مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

ئاستاغىنە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 10:25:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاستاغىنە...

(غوجىمۇھەممەد)

بىر- بىر بېسىپ ئاستا كېلەي، ئاستا ئۆزۈم، ئاستاغىنە،
يارنى كۆرەي تۈڭلۈكىدىن، ئاستا كۆزۈم، ئاستاغىنە.  

ئويغانمىسۇن، دۇنيا دېگەن جادى خوتۇن ئويغانمىسۇن،
چاقىرما ئەي... ئۆزى تۇيسۇن، ئاستا  سۆزۈم، ئاستاغىنە.

يۇپۇق ياپقىن ئاي يۈزىگە قۇياش كەبى شەلپەر چېچىپ،
ئوت كەتمىسۇن ئايۋىنىغا، ئاستا يۈزۈم، ئاستاغىنە.

بەللىرىنى گۈل شاخىدەك ئەگگىن قولۇم، (مەن قورقىمەن)،
ئاھ، قوينۇمغا ئىختىيارسىز كىرسۇن گۈلۈم، ئاستاغىنە.

لەۋلىرىگە ئاپار لېۋىم ئابى ھايات پىيالەڭنى،
تۆكۈلمىسۇن يار لېۋىدىن ماۋى ئۆلۈم، ئاستاغىنە.

كەتكىن پۇتۇم يار ئۆيىدىن، (مەن كەتمەسمەن تا ئۆلگىچە)،
ئىشىكىدە قاراق بولۇپ قالسۇن كۆڭلۈم، ئاستاغىنە...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 10:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1018
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



      90 - يىللاردا بارات ئىمىن ئىسىملىك بىر ئادەم نەۋايىنىڭ يېڭى تېپىلغان غەزىلى دەپ : «باردىم جاناننىڭ قاشىگە بىر-بىر بېسىپ ئاستاگىنە،
        سەسكەندىيۇ چۆچۈپ قوپۇپ كىم سەن دېدى ئاستاگىنە.» دېگەندەكرەك باشلىنىدىغان بىر غەزەلنى ئوقۇپ بەرگەنىدى. سىزنىڭ شېئىرىڭىزنى كۆرۈپ، 20 يىللار ئىلگىرىكى شۇ ئىش ئېسىمدىن كەچتى. رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 10:37:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0000bahar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 10:03 PM
بۇ غەزەل قاراخاننىڭ ئەمەس، چوپانىنىڭ. «قەشقە ئەدەبىيا ...

قايسى چوپانى؟ ئىسىم فامىلىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە شۇ ژورنالدىكى شۇ ناملىق غەزەلنى بىرگە يوللاپ پىكىرىڭىزنى دەلىللەپ كۆرسىڭىز،مېنىڭ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ باققۇم بار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 10:40:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0000bahar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 10:05 PM
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=22882&extra=&page=2
بۇ ئادرېستىمۇ ب ...


توغرا بۇ ئادرېسقىمۇ مەن يوللىغان،بىراق بۇ شېئىر سىز دەۋاتقان قايسى چوپانىنڭ بۇ يەردە ئىككى ‹‹چوپانى››بولىشى مۈمكىن؟چوپانى ئىككى بولسا بىرى مەن،ئەگەر بىر بولسا يەنىلا  بىرى مەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 12:19 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 11:19:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0000bahar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 10:03 PM
بۇ غەزەل قاراخاننىڭ ئەمەس، چوپانىنىڭ. «قەشقە ئەدەبىيا ...

0000bahar سىز تەشەببۇس قىلغان چوپانى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى ژورنال  مۇندەرىجىسى ھەم ئەسلى ئەسەر بويىچە مۇنبەرگە يوللاپ باقسىڭىز ،بۇ يەردە بىر قاتار مەسىلىلەر بار،مەن  بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تورداشلارغا ئورتاقلاشماقچى قېنى سىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پىكىرىڭىزنىڭ يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 12:05:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىققان غەزەل !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 05:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 11:19 AM
0000bahar سىز تەشەببۇس قىلغان چوپانى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر ئەس ...

قاراخان ئەپەندى، سىز يازغۇچىلار تورىغا يوللىغان «ئاستاغىنە» ناملىق غەزەلنى كۆرۈپ ھەم سۆيۈنگەن، ھەم ھەيران قالغان ئىدىم. سۆيۈنگىنىم مەن بۇ غەزەلنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئەينى ۋاقتىدا «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 3-سانىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغان ئىدىم؛ ھەيران قالغىنىم، توردا ئاپتورنىڭ ئىسمىغا «قاراخان» دېگەن نامىڭىزنى يېزىپسىز ھەم ئەسەر ئاخىرىدا ھېچقانداق بىر مەنبەئەنى ئەسكەرتمەپسىز. شۇڭا مەن سىزدىن: «بۇ غەزەل قاراخاننىڭمۇ ياكى چوپانىنىڭمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىم. سىز «چوپانىنىڭ» دەپ بېرىپسىز. مەن، قاراخان ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاپتورنىڭ ئىسمى كېلىدىغان يەرگە «قاراخان» دەپ يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ، قاراخان بۇ غەزەلنىڭ ئاپتورىنىڭ «چوپانى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىپتۇ، دەپ ئويلىدىم.
بىراق، سىز ئەتىسى بۇ غەزەلنى مىسرانىم تورىغىمۇ يوللاپسىز، ئاپتورنىڭ ئىسمىغا يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ نامىڭىزنى يېزىپسىز، ھېچقانداق مەنبەئەنىمۇ ئەسكەرتمەپسىز. ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۇچۇرۇپ – ماختاشلىرىدىن مەستخۇشلىنىپ «ياق، بۇ غەزەل مېنىڭ ئەمەس، چوپانىنىڭ» دەپ تورداشلارغا ئەسكەرتىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپسىز. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنىڭ ئېھتىيارتسىزلىق ئەمەس، قەستەنلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. سىزنىڭ «بۇ غەزەل چوپانىنىڭ» دېگىنىڭىز ئەسلى «بۇ غەزەل مېنىڭ، چوپانى دېگەن مانا مەن» دېگىنىڭىز ئىكەن. شۇڭا مەن مىسرانىم تورىغا (https://uyghur-archive.com/misranim/thread-130572-1-1.html): «بۇ غەزەل قارىخاننىڭ ئەمەس، چوپانىنىڭ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان» دەپ مەنبەئەنى ئەسكەرتكەن ئىدىم. بىراق سىز بۇنىڭغا قايىل بولماي، مىسرانىم تورىغا: «قايسى چوپانى؟ ئىسىم فامىلىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە شۇ ژورنالدىكى شۇ ناملىق غەزەلنى بىرگە يوللاپ پىكىرىڭىزنى دەلىللەپ كۆرسىڭىز، مېنىڭ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ باققۇم بار...»، «توغرا بۇ ئادرېسقىمۇ (http://bbs.xjzjxh.com/forum.php? ... p;extra=&page=2) مەن يوللىغان،بىراق بۇ شېئىر سىز دەۋاتقان قايسى چوپانىنڭ، بۇ يەردە ئىككى ‹‹چوپانى››بولىشى مۈمكىن؟ چوپانى ئىككى بولسا بىرى مەن، ئەگەر بىر بولسا يەنىلا  بىرى مەن...»، « 0000bahar سىز تەشەببۇس قىلغان چوپانى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى ژورنال  مۇندەرىجىسى ھەم ئەسلى ئەسەر بويىچە مۇنبەرگە يوللاپ باقسىڭىز، بۇ يەردە بىر قاتار مەسىلىلەر بار، مەن  بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تورداشلارغا ئورتاقلاشماقچى قېنى سىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پىكىرىڭىزنىڭ يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز... » دەپ ئارقا ئارقا ئىنكاس يېزىپ، مېنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىپسىز.
سىزنىڭ بۇ ئىنكاسلىرىڭىزدىن تېخىمۇ ھەيراپ قالدىم. چۈنكى مەن ئەدەبىيات سېپىدە «چوپانى» تەخەللوسلۇق ئىككى شائىر (يازغۇچى)نىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ بىلىدىغىنىم «سەمەندەر»، «ياغاچ مېدال» ناملىق رومانلارنىڭ ۋە بىر تۈركۈم شېئىرلارنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى.
مەن تەلىپىڭىزگە كۆرە دەلىل – ئىسپاتلارنى يوللىدىم. يەنىلا «ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىدە بىرلا چوپانى بار، ئۇ بولسىمۇ مەن، چوپانىدىن ئىككىسى بولسىمۇ ئۇنىڭ بىرى يەنىلا مەن» دېگەن قارىشىڭىزدا چىڭ تۇرسىڭىز، سىزمۇ دەلىل – ئىسپاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ. بۇ «غەزەل»ىڭىز قاچان، قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان؟ ھەقىقەت ئايدىڭلىشىپ كەتسۇن.  


سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 05:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
QQ图片20141027173714.jpg

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 05:40:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
QQ图片20141027173927.png

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 05:43:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
QQ图片20141027174145.jpg

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش