-ئازادە،ئازادە... كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،-ئازادە مىڭ تەسلىكتە كۆزىنى ئاچتى،ئۇنىڭ كۆز ئالدى ناھايىتى غۇۋا ئىدى.باشقا قىزلار ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرىشاتتى،ئۇ قولى بىلەن تايىنىپ ئورنىدىن يېرىم تۇردى.
-ئۇھ،ھەرنىمە بولسا ئويغاندىڭلا،بىزنى بەك قورقۇتتۇڭلا جۇمۇ!،دېدى ماھىرە.
-ماڭا نىمە بولدى،-ئازادە ھەرقانچە قىلىپمۇ بايا نىمە بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى.
-بىزمۇ بىلمىدۇق،مەن بايا مۇنچىغا چۈشۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئىسسىق سۇ چۈشۈپ كەتتى،مەن تېيىلىپ يىقىلىپ كېتىپ ئورنۇمدىن تۇرالماي ۋارقىرىغانىدىم،سىز كىلىپ مېنى تارتىپ چىقارماقتا يوق،ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇڭلا،ئاندىن كىيىن تۇيۇقسىزلا يىقىلىپ چۈشتۈڭلا.
ماھىرەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بايىقى كۆرىنىش ئازادەنىڭ كۆزئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتتى
-ھە،ئەمدى ئېسىمگە كەلدى،مەن بايا سىزنى ئۈستى-بېشىڭىز... ئازادە گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.
كۆڭلى قانداقتۇر بىر ئىشنى تۇيغاندەك قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى
-نەگە بارىسىز؟!
-تىلفۇن سۆزلىشىپ كىرەي
ئازادە كارىدورغا چىقىپ مومىسىغا تىلفۇن قىلىپ يۈزبەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى
-موما،بەك قورقۇپ كىتىۋاتىمەن
-قورقما قىزىم،ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ،بېشىڭغا كەلگەن ئىشلارنى بىلدىم،بىراق بۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا ئامالسىزمەن،بۇ سېنىڭ تەقدىرىڭ،بۇنى ئۆزۈڭ بىرتەرەپ قىلىشىڭ كېرەك،ساڭا دەيدىغىنىم غەيرەتلىك بولغىن.
-موما مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟!ماڭا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىڭ
-قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ ئوبدان بىلىسەن،ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئۇنتۇپ قالما،سەن دىگەن پېرىخون
-بۇنى بىلىمەن،بىراق ئۇزادى نىمە قىلماقچى؟!
-ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى مەن ساڭا ئېيتىپ بېرەلمەيمەن،بىراق بۇنى سەن ئوبدان بىلىسەن،ئۇنىڭغا لازىملىق نەرسىنى بەرگىن
-ئۇنىڭغا زادى نىمە لازىم؟!بۇنى بىلمىسەم
-كىمىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى شۇ ئادەم ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ،بولدى قىزىم،مۇشۇ يەرگىچە دىيىشەيلى،مەن نامىزىمنى ئوقۇي،خەيىر،اللا سېنى ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن!
-اللاغا ئامانەت موما
ئازادە غەمكىن ھالەتتە ياتاققا قايتىپ كىرىپ،سومكىلىرىنى ئاختۇرۇپ مومىسى بەرگەن بىر كىتاپنى تېپىپ ئۇنى ئوقۇدى،كىتاپتىن روھ بىلەن ئالاقىلىشىش توغرىلىق نەرسىلەرنى تاپتى،ئۇ كىتاپنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كىيىن كىتاپنى يەنە جايىغا قويۇپ قويدى ئاندىن ئاينىگار ئاپپايغا تىلفۇن قىلدى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھەدە
-ۋەئەلەيكۇم ئەسالام،سىڭلىم،نىمە قىلىۋاتىسىز؟!
-مەن ھازىر ياتاقتا،سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دىگەنتىم
-قېنى سوراڭ؟!
-سىزدە دىلمۇراتنىڭ ياكى مۇيەسسەرنىڭ بىرەر نەرسىسى بارمۇ؟! كىيىم-كېچەك دىگەندەك
-بۇنى نىمە قىلىسىز؟!
-مەن بەزى ئىشلارنى بايقىدىم
-نىمىنى بايقىدىڭىز؟!
-دىلمۇراتنىڭ روھى ھېلىھەم مۇشۇ يەردە ئىكەن،شۇڭا مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن
-سىز بۇنى قانداق بىلىسز؟ سىڭلىم قالايمىقان ھەركەت قىلماڭ مەن ھازىرلا يېنىڭىزغا باراي،قالدى گەپنى شۇ چاغدا دىيىشەيلى،ماقۇلمۇ؟!
-ماقۇل،ھەدە
-بولىدۇ،سىز ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن بەش مىۇتتىلا بارىمەن
-ماقۇل
ئازادە چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا چۈشتى،بىردەمدىلا ئاينىگارمۇ كەلدى.ئۇلار ئىككىسى ئاينىگارنىڭ ياتىقىغا كىردى
-ئەمدى دەڭە سىڭلىم
-مەن بەزى ئىشلارنى سىزگە تېخى دىمىگەنىدىم
-نىمە ئىشلارنى؟!
-ئۆزۈمنىڭ تارىخىنى،مېنىڭ مومام داخان ئىدى
-بۇنى دىگەنىدىڭىز
-پەقەت موماملا ئەمەس،بىزنىڭ جەمەتتىكى بارلىق ئاياللارنىڭ ھەممىسى پېرىخون،
مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە
-ئۇنداقتا سىز سېھرىگەرلىك قىلالامسىز؟! مەسىلەن ئادەمنىڭ ئىدىيىسى كونترول قىلىش،بىرنەرسىلەرنى ھاۋادا ئۇچۇرۇش
-ھەدە،سىزنىڭ دەۋەتقانلىرىڭىز پەقەت كىنولاردا بار كۆرۈنۈشلەر،مەن ئۇلارنىڭ قىلالمايمەن،ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان،بىز پېرىخونلارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ئىككى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشىش يەنى روھلار بىلەن پاراڭلىشىش،بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ گەپلىرىنى روھلارغا يەتكۈزۈشلا خالاس،
-بۇنداق دەڭ،ئەمىسە سىز دىلمۇراتنىڭ روھىنىڭ بۇ يەردە ئىكىنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟!
-مەن شۇ ياتاققا كىرگەن كۈنى ئۇنى كۆرگەنتىم،ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر نەچچە غەلىتە ئىش يۈزبەردى،بۈگۈن ئۇ يەنە مېنى ئۆلتۈرمەكچى باشقا قىزلارغا زىيان يەتكۈزمەكچى بولدى،بىراق بۇنى ياتاقتا مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمىدى،مېنىڭچە دىلمۇراتنىڭ بۇدۇنيادا يەنە تارتىشىدىغان بىرەر ئىشى بار ئوخشايدۇ،بولمىسا ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەن بولاتتى،بەلكىم ئۇنىڭ قىلىپ بولالمىغان ئىشىنى مەن قىلىشىپ بېرىشىم كېرەكتۇ.
-سىز دىمەكچى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشماقچىمۇ؟!
-ھەئە،پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ زادى نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
-توغرا دەيسىز،مەنمۇ مۇشۇنداق گۇمان قىلىپ يۈرگەن،بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىغانىدىم،نۇرغۇن موللا-داخانلار بىلەن كۆرۈشتۈم،بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياردەم قىلىشنى رەت قىلدى،سەۋەبىنى سورىسام ھېچكىم دىگىلى ئۇنىمىغانىدى.
-نىمە؟! سىز بۇرۇن باشقا پېرىخونلار بىلەن مۇشۇ ئىش توغرىلىق پاراڭلاشقانمۇ؟!
-ھەئە،بىراق ئۇلار تەلىپىمنى رەت قىلغانىدى،نىمىشقا بۇنداق قىلدىغانلىقىنى سورىسام دىگىلى ئۇنىمىغان.ئۇلار نىمىشقا رەت قىلىدۇ؟!
ئازادە ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ
-ئۇلار ئەلۋەتتە خالىمايدۇ،ئەگەر روھ بىلەن ئالاقىلىشىپ روھنى يامان نىيتىدىن ياندۇرالمىسا ،پۈتۈن ئەپسۇنلىرى تەتۈرىگە يېنىپ روھ تېخىمۇ كۈچىيىپ بۇ جاھاننى قالايمىقان قىلىدۇ،ئەگر بۇنداق بولسا پېرىخوننىڭ پۈتۈن جەمەتى قارغىشقا ئۇچراپ
دوزاخقا مەڭگۈلۈك مەھكۇم بولىدۇ.شۇڭا بۇنداق قىلىشنى باشقىلار خالاپ كەتمەيدۇ.
-ئۇنداقتا سىز بۇنداق قىلسىڭىز سىزگىمۇ خەتىرى بەك چوڭكەنغۇ؟!
-ھەئە،بىراق مەن بۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ،بولمىسا تېخىمۇ چوڭ خەتەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن،ئۇنىڭ مېنى ئىزدەپ تېپىشىدىمۇ چوقۇم سەۋەپ بار،بولمىسا ئۇ مېنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرۋېتەتتى.ئەگەر ئۇنىڭ روھى ھازىرمۇ مۇشۇ يەردە بولسا ئۇنىڭ
ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈش ھېچقانچە قىيىن ئىش ئەمەس.
-ئەمىسە سىز...
-بۇ مېنىڭ تەقدىرىم،ئاچا،مەن چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك. ئەمدى ماڭا بىر قاچا سۇ ئەكىلىپ بېرىڭ،ئاندىن كىيىن پەردىنى تارتىۋېتىڭ،ماڭا قۇياش نۇرى تەگمىسۇن،ئۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىزمۇ ماڭا گەپ قىلماڭ ھەم چېقىلماڭ،بولامدۇ؟
-ماقۇل
-مەيلى نىمىلا ئىش بولسۇن،ماڭا تەگمەڭ،ئامال بار كۆزىڭىزنى يۇمىۋېلىڭ،
-ماقۇل،بىراق نىمىشقا؟
-چۈنكى مەن ئىككى دۇنيانى تۇتاشتۇرىمەن،بۇجەرياندا باشقا سەرسان روھلار كىلىپ مېنى ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن
......
مۇھەممەتجان خېۋىر تاۋارىم
www.tawarim.com