مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yawabora

ئەڭ يېڭى قوقۇنچلۇق پوۋېست قارا سايە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109333
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 10:36:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئالامەت ئىسىل ئەسەركەن،داۋامىغىنى16كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 10:27:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يوللىمىدىڭىزغۇ ؟قاراڭغۇدا يالغۇز ئۇقۇپ غەلىتە بۇلۇپ قالدىم، قانداقمۇ ئۇيقۇم كىلەر ئەمدى .

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 11:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-نىمە؟!
-مەن مۇيەسسەرنى كۆردۈم،ئۇنىڭ دەرىزدىن سەكرەپ ئۆلىۋالغان ھالىتىنى كۆردۈم
مەن دەسلەپ بۇنى كۆرگەندە ئۆزۈممىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەنىدىم...
-بىراق مۇيەسسەر دەرىزىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالمىغان،زەھەر ئىچىپ تومۇرىنى كېسىپ ئۆلىۋالغان،سىز ئۇنى قانداق كۆردىڭىز؟!
ئازادە ھېلىقى كۈنى كۆرگەنلىرىنى ئۆز ئەينى ئاينىگار ئاپپايغا سۆزلەپ بەردى،ئاينىگار ئازادەنىڭ كارىۋىتىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئازادەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاينىگارنى تېخىمۇ غەم باستى،ئازادەگە بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ،بىراق گىپىنىڭ ئاخرىنى يۇتىۋەتتى.ئازادەنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ؛
-بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر سىڭلىم،ياراتقان ئىگەم ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن!-دىدى
-يەنە بىر ئىشنى سورىسام كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن،سىڭلىم
-سوراۋېرىڭ.
-ئائىلىڭىز توغرىلىق ئىش ئىدى،ئاتا-ئانىڭىزدىن كىچىك قالغان ئوخشايسىز،
شۇنداقمۇ؟
-بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟!
-بىرەر قېتىممۇ ئاتا-ئانىڭىز توغرىلىق گەپ قىلمىدىڭىز،بايا دىلارە بۇرۇن ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى قانداق ئەركىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسە كۆزىڭىزگە قارىسام نەملىشىپ كىتىپتۇ،شۇڭا قاراپ شۇنداق ئويلىدىم.
-شۇنداق ،ئاتام ئۈچ ياش كىرگەن ۋاقتىمدا تۈگەپ كىتىپتىكەن،ئاپام مەن ئون ياشقا كىرگەندە تۈگەپ كەتتى،مەن مومامنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان.
-ئۇلار كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەنمۇ؟!
-...
ئازادە ئۈنچىقمىدى.
-ئەگەر دىگىڭىز كەلمىسە ئۇنىڭغىمۇ مەيلى،كەچۈرۈڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇم.
-ياقەي،-دىدى ئازادە كۆزياشلىرىنى سۈرتۈپ-دىگۈم يوق ئەمەس،شۇ كۆڭلۈم سەل يېرىم بولۇپ قالدى.مومامدىن ئاڭلىشىمچە ئاتام قوشنا مەھەلدىكىلەر بىلەن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ باشقىلاردىن تاياق يەپ ئۆلۈپ كىتىپتىكەن،ئاپام بولسا...ئازادە گىپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
ئاينىگار ئازادەنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياشلارنى ئاۋايلاپ سۈرتتى.
-بولدى،سىڭلىم،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلمىغان كىم بار دەيسىز،مەنمۇ دادامدىن كىچىكلا قالغان،بىچارە ئاپام بىزنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە چوڭ قىلغان،شۇڭا سىزگە ئوخشاش قىزلارنى كۆرسەم بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ،
غەيرەت قىلىڭ ،سىڭلىم،غەيرەت بىلەن سەۋر ئىگەمنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئازادەنى بەزلىگەچ ئاينىگارمۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدى.
-ئاپام بولسا كىيىن قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى،ھەدىسىلا يۈز-كۆزلىرىنى تاتىلاپ يارا قىلىدىغان،دائىم تاغ تەرەپكە قاراپ قاچىدىغان بولىۋالدى،كىيىن تومۇرىنى كېسىپ ئۆلىۋالدى،ئۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى،بىز شۇنداق قىيىندا ئاجراتتۇق،ئاپامنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا دىگەن گېپى ھازىرمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ«قىزىم،تېز قاچقىن،كەينىڭدە بۆرە بار،تېز قاچقىن!»،ئۇ شۇنداق قىلىپ مېنى تاشلاپ كەتتى،كىيىن مومام بىلەن ئىككىمىز زاراتگارلىقنىڭ يېنىدىكى كونا ئۆيىمىزگە كۆچۈپ كەتتۇق نىمىشقا ئۇ يەرگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنمىزنى مەنمۇ بىلمەيمەن،مومامنىڭ ئاتامدىن باشقا بالىسى يوق ئىدى،ئاتام يېزا كادىرى بولغاچقا ھۆكۈمەتتىن بېرىدىغان ئازغىنە نەپىقە پۇلى بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق،مەھەللىدىكىلەر نۆۋەتلىشىپ ئۇن-ياغ،گۈرۈچ دىگەندەكلەر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بىزگە ئەكىلىپ بېرەتتى.ھەر قېتىم ھېيت-ئايەم،نورۇز كۈنلىرى زاراتگارلىققا كەلگەنلەر گۆش دىگەندەك نەرسىلەرنى بىزگە ئالغاچ كىلەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مومام بىزنىڭ يۇرتتىكى خېلى داڭلىق داخان ئىدى،ئۇنىڭدىنمۇ ئانچە-مۇنچە كىرىم قىلاتتى.
-ئەمىسە ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قانداق قىلدىڭىز؟
-تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپلا دەرستىن سرت ۋاقىتلاردا ئىشلەپ ئازراق پۇل يىغقان،ئاندىن كىيىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن تۆلىۋالدىم
ئازادەنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاينىگارنىڭ  ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ھېسداشلىقى تېخىمۇ ئاشتى.
-كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىپسىز سىڭلىم،مەن ئامال قىلىپ سىزنى «قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار»تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويىمەن،بۇنداق بولغاندا ئوقۇش پۇلىڭىزنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ تۆلىۋالالايسىز،ياخشى ئوقۇسىڭىز مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار،شۇلار ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى غەم قىلمايسىز،ئەمدى تۇرمۇش خراجىتىڭىزغا كەلسەك...ئۇنىڭغىمۇ بىر ئامال بولۇپ قالار،خاتىرجەم بولۇڭ مەندەك ھەدىڭىز بار.
-رەھمەت،ھەدە،تۇرمۇش پۇلۇمنى ئۆزۈم ئامال قىلىمەن،ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن بېرىدىغان كاپالەت پۇلى بار،ئۇنىڭدىن باشقا دەرسلەرگە سەل ئۆزلىشىۋالغاندىن كىيىن مەكتەپ ئەتراپىدىن ئىش تاپسام بولىدۇ.
-غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا ،سىڭلىم،بۇنى ماڭا قويۇپ بېرىڭ،بىز بايا قەھۋە ئىچكەن جاي مېنىڭ ئوغۇل دوستۇمنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ،مەن ئوغۇل دوستۇمغا دەپ قويسام سىز شۇ يەردە ئىشلىسىڭىز بولىدۇ،ئەتىلا سىزگە جاۋابىنى بېرەي ،بىراق سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىڭىز ئوقۇش،ئەگەر ئوقۇشتا يىتىشەلمەي قالسىڭىز مەن سىزنىڭ خىزمەت قىلىشىڭىزنى چەكلىۋېتىمەن،چۈشەندىڭىزمۇ؟!
-رەھمەت،ھەدە،سىز ھەقىقەتەن ياخشى ئادەمكەنسىز...،ئازادە شۇنداق دەپ مىچىلداپ يىغلاپ كەتتى،ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇنغىچە مۇڭدىشىپ بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قېلىشتى.
3
گەرچە بۇ ھەيۋەت شەھەردە تاڭ سەھەردىن دېرەك بېرىدىغان خوراز ياكى قۇشلار بولمىسىمۇ، قۇياش ئالتۇندەك نۇرىنى زىمىنغا سېخىيلىق بىلەن چېچىپ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.ئازادەمۇ ئاشۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتارىدا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ سەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن قېنىپ نەپەسلەندى.ئۇ تېلفۇنىنى ئېچىپ سائەتكە قارىماقچى بولغانىدى،بىر نەچچە قىسقا ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بايقىدى.
«قەدىرلىگىم،كەچۈرۈڭ،بايا بەك ئاشۇرۋېتىپتىمەن،ئەسلى مېنىڭمۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرگۈم يوق ئىدى،بىراق...بولدىلا،ئىشقىلىپ مەندىن ئۆتتى،ھارىز نەدە سىز؟ نىمىشقا تېلفۇننى ئېتىۋالىسىز؟! تېخىچە مەندىن رەنجىپ يۈرەمسىز؟!مېنى كەچۈرۈڭ،بولامدۇ؟!
                                        --سىزنى سۆيۈپ؛ئەزەھەر»
«ھەي ،جىنتەك،نىمىشقا تېلفۇننى ئېتىۋالىسەن،ماڭا باتناپ بېرىۋاتامسەن؟!بولدى ،كىچىك بالىدەك قىلىق قىلما،بىز سەندىن ئەنسىرەپ قالدۇق،تېلفۇنىڭنى ئېچىپلا ماڭا تېلفۇن قىل،بىلدىڭمۇ؟!
                                                      ---گۈلزادەم.»
«تېلفۇنىڭىزنى تېخىچە ئاچماپسىزغۇ؟!سىزدىن راستىنلا ئەنسىرەپ قالدىم،ياتىقىڭىزغا قايتمىغانسىز؟!ئۇ ياتاققا ھەرگىز قايتماڭ،تېلفۇننى ئېچىپلا ماڭا تېلفۇن قىلىڭ،بولامدۇ؟! سىزدىن ئەنسىرەپ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتىدۇ. سىزدىن ئۆتۈنەي،نىمىلا بولسا بىر خەۋىرىنى بېرىڭ،بولامدۇ؟!
                                                        --- ئەزەھەر»
         «بايا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟!سىزگە بىرەر ئىش بولمىغىيدى،ئىلاھىم
         سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن؟ بۇ دۇنيادا سىزدىن باشقا يەنە نىمە نەرسەم بار مېنىڭ،مېنى كەچۈرۈڭ ،قەدىرلىگىم،مەن خاتا قىلىپتىمەن،مېنى راستىنلا ئەپۇ قىلىڭ،
تېلفۇنىڭىزنى كۈتىمەن
                                  ----سىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ؛ئەزەھەر»
«راستلا خاپا بولۇپ قالغان ئوخشىمامسەن،بىز سەندىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدۇق،ئەزەھەر 5مىنۇتتا بىر قېتىم تېلفۇن قىلىۋاتىدۇ،تېزراق تېلفۇنىڭنى ئاچقىن،
ئۇچۇرنى كۆرۈپلا مەن بىلەن ئالاقىلاشقىن.
                          --- گۈلزادەم»
«مەن ھازىر مەكتىپىڭىزنىڭ يان ئىشىكىدە،كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى،تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەرگە كەلدىم،سىزنى ساقلاۋاتىمەن،ئۇچۇرنى كۆرۈپلا ماڭا تېلفۇن قىلىڭ،بىللە ناشتا قىلايلى، تېلفۇنىڭىزنى كۈتىمەن.
                   --- ئەزەھەر»
ئازادە بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى،نىمە قىلارىنى بىلمەي بېشى قاتتى.ئاخىرى يەنىلا گۈلزادەمگە تېلفۇن قىلىشنى توغرا كۆردى.
-ۋەي،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ئۇھ،تېلفۇنىڭنىىڭ ئاخىرى ئاچتىڭ،ئاخشام نىمىشقا تېلفۇنىڭنى ئېتىۋالىسەن.
-ئېتىۋالغۇم كىلىپ قالدى شۇ.
-ھەي... ھازىر نەدە سەن؟
-مەكتەپتە.
-ئەزەھەر سىلەرنىڭ مەكتەپتىكەن،ماڭا تېخى بايا تېلفۇن قىلىپتىكەن.
-بىلدىم،ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى كۆردۈم
-يېنىغا چىقامسەن؟
-بىلمىدىم،قانداق قىلسام بولاركىن.
-بىز ئىككىمىز سەندىن ئەنسىرەپ كېچىچە ئۇخلىمىدۇق،جاھىللىق قىلماي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى بىر خاتىرجەم قىلىپ قوي.
-ھېلى دەرسكە چىقىمەن،ۋاختىم يوق.
-جاھىللىق قىلما،ئازادە،دەرسكە چىقىدىغانغا تېخى خېلى ۋاقىت بار،ئۇنىمۇ ئويلاپ قويغىن.
-ئۇ مېنى ئويلاپتىكەنمۇ؟!...بۇگەپنى دەۋېتىپ ئازادەنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش سىرغىپ چۈشتى،بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى.
-ھېلىمۇ سېنى دەپ كېچىچە ئۇخلىمىدىغۇ!؟بۇنىڭدىن باشقا نىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى،سەنمۇ بەك ئاشۇرۋەتمە،ھېلىمۇ سېنى شۇنچە يىل كۈتتى.راست دەيسەن،
ئۇ بۇرۇن ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويغان ،بىراق ئۇ ئىشلار ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى،تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى ،ئازادە.
-...
-كۆڭلىڭنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلمەن،بىراق باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويغىن.
-نىمىشقا ئاخشام ماڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟! نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟
مەن سىلەرنى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم دەپ بىلىپ سىلەرگە دىسەم،سىلەر...
-كەچۈرگىن،بىز خاتا قىلىپتۇق،ئەزەھەرمۇ قىلغىنىغا بەك پۇشايمان قىلدى،ئاخشام يەنە ئىچىۋاپتىكەن،كېچىچە ماڭا دەرت تۆكۈپ بەرى.
-ئۇنىڭ قولىدىن شۇنىڭدىن باشقا يەنە نىمە ئىش كىلەتتى.
-ئۇمۇ سېنى دەپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ،ئەگەر ئۇ سېنى ياخشى كۆرمىگەن بولسا ئۇنچىلىك قىلىپ كىتىشىنىڭ نىمە ھاجىتى،سېنى دەپ يەنە تاڭ سەھەردە سىلەرنىڭ مەكتەپكە كەتتىغۇ ئەنە ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟! ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئەمەسمۇ ،ئازادە.كاللاڭنى بىر سىلكىۋەتكىن،مەن سېنى يېقىن دوستۇم،قېرىندىشىم دەپ كۆرۈپ بۇگەپلەرنى ساڭا دەۋاتىمەن
-بولدى سۆزلىمە،ھازىر كاللام بەك قالايمىقان،قانداق قىلىشىمنى ئوبدان ئويلىشىپ ئاندىن بىرنىمە دەي.
-ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالامسەن ياكى مۇشۇنداق ئۆتىۋېرەمسەن ،ئۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭ،مەن شۇ دوستۇڭ بولغاندىكىن ساڭا ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن،بىراق ھازىر چوقۇم ئۇنىڭ يېنىغا چىققىن.
-ماقۇل،مەن ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلاي.
-ئەمىسە چۈشتە مەن مەكتىپىڭگە باراي،بىللە تاماق يەيلى.
-بولىدۇ
-ماقۇل ئەمىسە ،خوش
-خوش ،اللاغا ئامانەت!
  ئازادە تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن قانداق قىلىش توغرىلىق ئۇزۇن ئويلاندى،
ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭمۇ ئەزەھەرنىڭ يېنىغا ئوتتەك چىققۇسى،ئەزەھەرنىڭ ئاغزىدىن
«مېنى كەچۈرۈڭ،مەن خاتا قىپتىمەن،جېنىم»دىگەن گەپنى بەك ئاڭلىغۇسى بار.
شۇنداق بولسىمۇ،ئۇنىڭ جاھىل مىجەزى بۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئىككى ياقىمىلىق خاراكتېرى خېلى بىر چاغقىچە تىركەشتى،ئاخىرى مۇھەببەت نەپرەتنى يېڭىپ ئازادە مەكتەپنىڭ يان دەرۋازىسىغا چىقىپ ئەزەھەرگە تېلفۇن قىلدى.
-ۋەي
-ۋەي ،نەدە سىز؟!
-يان ئىشىكتە،ئۆزىڭىزچۇ؟!
-مەنمۇ يان ئىشىكتە
-سىزنى كۆردىم
ئۇلار كۆرىشىپ مەكتەپنىڭ يېىدىكى كىچىك بىر ئاشىخانى كىردى.ئەزەھەر ئازەدەگە گەپ قىلدى.
-كىچىچە تىلفۇن قىلسام تىلفۇنىڭىز ئېتىك ئىكەن، گۈلزادەم بىلەن ئىككىىمىز سىزدىن بەك ئەنسىردۇق،بۇلۇپمۇ مەن بەك ئەنسىردىم.
ئازەدە ئەزەھەرنىڭ بۇ گىپىدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتى ئەمما چاندۇرماسلىك ئۇچۇن ؛
-تۆنۈگۈن ئۇ گەپلارنى سىلەرگە دەپ بەرسەم خۇددى مەسحىرە قىىلغاندەك ئىشەنمىدىڭلار ،كۆڭلۈمگە بەكلا كەلدى،،،،دىدى.
  بۇگەپتىن ئەزەھەر خىجىللىقتىن يەرگە قارىۋالدى،ئۇنىڭ بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بولسىمۇ،بىراق گپىنى قىلماي ئىچىگە يۈتىۋەتتى.
-كەچۈرۈڭ،تۆنۈگۈن سىزگە بەك قاتتىق تىگىپ قويۇپتىمەن،
بۇنىڭعا بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم ،مەن راستىنلا نىمە دىيىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم.سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنەي نىمىلا ئىش بولسا تېلفۇنىڭىزنى ئېتىلۋالمىسىڭىز،مەن بەك ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن،ماقۇلما؟!
-...
-مەن گەپ قىلىۋاتىمەن،ئازادە.
-ماقۇل
-يەنە بىر ئىش ،بىز ...
-بولدى،دەرس ۋاقتى بولۇپ قالدى،مەن سىنىپقا چىقاي،باشقا گەپلەرنى كىيىن دىيىشەيلى،-گەپنىڭ بېلىگە تەپتى ئازادە.
  ئەزەھەرنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى،ئۇلار ئىككىسى مەكتەپنىڭ يان ئىشىكىگە كەلدى،ئەزەھەر كۆڭلى يېرىم ھالەتتە ئازادە ئۇزۇتۇپ قويۇپ،تاماكىدىن بىرنى كالپۇكىغا قىستۇرۇپ كۈچەپ شورىغىنىچە مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدى.
  چۈشتىن كىيىن دەرستىن چۈشكەندە،ئاينىگار ئاپپاي ئازادەنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى.
-ئۇستاز،مېنى چاقىرىپتىكەنسىز؟
-ھەئە،قېنى كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، يېڭى ياتاقداشلىرىڭىز ھېلىلا كىرىدۇ.
-ھە،بولىدۇ ئەمىسە،ئازادە شۇنداق دەپ ئاينىگار كۆرسەتكەن ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى.
-خەنزۇچە سەۋىيىڭىز خېلى ياخشىكەن-ھە،基础汉语 ئۆتىدىغان مۇئەللىم سىزنى بەك ماختاپ كەتتى.
-ئانچە ئەمەس،ـ ئازادە خىجىللىقتىن تاتىرىپ كەتتى،ئۇ ئەمدىلا ئولتۇرۇپ تۇرىشىغا بىر نەچچە قىز بالا كىرىپ كەلدى.
-سالام ئۇستاز!-دېدى ئۇلار چۇرقىرىشىپ.
-كەلدىڭلارما،مەن تونۇشتۇرۇپ قوياي،بۇياق بولسا سىلەرنىڭ كەسپكە چىققاندا بىللە ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشىڭلار ئازادە بولىدۇ،
مەكتەپ رەھبەرلىكى ئويلىشىش ئارقىلىق سىلەرنى بىللە ياتسۇن دېدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىڭلار تۆت كىشىلىك ياتاققا ئالمىشىمىز دەپ جېدەل قىپتىكەنسىلەرغۇ؟!
-ۋىيەي،گۈلنىگار ئاپپاي،جېدەل قىلىپسىلەر دىگەنمۇ گەپمۇ؟! بىز شۇ ياخشىراق ياتاققا ئالماشساق،مۇھىت ياخشى بولسا ئۆگىنىشنى ياخشى قىلارمىزمىكىن دىگەن شۇ،سىزمۇ بىلىسىز تىببىي ئۇنۋېرستىتنىڭ دەرسلىرى بەكلا قىيىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنى يۇقىرى يىللىقتىكى بالىلار بىلەن بىر ياتاققا بۆلۈپ قويۇپ تازا ياخشى بولمىدى،ئۇ قىزلارنىڭ قانداقلىقىنى دىمىسەممۇ سىزگە ئايان،ئاپپاي،بىز شۇڭا ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كىتەيلى دەپ ئىنكاس قىلغانىدۇق،ـ دېدى پاكارغىنە ئاق پىشماق كەلگەن بىز قىزچاق.
  بۇ قىزچاق گەپ قىلغاچ ئازادەنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدىن بېشىغىچە قاراپ ئۈلگۈردى،ئاندىن قولىنى ئازادەگە سۇنۇپ؛
-تونۇشۇپ قالايلى،مىنىڭ ئىسمىم دىلبەر،قارامايدىن،ـدېدى.
ئازادەمۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ؛
-مېنىڭ ئىسمىم ئازادە،تۇرپان توقسۇندىن.
-مېنىڭ ئىسمىم ماھىرە ،قۇمۇلدىن.
-مېنىڭ ئىسمىم شەھىدە،كورلا لوپنۇردىن.
  تۆت قىزچاق كۈلكە-چاقچاق بىلەن ياتاق تەرەپكە قاراپ يول ئېلىشتى.
ئۇلار ياتاقنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىرىشىگە باشقا ياتاقتىكى قىزلار ياتاقلىرىدىن چىقىشىپ ئۇلارغا قاراپ بىرنىمىلەرنى دەپ كۇسۇرلاشتى.
   ئازادە ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىىغىلا قارا مۈشۈك«مياۋ» قىلىپ قىزلارغا قاراپ ئېتىلدى
-ۋاي،ئانام،دەپ ئارقىسىغا يىقلىپ چۈشتى ماھىرە
باشقىلارمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى،ئازادە بېرىپ مۈشۈكنى قولىغا ئېلىۋالدى
-سىز باققان مۈشۈكمۇ؟! دەپ سورىدى شەھىدە.
-ھە...ياق،ياتاقتا پات-پات پەيدا بولۇپ قالىدۇ،مەن ئانچە-مۇنچە يەيدىغان نەرسىلەرنى بېرىپ قويىمەن. ماھىرەمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىلىپ مۈشۈكنىڭ بېىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ؛
-جىنتەك،خويمۇ قورقۇتتۇڭ ئادەمنى،كىلە مەن سېنى كۆتۈرەي،-ماھىرە ئازادەنىڭ قولىدىن مۈشۈكنى ئېلىپ ياتاققا كىردى.
-خان ئاچا،نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى يەنە مەن كۆتۈرەمدىم؟-دېدى شەھىدە ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىپ.
-بولدى،مەن كۆتۈرەي،-ئازادە شۇنداق دەپ ماھىرەنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ ياتاققا ئېلىپ كىردى.
-مەن ماۋۇ دېرىزە تەرەپتىكىسىدە ياتىمەن،سىلەر قايسى ئورۇندا ياتساڭلار مەيلى،-دىلبەر شۇنداق دەپ نەرسە-كېرەكلىرىنى دېرىزە تەرەپتىكى كارىۋاتقا قويدى.
  قىزلار نەرسە-كېرەكلىرىنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ماھىرە چاچ سوپۇن بىرنەرسىلىرىنى ئېلىپ؛
-مەن بىر يۇيىنىۋالاي،بەك تەرلەپ كەتتىم،دىلبەر بەدەن سوپۇنىڭنى بېرىپ تۇرە،مېنىڭ بۇ قېتىم ئالغىنىم تازا ياخشى ئەمەسكەن،-دېدى.
-سىز يۇيۇنماقچىمۇ؟!مۇنچا... ،ئازادە بىرنىمە دىمەكچى بولدىيۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى. ئۇنىڭ يادىغا ئۆزى ياتاققا كىرىپ تۇنجى قېتىم مۇنچىدا كۆرگەن كۆرىنىش كەلدى.
-مۇنچا بۇزۇقمۇ؟!
-ياق،مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم،ئىسسىق سۇ چىقامدۇ بۇنى بىلمىدىم،-دېدى ئازادە خاتا ئىش قىلىپ قويغان بالىدەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.
-مەن كىرىپ قاراپ باقساملا بولمىدىمۇ،-ماھىرە شۇنداق دەپ مۇنچىغا قاراپ ماڭدى
ئۇ مۇنچىغا كىرىپ جۈمەكنى ئېچىپ سىناپ باققانىدى،ئىىسىق سۇ چۈشتى.ئۇ مۇنچىدىن چىقىپ؛-ئىسسىق سۇ باركەن،مەن ئالدىدا يۇيۇناي،يۇيۇنىدىغانلار بولسا مېنىڭ كەينىمدىن يۇيۇنىڭلار،-دەپ كىيىملىرى يېىشىپ كارىۋاتقا قويۇپ ئىچ كىيىملىرى بىلەن مۇنچىغا كىرىپ كەتتى.
-دىلبەر،ناخشا قويۇپ قويە،-دەپ مۇنچىدا تۇرۇپ ۋارقىرىدى ماھىرە.
-بولىدۇ،خان ئاچا،مۇزىكا ئاڭلىمىساڭ بالىمۇ تۇغالماسسەنمۇ كىيىن،-دېدى دىلبەر كومپىيۇتېرىنى قوزغاتقاچ.
  كومپىيۇتېردىن لەرزان مۇزىكا ئاۋازى چىقىپ تۇراتتى،ھەممەيلەن ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى،تۇيۇقسىز شامال چىقىپ ياتاقنىڭ دەرىزىسى تاقىلىپ قالدى،ئازادەنىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك قىلدى.
ماھىرە سۇنىڭ ئاستا-ئاستا قىزىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قولىنى سۇنۇپ جۈمەكنى بۇراپ سۇنى سوۋۇتماقچى بولدى-يۇ،سۇ يەنىمۇ قىزىپ كەتتى،ئۇ تۇيۇقسىز تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشتى،جۈمەكتىن چۈشۈۋاتقان سۇ قايناقسۇدىنمۇ قىززىق چۈشۈشكە باشلىدى ئۇ ھەرقانچە تىركىشىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى،ئۇ ئازاپقا چىدىماي چىرقىرىۋەتتى،ئازادە يۈگۈرۈپ بېرىپ مونچىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى،كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ قولى بىلەن ئاغزىنى ئېىتىۋالدى،ماھىرە پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ھالەتتە ياتاتتى،جۈمەكتىن توختىماستىن قان ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى،
باشقا قىزلارمۇ نىمە بولغاندۇ دەپ يۈگۈرۈشۈپ كەلدى،دىلبەر ماھىرەنى قولىدىن تارتىپ مۇنچىدىن چىقىرىۋالدى،ئازادە مۇنچىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى،بىر ئوغۇل بالا يۈز-كۆزى قان ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ سوغۇق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى،«ئاھ!تەڭرىم!» دەۋەتتى ئازادە ئىچىدە.بۇ باشقا بىرى ئەمەس ،ئازادە ياتاققا تۇنجى كىرگەندە كۆرگەن ھېلىقى بالا شۇ ئىدى...تۇيۇقسىز ئۇ بالا مۇنچىدىن چىقىپ ئازادەگە قاراپ مېڭىپ كەلدى،يەنە تېخى قولىدا قان تامچىلاپ تۇرغان پىچاقمۇ بار ئىدى،ئازادە دەرىزە تەرەپكە قاراپ قاچماقچى بولدى-يۇ،پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىپ زادىلا ماڭالمىدى،ھېلىقى بالا پىچاقنى كۆتۈرۈپ ئازادەگە ئۇرماقچى بولغانىدى ئازادە قورقۇپ ھوشىدىن كەتتى...

مۇھەممەتجان خېۋىر تاۋارىم www.tawarim.com

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:17:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىسمىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ،داۋامىنى ساقلايمىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 04:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توراداشلار خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بىر نەچچە كۈن يېڭى قىسمى يوللانمايدۇ توغرا چۈشىنىڭلار

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104400
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-3-4
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 10:16:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئەڭ يېڭى قوقۇنچلۇق پوۋېست قارا سايە

yawabora يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 04:47 PM
توراداشلار خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بىر نەچچە كۈ ...

شۇنداق قىززىقىپ ئۇقۇۋاتقانتىم.  داۋامىنى ساقلايمىز ئەمسە…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109333
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 11:12:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا قانچە كۈن ئۇقۇيالماسمىز داۋامىنى ،چاقانراق يۇللاڭ،ساقلاۋاتىمىز،بەك يارىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8469
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 05:33:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن دادىڭىز ھىكايە پوۋسىت يازسا بىر قېتىمدىلا تۇگىتىۋىتەتتى ،لىكىن سىز دادىڭىزنى قەتئى دورىماپسىز.

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9532
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 06:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
genralkirantis يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 05:33 PM
بۇرۇن دادىڭىز ھىكايە پوۋسىت يازسا بىر قېتىمدىلا تۇگىت ...

مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى بىراق خىزمەت ئالدىراشلىقى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى دىگەندەك ئىشلار بىلەن توغرا چۈشىنىڭلار.....ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك نازۇك يەرلىرىگە كەلدى قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا يازغۇم كەلمىدى

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 11:37:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawabora يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 06:13 PM
مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى بىراق خىزمەت ئالدىراش ...

چۈشىنىمىز ، بولسا بەك ئۇزۇن سوزىۋەتمەڭ ، بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن ئادەم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش