مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yawabora

ئەڭ يېڭى قوقۇنچلۇق پوۋېست قارا سايە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 04:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇماي  دسەم ئوقوغۇم كەلدى  ئوقوسام  ئۇف  دەردىمنى ئۆزۇم بىلەن  كەينىمدىن  بىرسى ئەگەشكندەكلا  بولاپ  قالدىم ،ئوقۇپ بولغۇچە  يۇرۇگۇم ئغىزمغا  كەپلىشىپ  قوللۇرۇم مۇزلاپ كىتپتۇ  دىسە

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئاق كۆڭۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8986
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 12:14:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا بىردەمدىلا تۈگەپكەتتى دىسە   ھېلىمۇ كۆپ رەھمەت    جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز  قېرىندىشىم  

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 12:20:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا،نىمىشكىمۇ كېچىدە ئۇقۇغان بولغۇيتتىم. كومپۇيتر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆرۈنگىنى ئەلفىرەمىدۇ

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 12:54:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يوللىمامسىز ؟

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 01:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 718
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 06:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇۋاتاتتىم ، بىردەمدىلا ئاخىرى يوق بولدى،،،  ئاخىرىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 07:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى چىققاندا بىراقلا ئوقۇي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 12:29:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ تېلفۇنىنى ئېلىپ گۈلزادەمگە يەنە تېلفۇن قىلدى،دەل شۇچاغدا دەرىزىدىن كۈچلۈك نۇر كىردى،ئازادە كۆردىكى،بىر قىز بالا ياتاقنىڭ ئوتتۇرىدا كومپيۇتېر ئالدىدا مىختەك ئولتۇراتتى،بۇنى كۆرۈپ ئازادە چۆچۈپ كەتتى،تېلفۇننى قويىۋېتىپ ئۇ قىزغا؛
-ياخشىمۇسىز!-دەپ گەپ ئاچتى بىراق ئۇ قىز ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى،ئورنىدىن مىدىراپمۇ قويمىدى،ئازادە بىر قانچە قەدەم ئالدىغا مېڭىپ ئۇ قىزغا يان تەرەپتىن قارىدى،قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كىتىپ ئاغزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى،بۇ باشقا بىرى ئەمەس دەل ئازادەنىڭ ئۆزى ئىدى،«ئاھ،تەڭرىم!بۇ زادى نىمە ئىش؟!بۇ نېمە كارامەت ئەمدى!...». ئازادە يەنە بىر غەيرەتكە كىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى قىزغا قاراپ قۇلىنى سوزدى ،بىراق قولى ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالدى،ئازادەنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى،ياتاقتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كەينىگە بۇرۇلغانىدى،تېخىمۇ چۆچۈپ كەتتى،ئالدىدا بايا چۈشىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ھېلىقى ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋاتاتتى،ئازادە يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ دېرىزە تەرەپتىكى بۇلۇڭغا كىلىپ ئولتۇرۋالدى.ھېلىقى ئوغۇل بالا ئازادە تەرەپكە قاراپ ماڭماستىن بەلكى كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا كەلدى.كومپيۇتېر ئالدىدىكى«ئازادە» ئورنىدىن تۇرۇپ ئوغۇل بالىنىڭ قۇچىغا ئۆزىنى ئاتتى،ئوغۇل بالا«ئازادە»نى بىردەم پەپىلىگەندىن كىيىن ئۇ«ئازادە»گە قاراپ؛
-يۈرۈڭ ،قەدىرلىگىم،بىزنىڭ ۋاقتىمىز كۆپ قالمىدى،ماڭايلى،-دېدى.
«ئازادە»مۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ يىگىتكە ئەگىشىپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى،ھېلىقى ئوغۇل بالا ئازادە بار بۇلۇڭغا قارىدى،ئازادەنىڭ تېنىنى تىترەك بېسىپ كەتتى،«ئازادە» ئوغۇل بالىغا قاراپ؛
-نىمىگە قاراۋاتىسىز؟!،-دېدى.
-ھېچنىمىگە ،بۇ يەردە باشقا بىرەيلەن باردەك قىلىدۇ،ئۇ بىرنىمە ئوقۇۋاتىدۇ،-يىگىت شۇنداق دەپلا چىرايى تاتىرىپ كەتتى،پۇت-قولى تارتىشقاندەك بولۇپ ئوڭ قولى بىلەن يۈرىكىنى تۇتۇپ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
-دىلمۇرات،سىزگە نىمە بولدى؟! قەدىرلىگىم،مېنى قورقۇتماڭ،-«ئازادە» شۇنداق دەپ كېلىپ دىلمۇراتنى يۆلىۋالدى،دىلمۇرات «ئازادە»نى سىلكىۋېتىپ،ئۇنىڭغا؛
-مەندىن يىراق تۇرۇڭ،قارىغاندا مېنىڭ كىتىدىغان ۋاقتىم توشقان ئوخشايدۇ.
  يىگىتنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل ئاق نۇر ئېتىلىپ چىقتى،يىگىت ۋارقىرىغىنىچە كۆزدىن غايىب بولدى،بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئازادەنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قالدى،ۋارقىرىماقچى بولدى يۇ ئاۋازى چىقمىدىم،«ئازادە» بولسا
يىغلىغىنىچە دەرىزىدىن ئۆزىنى ئاتتى....
   -ئازادە،ئازادە،نىمىگە قاراۋاتىسىز؟!-ئاينىگار مۇئەللىم قولىنى ئازادەنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلاتتى،ئازادە چۆچۈپ كىتىپ ئالدىغا قارىدى،ئۇ ئۆزىنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە كۆردى،ئاينىگار ئاپپاي ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
-نىمىگە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىسىز،ياتاقنىڭ ئىشىكىنىمۇ تاقىماپسىز،نىمە بولدى چىرايىڭىزمۇ بىر قىسمىلا تۇرىدۇ،-دېدى ئاينىگار ئاپپاي ئازادەنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ قويۇپ.
  ئازادە ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدى،ئۇنىڭ كاللىسىدا ھېلىھەم بايىقى كۆرۈنۈشلەر لەيلەپ يۇرەتتى.
-تاماق يىدىڭىزمۇ؟!
  ئازادە يەنىلا ئۈنچىقمىدى،كۆزلىدىن مارجاندەك ياشلار تاراملاشقا باشلىدى ئاينىگار ئاپپاي غەلىتىلىك ھېس قىلىپ،ئازادەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى،ئاندىن ئۇنى قۇچاقلاپ؛
-زادى نىمە بولدى سىڭلىم،بىرەر ئىش بولسا ماڭا دەڭ،مەن سىزنىڭ ئاچىڭىزغا ئوخشاش .
  ئازادەمۇ ئاينىگار ئاپپاينى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى،ئاپپايغا بايا كۆرگەنلىرىنى دەي دىدىيۇ،يەنىلا تىلى بارمىدى،ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەي قېلىشىدىن قورقتى.ئاپپاي ئازادەگە نۇرغۇن تەسەللىيلەرنى بەردى،ئۆزىنىڭ ئەينى يىلى ئالي مەكتەپكە كەلگەن چاغدا تارتقان جاپالىرىنى،كۆرگەن مۇشەققەتلىرىنى ھەتتا قانچە ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىرىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.ئاپپاي پەقەت ئازادەنىڭ كۆڭلىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىنىلا ئۈمۈد قىلاتتى،ئاپپاي شۇنداق قىلىپ كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك ئازادەنى بەزلەپ ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۇنىڭ يېنىدا يېتىپ قالدى. «ئاھ،تەڭرىم ،بۇ قىز بالىنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن،
دىلمۇراتنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرگىن،بۇ قىزبالىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەي» دەپ ئۆزىگە پىچىرلىدى.
  ئەتىسى سىنىپقا چىققاندىن كىيىن ئاپپاي بالىلارغا ئازادەنى تونۇشتۇرۇپ قويدى،ئازادە روھى شۇنداق چۈشكۈن ئىدى،بىر كۈن كەچكىچە ھېچكىمگە گەپ قىلمىدى،كەچتە دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن گۈلزادەمگە تېلفۇن قىلدى.
-ۋەي،تۈنۈگۈن نىمىشقا تېلفۇننى ئېتىۋالىسەن؟
-توكى قالماپتۇ
-ھازىر نەدە سەن؟
-تاماق يەي دەپ سىرتقا چىققان،سەنچۇ؟ تاماق يىدىڭمۇ؟
-ياق،بولمىسا سەن مېنى ساقلاپ تۇر،بارسام بىللە يەيلى،
-بولىدۇ،مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا سېنى ساقلاي.
-ماقۇل،مەن ھازىرلا بارىمەن.
-ئازادە،ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟!ئاۋازىڭ باشقىچىلا تۇرىدىغۇ؟
-كۆرۈشكەندە دەپ بېرەي.
-بولىدۇ،تېزرەك بولغىن
ئازادە گەپ قىلمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتى،ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ گۈلزادەمنىڭ مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدى.
گۈلزادەم ئازادەنىڭ تېلفۇنىنى قويىۋېتىپلا ئەزەھەرگە تېلفۇن قىلدى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەيكۇم ئەسسالام،
-سىز نەدە؟
-ياتاقتا،ياتاقتىكىلەر بىلەن تاماققا چىقايلى دەپ تۇرغان،ئۆزىڭىزچۇ؟
-مەن چوڭ دەرۋازىدا،ئازادە كەلمەكچى بولغان،شۇنى ساقلاپ تۇردۇم.
-راستما
-ھەئە،ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ،ئاۋازىمۇ باشقىچىلا چىقىۋاتىدۇ.
-نىمە بوپتۇ؟!بىرەرسى بوزەك قىلغان ئوخشىمامدۇ!؟
-مەنمۇ بىلمىدىم،كۆرۈشكەندە دەپ بېرەي دېدى،مەنمۇ ئارتۇق سوراپ يۈرمىدىم.
-ئەمىسە مەن ھازىرلا مەكتەپ ئالدىغا چىقاي،مېنى شۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭ.
-ماقۇل.
  ئەزەھەر كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ،رەتلىك تارىنىپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقتى،ئۇ ئەمدىلا گۈلزادەم بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىشىغا ئازادەمۇ يېتىپ كەلدى
ئازادە گۈلزادەمنى كۆرۈپ گەپ قىلمايلا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى،گۈلزادەممۇ ئۇنى بەزلىگەچ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى.ئەزەھەر ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ؛
-بولدى قىلىڭلا،سەت تۇرىدۇ دەيمەن،نىمىلا ئىش بولسا بىر خالي جايغا بېرىپ دىيىشەيلى،ھەممە ئادەم بىزگە قاراۋاتىدۇ-دېدى.ئۇلار ئىككىسى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشۈپ بېشىنى تۆۋەن سېلىشىپ جىم تۇردى.
-ئالمىزارغا كىرەمدۇق؟!
گۈلزادەم بېشىنى لىڭشىتتى،ئۇلار ئۈچىسى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى «ئالمىزار تېز تاماقخانىسى»غا كىردى تاماقنى بۇيرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەزەھەر سۆز باشلىدى.
-ئازادە،زادى نىمە ئىش بولدى؟!بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ؟!
ئازادە ئۈنچىقماي بېشىنى چايقىدى،گۈلزادەم گەپ ئاچتى
-ئاداش ،زادى نىمە ئىش بولدى،ماڭا بىر ئېيتقىنا،ساڭا قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كىتىۋاتىدۇ.
ئازادە يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى،ئۇلار ئىككىسى بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي خۇددىي مىڭبىر كېچە رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغاندەك ئازادەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدى.
-دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟!
-ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ،راست كۆرگەنلىرىڭىزنى دەۋاتامسىز ياكى بىزگە چۈشىڭىزنى سۆزلەپ بېرىۋاتامسىز؟-دېدى ئەزەھەر.
-سىلەر ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىلەر!؟
-بۇسىزگە ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس ،ئازادە،سىز دىگەن بۇ گەپلەرگە مەن تۈگۈل ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئىشىنەلمەيدۇ،نىمە ئۇ ياتىقىمدا بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئۆزەمگە ئوخشاش بىرىنى كۆردۈم-يەي،ئۇ قىزبالىغا قولۇمنى سۇنسام قولۇم ھاۋادا لەيلەپ قالدى،بۇ گەپلەرگە ئىشىنىشكە مەن ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن.
-سىز...سىز ئەزەلدىنلا ماڭا ئىشەنمەيسىز،بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىدىڭىز ،ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەنسىز،-دېدى ئازادە يىغلامسىراپ.
-ئاداش،بۇ گەپلەرگە مەنمۇ تازا ئىشنىپ بولالمىدىم،بەلكىم بۇ سېنىڭ چۈشۈڭدۇر
-ئاداش مەن چۈش بىلەن ئوڭۇمنى پەرقلەندۈرەلمەسمەنمۇ؟! باشقىلارغۇ ماڭا ئىشەنمىسۇن،ئەمدى سەنمۇ ئىشەنمەمسەن؟! مەن يالغان سۆزلەيدىغان ئادەممۇ؟
ئازادە شۇنداق دەپ بېشىنى يان تەرەپكە بۇرىۋالدى.
  ئارىنى سۈكۈت باستى،ئەزەھەر بىلەن گۈلزادەم بىر-بىرىگە كۆز ئىشارىتى قىلىشتى،شۇ چاغدا مۇلازىم تاماقنى كۆتۈرۈپ كەلدى،گۈلزادەم تاماقلارنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى،ئاندىن بۇرۇلۇپ ئازادەگە؛
-ئاداش،قورسىقىڭمۇ ئېچىپ قالغاندۇ،كىلە ئۈگرىدىن ئازراق ئىچكىن،-دېدى.
-بولدى،گېلىمدىن بىرنەرسە ئۆتمەيدۇ،سىلەر يەۋېرىڭلار،
-ئازادە،بۇنداق جاھىللىق قىلماڭ بولامدۇ،مەن خاتا قىپتىمەن،مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ؟ئازراق بولسىمۇ بىرنەرسە يەڭ...
  ئازادە يەنىلە گەپ قىلماي يەرگە قاراپ ئولتۇرۋالدى،دەل شۇچاغدا ئازادەگە تېلفۇن كەلدى
-ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئازادە نەدە سىز ياتىقىڭزغا كىرسەم يوقكەنسىز؟
-ھە،مەن پىداگوكىگا ئۇنۋېرسىتىدىكى دوستۇمنىڭ يېنىغا كەلگەن
-تاماق يىدىڭىزمۇ؟
-ھازىر يەۋەتىمەن،سىزچۇ؟
-مەن يەپ بولغان،مەكتەپكە يېنىپ كىلىپ ماڭا تېلفۇن قىلىڭ،سىزگە بېرىدىغان نەرسە بار.
-بولىدۇ،خوش
-ئاۋازىڭىز باشقىچىلا چىقىدىغۇ؟!
-مىجەزىم يوق
-ماقۇل،كەچ قالماي بالدۇر يېنىپ كىلىڭ
-بولىدۇ،سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى.
  ئەزەھەر بىلەن گۈلزادەم بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدى،ئازادە سومكىسىنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى
-نەگە بارىسەن؟
-مەكتەپكە
-بايا تېلفۇن قىلغان كىمۇ؟
-بىر دوستۇم،-ئەسلىدە ئازادەنىڭ سىنىپ مەسئۇلى دىگۈسى بار ئىدى،بىراق
نىمىشقىدۇر ئاينىگار ئاپپاينى دوستۇم دىگۈسى كىلىپ قالدى.
-تاماق يەپ ئاندىن ماڭمامسەن،ئاران بىر كەلگىنىڭدە
-بولدىلا يىگۈم يوق،خوش ،سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم،-ئازادە سىرتقا قاراپ ماڭدى،گۈلزادەم ئەزەھەرگە «كەينىدىن چىقىڭ»دەپ ئىشارەت قىلدى. ئەزەھەر يۈگۈرۈپ كەينىدىن چىقتى.
-ئازادە،مەن مەكتىپىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي
-بولدى،رەھمەت،ئاۋارە بولماڭ،مېنىڭ يالغۇز تۇرغۇم بار
-سىز...
-مەن دىدىمغۇ مېنىڭ يالغۇز تۇرغۇم بار دەپ ،گەپ چۈشىنەمسىز-يا!؟-دەپ ۋارقىرىدى ئازادە،
  ئەزەھەرمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى،بۇ ھالنى كۆرگەن گۈلزادەممۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى.ئازادە«خوش»دەپ قويۇپلا مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدى،ئۇ كەتكەندىن كىيىن گۈلزادەم ئەزەھەرگە؛
-بايىقى گەپنى دىمىسىڭىز بولاتتى،ئازادە خاپا بولۇپ قالدى مانا،-دېدى.
-ئەمىسە ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلسام بولامتى،سىزمۇ ئاڭلىدىڭىزغۇ ئۇنىڭ ئاشۇ بىمەنە گەپلىرىنى ،ئالۋاستى بارمىش تېخى، كۈلكىلىك گەپ بولدى-دە
-ھەي،مەنمۇ ئىشەنمىدىم،بىراق ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز يالغان سۆزلەپ قويسىڭىز نىمە بولىدۇ دەيمەن،ئازادە ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلمايتتى ،ھەجەپ بىر...
-كۆرمىدىڭىزمۇ بىرىدىن تېلفۇن كەلسە بىردەممۇ ئولتۇرالماي كېتىۋاتمامدۇ؟كىم دىسە «بىر دوستۇم» دەپ قويۇشلىرىچۇ تېخى...-ئەزەھەر شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن تاماكىنى ئېلىپ «قاس»قىلىپ تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق شورىدى.
-مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران،ئازادە باشقىلار بىلەن ئوڭايلىقچە چىقىشالمايدىغان،
ئۇنىڭ ئۈستىگە تىببي ئۇنۋېرستىتىتتا بىزدىن بۇرۇن كەلگە يۇرتداشلارمۇ بولمىسا،،، ئۇ...
-بولدىلا،كىرىپ كىتەيلى،تازىمۇ كەيپىم ئۇچتى
ئەزەھەر تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چىكىپ مەكتەپ ئچىگە كىرىپ ئادەم دېڭىزى ئارىسىدا كۆزدىن يىتتى.
  ئازادە كۆڭلى يېرىم ھالدا مەكتەپكە قايتىپ كەلدى،جانجىگەر دوستۇم دەپ يۈرگەن ئادەم بىلەن سۆيگەن ئادىمىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكى ئۇنىڭغا بەكمۇ ھار كەلدى. مەكتەپ دەرۋازىسدىن كىرىپلا ئاينىگار ئاپپايغا تېلفۇن قىلدى.
-قايتىپ كەلدىڭىزما؟
-ھەئە،ھازىرلا مەكتەپ دەرۋازىسدىن كىرىشىم.
-ھە،مۇنداق دەڭ،مەن ھازىر مەكتەپنىڭ يېنىدىكى قەھۋە خانىدا بىر دوستۇم
كەپتىكەن،بىللە تاماققا ئولتۇرغان بولمىسا مۇشۇ يەرگە كىلىڭە
-مەن تاماق يەپ بولغانىدىم.
-ۋاي،ھېچنىمە بولمايدۇ،بىللە بىرەر ئىستىكاندىن قەھۋە ئىچىپ كىتىسىز،
-مۇئەللىم،بولدىلا،مەن يەنىلا ياتاققا چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇراي.
-ياق.ھەرگىز ياتاققا چىقماڭ،سىزگە دەيدىغان مۇھىم گەپلەر بار،
-نىمە؟
-مۇشۇ يەرگە كىلىڭ،ئاندىن كىيىن دەپ بېرەي.
-ماقۇل
-206-ئايرىمخانە
-بىلدىم.
  ئازادە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ قەھۋاخانىغا قاراپ يول ئالدى،ئاينىگار ئاپپاي تېلفۇننى قويۇپ دوستىغا؛
-ئاداش ،بۇ مەن ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى قىز بالا شۇ،بۇ قىز مۇيەسسەرگە بەك ئوخشايدىكەن،يەنە تېخى بىز ياتقان ياتاقتا يېتىۋاتىدۇ،مېنىڭچە دىلمۇرات چوقۇم ئۇنى ئاۋارە قىلدى،بىراق بۇ قىز ماڭا ھېچنىمە دېمىدى،ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئۆزىمۇ ئىشىنەلمەيۋاتسا كېرەك.-دېدى.
-ئاداش،سەن تېخىچە ئاشۇ پەرىزىڭگە ئىشىنەمسەن،بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى تاساددىبلىق،ھەرگىزمۇ سەن ئويۇلىغاندەك ئەمەس،دىلمۇرات بىلەن مۇيەسسەر ئاللىقاچان ئۆلدى،بۇ قورقۇنچلۇق چۈشمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
-ياق،ئاداش،ئويلاپ باقمامسەن،ئارزىگۈلنىڭ ئۆلىمى ساڭا غەلىتە تۇيۇلمامدۇ؟ نادىرەنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشچۇ؟ ئۇلار ئىككىسى ئەينى چاغدا مۇيەسسەر بىلەن ياخشى ئۆتمىگەن،دائىم ئۇنى بوزەك قىلاتتى،شۇڭا دىلمۇراتنى ئۇلاردىن ئۆچ ئالدى دەپ ئويلايمەن.
-ئاداش،نەدىكى يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىدىكەنسەن.
-بۇ يوقىلاڭ خىيال ئەمەس،يەنە تېخى بەش يىل بۇرۇن شۇ ياتاقتا ياتقان بىر قىز بالا دېرىزدىن سەكرەپ ئۆلۈپ كەتتى،مەن ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن ،ئۇ تېخى كۈلۈپ تۇرۇپتۇ.مەن بىر پالچىدىن ئاڭلىشىمچە بەزى ئادەملەر ئۆلگەندىن كىيىن روھى بۇ دۇنيادا قالىدىكەن ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرۈپ ئۇنى قوغدايدىكەن،شۇڭا مەن بۇ ئىشلارنى دىلمۇراتنىڭ روھى قىلىۋاتامدىكىن دەپ گۇمانلىنىمەن.
-ئاداش ،سەن ئەسلى فانتازىيە يازغۇچىسى بولساڭ بوپتىكەن،بۇ يەردە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ زايە كېتىپسەن،ساڭا دىسەم بۇ دۇنيادا روھ ،جىن-ئالۋاستى دىگەن نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
-ھەي،مەن ھامان بىر كۈنى ساڭا ئىسپاتلاپ بېرىمەن،بىلەمسەن،ھەر قېتىم ئاشۇ ياتاقتىكى قىزلاردىن چاتاق چىققاندا مۇيەسسەر مېنىڭ چۈشۈمگە كىرىدۇ.
-بەك جىق ئويلاپ كىتىپسەن،بولدىلا ،ئاداش باشقا گەپنى قىلىشايلى،ھەسەن بىلەن قانداق بولۇپ كەتتىڭلار؟!قاچان توي قىلىسىلەر.
-يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك،ئۇ توي توغرىلىق گەپ ئاچمىسا مەن نەدىن بىلەي.
شۇ چاغدا ئاينىگارنىڭ تېلفۇنى سايرىدى،
-ۋەي،كەلدىڭىزما؟
-تاپالمىدىم،ئۇستاز.
-سىز ھازىر نەدە؟ئەتراپىڭىزدىكى بىرەر چوڭراق يەرنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىڭ.
-توختاڭ-ھە،مەن ھازىر «ليەنشاڭ ئۈگرىخانىسى»نىڭ ئالدىدا
-ھە،ئۇنداق بولسا يولنى قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ شىمال تەرەپكە 50مېتىر مېڭىڭ،مەن ئالدىغا چىقىپ سىزنى ساقلاپ تۇراي
-بولىدۇ.
-ئۇ قىزغا نىمانچىۋالا قىلىپ كىتىدىغانسەن،توۋا!
-ھېلى ئۇنى كۆرسەڭ بىلىسەن،ئۇ مۇيەسسەرنىڭ ئۆزئەينى،سەن سەل ئولتۇرۇپ تۇرغىن،مەن چىقىپ ئۇنى باشلاپ كىرەي.
  ئاينىگار چىقىپ بەش مىنۇتتىن كىيىن ئازادەنى باشلاپ كىردى،ئازادەنى كۆرۈپ دىلارەمۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى«ئادەم بالىسىمۇ بۇنداق ئوخشاش بولامدۇ؟ توۋا،قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىكەنغۇ؟»دىگەنلەرنى ئويلىدى.
  ئازادە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاينىگار ئۇنىڭغا تاماق تىزىملىكىنى سۇندى،
-خالىغانچە بويرۇتۇڭ
-مەن بۇنداق يەرگە كىرىپ باقمىغان ،يەنىلا سىز بويرۇتۇپ بېرىڭ مۇئەللىم.
-ئىختىيارىڭىز ئەمىسە
ئاينىگار كۈتكۈچىنى چاقىرىپ بىرنەرسىلەرنى بويرۇتتى.
-ئىسمىڭىز نىمە بولىدۇ،قىزچاق؟ -دەپ گەپ باشلىدى دىلارە.
-ئازادە
-قۇمۇلدىنمۇ؟
-ياق،تۇرپاندىن،قۇمۇل بىلەن تۇرپاننىڭ شىۋىسى ئوخشاپ كىتىدۇ،-دەپ كۈلۈمسىرەپ قويدى ئازادە.
-ھە،مۇنداق دەڭ،بۇرۇن بىر قۇمۇللۇق ساۋاقدىشىم بار ئىدى،چىرايىڭىز بەك ئوخشايدىكەن.
-شۇنداقمۇ؟!
-ھەئە.
-ئاينىگار مۇئەللىم،ھە،ياق ،ھەدە،ماڭا دەيدىغان قانداق گىپىڭىز بار ئىدى.
-باشقىمۇ گەپ يوق،شۇ سىزنى ياتاقتا يالغۇز زېرىكىپ قالغان بولسا مېنىڭ يېنىمغا چىقىپ ياتامدىكىن دېگەن،بەرىبىر مەنمۇ يالغۇز بولغاندىكىن،سىزمۇ ياتاقتا يالغۇز ياتسىڭىز قورقۇپ قالىدىغانسىز،مەن مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلىپ قويدۇم،بىر بولسا سىزنى باشقا ياتاققا يۆتكەپ قويىدۇ،بىر بولسا باشقا ياتاقتىكى قىزلارنى سىز بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بولدى،ئەتە چۈشتە بىر جاۋابىنى بېرىدىغان بولدى.شۇڭا بۈگۈن كەچ مەن بىلەن بىللە يېتىڭ بولامدۇ؟
-رەھمەت سىزگە.
-تۈزۈت قىلماڭ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ قانداق قىيىنچىلىق بولسا تارتىنماي دەۋېرىڭ.
-بولىدۇ.
-يەنە ماۋۇنى بۈگۈن بازار ئارىلاۋېتىپ سىزگە ئالغانىدىم،-ئاينىگار شۇنداق دەپ بىر خالتىنى ئازادەگە سۇندى.
-ياق،بولدى ،ھەدە،لازىم بولسا ئۆزۈم چىقىپ سېتىۋالسام بولىدۇ.
-تۈزۈت قىلماڭ،ھەدىسى سىڭلىسىگە كىيىم ئېلىپ بەرسە بۇ نورمال ئىشقۇ؟! شۇنداقمۇ دىلارە؟
-ھە،شۇنداق،خىجىل بولماڭ،ئاينىگارنىڭ مىجەزى شۇ،ئالمىسىڭىز ئۇ رەنجىپ قالىدۇ.
-ئەمىسە رەھمەت سىزگە،-ئازادە تارتىنىپ خالىتىنى ئالدى.
-مانا ئەمدى بولدى،سىڭلىم سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن
-قېنى سوراڭ.
-ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟بۇنداق دىسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ،مەن پەقەت چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرساق،ئارىلىقىمىز يېقىنلاشسا دىمەكچى
-بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ!؟ئەلۋەتتە بار-دە،ئۇنىڭدەك چىرايلىق قىزلارنىڭ ئوغۇل دوستى بولماي قالامتى،-دەپ گەپ قىستۇردى دىلارە.
-بۇرۇن بار ئىدى ،ئايرىلىپ كەتكەن،-ئاپپاينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بايا ئەزەھەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەي دىگەن گەپلىرىنى ئويلاپ ئازادەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.
-كەچۈرۈڭ،كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ قويدۇم
-ھېچنىمە بولمايدۇ سىڭلىم،جاھاندا دىگەن ياخشى ئوغۇللار ساماندەك،ئۇنداق قەدرىڭىزنى بىلمىگەن ماڭقا شۇملار ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
-رەھمەت سىلەرگە.
-چىرايىڭىزدىنلا ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ،كىيىن چوقۇم بىر ياخشى يىگىتكە ئۇچرايسىز.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى،ئازادەنىڭ كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قالغاندەك بولدى.
كەچلىكى ئاينىگار ئاپپاينىڭ ياتىقىدا ئازادە ئۇيان ئۆرىلىپ ،بۇيان ئۆرىلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى.ئون تۆت كۈنلۈك تولۇنئاي سۈتتەك نۇرىنى دەرىزىدىن ئايىماي سېپىپ ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇتاتتى.
-ئازادە،ئۇخلىدىڭىزمۇ؟!
-ياق،ئۇيقۇم كەلمىدى،سىزمۇ تېخى ئۇخلىماپسىزغۇ؟
-مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمىدى،ئەمىسە بىردەم پاراڭلىشايلى،ماقۇلما؟
-بولىدۇ.
-مېنى سىزگە نىمىشقا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىسىز ،شۇنداقمۇ؟
ئازادە ئۈنچىىقمىدى،ئۇنىڭ«شۇنداق»دىگۈسى بار ئىدىيۇ،لېكىن دېمىدى.
-سىزنىڭ چىرايىڭىز مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىمغا بەك ئوخشايدىكەن،سىزنى ھەرقېتىم كۆرسەم ئۇ يادىمغا كېلىدىكەن.ئۇ مىجەزى بەك ياخشى قىز بالا ئىدى،بىراق بەكلا بالدۇر كىتىپ قالدى.
-ئۇ ئۆلۈپ كەتتىما؟
-ھەئە،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.
-نىمە؟!نىمىشقا ئەمدى؟!
-مۇھەببىتىگە چىدىماي،ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ توڭلاپ ئۆلۈپ قالدى،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ باشقىچىلا بىر قىسما بولۇپ قالدى،كىيىن بۇ ئازاپقا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى،يەنە كىلىپ سىز ھازىر يېىتۋاتقان ياتاقتا.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئازادەنىڭ يۈرىگى جىغغىدە قىلىپ قالدى،چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى؛
-نىمە دىدىڭىز؟!مەن ياتقان ياتاقتىما!؟
-ھەئە،دەل سىز ياتقان ياتاق شۇ،بىز بۇرۇن شۇ ياتاقتا بىللە ياتقان،شۇڭا سىزنى شۇ ياتاققا بۆلگەندە مەن تازا قوشۇلۇپ كەتمىگەن،كىيىن ئۇ ياتاقتا غەيرىي ئىشلار بەك كۆپ يۈز بېرىپ كەتتى.
-ھەدە،سىزگە بىر گەپنى ئېيتسام بولارمۇ؟!
-قېنى دەڭ.
-مەن مۇيەسسەرنى كۆردۈم
-نىمە؟!
-مەن مۇيەسسەرنى كۆردۈم،ئۇنىڭ دەرىزدىن سەكرەپ ئۆلىۋالغان ھالىتىنى كۆردۈم
مەن دەسلەپ بۇنى كۆرگەندە ئۆزۈممىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەنىدىم...

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 718
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 10:06:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 10:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف، ئەسلى بۇ تەسرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى ئىكەندە، داۋامىنى قاچان يوللارسىز ئەمدى

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش