مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hokumran

ھۆكۈمران: ئامېرىكىغا سەپەر (ئەخمەد ۋاھىدى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 03:23:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 02:38 PM
ھۆكۈمران ئەپەندىم تېشلىقمۇ؟
ئابابەكرى مىسرانىم ئەپە ...

ساياھەتنامىڭىزنى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم  

مەن ھۆكۈمران ئەپەندىنى باشقا بىرىگە ۋاكالىتەن يوللاپ بىرىۋاتامدىكىن دىسەم بۇ ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسى ئىكەندە .   ئۇنداق بولسا ئاۋۇ سۈرەتتىكى ھۆكۈمران ئەپەندى شۇ ئوخشىمامدۇ ؟؟

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 03:35:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 10:24 AM
ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قىزى بىلەن ئۇچرىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈ ...





تۆۋە مەنمۇ دەل شۇ يەردە ئىختىيارسىز كۆز-ياشلىرىمنى توختىالماي قالدىم . يەنە بىرى بولسا ھىلىقى كۆپ كۆز ، سىرىق چاشلىق ئامېرىكان يىگىتنىڭ ئەپەندىم ئامېرىكغا بىرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز دىگەن يىرىدە ياشلار كۆز چاناقلىرىمغا پاتمىدى .

    ياغاق يۈز ،  گازىر كۆز ، چوتكا باش بىلەن مىيىپلا ھارۋىسى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ يولۇچىلاردىن يۇزىنى ......نىڭ تىرىسىسدەك قىلىپ تىكلىشىپ تۈرۈپ تاپاۋەت تىلەپ يەيدىغان ھىلىقى كۆزلىرى كۈلگنچەك بىراق چىرايى مۈز چىراي قىزلار ئىچىمنى بىر قىسما قىلىپ قويدى . ئاشقا چۈشكەن چىۋىنلار .

بولسا ۋاقتىڭىز چىقسا ‹‹ بالقاننىڭ ئىشىگىدىن كىرىش ›› دىگەن بىر تېمىنى ئوقۇپ چىقىڭ  زادى ئوقۇشقا تىگىشلىك بولغان تېما ئۇ
  ئۇ تېمىنى مانا مۇشۇنداق راھەت-پاراغەتلىك ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ئۇلۇغ مۇبارەك رامىزاندا كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىققان كىشى  ئۆزىنى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىيتقا نىسپەتەن باشقىچە بىر قاراشقا كىلىدۇ ۋە نىمىلەرنى قىلىشنى ، نىمىلەرنى يوقۇتۇپ قويۋاتقانلىىقىنى ، يەنە نىمىلەرگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ .
يۇقارقى ئەسسەردە خەلىقئارا قىزىل كېسىت جەمئيتىنىڭ خالىسس ئىنئانە قىلىش گۇرۇپىسى بالقان يىرىم ئارىلدىكى بىر قىسىم نامرات رايۇنلاردىكى پۇقرالارغا ئىنئانە تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ گۇرۇپىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزالىق سۈپۈتى بىلەن شۇ ئىئانە قىلىش ھەركىتىگە قاتنىشى جەرياندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە  ئاڭلىغان ئىنتايىن قاباھەتلىك ۋە تولىمۇ ئىچىنىشلىق تارىخى قىسمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيانلارنىڭ تۇرمۇشى چىنلىق بىلەن بايان قىلىنغان  .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazpari + 10 اللە خالىسا بىر ئوقۇپ .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 04:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 03:23 PM
ساياھەتنامىڭىزنى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم  

مەن ھ ...

دىمەك، ھۆكۈمران بىلەن ئەھمەت ئەپەندى ئىككىسى بىر ئادەممۇ؟

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 05:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بورانلىق كېچىنى يازغان مۇشۇ ئادەمكەندە

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 05:30:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21650
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 06:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 03:23 PM
ساياھەتنامىڭىزنى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم  

مەن ھ ...

كەچۈرۈڭ!
خاتا چۈشۈنۈش بولۇپ قالمىسۇن.  مەن بۇ ساياھەتنامىنى ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىزغا ۋاكالىتەن يوللاپ بېرىۋاتىمەن. يازغۇچى ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىزنىڭ تەرجىمھالى بۇ يازمىدا بېرىلدى. يازما مەنزىلى: https://uyghur-archive.com/misranim/thread-126688-1-1.html

  ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىزنىڭ يېشى يەتمىشكە يېقىنلاشقان بولسىمۇ، قەلىمى تېخىچە توختىغىنى يوق. سالامەتلىكى ۋە كومپىيوتېر مەشغۇلاتى قىلىشتىكى قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ساياھەتنامىسىنى شۇ ئاكىمىزغا ۋاكالىتەن مەن يوللاپ بېرىۋاتىمەن. سىلەرنىڭ ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلار ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خوشاللىق .  

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21650
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 09:56:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب


ئامېرىكا كۇتۇپخانىسىدىكى سۆھبەت


   مېنىڭ نەگىلا بارسام شۇ يەرنىڭ كىتابخانىسىنى ئارىلايدىغان ئادىتىم بار ئىدى. كىتابخانىغا كىرىپ – چىقىۋاتقان، زېھىن قويۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاز – كۆپلۈكى، يېڭى – يېڭى كىتابلارنىڭ بار – يوقلۇقى بىلەن شۇ يەرنىڭ پەن – مەدەنىيەت ھاۋاسىنى، ئادەملىرىنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ كۆرەتتىم.ئۆزۈممۇ كاتتا خۇشخەۋەر ئاڭلاپ كۆڭلۈم يايرىغاندىمۇ، بىرەر ئىشتىن خاپىلىق تارتىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولغاندىمۇ كىتابخانىغا كېلىپ كىتابتىن مەسلىھەت سورايتتىم. كىتابتىن تەسكىن تاپاتتىم. كىتابتىن خۇشاللىق ئىزدەيتتىم. شۇڭا ئامېرىكىغا كېلە – كەلمەيلا كىتاب خۇمارىم تۇتتى،«ئامېرىكىنىڭ كىتابخانىلىرى قانداقراقتۇر» - دېگەن خىيال كاللامغا كىرىۋېلىپ زادى ئارام بەرمەيتتى. ئىنگلىز تىلىنى بىلسەم كاشكى!

مېنىڭ تەلىپىم بويىچە، كۈيئوغلۇم دولقۇن مېنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى كولومبىيە شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا باشلاپ كەلدى. يەتتە ياشلىق نەۋرەم نازىلەمۇ بىزگە ئەگىشىپ بىللە كەلدى. بۇ مېنىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا قەدەم قويۇپ تۇنجى قېتىم تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىشىم ئىدى. ئەتىياز پەسلى بولسىمۇ ئەتراپ ياپيېشىل مەخمەلدەك كۆرۈنەتتى. ئەينەكتەك ئاسفالت يولدا كېتىۋېتىپ «ئاۋۋال كىتابخانا بىلەن تونۇشاي، زېرىككەندە كۈنلىرىمنى كىتابخانىدا ئۆتكۈزەرمەن» دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە.

dolkun.jpg

سۈرەتتە: ئاپتور كىيئوغلى دولقۇن بىلەن كالفورنىيە شەھەرلىك كۈتۈبخانىدا.  

   

   دولقۇننىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ كۇتۇپخانا قىزىم تۇرسۇنئاي بىلەن نەۋرەم نازىلەنىڭ دائىم كېلىپ –

كېتىپ تۇرىدىغان، دەرس تەكرارلايدىغان، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئارامگاھى ئىكەن. ئۆيگە ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، لېكىن ماشىنىدا ئولتۇرماي ئۇدۇل كەلگىلى بولمايدىكەن. ئامېرىكىدا كۇتۇپخانا ناھايىتى كۆپ ئىكەن. كۇتۇپخانا بىناسى باغۇ – بوستانلىق، چىملىق، ئاسمان-پەلەك دەل – دەرەخلەر ئىچىگە جايلاشقانلىقتىن ھاۋاسى ساپ، سالقىن، تىنچ ئىكەن. يېقىن ئەتراپتا رېستوران، تېز تاماقخانا، يايمىچى قاتارلىق پاراڭ – چۇرۇڭلۇق بازار، ماشىنا گۈركىرەپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان چوڭ يول يوقكەن. مەن كۇتۇپخانا ئىشىكىگە ئەمدى كېلىشىم بىلەن تەڭلا ئەينەك ئىشىك تىۋىشسىز ئېچىلدى. قىزىل گىلەم سېلىنغان كىچىكرەك زالدىن ئۆتۈپ ھېچقانداق رەسمىيەتسىزلا ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتۇق. ئەينەك ئىشكاپلاردا چىرايلىق تىزىلىپ تۇرۇۋاتقان قېلىن، قاتتىق مۇقاۋىلىق، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، رەسىملىك كىتابلار مېنىڭ قاغجىراپ تۇرغان كۆڭۈل تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ، كۆزلىرىمنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتتى. بۇ كۇتۇپخانىنى بىر كۈندە ئايلىنىپ چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەسكەن. پەقەت يۇمشاق ساپالىق كىچىككىنە بۆلۈمچىسىدە بىر-ئىككى سائەت كىتاب كۆرسىڭىزلا خۇماردىن چىقىدىكەنسىز. ئۆرە تۇرۇپ ھېرىپ كەتسىڭىز يىراققا بارمايلا يېنىڭىزدىكى ساپاغا چۆكۈپ كەچكىچە كىتاب كۆرسىڭىزمۇ بىرسى سىزگە كاشىلا قىلمايدىكەن، ئىككى قەدەم ماڭسىڭىز سوغۇق ئىچىملىك قۇتىلىرى ۋالىلداپ كۆزىڭىزگە تاشلىنىدىكەن. مېنىڭدەك «تىلسىزلار» قېلىن كىتابلارنى قولىغا ئېلىپ، ھەۋەس بىلەن سىلاپ قويۇپ، ئوقۇيالمىغىنىغا ھەسرەت چېكىپ تىللىرىنى چاكىلدىتىپ قويۇپ بولدى قىلماي چارىسى يوقكەن.

-مۇشۇ مەھەللىدە قانچە مىللەت ئولتۇرغان بولسا شۇنچە تىلدىكى كىتابلار تولۇق بار، - دېدى دولقۇن يېنىمغا كېلىپ بوش ئاۋازدا، - ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇسىلىمۇ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئوقۇسىلىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر كومپيۇتېر بىلسىلە كومپيۇتېردا كىتاب كۆرسىلىمۇ بولىدۇ. كىتاب – ماتېرىيال ئىزدەش بەك ئاسان، كىتاب ئىسمىنى ئېتىپ بېرەلىسىلا شۇ كىتاب ئالدىلىرىغا ھايال ئۆتمەي پەيدا بولىدۇ. بىلىم ئالاي دېگەن كىشىگە ئامېرىكىدەك قۇلايلىق، ئامېرىكىدەك ئەۋزەل شارائىتى بار باشقا دۆلەت يوق ئىكەن!

مەن دولقۇننىڭ گېپىگە قايىللىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم ۋە قولۇمدىكى رەسىملىك كىتابنى ئېچىپ مۇنداق دېدىم:

   يىراق – يىراقلاردىن بەخت ئىزدەپ كەلگەن كۆچمەنلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن بىلىم ئالىدىغان بۇنداق ئازادە كۇتۇپخانا قۇرۇپ بېرىشنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ ئۇلۇغلۇق، ئاجايىپ كاتتا دېموكراتىيە ئەمەسمۇ؟

ئىككىمىز كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىۋېلىش ئۈچۈن ياندىكى ئايرىم بۆلۈمگە كىرىپ يۇمشاق قىزىل ساپاغا چۆكتۇق.

   دولقۇن چىقىپ كېتىپ ماڭا بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت، ئۆزىگە بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن 4 تال پېچىنە ئېلىپ كىردى. بۇنىڭدىن مەن بۇ كۇتۇپخانىغا كىرگەنلەرنىڭ تۈرلۈك ھاجەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا راۋا بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ، قېرى – چۆرىلەرنىڭ، ھەتتا مېيىپلارنىڭمۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ ۋاقتىدا قاندۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. نەۋرەم كۇتۇپخانىغا كىرىپلا خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندەك خۇشال بولۇپ قاتار تىزىلىپ كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشىۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. بالىلارمۇ ئاتا – ئانىلىرىنى ئاۋارە قىلماي رەسىملىك كىتاب كۆرەمدۇ، قورسىقى ئاچسا ئېلېكترونلۇق ئەينەك ساندۇقتىن پۇل تۆلەپ يېمەك – ئىچمەك ئېلىپ يەمدۇ، ياكى ئويۇنچۇق ئوينامدۇ ئىختىيارىچە كۆڭلىدىكى ئىشنى قىلالايدىكەن.

未标题-1.jpg

سۈرەتتە: ئاپتور خۇتۇن-بالىلىرى ۋە نەۋرىسى بىلەن كۈتۈپخانىدا

   دولقۇن بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتى ئۇنىڭ قۇلىدىكى بىر پارچە رەڭلىك تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىن باشلاندى.

  -سىلىمۇ كۆرۈۋاتىدىلا، - دېدى دولقۇن قەھۋەدىن بىر ئوتلىۋېتىپ، - ئىنگلىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كىتاب ئوقۇش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى كىيىۋالغان نوچى كىيىملىرى، بويۇنلىرىغا ئېسىۋالغان، قۇلاقلىرىغا سېلىۋالغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارىغا قاراپ ئۆلچەيدۇ. بۇنداق ساپا كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدۇ. بۇ دۆلەتتە قۇرۇق گەپ ئەسقاتمايدۇ، ئارقا ئىشىك يوق، ھىيلە – مىكىر، ساختىپەزلىك ئاقمايدۇ. بىر شىركەتنىڭ مىليونېرلىق خوجايىنىمۇ ئۆزىنىڭ لاكات ئوغلىنى ھەرگىزمۇ شىركىتىگە دەسسەتمەيدۇ، - ئۇ سۆزلىگەنسېرى قىزىپ ۋەتەندىكى ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ بۇ دۆلەتتىكى ئادەملەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، ئۇلارنى دۇنياغا خوجا بولۇش مەرتىۋىسىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى دەلىللىدى. قولىدىكى رەڭلىك تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىن ماڭا ئامېرىكىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى توغرىسىدا مۇپەسسەل مەلۇمات بەردى.

-بۈگۈن  مەن سىلىگە ئامېرىكىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي، - دېدى ئۇ قولىدىكى ئىنگلىزچە ماتېرىيالنى ماڭا تەرجىمە قىلىپ بېرىپ.

   ئامېرىكىدا مەخسۇس كەسپىي كۇتۇپخانا، ھەر خىل كۇتۇپخانىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ،مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان. ئامرىكا كۈتۈپخانا بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاتسىكا سانلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ئامرىكىدا  تەخمىنەن 120096 كۇتۇپخانا بار ئىكەن (http://www.ala.org/tools/libfactsheets/alalibraryfactsheet01). بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى كۇتۇپخانا  8956 دىن كۆپ،   ئالىي مەكتەپلەر كۇتۇپخانىسى 3793، شەخسى ھەم ھۈكۈمەت ئىلكىدىكى ئوتتۇرا ھەم باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈپخانا سانى 98460، ئالاھىدە كۈتۈپخانىلار 7616، ئارمىيە كۈتۈپخانىسى 265 ھەم ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كۈتۈپخاسنى 1006 بۇلۇپ ، مەخسۇس كەسىپلەر كۇتۇپخانىسى ئىچىدە يەنە مەخسۇس مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر ماتېرىياللىرىنى ساقلايدىغان ۋە ئويۇن كۆرسىتىدىغان سەنئەت كۇتۇپخانىسى ۋە قىممەتلىك كىنو ماتېرىياللىرىنى ساقلايدىغان كىنوچىلىق كۇتۇپخانىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ.

-قالتىسكەن، بۇ كۇتۇپخانىلارنى ئىلاج بولسا مەن بىر كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك، - دېدىم ئامېرىكىنىڭ كۇتۇپخانىلىرىنىڭ تارىخى ماتېرىياللارغا باي، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ، ساقلانغان ماتېرىياللارنىڭ كۆپلۈكىگە ھەيران بولۇپ.

-ئىشقىلىپ، ئامېرىكا غەيرەتلىك، ئىرادىلىك، تىرىشچان ئىنسانلار ئۈچۈن كەڭ قۇچاق ئاچىدىكەن.

مەن يېقىندا بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ بىر يىللىق كىتاب سېتىۋېلىش خىراجىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئادەمگە 68 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدىكەن. ياپونلارنىڭ 56 ئامېرىكا دوللىرىدىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 48 ئامېرىكا دوللىرىدىن جۇڭگودا 8.95 يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 1.10 يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن.

-مەن يېقىندا بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە – دېدى دولقۇن مېنىڭ گېپىمنى تەستىقلاپ ۋە تولۇقلاپ، -موسكۋادا ھەر بىر كىشى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 كىتاب سېتىۋالىدىكەن، ئامېرىكىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەمنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بار ئىكەن، رۇسلار كىتابنى «ئىككىنچى بولكا» دەپ ئاتايدىكەن. سەپەر ئۈستىدە كىتاب ئېلىۋالمايدىغان رۇسلار يوقكەن، ياپونىيە ۋە گېرمانىيىدە قىز – يىگىتلەر بىر-بىرىگە كىتاب سوۋغا قىلىشىدىكەن. ئىسرائىلىيىدە ھەر 45 نوپۇسقا بىردىن كۇتۇپخانا توغرا كېلىدىكەن، ھەر ئايدا بىر پارچىدىن كىتاب ئوقۇيدىكەن.

   -توغرا دېدىڭىز، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە يەھۇدىيلار دۇنيا بويىچە كىتابنى ئەڭ سۆيىدىغان مىللەت بولۇپ، ئۇلاردا كىتاب كۆيدۈرۈش ئىنتايىن يامان جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن. ھەتتا كىتابنى يىرتىش، دەسسەشمۇ، ئېغىر ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدىكەن، كىتاب جاھازىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇشمۇ كەچۈرگۈسىز يامان ئادەت دېيىلىدىكەن، تېخىمۇ تەسىرلىنەرلىكى، ئۆلگۈچىنى كىتابلار بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭچە يېرىم كېچىدە ئۆلۈكلەر ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاب كۆرەرمىش.

يەھۇدىي ئائىلىلىرى، - دېدى دولقۇن، - «ئىنجىل» نىڭ مۇقاۋىسى ئۈستىگە ھەسەل سۈرتۈپ قويۇپ بوۋاقلارغا يالىتىدىكەن. شۇڭا يەھۇدىي بالىلىرى «كىتاب تاتلىق بولىدۇ» دەپ قاراپ كىچىكىدىن باشلاپلا كىتابنى سۆيۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدىكەن.

   بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىن، - دېدىم مەن گەپنى بىر يەرگە يىغىپ، - تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىي قىلغانكى، ئۇلار باي، كەمبەغەللىكنى ئۆلچەشتە كىتابنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن، شۇ دۆلەتتە كىتاب سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى بىلەن، پەن – تېخنىكا ساپاسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بىلەن ئۆلچەيدىكەن.

   ئىككىمىز ئۇزاق سۈكۈتكە چۆمدۇق. كۆز ئالدىمىزغا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىتابخانىغا، كۇتۇپخانىلارغا ئەمەس، قاۋاقخانىلارغا، تانسا، ئولتۇرۇش سورۇنلىرىغا ئالدىراپ كېتىۋاتقان، ئاياللىرىمىزنىڭ ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، بىر – بىرىگە كۆز – كۆز قىلىشىپ ھال تارتىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكىنى كېلىۋالدى.

مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ ئىككى مىسرالىق بىتى بىلەن ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم:


بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىملىك بىلۇر،

ئالىم بىلىم ساتسا بىلىملىك ئالۇر



   ئىككىمىزنىڭ بۇ ئازادە، يورۇق ۋە جىمجىت كۇتۇپخانىدىكى سۆھبىتىمىز ئادەتتىكى پاراڭ بىلەن باشلىنىپ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كىتاب، كۇتۇپخانا، مۇھىت، تۇرمۇشتىن ھالقىپ ۋەتەن، مىللەت، دۆلەت، دۇنياغىچە كېڭەيدى. ئىككىمىز بىر ئۆيدە تۇرساقمۇ كېلىپ–كېتىۋاتقان مېھمانلار بىلەن بولۇپ كېتىپ تۈزۈكرەك پاراڭلىشالمىغانتۇق. بۈگۈن راسا ئوقتاسىغا كەلگەندەك ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. كۆپىنچە مەن دولقۇننىڭ ئېغىزىنى كوچىلاپ، يېڭى – يېڭى تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلاتتىم. دولقۇنمۇ بىلگەنلىرىدىن چالا قويماي سۆزلەپ بېرەتتى.

-سىزدىن سوراپ باقاي، ئىنگلىزلار قانداقراقكەن؟

-مەن شاڭخەيدە، ئۈرۈمچىدە خەنزۇلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تۇڭگانلار، قازاقلار بىلەن بىللە ئوقۇدۇم ۋە بىللە ئىشلەپ، ئامېرىكىغا كېلىپ ئىنگلىزلار، كورىيىلىكلەر بىلەن بىللە ئوقۇدۇم، بىللە ئىشلىدىم. نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە قاتناشتىم. مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئىنگلىزلارنىڭ ماڭا ياققان يېرى، بىرى بەك ئەستايىدىللىقى، يەنە بىرى كەڭ قورساق ۋە تۇرمۇش قارىشى، ئوزۇقلىنىشى، ۋاقىت قارىشى بولدى، ئىنگلىزلار جاھىللىق بىلەن ئىشقا كىرىشىپ نەتىجە قازانمىغىچە بولدى قىلمايدۇ. مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇلار ياسىنىشقا بېرىلمەيدۇ، ھەشەمەتكە، قۇرۇق گەپ سېتىشقا ئۆچ، تاماق تاللىماي ئاددىي غىزالىنىدۇ، ۋاقىتنى ئالتۇن، ھاياتنى – جان دەپ قەدىرلەيدۇ. ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ – سۆز، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان بەتقىلىق بولمىسىلا دوستانە ئۆتكىلى بولىدۇ. يالغان سۆزلىگەن ئادەمنى ئەسلا كەچۈرمەيدۇ، بۇ دۆلەتتە يالغان سۆزلەش ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كىچىك بالىنىڭ گېپىگىمۇ ئىشىنىدۇ ئەمەسمۇ. مېنىڭ ھەمىشە ئويلايدىغىنىم ئۇيغۇرلارمۇ ئاشۇنداق ئەخلاق – پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىۋالساق دۇنيادا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماي بەختىيار ياشايتتۇق.

-ئۇنداقتا، - دېدىم مەن سۆز قىستۇرۇپ، - بىزدىكى مەسىلە نىمىكەن، ئىرادىسىزلىكىمۇ، بوشاڭلىقمۇ ياكى قىيىنچىلىقتىن قورقۇشمۇ؟

- بىزدە ئۆزىمىزنى چۈشەنمەسلىك ئېغىردەك قىلىدۇ. بىزدە دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆچمەس مەدەنىيەت، تارىخى ئاسارە-ئەتىقىلەر، تەبىئىي بايلىق تولا، - دېدى دولقۇن، - لېكىن مۇشۇنداق دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە كۆزلەرنى چاقنىتىدىغان جاۋاھىراتلىرىمىزغا ئالەمشۇمۇل يۈكسەك ئاڭ بىلەن مىراسخورلۇق قىلىشىمىز، يېڭى ئۇچۇر، تېخنىكىنى پۇختا ئۆگىنىپ دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز يېتەرسىز. ھەدىسىلا «مەن ئۇنداق قىلاي دېسەم شارائىتىم يوق، قولۇم قىسقا، تەلىيىم كەلمەيۋاتىدۇ» دەپ ھەممىنى شارائىتقا دۆڭگەپ قويۇپ، تەقدىردىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ئۆزىمىزنى ئاللاھقا تاشلاپ قويۇش ئېغىر بولۇۋاتىدۇ.

دولقۇن بۇ گەپنى قىلىۋېتىپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ جىمىپ كەتتى، مەنمۇ بىزدىكى يېتەرسىزلىكنى ئاڭلاپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. ئارىمىزدا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى.

بىزدىن، - دېدىم مەن چىداپ تۇرغۇسىز جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، - ئالىي مەكتەپلەردە دىپلوم ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان، جان باققۇدەك خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، ۋەتەن، مىللەت غېمىنى يەپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان يېڭى ئەۋلادلار چىقىشى كېرەك ئىدى. ئۈمىد سىلەردەك ياش، جاھان كۆرگەن، پىداكارانە روھقا باي ياشلىرىمىزدا ئىدى.

-شۇنداق، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا، دۇنيا يېڭى پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئوبدان نەتىجىلەرنى قازىنىپ شان – شۆھرەتكە ئېرىشىپ، مىللەتنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان زىيالىيلىرىمىز ئاز ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق، زېرەك مىللەت، مەدەنىيەتلىك مىللەت، بىزنىڭ خاراكتېرىمىز، رەڭگى – رۇخسارىمىز، بەدەن ساپايىمىز جەھەتتە ھېچقانداق مىللەتتىن قىلىشمايدىكەنمىز. بەلكى بەزى جەھەتلەردە بىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدىكەنمىز. بولۇپمۇ ناخشا – ئۇسسۇلىمىز، ئۇچۇق – يورۇق، يۇمۇرسىتىك پاراڭلىرىمىز ھەر قانداق مىللەتنى قايىل قىلىدىكەن. بىزگە قول قويىدىكەن. ئەمما بىز ئاشۇ شان – شۆھرىتىمىزنى پەش قىلىپ داۋاملىق تىرىشمىساق بولمايدۇ. بىز ئەمدىلەتتىن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىدەك، ياپونىيىدەك، تۈركىيە، گېرمانىيىدەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە كېلىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. لېكىن بۇ بەك ئاز، ئىپتىخارلىنىدىغان، مىللەتنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان زىيالىيلار قوشۇنىمىز يوق. بار دېيىلسە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ھەسەتخورلۇقتىن، يۇرتۋازلىقتىن قول ئۈزەلمەيۋاتقان، ئۇيۇشالمايۋاتقان، ھەمكارلىشالمايۋاتقان، ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق تۆت توك – توك زىياللىرىمىز بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ.

-سىزنىڭچە بىر قېتىم ھالاك بولغان ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا زادى نېمىشقا شۇنداق تەرەققىي قىلالىغاندۇ؟ سورۇدۇم مەن دولقۇندىن.

ئىنگلىزلار بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا پەن – تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلغان. ياپونلارمۇ شۇنداق. بۇ ئىككى دۆلەت نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان. مائارىپقا ئايىماي مەبلەغ سالغان. ياپون مىللىتىنى مائارىپ قۇتقازغان، ياپون دۆلىتىنى مائارىپ تەرەققىي قىلدۇرغان دېيىشكە ھەقلىقمىز، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى بىز زىيالىيلارغا «سېسىق توققۇزىنچى» دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ تاغلارغا، يېزىلارغا ھەيدەپ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالغاندا ياپونلار بىلەن ئىنگلىزلار  زىيالىيلىرىغا ئالىي مەرتىۋە، يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ، ئەتىۋارلاپ بېشىدا كۆتۈرۈۋالدى ئەمەسمۇ!

-ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەنلەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەنسىلەر؟

مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىرىنچىدىن مۇھىت، ئىككىنچىدىن تىل، ئۈچىنچىدىن ئىقتىساد، يەنى ئوقۇش راسخوتى، ياتاق، تاماق دېگەندەك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ تىل قىيىنچىلىقى ھەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن يەڭمەك تەس قىيىنچىلىق، تاماق، ياتاق، مۇھىت قىيىنچىلىقلىرىنى «ئامېرىكىدا ئوقۇيمەن» دېگەن ئىرادە بىلەن كەلگەن كىشىگە قىيىنچىلىق دېگىلى بولمايدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى تىل قىيىنچىلىقىدۇر. مەيلى قايسى ساھەدە ئوقۇيلى، ياكى ئىشلەيلى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ باشقا ئىش قىلىش تەس. تازىلىق ئىشچىلىقىغىمۇ تىل بىلمىسە بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئىنگلىزچىنى بىلىشى كېرەك. ھېچبولمىغاندا پىكىر ئالماشتۇرغۇدەك، بىرەر ماتېرىيالدىن پايدىلانغۇدەك سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىغا كېلىپ پۇختىلىۋالغىلى، تېخىمۇ كامالەتكە يەتكىلى بولىدۇ. بۇمۇ ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان ئەمەس. ئەمدى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئامېرىكىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش، تۇرالماسلىققا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ قىيىنچىلىق، ھەممىمىزگە ئايان، ئامېرىكا بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا كاپىتالىستىك دۆلەت، جاھانگىر دۆلەت، پۇل بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆلەر تىرىلىشىگە باقماي پۇل ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بۇ ھايات – ماماتلىق ئېلىشىشتا ئەقىل – پاراسەتكە، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتكە، ئۇندىن قالسا تىلغا تايىنىپ پۇل تاپىدىغان گەپ. سىلى بىلىلا، مەن ھۆكۈمەت راسخوتى بىلەن كەلگىنىم ئۈچۈن ھېچنېمىنى كۆرمىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا كۆڭلۈمدىكى شىركەتكە ئىشقا چۈشتۈم. تەبىئىي پەن ئوقۇغىنىم تازا ئەسقاتتى. مەن شاڭخەيدە فىزىكا ئوقۇدۇم. كومپيۇتېر كەسپىي بىلەن ئىنگلىزچىنى پۇختا ئۆگەنگەن، ئاندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا7* يىل خىزمەت داۋامىدا ئىنگلىزچىنى، كومپيۇتېرنى تېخىمۇ پۇختىلىۋېلىپ ئاندىن ئامېرىكىغا بىلىم ئاشۇرغىلى كېلىپ تۇرۇپ قالدىم. ماڭىمۇ مۇساپىرلىق، يالغۇزلۇق روھى بېسىم خېلى ئاۋارىچىلىككە دۇچار قىلدى. تۇرسۇنئاي بىلەن قىزىم كەلگەن كۈنلەردە ئىش تاپقىچە ئازراق ۋاقىت قىينالدىم، ھەتتا قايتىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇق. نومۇس كۈچىمىز بىلەن چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىشلەپ يول تاپتۇق. مەن يۇقىرى مائاشلىق ئىش تاپقاندىن كېيىن ھەممە قىيىنچىلىق ھەل بولۇپ مۇشۇنداق ئازادە ئۆي، ماشىنا سېتىۋالدۇق. ھازىر تۇرسۇنئاينى, قىزىمنى ئوقۇتۇۋاتىمەن. بۇ پاراۋان تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىنىڭ تىل بىلگەنلىكىمدىن، تىرىشقانلىقىمدىن، مۇھىتقا ماسلىشىپ جاپاغا چىداپ ئىشلىگىنىمدىن بولدى دەيمەن.

-راست دەيسىز، ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئىجتىمائىي مۇھىت بەلگىلەيدۇ. ياخشى شارائىتتا ئادەمنىڭ ياخشى – يامىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئىقتىدارىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ئادەم يامان شارائىتنى ئۆزگەرتەلىسە ئاندىن باتۇر ئادەم، قەھرىمان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلە بار، بىر كۇنۇپكىنى باسسا ماڭىدىغان، بىر كۇنۇپكىنى باسسا توختايدىغان ماشىنا ئادەم تەربىيىلەيمىز ئەمەسمۇ، ئۇنداق ماشىنا ئادەملەر شۇ مۇھىتتىن ئايرىلىدىكەن، سۇدىن ئايرىلغان بېلىقتەك جان تالىشىپ قالىدۇ، - دېدىم مەن.


   -شۇنداق، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەردىكى تەربىيە كىتابتىكى تەربىيە، يەنى ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان قۇرۇق تەربىيە، ئالدىمىزغا بىرەر قىيىن مەسىلە ئۇچرىسا ئۇنى دەرھال ھەل قىلالمايمىز، مۇستەقىل پىكىر قىلالمايدىكەنمىز، ئاپام مۇنداق دېگەن، ئاتام مۇنداق دېگەن، كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن دەپ چۈمۈلىدەك سىزىپ قويغان سىزىقتىن چىقالمايدىكەنمىز. جۇڭگودا باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ھەتتا ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى يۇقىرىدىن تۈزۈپ بەرگەن دەرسلىك، ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى بىر ئېغىز گەپ قوشالمايدۇ. بۇ يەردىكى بىزنىڭ دەرسلىكىمىزنى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە، ئارزۇسىغا قاراپ تۈزۈپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۇرنى ئېچىشنى، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە مەكتەپنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىنى مەكتەپ مەمۇرلىرى ئەمەس، پروفېسسورلار باشقۇرىدۇ، تەتىل تەتىلدەك، بايرام بايرامدەك ئۆتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ، -دېدى دولقۇن.

-توغرا، مېنىڭچىمۇ تامامەن شۇنداق، - دېدىم مەن دولقۇننىڭ ئېيتقانلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، - قائىدە بويىچە ئېيتقاندا مائارىپ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس. ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەكتەپمۇ، مائارىپمۇ يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرى پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىز كۆرگەن مەكتەپ ۋە مائارىپ پەيدا بولغان. بىزدە مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋايى قاتارلىق مەشھۇر ئالىم، تىلشۇناس، شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگىنى بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر كىشىلەر بولغانلىقتىن، دۇنياغا نېمىشقا كەلگەنلىكىنى، قانداق ياشاش، كىم ئۈچۈن ياشاش مەسىلىسىنى كاللىسىدا ھەل قىلىۋېلىپ ئۆزىگە ئۆزى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، گۈزەل غايە تىكلەپ ھارماي كۈرەش قىلىش روھىغا باي كىشىلەر ئىدى.

   مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا توردىن مائارىپ ھەققىدە بىر ماتېرىيال كۆردۈم، بۇنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي، مائارىپ تەتقىقاتىغا پايدىلىق بولا. جياڭسۇ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مائارىپ پروگراممىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراب بولۇپ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ناھايىتى جانلىق پاكىتلار بىلەن كۆرسەتتى. بۇ پروگرامما كۆرسىتىلگەندىن بۇيان، مەيلى قىز – ئوغۇل ئوقۇغۇچى، مەيلى خىزمەتتىكى ياكى ئوقۇۋاتقان بولسۇن، ياكى ماگىستىر، ياكى دوكتور بولسۇن بۇنىڭغا ئەزا بولغان ۋە داۋاملىق كۆرگەن، ئۇلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئاز ساندىكى نورمال بالىلاردىن باشقا، كۆپ قىسىم بالىلار ھاماقەت، ئىدىيىسى قالايمىقان، غايىسىز، تەپەككۇرى ئاجىز، ئىنكاسى تۆۋەن، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق، بىلىمسىز، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش، ئۆزىگە خاس مۇستەقىل خاراكتېرى يېتىلمەي خۇددى كۆندۈرۈلگەن قونچاققا ئوخشاپ قالغان، تەۋەككۈلچىلىك ئىدىيىسىدىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايدىكەن.  ئەمدى بىز ئاشۇ پروگراممىغا قاتناشقان كورىيە، تايلاند، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار گەرچە خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ، لېكىن شۇنداق روھلۇق، شۇنداق جۈرئەتلىك، ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە مۇستەقىل قاراشقا ئىگە ئىكەن. ئۇلار مەكتەپكە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، غايىسى قاتارلىقلارنى چۈچۈك تىل بىلەن تولىمۇ جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەپتۇ. ئۇلار يەنە رىياسەتچىدىن قورقماي خىلمۇ خىل مۇرەككەپ سوئاللارنى سورىيالاپتۇ. بەزىدە تېخى

«ئۆلچەملىك جاۋاب» قا ئادەتلەنگەن رىياسەتچىنىمۇ ناھايىتى ئوسال قىلىپ قويۇپتۇ، ئۇلار ھەر خىل نەسىھەت چەمبىرىكى، ئەخمىقانە ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش، تەنبىھ بېرىش ھەر خىل تەپەككۇر بويۇنتۇرۇقى، تايىنىۋېلىش، ئۆلچەملىك جاۋاب ئاسارىتىدىن خالى بولغان ئەركىن مائارىپ شارائىتىدا تەربىيە ئېلىپ ئادەتلەنگەنلىكتىن، شۇنداق ئىقتىدار ھازىرلىغان. ئۇلار ھەرگىزمۇ دىپلوم ئۈچۈن، خىزمەت ئۈچۈن، ھوقۇق – مەنسەپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلىك قەدىر – قىممەت ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان ئەركىن قاراشقا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ئۇلار «كىشىلىك قەدىر – قىممەت ھەممىدىن ئۈستۈن، ئىنسان يارىلىشتا باب – باراۋەر» دېگەن يۈكسەك ھۆرلۈك شوئارى شارائىتتا چوڭ بولغاچقا قانۇندىن باشقا، كىشىلىك ئىززەت – ھۆرمەتتىن باشقا ھېچنېمىدىن ئەيمەنمەيدىكەن. دېمەك، مۇشۇنداق ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە بولغان بالىلار مىللەتنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بولالايدۇ ئەلۋەتتە! ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىم «جۇڭگو تەھدىتى» نەزەرىيىسى ئۈستىدە توختالغاندا، «جۇڭگو قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇلار تېلېۋىزور ئېكسپورت قىلسىمۇ، بىراق تېلېۋىزور پروگراممىسىنى ئېكسپورت قىلالمايدۇ» دېگەن. بىز بۇنىڭغا غەزەپلەنسەكمۇ شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بىزنىڭ مائارىپىمىز نۆۋەتتە بالىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارى، چۈشىنىش ئىقتىدارى، گۇمان قىلىش ئىقتىدارى، سوئال سوراش ئىقتىدارى ھەمدە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىق كۈچى، بالىلىق ھەۋەس ۋە بالىلىق شوخلۇقىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋاتىدۇ. شۇنى چۈشىنىۋېلىشىمىز لازىمكى، بىز كىچىكلىكتىن چوڭ بولغۇچە جاپا چېكىمىز، مەكتەپتە نەزەرىيە بىلىم ئۆگىنىمىز، ئاۋۋال ئاشكارا قائىدە – نىزاملارنى، ئاندىن يوشۇرۇن قائىدە – نىزاملارنى ئۆگىنىمىز، ئاشۇنداق يادلاپ ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ بولغۇچە قۇيرۇقىمىزنى قۇم باسىدۇ. خۇددى كونىلار «نىيەت بار چاغدا غەيرەت يوق، غەيرەت بار چاغدا يۈرەك يوق، غەيرەت ۋە يۈرەك بار بولغاندا جۈرئەت يوقلۇقىنى ھېس قىلىسەن» دېگەندەك. شۇنداق ئەمەسمۇ، بۇ ئىنسان ئۈچۈن نېمىدېگەن ئەلەم-ھە!

-بەك ياخشى مۇھاكىمە ماتېرىيالى ئىكەن، گۆشمۇ بار، سۆڭەكمۇ بار ئىكەن، - دېدى دولقۇن كەسكىن قىلىپ، ئۇ سەل تۇرۇۋېلىپ، قولىدىكى قەھۋەنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى دانە – دانە داۋام قىلدى، -بالىلارنى ئەركىن تەپەككۇر، گومانتارلىق نۇقتى – نەزەر، تەۋەككۈلچىلىك روھى ۋە ئۆز قىزىقىشى بويىچە يېتەكلەپ، دوگما بولغان «ئۆلچەملىك جاۋاب» دۇنياسى، كىتاب دۆۋىسى، قۇل مىجەزلىك ئەۋلاد تەربىيىلەش ئاسارىتىدىن، ئىمتىھان كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ئىنسانى ياشاش ئىستىگىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. مانا بۇ مائارىپنىڭ مەقسىتى، ئامېرىكىدا، ياپونىيىدە تامامەن شۇنداق مەقسەتتىكى مائارىپ يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.

-سىز مائارىپ توغرىسىدا خېلى بىر نېمىلەرنى بىلىدىكەنسىز – ھە؟ دېدىم مەن سۆھبەتتىن ھۇزۇرلىنىپ،

-سىلى بىلىلىغۇ دەيمەن، مەن ئامېرىكىغا مائارىپ تەتقىقاتى، يەنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى ئىلمىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن، كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇدۇم...

.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 11:40 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aisadap + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك
gulbaxikar + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 147   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:21:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 09:56 PM
ئىككىنچى باب
ئامېرىكا كۇتۇپخانىسىدىكى سۆھبەت
   مېنىڭ  ...

ساياھەتنامە بارغانسىرى ياخشى ،مول مەزمۇنلۇق چىقىۋاتىدۇ .داۋامىغا تەشبابىز.

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:01:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ  200سوم  خەلىق  پۇلى تۆلەپ بىر يېرىم ئايدا  ،ئىدارىغا  بېرىپ كىلىش ئۈچۈن جەمئىي 8سوم  ئاپتۇبۇس ھەققى سەرپ قىلىپ  ئالغان پاسپورت دىگەن نەرسىنى

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:31:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز قاراشلار شۇنداق ئىنىق ، ئۇچۇق ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ، بولۇپمۇ مائارىپ تۇغرىسىدىكى قاراشلار،  بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەشتىكى سېلىشتۇرما قاراشلار شۇنداق جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ ، شۇنداق ياقتۇردۇم ، كىتاپ  نەشىر قىلىنغاندا  سېتىۋىلىپ يەنە بىر قېتىم ئۇقۇيمەن.

داۋامىغا تەشنا.

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش