يازغۇچىلار تورىدا قاراخاننىڭ ئىككى غەزەل توغرىسىدا يازغان ئىلاۋىسىگە چوپانى ئەپەندى جاۋاپ بېرىپتۇ، كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قويدۇم.
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php? ... ;tid=22997#lastpost
مۆھتەرەم قېرىندىشىم قاراخان، مەرھابا! يىراق قاغىلىق دىيارىدىن سەمىمىي سالاملار بولسۇن!
سىز يازغۇچىلار تورى (
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php? ... p;extra=&page=1) ۋە مىسرانىم تورى (
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-130572-1-1.html)غا يوللىغان «ئويلىسام»، «ئاستاغىنە» ناملىق ئىككى «غەزەل»ىڭىزنى، بۇ ئىككى غەزەل ئۈستىدە تورداشلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرىلىرىڭىزنى ۋە «‹ئاستاغىنە›،‹ئويلىسام›غا ئىلاۋە»ڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. بۈگۈن سىزنىڭ ئۈچ كۈندىن بېرى يوللىماقچى بولغان «ئىككى غەزەلنىڭ چارەك ئەسىرلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە قىسمىتى»ڭىزنى ئوقۇپ، قولۇمغا قەلەم ئېلىش قارارىغا كەلدىم.
قېرىندىشىم قاراخان، بۇ ئىككى غەزەلنىڭ ئاپتورى پولات ئۇرايىممۇ، سىزمۇ ئەمەس، مەن _ مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى!
بۇنى تۆۋەندە قىسقىچە ئىسپاتلايمەن:
مەن بۇ غەزەلنى 1993-يىلى 2-ئايدا يېزىپ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلغان ئىدىم. ئەمما سىز «ئاستاغىنە»نى «بورتالا گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىدا، «ئويلىسام»نى «بورتالا گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىپسىز. ھەتتا يوللىمىغان تور بەتلىرىمۇ قالماپتۇ. بۇلاردىن مەن ھازىرغىچە خەۋەرسىز يۈرۈپتىمەن.
يۇقارقى پاكىت بۇ ئىككى غەزەل پولات ئۇرايىمنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ ئەمەس، پەقەت مېنىڭ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى مېنىڭ كەلگۈسىدىكى مەتبۇئاتلاردىكى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ياكى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئېلان قىلىنمىغان قوليازمىلارنى كۆچۈرۈلغۇدەك ئىلاھىي ئىقتىدارىم يوق. دېمەكچىمەنكى، مەن بۇ ئىككى غەزەلنى بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، يەنى ئۇرايىم پولات ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر يىل بۇرۇن، سىز «بورتالا گېزىتى»دە بۇ ئىككى غەزىلىمنى ئېلان قىلىشتىن 13 يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىدىم.
سىزنىڭ «ئىككى غەزەلنىڭ چارەك ئەسىرلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە قىسمىتى»دىكى ئۇرايىم پولاتنىڭ ئىمزاسىز، يىل، ئاي، كۈنسىز قوليازمىسى بۇ شېئىرنىڭ ئۇرايىم پولاتنىڭ ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى بۇ غەزەل 1994-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ئۇرايىم پولات 1995-يىلى 11-ئايدا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئىلىمخۇمار ئادەملەردە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەسەرلەرنى ساقلاش، خاتىرىسىگە كۆچۈرىۋېلىش ئادىتى بولىدۇ. ئۇرايىم پولاتمۇ بۇ غەزىلىمنى ياقتۇرۇپ ژورنالدىن كۆچۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق سىز ئاپتور نامى يېزىلمىغان بۇ ئىككى غەزىلىمنىڭ ئاخىرقى بېيتىدىكى «چوپانى» دېگەن تەخەللوسقا قاراپلا بۇ ئىككى غەزەلنىڭ ئاپتورىنى «ئۇرايىم پولات» دەپ ھۆكۈم چىقىرىپسىز. ئۇرايىم پولات بۇرۇن «چوپانى» تەخەللوسىدا ھېچبىر ئەسەر ئېلان قىلمىغان تۇرسا، سىز نېمىشقا پۇچۇركىغا قاراپلا بۇ ئىككى غەزەلنى پولات ئۇرايىمنىڭ دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلىسىز؟ پۇچۇركا كىمنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئاپتورى چوقۇم شۇ ئادەم بولامدۇ؟ ئاپتورى نائېنىق ئەسەرلەرنى ئۆتۈنۈپ بەرسە قوبۇل قىلماسلىقىڭىز، ئۆتۈنۈپ بەرگەندىمۇ ئۆز ئەجرىڭىز سىڭمىگەن ئەسەرنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى.
تورداشلارنىڭ: «بۇ ئىككى غەزەل سىزنىڭمۇ ياكى چوپانىنىڭمۇ ۋەياكى چوپانى دېگەن سىزمۇ؟» دېگەن سۇئالىغا، سىز: «قايسى چوپانى؟ بۇ شېئىر سىز دەۋاتقان قايسى چوپانىنىڭ؟ بۇ يەردە ئىككى ‹چوپانى›بولۇشى مۈمكىن. چوپانى ئىككى بولسا بىرى مەن، ئەگەر بىر بولسا يەنىلا بىرى مەن...» دەپ كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپسىز. ئەمما «ئىككى غەزەلنىڭ چارەك ئەسىرلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە قىسمىتى»دە: «چوپانى پولات ئۇرايىم...» دەپ بۇ جاۋابىڭىزنى بىردىنلا رەت قىپسىز. سىزنىڭ زادى قايسى گېپىڭىز راست؟
مەن ئەسەرلىرىمنى 1985-يىلىدىن بېرى «چوپانى» تەخەللوسى بىلەن ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. «چوپانى» مېنىڭ ئانا يۇرتۇم چوپان يېزىسىنىڭ مۇبارەك نامىدىن كەلگەن. مەن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىدە مەندىن باشقا «چوپانى» تەخەللوسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى – شائىرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئەگەر سىز بىرەر پارچە ئەسىرىمنى ئوقۇپ قالغان بولسىڭىز، «... چوپانى ئىككى بولسا بىرى مەن، ئەگەر بىر بولسا يەنىلا بىرى مەن...» دېمىگەن، ئاپتورى نائېنىق ئەسەرلەرنى ھېسسىياتقا تايىنىپلا «چوپانى پولات ئۇرايىمنىڭ تەخەللوسى بولۇشى مۇمكىن...» دەپ ئۇنى «بورتالا گېزىتى»دە ئۆز نامىڭىزدا ئېلان قىلىۋەتمىگەن بولاتتىڭىز. مەن بۇ يەردە «مېنىڭ ئەسىرىمنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك ئىدى» دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇش – ئوقۇماسلىق، ياقتۇرۇش - ياقتۇرماسلىق ئوقۇرمەننىڭ ئۆز ئەركىنلىكى.
قېرىندىشىم قاراخان، بۇ ئىككى غەزەلنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسىدە سىز ئېيتقاندەك ھېچقانداق بىر تېپىشماق ۋە مۇرەككەپلىك يوق. ئەگەر تېپىشماق ۋە مۇرەككەپلىك بار دېيىلسە، بۇ تېپىشماق ۋە مۇرەككەپلىكنى سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭىز، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرگەنلىكىڭىز كەلتۈۈپ چىقارغان، خالاس. ئەگەر مېنىڭ بۇ ئىككى غەزىلىمنى «ئۇرايىم پولاتنىڭ» دەپ قاراپ ئۆز نامىڭىزدا گېزىتلەردە، تورلاردا ئېلان قىلىۋەتكەنلىكىڭىز مەسئۇلىيەتسىزلىكلا بولۇپ قالماي، ئېغىر ئەخلاقسىزلىقتۇر. ئەگەر «...سەۋەنلىكتىن ئۆز نامىمدا ئېلان قىلىۋېتىپتىمەن...» دەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىز، بۇ ئىككى غەزەلنىڭ مېنىڭ ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلسىڭىز، بولدى، مېنىڭ باشقا گېپىم يوق. ناۋادا «بۇ غەزەللەرنىڭ ئاپتورى ئۇرايىم پولات ياكى مەن» دەپ ئۆز گېپىڭىزدە يەنىلا چىڭ تۇرۇۋالسىڭىز، «ئىككى غەزەلنىڭ چارەك ئەسىرلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە قىسمىتى»دە ئۆزىڭىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» بويىچە جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قالىسىز.