yollar يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 07:43 PM
توغرا دەيسىز، سىزدەك چىۋىنلار خەقنىڭ نەرسىسىگە بەكرە ...
يوللار ئۇكا مەن ساڭا بىر قېتىم يول بەرگەن ،ئەل ئارىسىدا ‹‹يول قويغانغا قول قوي››دىگەن گەپ بار،مېنىڭ ئىككى غەزەلنى ئۆز نامىمدا ئېلان قىلىشنىڭ ئىلمى ئاساسى تولۇق،مەن بۇ ئەسەرنى مېنىڭ دىيىش ئارقىلىق يىلاننى ئىنىدىن ،قىلىچنى قىنىدىن چىقىرىش ھىلىسىنى ئىشلىتىپ ھەم ‹‹سەھەر››خانىمنىڭ چىشىغا تېگىپ ئۇنى دەلىل ئىسپاتنى كۆرسىتىشكە قىستىغىنم راست،چۈنكى مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇ غەزەللەرنى ئۇرايىم پولاتنىڭ دەپ قارىغاچقا،ئادەم ئۆلگەن بىلەن ئۇنىڭ ۋەسىلىرى ئۆلمىدى ،ھەقىقەت ئۆلمىدى،سەن بىر تۇغما بىئولوگ بولمىغاندىكىن ياكى مەن سېنىڭ شىرنىلىك يېرىڭگە قونىۋېلىپ پېتىغلىمىغاندىكىن ئادەمنى ‹‹چىۋىن››دەپ ھاقارەتلىسەڭ بولمايدۇ،سەن مەرت بولساڭ نام شەرىپىڭنى ئاشكارىلاپ مەيدانغا چىق ،مەنمۇ مۆكۈپ يۈرۈپ ساڭا خىرىس قىلمىغاندىكىن،........كۇرىكىڭ يېشىلگىچە سەن بىلەن ئويناشقا تەييارمەن ،بۆرە قېرىغان بىلەن بىر قويچىلىك ھالى يوق ئەمەس،‹‹ھەقىقەتنى ھېچكىم گۆرگە تىقالماس ،تىققان بىلەن ئۆزى گۆردىن چىقالماس ››دىگەننى ئاڭلىمىغان بولغىيتىڭ.ئاقىل ئادەم ئۆز ئىشىنى ئۆزى ئوڭلايدۇ،ناداننىڭ ئىشىنى تەڭرى ئوڭلايدۇ،مەن بۇ ئىشتا دادىل،ئوچۇق ئاشكارا،سەمىمى يول تۇتۇپ مەسىلىنى ھەل قىلدىم،بېشى ئاغرىغان يىلاندەك يولدا يېتىۋېلىپ نەشتىرىڭىنى تىقىپ زەھىرىڭنى چاچماي ،ئېلىشىڭ بولسا دە ،بېرىشىڭ بولسا بە.ئوغۇل بالىدەك ياشىساڭ ئاناڭمۇ سەندىن خۇش بولۇپ قالىدۇ،تېرىق تۇلۇمدا يىتىم بۇلۇڭدا دەپ داۋامەت دالدىدا داڭگال ئېتىپ يۈرمەي،ئۆچكە تالغا ،سودىگەر مالغا سەن ئەجەپ سۇئالغا تويمايدىغان بالا ئىكەنسەن،يازغۇچىلار تورىغا كىرىپ مەسىلە ھەل بولدى،بۇ ئىشقا چات كېرىپ سالا قىلىشقا سېنىڭ شەرت سالاھىتىڭ توشمىغاندىكىن سىيىپ كىرىپ ئۇخلىمامسەن ئۇيقۇڭنى ئاداش.