مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پۇلدار بويتاق - پوۋىست (مىسرانىم مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 12:27:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(4)



   بەللىرىدە سويلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچىنى بىرلا ئۆرۈپ ئارقىغا تاشلىۋالغان گۈلرەيھان شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك زەرلىك ھىلھىلە ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچىنى قولىدا ئوينىغاچ كىتابخانىغا كىرىپ كەلدى. كېچىچە دەم ئالماي ئىشلىگەنلىكتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ئۇنىڭ دائىما كۈلۈپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، قىزىرىپ كەتكەنىدى. گۈلرەيھان خەنزۇچە قورال كىتابلارنى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن رومان كىتابلار تىزىلغان جازىنىڭ ئالدىغا باردى. ‹‹ ئانا يۇرت›› ‹‹ ئويغانغان زىمىن›› ‹‹ جاللات خېنىم›› ‹‹باھادىرنامە›› قاتارلىق تارىخىي رومانلار گۈلرەيھاننىڭ كۆزىگە گۈل كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ تارىخى رومانلارنى مېھرى بىلەن سىلاۋىتىپ نەچچە مىنۇت ئارىلىقىدا كىتابتا سۆزلەنگەن تارىخى ۋەقەلەرنى ئەسكە ئالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردە جاللات خېنىمنىڭ بېلىگە ئالتۇن توقىلىق كەمەر، كەمىرىگە ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى كۆمۈش غىلاپلىق خەنجەر ئېسىپ يۈرىيدىغان، مۈرىسىدىكى كۆن ئوقدانىدىن ئوق كەم قىلمايدىغان، شىددەت بىلەن چاپچىپ كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدىن كەينىگە قايرىلىپلا سەككىز-ئون قەدەم يېراقلىقتىن ئۇچقاندەك كىلىۋاتقان ياۋنىڭ نەق كۆزىنى چەنلەپ ئوق ئۈزەلەيدىغان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم كەلسە، بىردە ۋەتەن خەلقىنىڭ تىنىچ-خاتىرجەملىكى ئۈچۈن قىش-قىرولاردا، ياز-يىشىنلاردا دالىلاردا دۈم يېتىپ دۈم قوپۇپ، ئالدىنقى سەپتە جېنىنى تىكىپ كۆرەش قىلغان نۇرى بىلەن غىنى باتۇرلار، ئەخمەتجان قاسىمىلارغا ئوخشاش ئىنقىلابىي قەھرىمانلار كىلىۋالدى. تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ئۆزىنى نوقۇغانلىقىنى سىزىپ ئېغىر خىياللار ئىلكىدىن قايتىپ چىقتى. گۈلرەيھاننىڭ كۆز ئالدىدا ئەلقەم ئىككى تال كىتابنى قولتۇقلىغىنىچە سالاپەتلىككىنە قاراپ تۇراتتى.
   -ئېغىر خىياللار قاينىمىغا بەنت بولۇپ تۇرۇپ كىتىپسىزغۇ. سىزگە قاراپ تۇرىۋاتقىنىمغا خېلى بولدى،-دېدى ئەلقەم قىسقىغىنە ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن،-كۈندە 12 سائەت ئىشلەپ يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ قانچە جاپا تارتىپ كەتكەنسىز ھە!
   -كۆنۈپ قاپتىمەن، - گۈلرەيھاننىڭ مەرۋايىت دانىسىدەك ئاپئاق چىشلىرى تولۇق كۆرۈندى،-ئۆزىڭىزچۇ. تاھىردىن ئاڭلىسام ئېنىڭىزغا زەرگەرلىك دۇكىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىۋىتىپسىز.
   -ھېلىقى كۈندىكى بولغان ئىشلارنى تاھىر سۆزلەپ بېرىپتۇ،-دە.
   -ھەئە ھەممىنى ئېيتىپ بەردى،-گۈلرەيھان قاقاقلاپ كۈلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ،-ھېلىقى شاپ بۇرۇت خوجايىننى ھۆل كىسەككە تازا دەسسەتكۈزۈپسىلەر. ئۆيگە كىلىپ سۆزلەپ بەرگەنتى، كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ قالغىلى تاسلا قالدى.
   ئەلقەمنىڭ كۆز ئالدىغا ھېلىقى كۈنى تاھىرنى قولتۇقلاپ كىتىۋاتقان ئورۇق قىز كەلدى.
   -قانداق كىتاب سېتىۋالاتتىڭىز؟ - سورىدى ئەلقەم قەستەن سۆز تېمىسىنى بۇراپ، - مەن دادامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كىتاب سېتىۋالغىلى كەلگەن. كىتاب تاللىۋالسىڭىز سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي.
   -بولدى رەھمەت ساۋاقدىشىم، ئاۋارە بولماڭ. - دېدى گۈلرەيھان خىجىل بولۇپ يەر بېقىپ تۇرۇپ، - مەن مۇنداقلا چۆرگىلەپ چىقاي دەپ كىرگەن. ھە راست، ئۆيۈڭلاردىكى ھېلىقى كۈتۈپخانا ھازىرمۇ بارمۇ؟ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمىزدا داۋاملىق بېرىۋالاتتۇق.
   -يان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىنى ئېلىپ ئورنىغا ئىككى قەۋەتلىك ئېمارەت سالغان. دادام ئارقا ھويلىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرەلەيدىكەنمەن دەپ كۈتۈپخانىمىزنى ئىككىنچى قەۋەتكە يۆتكىۋالدۇق.
   ئىككىسى شۇنداق پاراڭلىشىپ ئايلىنىپ مېڭىپ شېئىر توپلاملىرى ئالدىغا كەلدى. مەكتەپتە ئوقۇغاندا گۈلرەيھاننىڭ ئىككى پارچە شېئىرى قەشقەر گېزىتى ۋە قەشقەر ژورنىلىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلىنغانىدى. ئەلقەم قولىغا مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ‹‹ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئالدى ۋە گۈلرەيھانغا ئۇزىتىپ تۇرۇپ:-
   -شېئىر ئىجادىيىتىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ كىتابنى سىزگە سوۋغا قىلاي. ئون نەچچە يىللىق ساۋاقداشلىق يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز. - ئەلقەمنىڭ ئاۋازى، قولىغا ئەگىشىپ بىلىنەرلىك ھالدا تىترەپ چىقتى. - شۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ كىچىك گېزىتلىرىدە ھەر ھەپتىدە سىزنىڭ بىرەر پارچە ماقالە ياكى شېئىرلىرىڭىزنى ئۇچرىتاتتىم. ھازىمۇ قەلەم تەۋرىتىۋاتامسىز؟
   -ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا بىر پارچە نەسىرىم ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ۋە مەكتەپ ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانىدى. كىيىنچە يەنىلا شېئىر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ يۈردۈم. ياخشى يازالمىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك، كىيىن ئېلان قىلىنمىدى.
   -قەتئىي مەيۈسلەنمەڭ گۈلرەيھان ھەدە، - بىر چەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇرغان نازاكەت سىرلىق ھىجايغىنىچە گۈلرەيھانغا تىكىلدى، - ئەلقەمجان ئاكام سوۋغا قىلغان كىتابنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ بەرسىڭىزلا يازغان شېئىرلىرىڭىز گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنماي قالمايدۇ.
   نازاكەتنىڭ زەھەرلىك تەئەددىيسى گۈلرەيھانغا خېلىلا ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، ئەلقەمنىڭ يۈزىنى قىلىپ كۈلۈمسىرەپلا قويدى خالاس. چۈنكى ئۇ تاھىردىن نازاكەتنىڭ ئەلقەمگە كۆڭلى بارلىقىنى، پات يېقىندا تويى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاڭلىغانىدى.
   -خالىسىڭىز سىزگىمۇ بىر نەسىرلەر توپلىمى سوۋغا قىلاي، - دېدى ئەلقەم گۈلباھار ئەزىزنىڭ ‹‹ يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار›› ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى نازاكەتكە تەڭلەپ، - سىزمۇ بۇ نەسىرلەر توپلىمىنى نەچچە قېتىم ئوقۇسىڭىزلا بەلكىم داڭلىق ئايال يازغۇچى بولۇپ كېتەرسىز.
   ئەلقەم ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى تۈزۈك ئۇچرىشالمىغان نازاكەتنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكى يۇپيۇمىلاق يۈزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.
   -لازىم ئەمەس، - دېدى نازاكەت چىشىنى چىشىغا چىشلەپ تۇرۇپ ئۇرغۇ بىلەن، - نەسىرنى سىز ئوقۇپ ئەر يازغۇچى بولۇپ داڭق چىقىرىپ كېتەرسىز.
   نازاكەت شۇندق دەپلا تاقىلداپ دەسسىگىنىچە كىتابخانا ئالدىغا چىقتى ۋە تېلفۇنىنى چىقىرىپ تاھىرغا تېلفۇن ئۇردى:-
   -ۋەي تاھىركا، تىشلىقمۇ؟ مەن نازاكەت...بازار ئارىلاپ يۈرۈپ كىتابخانىغا كەلگەن ئىدىم. قارىسام ئەلقەمكام بىلەن گۈلرەيھان ھەدەم قىزغىن پاراڭلىشىۋىتىپتىكەن، - نازاكەت بارلىق ئاچچىقىنى گۈلرەيھاندىن ئالماقچى بولغاندەك كەينىگە قايرىلىپ گۈلرەيھانغا ئالىيىپ قاراپ قويدى ۋە ئاۋازىنى مۇلايىم چىقىرىپ، - ئەلقەمكام گۈلرەيھان ھەدەمگە كىتاب سوۋغا قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا سىزنى بىكار بولسا مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويامدىكىن دەپ تېلفۇن ....
   -دۈت....دۈت....دۈت......
   تاھىرنىڭ گەپ تۈگىمەستىنلا تېلفۇننى قويىۋىتىشىدىن قاتتىق خۇشال بولغان نازاكەت جەڭدە نۇسرەت قازانغان قومانداندەك گىدەيگىنىچە يۈرۈپ كەتتى.
   نازاكەتنىڭ تاكسى توسۇپ كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن گۈلرەيھاننىڭ كۆڭلى ئەسلى بولۇپ قالدى.
   -نازاكەتنى ئاپىرىپ قويسىڭىز بولاتتى، - دىدى ئۇ خىجىل بولغاندەك تەلەپپۇزدا، - دىسەم، دېمىسەم خاپا بولۇپ كېتىپ قالدىغۇ دەيمەن.
   -ھېچقىسى يوق، بولدى ئارتۇقچە ئويلىماڭ، - دېدى ئەلقەم ئېغىر نەزەردە گۈلرەيھانغا قاراپ، - بۈگۈن ئاچچىقى كىلىپ قالغان بولسا ئەتە ئوڭشىلىپ قالار.
   -سىز ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، - دېدى گۈلرەيھان كۆڭلىدىكى دېلىغۇللۇقنى يوشۇرالماي، - ھامان توي قىلىدىغان بولغاندىكىن كۆڭلىگە ئازار بەرمىسىڭىز ياخشى بولاتتى.
   -كىم؟ كىم نازاكەت بىلەن توي قىلىدىكەن؟ - ئەلقەمنىڭ قوشۇما قاشلىرى تۈرۈلۈپ چىرايى جىددى تۈس ئالدى، - سىزگە كىم شۇنداق دېدى. پىتنە-ئېغۋا، ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
   ئارىنى ئېغىر سۈكۈت قاپلىدى. ئەلقەم كىتاب كۆرگەن بولۇپ، گۈلرەيھانغا كەينىنى قىلىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئاستا پۇل تۆلەش سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى. كەينىدىن گۈلرەيھانمۇ ئەگەشتى.
   كىتاب پۇلىنى تۆلەپ سىرتقا چىققان ئەلقەم، گۈلرەيھان بىلەن سۇسلا خوشلاشقاندىن كىيىن ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ سەككىز يىللىق ئىچكى ئازابلىرىنى قوزغاپ قويغانلىقىنى، سەككىز يىلدىن بېرى پەقەت ۋە پەقەت بىر گۈلرەيھاننىلا سۆيۈپ كەلگەنلىكىنى گۈلرەيھان ھەرگىز ھېس قىلالمايتتى.



داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 01:00 PM  


كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107274
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2014-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 01:21:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئەمدى نازاكەت سەۋەپلىك گۇلرەيھاننىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يىتەمۇ ؟ ئەڭەپ زەھەر قىزكەنغۇ ئۇ ئۇزىنى قىلچە ياخشى كورمەيدىغان كىشىگە كانىدەك چاپلىشىپ توۋا.........

HATALIK OTKUZUX INSANNIG SUPITIDUR HATALIKNIG AH YAHXISI TAWBA BILAN BIRKA BOLKAN HATALIKTUR .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107274
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2014-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 01:23:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرڭىز نى ئىز قوغلاپ ئۇقۇۋاتىمەن تىرشىڭ سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن

HATALIK OTKUZUX INSANNIG SUPITIDUR HATALIKNIG AH YAHXISI TAWBA BILAN BIRKA BOLKAN HATALIKTUR .....

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 09:23:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 12:27 AM
(4)

   بەللىرىدە سويلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچىنى بىرلا ئۆر ...

گۈلباھار ناسىر  ئەمەس    گۈلباھار  ئەزىز     نازىگۈل ،  ياخشى  داۋاملىشىۋاتىدۇ    غەيرەت قىلىڭ  !  داۋامىنى   ساقلاۋاتقانلار بار ! ھە راس ، مۇكاپاتقا ئىرىشىپ  قالسىڭىز   مېھمان قىلىشنى  ئۇنۇتماڭ ھە ..

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6464
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 10:28:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتۈش  بىلەن  بىرگە مۇكاپاتقا  ئىرىششىڭىزگە  تىلەكداشمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109635
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 10:48:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاھىر بىلەن ىەلقەمنىڭ دوسلىقىغا سوغوقچىلىق سالدىدە نازاكەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 11:19:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 12:27 AM
(4)

   بەللىرىدە سويلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچىنى بىرلا ئۆر ...

1-«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2005-يىلى 1-ساندىن باشلاپ «قەشقەر» دېگەن نام بىلەن چىقىۋاتىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنالمۇ ياكى؟...
2-ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق كىتابى شېئىرلار توپلىمى ئەمەس. بەلكى، ماقالىلەر توپلىمى.
3-«يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» ناملىق نەسرلەر توپلىمى گۈلباھار ناسىرنىڭ ئەمەس، بەلكى، گۈلباھار ئەزىزنىڭ توپلىمى.
...
بۇنداق خاتالىشىش ئوقۇرمەنگە ئاپتورنىڭ بىلىش دائىرەسى توغرۇلۇق گۇمان پەيدا قىلىپ قويىدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 01:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109942
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 11:42:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلقەم نىڭ مىجەزىنى بەك ياختۇردۇم

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 12:06:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yollar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 11:19 AM
1-«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2005-يىلى 1-ساندىن باشلاپ « ...

بىلىش دائىرەم ئانچە چوڭقۇر ئەمەس. ئۇستازلارنىڭ تەلىمىگە مۇھتاجمەن يوللار ئەپەندىم...

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 12:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 12:06 PM
بىلىش دائىرەم ئانچە چوڭقۇر ئەمەس. ئۇستازلارنىڭ تەلىم ...

مېنىڭ تەنقىد ئېڭىم كۈچلۈكرەك، ئۆزۈم ئەسەر يازمايمەن، لېكىن باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇسام كىچىككىنە ئېۋەن ئۇچراپ قالسا شۇنى ئاپتور بىلەن ئورتاقلاشقۇم، شۇنى تۈزەش ئارقىلىق شۇ ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە بىر كىشىلىك كۈچ قوشقۇم كىلىدۇ، لېكىن ساختا شۆھرەتكە مايىل بولۇپ كەتكەن كۆپىنچە تور يازارمەنلىرى بۇنى قۇسۇرچىلىق دەپ قارايدۇ...
سىز قانداق قارايسىزكىن؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش