مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

پۇلدار بويتاق - پوۋىست (مىسرانىم مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12510
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32386
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4547 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yollar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 10:21 PM
شۇنداقمۇ؟ مەن داڭلىق يازغۇچىدىن بىرنى بايقىيالماي تا ...

ھېچقىسى يوق،ئەمدى بايقىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.......

داڭلىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ،بىراق يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرسىڭىز قايىل بولماي تۇرالمايسىز.....

ئەجەب ئەزۋەيلەپ كەتتى دەپ  ئەيىپكە بۇيرىماڭ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 10:24 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1346 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىگۇل ئەخەت ناز پەرى   ( قاغىلىق ناھىيسىدىن )
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋاكالەتچىسى



ياخشى يىزىپسىز، مىنىڭچە  بۇ ھەقىقىي سەزگۈرەشتە ئىكەن.
داۋامىغا تەشنامەن.

بۈيۈك كۈن چىقىشتىكى قوشنا ناھىيدىن: بانكىر (يەككە تىجاەتچى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 11:12 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:24:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



(2)




   نەچچە كۈندىن بېرى تازا ھاردۇق يەتكەن ئەلقەم سىرتتا بىرىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى. ياز ئاپتىپىنىڭ كۈچلۈك نۇرلىرى تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان پەردىلەردىن ئۆتۈپ ئۆي ئىچىنى تەكشى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئەلقەم ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سىزىپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى. چوڭ دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۆتۈرۈپ سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك كاتتا ئىمارەت ئالدىدا ئەختەم قوللىرىنى بېلىگە تېرىگىنىچە ئائىلە خىزمەتكارىغا ۋارقىراۋاتاتتى:-
   -ئىشلىسىڭىز تۈزۈك ئىشلەڭ ئاچا. ئەتتىگەندىن-كەچكىچە يېتىپ ئۇخلاۋەرمەي يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز بىر تال مايكا بىلەن بىر تال ئىشتاننى يۇيۇپ قۇرۇتۇپ بولاتتىڭىز. رەھمەتلىك ئانام ھايات ۋاقتىدىن باشلاپ مۇشۇ ئۆينىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بولمىغان بولسا......
   -ھە بولمىغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟-ھويلا ئوتتۇرىسىدا ئابلا ئاكا پەيدا بولدى. ئاچچىقتىن ئۇنىڭ چىشلىرى كىرىشىپ مۇشتى تۈگۈلۈپ كەتكەن ئىدى.-بولمىغان بولسا مەرىخان ئاچىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمەكچىمىتىڭ؟
   ماشىنا قويۇش ئۆيىنىڭ يان تەرىپىدىكى يازلىق ئاشخانا ئىشىكىگە يۆلەنگىنىچە كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋاتقان مەرىخان تېخىمۇ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى. 50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئايال مۇشۇ ئۆينىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ يۈرىۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقانىدى. رەھمەتلىك ئايشەممۇ مەرىخان ئاچىنى ئۆز ھەدىسىدەك كۆرەتتى. ئابلا ئاكىمۇ مەرىخان ئاچىنىڭ ئەتكەن تامىقىنى ياقتۇرۇپ يەيتتى. ئەلقەممۇ ئانىسىدىن يىتىم قالغاندىن بۇيان مەرىخاننى بۆلەكچە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ھىسداشلىق قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. نېمىشقىدۇر پەقەت ئەختەملا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىپ بەزىدە قەستەن نەرسە-كېرەكلەرنى يەرگە ئاتسا، بەزىدە مەرىخان ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئۇنىڭغا تىل سالاتتى. لىكىن بۈگۈن ھىچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش كۆرۈلىۋاتاتتى. ئەختەم ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلا دادىسىدىمۇ خېلى ھۆرمەت قىلىدىغان مەرىخاننى ھاقارەت قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ زىتىغا تىگىۋاتاتتى.
   -بولمىغان بولسا........بولمىغان بولسا كەشىنى توغىرلىتىپ كەلگەن يېرىگە كەتكۈزىۋىتىپ، ئۆيىمىزگە ئۆزىمۇ گۈل قولىمۇ گۈل ياش خىزمەتكار تەكلىپ قىلغان بولاتتىم.
   ئەختەمنىڭ ھىچ ئەيمەنمەستىن دادىسىغا بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئەلقەم قاتتىق ئاچچىقىدا ۋارقىرىۋەتتى:-
   -ئەتتىگەندە مەرىخاچامغا نېمە شالىڭنى چاچىسەن؟ يەيدىغىنىڭ، ئىچىدىغىنىڭ تەل تۇرسا يەنە نىمىدىن غېمىڭ بار ئىدى؟ نېمەڭگە نېمە يەتمەي ئەتتىگەندە ھەممىنىڭ كەيپىنى بۇزىسەن؟
   ئەختەم دادىسى بىلەن مەرىخاندىن ئانچە ھىيىقمىغان بىلەن ئاكىسى ئەلقەمدىن خېلىلا ھىيىقاتتى. ئۇنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ۋە ئاچچىقى كەلگەندە تۈرۈلۈپ قالىدىغان قاپقارا قوشۇما قاشلىرى بىر خىل سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
   -تۈنۈگۈن ئەتتىگەندە بىر تال مايكا بىلەن ئىشتىنىمنى يۇيۇپ بېرىڭ دەپ ئەپچىقىپ بەرگەن ئىدىم،-دىدى ئەختەم سەل پەسكويغا چۈشۈپ،-ئەتتىگەندە سورىسام تىلىنى چايناپ تۇرىدۇ. بۈگۈن......بۈگۈن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كىيەتتىم...
   -بۈگۈن ھىچيەرگە بارمايسەن. مەن ئىچكىردىن چىققاندىن بىرى سەن بىلەن تولۇق ئەھۋاللاشقۇدەك بولمىدىم. ناشتىدىن كىيىن ئىككىمىز ئوبدانراق پاراڭلىشىپ باقايلى.
   ئەلقەمنىڭ شۇ بىرلا گىپى بىلەن ھەممىسى كوماندىردىن بۇيرۇق ئالغان جەڭچىلەردەك ئۆز ئىشلىرىغا يۈرۈپ كەتتى.
   ئەتتىگەنلىك ناشتىلىق كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا يىيىلدى. ناشتىدىن كىيىن ئەلقەم ئىككى قەۋەتلىك كاتتا ئىمارەتنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كۈتۈپخانىغا ماڭدى. ئەختەم گەرچە ئىچىدە نارازى بولسىمۇ، ئۈن-تىنسىز ئەگەشتى.
    ئىشىك ئورنى بىلەن دېرىزە ئورنىدىن باشقا يەرگە چۆرگىلىتىپ كىتاب ئىشكابى قويۇلغان، ئىشكابتىكى كىتابلار تۈرى ۋە رەت-رىتى بىلەن تىزىپ قويۇلغان بۇ ئۆي بىرلا قارىغان كىشىگە كىتابخانىنى ئەسلىتەتتى. بۇ ئۆي ئابلا ئاكا ئائىلىسىنىڭ كىتابخانىسى بولۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ھىرىسمەن بۇ كىشى ئۆزى ياقتۇرغان تارىخى ئەسەرلەرنى، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتىرياللارنى ساقلىغاندىن باشقا، ئادەمگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلايدىغان ھەرخىل رومانلارنىمۇ ئوقۇيتتى ھەمدە كىتابخانىسىغا تىزىپ قوياتتى. ئابلا ئاكا مۇشۇ كۈتۈپخانىسى بىلەن ئۆز تەڭتۈشلىرىنىڭ ئالدىدا خېلىلا ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى.
   -ئولتۇرە...
   ئەلقەم ئىشىكتىن كىرگەن ئەختەمگە ياندىكى ئورۇندۇقنى سۈرۈپ بېرىپ ئۆزى كىرىسلوغا بېرىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى بىلىنەر-بىلىنمەس دەرىجىدە تىترەپ تۇراتتى.
   -ئەتتىگەندىلا مەرىخان ئاچامغا ئازار بەردىڭ. سەن قاچاندىن بېرى شۇنچە چوڭ بولۇپ كەتتىڭ؟ ناۋادا ئۆزىمۇ گۈل، قولىمۇ گۈل خىزمەتكاردىن بىرنى ئەكىرمەكچى بولساڭ، خوتۇن ئال! توي قىل! شۇ ۋاقىتتا مەن مەرىخان ئاچامنى بۇ ئۆيدىن يىراق قىلىمەن.
   ئەختەمنىڭ ‹‹ سەن مەندىن چوڭ بولغاندىكىن ئاۋال سەن خوتۇن ئال، توي قىل›› دىگۈسى كەلدىيۇ، ئاكىسىنىڭ ئاچچىقلاپ كىتىشىدىن قورقۇپ ئۇنداق دىيەلمىدى.  
   -شۇ....بۈگۈنكى سورۇندا...
   -بولدى بەس!-ئەلقەم ئالدىدىكى كىتاب قويىدىغان ئۈستەلگە بىرنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،-سەن ئەمدى ئاغزىدىن سۈت تېمىپ تۇرىدىغان كىچىك بالا ئەمەس. قاچانلا قارىسا سورۇن، سورۇن دەپ چېپىپ يۈرمە. سورۇنلىرىڭنى بىر ياقىغا يىغىشتۇرۇپ قويۇپ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇت. دادامغا ئەگىشىپ تاش بازىرىنى ئايلانساڭ، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆزۈڭ پىشىپ قالىدۇ. بۇ يەردىن تەييار تاشنى ئېلىپ ماڭا سىلىپ بەرسەڭ ئانچە جاپا تارتمايسەن. ئىچكىردە بەش كىلو تاش سېتىپ بولغۇچە قانچىلىك جاپا تارتىدىغىنىمنى بىر ئۆزۈملا بىلىمەن....بولدى، مەن دىگەندەك بولسۇن.
   ‹‹پۇل كىرىم بولمايدىغان، خەجلىگەن پۇلنىڭ ھىسابىنى قىلىدىغان يەردە مېنى قويۇپ، ئۆزى قانغۇچە پۇل خەجلەيدىغان يەرگە كىتىۋىلىپ يەنە جاپايىم يامان دەيدۇ، ئۇستاتلىقىنى بۇنىڭ....››
   ئەختەم شۇنداق ئويلىغان بولسىمۇ ئاكىسىغا دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئاكىسىنى ئاغىنىلىرى ‹‹پۇلدار بويتاق›› دەپ چاقىرغاندەك، ئۆزىنىمۇ دوستلىرى ‹‹ بايۋەتچە›› دەپ چاقىرسا. ئەسكى تابەر موتودا قىشتا سوغۇق، يازدا ئاپتاپ كۆرۈپ يۈرمەي ئاكىسىنىڭ ياكى دادىسىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتسە. يېڭىدىن بىرنى ئىلىپ بەرسە تېخى ياخشى. چىرايلىق قىزلار ھەۋەسلىنىپ قاراپ كەتسە. ئۆزىنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتسە....
   -نېمىنى خىيال قىلىپ كەتتىڭ؟-سورىدى ئەلقەم چوڭقۇر خىيال قاينىمىغا غەرق بولغان ئىنىسىغا قاراپ تەئەددى بىلەن،-ناۋادا تاشچىلىققا قىزىقمىساڭ باشقا كەسىپنىڭ پىشىنى تۇت. يىشىڭمۇ 24 كە بېرىپ قالدى. دوستلىرىنىڭ ئالدىنىڭ تويى بولۇپ بولدى. سەن بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ كىيىن ئائىلە ئىگىلىكىڭنى قانداق راۋاجلاندۇرىسەن؟
   ئەختەمگە كېرەكلىكىمۇ دەل ئاكىسىنىڭ مۇشۇ سۇئالى ئىدى. ئۇ يەرگە قاراپ بىردەم تىرناق تاتىلاپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاكسىىغا قارىدى:-
   -مېنىڭ زەرگەر بولغۇم بار ئىدى ئاكا...
   دىيەلىدى ئارانلا. ئەلقەم ئۇزاق ئويلىنىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن يەنە سورىدى:-
   -سەن يا زەرگەرلىك ھۈنىرى ئۈگەنمىسەڭ، قانداقمۇ زەرگەر بولالايسەن؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن بىرەر پىلانىڭ بارمۇ قانداق؟
   -مېنىڭ بىر تونۇشۇم،-ئاكىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خېلىلا جانلىنىپ قالغان ئەختەم تىز-تىز سۆزلەشكە باشلىدى،-زەرگەرلىك ھۈنىرى ئۈگەنگەن. ئۆزى ئىشەنچىلىك، مىجەزى ئوڭلۇق بالا. ناۋادا بىر دۇكان ئىچىپ بەرسەڭ، تەييار مال ئەكەلدۈرۈپ ساتسام. پارچە-پۇرات ھۈنەر ئىشلىرىغا كەلگەندە ئاشۇ تونۇشۇم قىلسا......
   ئەلقەم يەنە ئۇزاق ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ناۋادا ئىنىسى قىزىقمىغان بىر كەسىپكە باشلاپ قويسا چوقۇم زىيان چىقىرىدىغىنى ئېنىق ئىدى. زەرگەرلىككە قىزىققان بولسا، دادامغا مەسلىھەت سىلىپ باقسام بولامدىكىن؟ دىگەننى ئويلىغان ئەلقەم ئورنىدىن تۇردى ۋە چىقىپ كىتىۋاتقاچ:-
   -بۈگۈن سورۇن-پۇرۇن دىگەنلىرىڭنى قويۇپ ئۆيدە جىم ئولتۇر. مەن داۋامغا مەسلىھەت سىلىپ باقاي. ناۋادا يەنە دادامنىڭ چىشىغا تىگىپ قويساڭ، ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ساڭا ئارا تۇرالمايمەن....
   ئەلقەم پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئارقا ھويلىغا-باغقا چىقىپ كەتتى. بەرىكەتلىك يازنىڭ ئېسىل سوۋغىسى سۈپىتىدە باغدا ھەرخىل مىۋىلىك دەرەخلەر ياپيىشىل ياشىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈرۈكنىڭ مىۋىسى ئاساسەن تۈگىگەن. شاپتۇل مەي باغلاپ پىشىشقا باشلىغانىدى. باغنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان تال باراڭدىكى ئۈزۈملەر بولۇق مىۋىگە كىرگەن بولۇپ، شاخلىرىدا ساڭگىلىشىپ تۇراتتى. مەرىخان ئاچىنىڭ ئەجىر-مىھنىتى بىلەن ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئەتتىرگۈلزارلىق ئىختىيارسىز ھالدا ئادەمنىڭ مەيلىنى قوزغايتتى. ئەلقەم باغ ئىچىدە ئۇزاق ئايلاندى. ئۇ دادىسىغا ئەختەمنىڭ ئىشى توغىرلىق قانداق ئېغىز ئىچىشنى ۋە ئەختەمگە قەيەردىن دۇكان ئۇقۇشسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئېغىر خىياللار قاينىمىدىن قۇتۇلۇپ ھويلىغا چىققاندا مەرىخان ئاچا ئاللىبۇرۇن چۈشلۈك تاماق تەييارلاپ بولغان بولۇپ، تاماق شىرەسىدىن مەززىلىك پولۇنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.


داۋامى جىددىي يېزىلىۋاتىدۇ.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 11:24 PM  


كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرگە قارىتا ھەرخىل پىكىردە بولغان ۋە داۋامىغا قىزىقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا كۆپ تەشەككۈر.
مەنمۇ سىلەرنى ئەسەرنىڭ داۋامى بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، تېلفۇنۇمنىڭ تورىنى خاتىرە كومپيۇتېرىمغا تارقىتىپ تۇرۇپ ئەسەر يېزىۋاتىمەن. (دۇكاندا تور بولغان بىلەن ئۆيۈمدە يوق ئەمەسمۇ. قوشنىلىرىمنىڭ بار ئىكەن لىكىن مەخپى نۇمۇرىنى ئوغرىلايدىغان دىتال بولغان بولسا شۇ تورنىلا شېرىك ئىشلىتەتتىم ئوغىرلاپ ھى ھى ........)
سىلەر ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا پۈتتۈرۈشكە تېرىشىمەن ئىنشااللە.

ھەممىڭىلارغا كۆپ تەشەككۈر.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا قىزقىپ  قالدىم

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 09:47:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 11:29 PM
ئەسەرگە قارىتا ھەرخىل پىكىردە بولغان ۋە داۋامىغا قىزى ...

تور  ئوغۇرلاش  ئاددىيغۇ ، قوشنىلىرىڭىزنىڭ  بالايۋاقىسى باردۇ ؟  شۇلارنى  ئاستا  ئىندەككە كەلتۈرۈپ  ( يالغاندىن  دوسىت بولۇپ )  دىگەندەك چۇ ،  بىر ئاماللارنى  قىلىپ   مەخپى نۇمۇرنى  قولغا  چۈشۈرمەمسىز . ھې ھې ھې   

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 10:39:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 10:24 PM
ھېچقىسى يوق،ئەمدى بايقىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.......

داڭل ...

قېنى ئاۋۋال بىر ئوقۇپ باقاي، لېكىن مۇشۇنداق «قىلدىم، ئەتتىم، يىدىم، ئىچتىم، بازار ئايلاندىم، كىيىم سېتىۋالدىم...» دېگەندەك قۇرۇق بايانلار بىلەن تولغان يازمىلارنى پەقەت ئوقۇغۇم كەلمەيتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 10:48:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا يەنە بىر نادىر ئەسەر مەيدانغا كەلگۈدەك ، ئەمما بەك ساقلىتىۋەتمەڭ بولمىسا بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن كىشى .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1346 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 11:13:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناز پەرىنىڭ ئۆزى بىرلەشمە ۋاكالەتچىسى تۇرۇپ، ئۆيۆمدە تور يوق دىيىشى كۈلگۈمنى كەلتۈردى.

تازا پىخسىقمۇ يا سىز؟ ئىرىڭىزگە بىرنى ئەركىلىۋىتىپ، تور تارتىۋىلىڭ، يىللىقى 500 يۈەن دەپ داۋراڭ سىلىۋاتمامدا بىرلەشمە بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pinhar09 + 10 چاقچاق قىلسامۇ سەل قى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 12:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 11:13 AM
ناز پەرىنىڭ ئۆزى بىرلەشمە ۋاكالەتچىسى تۇرۇپ، ئۆيۆمدە  ...

ئۆيۈمگە تور تارتقۇزۇشنىڭ قىلچە زۆرۆرىيىتى يوق دەڭە. كەچتە دۇكان تاقاپ ئۆيگە كىرىپ تاماق ئېتىپ بولغۇچە ئاللىقاچان ئەلياتقۇ مەزگىلى بولۇپ كېتىدۇ. كېچە ئۇخلىماي مۇنبەر كۆرسەم قاچان ئارام ئالىمەن؟ ھى ھى ......

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش