توقماق يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 12:07 PM
مىنىڭچەبىز بالىلارغا مۇنداق دىسەك بولىدۇ:
سىز فىزىكىچ ...
ماۋۇ گېپىڭىز خېلى چەك بېسىپتۇ .لىكىن بىزدەك فىزىكىسى تۆمۈرچىلىكتە ،خېمىيىسى بوياقچىلىكتا ،ماتېماتىكىسى ساناق ساناشتا توختاپ قالغان مىللەت ئۈچۈن ،ماتېماتىكا ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان مىڭىسىنى ئېچىش ،غىدىقلاش ۋە تەپەككۈرنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىدىن پايدىلنىپ ،مىللەت توپىمىز بويىچە« ھېسسىي تەپەككۈر» مىلىتىدىن «ئەقلىي تەپەككۈر» مىللىتىگە ئۆتۈش تولىمۇ زۆزۈردۇر .بۇ خىل سەكرەشنى ئىلغار مىللەتلەر ئاللىقاچان ئورۇنلاپ بولدى ۋە پەن-ېخنىكىنىڭ ھامى مىللەتلىرىگە ئايلاندى .بىز تېخىچىلا «ھېسسىي تەپككۈر»ىمىز ئارقىلىق ئىلىم پەنگە رېقابەت ئىلان قىلىۋاتىمىز . ماتېماتىكا پەقەت بىر خىل قوراللا بولۇپ قالماي ،بەلكى ئۇ بىرخىل تىل ،بىر خىل تەپەككۈرنى ساغلاملاشتۇرىدىغان گىمناستىكا ۋە بىر خىل مەدەنىيەت .مائارىپتا چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە رولىغا تەڭ ئېتىۋار بىرىش كېرەك . مېنىڭچە سىز ئۇنىڭ «قوراللىق» رولىغىلا ئېسىلىۋىلىۋاتىسىز . مەن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى «پ» ئىسملىك بىر فىزىكا دوكتۇرنىڭ بىر لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ ،ھەيران قالغان ئىدىم .ئۇ « كەلگۈسىدە ماتېماتىكىدىكى ھەممە ھېساپلارنى ئىشلىيەلەيدىغان بىر يۇمشاق دېتال لايىھەلەپ چىقساق ،ماتېماتىكا دېگەن دەرىسنى ئۆگەنمىسەكمۇ بولىدۇ » دېگەن ئىدى .شۇ چاغدا بىزنىڭ دوكۇرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپكە قاراپ ،بىزنىڭ ئەقلىي تەپەككۈر مىللىتىگە ئۆتمىكىمىزنىڭ نەقەدەر مۇشكۈللىگىنى ھېس قىلغان ئىدىم .مەن تۆۋەندە باشلانغۇچ ماتېماتىكىسىدىكى مۇنداق بىر تىىپىك ئەمىلىي قوللىنىش مەسىلىسى يەنى «كالىنىڭ ئوت-چۆپ يېيىش »مەسىلىسىنى قالدۇراي .ئۇ تىپىك مەسىلە بولغانلىغى ئۈچۈن بەلكىم بىرەر يۈمشاق دېتال لايىھەلەپ چىقىپ دەقىقە ئىچىدە ھەل قىلىۋەتكىلى بولىدىغان سەۋىيەگە يەتكىلى بولار .لىكىن ئۇنىڭ قىممىتى ھېساپنى تىز ئىشلەشتە ئەمەس بەلكى مىڭىنى غىدىقلاشتا .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەلۇم بىر قورشالغان يايلاقتىكى ئوت ھەر كۈنى تەكشى تىزلىك بىلەن ئۆسىدۇ .بۇ يايلاقتىكى ئوت 17كالىنىڭ 30كۈن يىيىشىگە يېىدۇ ياكى بولمىسا 19كالىنىڭ 24كۈن يىيىشىگە يېتىدۇ .ھازىر بىر توپ كالا پادىسى بۇ يايلاقتىكى ئوتنى 6كۈن يىگەندىن كىيىن ،بۇ كالىلارنىڭ ئېگسى 4 تۇياق كالىنى سېتىۋەتكەن .قالغان كالىلار ئېشىپ قالغان ئوتنى 2كۈن يىسە بۇ يايلاقنىڭ ئوت پاك-پاكىزە تۈگىسە ،بۇ كالا پادىسىدا ئەسلىدە قانچە تۇياق كالا بار ئىدى ؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ئەمىلى قوللىنىش قىممىتى چوڭ ئەمەس ،لىكىن ئۇ ئادەم مىڭىسىگە غايەت زور رېقابەت ئېلان قىلالايدۇ،تەپەككۈرنى غىدىقلايدۇ . مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىغىمنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
يەنە بىر گەپ تىما ماۋزۇسىغا «قادىر » سۆزىنى ئالدىراپ ئىشلىتىپ قويۈپسىز .ئۇ خاس ئاللاغىلا ئىشلىتىدىغان سۈپەت سۆزى ،توردىكى تەقۋادارلار كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن .