مەن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا «ماتىماتىكا ھەممىگە قادىر»مۇ؟ دىگەن بۇ تىمىنى كۆرگەن ئىدىم . ۋاقتىم ئىنتايىن قىس بولغاچ ۋاقتىدا ئىنكاس يازالمىغانتىم. بۇ مىنىڭ كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچ دىققىتىمنى قوزغاپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىنكاس يىزىش ئويى بولۇپ قالدى.
بۇرادەر <<
توقماق >> ،مەن بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن .ئالدى بىلەن خەنزۇچە مەنبەدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ يازما مەنچە ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق بىر پارچە ئەخلەتكەن. نىمە ئۈچۈن دىگەندە بۇ يازمىدا مىسال قىلنغان نىيۇتۇننىڭ ئككىنجى قانۇنى بولغان f=ma دۇر. جىسم ئۇچىرغان كۈچ نۆل يەنى f=0 بولسا ،تېزلىنىشaنۆل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىسمنىڭ ماسسىسىمۇ m مۇ نۆل بولىدۇ دىيىش ئارقىلىق نىيۇتۇننىڭ ئككىنجى قانۇنىنى خاتاغا چىقارغان(ھازىرغىچە دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر ئالىم نىيۇتۇننىڭ بۇ قانۇنىنى خاتاغا چىقىرىپ ئۇنىڭ ئەكىسچە بولغان سىستىمىلىق بولغان ئىلمىي نەزىريەنى ئوتتۇرغا قويغىنى يوق) . ئەمەلىيەتتە ماتىماتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا مەزكۇر فونكىسيەدە فونكىسيەنىڭ قىممىتى نۆل يەنى f=0 بولسا قالغان ئككى ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ خالىغان بىرى نۆلگە تەڭ بولسىلا بولىدۇ. چۈنكى نۆل بىلەن ھەر قانداق ساننىڭ كۆپەيىتمىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. ھەم فىزىكىدىمۇ ماسسا نۆل بۇلىدىغان ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلمايدۇ ھەم بۇنداق ئەھۋالنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارايدۇ. ئىسپات خاتا بولغاندىكىن يەكۇن شەرتسىز خاتا. مىنىڭ دىمەكچى بۇلغىنىم ئەسلىدىكى يازمىنىڭ ھىچقانداق پايدىلنىش قىممىتى يوق.
ئەمدى بۇرادەر <<
توقماق >> نىڭ يازمىسىغا كەلسەك ، ئەلۋەتتە ھەممىنى ياراتقان ئىگىمىز بولغان ئاللاھ تىن
باشقا ھىچ مەۋجۇدات ھەممىگە قادىر ئەمەس. لىكىن تۆۋەندىكى بەزى ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى.
چەمبەر تۇراقلىقى پى نى ھەممىمىز بىلىمىز . بىز ئادەتتە بۇنىڭ قىممىتىنى 3.14 دەپلا ئىشلىتىمىز. مەتلەب قاتارلىق ماتىماتىكىلىق يۇمشاق دىتاللاردا بۇنىڭ قممىتىنى ئونلۇق كەسىر چىكىتىدىن كىيىنكى ئون نەچچە خانىغىچە تاپقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنكى خانىللىرىنى تىپىش ئەھمىيەتسىز . لىكىن ياپونيە ئالىملىرى بۇ ساننىڭ ئونلۇق كەسىر چىكىتىدىن كىيىنكى ملىيون خانىغىچە تېپىپ چىقتى. ئەجىبا ياپۇنيە ئالملىرى قىلغىلى ئىش تاپالمىدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماتىماتىكا سەۋيىسىنى نامايەن قىلدى.
ئامىرىكا ھەممە ئېتىراپ قلغان مائارىپى ئەڭ تەرەققى قلغان دۆلەت . ئامىرىكىنىڭ مائارىپ نىشانى نىمە؟ زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ <<ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە>> (تورداش دوسىتلارنڭ بۇ كىتابنى ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن) ناملىق كىتابىدا ئامىرىكا مائارىپ تۈزۈلمىسدە دۆلەت ئوتتۇرغا قويغان مائارىپ نىشانىدا ،ئامىرىكا باللىرىنىڭ ماتىماتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەردىكى سەۋيىسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا يەتكۈزۈش ئكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان . بۇ يەردىكى ماتىماتىكا دىگەن سۆزگە ئايرىم ئورۇن بىرلگەنلىكى ئامىرىكا مائارىپىنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتىشىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۋىلشقا بولىدۇ.
21 ئەسىرنى ئۇچۇر دەۋىرى دەيمىز ، ئۇچۇرنىڭ تارقلىشىدىكى مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولغان كومپيۇتىرنىڭ ئانا تىلى 0 ۋە 1 دىن تۈزۈلگەن ماتىماتىكىلىق سانلاردۇر. (0 ۋە 1 نىڭ كومپىيۇتىر قاتتىق دىتالدىكى مەنىسى ئاددى ھالدىكى ئىككى ساندىنلا ئىبارەت ئەمەس ، ئەلۋەتتە )
سىز ۋە مەن كۆرۈپ ئولتۇرغان گۈلدەك چىرايلىق يىزىقىمىزنى كومپىيۇتىرغا تونۇتۇپ بىر قەدەر مۇكەممەل ھالەتكە ئەكەلگەنلەر ھەرگىزمۇ تىلشۇناس ، ئەدەبىياتشۇناس ئەدىبلىرىمىز ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ماتىماتىكا ۋە كومپىيۇتىر مۇتەخەسسلىرمىزدۇر. كومپيۇتىر بلىدىغان ئادەم ماتىماتىكا بلمىسە ،ئۇ كومپىيۇتىر بىلەن چوڭ ئىشلارنى
ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.
مىنىڭ ئاخىردا دىمەكچى بولغىنىم ، ماتىماتىكا «ماتىماتىكا ھەممىگە قادىر» ئەمەس ،لىكىن ئۇ ئىنكار قىلشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە . ياراتقان ئىگىمىزدىن باشقا ھىچقانداق نەرسە ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىنى قىرىنداشلىرىمىز ئىتىراپ قىلغان بولغاندىكىن بۇنداق تىمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى ئورۇنسىز دەپ قارايمەن. چۇنكى بۇ يەردە ھىچكىم ماتىماتىكىنى ھەممىگە قادىر دىمەيدۇ. يەنە بىرى ، بۇرادەر <<
توقماق >> نىڭ بۇ يازمىسىنىڭ ماتىماتىكىنى ئۆگۆنۈشنى قاملاشتۇرالمايۋاتقانلارنىڭ ماتىماتىكىنى ياخشى ئۆگەنمەسلىكىگە <<ئىلمىي>> باھانە تىپىپ بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن . رەخمەت!!!