يولنىڭ چۈشلىرى
روھزات
ئىزلىگەندە ئىزىڭنى يولدىن،
تۈن كېلىدۇ نېمانچىلا تېز.
يولنىڭ چۈشى بولۇپ ياشامسەن،
تۈن رەڭگىگە سىڭىپ كەتكەن قىز.
.
كوچىلارنىڭ ھېسى قۇپقۇرۇق،
مىسرالىرىم قويمايدۇ ئەسنەپ.
سىياھ رەڭگە ئەسلىدە مەنمۇ،
ئۆچ بولمىغان كېچىدەك دەسلەپ.
.
مەستلىكىدىن قۇسماقتا قەلەم،
كېچىلەردىن تىنچىغان جاڭجال.
ئۇخلاپ قالسا ئاسفالت يوللار،
سەھرالاردەك چۈشەمدۇ داڭگال.
.
قارا كۆزدە تۈن رەڭلىك سۈرەت،
كۆزلىرىمدە كوچىنىڭ چۈشى.
باھار ياغسا كېچە چۈشىدە،
ئۆلۈپ كەتتى بېيجىڭنىڭ قىشى.
.
يەر ئاستى ئۆتۈشمىلەردىن ئۆتكەندە،
تۈن رەڭ قىزلارنىڭ سۈزۈلۈشىنى كۈتكەندە،
ياكى چۈشلەر ئەسلىرىمدىن يۈتكەندە،
مەن ئۆزۈمنى يول تەرىپىدىن يېيىلىۋاتقاندەك سېزىمەن.
توغرا،
مەن يوللارغا قەدەم باسقاندا، ھايات ئىز قوينىغا ئاز-ئازدىن كۆمۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
كېچىنىڭ بەتلىرى ۋاراقلاندى.
.
مەن كېچىنى ئوقۇپ چىقىمەن،
يولدا غېرىب چۈشلەرنى تېرىپ.
ئىزلىرىمنى كۆمگەن كوچىلار،
چۈشلىرىمنى ئالارمۇ تېرىپ.
بىز كوچا چۈشلىرىدە
ئاستا-ئاستا كېتىمىز قېرىپ.