مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kell

يەتتە رەڭلىك قاشتاش ( فانتازىيە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107101
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 10:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بۇ ئەسەرگە  بەك  قىزقىپ  قالدىم ، شۇنداق  ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،تىخىمۇ  ياخشى  چىقىشىغا  تىلەكداشمەن.  

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9566
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 12:08:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى  پىچەت  يىزىۋىتىپسىزغۇ ،ئېسىل!ئېسىل  !   قەلەم  تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي، لىكىن غالىپنىڭ قىزىقىشى  مۇھەببەتكە  بىسىم  قىلىپ  قۇيىۋاتىدۇغۇ  . بۇ مۇھەببەت  قارشى  تەرەپنىڭ  مەيلىسىز  ئىرىشكەن مەجبورىي  مۇھەببەت  بوپ قالىدىغان  بولدى-دە

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12499
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32519
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 12:29:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ،داۋامىنى كۈتىمىز......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 04:35:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
8- باب  ئامرىكىغا سەپەر (2)

غالىپ توپتوغرا بىر كۈن ساقلىغاندىن كىيىن ، رائىلە ئۇنىڭ قىشىغا كىردى .
- مەن تەلىپىڭىزنى رەت قىلماقچى ئەمەس ، بىراق ، مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن . گەرچە سىزنىڭ ئامرىكىغا چىقىشىڭىز مەن ئۈچۈن مۇھىم ئىش ھىساپلانسىمۇ ، بىراق .... ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتەلمەيمەن .

رائىلەنىڭ كىرىپلا ئېيتقان سۆزلىرى ئۇنى ھەيران قالدۇرالمىدى .

- بىلەتتىم . مەنمۇ ئۇنى راستلا بىردىنبىر تەلىپىم دېمىدىمغۇ ؟
غالىپنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرى ئۇنى بەكلا ھەيران قالدۇردى . چۈنكى ئۇ مەمەت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئەگەر غالىپ بۇ تەلىۋىدىن يانمىسا ، ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە يىگىتىدىن ئايرىلىپ كەتتىم دەپ قويۇش ، غالىپ يۈرۈش تەلىپى قويسا قەتئىي ماقۇل بولماسلىق دىگەندەك ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم بىلىدۇ دەيسىز . غالىپ ئامرىكىغا چىقىپلا ئامرىكىدىن كىرەلەمدۇ ، كىرەلمەمدۇ دىگەندەك . ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى يەنە كىم سۈرۈشتە قىلىپ يۈرەتتى . بىراق غالىپ تۇيۇقسىزلا گىپىدىن يىنىپ قالدى . بۇنداق بولغىنىمۇ ياخشى بولدى . مۇنداق بولغاندا ئۇلار يالغان سۆزلەپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ .

- بۇ ؟ راسىتما ؟ ئۇنداقتا .... ....
-ئالدىرماي تۇرۇڭ رائىلە دوختۇر ، مېنىڭ يەنە باشقا تەلەپلىرىممۇ بار .
- پەقەت ئاشۇنداق قاملاشمىغان تەلەپ بولمىسىلا بولىۋىرىدۇ . قېنى ئېيتىڭ .
- ئەمىسە ، ئامرىكىغا چىققۇچە بولغان ئارلىقتا كۈندە ئۈچ ۋاقلىق تاماقتا ماڭا ھەمراھ بولىسىز .
-نېمە ؟
رائىلەنىڭ چىرايى سەل تۇتۇلدى .
- شۇ ، تاماق يەيمىز . چىقىمىنى دوختۇرخانا تۆلەيدۇ . كەچلىك بازارنى بىللە ئايلىنىشىپ بىرىسىز . دىگەندەك .
- بۇ قانداق تەلەپ ئەمدى ، چوپ چوڭ بىر ئەركەككە مەن قوغدىغۇچى بولامدىم ئەمدى ؟
- ئۆزىڭىز دىگەنغۇ ، بۇ دىگەن كىسەللىك دەپ ، ئەگەر بىرەر كىسەللىك ئالامىتى قوزغالغۇدەك بولسا ، سىز دوختۇر بولغاندىكىن مىنى جىددى قۇتقۇزىسىز دە ؟
رائىلەنىڭ بۇ چىدىماس يىگىتكە قاراپ راستلا ئاچچىقى كەلدى . مۇشۇنداقمۇ چىدىماس ، مۇشۇنداقمۇ ئاقماس ئادەم بولامدۇ ؟ يىگىتىمدىن ئايرىيالماي ئەمدى ....
- سىزنىڭ راۋۇرۇس بىر تەلىپىڭىز يوقمۇ ؟
- بۇ راۋۇرۇس تەلەپ ئەمەسما ؟
- ئەمەس .
- ئۇنداقتا قانداق تەلەپنى راۋۇرۇس تەلەپ دەيمىز ؟

بۇ غالىپ دىگەن بىر نىمىگە راستىنلا گەپ تىپىپ بەرگىلى بولمىدى .
- بوپتۇ ، بۇ تەلەپلىرىڭىزگە مەن ماقۇل بولاي ، بىراق ، تاماق ۋاقتىنى مەن بىكىتىمەن .
- ھە . مۇنداق دەڭ . بولىدۇ .

رائىلە ياتاقتىن چىقىپلا يىگىتىگە تېلفون قىلدى .
- ۋەي ، مەمەتما ؟ غالىپ سىزدىن ئايرىلماسلىقىمغا قوشۇلدى ، بىراق ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يىيىشىپ بىرىسىز دەپ بىر تەلەپنى قويۇپ تۇرۇۋالدى . قانداق قىلىمىز ؟
- بۇ قانداق تەلەپ ئەمدى ؟
- بۇ غالىپ دىگەن زادى مەن بىلەن قېيىشىپ كىلىۋاتقان بىر نىمە ، بەك ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى . .. ...
- ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز تاماق يېسىڭىز مەن خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن ، ئەڭ ياخشىسى ھەر قېتىملىق تاماققا مەن بىللە چىقاي .
- ھە ، بۇ ئامال بولىدىكەن . شۇنداق قىلايلى .
- بولىدۇ ، تاماق ۋاقتىدا تېلفون قىلىڭ ئەمىسە .


غالىپ كىيىملىرى رەتلىك كەيدى دە ، ئەينەك ئالدىغا كىلىپ چاچلىرىنى رەتلىك تۈزەشتۈردى . چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا غالىپنىڭ ئاتا-ئانىسى كىلىپ قالغاچقا رائىلە بىلەن بىللە تاماققا چىقالمىدى . ئەمدى كەچلىك تاماقنى بولسىمۇ بىللە يىيىشى كىرەكتە . بىراق قورساقنىڭ ئاچقىنىدا رائىلە ھىچ كىرەي دىمەيۋاتىدۇ دىسە .
غالىپ ياتاق ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا تولا مېڭىۋىرىپ ھېرىپ كەتتى بولغاي ، سىرىتقا چىقىپ سېستىرالار باشلىقى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى . ئىشىكنى ئەمدىلا ئېچىشىغا كاستىيۇم - بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ كىيگەن بىرەيلەن بىلەن بىلەن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان رائىلەنى كۆردى . كۆردى يۇ چۈشەندى .

- قورسىقى تازا ئاچسا ، جىق نەرسە ئېلىپ مىھمان قىلاي دەپ ، قەستەن ياتاق ئىچىدە ساقلىتىپسىز دە مىنى ؟
- ھە ؟
ئەمدىلا ئىشىك ئالدىغا كەلگەن رائىلە نىمە دىيىشىنى بىلمەي قالدى .
- دوخـتۇرخانىدىن بەرگەن پۇل يەتمەي قالسا دەپ مەمەتجاننىمۇ باشلاپ كەپسىز مانا . تازا تويغۇچە تاماق يەيدىغان بولدۇم دە ئەمدى .

نۇمۇسسىز ئادەملەرنىمۇ كۆرگەن ، سەندەك نۇمۇسسىزلارنىڭ پادىشاھىنى پەقەت كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن دەپ ئويلىدى مەمەت .
- بۇمۇ بىر ھىساپتا بوپتۇ . يىگىتىڭىزنىڭ پۇلى جىق ، بىزنى مىھمان قىلسا كۆپ بولسا بىر ئىككى مىڭ كوي كىتەر . بەزىدە يېرىم كىچىدىمۇ قورسىقىم ئىچىپ كىتەتتى ، تاماقتىن ئازراق بولسىمۇ ئىلىۋىلىپ قايتىپ كىلەرمەن ياتاققا.

غالىپنىڭ خىجىل بولماستىن ئېيىتقان بۇ سۆزلىرىدىن رائىلەنىڭ راستىنلا خۇيى تۇتتى :

- ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ غالىپ ، يۈزىڭىز نېمە دىگەن قېلىن سىزنىڭ ؟
- ھەي ، ھەي ، يىگىتىڭىز ئۇنچىلىك پۇلنى ھىچنىمە دىمەيۋاتسا سىز ھىساپلاپ كىتىپ بارىسىز ھە ؟ ئەگەر يىگىتىڭىزدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىز ، ئۇنچىلىك ئەمەس ، ئۇنىڭدىن ئون ھەسسە بولسىمۇ سىزگە قىلىپ بىرەتتىم مەن .
- نۇمۇسسىز ... ...
رائىلەنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كەلدى . بىراق ئامال يوق ئىدى . غالىپنىڭ چىشىغا تىگىپ قويسا ، دوختۇرخانىدىكى خىزمىتى ، ئامرىكىغا چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئىشلىرى دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولاتتى .
- بۇ يا نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش بولمىسا ، سىزنى ياقتۇردىغانلىقىمنى مەن دىمىسەممۇ بولىدۇ ، ھەممە ئادەم بىلىدۇ . شۇڭا دوختۇرخانا باشلىقىمۇ سىزنى مىنى قايىل قىلىشقا ئەۋەتتى ئەمەسمۇ ؟

رائىلەنىڭ چىرايى تامدەك ئاقاردى ، نۇمۇسسىز دىگەن بۇ بىر ئېغىز گەپ غالىپقا نىسبەتەن ھەقىقەتەن بەك يەڭگىل كىلىپ قىلىۋاتاتتى . بىراق ئاچچىقى كىلىپ ئاران تۇرغان رائىلە زادى قانداق گەپ بىلەن غالىپنىڭ بۇ چەكتىن ئاشقان نۇمۇسسىز گەپلىرىنى توسۇشقا ئامالسىز قالدى ، بۇ چاغدا مەمەت گەپكە كەلدى :

- بولدى رائىلە ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرمەڭ . غالىپجان تېخى كىچىك . ھىسسىيات مەسىلىسىنى ئۇنچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ . كىينچە ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان قىزدىن بىرى چىققان ۋاقىتتا ئاندىن سىزنى مۇنداق قىستاپ بىئارام قىلمايدىغان بولىدۇ .

- مەمەتجان ئاغىنە ، مىنى كىچىك دىسىڭىز بولمايدۇ ، مەنمۇ 20 دىن ئاشتىم . ئەمدى سىز رائىلە بىلەن توي قىلمىغاندىن كىيىن ، مىنىڭمۇ ئۇنى قوغلىشىش ھوقوقۇم بارغۇ دەيمەن ؟
- بار ، ئەلۋەتتە بار ، بىراق ئۇنىڭمۇ ھىسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
- مەن ھۆرمەت قىلىمەن ، كىم دەيدۇ مېنى ھۆرمەت قىلمايدۇ دەپ ؟

رائىلە بىلەن مەمەت ئىككەيلەننىڭ تاقىتى تاق بولدى . ئۇنىڭ مۇنداق نۇمۇسسىزلارچە قىلغان گەپلىرىگە چىداپ تۇرغۇدەك ئەلپازى قالمىغان مەمەت :
- بولىدۇ ، ھۆرمەت قىلسىڭىزلا مەن شۇنىڭدىن خۇش . ئەمسە تاماققا چىقامدۇق ؟ نەگە بېرىپ قانداق تاماق يېگۈڭىز بار غالىپجان ؟
- كەچلىك بازارغا.
مەمەتنىڭ ئاچچىقىنى تازا كەلتۈرۋالغان غالىپ ، مەمەتنىڭ ئىسىل ئائىلىدىن كىلىپ چىققانلىقى ، كەچلىك بازاردەك يەرلەرگە ئاز بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، كەچلىك بازارغا بىرىپ ئۇلارنى تېخىمۇ جىلە قىلماقچى بولدى . ئۇلارنى راسا زىرىكتۈرۋەتمىسە ، ھەر قېتىم رائىلە بىلەن تاماققا چىققاندا ، مۇنۇ مەمەتنىڭ ئۇلارغا ئەگىشىپ چىقىۋىلىشىغا يول قويسا بولمايتى .

شۇنداق قىلىپ ئۇلار دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەچلىك بازار تەرەپكە قاراپ يول ئالدى .

دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ تۇرغان ياپونىيەلىك ئاقباش قېرى قولىدىكى تېلفوننى ئالدى دە :
- ئۇلار يولغا چىقتى ، كۆزۈڭلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ، ئەگەر غالىپنىڭ بىر تال مويى كەم بولسا ، ھەر قايسىڭدىن ھىسابىنى تولۇق ئالىمەن .
دىدى دە ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، ئارقىسىدا تۇرغان دوختۇرخانا باشلىقىغا قاراپ :
- دوختۇرخانا سىرتىدا غالىپنىڭ ئامانلىقىغا مەن كاپالەتلىك قىلىمەن . دوختۇرخانا ئىچىدە سىز.
- بولىدۇ ، چاتاق يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 04:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تېلفون كىلىۋىرىپ مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇردۇم ، ۋاقتىم جىقراق چىققاندا ، كۆپرەك يازارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 05:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىچە يوللانماپتۇ . يەنە بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭلار.

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9566
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 10:57:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kell يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 04:35 PM
8- باب  ئامرىكىغا سەپەر (2)

غالىپ توپتوغرا بىر كۈن ساقلىغ ...

بەك  ئېسىل  چېقىۋاتىدۇ  جۇمۇ  بۇ  ئەسەر ،  ھەقاچان  ياپۇنىيەلىك  دوختۇرنىڭ  قوغدۇغىچىلىرىنىڭ  ھەممىسى  ئالتۇن  سامۇرايلاردىنمىكى (ئەڭ  تۆۋەن دەرىجىلىكى)دەيمەن. چۈنكى بۇ  دوختۇرنىڭ  يۈز-ئابرويى  داشىمىردەكلا  چوڭكەن ئەمەسمو.  سامورايلارنىڭ  قوغدىلىشىدا يۈرسە  نىمە دىگەن بىلەن-ھە !   تەڭرىقۇت  سامۇرايلىرى  ھەقىقەتەن  بەك  قالتىستۇ-ھە .   《ۋەششىي سامۇراي》دەپ  بىر  كېنو  بولىدىغان،كورىيەلىك  Rain  بااش  رول  ئالغان ، بەك  ئېسىل  ھەم  بەك  ۋەششىيتى  ئۇ  كېنو .

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99125
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2013-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 11:21:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى بىر يولىلا 3باب ئوقۇۋالدىم  ، يەنە يوللاپ تۇرۇڭ بولامدا  ، خېلى قىزىقىپ قالدىم ، باغانچە ياخشى چىقىۋاتىدۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 11:33:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرغا تىخىمۇ قىززىقىپ قىلۋاتىمەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107182
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 417
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:23:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غالىپ جوووووون  ئاۋۇ 6,باب تىكى  سامۇراي توغۇرلۇق گەپلە راسمۇيا   دەھشەت قىزىقتۇرىۋالدىيا  ئادەمنى   .ئاشۇ 6, باب نى  6قىتىم  ئوقۇپ بولدۇم  شۇ توغۇرلۇق  ماتىرياللانى  ماڭا ئەۋەتىپ بىرەلەسىز مۇ  چچ 415272187   Email: Emir@hacked.es

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش