۇ گەپلەرنى دىمەي ئەمدى دەيسىز ؟
رائىلە نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى بىلەلمەي قالدى . بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەققىقىي گەپلەر بولغاچقا ، قانداق جاۋاپ بىرىشىنى بىلەلمەي قالدى . كىچىدىن بىرى غالىپنى قانداق قايىل قىلىش توغۇرلۇق ئويلانغان بىر قاتار گەپلىرىنىڭ ھەممىسى كاللىسىدىن قىچىپ كەتكەندەك ، تىلى ھىچبىر گەپكە كەلمەي قالدى .
- ئەگەر بىر نەچچە تەلىۋىمگە قوشۇلسىڭىز ، مەنمۇ سىز بىلەن بىرگە ئامرىكىغا چىقىشقا قوشۇلىمەن .
غالىپنىڭ ئېيىتقان بۇ سۆزىدىن رائىلە خۇددى بىر ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتى .
- قېنى ئېيتىڭ . قانداق تەلىپىڭىز بار ؟
- ھە ؟ ھازىرچە تېخى ئويلىنىپ بولالمىدىم . ئويلىنىپ بولغاندا ئاندىن سىزگە ئېيتاي ھە .
غالىپنىڭ تەلىۋىنى ئېيتماسلىقى رائىلە ئازراق ئۈمىدسىزلەندۈردى .
- ھە بوپتۇ ئەمىسە . تەلىۋىڭىزنى ئويلىنىپ بولۇپ ماڭا ئېيتىڭ ئەمىسە .
رائىلە ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغىنىدا غالىپنىڭ پەس ئاۋازدا ئېيتقان سۆزى قۇلىقىغا كىردى :
- ئەگەر ھازىرقى يۈرگەن يىگىتىڭىزدىن ئايرىلىپ كىتىڭ دىسەم ، قوشۇلامسىز؟
رائىلەنىڭ ئىشىكنى ئىچىۋاتقان قوللىرى تېڭىرقاپ قالدى . ئىشىكنى تېخى ئاچماي تۇرۇپلا ئىشىككە ئۈسسۈۋالغاندەك ئارقىسىغا داجىدى .
- نېمە ؟
- ئايرىلىپ كىتەمسىز ؟
رائىلە ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قالدى دە  ، قەدەملىرىنى جانلىق ئىلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى .

رائىلەنىڭ بىشىغا غەم چۈشكەن ئىدى . ئاتا - ئانىسى يىراق سەھرادا ، ئۇنى مىڭ بىر جاپادا ئوقۇتۇپ چوڭ قىلدى . تىببىي ئۇنۋىرسىتىتتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن يېزىدىكى نەچچە مو يەر ۋە ئۆيلىرىنى سىتىۋەتتى . ھازىرقى تۇرۇۋاتقان كىچىككىنە ئۆيىمۇ ئۇنىڭ بۇ نەچچە يىلدىن بىرى تاپقان - تەرگەنلىرىگە كەلگەن كىچىككىنە نەچچە ئېغىز ئۆي . گەرچە ئۇنىڭ يۈرۈۋاتقان يېگىتىنىڭ پۇلى جىق بولسىمۇ ، يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ قوشۇلماسلىقى بۇ ئىككەيلەننى تېخى ھەقىقىي بىر جۈپلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان ئىدى . رائىلە كۆپ ئويلاندى ، بۇ خىزمەت ئۇنىڭغا مىڭ بىر مۇشەققەتتە كەلگەن خىزمەت ، بىراق بۇ خىزمەتتىن ئايرىلسا ، ئۇنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىسىغا يۈز كىلەلمەيتتى . ئۇنىڭغىمۇ بۇىڭدىن ياخشىراق خىزمەت چىقىشى ئەمدى تەس ئىدى . بىراق ھازىرقى يۈرگەن يىگىتىنى ئۇ بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى . ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ،... ... ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس . بىراق دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن ئىدى .

رائىلەدىن جىددى تېلفون تاپشۇرىۋالغان يىگىتى دەرھال دوختۇرخانا ئالدىغا يىتىپ كەلدى . دوخـتۇرخانا ئالدىدا رائىلە ناھايىتى چۈشكۈن ھالدا ساقلاپ تۇرغان ئىدى .
- رائىلە ، نىمە بولدى ؟ نىمىگە مۇنچە چۈشكۈن بولۇپ قالدىڭىز ؟
- مەمەت ، مەن قىيىن مەسىلىدىن بىرىگە يولۇقۇپ قالدىم .
- قانداق قېيىن مەسىلە ؟ دوختۇرخانىڭىزدىكى ھېلىقى ئالاھىدە كېسەلنىڭ ئىشىما ‹؟
- شۇنداق . شۇنداق دىسەممۇ بولىدۇ .
- باشلىقىڭلار يەنە شۇنىڭ مەسىلىسىنى تىپىپ چىقمىدىڭ دەپ بىسىم قىلىۋاتامدۇ ؟
- ياق ، بىراق .... ....
- ئالدىرماي سۆزلەڭ رائىلە ، نېمە ئىش بولدى ؟
ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك بولۇپ قالغان رائىلە ، بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن :
- مەمەت ، دوختۇرخانا باشلىقى مېنى ئامرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى . سىز قانداق قارايسىز ؟
- ۋوي ، بۇ بىر ئوبدان ئىش ئىكەنغۇ ؟
- شۇنداق ، بۇ بىر ئوبدان ئىش . بىراق ... ...
-نېمە بىراق ؟
- مەن ھېلىقى غالىپ دىگەن بىمار بىلەن بىللە چىقىدىكەنمەن .
- نېمە ؟غالىپ دىگەن ئۇ بىمارمۇ بىلىم ئاشۇرغىلى چىقامدىكەن ؟
- ياق ، بۇ بىمارنىڭ كىسىلى ئالاھىدە بولغاچقا ، ئۇنى ئامرىكىغا ئىلىپ چىقىپ كۆرۈپ باقماقچى ئىدۇق ... ...
- ھە ، مۇنداق دەڭ . ئۇنداقتا پۈتۈن چىقىملىرىنى دوختۇرخاندىن چىقىرىدىكەندە ؟
- شۇنداق .
- ئەمىسە سىزگىمۇ بىسىم بولمايدىكەنغۇ ؟
-شۇنداق .
- ئەمسە نېمىگە شۇنچە جىددىيلىشىپ كەتتىڭىز ؟
- غالىپ پەقەت مېنىڭلا سۆزۈمنى ئاڭلايدۇ . بۇنى مەن سىزگە دەپ بەرگەن .
- شۇنداق بىلىمەن.
- غالىپ ئەسلى ئامرىكىغا چىقىشقا قوشۇلمىغان ئىدى .... دوخـتۇرخانا باشلىقى ، ئۇنى مىنىڭ قايىل قىلىشىمنى ئېيىتتى ، مەنمۇ ئۇنى قايىل قىلدىم . بىراق ... ...
- ھە ؟
- بىراق غالىپنىڭ تەلىپى ، مىنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشىم بولۇپ قالدى .
- ئا... ھاي ، قانداق تەلەپ بۇ . قاملاشمىغان .
مەمەتنىڭ چىرايى پۈرلىشىپ كەتتى .
- شۇ ، بۇ تەلەپنى ئاڭلاپ ... مەنمۇ شۇ ، سىزگە مەسلىھەت سىلىش ئۈچۈن ...
مەمەت بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن :
- دىمەك ، سىزمۇ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىپسىزدە ؟
- ياق ، مەن پەقەت ، تېخى قوشۇلمىدىم .
- دىمەك ، قوشۇلماقچى ئىكەنسىزدە ؟
- مەمەت ، بۇ نېمە دىگىنىڭىز ، مەن بۇ يەردە سىزگە ئېيتىۋاتىمەنغۇ مانا .
- رەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم دەل ۋاقتىدا رەت قىلىش كىرەك ، رائىلە .
- بىراق بۇ ئىشلار مىنىڭ خىزمەت مەسىلەمگە بىرىپ تاقىشىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ بىلسىز ، مىنىڭ ئاتا - ئانامنىڭ پۈتۈن ئۈمىدى مەندە .
- بىراق .. ..
مەمەتمۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى .
ئىككەيلەن خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى . مەمەت يېرىم سائەتلەردىن كىيىن كىتىپ قالدى . رائىلەمۇ دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا قاراپ ھالسىز پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە ماڭدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتىنجى بابىنى يېزىپ ئەۋەتىپ قويدۇم . ۋاقتىم ئاز بولغاچقا ئازراق يېزىپ تۇردۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 03:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arka1 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 02:17 PM
ئاخىرى يەنە يوققۇ

ۋاقتىم بولسىلا چىقىرۋاتىمەن بولمىسا ، كونۇپكا باسماسلىقنىڭ تەسلىكىدە ، ئاز ئازدىن چىقىرۋاتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 03:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkogul يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 01:09 PM
مۇنبەرگە ئىككى كۈن كىرمىسەمۇ يەنە ئاخىرى چىقماپتىغۇ  ب ...

خىزمەت قىلىشتىن سىېرت بۇ نەرسىنى يېزىش تازا ئاسان ئەمەسكەن ، توغرا چۇشۇنىڭ ھە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 04:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن چىقىدىغاندەك ئەمەس ، مەنمۇ چىقىپ ئارام ئالاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 08:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ  ،،،داۋامىنى تېزرەك يولرسىلارسىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش