مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kell

يەتتە رەڭلىك قاشتاش ( فانتازىيە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 07:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9- باب ئامرىكىغا سەپەر  (3)

كەچلىك بازار ھەقىقەتەن بەك قايناپ كەتكەن ئىدى . غالىپلار چەترەك خالىيراق جايدىن ئورۇنلاشتى ، مەمەتنىڭ چىرايى ئىپادىسىز تۇرغاندەك قىلغان بىلەن ، ئىچىدە مۇنداق پاسكىنىچىلىققا تولۇپ كەتكەن جايغا باشلاپ كەلگەن غالىپقا نىسبەتەن ئۆچلىكى كىلىپ ئاران قالغان ئىدى .

- خوجايىن ، 100 زىخ كاۋاپ ... ...
- نېمە ؟ 100 زىخ ؟
- ئاز بوپ قالدىما ؟ يەنە ئازراق ...
- بىز بۇ يەرگە قورساق توقلىغىلى كەلگەن ، بەزمە ئۆتكۈزگىلى ئەمەس.
- ھە ، ئۇنداق بولسا يەنىلا 100 زىخ بولىۋەرسۇن ، ئاشقىنىنى ئىلىپ كىتىمەن .

رائىلە بىلەن مەمەتنىڭ چىرايى سەل تۇتۇلدىيۇ ، گەپ قىلمىدى . بىراقزە ئىچىدە غالىپنى نەچچە مىڭنى تىللاپمۇ ئۈلگۈردى . ياندىكى ئورۇندا ئون - ئونبەشتەك ئولتۇرغان بالىلارنى كۆرۈپ غالىپنىڭ خۇشلىقى تۇتقان چېغى ، تېلفونىنى ئىلىپ مەكتەپتىكى ياتىقىغا تېلفون قىلدى .

- ئەسئەتما ؟ ئاداش ، ياتاقتىكى بالىلارنى ئىلىپ كەچلىك بازارغا كىلە . تاماق يەيمىز . ھەئە ، شۇنداق ، مىھمان قىلىمەن.

‹ مىھمان قىلىمەنمىش › مەمەتنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى .

بىردەمدىن كىيىن غالىپنىڭ ياتاقداشلىرىمۇ كىلىشتى . بىر ئىككىدىن ئۇششاق - چۈششەك بۇيرۇتقاندىن كىيىن پىۋا ئىچىشمەكچى بولۇشتى ، ئىككى يىشىك پىۋىنىڭ بۇيرۇتىلىشى بىلەن مەمەتنىڭ تېخىمۇ جۇدۇنى ئۆرلىدى . ساپلا يادىن قاچقان ، دادىن ئاشقان بىر نىمىلەركەنغۇ بۇ ؟ دەپ ئويلىدى . بىراق ئويلىغانلىرىنى تېشىغا چىقىرالمايتتى .
رائىلەنىڭ ھال - ئەھۋالىمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى بىلەلمىگەن غالىپ ، بالىلارغا يۇمۇر ئېيتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، رائىلەنىڭ يىنىغىراق سۈرۈلدى :
- ئەگەر ياقتۇرمىغان بولسىڭىز ، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئىلىڭ .
رائىلە ھەيرانلىق ئىلكىدە غالىپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، كۆڭلىدە سەل خۇش بولدى . نىمىلا دىگەنبىلەن بۇ يەردە مۇنداق تىتىقسىز يۇمۇر ئاڭلاپ ئولتۇرغاندىن ئۆيىگە كەتكىنىمۇ ياخشى ئىدى . بىراق غالىپنىڭ كىيىنكى گىپى ئۇنىڭ خۇشلۇقىنى بىردەمدىلا يوق قىلدى .
- مۇنداق بولغاندا مەنمۇ ئامرىكىغا چىقىشتىن ئازات بولىمەن ئەمەسمۇ ؟
ئەمدىلەتىن خۇشاللىق چىرايىغا يۈگۈرگەن رائىلەنىڭ چىرايى بەكلا قارىداپ كەتتى . ئاچچىقى كىلىپ يىرىلىپ كىتەي دىگەن ئىدى . شۇ ئارىدا ياندىكى ئورۇندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئاستا رائىلەنىڭ يىنىغا كىلىپ :

- قىزچاق ، مۇنۇ ئاقپىشماق سويمىلار بىلەن ئولتۇرغىچە ، بىز بىلەن ئولتۇرىڭە ، چىرايىڭىزنى گۈلدەك ئېچىلدۇرۇپ ئولتۇرىمىزغۇ ؟

مەمەتنىڭ خۇيى تۇتۇپ ئولتۇرغاندا ، بۇ تونۇشمىغان مەس مىھماننىڭ پەس گەپلىرىدىن ئاچچىقى تېخىمۇ كەلدى دە :
- ھەي ، ئورنۇڭغا بىرىپ ئولتۇرەۋا ئاداش . تونۇشمىغاندىكىن سورۇنۇڭغا چاقىرماي . . .
مەمەتنىڭ گىپى تۈگىمەستىنلا ياندىكى ئون نەچچەيلەن گۈررىدە ئورنىدىن تۇردى . مەمەت ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ قالدى ، ئىچىدە ‹ ھەممىسى مۇنۇ غالىپ دىگەن بىر نىمىنىڭ ئىشى ، ئەمدى چاتاق بولدى ، مۇنۇ بىر-بىرىدىن ئۆتە مەستچىلىكتە تۇرغان گۇيلارنىڭ ھەممىسى يوپۇرۇلۇپ كىلىشسە ، ئىشنىڭ چوڭى چىقىدىغان بولدى دە . قانداق قىلارمەن ؟› دەپ ئويلاپ ئۈلگۈردى . سورۇندا ئولتۇرغان غالىپنىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ جىمىپ كىتىشتى . بىر غالىپلا خىيالىدا يوق ھالدا ، كاۋاپتىن بىر زىخ ئالغانچە :

- شۇ گەپ ئەمەسمۇ ؟ ئورنۇڭغا بىرىپ ئولتۇرەۋا .

غالىپ ئۇدۇلىغا قاراپ سۆزلەۋەردى . ئارقىسىدىكى ئون نەچچە ياش ئۇنى قورقۇتالمىغان ئىدى . چۈنكى يول بويىدىكى ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن ماشىنىدىن بوي بەستى تازا گۈرەن سالغان تۆتەيلەن چۈشۈپ ئۇلارغا قاراپ كىلىۋاتاتتى . غالىپ خيىيالىدا بۇلارنى دوختۇرخانا باشلىقى ئەۋەتكەن ئادەملەركەن ، چوقۇم بىرىدىن ئۆتە بىرى يامان ئادەملەر ، بۇ بىرنەچچە سويمىلارنى چوقۇم يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋىتىدۇ ، دەپ ئويلىغان ئىدى . قوغدىغۇچىلىرىم بار يەردە يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيمەن دەپ ئويلىدى غالىپ .

- نېمە دەيدۇ ما سويما .
دەپلا ، ئارقىسىدا تۇرغان بىرى ياندىكى شىرەدىن بوتۇلكىدىن بىرنى ئىلىپلا غالىپنىڭ بىشىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى .

-چاتاق ،

دىيىشتى يولدىن ئۆتۈپ كىلىۋاتقان قوغدىغۇچىلار ، ئارىسىدىن بىرى قولىدىكى تېلغوننى ئۇدۇللاپلا ھېلىقى بوتۇلكا بىلەن ئۇرغان ياشنىڭ قولىغا قارىتىپ ئاتتى . باشقىلارمۇ قەدەملىرىنى تىزلىتىپ يۈگەرگىنىچە يىتىپ كىلىشتى . بىراق ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى . غالىپنىڭ بېشى يەنە بىر قېتىم يارلانغان بولدى . غالىپ قېيىۋاتقان بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ رائىلەگە قارىدى ، قورقۇپ كەتكەن رائىلەنىڭ بىرنىمىلەرنى دەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك بولدى . بىراق ھىچنىمىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدى . ئەتراپقا قارىغان ئىدى ، ھېلىقى تۆت قوغدىغۇچىسى بۇ بىر نەچچە ياش بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ئىدى . قالغىنىنى ئېنىق بىلەلمىدى .......

كۆزىنى ئاران ئاچقان غالىپ ، رائىلە قانداق بوپ كەتكەندۇ ؟ كەچلىك بازارغا چىقمىساممۇ بوپتىكەن دەپ ئويلىدىيۇ ، ئەتراپىغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى .
- ئاخىرى كۆزۈڭنى ئاچتىڭ بالام .
يەنە شۇ ھېلىقى قارا رەڭلىك تاش ئېسىۋالغان قېرى بوۋاي . ئەتراپى پۈتۈنلەي قۇملۇق بىر يەرلەر ئىدى .
- مەن يەنە بۇ يەرگە كىپ قاپتىمەنغۇ ؟
- بالام ، بۇ ئەپسۇن قۇملۇقىغا سەن بۇرۇن كىپ باققانمۇ ؟
- يا ، ياق ، ئەستا ، بوۋا ، راسىت گەپنى دىسەم ، مىنىڭ بۇ يەرگە پەقەت كەلگۈم يوق ئىدى .
- ئەنسىرىمە بالام ، ئەپسۇن قۇملۇقىدا مىنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىم بار . سىنى بەخۈدۈك قوغداپ كىتەلەيمەن .

لەشكەرلەر ؟ قارىغاندا بۇ بوۋاي ئادەتتىكى بوۋايغا ئوخشىمايتىتى . قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ ؟

- بوۋا ، سىز زادى كىم ؟

بوۋاي كالتە ساقىلىنى سىيلىغىنىچە  ، سەل تۇرىۋالغاندىن كىيىن :

- بالام ، مەن سۆسۈن قاشتاش ئىبراھىم بولىمەن .
- سۆسۈن قاشتاش ؟
- بولدى ، سەن ھەيران قالمىساڭمۇ بولىدۇ . چۈنكى سۆسۈن قاشتاشقا ئىگە بولغانلارنى تاپماق ھەقىقەتەنمۇ تەس .
- نېمە ئۇ سۆسۈن قاشتاش دىگەن ؟
- بالام ، سىنىڭ نەدىن كەلگىنىڭنى مەنمۇ بىلمىدىم ، بىراق سەن ھەقىقەتەنمۇ مېنى ھەيران قالدۇرىۋاتىسەن . بولىدۇ ، ساڭا بەزىبىر گەپلەرنى ئېيتىپ بىرەي .
بوۋاي بىردەم تۇرىۋالدى دە ، گىپىنى داۋاملاشتۇردى :
- مىنىڭ بىلگەن يەرلىرىمدە ، ھەممىلا ئادەم ئۆزىگە ئىگە بولغان قاشتىشى ئارقىلىق سالاھىتىنى بەلگىلىشىدۇ . ئاق ، قارا ، كۆك ، يېشىل ، قىزىل ، سۆسۈن ، سېرىق قاشتاشلار دەرىجە بويىچە كىلىدۇ . ئاق قاشتىشىغا ئىگە بولغانلارنىڭ سانى كۆپرەك  ، چۈنكى ئاق رەڭلىك قاشتاشلار ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، 8 - دەرىجىلىك تىزلىك ئاشۇرۇش ۋە ئاز مىقداردا بوشلۇق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ . مۇنداق خۇسۇسىيەتلەرنى ھەر بىر ئادەم قاشتىشىغا ئىگە بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدۇ . سېنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىم ، سىنىڭ ئاق قاشتاشقا ئىگە بولماي تۇرۇپمۇ ، سېرىق قاشتاش ئىگىلىرىدەك بىر خىل كۈچكە ئىگە بولۇشۇڭ بولدى . سېنى مەن تېخى چۈشەنمەيمەن . بىراق سەندىن شۇنداق بىر خىل كۈچ - قۇدرەت ئۇرغۇپ تۇرۇدىكى ، مەن كۆرگەن سېرىق قاشتاشلىق خوجا مۇستافىر مۇ مۇنداق كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس . سىنىڭ قاشتېشىڭنىڭ نەدە ، قانداق رەڭلىك ئىكەنلىكىنى بىلەيمەن . بىراق مەندە شۇنداق بىر سىزىم بار ، سەندىكى قاشتاش سېنى تېخىمۇ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە قىلىدۇ .
- نېمە ؟ نېمە مەندىكى قاشتاش ؟ مەندە قاشتېشى نېمىش قىلسۇن بوۋا .
- سەندە يوقما ؟
-يوق .
- قىزىل رەڭلىكى بولسىمۇ باردۇ؟
- يوق ، مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان .
- ئۇنداقتا يېشىل رەڭلىكىچۇ ؟
- بوۋا ، دىدىمغۇ ، مەندە قاشتېشى دىگەن نەرسە يوق . مەن سىزدىكى قارا قاشتىشى بىلەن باشقىلاردىكى ئاق قاشتېشىدىن باشقا ھىچقانداق قاشتېشىنى كۆرۈپ باقمىدىم .
- ئۇنداقتا ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئادەم ئىكەنسەن بالام .
- بوۋا ، ئۇنداقتا سىز نېمىشقا قارا رەڭلىك قاشتاش ئېسىۋالدىڭىز ، بايىقى ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرىشىڭىزدىن ، سىز ئەسلى سۆسۈن رەڭلىك قاشتېشى ئېسىشىڭىز كىرەك ئىدىغۇ ؟
- ھا ، ھا ، ھا . ئوغلۇم، ، ئەسلى مەن باشقا بىر ئىش بىلەن كىتىۋاتقان . ساڭا ۋە سېنى تۇتىۋالغانلار ئۇچراپ قالدىم . مىنىڭ سۆسۈن رەڭلىك قاشتېشىمنىڭ باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىقى ئۈچۈن ، مۇشۇنداق قىلغان ئىدىم . ئەگەر سەندە ھەقىقەتەنمۇ قاشتېشى بولمىسا ، مەن قارا رەڭلىك بۇ قاشتېشىنى ساڭا بىرەي .
- بۇ قاشتېشىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار ؟
- باشقا ئالاھىدە ئالاھىدىلىكى يوق ، پەقەت ئاق رەڭلىك قاشتېشىغا قارىغاندا تىزلىك ئاشۇرۇشى 5- دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن خالاس .
- نېمە ئۇ تىزلىك كۆتۈرۈش دىگەن ؟
- سەن خالىغان ۋاقتتا سىنىڭ تىزلىكىڭنى كۆتۈرۈپ بىرىدىغان بىر خىل ھۆنەر . ھا ،ھا ،ھا . ھەقىقەتەنمۇ قىزىق بالىكەنسەن ، مۇشۇنىمۇ بىلمىسەك ، بۇ دۆلەتتە قانداق ياشاپ يۈرگەنسەن ؟
- مەن بۇ يەرلىك ئەمەس .
- ھە توغرا ، سەن بۇ يەرلىك ئەمەس . ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ .
- بوۋا ، بۇ تىزلىك ئاشۇرۇش دىگەن ھۆنەرنى قانداق ئىشلىتىدۇ ؟

ھەر قېتىم بىشىغا تاياق يەپ ، تاياق يېسىلا ئۆزى بىلمەيدىغان بۇ جاھانغا كىلىپ قىلىشى ، ئۇنى بۇ ھۆنەرنى ئىگەللەش خىيالىغا سالغان ئىدى .

- بولىدۇ ، بۇنىمۇ ئېيتىپ بىرەي .

بوۋاي ئۇنىڭغا تىزلىك ئاشۇرۇشنى ئۈگۈتۈپ قويغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا قارا رەڭلىك قاشتىشىنى بەردى دە ، ئۇنىڭغا :

- مەن كەلگۈچە ، مۇشۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرغىن بالام . سەل تۇرۇپ سېنى لەشكەرلىرىمنىڭ يېنىغا ئاپىراي . مەن ھازىر مۇھىم بىر ئىشنى بىجىرمىسەم بولمايدۇ .
- ماقۇل ، دىدى غالىپ . بەرىبىر تىزلىك ئاشۇرۇش ھۆنىرىنى ئىگەللىۋالغان تۇرسام دەپ ئويلىدى ئۇ .
- يەنە بىر گەپ ، بۇ يەردىكى ئازراق يىمەكلىك بىلەن سۇنى سەن ئېلىۋالغىن ، قاشتېشىڭغا سىلىۋالساڭ بولىدۇ .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ قاشتېشىغا يەنە بىر نەرسە سېلىۋالغىلىمۇ بولامدۇ ؟
- ھەي ، بۇنىمۇ بىلمەيسەندە ، بوپتۇ ، بۇنىمۇ ئېيتىپ بىرەي ...

بوۋاي ئۇنىڭغا نەرسە كىرەكلەرنى قانداق قاچىلاشنى ئۈگۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئىشىغا قاراپ يولغا چىقتى . غالىپ بوۋاينىڭ خوش دىگەن سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپقا قارىدىيۇ ، بىراق ھىچكىمنى كۆرمىدى . بەلكىم بۇ بوۋايمۇ ئۆزىنىڭ تىزلىك ئاشۇرۇش ھۆنىرىگە تايىنىپ كىتىپ قالغان ئوخشايدۇ . دەپ ئويلىدى غالىپ . ئاندىن يەرگە قويۇپ قويۇلغان سۇ ۋە يىمەكلىكلەرنى قاشتېشىغا قاچىلىغاندىن كىيىن ، ئولتۇرۇپ ئويلاشقا باشلىدى :

- ھازىر يەنە ئىككى ھۆنەر ئۈگۈنىۋالدىم . ئەمدىغۇ تاياق يەپ ئولتۇرماسمەن ، بىراق ، بۇ يەردىن قانداق قايتىپ كېتەرمەن ؟

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9566
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:04:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  ياخشى  ئاخىرى  چىقىپتۇ  ئەمەسمۇ   ، لىكىن  ما  باب  راستىنلا  فانتازىيە  دىگەننى  پىشۇرمايلا  يەيدىكەنغۇ ،  ئېسىل  چىقىۋاتىدۇ .  ھارمىغايسىز ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   buraqixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 10:13 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12499
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32519
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:14:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ياخشى يېزىۋاتىسىز،قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن ،شۇنداق ئىتتىك تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ دېسە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9566
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:15:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kell يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 07:18 PM
9- باب ئامرىكىغا سەپەر  (3)

كەچلىك بازار ھەقىقەتەن بەك قا ...

بەك  ئېسىل  چېقىۋاتىدۇ ،  ئاخىرىنى  ۋاقتىڭىز  چىقسىلا  يوللاپ  تۇرارسىز ،بەكلا ياقتۇردۇم .  فانتازىيەنى  پشۇرمايلا  يەيدىكەنسىزغۇ سىز،بەك  گەۋدىلىك  ئىپادىلىنىپتۇ .

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107101
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   ھىكايە  قالتىس  چىقۋاتىدۇ،  ئوقىغانسىرى تىز  تۈگەپ كەتكەندەك  ھىس    قىلۋاتىمەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99125
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2013-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:51:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يوللىڭە بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 11:04:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارغانسىرى ياخشى چىقۋاتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97859
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 11:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا خۇدايىم بۇ فانتازىيىلىك ھىكايىمۇ ياكى راستىنلا بولغان ۋەقەمۇ بۇ ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 08:05:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىغا سەپەر دەپ ... ئامىركىغا بارمايلا تۈگىدىغۇ ؟

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75725
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 01:08:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بى جىق  جىقراق  يوللىڭە  يائاللا ئادەمنى تەقەززا قىلىپ ، مەن مۇشۇنداق فانتازىيەگە بەك قىزىقىمەن

سەۋىرننىڭ تىگى ئالتۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش