0000bahar يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 10:11 AM
يازغۇچىلار تورىدا قاراخاننىڭ ئىككى غەزەل توغرىسىدا يا ...
ئايرىم كۆرۈش
2 سائەت ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (71.96 KB)
2 سائەت ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (71.97 KB)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاغىلىق دىيارىنىڭ ئوتلۇق غەزەلخانى ‹‹قەلىمى چاپقۇر ،ئەقلى تاپقۇر ››مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى ئاكا ،بوزقىر دىيارىدىكى ئىنىڭىز ‹‹قاراخان››دىن سىزگە سەمىمى سالام!سىزنىڭ ‹‹ئىككى غەزەل››ھەققىدىكى ياخشى سۆزگە قۇلاق يامان سۆزگە ياماق سالغان ئېسىل پەزىلىتىڭىزگە تەھسىن ئوقۇپ ،سىزنى ئوتتۇرىغا چىقسىكەن دىگەن ئىزگۈ خىيالغا ئەسىر بولغىنىمدا يەردىن ئۈنگەندەك پەيدا بولغانلىغىڭىزدىن ‹‹دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار كېلىشسە سوتچىغا نىمە قالار››دىگەن ئويدا بولدۇم.ھېساپ كىتاپ قىرىق يىلدا باغدادتىن ،قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدا ئەتراپتىن تارايدۇ،يۇقۇرىقى مۇبارەك قوليازمىنىڭ مۇئەللىپى بولغانلىغىڭىزنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن...
ئويلىسام
مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى
شاھ سەنەم دەپ سۆيگىنىم بىر پەس ئىكەنغۇ ئويلىسام ،
ئىسمى <<گۈل>>قەلبى تىكەنلىك خەس ئىكەنغە ئويلىسام .
تاشلىسا قاسراق دىلى <<قۇت>>دەپ ئۇنى جۇغلاپتىمەن ،
يىغقىنىم قۇت -شان ئەمەس،نەس ئىكىنغۇ ئويلىسام .
باي تۇرۇپ بولدۇم دىۋانە شۇل سەۋەپتىن نەس بىسىپ ،
قەلبىدىن دۇر سۈزمىگىم بەك تەس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
<<مىڭ بۇلۇپ ياشناپ كېتەتتى ،شەپقىتىمدىن بىر جېنىڭ>>
_ئاشۇ سۆزنى ئۇ دېگەندە ،مەس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
مېھىر -شەپقەت ھەققىدە بەرگەن ماڭا ئۆز ۋەدىسىن ،
جىن -شاياتۇن سۆزلىگەن ۋەز-دەرس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
يايرىدى توۋا يىقىلسام ،شان قازانسام كارى يوق ،
<<قۇت >>بىلەن پۇتلاشقان زەپ چەبدەس ئىكەنغۇ ئويلىسام .
باغرىدا بىلمەي بۇلارنى يايراپ-كۈلۈپ ئويناپتىمەن ،
سۆيگۈسى ئەپيۇنسىمان ئەتكەس ئىكەنغۇ ئويىلسام .
<<ئاي زاتىنى >>ئىزلە ئەندى تاپ تەسەللى ئەي نادان ،
<<گۈل>>مېنى ،<<ئاي >>باشقىنى سۆيمەس ئىكەنغۇ ئويىسام .
2014-يىلى29-ئۆكتەبىر
ئاستاغىنە ...
مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى
چارلاشقا كەتكەن سەلكىنىم بەرگەچ خەۋەر ئاستاغىنە،
تۇردۇم كىيىكتەك لىككىدە ئاپپاق سەھەر ئاستاغىنە.
بىر پەس تېڭىرقاش ئىلكىدە باقسام ساماغا تەلپۈنۈپ،
ئىلھام -شىجائەت ياغدۈرۈپ كەلدى قەمەر ئاستاغىنە.
نەرگىسكە ئوخشاش جىلمىيىپ چولپاننى ھەيران قالدۇرۇپ ،
ئۇچتۇم ئۈمۈدتىن بەلگە چىڭ باغلاپ كەمەر ئاستاغىنە.
كىرپىكلىرىڭنىڭ بەرگىگە قونسام سۈزۈك شەبنەمسىمان،
ئوتلۇق كۆزۈڭ ئوت چاچرىتىپ تۇغدى خەتەر ئاستاغىنە.
شۇدەم ئېرىپ جىسمىم سىماب يەڭلىغ ئېقىپ ‹‹ۋاي-داد!››دىدىم،
‹‹ھۇررا!››دىگەچ ئىشقىڭ يەنە يۇتتۇم زەھەر ئاستاغىنە.
ئوت يالمىغان قىلدەك گويا ئاھ تولغىنىپ ياتقاچ دىدىم،
‹‹قالماس ئىدى ھېچ ئارمىنىم سۆيسەڭ ئەگەر ئاستاغىنە››...
ئاغرىپ ئىچىڭ سۆيدۈڭ مېنى ،تارقاپ زەھەر كۈلدى جېنىم،
مېھرىڭ بىلەن چۆلدەك دىلىم بولدى شەھەر ئاستاغىنە.
بىر شەپقىتىڭ مىڭ بوپ يانار تاغلىق چوپانى قەلبىدىن،
كۈيلەپ سېنى يازدى بۈيۈك يۈكسەك ئەسەر ئاستاغىنە.
2014-يىلى 29-ئۆكتەبىر
لېكىن قول قولنى شەرىئەت يولنى تونۇيدىغان بولغاچقا بىرنەچچە نازۇك ،سالاۋات قىلىشقا بولمايدىغان نۇقتىدا سىزگە ۋە تورداشلارغا ئەسكەرتمە بېرىشكە ھەددىم بار دەپ قارايمەن.
بىرىنچى مەسىلە :
مەن كىشىنىڭ بېغىدىن ياكى باغۋەن بولمىش سىزنىڭ قوينىڭىزدىن ۋە ياكى ئاتالمىش ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››نىڭ 1994-يىللىق 3-سانىدىن بۇ ئەسەرنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىققان ياكى ئۇنىڭدىن قۇرمۇ قۇر كۆچۈرىۋالغان ئەمەسمەن،چۈنكى مەن ژورنال ئوقۇشقا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس ،بەلكى رومان ،شېئىر توپلاملىرى ۋە ئوبزور -ماقالە كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن،شۇڭا مەن سىزنى ،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ بۇ ئەسەرگە سوغۇق قول تەككۈزۈپتۇ دىگەن پىتنە -پاساتلىرىغا قارىتا ھەر خىل ئەركەك -چىشى گۈمانلىرىغا قارىتا بىر ئەدىپ سۈپىتىدە ئىلمى قاراشتا بولۇپ ئۇ خىل داۋراڭنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇپ قالماسلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
ئىككىنچى مەسىلە:
مېنىڭ بۇ ئەسەرنى تۇنجى ئۇچراتقان ۋاقتىم 1995-يىلى ،مەن تارقاتقان ئورگنىال نۇسخا مۇشۇ ئىنكاسنىڭ ئۈستىدىكى مەرھۇم ئۇرايىم پولات تاغىنىڭ فوجۇركا نۇسخىسى،كۆرۈپ تۇرۇپسىز بۇ تەۋرۈك نۇسخا ماۋزۇسىز،ئىمزاسىز،يىل ئايسىز،مەنبەسىز،مەن ئۇنى مەرھۇمنىڭ غەزەل تىلى،سەرگۈزەشتىسى،تەپەككۈر مىقدارى ،شائىرلىق توپىسىغا قاراپ ئاددى ھەم يۈزەكى ھالدا ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئەسەر شۇنداقلا ئاخىرىدىكى ‹‹چوپانى››سۆزى ئۇنىڭ تەخەللۇسى دەپ يەكۈنگە ئېلىشتەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان سەۋەنلىكنىڭ قۇربانى خالاس،ئەندى ئۇنى 2007-يىلى بورتالا گېزىتىگە كېيىن ‹‹بوزقىر››‹‹ئالمىزار››‹‹مىسرانىم››تورلىرىغا بېرىپ كۆرسەتمىگەن يېرىم قالماي يەرمەنكە ئاچقانلىغىم ھەرگىزمۇ ‹‹مەدەنىيەت بوستانى››نىڭ ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز››نىڭ ياكى قايسى بىر تور تېلىۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىگە ساھىب، خېرىدار بولۇش ئىستىكىنىڭ ياكى نام شۆھرەت قازىنپ شائىرلىق تاجىنى كىيىشنىڭ ياكى بىردىنلا باي بولۇش چۈشىنىڭ تاماسى،دەستىكى ئەمەسلىگىنى سىزمۇ ئاڭقىرالايسىز،چۈنكى مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تامادىن ئۆلۈك ئەجرىمدىن تىرىك ئىنسانمەن .
بۇ غەزەل كىلاسسىك غەزەللەرنى نەزەرگە ئالمىغاندا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە مېنىڭ‹‹قوشاق››چىلىق ئىشتىياقىمغا تۇترۇق بولغان ئۆلمەس ئەسەر،مېنىڭ قولۇمدا ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى ››بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ كۆچۈرگەن ،ئوغۇرلىغان بولىمەن،بۇنداق دىيىش ‹‹كاللا دىسە پاقالچاق،پىشۇرۇپ بېرەي دىسە خام يەيمە››دەيدىغان نامرات كاللا زۇخۇيلارنىڭ جۆيلۈمىسى خالاس،مەن ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھەم مېنىڭ قولۇمغا تېگىش يوللىرىنى بىرنەچچە ئىنكاسىم ئىلاۋەمدە تەكرار دەپ ئۆتتۈم،سىز ۋە سەھەر خانىم يوللىغان دەلىل ئىسپات پاكىلار بۇ دىلو بىلەن باغلىنىشلىق ،قانۇنلۇق ،ئوبىكتىپ پاكىت بولغاچقا مەن ئۇنى سۆزسىز ئېتىراپ قىلىمەن ۋە ئەسەرنى سىزنىڭ نامىڭىزدا قايتا يوللىدىم.مەنمۇ ھەق سۆز ۋە ھەققانىيەتنىڭ تۇغما جارچىسى ،ھەق سۆزنى ئېيتىش كىشىلەرگە ياقمىسىمۇ ئاللاغا ياقىدۇ،بۇ مېنىڭ گەدىنىمگە گۇمان چۈشكەنلىكتىن ئاللانى شىپى كەلتۈرىشىم ئەمەس ئەلۋەتتە .
مەن نېگىزىدىن ئالغاندا شائىرلىق كوچىىسىدىكى تىجىمەل ئەمەس،مەن پەقەت ئوبزور ماقالىنىڭ خالتا كوچىسىدىكى ھەۋەسكارلار توپىنىڭ بىر ئەزاسى خالاس.بۇ يەردە مېنى بىلىپ-بىلمەي،قەستەن -سەۋەنلىك، ئاشكارا-يوشۇرۇنغا ئورالغان ئىجتىمائىلىق ۋە زامان ماكانغا باغلىق بولغان بىر تەسادىپى‹‹كومىدىيە››نىڭ رولچىسى دەپ چۇقان سېلىۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۇترۇقسىز ئىنكاسلىرى ئۈچۈن مەندىن پەشۋا يەپ،تۇمشۇقى ئېزىلگەن ۋە يېلى چىققان ھەزىلكەشلەر ئىكەنلىگىنى دەڭسەپ تۇرۇپتىمەن.
مېنى ‹‹ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى››ۋە ئۇنى ‹‹ئىجرا قىلىش چارىسى››نىڭ نامزاتلىقىغا كەچۈرۈم سوراشنى شەرت قىلىپ تاللىۋالسىڭىز ئۇنىڭغا چۈشمەيدىغانلىغىمنى يەنە بىر قېتىم دانىشمەنلىك پەللىسىدە تۇرۇپ قىياسىڭىزغا ئېلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .،مەن پەقەت ماۋزۇسىز،مەنبەسىز،يىل ئايسىز،ئىمزاسىز بىر ئامانەتكە باشقىلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ تۇرۇپ خالىغانچە چېقىلغان بىلىمسىز ۋە نەزەر دائىرىسى تار ‹‹روھى دىۋانە ››خالاس،مەن جەنۇپلۇق نۇرمۇھەممەت ئېركىنىڭ ،قۇبان ئىمىن شوخ ئەركىننىڭ ،ھاجى ئەخمەت كۆلتېكىننىڭ ،روزى سايىتنىڭ ،ئابابەكرى تۇيغۇننىڭ،تۇرغان ئالماسنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ تەرجىمىھالىنى كۆرۈپ پەقەت سىزنىڭكىنى كۆرمەي قالغان ‹‹رايۇن قوشاقچىسى››مەن ،ھەرگىزمۇ پىرىنسىپسىز ئەيىپلەش ياكى ھېسداشلىقنىڭ ئۆرلىتىپ چۆكتۈرىشىگە سۈكۈت قىلىدىغان ۋە يولسىز ناماقۇللۇقنىڭ بەدىلىگە تەڭداشسىز كەچۈرىمگە مۇشەررەپ بولۇپ ئۆزۈمنى ھەپسىدىن سەۋەپسىز قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسنىڭ كۈلكىسىگە ئەسرا قىلىدىغان بايقۇش ئەمەس دەپ بىلىمەن
ھەم سىزنىڭمۇ شۇنداق قاريدىغانغان دىت ئىستىداتىڭىزغا چىن پۈتۈگلۈكمەن.توغرىسى مەن ئالدىڭىزدا بىر تەجىربىسىز،بىلىمسىز ناداننىڭ قولۋىقىغا چىقىپ سەيلى ساياھەتنىڭ خەتىرىگە سەل قارىغان بىر تەۋەككۈلچى خالاس .ساغلام ئىمان،ساغلام تەن،مۇھتاجسىز تۇرمۇش سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە يار بولسۇن،ئىلمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولسۇن.2014-يىلى 29-ئۆكتەبىر