|
«تارانچى»، «ئۇيغۇر» ھەققىدە مۇنازىرەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, s5 }& J. K- I0 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- b& z4 @1 D) }5 c7 A7 d' u$ c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: O4 ~. s& j6 {/ B$ e
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 _* @! \% i6 V K& K 1917 — يىلى ئالمۇتىدا بىر ئاجايىپ ئىش يۈز بەردى. يەنى پۈتكۈل يەتتە سۇدا، چار پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى سوۋېت رۇسىيىسى تەۋەسىدە «مەركىزى تارانچى مىللىي ئىجرائىيە شۇراسى» قۇرۇلدى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكۈل يەتتە سۇ تارىخىدا ناھايىتى زور ۋەقە بولغانىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ تەشكىلاتچىلىرى ھەم باشلىقلىرى ئاسىموۋ، نەبىيىۋ، يۈسۈپوۋ قاتارلىقلار بولغانىدى. كېيىن بۇ «مەركىزى تارانچى مىللىي ئىجرائىيە شۇراسى» نىڭ رەئىسى ھۈسەيىنبەگ بولدى. ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇۋ مائارىپچى، ئەدەبىياتچى، تەشكىلاتچى ھەم ژۇرنالىست ئىدى. ئۇ «مەركىزى تارانچى مىللىي ئىجرائىيە شۇراسى»نىڭ تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە تۇنجى بولۇپ، «سادايى تارانچى» گېزىتىنى تەسىس قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* d% r+ p4 O- t( Q" M+ c( k نەزەر خوجا بۇ ئىككى ئىشتىن ناھايىتى خوشال بولدى. ئۇ بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى سىياسىي تەشكىلاتى دەپ بىلدى. «سادايى تارانچى» گېزىتىنىمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى گېزىت دەپ بىلىپ ئالەمچە سۆيۈندى. ئۇ ئەمدى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى قۇرغان سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتى، ئۆزى تەشكىللىگەن مەتبۇئاتى بار بولدى، دەپ خۇشاللىقىدا قىن — قىنىغا پاتماي قالغانىدى. ئۇ گەرچە ئۆزى ئويلىغان ئىشلارنى ئۆز قولى بىلەن ۋۇجۇداق چىقىرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى ھەم ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 C. U+ H( P( e ئۇنىڭ خۇشال بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ھەم «سادايى تارانچى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇۋ ئۇنىڭ ناھايىتى يېقىن ئاغىنىسى ھەم قەلەمدىشى ئىدى. ئۇ نەزەر خوجا قازان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ يۈرگەندە «ئۇيغۇر ئوغلى» تەخەللۇسى بىلەن ماقالە يازغاندا نەزەر خوجىغا «ئۇيغۇر ئوغلى» تەخەللۇسىنىڭ يەتتە سۇدىكى تارانچىلار ئارىسىدا قوشغىغان غۇلغۇلىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خەت يازغان ئاغىنىسى ئەشۇ ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇۋ ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! e1 J+ d7 l7 v% f! N( j: X6 h+ e
شۇ كۈنلەردە ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇۋنىڭ ئىناۋىتى ئۆسۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەمدى پۈتكۈل يەتتە سۇغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كاتتا ئەرباب ئىدى. ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى، قىلىشقا تايىن تاپقان نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* f/ u# ~& Z' m نەزەر خوجا قولىغا تەگكەن تۇنجى سان «سادايى تارانچى» گېزىتىگە بېسىلغان ماقالىلەرنى، شېئىرلارنى، مۇلاھىزىلەرنى ھوزۇر بىلەن ئوقۇپ ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇۋنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ئىدى. ھۈسەيىنبەگنىڭ ئىشخانىسى ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسى يەنە «مەركىزى تارانچى ئىجرائىيە شۇراسى»نىڭ مەھكىمىسى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى بىر ئۆي تەھرىر بۆلۈمى ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. E6 c# Q' L; E# ~ نەزەر خوجا ئىشخانىغا كىرىپ كەلگەندە ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇۋ باشتىن — ئاخىر بويىغا ئاق ھەربى كىيىم كىيگەن، بىر رۇس ئوفېتسىرى بىلەن مۇھىم بىر ئىش ئۈستىدە جىددىي مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرۇشقانىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 a+ }# `5 H7 v; T; h. O1 q — بولشىۋېكلاردىن بىزگە ۋاپا كەلمەيدۇ،— دېدى ھۈسەيىنبەگ ھېلىقى رۇس ئوفېتسىرىنى ئۇزىتىۋېتىپ، ئىشىكنى ھىم ياپقاندىن كېيىن جايىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەلدىكى قەغەزلەرنى ئۇياق — بۇياققا سۈرۈپ، ئۆزىگە — ئۆزى سۆزلىگەندەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Q( O1 S: I0 t6 P — بولشىۋېكلارنىڭ پەرمانىدا ياخشى گەپلەر باركەنغۇ! ھەممە مىللەتكە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ھوقۇق بېرىمىز، دەپتۇغۇ،— دېدى ھۈسەيىنبەگنىڭ سۆزىگە ئەجەبلەنگەن ھەم ھەيران قالغان نەزەر خوجا.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% l4 n! Z" o' R) p
— بولشىۋېكلار دېگەن كوممۇنىستلار، كوممۇنىستلار دېگەن خۇداسىزلار، ئۇلار خۇدانى تونۇمىغان يەردە قەغەزدىكى گەپلەرنى تونامدا؟! ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى بىر تىيىنغا ئالغۇسىز قىلىۋېتىپ قەغەزگە يەنە باشقا گەپلەرنى يېزىۋېرىدۇ. ئۇلارغا قارىغاندا ئاقلار ياخشىراق، ئاقلار ھەر ھالدا كىتابى كاپىرلار — دە، ئۆزىنىڭ كىتابىغا بولسىمۇ ئىقتىدا قىلىدۇ، خۇدانى تونۇيدۇ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ q5 j" a8 i8 `1 p9 n" S' N — سادايى تارانچى بەك ياخشى چىقىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم،— دېدى نەزەر خوجا گەپنى يۆتكەپ،— ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ مەتبۇئاتى، ئۆزىمىزنىڭ گېزىتى، ئۆزىمىزنىڭ تەشكىلاتى بار بولدى. قالتىس ئىش قىلىۋەتتىڭ جۇمۇ سەن، قالتىس ئىش قىلىۋەتتىڭ!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 [9 U) Q# N, x% e7 R
ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ نەزەر خوجىنىڭ گەپلىرىگە مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپلا قويدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى جىددى ھەم سالماق ئىدى. قاراشلىرى ئۆتكۈر بولۇپ، نەزەر خوجىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە، ھەر بىر سۆزىگە ئەستايىدىل دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, P% [8 O8 g) G( I3 O — قىلىدىغان ئىشلار تېخى كۆپ،— دېدى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ،— ئاۋۋال بولشىۋېكلارنى يوقۇتۇپ يەتتە سۇدا «تارانىستان قۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئاندىن ئىلى ئۆلكىسى، قەشقەرىيە، جۇڭغارىيەلەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئويلىشىش كېرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ k' |) D& W7 H, H) `% ]$ [* V
— سادايى تارانچى، تارانچىلار شۇراسى، دېگەننىڭ ئورنىغا تارانچىلارغىمۇ، ئالتە شەھەرلىكلەرگىمۇ ئورتاق بولغان بىر نام قويۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن،— دېدى نەزەر خوجا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# j) b7 z# @' x! z+ u5 f — تارانچى دېگەن ئۇ بىر مىللەت،— دېدى ھۈسەيىنبەگمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ،— بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلاتى، مىللىتىنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، مەدەنىيىتى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە تەشۋىقات يۈرگۈزىدىغان نەشىر ئەپكارى، گېزىتى، ژۇرنىلى، جامائەت ۋە باشقا تەشكىلاتلىرى بولمىسا بولمايدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% X Q& ]1 |, e1 Q — تارانچىلارنى مۇستەقىل مىللەت دېيىشكە بولمايدۇ، مەن بۇ ھەقتە جىق ئىزدەنگەندىن كېيىن، شۇنداق تونۇشقا كەلدىم،— كېسىپلا ئېيتتى نەزەر خوجا.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ H) S% K. i, B5 J
ئىشخانا ئىچىدە ھۈسەيىنبەگ بىلەن نەزەر خوجىدىن باشقا كىشى يوق ئىدى. نەزەر خوجا ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنلا ئوڭ تەرەپكە قويۇلغان ئوقۇش سىرلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، بالداقلىق ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ھۈسەيىنبەگ بولسا قارشى تەرەپتە، ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئۈستەلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇچلانغان قېرىنداشنىڭ ئۇچىنى بارماقلىرىغا قىسىپ، پىرقىرىتىپ ئولتۇراتتى. ئۈستەلنىڭ بىر چېتىگە يېنىدىن تولغايدىغان، يوغان قارا رەڭلىك تېلېفون قويۇلغانىدى. سول تەرەپتىكى تامغا تاقاپ قويۇلغان كىتاب ئىشكاۋى كىتاب، گېزىت — ژۇرناللار بىلەن تولغانىدى. ھۈسەيىنبەگ قولىدىكى قېرىنداشنى ئۈستەل ئۈستىدىكى قەغەزنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 E: }# w. E# A — مەن سېنىڭ يازغانلىرىڭنى، ئېلان قىلغانلىرىڭنى نەچچە قېتىمدىن ئوقۇپ چىققان،— دېدى ھۈسەيىنبەگ كىتاب ئىشكاۋى تەرەپكە ماڭغاچ،— سەن «تارانچى» دېگەن سۆز موڭغۇلچە سۆز، ئۇنىڭ مەنىسى «بۇغدايچى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىلىدىكى تارانچىلار ئالتە شەھەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر، دېگەندىن باشقىنى بىلمەيدىكەنسەن. يەتتە سۇ ھەم ئىلى تارانچىلىرىنىڭ ئەۋلادى ئۇزاق تارىختا، قەدىمكى دەۋرگە تۇتىشىدۇ. قەدىمكى زاماندا ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان قەبىلىلەرگە تۇتىشىدۇ. مانا قارا،— ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ كىتاب ئىشكاۋىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن خۇددى قەدىمكى دەۋردىن قېپقالغان كىتابلاردەك ۋاراقلىرىنىڭ قىرى تىتىلىپ كەتكەن، قېلىن، قەغىزى خۇددى ئىستا سارغىيىپ كەتكەندەك سېرىق بىر كىتابنى ئالدى — دە، ئۇنى ۋاراقلاپ ئوتتۇرىسىدىن بىر بەتنى ئاچتى،— مانا، مۇنۇ يەرلەرنى ئوقۇپ باققىنا، نېمە دەپتۇ،— ئۇ كىتابنى ئېچىقلىق پېتى نەزەر خوجىنىڭ ئىككى قولىغا تۇتقۇزۇپ قولى بىلەن ئېچىلغان بەتتىكى بىر بۆلەكنى كۆرسەتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ g7 k4 @* ?% K& A
«تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، تىللارنىڭ ئەڭ توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى، ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدۇر...».
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 r* o5 _) l! P# r7 y, \ — ھە، قانداق؟— سورىدى ھۈسەيىنبەگ،— ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ W4 v8 e; X5 C' N — بۇنى مەن چۈشەنمىدىم،— دېدى نەزەر خوجا،— بۇنىڭدا تىل توغرىسىدا سۆزلەپتۇ، تىل بىلەن تارىخ ئىككىسى باشقا — باشقا نەرسە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( w4 a# l6 E) ?! c — دېمىدىممۇ،— دېدى ھۈسەيىنبەگ بەكمۇ خۇشال بولۇپ،— سېنىڭ ئىزدەنگەن تارىخىڭ ئىشەنچىسىز دەپ. مانا، بۇ ھەقىقىي تارىخ،— ھۈسەيىنبەگ نەزەر خوجىنىڭ قولىدىكى كىتابنى ئاۋايلاپ ئالدى — دە، ئۇنى يېپىپ بېشىدىن ئېگىز كۆتۈردى. مانا بۇ «دىۋانۇلۇغەتىت تۈ*رك» دېگەن كىتاب. بۇ بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى يېزىلغان كىتاب. بۇ كىتابتا بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدا قەدىمكى تۈ*رك تىلىنى ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغان خەلقلەرنىڭ ياشىغانلىقى ئىسپاتلاندى. دېمەك ئۇلار ھازىرقى تارانچىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى، دېگەن سۆز. بۇ يەرنى يەنە بىر ئوقى،— ھۈسەيىنبەگ قولىدىكى كىتابنىڭ ھېلىقى بېتىنى يەنە ئېچىپ نەزەر خوجىغا كۆرسەتتى،— ... «ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدۇر»، دېگەننى ئوبدان ئوقى، سۆزنىڭ مەنىسىدىن ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدىكى خەلقلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر مىللەت بولغان بولسا ئۇلارنى ئايرىپ «ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدىكى خەلقلەر»، «ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر» دەپ ئايرىپ كۆرسەتمىگەن بولاتتى. دېمەك، ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدا قەدىمدىن ياشاپ كەلگەنلەر ھازىرقى تارانچىلار، قەدىمدە ئالتە شەھەردە ياشاپ كەلگەنلەر ھازىرقى ئۇيغۇرلار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' e# L+ j5 F4 _* z5 n2 R' q — يەنە بىر گەپ،— دېدى ھۈسەيىنبەگ ئىشكاپتىن باشقا بىر كىتابنى ئېلىپ ئاچقاندىن كېيىن،— موڭغۇل تىلىدا «چى» سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ ئىشلىتىلمەيدۇ، بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، تۆمۈرچى، كۆمۈرچى، دۇتارچى، تەمبۇرچى ... دېگەندەك. شۇڭا «تارانچى» دېگەن سۆز «تاران» بىلەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «چى» نىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان سۆز. ئۇنداق بولسا «تاران» دېگەن نېمە؟ مانا مۇنۇ يەردە «تاران» بىر خىل قورالنىڭ نامى. ئۇ سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ ... دېيىلگەنلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 W# j! d; }/ M2 P
ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ نەزەر خوجىغا ئۆزى كۆرسەتكەن يەرلەرنى ئوقۇپ بولغۇچە قاراپ تۇردى. ئاندى ئۇ كىتابنىمۇ ياپتى — دە، ئۈستىلىدىكى بايىقى كونا كىتابنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قولىنى ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# e3 @9 i, x& @9 R) r — مەن تاران دېگەن قورالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە جىق سۈرۈشتۈردۈم، ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلدىم. قەدىمكى جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. تارىخ كىتابلىرىنىمۇ قويماي ئاختۇردۇم. ئۇلاردا «تاران» دېگەن قورالنىڭ تۈزۈلۈشى تەپسىلىي سۆزلەنمەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ «تاران» دېگەن قورالنىڭ ئىككى خىلى بارلىقىنى بىلدىم. بىرى خۇددى بۇغدايلىقتا قاغا قورۇيدىغان سالمىغا ئوخشاش سېپىلغا تاش ئاتىدىغان قورال ئىكەن. ئۇ سېپىلغا يېقىنراق جايلارغا خۇددى ھازىرقى زەمبىرەكلەردەك ئورنىتىلىدىكەن. ئۇنىڭ تاش ئاتىدىغان تاختىسى قېنىن پەندىن ياسىلىدىكەن. ئۇ پەننى مەخسۇس كۆتەك ھارۋىغا ئوخشاش گەۋدىگە مۇقىملاپ ئاندىن ئۇ تاختاينى قايرىپ بەس قىلىپ بېسىپ، بېشىغا يوغان تاشنى قويۇپ ئىتتىك قويۇۋەتكەندە قايرىپ بېسىلغان تاختاي ئۆزىدىكى تاشنى سېپىلغا قارىتىپ كۈچ بىلەن ئاتىدىكەن. لەشكەرلەر قوشۇنىدا ئەنە شۇ قورالنى ياسايدىغان ھەم ئىشلىتىدىغان مەخسۇس لەشكەرلەر بولىدىكەن. خۇددى ھازىرقى پىيادە ئەسكەرلەر، توپچى ئەسكەرلەر دېگەندەك، ئۇلارنى «تارانچىلار» يەنى «تاران» دېگەن قورالنى ياسايدىغانلار دەپ ئاتايدىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ U( |* r4 U0 x/ h* `, J) N4 t) ]
«تاران» دېگەن قورال ھەققىدە يەنە بىرسى ماڭا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن زامانىدا يىراققا يۈرۈش قىلغان لەشكەرلىرىنىڭ قوشۇنىدا ئۈچ يۈز ئات سۆرەپ ماڭىدىغان، ئېگىزلىگى ھەيۋەتلىك بىر سېپىلنىڭ بارلىقىنى، ئۇ ھەرقانداق سېپىللاردىن ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن ئوقياچىلار سېلىنىدىغانلىقى شۇڭا ئۇنى شەھەر سېپىللىرىنىڭ يېنىغا ئەكەلسە، ئۈستىدىن تۇرۇپ سېپىلغا ئوق ياغدۇرغىلى بولىدىغانلىقى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ كۆچمە پوتەي، يۆتكىگىلى بولىدىغان سېپىلدەك بىر خىل كېلەڭسىز قورال ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئەنە شۇنىمۇ «تاران» دەيدىكەن. ئۇنى ياسايدىغان ھەم ئىشلىتىدىغانغا مەخسۇس لەشكەرلەر ئاجرىتىلغان بولۇپ ئۇلارنىمۇ «تارانچىلار» دەپ ئاتايدىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 g/ h ?3 w* h4 H' W: v! }! P' h
نەزەر خوجا ئويلىنىپ قالدى. ئۇ ھۈسەيىنبەگنىڭ ھەقىقەتەن ئىزدەنگەنلىكىگە قايىل بولۇۋاتاتتى. بىراق ئۇ تارانچىلارنى ئايرىم مىللەت قىلىشقا كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە زادىلا قوشۇلالمايتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( M1 |; y$ g$ O. I4 u8 O K- x3 K
— تىللىرى بىر — بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، ھەتتا دىنلىرىمۇ ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنى بىر ئومۇمىي تۈ*رك مىللىتى، دەپ كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلارمۇ بارغۇ،— دېدى نەزەر خوجا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ھۈسەيىنبەگنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ،— شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز تارانچىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت دېسەك، نېمىشى بولمايدىكەن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 F% g C; n/ ^9 l, W& r — بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ،— دېدى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ قولىنى سىلكىپ،— تارانچىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل شىۋىلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۆرپ — ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ، ناخشا — سازلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ، مىجەز — خۇلقىمۇ، مەدەنىيىتىمۇ، ئەدەب — قائىدىسىمۇ ئوخشىمايدۇ ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: l8 [5 V: V C' k/ _* D1 ~
نەزەر خوجا بىلەن ھۈسەيىن بەگ يۇنۇسوۋ ئوتتۇرىسىدىكى «تارانچى» بىلەن «ئۇيغۇر» ھەققىدىكى بۇ بەس — مۇنازىرىلەر 1918 — يىللىرىنى باشلىرى بولغانىدى، نەزەر خوجىغا شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسەيىنبەگ بىلەن كۆرۈشىدىغانغا پۇرسەت بولمىدى. سەۋەبى ھۈسەيىنبەگ شۇ يىللىرى باشلانغان ئاقلار بىلەن قىزىللار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگى — جېدەللەردە ئاقلار تەرەپتە تۇرۇپ قىزىللارغا قارشى چىققان ئىدى. شۇڭا قىزىللاردىن يېڭىلگەن ئاقلار غۇلجىغا قاچقاندا، ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋمۇ غۇلجىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: q* r: A7 @# _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ z6 ], q1 q: x7 L# o
|
|