مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yawabora

ئەڭ يېڭى قوقۇنچلۇق پوۋېست قارا سايە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 04:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 06:39:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  خۇراپى  بوممىغاندىكىن  بۇ  يازما  قارام  ئەخمىقانە  بىلىندى ،   توۋا  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 04:18:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىر يوللانماپتىغۇ ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 04:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى تېخى يوللانماپتىغۇ...؟

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 06:55:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يەنە يوققو

مەلۇم نەرسىگە چۇقۇم ئرىشىنى ئاخىرقى نىشان قىلىش كىرەكمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 10:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   (5يىلدىن كىيىن)
سېنتەبىر كىرىپ ئوقۇش باشلاندى،ئىككى ئاي جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن مەكتەپ ھويلىسىى قايتىدىن جانلىنىپ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ھەرخىل تىزىملىتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئوقۇش باشلىنىپ ئۈچ كۈن بولغاندا ،چىرايى ۋە كىيىنىشىدىن سەھرالىق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان،قولىدا بىر چاقماق سۆرەتلىك چار سومكا ۋە كونىراپ كەتكەن چامدان كۆتۈرگەن بىر قىز بالا مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى.
قىز ئېغىر ئۇھسىنىپ قويۇپ مەكتەپ ئىچىگە مېڭىپ كىردى.
-ھەي،ھەي قىزچاق! سىزنى دەۋەتىمەن،نەگە بارىسىز؟!-مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ئۇنى توۋلاپ توختىۋالدى.
-مەن ،مەن مۇشۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن،-دېدى قىزچاق تۆۋەن ئاۋازدا.
-ئەمدى كەلدىڭىزمۇ؟ ئوقۇش باشلىنىپ بولغىلى نەۋاق،يۈرۈڭ ،مەن سىزنى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا ئېلىپ چىقاي،قارىغاندا سەھرادىن كەلگەن ئوخشايسىز.
-ھەئە.
- ھەجەپ ئاتا-ئانىڭىز بىللە كەلمەپتىغۇ؟!-دەپ سورىدى مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ئۇنى باشلاپ ماڭغاچ.
-ئۇلار بەك ئالدىراش،-قىسقىلا جاۋاب بەردى قىز.
ئۇلار بىرنەچچە بىنانى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا يېتىپ كەلدى.
-بۇ قىزچاق ئەمدى تىزىملاتقىلى كەپتۇ،سەھرادىكى تۇغقىنىمىز ئىدى،ياخشى قاراپ قويارسىز ،-دېدى ئۇ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسدىكى ئايالغا قاراپئ
-تىزىملىتىش كۈنى ئۆتۈپ كەتكىلى نەۋاق،نەلەردە يۈرۈپتۇ بۇ قىزچاق،-دېدى ئۇ ئايال تەرىنى تۈرۈپ.
-ئۇنىڭ ئۆيى تاغلىق رايوندا،قاتناش بەك قولايسىز،بىر ياردەم قىلمامسىز؟!
-چاقىرىق قەغىزىڭىزنى چىقىرىڭ!-دېدى ئايال بويرۇق تەلەپپۇزىدا.
قىز سومكىسىنى مالتىلاپ پۇرلۇشۇپ كەتكەن چاقىرىق قەغىزىنى ئۇ ئايالغا سۇندى،ئايال كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قىزنىڭ بېشىدىن پۇتنىڭ ئۇچىغىچە قارىۋېتىپ
چاقىرىق قەغىزىنى قولىغا ئېلىپ ئىچىدە نېمىلەرنىدۇ غودۇرىدى.
  -ماۋۇنى ئېلىپ مالىيە بۆلىمىگە بېرىپ پۇل تاپشۇرۇڭ ،ئاندىن يېنىمغا كەلسىڭىز ياتاق رەسمىيىتىڭىزنى بېجىرىپ بېرەي،-دەپ قىزغا بىر ۋاراقچىنى سۇندى.
-رەھمەت سىزگە!
  قىز شۇنداق دەپ ۋاراقچىنى ئېلىپ ئامانلىق ساقلىغۇچىغا قارىدى،ئۇمۇ چۈشەندى بولغاي كەينىمدىن ماڭ دىگەننى ئىشارەت قىلىپ ماڭدى.قىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى،قىز پۇللارنى تاپشۇرۇپ بولۇپ ؛
-تاغا ،رەھمەت سىزگە،مېنىڭ ئىسمىم ئازادە،تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدىن بولىمەن،-دېدى.
-مېنىڭ ئىسمىم داۋۇت،مۇشۇ مەكتەپتە دەرۋازىغا قارايمەن،بۇنىڭدىن كىيىن بىرەر ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز مېنى ئىزدەڭ،بولدى سىز ئەمدى بايىقى يەرگە بارسىڭىز ياتاق رەسمىيەتلىرىڭىزنى بېجىرىپ بېرىدۇ،مەنمۇ خىزمەت ئورنۇمغا قايتاي،تاپالايدىغانسىز-ھە؟!
-تاپالايمەن،سىزگە كۆپ رەھمەت،داۋۇت تاغا.
-ھېچقىسى يوق،-ئۇشۇنداق دەپ كىتىپ قالدى.
  قىز ئۆزى يالغۇز ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسغا قاراپ ماڭدى،كۆڭلىدە؛"دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەملەر كۆپ جۇمۇ" دىگەنلەرنى ئويلىدى.
  ئۇ پۇل تاپشۇرغان قەغەرنى بايىقى مۇز چىراي ئايالغا سۇندى، ئۇ ئايال ئېرېنچەكلىك بىلەن بىر دەپتەر بىر ھازار ئاختۇرغاندىن كىيىن؛
-10-بىنا 418-ياتاق،تۆت كىشىلىك ياتاق،ئىچىدە مۇنچىسى ،ھاجەتخانىسى بار،باشقا ياتاقلار توشۇپ كىتىپتۇ،تەلىيىڭىز باركەن،سەككىز كىشىلىك ياتاقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ تۆت كىشىك ياتاقتا ياتىدىغان بولدىڭىز،-دېدى.
-رەھمەت سىزگە.
-ئەرزىمەيدۇ،بىراق ئۇ ياتاقتا ئادەم تۇرمىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى،بۇ يىل يازدا قايتا ئاقارتقان،ئۆزىڭىز بىر تازلىۋېلىڭ.
-بولىدۇ.
-مانا ماۋۇ ئاچقۇچ،-قىز ئاچقۇچنى ئېلىپ كەينىگە بۇرۇلۇشىغا يېشى ئوتتۇزغىمۇ بارمىغان چېچى مۆرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان،چىرايىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان،كۆزەينەك تاقىغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!،-بۇ ئايال ئازادەنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى،
ئازادەگە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى،ئازادە بۇنىڭدىن سەل ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى.
-ھەجەپ ۋاقتىدا كەلدىڭىز،ئاينىگار ئاپپاي،بۇ سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز ،تېخى بايىلا ياتاق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولدى،-دېدى ھېلىقى ئايال ئاينىگار مۇئەللىمگە.
-ھە،مۇنداق دەڭ،-ئاينىگار مۇئەللىم ئازادەگە قايرىلىپ قاراپ
-ھەجەپ كېچىكىپ كەتتىڭىزغۇ؟!
-شۇ يول يىراق بولغاچقا....
-بوپتۇ،دەرسلەرنىمۇ تېخى ئەمدى باشلىدۇق،يۈرۈڭ مەن سىزنى ياتىقىڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي،-شۇنداق دەپ قىزنىڭ قولىدىكى سومكىغا قول ئۇزاتتى.
-بولدى،ئۇستاز،ئۆزۈم كۆتۈرەي،كىيمىڭىزنى مەينەت قىلىۋەتمىسۇن...،-ئازادە شۇنداق دەپ يەرگە قارىۋالدى يۈزى خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى.
-ھېچقىسى يوق،مەندىن تارتىماڭ،مەن سىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىڭىز،بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ھەممە ئىشلىڭىزغا مەن ئىگە بولىمەن،-ئاينىگار ئاپپاي ئازادەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي قولىدىكى سومكىنى ئېلىۋالدى.ئۇلار پاراڭلاشقاچ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
-ھەي،توغرا ،سىزنى قايسى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى؟!
-10-بىنا 418-ياتاق.
- نىمە؟!10-بىنا 418-ياتاق؟!
-نىمە بولدى،مۇئەلللىم؟!
-بۇ ئۇلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئادەم بوزەك قىلغىنى ئەمەسمۇ؟!يۈرۈڭ ،مەن بېرىپ سىزگە ياتاق ئالماشتۇرۇپ بېرەي،-ئاينىگار ئاپپاي شۇنداق دەپ ئازادەنىڭ قولىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
-بولىدىلا،مۇئەللىم،باشقا ياتاق قالمىغاچقا شۇنداق قىلدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سەككىز كىشىلىك ياتاققا پۇل تۆلىگەن،ئۇلارنىڭ مېنى يەنە پۇل تۆلە دىمىگىنى ماڭا قىلغان ياردىمى.
-ياردەم!؟ بۇ تېخى ياردەم قىلغىنىما؟! بۇ قاراپ تۇرۇپ سىزنى ئوتقا ئىتتىرگىنى ئەمەسمۇ؟!بىلەمسىز،ئۇ ياتاق تىنچ ياتاق ئەمەس،ئۇ ياتاق....،-ئاينىگار ئاپپاي ئاچچىقىدا گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى.
-بوپتۇ،مۇئەللىم،تازا بولسا ئۇ ياتاقتا بۇرۇن بىرەرسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاندۇ؟!
مەن كىچىك ۋاقتىمدا مومام بىلەن قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىكى كەپىدە تۇراتتىم،
ئۇنداق نەرسىلەردىن مەن قورقمايمەن،بولدى ،شۇ ياتاقتا يېتىۋېرەي،مەن كۆپ ئادەم بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالاپ كەتمەيمەن.
-لېكىن...
-ھېچقىسى يوق ،ئۇستاز،كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ،مەن قورقمىسام سىز نىمىدىن ئەنسىرەيسىز؟!
-سىز بۇنداق دىسىڭىز بوپتۇ،ئىشقىلىپ ئۇ ياتاقتا ئۆزىڭىزگە كۆپ ئېھتىيات قىلىڭ.
-ماقۇل،مۇئەللىم.
  ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەلدى،ئۇلار ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلىشىگە باشقا ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا قاراپ بىرنىملەرنى دىيىشىپ كۇسۇرلاشتى.
  ئاينىگار ئاپپاي ئازادەنىڭ قولىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىچىدە بىرنىمىلەرنى دەپ
قۇلۇپنى ئاچتى."مياۋ"قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر قارا مۈشۈك ئاينىگار ئاپپاي ئېتىلدى،ئاپپاي قورقۇپ كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى.قىزلار چىقىرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ياتىقىغا قېچىپ كىرىۋېلىشتى.
  ئازادە مۈشۈكنى "پۈش،پۈش،پۈش"دەپ يېنىغا چاقىردى،مۈشۈك بىردەم ئازادەگە بىردەم ئاپپايغا قاراپ مىدىرلىماي تۇردى.
-ئۇف!ھەجەپ قورقۇتىۋەتتا ،ئۆلگۈر مۈشۈك،قانداق قىلىپ بۇ ياتاققا كىرىۋالغاندۇ؟!
دېدى ئاپپاي يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
  ئازادە مۈشۈكنى يەنە چاقىردى،مۈشۈك ئاستا مېڭىپ كىلىپ ئازادەنىڭ پۇتىغا سۈركەلدى.ئازادە مۈشۈكنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى سىيلاپ تۇرۇپ ؛
-ئۇمىقىم،ئاپپاينى چۆچىتىۋەتتىڭ،تېز ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورا،تېز بول،-دېدى.
ئاپپاينىڭ بولسا ئۇنىڭغا قارىغىسمۇ يوق ئىدى،ئۇ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ ئازادەگە؛
-سىز مۈشۈككە ئامراقمۇ؟!-دېدى.
-ھەئە،بىزنىڭ ئۆيدە مۈشۈكنى بەك باقىمىز،بۇ بەك ياخشى جانىۋار ،بەك ئەقىللىق دەيمەن،قاراڭ،ئۇ سىزنى چۆچىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ سىزدىن كەچۈرۈم سوراپ مياۋشىۋاتىدۇ.
-ۋاي،بولدىلا،چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى،نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى قويۇپ قويسىڭىز بىز چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى،مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقى خېلى بولۇپ قالىدۇ.
-بولىدۇ،خانىم،-ئازادە شۇنداق دەپ مۈشۈكنى يەرگە قويۇپ قويۇپ چامدىنى سۆرەپ ياتاققا كىردى.ياتاقنى ئىچىدىن كۈچلۈك ھال ھىدى كىلىپ تۇراتتى.
-ۋاي-ۋۇي،نىمانچە سېسىق پۇرايدىغاندۇ؟! ئاقارتىپ بولۇپ دېرىزىنى ئېچىپ قويسا بولمامدۇ دەيمەن،-ئاپپاي شۇنداق دەپ قولىدىكى سومكىنى بىر كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتتى،ساپ ھاۋا ئالمىشىپ ياتاقنىڭ ئىچى خېلى ئازادە بولۇپ قالدى.
-مونچىغا قاراپ بېقىڭ،بۇزۇق بولسا سەل تۇرۇپ مەن خوجىلىق بۆلىمىدىكىلەرگە دەپ ئوڭشىتىپ بېرەي.
-ماقۇل.
  ئازادە مۇنچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئچىىگە كىردى،جۈمەكنى ئاچقانىدى ،سۇ شارىلداپ چۈشتى،سۇدا قوللىرىنى يۇيغاچ سۇغا قاراپ خىيالغا چۆكتى .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سۇ بىلەن ئوت اللاھ نىڭ چىرايىنى كۆرگنىكەن ،شۇڭا سۇ بىلەن ئوتقا قارىغانسېرى ئادەمنىڭ قارىغۇسى كېلىدىكەن ھەم ئادەمنى خىيال باسىدىكەن تۇيۇقسىز جۈمەكتىن چۈشىۋاتقان سۇ قانغا ئايلاندى،ئازادە چۆچۈپ كەتتى،ئەينەكتىن كەينىدە چىرايلىرى قانغا مىلەنگەن بىر قىز بالىنى كۆردى،
بۇنى كۆرۈپ ئازادە قاتتىق چىقىراپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.ئاپپاي يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنى يۆلىۋالدى.
-نىمە بولدى،ئازادە ؟  نىمە بولدى؟!
قورقۇپ كەتكىنىدىن ئازادەنىڭ تىلىغا گەپ كەلمىدى،ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ قان دەپ بىرنىمە قالمىغانىدى.ئاپپاي ئۇنى يۆلەپ كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى مۇنچىغا قارىدى،مۇنچىنىڭ ئىچىدە ھېچنىمە يوق ئىدى،جۈمەكنى ئاچقانىدى،جۈمەكتىن سۇ شارقىرىپ چۈشتى.
  ئۇ قايتىپ كىلىپ ئازادەگە؛
-بايا نىمىنى كۆردىڭىز؟!-دېدى.
  - مەن يۈزلىرى قانغا بويالغان بىر قىز بالىنى كۆردۈم.
  -مەن قارىسام ھېچنىمە يوق ئىكەن،بولدى سىڭلىم،قورقماڭ.
  -خىيالىم بولسا كېرەك،يولدا كەلگۈچە بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن.
-ھە،ئەمىسە يۈرۈڭ چىقىپ تاماق يەپ كىرىپ ئاندىن كىيىن ياتاقنى يىغىشتۇرايلى،-ئۇلار شۇنداق دەپ ياتاقنى تاقاپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى.
   تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاق باشقۇرۇش بۆلۈمىگە بېرىپ يوتقان-كۆرپە،چايدان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىشتى،ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى كۆرۈنۈش ئۇلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى،ئازادەنىڭ كىيىملىرى ھەممە يەرگە قالايمىقان ھالەتتە چېچېلىپ تۇراتتى.ئازادە ئالمان-تالمان بوغچىسىدىكى بىر كىچىك تۈگەنچەكنى ئېلىپ يېىشىپ قارىدى،"ئۇھ"دەپ بىر تىنىۋەتتى،
-ئىشىكنى تاقىغانمىدىڭىز؟!
-تاقىغاندەك قىلغان،-ئىشىكنى تاقىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئېسىدە ئىدى،بىراق ئۇ بۇ ئىشنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كاللىسدىن ئۆتكۈزەلمەيتتى.
-ئەمىسە بۇ كىمنىڭ قىلغان ئىشىدۇ؟
-بەلكىم بايا سىز بىلەن گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ تاقىمىغان ئوخشايمەن،قوشنا ياتاقتىكى قىزلار ئوينىشىپ شۇنداق قىلىپ قويغاندۇ،بۇنداق ئىش تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىمۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى،بىزنىڭ ياتاقتىكى بىر نەچچە تەنتەك قىز دائىم باشقا قىزلارنىڭ نەرسىلىرىنى مۇشۇنداق چېچىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى.
-دىگىنىڭىزدەك بولسۇن،ئىلاھىم!
ئازادە ئۈنچىقماي كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇپ چامدانىغا سالدى،ئاندىن سۈپۈرگىنى قولىغا ئېلىپ ياتاقنى سۈپۈرۈشكە باشلىدى .
-ئازادە،مىنىڭ يەنە بىر دوستۇم بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشىم بار ئىدى ،سىز ئۆزىڭىز ياتاقنى تازىلاپ تۇرۇڭ،مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي،بولمىسا كەچتە مېنىڭ ياتىقىمدا بىللە ياتايلى،مەن ئەتە رەھبەرلەرگە دەپ بىرقانچە قىز بالىنى مۇشۇ ياتاققا ئالماشتۇرغۇزۇپ بېرەي.
-ماقۇل ،خانىم.
  ئاينىگار ئاپپاي سىرتقا چىقىپ كىتىشى بىلەنلا شامال چىقىپ ياتاقنىڭ دەرىزىسى تاقىلىپ قالدى،ئازادە بېرىپ دەرىزىنى ئېىچىۋەتتى،ئازادە كارىۋاتنىڭ ئاستىنى سۈپۈرىۋاتقاندا بىرىنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغاندەك قىلىپ كەينىگە شارتتىدە بۇرۇلدى،نەتىجىدە ھېچكىم يوق بولۇپ چىقتى.ئۇ داۋاملىق تازىلىق قىلىشقا باشلىدى،بىراق دائىم كەينىدە بىرى باردەكلا ھېس قىلاتتى.ئۆزى يالغۇز قورقۇپ مۇنچىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى،شۇ چاغدا چېلىقى قارا مۈشۈك يېتىپ كىردى.ئۇ يىتىپ كىرىشى بىلەنلا شامالمۇ توختىدى،ئازادە سۈپۈرگىنى قويۇپ مۈشۈكنى قولىغا ئېلىپ ئەركىلىتىشكە باشلىدى.
-ئوماق،ئاسلانچاق،سەنمۇ مەندەك ئاتا-ئانىسىز قالغان ئوخشىمامسەن،بۇنىڭدىن كىيىن سېنى مەن بېقىۋالاي بولامدۇ؟! مېنىڭ ئىسمىم ئازادە،سېنى بۇنىڭدىن كىيىن ئالمىرە دەپ چاقىراي بولامدۇ؟
  مۈشۈكمۇ ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك مياۋشىپ قويدى،ئازادە خۇشاللىقتىن مۈشۈكنى يۈزلىرىگە سۈركەپ كەتتى،ئاندىن سومكىسىنى ئېچىپ مومىسى قورۇپ بەرگەن گۆشتىن بىر نەچچە پارچە ئېلىپ بىر قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويدى.
-يىگىنە،قورسىقىڭ ئاچقاندۇ؟!تېز يىگىن ،مەن يەنە تېخى ياتاقنى تازىلىمىسام بولمايدۇ،ھېلى ياتاقنى سۈپۈرسەم بۇ گۆشلەر مەينەت بولۇپ كىتىدۇ.
  مۈشۈك گۆشلەرنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى،ئازادە ئۇنىڭغا مەسلىكى كېلىپ قاراپ ئولتۇردى.مۈشۈك گۈشنى يەپ بولۇپلا دەرىزە تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
-نەگە بارىسەن؟! يەپ بولۇپلا قاچماقچىما؟!
  مۈشۈك دەرىزىدىن چىقىپ كەتتى،ئازادە قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ياتاقنى قايتىدىن تازىلاشقا باشلىدى.ياتاقنى ياغ قويۇپ يالىغىدەك قىلىۋېتىپ يوتقان-كۆرپىلىرىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ چاماداننىڭ ئىچىدىن بىرمۇنچە پۇلنى ئېلىپ ساناشقا باشلىدى.
  ئازادەنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ ،مومىسى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئازادە كەچلىكى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى رېستۇراندا ئىشلەپ پۇل يىغىشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئالي مەكتەپتە بەكمۇ ئوقۇغۇسى بار.مومىسىنىڭ ئۇنى ئالي مەكتەپتە ئوقۇتالمايدىغانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى،باشقا تۇغقانلىرىدىنمۇ ئازراقمۇ ئۈمۈد كۈتمەيتتى،شۇڭا چوقۇم ئىشلەپ پۇل تېپىشى كېرەك ئىدى.
  تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندا،ناھىيە بازىرىدا بىر چوڭ مېھمانخانا ئېچىلدى،باشقىلاردىن بۇيەرنىڭ كاراokدە ئىشلىسە جىق پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇ يەرگە باردى.
بارغان چاغدا خوجايىن ئۇنىڭغا؛
-مېھمانلارغا ھەمرا بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ بەرسىڭىز ئايدا ئون نەچچەمىڭ يۈەن بېرىمەن،ھاراق ساتسىڭىز ساتقان ھارىقىڭىزغا مۇئاشىڭىزنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ پىرسەنت قوشۇپ بېرىمەن،قانداق قايسىنى قىلىسىز ؟!،-دېدى.
  مېھمانلارغا ھاراق ئىچىشىپ بېرىدىغان قىزلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ئازادەنىڭ كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى،گەرچە ئۇ پۇلغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ بۇنداق ئىشنى قىلسا بولمايدۇ-دە،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاراق سېتىش خىزمىتىنى تاللىدى.
  بىر ئاي ئىشلىگەندىن كىيىن ئۇ 2536يۈەن مۇئاش ئالدى،بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى نۇرغۇن پۇل-دە،ئازادە خۇشاللىقىدىن بېشى كۆككە يەتتى،ئۇ تۇنجى ئايلىق مۇئاشىدىن 100يۈەن ئاجرىتىپ جانجىگەر مومىسىغا بىر دانە ياغلىق ۋە تەسۋىي ئېلىپ بەردى.
  كىيىن بۇ ئىشنى مەكتەپ بىلىپ قېلىپ ئازادەنى مەكتەپ ھەيدىۋەتمەكچىمۇ بولدى،بىراق مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ پەقەت شەنبە يەكشەنبە كۈنىلا ئىشلىشىگە يول قويدى،سىنىپ مۇدىرى يول مېڭىپ ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەم كىتاب پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدۇرىۋەتتى ھەمدە ھەرئايدا120يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ھەل قىلىپ بەردى.
  ئازادە شۇنداق جاپالارنى تارتىپ يۈرۈپ ئاخىرى يۇقىرى نەتىجە بىلەن بۇ تىببىي ئۇنۋېرستىتىقا ئۆتتى.
  ئۇ بۇرۇنقى كۈنلەرنى خىيال قىلغاچ پۇللارنى ساناشقا باشلىدى.
"بارلىق پۇللارنى تاپشۇرۇپ بولۇپ يەنە 4000يۈەندىن ئارتۇقراق پۇل قاپتۇ،ئەتىلا بانكىغا بېرىپ بۇ پۇلنى بانكىغا سېلىۋېتەي ،ئوقۇشقا كىرىشىۋالغاندىن يەنە بىرەر خىزمەت تېپىپ قىلمىسام بولمايدۇ،تەييارلىق تۈگەپ رەسمىي دەرسكە چۈشكەندە خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت يوق،شۇڭا بۇيىل ھېچ بولمىغاندا ئىككى يىللىق ئوقۇش پۇلۇمنى تاپمىسام بولمايدۇ."دىگەنلەرنى خىيال قىلدى.
  ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ پۇللارنى قايتىدىن رەتلەپ سومكىسىغا تىقىپ قويدى، ئازادە سومكىسىنى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويۇپ قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇنچىخانىغا قاراپ ماڭدى ،ئەمدىلا ئىككى قەدەم ئېلىشىغا شامال دەرىزىنى يېپىۋەتتى،ئۇ بېشىنى كەينىگە بۇرىماقچى بولغانىدى،بىراق ھەرقانچە كۈچەپمۇ بۇرىيالمىدى،كەينىدىن ئاياق تىۋىشى ئاڭلىناتتى.ئازادەنى تىتىرەك بېسىشقا باشلىدى،تۇيۇقسىز نەپسى قىينىلىشقا باشلىدى،بىر كۈچلۈك قول ئۇنىڭ كېكەرتىكىنى سىقىۋاتقاندەك قىلاتتى،ئازادە ۋارقىرىماقچى بولدى-يۇ،ئاۋازى چىقمىدى.دەل شۇ چاغدا ھېلىقى قارا مۈشۈك دەرىزىدە پەيدا بولدى.
  تاك-تاك-تاك  ئىشىك چېكىلدى،شۇنىڭغا ئەگىشىپ مۈشۈكمۇ مياۋشىدى،ھېىلىقى قولمۇ ئاستا-ئاستا بوشىدى،ئازادە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى،بەدىنىنىڭ بوشىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بېىشىنى بۇراپ كەينىگە قارىدى،بىراق ھېچنىمە يوق بولۇپ چىقتى،پەقەت ھېلىقى مۈشۈك دېرىزىدە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى.
  ئىشىك تېخىمۇ قاتتىق چېكىلدى،ئازادە ئاستا ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ
-كىم؟!-دەپ ئاستىغىنا سورىدى.
- مەن ئاينىگار مۇئەللىم،بايا سومكامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
  ئازادە ئىشىكنى ئېچىپ بەردى،ئاينىگار مۇئەللىم كىرىپ ئازادەنىڭ چىرايىنىڭ ئەپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ؛
-نىمە بولدى؟!بىرەر ئىش بولدىما؟!چىرايىڭىز بىر قىسمىلا تۇرىدۇ،-دەپ سورىدى ئەندىكىپ.
-ياقەي،شۇ يولدا كەلگۈچە چارچاپ قاپتىمەن،-مۇئەللىمنى كۆرۈپلا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاشنى ئويلىغان ئازادە يەنىلا قارارىنى ئۆزگەرتتى.
-ھە،ئەمىسە مەيلى،مەن ھازىر بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكىلى باراتتىم،بىراق بايا سومكامنى مۇشۇ يەردە ئۇنتۇپ قاپتىمەن،مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقىپ يادىغما كەلدى،شۇڭا...
-كارۋاتقا قويۇپ قويغانىدىم،مەن ئېلىپ بېرەي،-ئازادە شۇنداق دەپ كارۋاتنىڭ ئۈستىدىن ئاپپاينىڭ سومكىسىنى ئېلىپ بەردى.
-بولمىسا بىللە بېرىپ كىلەمدۇق؟ ئۇ دوستۇممۇ سىلەرنىڭ تۇرپاندىن ،ئالي مەكتەپنى بىللە ئوقۇغان ئىدۇق،-دېدى ئاينىگار ئاپپاي سومكىنى ئالغاچ.
-بولدىلا،بەك چارچاپ كىتىپتىمەن،يەنىلا ياتاقتا ئارام ئالاي،-سىلىققىنە رەت قىلدى ئازادە.
-مەيلى ئەمىسە،ئوبدانراق ئارام ئېلىڭ،ماۋۇنى ئاڭلىغاچ يېتىڭ بولمىسا،-شۇنداق دەپ سومكىسىدىن بىر MP4نى چىقىرىپ ئازادەگە سۇندى.
-بولدى،مۇئەللىم.
-ۋاي،ئېلىڭە،كەچكىچە مۇئەللىم دەۋەمەڭ،مەنمۇ سىزدىن بىرنەچچە ياشلا چوڭ،بۇندىن كىيىن مېنى ئاينىگار ئاچا دەپ چاقىرىڭ،قارىسام سىزمۇ ناھايىتى ئوڭلۇق قىز بالا ئىكەنسىز ،خوش ،مەن ماڭاي ،دوستۇم ساقلاپ قالدى،-ئاينىگار شۇنداق دەپ ئازادەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي MP4 قولىغا تۇتقۇزۇپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
  "مىنىڭ ئەزەلدىن سىنىپ مۇدىرىدىن تەلىيىم كەلسە كېرەك،جاھاندا نىمىلا دىگەن بىلەن ياخشى ئادەملەر كۆپ جۇمۇ"دىگەنلەرنى كاللىسدىن ئۆتكۈزدى.
  بايىقى ئىشلاردىن كۆڭلى سەل ئارامسىزلانغان ئازادەنىڭ داۋاملىق ياتاقتا ئولتۇرغۇسى كەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن سومكىسىدىن بىر ھېكايە كىتابنى ئېلىپ قۇلىقىغا نائۇشنىكنى تاقاپ سىرتقا قاراپ يول ئالدى،ياتاقنىڭ ئىشىكىنى بىرنەچچە قېتىم تەكشۈرگەندىن كىيىن ئاندىن چىقىپ كەتتى،
  ئۇ پۇتبول مەيدانىنىڭ بىر بۇرجكىدىكى ئورۇنغا ئولتۇرۇپ ناخشا ئاڭلىغاچ كىتابىنى ئوقۇدى،بىرچاغدا ئۇ بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى.ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەنىدى ئۈستىگە تۈركىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان قاش-كۆزلىرى قاپقارا قاملاشقان بىر يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى،ئازادە نائۇشنىكنى ئېلىۋەتتى،ھېلىقى بالا قولىنى سۇنۇپ؛
-ئىسمىم ئىليار،كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇيمەن،مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولىمەن.-دېدى.
-نىمە؟!
-مەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىمەن،سىز ئۇيغۇر بولغىيتىڭىز.
-ھەئە.
-مەن دوست بولۇپ قالايلى دەۋاتىمەن، ئىسمىم ئىليار،كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇيمەن،مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولىمەن.
-مەن سىزدىن سورىدىممۇ؟!
  مەيداندا توپ ئويناۋاتقان بالىلار ئىليارنى مازاق قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى،
ئىليارمۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىۋەرسە تېخىمۇ ئوساللىشىدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئاستا كىتىپ قالدى.

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87759
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1796
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 12:33:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما يىزىپ قويدىڭىز باغۇ بىر كىشلىك كۈندە بىر باب يوللايمەن دەپ يازماي بۈگۈن ئاران يازدىڭىز، ئاخىرنى دۈم يىتىپ دۈم قوپۇپ ساقلايمەن تىزراق بولاسىز  ھى ھى ھى

ياشاش بىر جەريان ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە ئۆلۈمدىن قىچقپ قۇتۇلغلى بولمايدىكەن ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94617
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 862
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 10:55:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاي!

بىرسى سىنىڭ ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇلدۇرالىسا ئۇنداقتا ئۇ سىنىڭ كەلگۈسۈڭ!!.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 12:57:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
owqi450 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 12:33 AM
ئەمما يىزىپ قويدىڭىز باغۇ بىر كىشلىك كۈندە بىر باب يول ...

خاپا بولماڭلا بۈگۈندىن باشلاپ چوقۇم كۈندە يوللايمەن

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 03:16:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئازادەنىڭمۇ داۋاملىق بۇيەردە تۇرغۇسى كەلمەي ياتاققا قاراپ ماڭدى،ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا بىرمۇنچە ئادەم ئولىشىۋالغان جاي ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
"جۇڭگو تېلگرافى"،"ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ يانفۇنى  "دىگەن پىلاكاتلار ئېسىلغان جايغا نۇرغلىغان ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ئىدى.
  ئازادە بارغانىدى بىر چىرايلىق قىزچاق ئۇنىڭغا تەشۋىقات ۋاراقچىسدىن بىرنى بەردى،ئەسلىدە جۇڭگو تېلگرافى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانىدى ئازادەنىڭ ئۇزۇندىن بېرى بىر يانغۇن سېتىۋېلىش ئويى بولسىمۇ بىراق پۇل تېجەشنى ئويلاپ ئالمىغانىدى.يانغۇن بولسا ھەممىلا ئىشقا قولايلىق بولىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى،ئۇ تەشۋىقات ۋاراقچىسنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتى،بىراق پۇلنى ئويلىسا پەقەتلا ئالغۇسى يوق ئىدى.
-ساۋاقداش ،بۈگۈن پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى ،پائالىيەت تۈگىسىلا سىز بۇيەردە ھەقسىز تارقىتىۋاتقان يانغۇننى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن بەش-ئالتە يۈز يۈەنگە ئالىسىز،بىزنىڭ بۇيەردىن ئالسىڭىز پەقەتلا ئۈچ يۈز يۈەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېخى سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىمىز.....-ھېلىقى قىزچاق ئازادەگە كەسپلەرنى تىنماي تونۇشتۇراتتى،ئازادە ئۈنچىقماي تۇردى،چۈنكى ئۆزىمۇ بۇرۇن باشقىلارغا ھاراقنى مۇشۇنداق تونۇشتۇراتتى ئەمەسمۇ؟!
  ئازادە تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى ئېلىپ ياتاققا كىردى،كارىۋاتتا يېتىپ ئويلاشقا باشلىدى"مومامغا ھەپىتدە ئىككى قېتىم تېلفۇن قىلسام،ھەر قېتىمدا ئاز دىگەندە ئۈچ يۈەن،ساۋاقداشلىرىمغا تېلغۇن قىلساممۇ يەنە بىرمۇنچە پۇل،ياتاقتا تېلفۇن يوق ئىكەن،ئەزەھەر ئىزدەي دېسىمۇ مېنى تاپالمىغۇدەك،بولمىسا ئاشۇ تېلفۇندىن بىرنى ئالمايمەنمۇ...بىراق تېخى خىزمەت تاپمىدىم،پۇلنى بۇزۇپ چاچسام قانداق بولىدۇ..... "كاللىسنى نۇرغۇنلىغان چىگىش خىياللار چىرمىۋالدى،ئۇ ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى يانفۇندىن بىرنى ئالماقچى بولۇپ،ھېلىقى تۈگۈنچەكنى يېشىپ ئىچىدىن يۈزيۈەنلىكتىن ئۈچنى ئېلىپ بايىقى جايغا بېرىپ يانفۇندىن بىرنى سېتىۋالدى،ئاندىن ئۆيىنىڭ نومۇرىنى "يېقىنلار نومۇرى"قىلىپ بېكىتتى،بۇنداق بولغاندا مومىسى بىلەن تېلفۇن سۆزلەشكەندە تېلفۇن پۇلىنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
  ئازادە ياتىقىغا كىرىپ،سومكىسىدىن بىر خاتىرىنى ئېلىپ چىقىپ بىر نومۇرغا تېلفۇن قىلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاداش،مەن ئازادە،
-ۋاي،جېنىم بارمۇ سەن،ھازىر نەدەسەن؟
-ھازىر ئۈرۈمچىدە ئاداش،تېخى بۈگۈن كىلىشىم،مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى بىر قۇر تۈگەتتىم،ماۋۇ تېلفۇننى تېخى بايا ئالغانىدىم،تۇنجى بولۇپ ساڭا تېلفۇن قىلىۋاتىمەن جۇمۇ.
-ۋاي،رەھمەت ،قەدىرلىگىم،مەن سېنى ئوقۇماي قالارمۇ دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم،ھەرنىمە بولسا كەپسەن ،مېنى بۇ شەھەرگە يالغۇز قويماي، بىلەمسەن ھازىر ھەربي مەشق قىلىپ ،بەك جاپالىق دىمەيسەن،كۈندە نەچچە سائەت ئۆرە تۇردىغان گەپ سېنى بەك سېغىندىم جۇمۇ،دۈشمەن(ئەركىلەپ شۇنداق دەۋاتىدۇ)،
-سېنى تاشلاپ قويۇشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنايدۇ،مەنمۇ سېنى شۇنداق سېغىندىم.
-مېنى ئەمەس،ئەزەھەرنى يالغۇز تاشلاپ قويغۇڭ كەلمىگەندۇ؟!
-ئۆتەپ بارە،بىزەڭ.
-تېخى چۈشتىلا بىللە تاماق يىگەنىدۇق،مەندىن سېنى سورىغاندى،
-نىمە دىدىڭ؟!
-تېلفۇن نومۇرۇمنى بىلىدۇ،بۇ يەرگە كەلسىلا چوقۇم ماڭا تېلفۇن قىلىدۇ دېسەم
بولسا ماڭا بىر تېلفۇن قىلسۇن دەيدۇ،نومۇرىنى دەپ بېرەيمۇ؟!
-ياق،ئىزدىگۈسى بولسا ئۆزى ئىزدىسۇن.
-ۋاي،ئاداش،تېخىچىلا تەتۈرلۈك قىلىپ يۈرەمسەن،ئۆزەڭنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوتتەك تېلفۇن قىلىپ كۆرۈشكۈڭ بار تۇرۇپ دەيمەن...ھەي....
-بەزى ئىشلارنى سەن چۈشەنمەيسەن،قىزبالا دىگەن ئوغۇل بالىغا بەك ۋاي دەپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،ھېلىمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ دەردىنى تارتمىدىممۇ؟
-ۋاي،ئاداش ئۇ ھېلىمۇ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ سېنى بىر يىلدىن ئارتۇق كۈتتىغۇ؟!
-يەنە ساقلاپ باقسۇن،مېنى ھەقىقي ياخشى كۆرسە يەنە ئون يىل دېسىمۇ ساقلىيالايدۇ.
-ھەي،بولدىلا،سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي،سەنمۇ ھەجەپ ياخشى مۇشۇ كارتىنى بېجىرىپسەن ئاداش،بۇندىن كىيىن ماڭا تېلفۇن قىلساڭ ھەقسىز .
-راستما؟! ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بايا ئۇلار ماڭا پەقەت بىرلا نومۇرغا ئايدا 500مىنۇت ھەقسىز دېگەنىدى.
-ئۇ دىگىنىڭ ئۇزۇن يوللۇقنىڭ،مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ سېنىڭككىگە ئوخشاش كارتا،بىز ئۆزئارا ئۇرساق ھەقسىز،يەنە ئەزەھەرگە ئۇرساڭمۇ ھەقسىز جۇمۇ،تازا تاپقاندەكلا مۇشۇ كارتىنى بېجىرگىنىڭنى،يۈرەك تارتىدىمۇ جۇمۇ؟!
-بولدى قىلە،سەت ئالۋاستى،جادۇگەر...
-قانداق قىلىمىز ،خۇدايىم بىزگە سىزدەك ھۆسن-جامالنى ئاتا قىلمىغاندىكىن؟!
-قانداق قىلاتتىڭىز ،ئولتورۇڭ شۇنداق،تىلىسىڭىز كىيىنچە قىزىڭىزگە بولسىمۇ بېرىپ قالار.
-بولسا بىر شۇنداق بولسۇن،ئەتە مەكتىپىڭگە بارايمۇ؟ بىزگە ئەتە چۈشتىن كىيىن ھەربىي مەشق يوق ئىكەن،توغرا سەن ھەربي مەشقنى قانداق قىلىدىكەنسەن؟!
-مەن كېچىكىپ قالغاچقا كېلەر يىلى تولۇقلاپ قىلغۇدەكمەن،مەن تېخى ئەمدى كەلسەم،مېنى يالغۇز ھەربي مەشققە ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرمەس.
-ئەمدى توقسۇندىن كەلگەن ئۇلۇغ ئادەم بولغاندىكىن ،سىزنى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرارمىكىن دەيمەنغۇ.
-ۋاي ،يوقىلە ،قالايمىقان سۆزلىمەي،جىنتەك،
-ئازادە،مەن ساڭا كەچتە تېلفۇن قىلاي ھازىر يەنە ھەربي مەشققە چىقىمىز،
يانفۇننى ياتاققا قويۇپ قويىمەن،خوش ئەمىسە!
-خەير-خوش،اللاغا ئامەنەت!
-اللاغا ئامەنەت!
  تېلفۇننى قويۇپ ئازادەنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ كەتتى،بايا تېلفۇندا سۆزلەشكىنى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى گۈلزادەم ئىدى،ئازادە ئىچ مىجەز بولغاچقا جىق بالىلار بىلەن ئارىلىشپ كەتمەيتتى.ئوتتۇرا مەكتەپتە دائىم گۈلزادەم بىلەن بىللە يۈرەتتى،ئازادەنى ھەممىدىن بەك خۇشال قىلغىنى گۈلزادەمنىڭ "ئۇ سېنى سورىدى،ماڭا تېلفۇن قىلسۇن"دەيدۇ دىگەن گىپى بولدى.
  ئەزەھەر ئازادەنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا يۈرگەن يىگىتى بولۇپ،ئۇ ئازادە ئەمدىلا تولۇق2-يىللىققا چىققان ۋاقىت ئىدى،ئەزەھەر مەكتەپ ۋالىبول كوماندىسنىڭ ئەزاسى بولۇپ ،ئازادەدىن بىر يىللىق يۇقىرى ئوقۇيتتى.
  گۈلزادەم بىلەن ئۆگىنىش قىلغىلى مەيدانغا چىققاندا دائىم ئۇنىڭ مەشق قىلغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتى،شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا سۆيگۈ ئۇرۇقى ئازادەنىڭ غۇبارسىز قەلبىدە بىخ سۈرۈشكە باشلىدى،تەڭرىمۇ ئازادەنى ئاشقسىز مەشق قىلىپ قويماي بۇ رەشك ئوتىنى ئەزەھەرنىڭ يۈرىكىگىمۇ سالدى.گۈلزادەمنىڭ ئوتتۇرىدا مېڭىشى بىلەن بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت مېلودىيىسى بۇ بوران يۇرتىدا ياڭرىدى...
   بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى،ئەزەھەر ئالي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى يازلىق تەتىلدە ئازادە داۋاملىق ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىدا ئىشلىدى،
بىراق بۇنى ئەزەھەرگە تىنمىدى،ئۇنىڭغا ئائىلە ئىشلىرىنى ئېيتىشنى خالىمايتتى.
توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ تازا ياخشى بولمىغان ئائىلە شارائىتىنى ئۆزى سۆيگەن ئادەمگە ئېيتىشتىن خىجىل بولاتتى. شۇكۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئەزەھەر بىر قانچە دوستى بىلەن ئازادە ئىشلەۋەتقان يەرگە ھاراق ئىچكىلى باردى،ئۇكۈنى دەل مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ،بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە  چوڭ زالدا زىياپەت بەرگەنىدى،خوجايىن مەست بولۇپ قېلىپ ئازادەگە ھاراق زورلاشقا باشلىدى،ئازادە رەت قىلىپ تۇرىۋالدى،
-ئەگەر بۇھاراقنى ئىچسەڭ مۇئاشىڭغا يەنە يۈز يۈەن قوشۇپ بېرىمەن،ئىچمەيدىكەنسەن،بۇ ئايدا بىر تىيىنمۇ ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلما،-دەپ تەھدىد سالدى.ئازادە خوجايىننىڭ مىجەزىنى بىلەتتى،بۇرۇن بىرنەچچە شاگىرت بالىمۇ خوجايىنىغا بىرنەچچە ئېغىر تاكاللىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇئاشىنى بەرمەي قوغلىۋەتكەنىدى،ئازادە ئىككىلىنىپ قالدى.
-ئىچە،ئىچسەڭ يۈز يۈەن بېرىمەن!
دەل شۇچاغدا ئەزەھەر كىرىپ قالدى ‎ ئازادەنى كۆزرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدى،ئازادەمۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى،ئەزەھەر ئاچچىقىغا پايلىماي ئازادەنىڭ كاچىتىغا ئىككىنى قويۇپ چىقىپ كەتتى.كىيىن ئازادە تېلفۇن قىلىپ ھەرقانچە چۈشەندۈرسىمۇ قۇلاق سالمىدى.
بۇ كۈنلەردە ئازادەنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمىدى،كۈندە گۈلزادەمنڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا دەرد تۆكۈپ بېرەتتى ،گۈلزادەممۇ ئەزەھەر چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى ئويلاپ بىرقانچە قېتىم تېلفۇن قىلغان بولسىمۇ ئەزەھەر كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى.
  بىر كۈنى كەچتە ئازادە ئەمدىلا ئىشقا چىققانىدى،گۈلزادەم ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يېتىپ كەلدى.
-ئاداش،بايا ئەزەھەر تېفۇن قىپتۇ،بەك مەست بولۇپ كىتىپتۇ،سېنى يېنىمغا كەلسۇن دەيدۇ.
-ئۇ ھازىر نەدە ئىكەن؟!
-تۆت پەسىل دېسكوخانىسىدا مەن دەيدۇ،يۈر بىللە بېرىپ كىلەيلى.
  ئازادە خىزمىتىنى تاشلاپلا گۈلزادەم بىلەن تۆت پەسل دېسكوخانىسىغا قاراپ ماڭدى،دېسكوخانىنىڭ ئىچى ياشلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن تاماكا ئىسى دېسكوخانىنى بىر ئالغانىدى،ياشلار بولسا ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان بىر تىلدىكى دېسكو ناخشىسىغا نوقتىسى ئاجراپ كەتكەن تەخەيدەك قالايمىقان سەكرەپ ئويناۋاتاتتى.ئازادە بىلەن گۈلزادەم توپ ئچىىنى يېرىپ ئۆتۈپ ئەزەھەر بار ئايرىمخانىغا كىردى،ئايرىمخانىدا ئالتە-يەتتە ئوغۇل بالا ئولتۇرۇپ ئىچىشۋاتاتتى،ئەزەھەرنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ كەتكەنىدى،ئازادەنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئازادەنىڭ يېنىغا كەلدى ھەمدە ئازادەنىڭ مۆرىسىگە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ؛
-بۇياق بولسا مەن سىلەرگە گىپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى قىزچاق شۇ،مەن ئوتلىرىدا كۆيۈپ يۈرگەن ھېلىقى قىزچاق،بىراق ئۇ مېنىڭ قەلبىمگە بەك ئازار بەردى،بىلەمسىلەر ئاغىنىيلەر،يۈرۈگۈم بەك ئاغرىدى،شۇنداقمۇ ئازادە؟ ئەمدى دەپ باقە،نىمىشقا مېنى ئالدايسەن؟!
-مەن سىزنى ئالدىمىدىم ئەزەھەر،كۆپ ئىچىۋاپسىز ،يۈرۈڭ بۇيەردىن كېتەيلى، باشقا جايغا بېرىپ پاراڭلىشايلى
،-دېدى ئازادە.
-باشقا جايغا؟ قانداق جايغا؟! كەچۈرۈڭ قىزچاق،مەن مىليونېرنىڭ بالىسى ئەمەس،سىزنى ئالىي مېھمانخانىلارغا ئاپىرالمايمەن.
-ئەزەھەر،نىمانداق گەپ قىلىسىز؟!
-مەن قانداق گەپ قىلىپتىمەن،ھەمممىسى راستقۇ؟! مەنلا ئەمەس مۇشۇ ئولتۇرغان ئاغىنيلىرىمنىڭ ھەممىسى كۆردىغۇ؟!
-سىز خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز...ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس...
-توغرا،مەن خاتا چۈشىنىپ قالدىم،سېنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم،مەن ئەخمەق سېنىڭ ئاشۇ يالغان گەپلىرىڭگە ئالدىنىپ يۈردۈم...توۋا قىلدىم ھەي،ئاغىنىيلەر،مەن نىمانداق ئەخمەق دەيمەن...توۋا...
شۇ چاغدا بالىلار ئارىسدىن بىرى بىر رومكا پىۋىنى ئەزەھەرگە سۇندى،ئازادە ھاراقنى ئېلىۋالدى.
-ئىچمەڭ،بەك كۆپ ئىچىۋاپسىز.
-رومكىنى ماڭا بەر
-ياق
-مەن ھاراق ئچىمەن دەۋاتىمەن،رومكىنى ماڭا بەر.
-ياق ئىچمەيسىز دىدىم ئىچمەيسىز.
-ئەمىسە سەن ئىچەمسەن.
-ياق
-توغرا،سەن پۇل بەرسە ئاندى ھاراق ئىچىسە ھە،توختا مەن ساڭا پۇل بېرەي ھە،سەن پۇل بەرسە ئاندىن كىيىن ھاراق ئىچىسەنغۇ،-ئەزەھەر شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن بىرمۇنچە پۇلنى چىقىرىپ ئازادەگە تەڭلىدى.
-ماۋۇنى ئالە،ساڭا بېرەي،سەن پۇل بەرسە ئاندىن ھاراق ئىچىسەنغۇ....
باياتىدىن بېرى چىداپ كىلىۋاتقان ئازادە بۇ قېتىم پەقەتلا چىداپ تۇرالمىدى،
-ئەزەھەر،سىز مېنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز-ھە؟مېنى شۇنداق قىز بالا كۆرۈپ قالدىڭىز مۇ؟!
-سەن ئەسلىمۇ شۇنداق قىز بالىغۇ؟ مانا مۇشۇ ئاغىنىيلىرىم بىلەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلدىمغۇ؟ نىمە پۇلنى ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟! ھەي،بالىلار،ماڭا بىر پۇل بېرىپ تۇرۇڭلار،ماۋۇ پاسكىنا پۇلنى ئاز كۆرۈپ قاپتۇ.
زەردىسى ئېشىپ پەلەككە يەتكەن ئازادە ئەزەھەرنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ يىغلىغىنىچە چىقىپ كەتتى،گۈلزادەم ئەزەھەرگە؛
-بەك ھەددىڭىزدىن ئېشىپ كەتتىڭىز،قىلغىنىڭىزغا ھامان بىركۈنى پۇشايمەن قىلىسز .-دەپ قويۇپ ئازادەنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
  مۇشۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى،كىيىن ئەزەھەر باشقىلاردىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن پۇشايمان قىلىپ ئازادەگە تېلفۇن قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى،كونىلار ئېيتقاندەك"سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى،ئالتۇن بېرىپ ئالغىلى بولماس قالغان كۆڭۈلنى"
دىگەندەك بۇ داغ ئازادەنىڭ كۆڭلىدىن زادىلا كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى،گەرچە ئەزەھەرنى ياخشى كۆرسىمۇ،ئۇنى كەچۈرۋېتەلمىدى.
  ئازادە ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ كۆزياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى،ئازادە قوللىرى بىلەن كۆزياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرىشىغا ھېلىقى قارا مۈشۈك ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى.ئۇ ئازادەگە قاراپ توختىماي مياۋشىدى،ئازادە ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ گۆشتىن بىر نەچچە پارچىنى ئۇنىڭغا بەردى.مۈشۈك گۆشنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا يالاقچىلىق قىلغاندەك ئۇنىڭ پۇتلىرىغا بەدەنلىرىنى سۈركەشكە باشلىدى.بۇ چاغدا ئازادەمۇ ئۆزىنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىپ چايدانغا قايناقسۇ ئېلىپ كىرىپ يۇرتىدىن ئالغاچ كەلگەن نەرسىلەر بىلەن كەچلىك غىزالاندى.
  قۇياش تاغنىڭ مۆكۈپ جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى،ھۇۋقۇشلار ئەنسىز سايراشقا باشلىدى."ئاينىگار مۇئەللىم نىمىشقا قايتىپ كەلمەيدىغاندۇ؟ كەچتە مۇشۇ ياتاقتا يالغۇز ياتارمەنمۇ؟يەنە كۈندۈزدىكىدەك ئىش يۈز بېرەرمۇ؟"دىگەن ئەندىشە ئازادەنى قىينايتتى،ئۇ يالغۇز زېرىكىپ گۈلزادەمگە تېلفۇن قىلدى
-ۋەي ،ئاداش نىمە قىلىۋاتىسەن؟!
-ھازىر ساڭا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغانىدىم،ئەزەھەر بىلەن بىللە ئىدىم.
-ھە،مەن ياتاقتا يالغۇز قالغانىدىم،سەل قورقۇپ ساڭا تېلفۇن قىلغانىدىم.
-مۇنداق دىگىن،توختاپ تۇر ھە،ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغان گىپى بار ئىكەن.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم!ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!خېلى ياخشى ،ئۆزىڭىزچۇ؟
-مەنمۇ ياخشى تۇرىۋاتىمەن،سىزنى كەلمەي قالارمۇ دەپ بەك ئەنسىرىگەنىدىم.
-شۇنداقمۇ؟!
-ھەئە،كەچتە تاماق يىدىڭىزمۇ؟!بولمىسا كەلسىڭىز بىللە يىمەمدۇق،مەكتىپىمىز يېقىنلا بولغاندىكىن،ئىككى بېكەتلىك يول
-بولدى،مەن كەچتە تاماق يەپ بولغان ،باشقا كۈنى بولسۇن.
-بولىدۇ،ئەمىسە،قانچە كىشىلىك ياتاقتا ياتتىڭىز؟!
-تۆت كىشلىك،شارائىتىمۇ يامان ئەمەسكەن
-بوپتۇ ئەمىسە ،مەن ھېلى ئۆزۈمنىڭ تېلفۇنىدا ئۇراي نومۇرۇمنى كىرگۈزۋېلىڭ.
-ماقۇل.
-كىيىنچە گۈلزادەم بىلەن مەكتىپىڭىزگە بارامەن.
-بولىدۇ.
-ئەمىسە تېلفۇننى گۈلزادەمگە بەردىم،خەير-خوش،اللاغا ئامەنت!
-اللاغا ئامانەت!
-ۋەي،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپلا مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭغۇ؟
-نىمانداق گەپ قىلىسەن؟بۇنىڭدىن كىيىن ماڭا ئۇنداق گەپنى قىلما.
-نىمە بولدۇڭ؟بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ قاپسەنغۇ؟!
-ھېچنىمە ،باشقا گەپ بولمىسا تېلفۇننى قويۇۋەتتىم،كىيىن يەنە كۆرۈشۈپ تۇرارمىز،خوش،-گۈلزادەمنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا تېلفۇننى قويۇۋەتتى،نىمىشقا
ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،تۇيۇقسىزلا كەيپىياتى بۇزۇلۇپ قالدى.
  كارىۋاتتا يېتىپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ ئۇيقۇغا كەتتى،ئۇ چۈشىدە يىراق جايدا قالغان مومىسىنى كۆردى،مومىسى ئۇنىڭغا بىرنىمىلەرنىدۇ دېدى بىراق ئۇ ئاڭلىيالمىدى،مومىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلاپ تۇراتتى،ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ مومىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدى،بۇنىڭ بىلەن ئازابلىنىپ مومىسىغا ئېسىلىپ  يىغلاپ كەتتى،مومىسى ئۇنى سىلكىۋەتتى،ئۇ ؛‹‹ موما ،زادى نىمە ئىش بولدى؟ زادى نىمە ئىش بولدى؟!››دەپ يىغلاپ كەتتى،مومىسى يېنىدىكى قارا مۈشۈكنىڭ بېشىنى سىيلىغاچ ئۇنىڭ باش تەرىپىنى كۆرسەتتى،ئازدە بېشىغا قولىنى ئۇزاتقانىدى چېچىدىن باشقا ھېچنىمە قولىغا ئۇرۇلمىدى،ئۇ مومىسىغا
؛‹‹ موما بېشىغا نىمە بوپتۇ،زادى نىمە ئىش بولدى دەڭە،ماڭا قاراپ ئاپام يادىڭىزغا كېلىپ قالدىمۇ يا؟!››  دېدى،موماي ئەينەكنى ئازادەگە سۇندى،ئازادە ئەينەككە قاراپ چىقىراپ ئەينەكنى تاشلىۋەتتى،ئۇ ئەينەكتىن بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دولىسىغا منىۋېلىپ پىچاقنى ئۆزىنىڭ بېشىغا سانچىماق بولىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى،ئازادە قولىنى بىلەن ئۇنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولدى،
بىراق قولى ھاۋاغا ئۇرۇلدى،ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ مومىسىنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى،
: ‹‹جېنىم موما ،مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ،بېشىمدىن ئۇ بىرنىمىنى چۈشۈرۋېتىڭ !››
بىراق مومىسى ھېچقانداق قىلماستىن مۈشۈكنى سىيلاپ يىغلاپ ئولتۇرىۋەردى،
تۇيۇقسىز ئازادەنىڭ نەپسى قىسلىشقا باشلىدى،بىر كۈچلۈك قول ئۇنىڭ كارنىيىنى بوغۇشقا باشلىدى،ئازادە كۆزىنى يۇمۇپ ئۆزى بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.قول سەل بوشىغاندەك قىلغاندىن كىيىن ئالدىغا قاراپ جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى،بىرنەرسىگە پۇتلىشىپ كىتىپ يىقىلىپ چۈشتى،كەينىگە قارىغانىدى چىرايلىرى قانغا مىلەنگەن بىر ئەركىشى قولىغا پىچاق ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋاتاتتى،ئازادە ئالدىغا قاراپ جېنىنىڭ بارىچە ئۆمىلىدى،ھېلىقى ئەركىشى كىلىپ ئۇنىڭ پۇتىدىن تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا پىچاقنى ئۇرماقچى بولغاندا ئازادە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.
  ئۇ قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى،ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى، بايا كۆرگىنىنىڭ چۈش ئىكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى.يېنىدا بايىقى قارا مۈشۈك ئۇنىڭغا سۈركىلىپ تۇراتتى،ئازادە مۈشۈكنى قولىغا ئېلىپ ؛
-ئۇماق مۈشۈكۈم،ئەمدى يېنىمدىن كەتمىگىن بولامدۇ؟! بايا بەك چۆچۈپ كەتتىم،مەن پەقەت يالغۇز قالغۇم يوق،سەن بولساڭمۇ مېنى تاشلىۋەتمىگىن....
  دەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.
  قىزبالا نىمىلا دىگەن بىلەن ئاجىز كىلىدۇ-دە،ئازادە بايىقى چۈشتىن قورقۇپ كىتىپ ئۆزىگە تەسەللي ئىزدەپ گۈلزادەمگە تېلىفۇن قىلدى،ئەپسۇس ئۇنىڭ تېلىفۇنى ئېتىك بولۇپ چىقتى،ئازادە ئەمدى قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرىشىغا مۈشۈك دەرىزە تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى
-نەگە بارىسەن!مېنى يەنە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ قاچامسەن؟! مەن يالغۇز قورقىمەن!-مۈشۈك خۇددى ئازادەنىڭ گىپىنى چۈشىنىدىغاندەك كەينىگە قاراپ بىرھازا تۇرىۋەتكەندىن كىيىن دېرىزىدىن چىقىپ كەتتى.
«ھەممىڭلار يوقىلىڭلار!مېنى مۇشۇنداق يالغۇز تاشلاپ قويىسىلەر،ھەممىڭلارغا ئۆچ بولدۇم،جېنىم موما،سىزنى ھەجەپ سېغىندىم،،،ۋۇ ۋۇ ۋۇ ۋۇ ...»ئىككى تامچە ياش ئازادەنىڭ مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى.
  يەنە شامال چىقىپ ياتاقنىڭ دەرىزىسى تاقىلىپ قالدى،ئازادە بىنورماللىق ھېس قىلىپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى،يادىغا مومىسى كىچىك ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىدىغان جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ھېكايىسى كەلدى.ھېكايىلەردە ئالۋاستى كەلگۈچە دائىم شامال چىقىپ ئىشىك-دېرىزە تاقىلىپ قالاتتى،بۇلارنى ئويلاپ ئازادەنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى،ئۇ تېلفۇنىنى ئېلىپ گۈلزادەمگە يەنە تېلفۇن قىلدى،دەل شۇچاغدا دەرىزىدىن كۈچلۈك نۇر كىردى،ئازادە كۆردىكى،بىر قىز بالا ياتاقنىڭ ئوتتۇرىدا كومپيۇتېر ئالدىدا مىختەك ئولتۇراتتى،بۇنى كۆرۈپ ئازادە چۆچۈپ كەتتى...

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش