مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

«ماتىماتىكا ھەممىگە قادىر»مۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13358
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7481 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:28:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق تورداش ،لاباچىۋىسكى ۋە رېمانغا ئوخشاش ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئىدىيەلىرى بىلەن  بوشلۇقنىڭ ئۆلچەم سانىنى ن ئۆلچەمگە  ئاشۇرۇپ بەرمىگەن  بولسا  ،ئىينىشتىننىڭ نىسبىلىك نەزىريەسى نەدە بىخلىنىپ ، نېمىنى دەلىل قىلار بولغىيتى؟؟؟؟؟؟؟؟ماتېماتىكىدىكى ئىككىلىك سېستىما ئىدىيىسى بولمىسا كومپىيۇتۇر بىر دوۋە تۆمۈردىن ئىبارەت ئەمەسمۇ ؟   سىز قارىغاندا ماتېماتىكىنى فورمىلا دەپلا چۈشۈنىۋالغان ئوخشايسىز .بەلكىم ئالى ماتېماتىكىنىلا ئۆگىنىپ توختاپ قالغانلىغىڭىز ئۈچۈن شۇنداق ئويلايىغانسىز .رەنجىگىلى بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 01:28 AM  


ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:25:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha تورداش، ئىتقانلىرىڭىز توغرا،مەن ئۇياكى بۇ ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلمىدىم. مەن ماتىماتىكا ھەققىدە ئەركىن پاراڭلىشىپ باقايلى دەۋاتىمەن،نۇقۇل ماتىماتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ بىر ئابىستىراكىت پەن.ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئابىستىراكىتلىغىنى باشقا بىرەر پەن بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولارمۇ،مەسىلەن لوگىكا بىلەن؟.لوگىكا بىلەن ماتىماتىكىنىڭ ئېنىق چىگىرىسى قەيەردە،ئۇرتاقلىغى ۋە خاسلىغى قەيەرلەردە؟.ئىنسانلارنىڭ لوگىكىلىق ئىدىيە تارىخى قەدىمىمۇ ياكى ماتىماتىكىلىق ئىدىيە تارىخى قەدىمىمۇ؟.
مەسىلەن«بوشلۇقنىڭ ئۆلچەم سانى»دىگەن مۇشۇ سۇزىڭىزدە جەمى «بوشلوق»،«ئۇلچەم»،«سان»دىن ئىبارەت ئۆچ ئۇقۇم بار.بۇ ئۇقۇملارنىڭ لوگىكىلىق ئېنىقلىمىسى بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنمۇ ياكى ماتىماتىكىلىق ئىپادىلىرى بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنمۇ؟.

يەنە مەسىلەن؛لوگىكا«نىمە؟»دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ،ماتىماتىكا «قانچە؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئىككىسىنىڭ قايسى مۇھىم؟.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 02:58 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4636
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 12:07:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مەسىلەن؛لوگىكا«نىمە؟»دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ،ماتىماتىكا «قانچە؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئىككىسىنىڭ قايسى مۇھىم؟.......................................
.
مەنتىقىسىز  سۇئا ل.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغرىسىدا چۈشەمچەمنى بايان قىلىپ باقاي ھە !
مەندىن يەكۈن شۇكى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ناچىرى ۋە داشقىلى پىكىر قىلمايدىغان كىشىلەر !
مەلۇم زاماننىڭ مەۋقەسىگە قارىتا توغرا پوزىتسىيەدە تۇرالمايدىغان ۋە زاماننىڭ مەۋقەسىنى توغرا تاپالمايدىغان ، شۇنىڭ بىلەن شۇ زاماننىڭ كىيىنكى مەۋقەسىگە سىلجىتقۇچى كۈچلەرنىڭ قىممىتىنى خورايتقۇچى كىشىلەر ، دەل پىكىر قىلىدىغان ، ئەمما ئىلگىرى ماتېمتىكىنىڭ باسقۇچلۇق سىنىپىنى نەتىجىلىك پۈتتۈرۈپ چىقالمىغان ۋە شۇ سەۋەبلىك كىيىنكى زاماننىڭ قىممىتىگە تەپەككۇرى يىتەلمىگەن سەۋەبلىك ، كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ توغرا لىنىيەسىگە كونا ئەقىدىنى سىڭدۈرۈش بىلەن دائىم بىر ئېقىننى بويلاشقا قىستىغۇچى كىشىلەر !
نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن ؟ دىسەڭلەر ، پەلسەپە بىلەن ماتېماتىكا روھىيەت جەھەتتە بىر بىرىگە قارشى كۈچلەردۇر ! كىمدە ماتېماتىكا قىممىتى كۈچلۈك بولىدىكەن ، ئۇنىڭ پەلسەپە قىممىتى ئاجىز بولىدۇ . بۇنىڭدەك كاللىدا شەيئىنىڭ قىممىتىنى توغرا تاپالماي قالىدۇ ، ئەسلى قىممىتىنى ۋە ھېكمىتىنى چۇۋۇپ چىقالمايدۇ . پەلسەپەگە قىممىتى بار بولغان كىشىلەردە بولسا ھەم ماتېماتىكا قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ . كىملەركى بۇ ئىككى قىممەتنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭىمەن دەيدىكەن ۋە كىشىلەر ئارىسىدا بەزى ئۈستۈنلۈك قىممىتىگە ئىگە بولۇپ قالىدىكەن ، بۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ زامانننىڭ مەۋقەسىنى تۇنۇش ۋە ئۇنى ئاقتۇرۇپ ئەسلى قىممىتىنى تېپىپ چىقىش كۈچى تولىمۇ زەئىپ ۋە سۇس بولۇپ ، دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە بۇلارنى قوللىغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىلەر ھامان زىيان تارتىدۇ . چۈنكى بۈگۈنكى زاماندا ئەتىدىكى زاماننى ماتېماتىكا بىلەن ھېسابلاپ چىققىلى بولمايدۇ بەلكى تەھلىلى كۈچ بىلەن يەكۈنلەپ چىقىلىدۇ ! تەھلىلى كۈچنىڭ زورىيىشى پەقەت بىر قېيىققىلا چۈشكەن ۋە شۇنىڭغىلا كۈچىگەنلەرگە مەنسۈپتۇر ! ئاللاھتائالا قۇرئانى كېرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ . شۇ ئايەتنىڭ ئەسلى قىممىتىدە ئۇنىڭ كىشىلەرنى مازاق قىلغىنى يوق . قۇرئان قارىماققا تارىختەك قىلغان بىلەن ، ئۇ ھەم بۈگۈندۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى تارىخ قىممىتىدە ئوقۇغۇچى ۋە چۈشەنگۈچى قۇرئاننى ئاساس قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ تەپەككۇر كۈچى ئىنتايىن تۆۋەن ۋە زەئىپلىكى چىقىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايىتى ئۈستىدە بولغىنىمىزدا ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى تارىخقا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشىگىلا ئېسىلىۋالماي ، ئۇنىڭ باشقا ھەم قىممىتى ئۈستىدە توختىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ . شۇ ئايەتتە ئاللاھ چۈشەندۈرۈپ ئېيتىدۇكى : [ ئىبراھىمنىڭ ( تەۋھىد بارىسىدا ) قەتئى ئىشەنگۈچەنگۈچەلەردىن بولىشى ئۈچۈن ، بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق ( 75 ) ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ : ‹‹ بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ›› دېدى . يۇلتۇز ( ئۇنىڭ قەلبىگە ) پېتىپ كېتىۋېدى ، ‹‹ ( ئۇنىڭ ئىلىمگە نەپسى تېخىمۇ چوڭايغانسېرى ) مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن ›› دېدى ( 76 ) ئۇ ( شۇ خىل ئىلىمگە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىگىچە ئىلىم بولغان ) ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى ( تېخىمۇ يۇرۇق بولغان ئىلىمنى ) كۆرۈپ : ‹‹ بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ›› دېدى . ئاي ( ئىلمىسى ) پېتىپ كېتىۋېدى ، ‹‹ ( ئۇ شۇ ۋاقىتتا چۈشەندىكى ) ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا ، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن ›› دېدى ( 77 ) ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ : ‹‹ بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ، بۇ ھەممىدىن چوڭدۇر ›› دېدى . قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى ، ئۇ ئېيتتىكى : ‹‹ ئى قەۋمىم ! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن ئادا - جۇدامەن ( 78 ). مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ ، ئاسمانلارنى ، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم ، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن ›› ( 79 ئەنئام ) ]
پەرۋەردىگار دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر لوغەت مەنىسى توغرىلىققا يىتەكلىگۈچى ۋە يىتەكلەشتە تىگىشلىك ئۇزۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى ....... دېگەن مەنالاردا بولۇپ ، كىملەركى ئۆزىگە ھامىي بولغۇچى قىممەتكە يۈزلىنىدىكەن ، شۇ كىشىنىڭ شۇ خىل يۈزلىنىشى ، ئىلىم تەلەپ قىلىشى شۇ كىشىنى ھامىي - ئىگە تۇتقانلىقى بولىدۇ . بۇ خىل ئىگە تۇتۇش بولسا ، قۇرئان تىلى بىلەن ئۇنىڭ شۇ خىل قىممەتكە يۈزلىنىشى شۇ خىل قىممەتنى پەرۋەردىگارلىق ئورنىغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . گەرچە پەرۋەردىگار بىر بولسىمۇ ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەسلى سۈپىتىنى بىر دەپ تۇنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشى تولىمۇ يىراقتۇر !  
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن ‹‹ سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ كىم ؟ ›› دەپ سورالسا ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان مەۋقەلىك تىل شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى ئانىسىنىڭ ئەمچىكى ! ئۇنىڭغا قارىتا شۇ تاپتا ئوزۇقلۇق ئاتا قىلغۇچىسى شۇ . ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلىكىنى خۇددى مۇشرىكلار ، پاسىقلار قانداق چۈشەنگەن بولسا شۇ بۇيىچىلا چۈشىنىش قىلىدۇ . ( قارىغاندا گەپ خېلى سۇزىلىدىغان ئوخشايدۇ . سۇزاي ئەمدى )
قايسى بىر كىشى مەيلى ماددى تەرەپلىك بولسۇن ، ۋە ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگە تىگىشلىك بولغان قىممەتنى بىۋاستە باشقىلاردىن كۈتۈش مەقسىتىدە ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق قىممىتىدىن ئايرىلىپ يۈزلىنىپ كېتىدىكەن ، ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاللاھقا باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلىۋالغان بولىدۇ . ئاللاھقا كاپىرنىڭ كاپىرلىققا نەق چۈشىدىغان تۆت سۈپىتى بولۇپ ، بىر سۈپىتى مانا مۇشۇ ! دىنىي دولقۇن قانچىكى كۈچىيىدىكەن ، مانا مەن دېگەن موللىلارمۇ ناگاھان بىر كۈنىدىلا ، بىر نۆۋىتىدىلا ئاللاھقا كاپىر بولۇپمۇ كېتىدۇ . ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئېزىشىدىن چىن تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە يانمايدىكەن ، ئۇنىڭ شۇ ھالىتىدە تاپقان باللىرى ، ئالغان مول - ھوسۇللىرى ، قۇبۇل قىلغان ۋە چىقارغان ياخشى ئەمەللىرى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ توغرا يولىغان قارشى لىنىيەگە ماسلىشىپ قالىدۇ . ئەمما كۆپىنچە ئاللاھقا توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلمايدىغان ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشمىگەن ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا نەپسىنى كۆندۈرمىگەن كىشىلەر بۇ خىل قىسمەتلەرگە ھامان چۈشمەي قالمايدۇ . شۇڭا ئىسلام دىنىغا تەكلىپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى چوقۇمكى ئىنسانىي قىممەتكە تەكلىپ قىلپ بېقىش كېرەك بولىدۇ . ئىنسان ئۆزىنى ئىنسانلىقىدىن تانىدىكەن ، ئۇ قانداقمۇ روھىيەتكە خاس بولغان دىنىي ئامانەتنى قۇبۇل قىلالايدۇ ۋە ئۇنى مۇنتىزىم ساقلاپ تۇرالايدۇ ؟
بەزى كىشىلەر بەزى ئايەتلەرنى ئۆزىنىڭ نەپسىگە مايىللاشتۇرۇش بىلەن ، جىمى كىشىلەرنى ئاللاھ ئىسلام دىنى ئۈچۈن ياراتقان . شۇنداق ئىكەن ، ھەممە ئىسلام دىنىدا بولىشى كېرەك ! دەپ چۈشىنىدۇ ۋە كۆرگەنلا كىشىلەرگە ئىسلام دىنىغا كىرىشنى ، كىرمىسە ئۇنىڭ بىلەن ئادا - جۇدا بولۇشنى تىلەيدۇ . بۇ خىل كىشىلەر ئىسلامنىڭ ۋە دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ . بۇلار قۇرئاننىڭ قىرائىتىگە ئىمان ئېيتىدۇ ئەمما تىلاۋىتىنى ئىنكار قىلىدۇ . چۈنكى بۇلاردا ئىسلامنى چۈشەنگۈدەك كاللا ، ئەقىل - ئېدراك بولمايدۇ . بۇلار نادانلىقنى ، ھاماقەتلىكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان . بۇلار ئىسلامغا چوقۇنمايدۇ بەلكى كىشىلەرنىڭ تىلىغا ، شەكلىگە چوقۇنىدۇ . ئەنە شۇ خىل چوقۇنۇش ئۇلارنىڭ كىيىنكى ھەقىقەتكە قارشىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ . چۈنكى ئىسلام ھەر بىر شەيئىدىكى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئاقىلانىلىق نەتىجە ۋە تەدبىرگە يىتەكلەيدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر نەپسىگە بېرىلگەنلىكتىن ، كىملەرنى ھۆرمەتلىگەن بولسا شۇلار تەرەپبارلىق بولىدۇ ، شۇلارنى قوللايدۇ . ئۇلاردا شۇنچىلىك نەتىجىنى ئېنىقلىغۇدەك كاللا ، ئەقىل - پاراسەت بولمىسا ياكى ئاللاھقا خاس ئىبادەت قىلىش قىممىتى بولمىسا ، ئۇلاردا قانداقمۇ ئاللاھنىلا مەبۇد تۇتۇش پىرىنسىپى ، ئېتىقادى شەكىللەنسۇن ؟
ئاللاھ كالامىدا ئېنىق قىلىپ ئېيتقانكى : ‹‹ ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن كاپىر بولغان ، ئاندىن تەۋبە قىلغان . يەنە كاپىر بولغان ، ئاندىن يەنە تەۋبە قىلغان ، كىيىن يەنە كاپىر بولغان ۋە قىلمىشىدا ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ ››
ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئايىتىنى بويلىغاندىلا ، چىن ئىشەنگەندىلا بالىنىڭ پەرزەنت بولىشىنى ، پەرزەنتنىڭ ئىنسان بولىشىنى ، ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بولىشىنى تىلىگىلى بولىدۇ ۋە قانداق تىلەشكە قارىتا قىممەتنى ئىزدەشكە ، كىشىنى قانداق تەربىيلەشكە بولىدىغانلىقى زۆرۆرىيەتلەرنى تەييار قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .
كىشىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى قىممىتى بىلەن كارى بولماي ئۇنىڭ شەكلى قىممىتىگە ئېسىلىۋالىدىكەن ، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن دوزاخقا ، ئاللاھنىڭ لەنىتى بولۇشقا قىستاپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنى توغرا تاپىدۇ . چۈنكى ئۇلار شەكىلنى دىندارلىق ، ئىسلامىيەتلىك دەپ چۈشىنىش قىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
دىننى كۈچلەندۈرۈشكە ئىنسانىيەت دەلىل قىلىنىدۇ . ئەمما ئىنسانلىقىدىن تانغان ، چانغان ( يەنى بىر مەزگىل غاپىللىقتا ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلۇشۇپ ئۆزىنىڭ ئىلگىركى شۆھرىتىگە مەغرۇر بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدىكى مەۋقەگە ئۇلىشالمىغان ) لار بولسا ھەر ۋاقىت ئىنسانىيەتكە ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا قارىتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى ئىسلام بىر ئېقىمدا توختاپ قالىدىغان يول ئەمەس . ئىسلام بارلىق شەيئىنىڭ ئەسلى قىممىتىنى ، ئەسلى ھېكمىتىنى ئاقتۇرۇپ چىقىدىغان ، چۇۋۇپ ھەم قايتا قوراشتۇرىدىغان ۋە كىشىلەرنى شۇ خىل قورغانى ئەڭ كەڭ بولغان سەيناسى سەھنىگە چىقىشقا تەشۋىق قىلىدىغان مەۋھۇم قورغان ! بۇنى ماتېماتىكا بىلەن قايىل قىلارلىق ھېسابلاپ چىقارغىلى بولمايدۇ . پەقەت تەسەۋۋۇپ جەھەتتىن نېمە ئۈچۈنلۈك قىممتىنى سۆزلىگىلى ، چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ . ئەمما يەنىلا ‹‹ ئاللاھدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھ يوقتۇر ›› كى ، ئاللاھ دىلنى ، قەلىبنى ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرى ، كۇپۇرلۇقلىرى ، جاھىللىقلىرى سەۋەبلىك پېچەتلىۋەتسە ، بۇ خىل قىممەتنى ئۇنىڭغا كىممۇ چۈشەندۈرەلەيدۇ ؟ ھىس قىلدۇرالايدۇ ؟
ئاللاھ پۈتۈن شەيئىنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيالىقتىكى مەنپەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى . ئەمما بۇ خىل كۇرسىغا چىقالايدىغان كىشىلەر ئىنتايىن ئازدۇر . چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي شەيئىگە ئىبادەت قىلىشقا ئۆتۈپ كېتىدۇ . يەنى ، كىملەركى رازىلىق ئۈچۈن بىر نوقتىدا بىراۋنىڭ رازىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرەر ئەمەلنى قىلىدىكەن ، شۇ كىشى شۇ قىممەتكە ئىبادەت قىلغان ، شۇ شەيئىگە بەندە بولغان بولىدۇ . ئىسلام ھەر بىر بەندىنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ، پەقەت بىر ئىلاھقىلا چوقۇنۇشقا ، پەرۋەردىگارىنىڭ يىتەكلىشىگە بويسۇنۇشقىلا چاقىرىق قىلىدۇ !
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى شۇ كىشىنى شۇ كىشىگە قارىتا تىگىشلىك بولغان شەكىلنى كەلتۈرۈپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالدى . ئاللاھنىڭ مەبۇدلۇق سۈپىتى شۇ كىشىنىڭ نېمە لازىم بولسا ھەر ۋاقىت بىر كۈچ ياراتقۇچىدىنلا  تەلەپ قىلىشقىلا قىستاشلىق ئورنىنى ئالدى . ئىلاھلىق سۈپىتى بولسا ، بەندە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارلىق ۋە مەبۇدلۇق سۈپىتىگە چىن يۆنىلىشتە ئىبادەتتە بولۇپ ، نەپسىنى ، روھىيىتىنى شۇ كۈچلەرنىڭ يىتەكلىشىگە قويىۋېتىپ كۆزىگە ، نەپسىگە نېمە چىرايلىق كۆرۈنگەن بولسا شۇنى قۇبۇللاشقا ۋە نەپسى نېمىنى يامان كۆرگەن بولسا ئۇنى ئىلگىرى شۇ ئىلاھىي كۈچ توغرا كۆرسەتكۈزگەن بولسا ھەم كىيىن ئۇنى مەنسۇخ قىلدۇرۇشنى لايىق تاپسا ھەم چوقۇم ئۆز نۆۋىتىدىكى يېڭىچە شەيئىلەرنى ، ئىلىملەرنى قۇبۇللاشنى ئىختىيار قىلىشقا قىستايدۇ . دىن بەندە بىلەن ياراتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە مۇشۇ خىل ئاساستا ئاللاھنىڭ شۇ خىل بەندىلىرىنى يىتەكلەشتە ۋاستە بولغۇچى كۈچتۇر ! دىننىڭ ئەسلى قىممىتى مۇشۇ . كىملەركى ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل دىنىي قىممىتىگە شەك كەلتۈرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئاللاھقا كاپىرلىقتا بولغان بىر سۈپىتى ھەم ‹‹ جارت ›› بولغان بولىدۇ . كىمكى ئۆزىنى زاماننىڭ توغرا يۆنىلىشىدىكى قىممەتتە بولالمىغان بولسا ، ئۇنىڭ مۇشۇ خىل دىنىنىڭ باتىللىقىنى كۆرسىتىدۇ . كىمكى باتىل بولغان دىنغا يۈز كەلتۈرىدىكەن ، ئۇ ئىسلامدىن چەتنىگەن بولىدۇ ، چانغان بولىدۇ . ئۇنىڭدا ھامان ئىسلامغا قارىتا خاتا كۆز- قاراش بولغان بولىدۇ ۋە ناگاھان مۇشرىكلىق ، ناگاھان كاپىرلىق ، ناگاھان مۇناپىقلىق ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ . سەكراتتىكى ۋاقىت مەھشەر كۈنىنىڭ خامىلىيۇنىدۇركى ، كىشى سەكراتىدا قانداق جان ئۆزگەن بولسا ، مەھشەر كۈنىدىمۇ شۇ خىل ھالەتتە تۇرغۇزىلىدۇ . ئەنە شۇ كۈندە پەقەت پاك قەلىب بىلەن ھازىر بولغان كىشىلەرگىلا مەنپەت يەتكۈزىلىنىدۇ . پاك قەلىب شۇكى ، ئاللاھقا ھېچ بىر مەبۇدنى شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەر بولۇپ ، بۇلار دۇنيا ھاياتىدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ يامانلىقلاردىن ، گۇناھلاردىن پاكلانغان ۋاقىتتا ئاندىن جانابىي ئاللاھ ئۇلارنى قەبزى روھ قىلغانلىقىدىندۇر !
مەھشەر كۈنىدە ئاللاھقا باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلىۋالغان ئاساستا گەرچە ئالەمچە ساۋاب بىلەن ھازىر بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولىدۇ . پاك قەلىب بىلەن بىر ياخشى ئەمەلنى شۇ كۈنگە كۆتۈرۈپ بارىدىكەن ، ئۇنىڭدىن ئۈمىد بولىدۇ .
ئاللاھ ئىنسان ۋە جىنلارنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە تۇغۇلدۇردى ۋە ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىر غەيبىي كۈچ قۇۋۋەتنىڭ بارلىقىغا دالالەت بولىدىغان قىممەتنى ئارلاشتۇرۇپ مەۋقەلەشتۈردى . بەندە مەيلى قايسى شەكىلدە تۇغۇلمىسۇن ، ئۇنىڭدا دىنىي قىممەت بار بولغان بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدا بىر ئىلاھقا سېغىنىش ، ئۇنىڭغا تەلپۈنۈش خۇسۇسىيىتى تەبىئىيلا بار بولغان بولىدۇ . ( چۈنكى ، مەيلى قايسى بىر شەيئى بولمىسۇن ، ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا تەلپۈنمىگۈچە ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغۇچە شۇ شەيئى باشقا بىر شەيئىگە ئۆزگىرىش ، يۆتكىلىش قىلالمايدۇ ! ) ئەمما ئۇنىڭ كىيىنكى يىمەكلىكى ۋە ئۆزىنىڭ نەپسىگە يەتمەكلىك ھالىتىدىكى ئورنىدا يامان ئەمەللىك سەۋەبلىك روھىيىتىنى بۇزۇش ، ئېتىقادى كۆز - قارىشىنى يوقۇتۇشلار بىلەن دىنىي چۈشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرىۋالىدۇ - يوقۇتىۋالىدۇ . چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەپسى ، كۇفرى ئۇنىڭ شۇ خىل تۇنۇشتىكى ئىشىنىشىغا بولغان ئىمانىنى قاپلىۋالغان بولىدۇ . بۇ خىل كۇفرىلىقلارنىڭ بەندىنىڭ ئەسلى قىممىتىنى خورۇتۇپ قاپلىۋېلىشى بىلەن ، بەندە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھاللاردا يامان ئەمەللەرنى ، بولمىغۇر قىلىقلارنى ئىشلەپ قالىدۇ .
ئىنسان ئىماندا چوقۇمكى ( تۆت تادۇ ) بويىچە تەربىيلەنمەيدىكەن ، ئۇنىڭ ئاقىۋېتى ‹‹ گۆش توخۇرىدەك ›› ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان پەقەت باشقىلارغا ‹‹ يەم ›› بولىدىغان ھالەتتە روياپقا چىقىپ قالىدۇ . بۇنىڭدەك ئاقىۋەتتىكى بېكەتكە ئۇلاشقانلار بولسا ، شۇنىڭدىن ئىلگىرى باتىللىقنى تۇتقا قىلغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان تونۇشقا ۋە كىشىلەرنى ئالدايدىغان كىشىلەرگە مۇلاقات بولۇپ قالغانلىقىدىندۇر ! ئىنساننىڭ يۇقىرىلىق قىممەتكە ھەقىقىي رەۋىشتە سىلجىشىغا ۋە ھەر ۋاقىت بىلگەنلىرىدە مۇستەھكەن تۇرۇشتا بولالايدىغان قىممەتتە بولۇشقا قارىتا ئۇنىڭ ، ھەر بىر ئىنساننىڭ چوقۇمكى تىگىشلىك بولغان ھاياتىي قىسمىتى ۋە شۇ قىسمەتلەردە تىگىشلىك بولغان ئۇنىڭ توغرىلىققا تەربىيلىنىش قىممىتى بار بولغان بولىدۇ . ئەمما بۇ خىل قىممەت مەلۇم جەھەتتە غەيبى سىر بولۇپ ، جىمى كىشىلەرگە ئايان ئەمەس - بەلكى يۇشۇرۇندۇر ! ‹‹ كىملەرنى ئاللاھ ھىدايەت قىلماقچى بولسا ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ ›› ئاللاھ بەندىنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچقاندا شۇ كىشى جىمىكى ھەقىقەتنى توغرا تۇنۇيدىغان قىممەتكە سېستىماشتۇرلغان بولىدۇ . ئاللاھ ئېيتىدۇكى : [ دىندا زورلاش يوقتۇر ، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى ، كىمكى تاغۇتنى ( يەنى ئاللاھدىن باشقا بارلىق مەبۇد ) نى ئىنكار قىلىپ ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ، ئۇ سۇنماس ، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ ، ئاللاھ ( بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ، ( ئىشلىرىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ( 256 ) ئاللاھ ( ئەنە شۇنىڭدەك پەقەت بىر مەبۇدقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ) مۆئمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر ، ئۇلارنى ( ئەنە شۇ مەبۇدلىقى بىلەن كۇفرىنىڭ ) زۇلمىتىدىن  ( ئىماننىڭ ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ ؛ ( بۇ خىل قىممەتكە قارشى ) كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر ، ئۇلارنى ( ئەسلىدىكى قىممىتى ئىماننىڭ ) يورۇقلىقىدىن ( گۇنراھلىقنىڭ ) قاراڭغۇلىقىغا چىقىرىدۇ . ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر ( 257 بەقەر ) ]
كۆپىنچە كىشىلەر ‹‹ ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋە ساھابىلار تەرەپتىن روياپقا چىقىرىلغان دىندۇر . بىز شۇ دىننى قوغدايمىز ۋە باشقىلارغا تاكى بىز ئۆلگىچە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىز ›› دىيىشىدۇ . بۇ خىل ئېتىقادتىكى كىشىلەر دىنباز لار بولۇپ ،خۇددى ناسارالارداك ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلماستىن بەندىگە ، شەيئىگە ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ ، ئاللاھدىن باشقا بىر نەرسىلەرنى مەبۇدلىقتا ئىلاھلىققا نىسبەت بېرىپ ، بىۋاستە تۇنىۋالغان ، ئېتىقاد قىلىۋالغانلىقتىن ئۇلارنىڭ شۇ خىل نەرسىلەرنى رەب دەپ ئاتىشى ۋە شۇ خىل قىممەتتە تۇنىۋېلىشى ھېچ بىر نومۇس ئەمەس . چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇ خىل قىممىتىنى قۇبۇللايدىغان ، توغرىلايدىغان ئۆزلىرىگە ئوخشاش كىشىلەر بار ئەمەسمۇ ؟!
ئۆز ۋاقتىدا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىنجىل قىممىتىنى بايان قىلىپ ، مۇشۇ ئىلىملەرگە چىن ئىشىنىڭلار ۋە ھاياتلىقتا ، دىندا مۇشىنىڭغا ئاساسلىنىش تورشىرىدا ۋەز ئېيتقان ئىدى . چۈنكى ئۇ كىتابىدا ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە دىندا توغرا بولغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر كىتابنىڭ ئىچكى تىلى مەۋقەسىگە بويلانماستىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ يېتىۋېلىش بىلەن ، ئۇنىڭ قىرائىتىگە ئىمان ئېيتىپ ، تىلاۋىتىگە كاپىر بولۇپ ، شۇ كىتابنىڭ كىيىنكى قىممىتىدىن قېلىش بىلەن قۇرئانغا ئىشىنىشكە ، ئىمان ئېيتىشقا ئۇلىشالمىدى . چۈنكى ئۇلار - شۇ خىل كىشىلەر ئىلگىرى ئۆزلىرى تۇتقا قىلغان كىتابىغا ئىشەنمەيتتى . پەقەت دىنىي جەھەتتە ۋوي - ۋويچىلاردىنلا ئىدى خالاس ! پەقەت ئىنجىل بىلەن تەۋراتقان ئىشەنگەن كىشىلەرلا قۇرئانغا ئۇلىشالىدى ۋە چىن تەستىقلاپ ئىمان ئېيتتى . ئەنە شۇنىڭدەك ، قۇرئان بىلەن ھەدىسنى 1400 يىلدىن بۇيان قۇچاقلاپ ياتقان ھالىتىدە ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەتمەستىن ۋوي - ۋويچىلار ھەم جاھاننى قاپلىدى . رۇسۇللاھ ئۆز ۋاقتىدا ‹‹ مەندىن سىلەرگە بىر نەرسە قالدى . بىرى قۇرئان كېرىمدۇر ، يەنە بىرى مېنىڭ سۈننىتىمدۇر ›› دېگەن ئىدى . رۇسۇللاھنىڭ شۇنداق دىيىشى ، ئۇنى خۇددى قۇرئاننىڭ قىممىتىنى تۇنىيالمىغان يەھۇدىي - ناسارالاردەك قۇچاقلاپ يېتىڭلار دېگىنى يوق ، بەلكى مەن مۇشۇ 23 يىل مابەينىدە ئاللاھنىڭ ئېيتقىنىدەك ، ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم . ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل لىنىيەدە يىتەكلىشى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقتىم . سىلەرمۇ ھەم بۇ خىل قىممەتنى توغرا چۈشىنىڭلەر ۋە شۇ خىل قىممەتنى تېپىشتا ماڭا ئوخشاش ئاللاھقا سېغىنىڭلەر دېگەن ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بىلىمسىز ، ئەقىلسىز ھاللاردا دىن جوداسى قىلىشتى . شۇ جودادىكى تالاش - تارتشلاردا نۇرغۇنلىغان دىنىي جەھەتتە بىر - بىرلىرىگە ئوخشىمىغان كۆز - قاراشلار كېلىپ چىقتى . چۈنكى ئىسلامدىن ھامان چەتنەپ چىقىپ كەتكەنلەر قۇرئاننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ قىممىتىگە يەتمەستىنلا خۇددى ناسارالار قۇرئاندىن ئۆزلىرى خالىغانچە پايدىلانغاندەك ، ئۇ يەر - بۇيەرلىرىدىن تېرىشتۈرۈپ ئەكىلىپ ھېچ ھېكمەتسىزلار ئۆزىنىڭ قارارىنى توغرا تاپتى ۋە شۇنى تەيىن تېپىشتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزلىرىنىڭ تونۇشى توغرا ئىدى .
ئاللاھ 1400 يىلنىڭ ئالدىدا پۈتتۈرۈپ بەرگەن دىننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپمۇ ۋە مۇشۇ خىل ئابزاسنى ۋاقىراپ جاكارلاپ تۇرۇپمۇ ، يەنىلا بۈگۈننىڭ ئەسلى مەۋقەسىنى توغرا تۇنۇشتا بولالمىدى ۋە تەتقىق قىلىپ نەتىجىسىنى چىقىرالمىدى . ئاللاھنىڭ توغرا دىنىغا ئاتالمىش ھالەتلەردە يەتكەن ۋە ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ توغرا يولىدا بولغان ئاتالمىش مۆئمىنلىرى داۋاملىق قۇرئاننىڭ بەزى يەرلىرىنى ئىنكار قىلسا بەزىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ زاماننى ۋە ماكاننى توغرا تۇنۇشتا بولالمىدى . مانا بۇ شۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىنىڭ تەپەككۇرغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئېچىلىپ كېتەلمىگەنلىكلىرىنىڭ ئالامىتىدىندۇر !
تەپەككۇرنىڭ ئەسلى قىممىتى يۈرەكتە - قەلىبتە - دىلدا بولىدۇ . ئۇنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋاستە ئىنساننىڭ كاللىسى - مېڭىسىدۇر ! پەلسەپەگە ھەر قانداق بىر كۈچ ئەڭ بۈيۈك پەللىگە يەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئاۋال ئۆزىنىڭ ھاياتلىقتىكى شەكلى بويىچە ماتېمتىكىلىق قىسمىتى سىنىپىغا مۇلاقات بولۇنغۇسىدۇر ! ماتېماتىكىنىڭ قەلىبتە ئورنى يوق . تەپەككۇرنىڭ مېڭىدە ھەم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق . ماتېماتىكىنىڭ رولى ئىنساننىڭ كاللىسىنى ئۆتكۈر قىلىش ، مېڭىسىدىكى دات - پاتنى چىقىرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلماقتۇر ! ئىنسان مانا مۇشۇ سىنىپىي ھالەتتىن ئۆتكەندە ئاندىن ئۇنىڭ تەپەككۇر قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشالىغۇسىدۇر ! تەپەككۇر قىممىتى شۇ كىشىنىڭ تەسەۋۋۇر قىممىتىگە باغلانغان بولۇپ ، تەسەۋۋۇر بولسا شەيئىلەر ئارىسىدىكى قىممەتتىن جاۋاب ئىزلەشكە تۈرتكە بولىدۇ . تەسەۋۋۇرنى قەلىب باشقۇرىدۇ . ئىلگىرى مېڭە ماتېماتىكا قېلىپىغا سېلىنىپ چىقسا ، قەلىب ھەر شەيئىدىكى ئەسلى قىممەت تۇنىشىدىكى ئىلىمنى قۇبۇللاپ شۇ ئىلىمگە قارىتا نۇرلانسا ، ئۇنىڭ كىيىنكى زامانغا خاس قىممىتىنى كوچىلاپ چىقىرىشقا دەلىل بولالايدۇ . ئاللاھ ھەر بىر ئۈستۈنلۈك بولغان ئاسمانلاردىكى قىممەتلەرنى ئەنە شۇنىڭدەك كشىىلەرگە كۆرسىتىش قىلىدۇ ، شۇلاردىن ئاندىن باشقىلارغا يېيىتىش قىلىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان سىنىپىي باسقۇچ ! ئۇنىڭسىز مېڭە ھەقىقىي راۋاجلىنالمدۇ . ئەمما كىيىنكى تەپەككۇرلۇق سىنىپىغا ، قېلىپىغا مۇلاقات قىلىنىپمۇ يەنىلا ماتېماتىكىدىن ئۈمىد ئۈزەلمەيدىكەن ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى مەلۇم چەككە بېرىپ توختاپ قالىدۇ . بۇ خىل كىشىلەر خەلىپىلىككە يارىمايدۇ . چۈنكى خەلىپە چوقۇم ھەر بىر شەيئى ئۈستىدە جاۋاب بىىرىشكە ياكى سۈكۈت قىلىشقا ھۆكۈم بىرىشكە ئىقتىدارلىق بولالىشى كېرەك ! ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلارنىڭمۇ ‹‹ زىبۇ - زىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان ، مۇنازىرىدە مۇددىئاسىنى تولۇق بايان قىلالمايدىغان ›› لاردىن نېمە پەرقى بولسۇن ؟
بۇلارنى ئوقۇپ كاللاڭلار خېلى ھېرىپ قالدىمۇ ، كۆپلىگەن سۇئاللارنى تولۇق چۈشىنەلمەي ؟ چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا سورىساڭلار بولدۇ تىللىماي !

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تىرەن + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
ALIMJAN580 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

www.kapsizbala.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11355
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 03:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ قارىشىم : بىر پەن ئۆزئالدىغا ئايرىم ماۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ ```

www.kapsizbala.com
ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9118
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 04:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-3-15 12:20 AM
جاھاندا ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە ھەممىگە قادىر ...

ناھايىتى توغرا

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

.‹سۇكۇت›.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5592
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 06:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ماتىماتىكىنى ياقتۇرمايمەن...خوشۇم يوق دەرىسلىكنىڭ برى ئىدى..

ھەقىقەت پەقەت قىيامەت كۈنىلا مەۋجۇت.

ھەر كاللىدا ھەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18253
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1383 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 07:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر ئاللاھنى بىلىمەن باشقىسى مەن ئۈچۈن بەرىبىر .

شىلدىر شىلدىر سۈزۈك سۇ ، قاياققا ئاقتىڭ . كۆڭلۈمدىكى شۇ يايرىم، قاياققا كەتتىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11089
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3300 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 07:27:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىماتىكا پەنلەرنىڭ جىنى. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتىماتىكا نومۇرى چەككە يەتمىسە ھەرقانچە يۇقىرى نومۇر ئالسىمۇ مەكتەپلەر قۇبۇل قىلمايدۇ.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9302
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8122
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتېماتېكىنىڭ ئەڭ چوڭ رولى تەسەۋۋۇرنى بېيىتىدۇ . مەن مۇشۇنداق قارايمەن ،
لوگىكىلىك ئۇقۇم باشتا بارلىققا كېلىدۇ ئاندىن ماتېماتېكا ئىپادىلىرى بولىدۇ ، ئاندىن كېيىنكى ئادەملەر مۇشۇ ماتېماتىكا ئىپادە  بويىچە ماتېماتېكىنى چۈشىنىدۇ ، ئاساس سالىدۇ ، ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا قاسىم سىدىق ئاكىمىز يېڭىچە بىرخىل پەن ئۇقۇمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ ئويلىغىنى ھازىرقى ماتېماتىكىدىن بۆسۈش خاراكتېرىدە بولىدۇ ،
مېنىڭ ھايات ۋاقتىمدا قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ غەلىبىسىنى كۆرگۈم بار ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش