داۋامى:
-ئۇنداقتا ماڭا ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرسىڭىزچۇ، ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىلگۈم بار ئىدى، - دېدىم ئالدىراپ، بۇ كۇتۇپخانا ماڭا ياخشى دەرسخانا بولدى. سىز ماڭا ياخشى مۇئەللىم بولدىڭىز. ئاندىن ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز، مەن خارۋارد چۈشىنى كۆرۈۋاتقىنىمغا 30 نەچچە يىل بولغاندۇ، ئاللا مۇرادىمغا يەتكۈزۈپ مېنى ئامېرىكىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى. ئەمدى خارۋاردتا ئوقۇيالمىساممۇ، خارۋاردنى كۆرسەم ئۆلسەممۇ ئارمىنىم قالمايدۇ.
بۇ گەپتىن دولقۇن قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى. مەن ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن بالىلارچە ئېتىلغان ساددا پىكرىمدىن سەل – پەل خىجىل بولۇپ قالدىم. دولقۇن ئۇنى دەرھال بىلىپ: سىلىنى بودا ئارزۇ – ئارمانلىرىغا تولۇق يەتكۈزىمىز، خارۋاردنى جەزمەن بىر كۆرسىلە، مەن بىر قېتىم كۆردۈم. يەنە كۆرگۈم بار. تۇرسۇنئايمۇ تېخى كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان، مېنىڭچە باھارنى ۋاشىنگتون، نيويورۇك، بالتىموردە ئۆتكۈزۈپ ياز بولغاندا بارساقمىكىن دەيمەن، - دېدى. مېنىڭ روھى كەيپىياتىم ئەسلىگە كەلدى، سۆھبىتىمىزنىڭ بارغانسېرى قىزىۋاتقىنىدىن كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ ئامېرىكا توغرىسىدىكى بىلىملىرىم كۆپىيىپ، كۆڭۈل خاتىرەم گۈزەل سۈرەتلەر بىلەن تولۇۋاتاتتى. ماڭا بۇ پۇرسەت ئىنتايىن قىممەتلىك تۇيۇلۇۋاتاتتى. دولقۇن بەك ئالدىراش ئىكەن، پەقەت شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالىدىكەن، باشقا چاغلاردا كېچىلىرىمۇ كومپيۇتېر يېنىدىن نېرى كېتەلمەيدىكەن. شىركەتتىن خىلمۇ خىل ۋەزىپىلەر، تاپشۇرۇقلار، بۇيرۇتمىلار كېلىپ تۇرىدىكەن. دولقۇنمۇ ھاردىم – تالدىم دېمەي قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىكەن. دولقۇن بىلىم خۇمار، چىقىشقاق، ئۇچۇق – يورۇق مىجەزى بىلەن ماڭا ھۇزۇر بېغىشلاپ، تەنلىرىمنى راھەتلەندۈرۈپ، كۆڭلۈمگە ئارام بېرەتتى. بىز پاراڭلاشقانسېرى ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ كېتەتتۇق، پارىڭىمىز ئامېرىكىدا بولۇۋاتقىنى ئۈچۈن كۆڭلىمىز توق، تەشۋىش يوق ئىدى. بۇنداق ئاسمىنى كەڭ يەردە ھېلى مىللەت، ھېلى تىل، ھېلى ئەدەبىيات، ھېلى ياپونىيە، ھېلى ئامېرىكا، ھېلى ئىنگلىزلارنىڭ مىجەز، خاراكتېرى توغرىسىدا پاراڭلىشىش نېمىدېگەن راھەت، نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك ئىش ھە! ھەر ئىككىمىز كۆڭلىمىزدىكى نازۇك پىكىر، مۇرەككەپ تۇيغۇلىرىمىزنى ھېچ ئەگىتمەستىن تۈزلا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلاتتۇق. مەن كۈيئوغلۇمنىڭ مىجەزىنىڭ ئېسىللىكى، بىلىمىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقى، مېنى ئەتراپلىق ۋە قىزغىن كۈتۈۋېلىشلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدەك رەڭگارەڭ مەدەنىيەت، ئاجايىپ – غارايىپ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئىچىدە ياشاپمۇ ئۇيغۇرلارغا خاس رەڭگىنى ئۆڭدۈرمەي، بەلكى بۇ رەڭنى تېخىمۇ يارقىن جۇلالاندۇرغىنىغا ئاپىرىن ئېيتتىم ئىچىمدە. مەن دولقۇندىن ئامېرىكىنىڭ مائارىپى، پەن – تېخنىكىسى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشكە باشلىغاندا سۆھبىتىمىزنى نەۋرەم نازىلە كىرىپ ئۈزۈپ قويدى. نەۋرەم بىر قانچە پارچە ئىنگلىزچە كىتاب، پلاستىنكا كۆتۈرۈپ كىرىپ دادىسىغا بىر نېمىلەرنى دېدى. پەرىزىمچە ئۇ مۇشۇ كىتابلارنى ئارىيەت ئالسام بولامدۇ؟ دەپ سورىۋاتقىنىنى پەرەز قىلدىم. دولقۇن كىتابلارنى بىر قۇر ۋاراقلاپ ئارىيەت ئېلىشقا قوشۇلدى. نەۋرەم خۇشال بولۇپ چىقىپ كەتتى. سۆھبەت يەنە داۋام قىلدى. -ئامېرىكىنىڭ مائارىپىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ پەن – تېخنىكىسىنى چۈشىنىش مۇھىمراق، - دېدى دولقۇن، - مەن بىلگىنىمنى سۆزلەپ بېرەي. سىلىگە مەلۇم، ئامېرىكا پەن – تېخنىكا ئىشلىرى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئورۇنلاردىن 79 ى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇرراقلىرى سىتانپورت سانائەت رايونىنى مەركەز قىلغان «كىدىمنيۇ جىلغىسى بەلۋاغ رايونى»، 128- نومۇرلۇق تاشيول بويلاپ قۇرۇلغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماسسا چوستىس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان «يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچۇر يولى»، «يۇقىرى پەن – تېخنىكا رايونى»، «ئاممىباب ئېلېكترون شىركىتى»، دوبان شىركىتى ۋە IBM شىركىتىنى مەركەز قىلغان شىمالى كارولىنا شتاتىدا قۇرۇلغان پەن – تەتقىقات ئۈچ بۇرجەك رايونى، بۇ يۇقىرى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مەركەزلىرى ئامېرىكىنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قېلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئامېرىكا يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل بولغان، كەسپى بىلىملىرى تولۇق، شارائىتى ئەۋزەل پەن – تەتقىقات ئورگانلىرىغا ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەت، شىركەتلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن بىر گەۋدە قىلغان پەن – تەتقىقات سىستېمىلىرىنى كۆپلەپ قۇرغان. 1990- يىلى، ئامېرىكىنىڭ پەن – تەتقىقات ئىشلىرى خىراجىتى خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە، ھاۋا بوشلۇقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكترون سانائىتى بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى، دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. پەقەتلا ئېلېكترون سانائىتىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىدە ياپونىيىدىن ئارقىدا تۇرىدۇ. -يا ئاللا، ياپونىيە شۇڭا ھۆركىرەيدىكەن – دە! ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھالاك بولغان كىچىككىنە ئارال دۆلىتى ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىغا قارىمامدىغان، - دېدىم مەن دولقۇننىڭ گېپىگە لوقما سېلىپ، -شۇنداق، ياپونىيىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىغا مۇشت ئاتقان نوچى ئۇ دېگەن،-دېدى دولقۇن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ سەل تۇرۇۋېلىپ گېپىنى داۋام قىلدى، - ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئامېرىكا كۆپلىگەن يۇقىرى پەن – تېخنىكا خادىملىرىغا ئىگە بولۇپ، 1901- يىلدىن 1989- يىلغىچە، جەمئىي 143 ئادەم تۈرلۈك نوبېل تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ دۇنيا بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ھەر يىلى، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھىم پەننى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقاللارنىڭ 35 پىرسەنتىنى ئامېرىكا ئالىملىرى ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرى يازغان.
-بارىكاللا، بۇ قالتىس گەپكەن جۇمۇ، ئامېرىكا شۇڭا پەن – تېخنىكىدا دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن – دە، -دېدىم مەن ھاياجىنىمنى باسالماي – توغرا، ئەمدى بىز ئەنە شۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ تۈپكى ئاساسى بولغان ئامېرىكىنىڭ مائارىپىنى كۆرۈپ باقايلى، - دېدى دولقۇن قەھۋەدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ، -ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئامېرىكا قانۇنىدا ياش – ئۆسمۈرلەر ئالتە ياشتىن 16 ياشقىچە چوقۇم مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت باشقۇرغان مەكتەپلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تولۇق ئىقتىسادىي راسخوت بىلەن تەمىنلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز ئوقۇيدۇ. خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى كۆپىنچە دىنىي تەشكىلاتلار قوللايدۇ. مائارىپ خىراجىتى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىگىلىگەن خىراجىتىنى باشقا يەنە چوڭ مالىيە گۇرۇھلىرى فوندى جەمئىيىتى بىلەن شەخسلەر ئىئانە قىلغان پۇللارنى ۋە بەزى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1995- يىلى، مائارىپ ۋە باشقا شىركەتلەر خىراجەت قىلغان پۇل تەخمىنەن 78 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ فېدېراتسىيە مالىيە خىراجىتىنىڭ 4.9 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ئامېرىكىدا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر قىسىم يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىنىڭ قانۇنلىرىدا: شتاتلىق مائارىپ كومىتېتى تارقاتقان ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولغانلارلا ھۆكۈمەت باشقۇرغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلالايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھەر بىر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالالىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار توپلانغان. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئىنتايىن شەرەپلىك خىزمەت دەپ بىلگەنلىكتىن، جان پىدائىيلىق بىلەن ئۆزىنى ئونۇتقان ھالدا ئىشلەيدۇ. مەن بۇنداق پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.مېنىڭ ئىگىلىشىمچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئاساسلىقى ھەر قايسى شتاتلىق مائارىپ كومىتېتلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر باشقۇرىدۇ. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ۋە خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر دەپ ئايرىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى شتاتلار ئون يىللىق تۈزۈمدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان، ھەر قايسى شتاتلارنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئوخشاشمايدۇ. كۆپىنچىلىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالتە يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچ يىل، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچ يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئالىي مائارىپ ئىككى يىللىق ئىنستىتۇتلار ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى، تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرسلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىككى يىللىقتىن تۆت يىللىققىچە بولغان ئاسپىرانتورىيلەرگە ئايرىلغان. 2001- مالىيە يىلىدىكى مائارىپ خامچوتى 420 مىليارد دوللار بولۇپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىگە قارىغاندا%18 ئاشقان، 2001- يىلى بوش ھۆكۈمىتى ئومۇمىي سوممىسى 496 مىليارد دوللارلىق مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپى توغرىسىدا دولقۇن تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئىكەن. ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە بىر ئادەتتىكى جۇڭگولۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ پەن – تېخنىكىسى، مائارىپى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي تۈزۈلمىسى جەھەتلەردىمۇ كەڭ نەزەر ئىگىسى ۋە بىر قەدەر پىشقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئەمدىكى گەپ تەبىئىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپىغا كۆچتى. دولقۇن زوق–شوق بىلەن سۆزگە كىرىشتى.
ئاپتور ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مارلەن ئۇنىۋېرستېتىدا -ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 3000 دىن ئارتۇق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەكى خۇسۇسىيلار باشقۇرغان ئالىي مەكتەپلەردۇر. 1325 ئالىي مەكتەپ تۆت يىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1200 ئالىي مەكتەپ ئىككى يىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان نيويۇرۇك ئۇنىۋېرسىتېتى 350 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئىگە، كۆلىمى ئەڭ كىچىك بەزى مەكتەپلەرنىڭ پەقەت بىر نەچچە يۈزلا ئوقۇغۇچىسى بار. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ئومۇمەن تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ. بىرىنچى خىلىدىكىسى، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە مەخسۇس ئىنستىتۇتلاردىن تەركىب تاپقان ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئۇنىۋېرسىتېت دەپ ئاتالغانلارنىڭ كۆلىمى باشقا مەكتەپلەردىن چوڭ، ئوقۇش ۋە قىرائەتخانا ئەسلىھەلىرى ناھايىتى ياخشى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپ، تەتقىقات كۈچى كۈچلۈك، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار بەزەن ئىنستىتۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇش، تېخنولوگىيە، خەلقئارا تەتقىقات، ئاخبارات، مۇزىكا، كۇتۇپخانا باشقۇرۇش، ساياھەت باشقۇرۇش قاتارلىقلار، ئىككىنچى خىلىدىكىسى، مۇستەقىل كەسپىي ئىنستىتۇتلار، مەسىلەن، مېدىتسىنا، مائارىپ، قانۇن جەھەتلەردىكى مەخسۇس ئىنستىتۇتلار بولۇپ، مۇنداقلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇسۇسىيلار باشقۇرغان مەكتەپلەر. ئۈچىنچى خىلىدىكىسى، تۆت يىللىق ئىنستىتۇتلار، بۇ خىلدىكى ئىنستىتۇتلارنىڭ كۆلىمى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كىچىكرەك بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانىمۇ ئازراق بولىدۇ. بۇلار ئىجتىمائىي پەن ئىنستىتۇتى ياكى تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتى دەپ بۆلۈنۈپ، كۆپرەك ئىجتىمائىي پەن باكالاۋر ۋە تەبىئىي پەن باكالاۋرلىرلىق ئۇنۋانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۆتىنچى خىلىدىكىسى، ئىككى يىللىق ئىنستىتۇتلار، مۇنداقلا ئادەتتىكى مائارىپ تەربىيىسىدىن تاشقىرى ئىككى يىللىق مەخسۇس كەسپى تەييارلىق بىلەن تەربىيىلەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ سەۋىيىسى تۆت يىللىق ئىنستىتۇت ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىقىغا باراۋەر كېلىدۇ، -دېدى دولقۇن. مەن دولقۇننىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ ئالدىمدىكى رەتلىك كىتاب جاھازىسىنىڭ ئۈستىدىكى تامغا ئېسىلغان پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ خىلمۇ خىل بايراقلىرىغا، ئىككى يېنىمدىن ئاستا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە سەپسېلىپ قاراپ قوياتتىم. مەن دولقۇننىڭ ئامېرىكا مائارىپى توغرىسىدا سۆزلىگەن تونۇشتۇرۇشلىرى خىيال قۇشۇمنى ئانا ۋەتەن مەكتەپلىرى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرۇپ مېنى تەگسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق قىلاتتى. لېكىن مەن ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتىمەن، ئەتراپىمدا كاللامنى قوچۇپ پىكىرلىرىمنى ئاستۇن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان ئەبلەخ تراكتورنىڭ دوزاخنى ئەسلىتىدىغان پەت – پەتىلىرى، قۇلاقنى يۇپۇرۋالسىمۇ تىشىپ كىرىدىغان يىغلاڭغۇ ناخشا سادالىرى يوق ئىدى. دولقۇن سۆزلەپ توختاپ قالغاندا مەن سوئال بىلەن چۇخچىلاپ قوياتتىم. پات – پات ئارىمىزدىكى سوغۇق ئىچىملىك، پېچىنە – پىرەنىك، قەھۋەلەرگە ئېغىز تەگكەچ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇراتتۇق. دولقۇن ئەقىللىق بولغاچقا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى دەرھال تېپىپ كۈيئوغۇللۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ھەرگىز ئىسىدىن چىقارماي ئەدەپ بىلەن سۆزلەيتتى. دولقۇن كىچىكىدىن تارتىپ ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىراق، يىراقلاردا ئوقۇش، خىزمەت بىلەن بولۇپ ئەمەلىي بىلىم ئېلىش بىلەن بىللە دۇنيا كۆرۈپ، خىلمۇ خىل مىللەت كىشىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ چوڭ بولغاچقىمىكىن ھەممە كىشى بىلەن ئىناق – ئېجىل ئۆتۈشكە، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئەمدى ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تارىخى تۈزۈمى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىزچۇ؟ سورۇدۇم مەن پىكىر – خىياللىرىمنى سۆھبەت تېمىسىغا يىغىپ. -بۇ تۈزۈم قارارلىق تۈزۈم، پەسىللىك تۈزۈم، ئۈچ قارارلىق تۈزۈم دەپ بىر نەچچە خىلغا بۆلىنىدۇ، - دېدى دولقۇن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، - قارارلىق تۈزۈم ھەر يىلى ئىككى قارار بولۇپ، تەخمىنەن 15 ھەپتىلىك ئۆگىنىش ۋە بىر ھەپتىلىك ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى قوشۇلۇپ بىر قارار ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئوقۇش يىلىنىڭ بىرىنچى قارارى كۈزلۈك قارار بولۇپ، ئادەتتە 8- ياكى 9- ئايلاردا باشلىنىپ ئىككىنچى يىلنىڭ 1- ئايلىرى ئاياغلىشىدۇ. ئەتىيازلىق قارار ئوقۇش يىلىنىڭ ئىككىنچى قارارى بولۇپ، ئادەتتە 1- ئايلاردا باشلىنىپ، 5- ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 6- ئاينىڭ باشلىرىدا ئاياغلىشىدۇ. پەسىللىك تۈزۈم – بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇش يىلى ئۈچ ئوقۇش قارارىغا بۆلۈنۈپ، ھەر پەسىلدە ئون ھەپتە ئۆگىنىش ۋە بىر ھەپتىلىك ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى بولىدۇ. كۈزلۈك قارار 9- ئايدا باشلىنىپ 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاياغلىشىدۇ. قىشلىق قارار 1- ئايدىن 3- ئايغىچە، ئەتىيازلىق قارار 3- ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 4- ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلىنىپ 6- ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ. بەزىدە ياز پەسلىدىمۇ دەرس ئۆتىلىدۇ. ئۈچ قارارلىق تۈزۈم بۇ خىل تۈزۈمدە بىر ئوقۇش يىلى ئوخشاش بولغان ئۈچ قارارغا بۆلۈنۈپ بىرىنچى قارار 8- ئايدىن 12- ئايغىچە، ئىككىنچى قارار ئىككىنچى يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، ئۈچىنچى قارار 4- ئايدىن 8- ئايغىچە بولىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت ئاشۇنداق ئوقۇپ ئۇنىۋانغا ئېرىشكۈچى بولغان ئىمتىھاننى تولۇقلاشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. كانكول ۋاقتىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى بىر ھەپتە بەزىلىرى ئۈچ – تۆت ھەپتە بەزىلىرى ھەتتا 10-12 ھەپتە ئوقۇيدۇ. مەن دولقۇن بىلەن بولۇۋاتقان ئاددىي – ساددا، لېكىن يالغان – ياۋىداق ئەپقاچتى گەپلەردىن خالى، كۆڭۈل بوستانلىرىمنى ئىلىم كەۋسەرلىرى بىلەن سۇغىرىپ، ھايات مەشئەللىرىمگە نۇر ئاتا قىلىۋاتقان سۆھبىتىمنىڭ ھېكمىتىدىن كەلگەن لەززەتتىن راھەتلەندىم. ۋەتەندە نادانلىق ۋەسۋەسلىرىنىڭ، سۆلەتۋازلىق، مەمەدانلىق، پىتنىخورلۇق پاتقىقىغا پېتىپ، ئىلىم – ئېرىپان يۈزلىرىگە يۇندا چاچىدىغان تالاي ئولتۇرۇشلار، مېھماندارچىلىقلارغا قاتنىشىپ، خۇشال كىرىپ، قاقشاپ چىقىدىغان كۆڭۈلسىز كۈنلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. مەن شۇنداق ئىپلاس كۆرۈنۈشلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنتۇپ ئالدىمدىكى ئۇستازىمدىن ئۆمرۈمگە قۇۋۋەت بېرىدىغان دانىشمەنلەر ھېكىمەتلىرىنى ئاڭلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلگەن ئىدىم. بۇ مىننەتسىز، ھەشەمەتسىز كىتاب – ژۇرنال داستىخىنىدىن ئاجايىپ كۆپ ئۇزۇق ئالدىم، ئۇچۇر ئاڭلىدىم. ئاڭلىغانسېرى قانمايتتىم. ھەر بىر ئېغىز گەپتىن كەلتۈرگەن مىسال، نەقىللىرىدىن، ھېكمەتلىك بايانلىرىدىن كۆڭلۈم ئېچىلىپ «ھەسسىنەي، مېنىڭ يۇرتۇم قاچان شۇنداق بۇلار، مېنىڭ خەلقىم قاچان ئاشۇنداق مائارىپتىن بەھرىمەن بۇلار؟» دەپ ئاچچىق تولغىناتتىم. ئىلاھا شۈكرى، قىزىم، كۈيئوغلۇم بىلىم ئەھلىگە ئايلاندى. مېنىڭدەك بىر ئاددىي دېھقاننىڭ بالىسى بۇنداق ئالىي مەئىشەتتىن بەھرى ئالالمىسىمۇ، لېكىن كۆزى بىلەن كۆرۈش، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. شۇڭا مەن ۋەتەنداشلىرىمغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئېلىشىم كېرەك. بۇنداق دانا پىكىرلەر كاللامغا كىرگەندە پۈتۈن زېھنىمنى يىغىپ بىلىم دەرياسىغا تۇمشۇق سوزاتتىم. -بۈگۈنكى سۆھبەت ئۆمرۈمدىكى ئەڭ شېرىن سۆھبەت بولدى، سىزگە كۆپ رەھمەت، - دېدىم مەن مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈپ. -نېمىشقا ئامېرىكىنىڭ مائارىپىنى ھەممە ئادەم تولۇق ئېتىراپ قىلىپ، ياخشى مائارىپ دەپ ماختىشىدۇ؟ مەن سىلىگە ئەمدى مائارىپنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان، مائارىپنىڭ ئۇلۇغۋار ئەھمىيىتىنى تونۇتىدىغان جانلىق مىساللاردىن سۆزلەپ بېرەي، مەن باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى مىسال قىلاي. -ھەببەللى، گەپنىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىدىغان بولدى. خارۋاردنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇش بەك مۇھىم ئىش، سىز كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىڭىز، - دېدىم مەن پەخىرلىك كۆزلۈرۈمنى ئۇنىڭغا تىكىپ. ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئۈستىدە گەپ بولغاندا، - دېدى دولقۇن ، -ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى خارۋراد ئۇنىۋېرسىتېتى، 1861- يىلى قۇرۇلغان ماسسا چۇسېتىس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، يەنە بىرى 1885- يىلى كالىفورنىيىدە قۇرۇلغان 13 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇنىڭدا ئوقۇپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر 10 نەپەر، ئامېرىكىدىكى 2300 نەپەر ئىلىم – پەن، ئىجتىمائىي پەن ئاكادېمىكلىرى ئىچىدە ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر 124 نەپەر، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگەنگەن كەسىپلىرى مۇزىكا، دىن، ئەقلىي ئىقتىدار ئىلمى، ئانتروپولوگىيە، سوتسئولوگىيە، ھەرىكەت تەييارلىق ئىلمى، ھاۋا بوشلۇقى، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق 30 تىن ئارتۇق كەسىپكە چېتىلىدۇ. ھازىرمۇ 130 نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئالىم مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپتۇ. يەنە بىرى، 100 يىللىق تارىخى، قانۇنشۇناسلىق بىلەن تېببىي ئىلىمدە نامى بار يالى ئۇنىۋېرسىتېتى. يەنە بىرى 1754- يىلى قۇرۇلۇپ 1912- يىلى رەسمىي كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ نام بېرىلگەن، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، تېخنولوگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەردىن تەركىب تاپقان خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى ئۇنىۋېرسال مەكتەپ بولۇپ، نيۇيورۇكنىڭ مەركىزى مانخانتونغا جايلاشقان. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئالاھىدە چوڭ پەرقى چەتئەل تىل 71 خىلغا يېتىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارمىقىدا كولومبىيە ئىنستىتۇتى، مېدىتسىنا، قانۇنشۇناسلىق، قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي پەنلەر ئىنستىتۇتى، سىياسىي تەتقىقات، پەلسەپە تەتقىقاتى، ساپ تەبىئىي پەن تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، پېداگوگىكا، بىناكارلىق، ئىجتىمائىي خىزمەت، دورىگەرلىك، ئاخبارات، سودا، چىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى، گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر بار. بۇ مەكتەپ يەنە شەرقى ياۋروپا تەتقىقاتى، ئوتتۇرا ياۋروپا، ئافرىقا تەتقىقاتى، لاتىن ئامېرىكا، كوممۇنىزم ئىشلىرى تەتقىقاتى، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي تەتقىقاتى قاتارلىق پەنلەرنى تەسىس قىلغان. بۇ ئاپپاراتلار بىر تەرەپتىن مەخسۇس خادىملارنى تەربىيىلەش ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى ئاسىيا تەتقىقاتى ئەڭ داڭلىق ئىكەن. بۇ ئورگانلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتلىرىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىدىكەن. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ 6- چىسى، 300 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە، نيويۇرۇك شەھىرىنىڭ غەرب – جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان نيوجېرسى شتاتىنىڭ پىرىنستون شەھىرىگە جايلاشقان پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى. بۇ مەكتەپ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ناھايىتى ئىناۋەتلىك ئۇنىۋېرسال مەكتەپ. بۇ مەكتەپ قارمىقىدا قۇرۇلۇش، ئەمەلىي پەنلەر ۋە بىناكارلىق، شەھەر پىلانلاش ئىنستىتۇتلىرى، ئورلو – ۋىرسون ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتى ھەمدە 36 فاكۇلتېت بار. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي، مەدەنىيەت تارىخى، تەبىئىي پەن فاكۇلتېتلىرى ناھايىتى داڭلىق. خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتى، شەرقى ئاسىيا فاكۇلتېتى، ماتېماتىكا فاكۇلتېتى، فىزىكا فاكۇلتېتلىرىنىڭ خېلى تەسىرى بار بولۇپ تەبىئىي پەنلەر ئىچىدە مېخانىكا بىلەن ئاۋىئاتسىيە فاكۇلتېتلىرى ئەڭ كۈچلۈك. مەكتەپتە 6000 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. بۇ مەكتەپتە «خەلقئارا مەركەز» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئاسپىرانتلار، زىيارەتكە بارغان ئالىملار ئۈچۈن خالىسانە مۇلازىمەت قىلىدۇ. -گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بولۇپ، 1821-يىلى قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا كولومبىيە ئىنستىتۇتى دەپ ئاتىلىپ، 1904-يىلىدىن باشلاپ گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا كولومبىيە سەنئەت ۋە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، سەنئەت ۋە پەن تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە ئالتە كەسپىي مەكتەپتىن تەركىب تاپقان.
سۈرەتتە: ئاپتور نەۋرىسى ئوقۇۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسخانىسىدا ئەمدى سىلىگە دۇنيادىكى ئەڭ باي ۋە ئەڭ قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېت خارۋارد ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بوستۇن شەھىرىگە جايلاشقان دۇنياغا مەشھۇر ئۇنىۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتى. خارۋارد ئىنستىتۇتى ئالىي مەكتەپ بۆلۈمى بىلەن خارۋارد بىرلەشكەن كىلاكىلىف ئىنستىتۇتى (قىزلار مەكتىپى)دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خارۋاردنىڭ 11 تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يۇقىرى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىكەن. ئاسپىرانت ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە %40 نى قىزلار تەشكىل قىلىدىكەن. 11 تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى: مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى 1782-يىلى قۇرۇلغان، ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتى 1816-يىلى قۇرۇلغان، قانۇن ئىنستىتۇتى 1817-يىلى قۇرۇلغان، سودا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى 1907-يىلى قۇرۇلغان، ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى 1876-يىلى قۇرۇلغان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1872-يىلى قۇرۇلغان، مائارىپ ئىنستىتۇتى 1920-يىلى قۇرۇلغان، ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى 1922-يىلى قۇرۇلغان، كېنىدى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى 1968-يىلى قۇرۇلغان ۋە بىناكارلىق لايىھىلەش ئىنستىتۇتى 1939-يىلى قۇرۇلغان. خارۋاردتىكى تۇلۇق شتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار 2200 دىن ئارتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە 40 تىن ئارتۇق خادىم نوبېل مۇكاپاتىغا، 30 قا يېقىن خادىم پولىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىكەن. ئامېرىكا تارىخىدىكى سەككىز نەپەر زۇڭتۇڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىراجىتىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ھەر قېتىم ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپداشلارنىڭ ئىئانىسىدىن كېلىدىغان بولۇپ، خارۋارد ئىنستىتۇتى فوندى جەمئىيىتى ھەر يىلى يېڭىدىن ئىئانە قىلغان پۇللارنى چوڭ شىركەتلەر ۋە بانكىلارغا مەبلەغ سېلىپ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر بىر ئىنستىتۇتتا ئۆزئارا ئاتلاپ دەرس تاللىۋالىدىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىن قوشنىسى ماسساچوستىس ئىنستىتۇتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، ئىككى مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىرى مەكتەپ ئاتلاپ دەرس ئاڭلايدىكەن ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئىمتىھان نومۇرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگونىڭ بەزى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، بىر قاتار ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈپتۇ. شۇڭا جۇڭگودىن خارۋاردقا كېلىدىغان ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ ئىكەن، 2011-، 2012- ئوقۇش يىلىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 760 مىڭغا يېتىپ، ئېشىش سانى %6 بولغان بولسا، جۇڭگودىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولۇپ %23 كە يەتكەن. تۇلۇق كۇرۇستىكىلەرنىڭ %31 ئاشقان. خارۋارد سودا ئىنستىتۇتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى گىرىي «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئاچقانمۇ ياكى جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئاچقانمۇ» دېگەن.
سۈرەتتە: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنىستىتوتى بىناسى
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى مۇنداق: -1636يىلى قىشتا، ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدىكەن. شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا بولۇپ توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان، بالىسىمۇ يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ، لوندوندىن كەلگەن ئىكەن. ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇرىدىكەن. بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنستىتۇت (ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چېركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالماپتۇ. 1638-يىلى 9-ئايدا ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ۋاپات بوپتۇ. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فونستېرلىڭ) ۋە بارلىق كىتابلىرىنى (تەخمىنەن 400 پارچە) قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنستىتۇتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلغانىكەن. بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىكەن. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنستىتۇتى دەپ ئاتاشنى قارار قىپتۇ. خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فۇنستېرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. دېمەك، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھېسابلىنىدىكەن. ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتېرىيال» ۋە «يۇمشاق ماتېرىيال»لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان سەھەر سائەت 4:00 بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كېتىپتۇ. پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ قايتۇرمىغان بولغاچقا، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالا-قازادىن ساقلىنىپ قاپتىكەن. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئىككىنچى كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دونىستىر بۇ ئوقۇغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۇتۇپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىپتۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بايلىقى توغرىسىدا سۆزلەي، سىنگاپور ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ يېقىندا تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ باي ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان 20 ئالىي مەكتەپنىڭ 17 سى ئامېرىكىدا بولۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى باي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 3000 غا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك قىممىتى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي مال-مۈلۈك قىممىتى 622 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1500 ئوقۇغۇچى بولۇپ 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئومۇمىي مال-مۈلۈك قىممىتى 242 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1200 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئومۇمىي مال-مۈلۈك قىممىتى 171 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. مال-مۈلكى ئالدىنقى ئوننىڭ قاتارىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا، شۇنداقلا، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممىسى خۇسۇسلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىكەن. ئالدىنقى يىگىرمىنىڭ قاتارىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئەنگىلىيىدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 16- ئورۇندا، ھىندىستاندىكى بومباي ئۇنىۋېرسىتېتى 18-ئورۇندا، ئەنگىلىيىدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى 19-ئورۇندا تۇرىدىكەن. يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن، ياكى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارايمەن. مەن دولقۇننىڭ قەلبىمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئامېرىكا مائارىپىنىڭ قۇدرىتىنى دەڭسەپ سۈكۈتكە چۆمدۈم. ئىچىمدە سانسىزلىغان «نېمە ئۈچۈن»لەر ئىسيان كۆتۈرۈپ ئارامىمنى بۇزۇپ تۇراتتى. لېكىن يەنە سوئال سوراپ دولقۇننى ئاۋارە قىلغۇم يوق ئىدى. ئۇ ناھايىتى كۆپ سۆزلىگەن ئىدى. خارۋارد بولسا بىر سىمۋول! –دېدى دولقۇن مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى بىلىپ، ئېھتىمال ئۇ مېنىڭ ئۆچۈپ قالاي دېگەن ئۈمىد شامىمغا ئوت يېقىشقا ئۇرۇنۇۋاتسا كېرەك،- ئىنسان زادى قانچىلىك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە؟ نېمىشقا خارۋاردتا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؟ - دولقۇن ئۆزى سورىغان سوئالغا ئۆزى جاۋاب بەردى. –مېنىڭچە بۇ بىلىمنىڭ قۇدرىتى، مائارىپنىڭ قۇدرىتى بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا خارۋاردقا بېرىپ قالسىلا ھەيران قالىدىغان مۆجىزاتلار بەك كۆپ. ۋاي-ۋۇي، ئۇلارنىڭ بىرى، خارۋارد ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى بەكمۇ تىنچ، ئادەم بارمۇ-يوقمۇ دەپ قالىلا، لېكىن بىر تەرەپتىن غىزالانغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب كۆرۈۋاتقان، ياكى لېكسىيە قالدۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. بىكار پاراڭلىشىۋاتقانلار، قۇرۇق گەپ قىلىشىپ ۋاقىت زايە قىلىۋاتقانلار، ياكى خىيالغا پاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئاشخانا پەقەت تاماق يېگىلى بولىدىغان كۇتۇپخانا. خارۋاردتىكى 100 گە يېقىن كۇتۇپخانىنىڭ سىرتىدىكى يەنە بىر كۇتۇپخانا دېگەن گەپ. خارۋارد دوختۇرخانىسىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق كۇتۇپخانىلارنىڭ يەنە بىر خىل كارتىنىسى. خارۋاردتا گىرىمچىك مودىكەشلەرنى، لەلەڭلىشىپ يۈرگەن بىكار تەلەتلەرنى زادى كۆرمەيلا، ئۇ جاي ئەنە شۇنداق ئالدىراش قەدەم تىۋىشلىرى تەڭكەش قىلىنغان ھاياتلىق سىمفونىيىسىگە چۆمۈلگەن. سىلى بۇ قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن بىلىم ھىدى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن جايدا ئوقۇش ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەن دېمەي تۇرالمايلا، لېكىن خارۋاردلىقلار ئۈچۈن ئۆگىنىشنىڭ ئۆزى بىر خۇشاللىق! زادى قانداق بىر كۈچ ئۇلارنى ئەنە شۇنداق جاپالىق ئوقۇشنى خۇشاللىق دەيدىغان ئىخلاسنى يېتىشتۈردى؟ مېنىڭچە، بۇ بولسا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى! خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چىيۇ چىڭ تۇڭ ئەپەندى جۇڭگو ئامېرىكا مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: جۇڭگودا ستۇدېنتلارنىڭ تۇرمۇشى ئامېرىكىغا قارىغاندا تولىمۇ ئوڭاي ھەم ئەركىن. جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن ئۈلگىدەك جاپا تارتىدۇ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالسىلا، ئۇھ، -دەپ ئارام ئالىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا ئالىي مەكتەپ ئەڭ جاپا تارتىدىغان مەزگىلى. مانا بۇ تۆت يىل دەل جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغان تۆت يىل. بۇ گەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان گەپ. خارۋاردتا ھەر يىلى %20 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ خارۋاردتنىڭ تۈزۈمىنىڭ بەك چىڭلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خارۋاردتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىمۇ بەك ئېغىر ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرسخانىدا سۆزلىنىدىغان دەرس مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقى، ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلىقى تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ توختىماي ئۆگىنىپ بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرىدىكەن. خارۋارد ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش بازىسى ئىكەن. سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشتى. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى، لېكىن كۇتۇپخانىغا توپ-توپ ئەر-ئاياللار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېرىپ بوش ئورۇنلارغا جايلىشىۋاتاتتى. بىز قايتىش ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇرغاندا دولقۇننىڭ تېلېفونى سايراپ قالدى. ئۇ تېلېفوننى ئېلىۋېدى، ئۇنىڭدىن تۇرسۇنئاينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. تۇرسۇنئاي ئۆيگە مېھمان كېلىدىغانلىقتىن، بىزنىڭ بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىمىزنى ئېيتىپتۇ. بىز دەرھال نازىلەنىڭ يېنىغا باردۇق. ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن كومپيۇتېردا ئىنگلىزچە بىر نېمىلەرنى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ بىزنىڭ يېنىغا كەلگىنىڭىزنىمۇ تۇيمىدى. كېيىن ئۇ بىزنىڭ قايتىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئىنگلىزچە بىر نېمىلەرنى دېدى. مەن ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قايتىشقا رايى يوقلۇقىنى، ئويۇنغا قانمىغانلىقىنى بىلىپ «بىردەم ساقلايلى، ئوينىغىلى قويايلى» دېدىم. بىرسىنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇردۇق.
دولقۇن بىلەن نەۋرەم كىتاب ئارىيەت ئالىدىغان يەرگە بېرىپ كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپلا بىرنەچچە پارچە كىتاب، پلاستىنكا ئارىيەت ئالدى. كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ كۆردۈم، ھەممىسى ئىنگلىزچە يېزىقتا بولۇپ بىرى تەبىئەت دۇنياسى، يەنى بىرى تاغ-دەريا، دېڭىز-ئوكيان، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنىڭ رەڭلىك رەسىملىرى بار كىتاب ئىكەن. يەنە بىرى ھايۋاناتلار دۇنياسى، يەنى شىر، يولۋاس، بۇغا-مارال، ئېيىق، تۈلكە، توخۇ، توشقانلار، ئۇچار-قۇشلارنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئىكەن. يەنە بىرى يەرشارى، يەنى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ رەسىملىرى بار كىتاب ئىكەن. بۇنىڭدىن ئامېرىكىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كېچىكىدىن باشلاپلا ساۋات، بىلىم خاراكتېرلىك كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. گۇگۇم چۈشۈپ تىمتاس شەھەر كوچىلىرى رەڭگارەڭ زىننەت چىراغلىرى بىلەن بېزەلگەندە، بىز كۇتۇپخانا بىلەن خوشلاشتۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-13 04:22 PM
|