داۋامى:
بىز ئولتۇرغان جەنۇبى جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچىگە ناھايىتى تېزلا كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. بىر سائەتتىن كېيىنلا ئۈرۈمچى ئايروپورتتىن ئايروپىلان ئالمىشىپ كەچتە ئۆزىمىزنى بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتتا كۆردۈق. تاكسىغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ قىزىم ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئالدىن تىزىملىتىپ قويغان بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. ياتاق شۇنداق تىنجىق ئىدىكى، مەن نەپەس ئالالماي دەرھال تالاغا چىقىۋېلىپ قارىغايلىق ئارىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئېغىر ياتقۇغىچە يالغۇز ئولتۇردۇم. بۈگۈن كېچە تاڭنى قانداق ئاتقۇزۇشنىڭ قايغۇسىدا قورساقنىمۇ دارغا ئېسىپ قويۇپ ئۇخلاشقا يېتىپتىمەن. يېقىنلا بىر يەردە قۇرۇلۇش قىلىۋاتامدىكىن تاڭ-تۇڭ، جاراڭ-جۇرۇڭنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى قۇلاق پەردەمنى يىرتىۋېتىدىغاندەك ئاڭلىنىپ ئۇخلىتامدىغان، پات-پاتلا تالادىكى قارىغايزارلىقتىكى ئۈچ كىشىلىك تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر كېچىنى تۈنەپ چىقتۇق. قىزىم تۇرسۇنئاي بىلەن تېلېفونلىشىپ ئىلگىرى ئۇ بىزگە تەييارلاپ بەرگەن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرگەندە تېنىمەي ئوقۇپ كېتىدىغان ئەللىك سوئال-جاۋابنى يادلاپ، ئۇنىڭغا ئىمتىھان بېرىپ «ياخشى نومۇر»غا ئېرىشتۇق.
تاڭ ئاتقاندا مەن ياتاقتا يۇيۇنۇپ بولۇپ باشقارمىنىڭ ئاشخانىسىنى ئىزدەپ ماڭدۇق. ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياش-قېرى ئەر-ئايال مېھمانلار بىلەن خۇددى ئىلگىرى بىر يەردە گەپ تالىشىپ، ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئادەمدەك يىراقتىن بىر-بىرىمىزگە خۇش چىراي قارىشىپ، يېقىن كەلگەندە كۆزىمىزنى ئەپقېچىپ سالاممۇ قىلىشماي ئۆتۈپ كېتىشتۇق. بۇ يەردە يۇرتىغا پاتمىغان ئوغرى-يالغانلار كۆپ دەپ ئاڭلىغانتىم. ھەممە ئادەم بىر-بىرىدىن خۇدۈكسىرەپ شۇنداق ھالغا قالغانىدى. پەرىزىمچە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەرز-داۋا ئىشلىرى بىلەن كەلگەنلەردەك كۆرۈندى. بىز ئۇيغۇر بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن راۋۇرۇس بېزەلگەن بىر رېستورانغا كىرىپ يامان ئەمەس ناشتا قىلدۇق-دە، مىڭبىر جاپادا كونسۇلخانىغا تۆلەيدىغان كىرىش بېلىتى ئۈچۈن 2000 يۈەننى تاپشۇرىدىغان بانكىنى تاپتۇق. ئاندىن باشقارما دەرۋازىسىدا تاكسىغا ئولتۇرۇپ «ئامېرىكا كونسۇلخانىسى نەدىسەن» دەپ مەغرۇرانە يولغا چىقتۇق. تاكسى شوپۇرى خېلى مەدەنىيەتلىك شەھەر پۇقراسىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇ خېلى گەپدان، رەتلىك كىيىنگەن، ئۇرۇق چىراي، ياغاق يۈز ئادەم ئىدى. ئۇ بىزگە خېلى كۆپ يوليورۇقلارنى بېرىپ كونسۇلخانا دەرۋازىسى ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويدى. «بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي-چوقۇرى تولا» دېگەندەك، كونسۇلخانا نەچچە قات قاراۋۇل ئامانلىق ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن قوغدالغاچقىمۇ بىز خېلى بىر چاغقىچە كىرىش ئىشىكىنى تاپالماي تېنەپ يۈردۇق. كاشكى مەن ئۆزۈمنى خېلى ئوبدان تەرجىمان دەپ يۈرمىگەن بولسام قانداق قىلاتتىمكىنە؟ بىر كەمدە ماڭا ئوخشاش قوللىرىدا ماتېرىيال سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان قاتار ئۆچىرەت بولۇشقان كىشىلەر توپىغا يېنىقراق بېرىپ گەپ سورىسام دەل ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ۋىزا ئالغىلى كەلگەنلەر بولۇپ چىقتى. ئۇلارغا ئەگىشىپ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ناھايىتى كەڭ كەتكەن گۈلزارلىقنى ئايلىنىپ بىر زالغا كىردۇق. ۋاي-ۋۇي، ئۆچىرەتنىڭ ئانىسى مەيەردە ئىكەن ئەمەسمۇ، ياردەم سوراي دەپ ماڭا ئوخشايدىغان قاڭشارلىق، قارا قاشلىق، شىلەپە كىيىۋالغان ئادەم بارمىكىن دەپ تەرەپ-تەرەپكە تەلمۈرۈپ قاراپ ئاخىرى ئىلاجىكام بولمىغاچقا 10-نومۇرلۇق كۆزنەككە تەۋەككۈل قىلدىم. ئەينەكلىك كۆزنەكنىڭ يېنىغا بارا-بارمايلا گازىر كۆز، چوتكا باش، قارامتۇل پاكىنەكرەك بىر ئادەم بىزنى كۆرۈپلا، ئالدىدىكى كومپيۇتېرنى بېسىپ ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بىزگە قاراپ خەنزۇچە: «سىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشقا شەرتىڭلار توشمايدىكەن» دەپ ماتېرىياللىرىمىزغىمۇ قاراپ قويماستىن قولىدا «ئۇياققا كەت» دەپ شەرەت قىلدى. ئاڭغىچە ئۆچىرەتتە ئۇزۇن تۇرۇپ پۇتى قولىشىپ، كۆزى تورلىشىپ ھالى قالمىغان كىشىلەر بىزنى جەينەكدەپ ئۆچىرەتتىن چىقىرىۋەتتى. بۇ خورلۇقتىن يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلەلمەي خېلى بولغۇچە ھېلىقى گازىر كۆز، چوتكا باشقا «رەھىمى كېلىپ قالارمىكىن» دەپ تەلمۈرۈپ قاراپ قاپتىمەن. ئايالىمنىڭ مىشىلداپ يىغلاشلىرى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كەلگىنىمنى ئېسىمگە سالدى.
ئايالىم كەپتەردەك بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى. مەن ئۇنى ئەرلىك نومۇس كۈچۈم بىلەن قولتۇقىدىن يۆلەپ زالدىن چىقىپ كېتىۋاتساممۇ -لېكىن غەزەپتىن پۇتلىرىمدا جان قالماي، يىقىلىدىغان يۇمشاقراق جاينى كۆزلەپ مېڭىۋاتاتتىم. شۈكرى، ساق-سالامەت كونسۇلخانىدىن سىرتقا چىقتۇق. مەن پات-پات كەينىمگە قاراپ ھېلىقى گازىر كۆز مۇلازىمەتچىنىڭ «سىلەر ئامېرىكىغا بارساڭلار بولىدىكەنسىلەر، مەن خاتالىشىپتىمەن» دەپ بىزنى چاقىرىشىنى تامە قىلاتتىم. لېكىن، بۇ مېنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشۈم بولۇپ چىقتى.
ئەمدى يۇرتۇمدىكى ھېلىقى دوست-دۈشمەنلىرىم، كۆزلىرىمگە قوللىرىنى تىقىپ، «ھە، پالتا-كەكەڭنى قاقتۇرۇپ كەلدىڭمۇ؟ قانداق، جۆيلۈمە دېسەم خاپا بولۇپ ماڭا نەچچە كۈن تەتۈر قاراۋاتاتتىڭغۇ، ئەمدى خوپ بوپتۇ» دەۋاتقان ئاچچىق تەنە-تاپسىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ بېشىم قېيىپ قۇرۇق ھۆ قىلدىم.
بىز كونسۇلخانا ئالدىدا چىرايىدىن شاد-خۇرام كۈلكە جىلۋە قىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئاق چاچلىق دۈمچەك بوۋاي-مومايلارنى كۆرگەندە ئىچىم تېخىمۇ قايناپ كونسۇلخانىغا قايتا كىرىپ ئۇنىڭ باشلىقلىرىنى تېپىپ ھېساب-كىتاب قىلغۇم كەلدى. ھېچ بولمىغاندا 2000 يۈەنلىك كىرىش بېلىتىگە چۇشلۇق ياخشى گەپ قىلىشىنى، زادى بىزنىڭ قايسى شەرتلىرىمىز توشمىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇم كەلدى. مەن خۇددى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قايسى يۈزۈم بىلەن يۇرتقا قايتىشنى، دوستلىرىمغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. شۇ ئەسنادا ئامېرىكىدىن تېلېفون كەلدى. قىزىممۇ بىزنىڭ كونسۇلخانىدا قانداق ئاقىۋەتنى كۆرۈشىمىزنى ئاڭلىغىلى بىر كېچە كىرپىك قاقماي ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ ۋىزا ئالالمىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ ھۆركىرەپ يىغلىدى. ئانا-بالا ئىككىيلەن ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ بۇ نىجىس يەردىن پاتراق كېتىشنى ئويلايتتىم. تاكسىنى توسۇپ ئۇدۇل شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىدىكى تۇرالغۇمىزغا كېلىۋالدۇق. ئەتىگەندە كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنگەن باشقارمىنىڭ ئۇيغۇر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان قەشقەرچە ئىمارەتلىرى، ئەمدى بولسا يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ دوزىخىنى ئەسلىتىدىغان قارا ئۆڭكۈردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يۇرتتىن ئېلىۋالغان «ئارمان قۇۋۋەت تالىقىنى» كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنۈپ دەرھال ئىسسىق چاي تېپىپ قورساقنى ئەستەرلەپ سەل-پەل ماغدۇرىمىزغا كېلىپ بىر-بىرىمىزگە قاراشقىمۇ خىجىل بولۇشۇپ جىمىپ كەتتۇق. بۇ ئاچچىقلىرىمىزنى كۆتۈرىدىغان، يىغىمىزغا ئىچ ئاغرىتىپ «سەۋر قىلىڭلار» دەپ تەسەللى بېرىدىغان ئادەمزات يوق ئىدى. شۇڭا، مەن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقارمىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى ساتىدىغان ئۆيىنى تاپتىم. تەلىيىمگە ئەتە سەھەردە ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى بار ئىكەن. خۇشاللىقىمدا بىر تۇتام پۇلنى سانىمايلا ئالدىغا تاشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ، ئاقسۇنىڭ بىرتۇتاش بېلىتىنى سېتىۋالدىم. بۇنى ئاز ئۇچرايدىغان ئامەت دەپ بىلدىم -دە، يۈگۈرگەنچە ياتاققا بېرىپ، ئايالىمغا بېلەت سېتىۋالغانلىقىمنى، ئەتە سەھەردە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچىدىغانلىقىمىزنى، ئاللا خالىسا، ئەتە كەچتە ئاقسۇغا يېنىپ بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىۋېدىم ئۇمۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ بىز «يا ئۆردەك ئاتالمىغان تاز، يا ئۆيدە ياتالمىغان تاز» دېگەن سەت قالپاقنى قۇلىقىمىزنىڭ يۇمشىقىغىچە كىيىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلدۇق. ئۇرۇق-تۇغقانلار، دوست-بۇرادەرلەر پەتىلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇلارغا كۆرگەن كۆرگۈلۈكلىرىمىزنى سۆزلەپ ھېرىپ كەتتۇق. بىر ھەپتە تالا-تۈزىگە چىقماي ئۆيدە يېتىۋالدىم. يەنە جاھان دېگەندە ئۆيدە يېتىۋەرگىلى بولمايدىكەن. تالاغا چىقساملا «ۋاي، سېلى ئامېرىكىغا كەتمىگەنمۇ» دەپ سوئال نەزىرىدە قاراپ جىلە قىلىدۇ. بەزىلىرىگە چۈشەندۈردۈم، بەزىلىرىگە گەپمۇ قىلمىدىم. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ ئىش ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. بىر ئاي ئۆتكەندە ئۇچرىغان ئاغىنىلىرىم «ھوي، ئامېرىكىدىن قاچان قايتىپ كەلدىڭ؟ » -دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭغا نومۇس قىلىپ «تۈنۈگۈن كەلدىم» دەپ گەپنى تۈگىتىمەن. شۇنداق قىلىپ ئىككى يىلدەك ئامېرىكىنىڭ چۈشىنى ئۇنتۇپ نورمال ئادەمدەك تۇرمۇش كەچۈرۋاتسام، ئامېرىكىدىن خەت-خالتا، تېلېفون ئۈزۈلمەي كېلىۋەردى. «ئامېرىكا، ۋىزا، سەپەر» دېگەندە يۈرىكىم پوكۇلداپ كېتەتتى.
-پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالماي، ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىپ، بېيجىڭغا يەنە بىر قېتىم، بار، -دەيتتى دوستلىرىم مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ، -. بۇ قېتىم ھەل بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
شۇنداق ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە كوچىدا كېتىۋاتسام ئالدىمغا ئۇنىۋېرسىتېتتا بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىم ئۇچراپ:
-پالانى ئىدارىدىكى پۇستانىخان ئامېرىكىدىكى قىزىنى كۆرىمەن دەپ بېيجىڭغا يەتتە قېتىم بېرىپ ئىجازەتنامە ئالالماي دەرد-ئەلەمدە ئۆلۈپ كەتتى. سېلى تېخى بىر قېتىم بېرىپلا، كىمگە ئاچچىقلاپ بېرىلا، يەنە بارسىلا، يەنە بەرمىسە يەنە بارسىلا، ئاخىرى بىر كۈن بېرىدۇ، -دېمەسمۇ، كۆڭلۈم گۆرگە چىراغ ياققاندەك پاللىدە يورۇپ خېلى روھلىنىپ قالدىم -دە، ھوي، تېخى مۇنداقمۇ ئىش بار ئىكەندە دەپ يەنە ئاچچىقىمدىن يېنىپ بېيجىڭغا ۋىزا ئالغىلى بارماقچى بولۇپ قالدىم.
داۋامى ئىنكاس ئارقىلىق داۋام قىلىدۇ.