سەھەرنىڭ كۆزيېشى(‹يولنىڭ چۈشلىرى›نىڭ داۋامى)
روھزات
سەھەرنىڭ ناخشىسى گۈلنىڭ لېۋىدە،
تۈن رەڭلىك قىز ئۈچۈن تۆكىدۇ كۆز ياش.
قۇياشنىڭ باغرىغا سىڭمىگەن چاناق،
بەلكىمدە كىملەرگە ئېتىپ قويار قاش.
.
ئۇپۇقنىڭ باغرىدا قاناپ كېتىدۇ،
سەھەرنى تۇغالماي قىينالغان تاغلار.
شەپەقتىن بويالغان قارا ئەتىرگۈل،
قان ئىچىپ رەڭ ئېلىش كەلمەمدىكىن ھار.
.
كۆزۈمنى چوقۇسا ھال رەڭلىك نۇرلار،
ئىزىممۇ قالمايدۇ گۈلنىڭ بەرگىدە.
ئەرشكە ئۇچىمەن ئاستا ھور بولۇپ،
ھىجران ۋە ۋىساللار كىمنىڭ ئەركىدە.
.
مەن پەقەت سەھەرنىڭ قىسقا كۆز يېشى.
كېچىلەر سۆيەلمەس مۇزدەك لېۋىمنى،
مېنى دەپ تەلمۈرگەن قۇياش بىر ئاشىق،
ۋە لېكىن ئۆلتۈرۈپ قويدىغۇ مېنى.
.
مەن بىر تامچە شەبنەم ئىدىم،
پىچىرلاپ دېدىم.
مەن بىر تامچە شەبنەم ئىدىم.