(3)
چوڭ تىكلىمە ئەينەكتە كۆرۈنگەن چاسا يۈزلۈك، كۆكرەكلىرى كەڭ، بۇغداي ئۆڭ ۋە قاپقارا كىرپىكلىك چوڭ كۆزلىرىدىن خۇش پېئىللىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان، بىلەكلىرى گۈرزىدەك مەزمۇت ۋە كۈچتۈڭگۈر يىگىت رەتلىك ۋە سالاپەتلىك كىيىنگە ھالدا ئەلقەمگە قاراپ تۇراتتى. ئۆزىنىڭ تۇرقىدىن تولۇق رازى بولغان ئەلقەم تومپوچكا ئۈستىدىكى كۆزىگە تاش قويۇلغان كۈمۈش ئۈزۈكىنى بارمىقىغا سالغىنىچە ئىشىكتىن چىقتى. ئۇ گەرچە ئەختەمگە ئوخشاش ماركا قوغلىشىپ قىممەت باھالىق كىيىم كەيمىسىمۇ، سىرتقى قىياپىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بېرەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئىچكىرىدەك چوڭ شەھەرلەردە سىرتقى قىياپەتمۇ تاشچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ئەلقەمنىڭ كىيىنىشى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان ھالىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ مۇقىم خېرىدارلىرىنى كۆپەيتىپ ماڭغانىدى.
ئاق رەڭلىك خوندا ماشىنىسىنى ھەيدەپ دەرۋازدىن چىققان ئەلقەم يانفۇنىنىڭ يېقىملىق سايرىشى بىلەن يانفۇن ئىكرانىغا قارىدى. ئېكراندا نازاكەتنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتى لىپىلداپ يېنىپ-ئۆچۈپ تۇراتتى. ئەلقەم تېلفۇننى ئېلىش-ئالماسلىق توغۇرسىدا بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن تېلفۇننى ئالدى:-
-تىشلىقمۇ نازاكەت؟ قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ئوھوي ئەلقەمجان ئاكا. يۇرتقا كىلىۋىلىپلا تېلفۇننى شۇنچىۋالا ئېتىۋالغان بارمۇ؟ بۇ ياشقا كىرىپ قالغاندا ئۆيىڭىزگە ئىزدەپ بارغىلى تېخى بولمايدىكەن. تۈنۈگۈن بىر كۈن كەچكىچە ئۇچۇرىڭىزنى ئالالماي قانچىلىك تىت-تىت بولۇپ كەتكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟
-مەن ھازىر ماشىنا ھەيدەۋاتقان،-دېدى ئەلقەم ھېچقانداق ئىپادىسىزلا،-گىپىڭىز بولسا چۈشتىن كىيىن پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
ئەختەمنىڭ پەرۋاسىزلىقى نازاكەتنىڭ قىزلىق غۇرۇرىغا ئېغىر كەلدى بولغاي، نەچچە ئون سىكۇنتلۇق ئېغىر سۈكۈتتىن كىيىن تېلفۇننى ئۈن-تىنسىزلا قويىۋەتتى. قىز كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغىنىغا ئۆكۈنگەن ئەلقەم تېلفۇن ئۇرۇپ كەچۈرۈم سورىماقچى بولدىيۇ، نازاكەتنىڭ ‹‹ ئەلقەمجان ئاكامنىڭ ماڭا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ›› دەپ ئۈمىدلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تېلفۇن قىلمىدى.
بۈگۈن بازار كۈنى بولمىسىمۇ، چوڭ جامە ئالدى بازار كۈنىدەك قىززىپ كەتكەنىدى. ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ، خېرىداردىن تىجارەتچى كۆپ ئىدى. ئەلقەم ئايلىنىپ يۈرۈپ زەرگەر دۇكانلىرى قاتارىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ بۈگۈن بىر كۈن ۋاقتىنى چىقىرىپ زەرگەر بازىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگەللىمەكچى ۋە بەزىبىر ئۇچۇرلارغا ئېگە بولماقچى ئىدى. مۇشۇنداق بولغاندا دادىسىغا مەسلىھەت سېلىپ، ئۇنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئاسانراق بولاتتى. ئېنىسى ئەختەمنى بىرەر تىجارەت يولىغا كىرگۈزۈپ، ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلىگۈدەك قىلىپ قويسا يەلكىسىدىكى يۈك بىر ئاز يەڭگىللىشەتتى.
ئەلقەم تۇنجى بولۇپ مال كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولدى ۋە بارمىقىدىكى تاش قويۇلغان كۈمۈش ئۈزۈكىنى سىلاپ قويۇپ، ئەڭ چوڭ بىر ئالتۇن دۇكىنىغا كىردى. دۇكاننىڭ بېزىلىشى كۆركەم ھەم چىرايلىق بولۇپ، ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان فۇكەيلەردە ئاق، سېرىق ئالتۇنلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ جۇلالىنىپ تۇراتتى. ئەلقەم ئىشىكتىن كىرىپلا ئوتتۇرىدا خاتېرە كومپيۇتېرغا قارىغىنىچە ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى شاپ بۇرۇت، سالاپەتلىك كىشىنىڭ مۇشۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردى. فۇكەي ئالدىدا خېرىدارلارغا مال تونۇشتۇرىۋاتقان ئۈچ-تۆت يىگىتكە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۇدۇل ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىدا باردى.
-قانداق مال لازىم ئىدى؟
شاپ بۇرۇت بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويماستىن ئالدىدىكى كومپيۇتېرغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ئەلقەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى.
-سىزلەرگە ئاق ئالتۇن لازىممۇ؟-دېدى ئەلقەم بارمىقىدىكى كۆزىگە تاش قويۇلغان كۈمۈش ئۈزۈكنى قەستەن سىلاپ تۇرۇپ شىمال تەلەپپۇزىدا،-ئىچكىردىن ئازراق ئاق ئالتۇن ئېلىپ چىققان. مال لازىم بولسا كۆرۈپ باقامسىز؟
شاپ بۇرۇت دەرھال بېشىنى كۆتۈردى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان پۇزۇر كىيىنگە يىگىتكە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ بارمىقىدا سىلاپ تۇرغان، كۆزىگە 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قاشتىشى قويۇلغان كۈمۈش ئۈزۈكىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمگە بەرمەيدىغان، ئەلقەمنىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ تاكتىكىسى سۈپىتىدە رول ئويناپ كېلىۋاتقان بۇ قاشتىشى كۆزلۈك كۈمۈش ئۈزۈك ھەقىقەتەن نەپىس ۋە كۆركەم ئىدى.
-ئۈرۈمچىدىن كىلىدىغان ھەسەن كۆك كۆزدىن داۋاملىق سېرىق ئالتۇن كىرگۈزەتتىم. بۇ قېتىم ئاق ئالتۇننى سىناق تەرىقىسىدە سالغان. بازىرىمۇ يامان ئەمەس بولىۋاتىدۇ.
شاپ بۇرۇت سىنچى كۆزلىرىنى ئەلقەمگە تىكتى. ئۇ ئەلقەمگە قارىغاندا ئۇنىڭ قاشتىشى كۆزلۈك كۈمۈش ئۈزۈكىگە بەكرەك قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
-تونۇيمەن ئۇ ھەسەن كۆك كۆزنى. ئۈرۈمچىدە يول توسۇپ مال ئالىدۇ ئاندىن جەنۇبقا ئەكىلىپ بىر باھاغا ئىككى باھا قوشۇپ ساتىدۇ،-ئەلقەم شاپ بۇرۇتنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلغاچ،-ئۇنىڭ كۆك كۆز دىگەن نامى بىكارغا چىقمىغان. ناۋادا مالنى مەندىن ئالسىڭىز، ھەر گرامىدا 30 كويدىن تۆۋەنلىتىپ بېرىمەن.
‹‹ئىچكىرىدىن ئاق ئالتۇن ئىلىپ چىققان›› ‹‹ ھەر گرامىدا 30 كوي تۆۋەنلىتىپ بېرىمەن›› دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان شاپ بۇرۇت ئەلقەمگە تولۇق ئىشەندى ۋە خۇشاللىقتىن كىچىك كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.
-بولسا مېنى سېرىق ئالتۇن بىلەنمۇ تەمىنلىسىڭىز، سىز بىلەنلا چۆپقەت بولۇپ كەتسەك ھى ھى ....
شاپ بۇرۇت ئالتۇن قاپلاتقان چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى. ئەلقەم ئەمدى ئاساسىي مەقسىتىگە يەتمىسە بولمايتتى.
-ئۇنداق بولسا مەن بالىلارغا تېلفۇن قىلاي. مالنى ئېلىپ كەلسۇن.
ئەلقەم شۇنداق دەپ ئاستا سىرتقا چىقتى ۋە تاھىرغا تېلفۇن قىلدى.
-ئىشتىن چۈشتۈڭمۇ؟،-سورىدى ئەلقەم قىسقىلا تىنىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن،-ماڭا ئازراق ياردەم قىلمىساڭ بولمىدى.
-نېمە ئىش ئىدى بويتاق ئاداش. سەن ئۈچۈن جېنىم پىداغۇ.
-ئۇنداق بولسا تاكسى توسۇپلا جامە ئالدىدىكى ئالتۇن دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەل. قالغان ئىشلارنى كەلگەندە ئېيتىپ بىرىمەن. سالاپىتىڭگە دىققەت قىلىشنى ئۇنۇتما!
ئەلقەم يەنە بىر دۇكاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرغان ئارلىقتا تاھىر پەيدا بولدى. ئەلقەم بولغان ئىشلارنى قىسقىلا سۆزلەپ بېرىۋىدى، تاھىر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-نېمانچە دۆت خوجايىن ئۇ. بولدى باشقا ئىشلارنى ماڭا قويىۋەت. تاكتىكا دىگەن ئادۋوكاتتا بولماي كىمدە بولاتتى؟
ئەلقەم ئالدىدا تاھىر سەل ئارقىدا بايىقى شاپ بۇرۇت خوجايىننىڭ دۇكىنىغا كىردى. دۇكاندا خېرىدارلار خېلىلا كۆپىيىپ قالغانىدى.
-بوپ قويىدىكەن،-دېدى تاھىر گىدەيگەن ھالدا،-بىزنىڭ ماللارنى سېلىشقا ماس كەلگۈدەك. بىزنىڭ خوجايىننىڭ كۆزى ئادەم تونۇيدۇ جۇمۇ.
شاپ بۇرۇت ئاپئاق كۆينەك ئۈستىگە كاستيۇم-بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىۋالغان، ئىگىز بويلۇق، قاڭشارلىق تاھىرغا قاراپ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتتى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ ھىجىيىپ قويدى.
-قېنى، قېنى، ئەزىز مېھمانلار...ئىچكىرىگە مەرھەممەت.
شاپ بۇرۇت بۇلۇڭدىكى كىچىك ئىشىكنى ئېچىپ ئەلقەم بىلەن تاھىرنى كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئۆي شاپ بۇرۇتنىڭ مەخسۇس چوڭ سودىگەرلەرنى، باي دوستلىرىنى كۈتىۋالىدىغان ئۆيى ئىدى. كىچىك ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، شاپ بۇرۇت بىردەمدىلا قېنىق دەملەنگەن زەپە چاي تەييارلاپ ئەينەك ئۈستەل ئۈستىدە قويدى.
-ئېلىپ كەلگەن ماللىرىڭلارنى كۆرۈپ باقسام،-دېدى شاپ بۇرۇت ئىستاكانلارغا چاي قۇيىۋاتقاچ،-سودىدا مۇقىم ھەم ئىشەنچىلىك چۆپقىتى بولسا تىجارىتىمۇ راۋاج تاپىدۇ ئەمەسمۇ. ھەسەن كۆك كۆز بىلەن ئېلىم-بىرىم قىلىشىۋاتقىلى بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. ھەر قېتىم ئۇ نېمە دىسە ئىشىنىپ بازار ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن دىسە.
-دېرىكتور ئەپەندىم سىز ھەسەن كۆك كۆزنى تونۇيامسىز؟ بىزنىڭ ئەلقەمجان خوجايىننىڭ ئۇ كۆك كۆزدە بىرەر مىليۇن ئېلىشى بار ئىدى. تۇتىۋالسام....
-مانا مەندە ئۇنىڭ يىقىندىن بىرى مۇقىم ئىشلىتىۋاتقان تېلفۇن نۇمۇرى بار،-شاپ بۇرۇت بارغانسىرى ئەلقەم بىلەن تاھىرنىڭ قويغان ھۆل كېسىكىگە دەسسەۋاتاتتى،-نەچچە يىلدىن بېرى ماڭىمۇ يۈز قىلماپتۇ. ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرسەڭلار مەنمۇ تازا خۇشال بولىمەن.
ئەلقەم بىلەن تاھىر شاپ بۇرۇتقا بىلىندۈرمەيلا كۆز قىسىشىۋالدى.
-ئەلقەمجان خوجايىن شۇنداق كەڭ قورساق ۋە مەرت. يېشى كىچىك بولغىنى بىلەن سودا تەجرىبىسى مول. ئۇنىڭ يېراق-يىقىندا داڭقى بار.....
تاھىر ئەلقەمنى تازا ماختاپ كۆككە ئۇچۇرىۋەتكەندىن كىيىن، شاپ بۇرۇت ئېيتىپ بەرگەن تېلفۇن نۇمۇرنى تېلىفۇنىغا كىرگۈزىۋىلىپ تېلفۇن ئۇرغان پېتى سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئەمدىكى ۋەزىيەتنى قانداق كونترول قىلىش ئەلقەمگە باغلىق ئىدى. ناۋادا شۇنداقلا چاندۇرۇپ قويسا شاپ بۇرۇت ئۆزىنىڭ پايدىلىنىش قورالى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىۋالاتتى،دە-يۈز قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
-مېنىڭ ئالتۇنلىرىم ساپلىق دەرىجىسى 99.99% لىك ساپ ئالتۇنلار. مەن بىۋاستە زاۋۇتتىنلا مال يۆتكەيمەن،-ئەلقەم قاشتىشى كۆزلۈك ئۈزۈكىنى پۈۋلىۋىتىپ،-ياردەمچىم قايتىپ كىرسە ئۇنىڭدا ئىسىم كارتۇچكام بار. ھەر قانداق ۋاقىتتا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
دەل شۇ ۋاقىتتا ئەلقەمنىڭ تېلفۇنى يىقىملىق سايراپ كەتتى. ئەلقەم تېلفۇن ئىكرانىغا قاراپلا چىرايىنى قەستەن ئۆڭدۈرۈپ:-
-بىزنىڭ بالىلار ئۈرۈمچىدىن مال ئېلىپ ماڭغان. كىلىپ بولغان چېغى، تېلفۇن ئۇرۇپتۇ مانا. مەن بۈگۈن كەلگەن ماللارنى بىر تەرەپ قىلىپ، يېنىڭىزغا ئەتىلەتىن بىر كىلەي...
شاپ بۇرۇت ئەلقەمنىڭ قاشتىشى كۆزلۈك كۈمۈش ئۈزۈكىگە ھاڭۋىقىپ قارىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.
-ھاھاھا....
-ۋۇھاھاھا.....
-تاكتىكا دىگەن قالتىسكەن سەندە....
ئەلقەم بىلەن تاھىر بىر-بىرىنى كۆرسىتىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىشتى. ئەمدى ئەلقەم دادىسىنى ئاسان قايىل قىلالايتتى ۋە ئەختەمنىڭ دۇكىنىغا مال كىرگۈزۈش يولىنى بىلىۋالغانىدى.
ئۇلار تاماق يېيىش ئۈچۈن ئەلقەمنىڭ ماشىنىسى يىنىغا كىلىشىگە تاھىرنىڭ تېلفۇنى سايراپ كەتتى. تېلفۇننى ئالغان تاھىرنىڭ چىرايى ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئەلقەمگە لاپپىدە قاراپ قويۇپ نېرىغا بېرىپ بىر نەچچە مېنۇت پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئەلقەمنىڭ يېنىغا كىلىپ:-
-نىكاھ داۋاسى بار ئىدى قولۇمدا. شۇ داۋاگەر تېلفۇن قىپتۇ. ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم ئاداش.
تاھىرنىڭ بىر قىزىرىپ بىر تاتىرىشى ئەلقەمنى سەل گۇمانلاندۇرغان بولسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي خوشلاشتى. نەچچە يىللاردىن بېرى ئاغىنىلەردىن تاھىرنىڭ نەچچە قىزنى يولدىن چىقارغانلىقىنى، بىر نەچچىسىنىڭ بويىدا قىلىپ مەجبۇرى ئالدۇرىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەمدە گۈلرەيھان بىلەن توي قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى بىلگەندە ئىچى ئاچچىققا تولغانىدى.
ئەلقەم تاھىرنىڭ كەينىدىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ماشىنىغا چىقتى ۋە تۆۋەن ئاۋازغا تەڭشەپ ناخشا قويدى. گۈلرەيھان خىيالىغا كىلىۋالغان ئەلقەم چوڭقۇر ئازاب ئىچىدە ماشىنىدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن ماشىنا دېرىزىدىن تاھىر كەتكەن تەرەپكە قارىدى. يىراقتا ئورۇق، نازۇك بىر قىزنىڭ تاھىرنى قۇلتۇقلاپ كېتىپ بارغان سىماسى ئەلقەمنىڭ كۆز قارچۇقلىرىدا قېتىپ قالغانىدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ......