ئۈمىدلەرنىڭ گۈلى تېخى سۇلمىدى
روھزات
خىيالىمدا قۇرىمەن شەھەر،
ئاھ تاتلىقىم بەختىڭنىلا دەپ.
غايىلەرگە بويسۇنماس ئۆمۈر،
ۋاقىت يۈرەر ئۆمرىمىزنى يەپ.
。
ئۈمىدلەردىن قۇرىمەن قەسىر،
ئويغىنىشىڭ قالسا يېقىنلاپ.
كۆل بويىدا ئۈمىدنىڭ گۈلى،
پەپىلەيمەن سۆيگۈدە شۇ تاپ.
。
يۈرىكىمدىن رەڭ بېرىپ يولغا،
كۆز نۇرۇمنى قىلىمەن قۇياش.
بەختىم، نېسىپ بوسىكەن ساڭا،
ئۈمىدنىڭ شۇ گۈلىنى پۇراش.
。
غەمكىنلىكتىن پۈتكەن خاتالار،
كۆزلىرىمدە قېتىپ قالىدۇ.
ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان پەرى،
يەنە ئۇخلاپ كېتىپ قالىدۇ.
。
مەن سېنى دەپ قۇرغان قەسىرلەر،
ئۇچۇپ كېتەر ۋاقىت قوينىغا.
ئويغىنالماس مەن ئۈچۈن پەرى،
سۆيسەم لەۋ ھەم نازۇك بوينىغا.
。
يوقاپ كېتەر بارچە بارچىسى،
پەقەت سۇلماس ئۈمىدنىڭ گۈلى.
لېۋىڭ تەگكەن ئىستاكان بىلەن،
سۇ ئىچىپلا ئۆتىدۇ كۈنى.
。
يۇقىرىقى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم.