مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ( چاتما ھېكايىلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 09:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  ئالدىراش تۇرغۇن
  باغچىسىمان قىلىپ لاھىيەلەنگەن ‹ئۆز ماكان گۈللۈكى› گە رەسمى ئىش باشلانغاندىن كېيىن پۈتۈن ناھىيە خەلقى ‹ ئۆز ماكان› شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ھەيران قالدى. بىر كۈنى ئاغىنىلەر يىغىلىپ دەم ئېلىش ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى تەبىرىكلىگىلى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردۇق، بىز ئۇنى ئىشخانىسىدىن ئېلىپ، سورۇن تۈزگەن جايغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان ئىدۇق. شىركەت بىناسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ كاتىپىغا تۇرغۇننى ئىزدەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. لېكىن كاتىپ قىز تۇرغۇننىڭ ناھايىتى مۇھىم ئۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىقى، خالىساق ساقلاپ تۇرۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى. بىز ئامالسىز ياندىكى ئىشخانىدا ساقلاپ تۇردۇق. بىر چاغدا قارىساق، نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرغۇننى ئوغرى تۇتۇپ، تازا ئۇرغان ئىككى ئادەم ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كاتىپقا تۇيدۇرماي، ئۇلارنىڭ گىپىنى تىڭشىدۇق.     تۇرغۇن ئۆز ئىشخانىسىدا نەچچە يىل ئىلگىرى بىكەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئوغرى تۇتۇپ ئۇرغان ئىككى بايۋەچچىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن كۆتۈۋالدى، ئۇلارمۇ قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ساھەسىدىكى ئەزمەتلەر بولۇپ، تۇرغۇن خېلى ۋاقىتتىن بىرى ئۇلارنى بىلەتتى، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قادىر بىر قىسىم ماتىرىياللارنى ئاشۇ بايۋەچچىلەردىن كىرگۈزگەن، تۇرغۇن ئۇلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى.
-تۇرغۇن بۇرادەر، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىز بىلەن يۈز كۈرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساقمۇ، ئازراق تىل قىسىنچىلىقمىز بولغاچقا جۇرئەت قىلالمىغان ئىدۇق، بىزدە ئىگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ، دېگەن گەپ بار، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبسىزلىكىمىز ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ كەلدۇق، ئوبدان بىر داستىخان راسلاپ، كۆڭلۈڭلارنى ئېلىۋالساق دېگەن ئۈمىدىمىز بار.
- ياخشى كۆڭلۈڭلارغا   رەھمەت، مەن ئانچە پىت ئۈچەيلەردىن ئەمەس، ئۇ ئىشنى ئاللاقاچان ئۇنتۇپ كەتتىم، بىرەر ئىشىڭلار بولمىسا ئىزدىمەيتىڭلار، گەپنىڭ ئۆزىنى دېيىشسەك قانداق.
-بولىدۇ، بولىدۇ، بىز قوشنا شەھەردە قورۇلۇش ماتىرىياللىرى توپ تارقىتىش بازىرى قۇرغان ئىدۇق، ئىمكان بولسا، ‹ ئۆز ماكان گۈللۈكى › نىڭ بىزەكچىلىك ماتىرىياللىرىنى بىزدىن ئالساڭلار بوپتىكەن، ئەڭ ئەلا سۈپەت،ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت، ئەڭ تۆۋەن باھا بىلەن تەمىنلەيمىز.
- ئۇچۇر ئىگەللەشكە ماھىر ئىكەنسىلەر،بىزمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋاتقىنى خېلى بولدى، ئۆزەڭلارمۇ بىلىسىلەر ئۆزىمىزدىمۇ بىر قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى تاللا بازىرى بار. بىراق ‹ ئۆز ماكان گۈللىكى› نىڭ ئىھتىياجلىرىنى قامدىيالمايدۇ، كەلگىنىڭلار ياخشى بوپتۇ، بىر تەكلىپ بىرەي، خالىساڭلار قوشنا شەھەردىكى توپ تارقىتىش بازىرىڭلارنى بىزنىڭ قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى تاللا بازىرىمىز تەڭ باشقۇرسۇن، شىرىك ئىش قىلايلى، مەن بۇ ئىشنى قادىرغا تاپشۇراي، ئۆزەڭلەرمۇ بىلىسىلەر، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئەھلى.
- بۇ بىز ئويلاپمۇ باقمىغان تەكلىپ بولدى، بىز مەسىلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاپ بېرەيلى.
تۇرغۇننىڭ ئۇ ئەبلەخلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بىزنىڭ ئاچچىقىمىز كەلدى.
-تۇرغۇن بۇرۇنقىدەكلا توخۇ يۈرەك ئىكەن جۇمۇ ئاغىنىلەر، نەچچە يىل ئالدىدىكى دۈشمىنى ئۆز پۇتى بىلەن ئالدىغا كەلسە تازا ئۇرمامدۇ، مەندەك ئادەم بولسام ئۇ خۇمسىلارنىڭ راسا ئەدىبىنى بەرگەن بولاتتىم.
- تېخى يەنە شىرىك بولايلى دەيدىغۇ، دۈشمەننىڭ دوسىت بولغىنى نەدە بار.
-بولمىسا ئۇ ئىككى ئەبلەخنىڭ كەينىدىن چىقىپ، راسا ئۇرامدۇق-يا؟
-شىركەتكە ئىش تېىپىپ بەردىڭلار دەپ تۇرغۇندىن تىل ئىشتمەيدىغان ئىش بولسا،ئۇلارنى ئادەم بولغىنىغا تويغۇزۇپ قوياتتىم.
- تۇرغۇنمۇ قاملاشمىغان نېمىكەن، بىزدەك ئاغىنىلىىرىنى ساقلىتىپ قويۇپ، نەدىكى دۈشمەنلىرىنى كۈتۈپ يۈرۈيدۇ، تازا چۈشەنگىلى بولمايدىغان نېمە ئىكەن ئۇ؟
- ئەسلىدىلا تۇترۇقسىز بىر نېمە ئىدى ئۇ، تەلەي نەگە دېسە، دوقا ماڭلايغا. دەپ تۇرغۇننىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قوندى.
-توختاڭلار بالىلار، يەنە ئىككى ئادەم كىرىپ كەتتى، ئۇلارغا قاراپ باقايلى.
  مىھمانلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە يەنە ئىككى ئادەم تۇرغۇننىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.كىرگەنلەر ياشقا چوڭ ئادەملەر بولۇپ، تۇرغۇننى ئوبدان بىلىدىغاندەك قىلاتتى. سالام-سائەتلەردىن كېيىن ئۇلار ئېغىز ئاچتى.
- ئۇكا، بىز سىزدىن بىر ئىشقا ياردەم قىلارمىكىن دېگەن زور ئۈمىد بىلەن كەلدۇق، ئۈرۈمچىدە بىر ئىچىملىك زاۋۇتى قۇرغان ئىدۇق، ئۈسكۈنىلەر كېلىپ بولغاندىن كېيىن بىز بىلەن شىرىك ئىش قىلماقچى بولغان تۈركىيلىك شىرىكىمىز نۇرغۇن پۇلىمىزنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. مەبلەغدىن قىيلىنىپ قالدۇق، ياردەم قولىڭىزنى سۇنسىڭىزمۇ مەيلى، شىرىك ئوقەت قلىمىز دېسىڭىزمۇ مەيلى، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بىزنى بۇ قېيىنچىلىقتىن بىر ئازاد قىلىۋەتسىڭىز، بىز دەردىمىزنى ئاۋۋال ئاغىنىڭىز رۇستەمگە ئېيتقان ئىدۇق، ئۇ سىزنىڭ ياخشى گىپىڭىزنى قىلىپ، بىزنى يېنىڭىزغا ئەۋەتتۇق.
- مېنى يېقىن كۆرۈپ ئالدىمغا كەلگىنىڭلارغا رەھمەت، بىز ھازىر چوڭ بىر تۈرگە مەبلەغ سالدۇق، ئىھتىمال ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قولىمىزنى سۇنالماسلىقىمىز مۇمكىن، شىرىك بولۇش ئىشىغا كەلسەك، بىز ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، باشقا ساھەگە قول تىقىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. قەيسەر دېگەن بىر ئاغىنەم بار ئۇزۇندىن بىرى تۈركىيە بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدا يۈرۈپ يىمەك- ئىچمەك تىجارىتى قىلىۋاتىدۇ، ئەھۋالنى شۇنىڭغا چۈشەندۈرسەك يا ھېلىقى قويمىچىنى تاپالايدۇ، ياكى سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
  تۇرغۇن ئۆزىگە بىر موچەنلىك پايدىسى يوق ئىككى قېرى بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشتى، شۇ تاپتا ئۇ بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.
- ئاغىنىلەر تۇرغۇننىڭ بىز بىلەن كارى يوق ئوخشايدۇ، ئەڭ ياخشىسى كېتىپ قالايلى.
-نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ تەييارلىغان سورۇننى قانداق قىلىمىز، چىقىمى ساڭا ھېساپ بولسۇنمۇ؟
- ئەمدى پۇلنى تەڭ چىقىرىمىز دېگەندىكى شۇ بويىچە بولار، ماۋۇ تۇرغۇن دېگەن ئاداشمۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
- بولمىسا ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرىپلا ئىككى ئېغىز  گەپ بىلەن ئاچچىقىمنى چىقىرايمىكىن.
-بىزگىمۇ ئاز كۆتۈرمىچىلىك قىلىمىز دەپ مۇشۇ ھالغا قالدۇق، بۇ قىلغانلىرىمىزغا خۇددى تۇرغۇن ھەمىمىزگە ئەمەل بېرىۋىتىدىغاندەك.
- ئىشىنى قىلسۇن ئۇ پىخسىق، ئۇ بىزگە ھوقۇق بېرەمتى، نەدىكى يېڭى كەلگەن سويمىلار بېشىمىزدا يۈرۈيدۇ.
-ئۇلارمۇ چىقىپ كەتتى
ئاخىرى تۇرغۇن بىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چاقىردى. بايامقى ئاچچىقلىرىمىز نەدە قالدىكىن، ھەممىمىز ئۇنىڭغا خۇشامەت ئارلاش كىلىش مەقسىتىمىزنى ئېيتتۇق، تۇرغۇن سائىتىگە بىر قاراپ قويۇپ:
- يەنە بىر ئىشىم بار ئىدى، بوپتۇ، ئۇنى يېرىم سائەت كەينىگە سۈرەيلى، ئاغىنىلەر بىلەن بىر داسـىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يىمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، قېنى كەتتۇق.
بىز شىركەت بىناسىدىن بىرلىكتە چىقتۇق، تۇرغۇن بىر قانچە ئاغىنىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قارا خوندا سىغا چىقتى. پاتمىغانلىرىمىز شىركەتنىڭ باشقا بىر ماشىنىسىغا چىقتۇق.
-تۇرغۇندىكى نېمە ھال-ھە، بۇ؟ سىلەرگە يېرىم سائەت ئاجرىتاي دەپ كەتكەنلىرىدىن ئايلىناي.
-ئامال قانچە، بىز ئۇنىڭ قولىدىن رىسقىمىزنى تېپىپ يەيدىغانلار بولغاندىكىن، ئاچچىقىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتمەي ئامال يوق.
- ماڭا قويۇپ بەرسەڭلار، بۈگۈن بىزنى ساقلاتقىنىغا تازا بىر ئۇراي دېگەن.
-ئاتە پونى، بايام ئىشخانىدا ھەممىدىن كۆپرەك خۇشامەتنى سەن قىلدىڭ. (24)

داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:00:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىغىلى تۇردى.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:34:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ما كىنو بارغانچە قىزىپ كەتكىلى تۇردا.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 03:37:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تۇرغۇننىڭ ئاغىنلىرىنىڭ تازىمۇ ئەقلى يوق بىر نىمىلەركەن..... تا ھازىرغىچە ئەقلىنى تېپىپ بۇلالمىدىغۇ، ئاغىنلەر بولسا، بىزمۇ بىر بۇلۇپ ئاۋۇ تۇخۇ يۈرەكلەرنى بىر ئۇرمايلىما... بولمىسا ئىشنى ئەپلەشتۈرمەيۋاتقان ماۋۇ يازغۇچىنى تازا كىلىشتۈرۈپ بىر نەچچىنى ئۇرساقمۇ، بۇندىن كىيىن تۇرغۇننىڭ ئاۋۇ كالتە پەم ئاغىنلىرى ئوڭشىلىپ قالاتتى.....   يازغۇچىمىزshoruq  گېپىمدىن خاپا بولماڭ ھە...  ئاۋۇ كالتە پەملەرگە ئاچچىقىم كىلۋاتىدۇ... شۇڭا  سىزگىمۇ  مۇشۇ  بانىسىدا چاقچاق قىلۋالدىم....    مېنىڭچە بۇ  ھىكايىنى كىنو  قىلىپ ئىشلىسە خەق كۈرۈپ، شۇ كالتە پەملەرنىڭ رولىغا چىققانلارنى بولسىمۇ  تازا سالامىكىن دەيمەن......   shoruqگەپلىرىمنىڭ ھەممىسى  چاقچاق  جىمۇ...   يەنە  باشقا  نىيەتتە دىگىنىم يوق....  باشقىچە چۈشىنۋالماڭ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hakkikat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 03:40 AM  


قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 09:49:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hakkikat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 03:37 AM
ئاۋۇ تۇرغۇننىڭ ئاغىنلىرىنىڭ تازىمۇ ئەقلى يوق بىر نىمى ...

مېنىڭ كالتە پەملىكىمنى سىزمۇ بىلىۋاپسىزدە، تۇرغۇننىڭ ئاغىنىلىرى دەسلەپكى چاغلارغا قارىغاندا خېلىلا ئوڭشىلىپ كەتتى. بىراق شۇ ئۇلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقىمىكىن ئۈزۈل-كىسىل ئوڭشالمىقى تەس ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ  تۇرغۇننى ئانچە -مۇنچە تىللاپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ  تۇرغۇنغا ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ ئويلىساق قانداق بولار؟

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:16:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               قارا نىيەت تۇرغۇن
  ‹ئۆز ماكان گۈللۈكى› ئاستا-ئاستا قەد كۆتۈرمەكتە ئىدى، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئورۇن ناھىيە بازىرى بىلەن يېزا كېسىشىدىغان ئورۇندا بولغاچقا، ھەم شەھەر پۇرىقى ھەم سەھراچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىپ چىققان ئىدى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيە نازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ ئۆستەڭنىڭ 300 مىتىردەك بۆلىكى ‹ ئۆز ماكان  گۈللۈكى›نىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن كىسىپ ئۆتكەچكە، ئائىلىلىك قورۇنى باغچىسىمان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېلىنىۋاتقان  نەچچە مىڭ يۈرۈش تۆۋەن كاپالەت ئۆيلىرىمۇ مۇشۇ ئەتراپقا سېلىنىۋاتقان بولغاچقا بۇ رايۇنننىڭ كەلگۈسىدە كاتتا سودا رايۇنى بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى زور ئىدى.
-تۇرغۇنكامنى پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، ئۆي ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلارغا شۇنداق قىزغىن بولۇڭلار دەيدۇ، دۇككانلارغا كەلگەن خېرىدارلارغا ئاسماندا بىر باھا قويۇۋاتىدۇ، ئەتە-ئۆگۈن دۇككاننى ساتالمىساق، بىزنى خىزمەت ئۈنۈمىڭلار تۆۋەن ئىكەن دەپ ئەيىپلىمىسىلا بولاتتىغۇ.
- سۇلايماننىڭ ئەقلى بۇ، ئائىللىك قورۇ پۈتۈشكە ئاز قالغانسىرى دۇككانلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ئەمەسمۇ، پۇرسەت كۈتۈۋاتىدۇ.
-يەنە ئىككى يىلغا قالماي بۇ ئەتراپقا 5000 دىن ئارتۇق ئائىلىلىك كۆچۈپ كېلىدىكەن،‹ئۆز ماكان گۈللۈكى›  ناھىيىنىڭ كۆزىگە ئايلىنىپ قېلىشىدا گەپ يوق جۇمۇ.
-سۇلايماننىڭ دېيىشىچە، قورۇ ئىچىگە يەسىلى قۇرىدىغاننىڭ گېپى بارمىشقۇ؟
-مەن قادىركام بىلەن سۇلايماننىڭ پاراڭلىرىدىن تۇرغۇنكامنىڭ ناھايىتى قارا نىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم، قانداق دېسەڭ، بۇ دۇككانلارنى باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ساقلىمايۋىتىپتۇ، بۇ دۇككانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئاچقۇدەكمىش؟
-بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، ئۆزى ھەممىگە قانداق يېتىشىپ كېتەلەيدۇ؟
-بۇنى مەنمۇ بىلمىدىم، قادىركاملارنىڭمۇ  بۇ ئىشقا باشقىچە پىكىرى بار ئوخشايدۇ.
- تۆۋە ئادەم دېگەن باي بولغانسىرى تويماس بولۇپ كېتىدىكەندە، باشىقلارمۇ بۇ دۇككاندىن پايدىلىنىپ كۈن ئالسا بولمامدۇ، ھىلىمۇ تۇرغۇنكام ناھىيىمىزدىكى ھەممە پۇللارنى يىغىۋىلىشقا ئازلا قالدى.
  مۇشۇ كۈنلەردە رۇستەممۇ ئالدىراش يۈرەتتى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بىر يىلدەك  كارخانا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن بىرى ھە دېسە يېغىن بار دەپ قۇيرۇقىنى تۇتقۇزماس بولۇپ كەتكەن ئىدى، شۇڭلاشقا ئاغىنىلەرنىڭ رۇستمگىمۇ پىكىرى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن كەچتە ھەممىمىز ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردۇق.
-رۇستەم ئاداش، تۇرغۇننىڭ قۇيرىقىدىن چىقماس بولۇۋالدىڭمۇ، سەن؟ كۆڭلۈڭدە بىز ئاغىنىلەر بارمۇ يوق؟
-ئۆزەڭچە كاتتا ئادەم بولۇپ كېتىپ، بىزنى كۆزگە ئىلماس بولىۋالدىڭ، خۇدايىم بىر خار قىلغاننى، بىر ئەزىز قىلىدۇ، بىزگىمۇ كېلىپ قالار.
-ئاغىنىلەر، نېمىلەرنى دەپ كېتىۋاتىسىلەر، سىلەرنى قانداقمۇ كۆڭۈلدىن چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، دوستلارسىز ياشىغان بىر كۈنمۇ ئۆلۈم بىلەن باراۋەر جۇمۇ.
-ھەنىم بولسا، شۇنى بىلىدىكەنسەن، شىركەتتە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭلار.
- شىركىتىمىزگە ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوقۇغان بىر نەچچە بالا كەلگەن ئەمەسمىدى،تۇرغۇن ئاشۇ بالىلارنىڭ پىكىرى بويىچە، بارلىق دۇككانلارنى شىركەت نامىدىن ئېچىشنى ئويلاشقان ئىكەن، ھەپتىدىن بىرى شۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلدۇق.  باشتا مەنمۇ چۈشەنمەپتىكەنمەن، تۇرغۇن ‹ ئائىلىلىك قورۇدىكى 20 نەچچە دۇككاننىڭ ھەممىنى ساتقىلى ئۇنىمىسا، مەنمۇ قوللىغان. كېيىن قادىر، سۇلايمان، لەيلى قاتارلىقلارنىڭ پىكىرى بويىچە، چوڭ بىر تاللا بازارنى ئۆزىمىز ئاچقاندىن باشقا ھەممە دۇككانلارنى باشىقىلارغا سېتىۋىتىدىغان بولدۇق.
- تۇرغۇن نېمىشىقا ئۇ دۇككانلارنى ساتقىلى ئۇنىمىغان ئىكەن.
- شۇنىمۇ بىلمەمسەن، تۇرغۇن ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلماقچى، تېخمۇ كاتتا باي بولۇپ، بىل گەيتىس بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرماقچى.
-بىز ئۇيغۇرلاردىن بىل گەيتىستەك كاتتا باينىڭ چىقىشىغا يەنە يۈز يىل بار. تۇرغۇن چۈشەكەپ قالغان ئوخشايدۇ.
-ئاغىنىلەر، تۇرغۇن ئەسلىدە، بۇ دۇككانلارنى شىركەتتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىز قالغان ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئىجارە بېرىپ، ئۇلارغا بىر چىقىش يولى تېپىپ بەرمەكچى ئىكەن، بىراق شىركەتنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى توغرا كۆرمىدى.
- ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىكەنغۇ، تۇرغۇننى بىكار تىللاپ يۈرۈپتىمىز، مېنىڭ ئېنىم قىلىدىغان ئىش يوق، لەيلەپ يۈرۈيدۇ.
- تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىكارلا يۈرۈيدۇ، تازا بىر پۇرسەت كەلگەن ئىكەن.
-يۇرۇڭلار بالىلار بېرىپ بۇ ئىشقا قوشۇلمىغانلارنى تازا ئۇرايلى، تۇرغۇننىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي يۈرۈپتۇق.
-توختىمامسىلەر، باشىقىلارنىڭمۇ ئاساسى بار. دۇككانلارغا خېرىدار بولۇۋاتقانلار بانكا، پوچتىخانا، ئىستىراخۋانىيە شىركىتى، كۈچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى... دېگەندەك فۇنكىسىيىلىك ئورۇنلار، ئەگەر ئائىللىك قورۇنىڭ ئەتراپىدا بۇنداق ئورۇنلار بولمىسا نۇرغۇن ئىشلار قولايسىز بولۇپ قالغۇدەك. تۇرغۇننىڭ تەكلىپى بويىچە، قادىرنىڭ باشچىلىقىدا چوڭ تىپتىكى تاللا بازاردىن بىرنى قۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن ئائىلە- تاۋاباتلىرىدىن 30 نەپەرنى بۇ تاللا بازارغا خىزمەتچىلىككە ئالىدىغان بولدۇق.
- خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا قادىر مەسئۇل بولدىمۇ؟
-شۇنداق، خىزمەتچىلەرنى بالدۇرراق قۇبۇل قىلىپ، تاللا بازىررى پۈتكۈچە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى تاللا بازىرىدا تەربىيلەپ تۇرماقچى ئوخشايدۇ.
-ئۇنداق بولسام مەن دەرھال قادىرنى ئىزدەي، ئىنىمنى شۇ يەرگە ئوررۇنلاشتۇرىۋالاي.
- خوش، رۇستەم مەنمۇ قادىرنى ئىزدەي.
-...  (25)
  داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        لەيلىنىڭ ھىلە-مىكىرى
گۈلسۇم تۇرغۇننى يولغا سېلىپ قويۇپلا بالىلارنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە ماڭماقچى بولۇپ تەييارلىنىپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز لەيلى كىرىپ كەلدى. گۈلسۈم بۇ قىزنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ، مېھمانخانىغا باشلىدى ۋە ئالدىغا داستىخان سالدى.
-گۈلسۈم ئاچا، سىزنى مۇھىم ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلدىم.
- تۇرغۇنغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
- ياقەي، خەۋىرىڭىز بولسا كېرەك، ‹ئۆز ماكان گۈللۈكى › دە چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى ئاچماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق ئەمەسمۇ، گەرچە قۇرۇلۇش يەنە بىر يىلدىن كېيىن پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرىلىدىغان بولسىمۇ لېكىن دۇككان ئورۇنلىرىنى ئالدىن ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ھازىر دۇككانلار بىزىلىۋاتىدۇ، تاللا بازىرى يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئىش باشلىماقچى، تاللا بازارنىڭ كىيىم-كىچەك رايۇنىغا مەسئۇل بولىدىغان مۇۋاپىق ئادەم تاپالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتۇق.  كېيىن قادىركام سىزنى ئېسىگە ئېلىپ، بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتى.
- ۋاي، سىڭلىم، بالىلار تەربىيىسىز قالىدۇ،دەپ  ئىشلىشىمگە تۇرغۇن قوشۇلمايدۇ، بولمىسا، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئوبدان خىزمىتى بار، پەقەت مەنلا ئائىلە ئايالى. سىز تەۋسىيە قىلغان ئىش تولىمۇ ياخشى ئىش ئىكەن، ئۆزەممۇ كىيىم-كىچەكلەرگە بەك قىزىقىمەن.
- سىز تۇرغۇنكامدىن خاتىرجەم بولۇڭ،قادىركام ئۇنى چوقۇم قايىل قىلالايدۇ.
-ۋىيەي، مەن سىز دېگەن ئىشنى قاملاشتۇرالارمەنمۇ، بۇ چاغقىچە بىر كوي چاغلىق بىر نەرسە سۋتىپ باققىنىم يوق ئىدى.
- ۋاي گۈلسۈم ئاچا، كۆز قورققاق، قول باتۇر دېگەن گەپ بار، نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرغۇنكامنى شۇنچە كاتتا شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى بولالايدۇ، دېسە كىممۇ ئىشىنەتتى. مانا يولدىشىڭىز جاپاغا چىداپ، قول سېلىپ ئىشلەپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى. تۇرغۇنكام سىزنى بەك ئەقىللىق، ئوچۇق پىكىرلىك، تەسەۋۋۇرغا باي ئايال دەپ دائىم ماختايدۇ، بىلىشىمچە سىز دېگەن بىر كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇن، كىتابلاردا بارغۇ، غەلبە قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە، بىر قابىل ئايال بار دەپ، سىز چۇقۇم قىلالايسىز.
-بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز، سىڭلىم، نەچچە ۋاقىتتىن سىزنىڭ بۇنچىلىك گەپدان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن، ماقۇل ئىشلىسەممۇ ئىشلەي، بىراق بالىلارنى قانداق قىلىمەن؟
-چوڭ ئوغلىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىدۇ، كىچىكىگە بولسا، ‹ئۆز ماكان گۈللۈكى›دە شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ باللىرى ئۈچۈن مەخسۇس يەسلى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.
-كەسپى ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلارمەن.
-قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى تاللا بازىرىدا ئىككى ئاي ئىشلەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈگنىسىز، باشقۇرۇشقا ئائىت مەسىللەرنى قادىركام ئۆزى بىر قوللۇق چۈشەندۈرىدۇ، سىزدىن باشقا 29 نەپەر يېڭى خىزمەتچى سىناق ئىشلىگىلى بىر ھەپتە بولدى، سىزمۇ بالىلارنى ئەتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ  قويۇپ ئىشقا بېرىڭ.
- مەن كەچتە تۇرغۇننىڭ ماقۇللىقىنى ئالاي. ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ سىزگە خەۋەر قىلارمەن.
-ماقۇل ئاچا، ئەمسە مەن قايتاي، ئىشقا كىچىكسەم ياخشى بولمايدۇ.
- تۇرغۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قاتتىق تۇتامدۇ، سىڭلىم؟
-تۇرغۇنكام ئارتۇقچە گەپ-سۆز قىلمايدۇ، بىراق شىركەتتە مۇكاپات-جازا بەك ئېنىق. رۇخسەتسىز ئىشقا بىر مىنۇت كىچىكسىڭىز، شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىڭىزنىڭ يېرىمى بېرىلمەيدۇ، ئەگەر بىر كۈن رۇخسەتسىز ئىشقا بارمىسىڭىز، شۇ ئايلىق مۇكاپات يوق دېگەن گەپ. ئەگەر خىزمەتتە سۇسلۇق قىلسىڭىز، ئىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز خىزمەتتىن قۇرۇق قېلىشىڭىزغا گەپ كەتمەيدۇ.
لەيلى گۈلسۈمنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، قادىرنىڭ يېنىغا كەلدى ھەم گۈلسۈم بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرىنى قايتا سۆزلەپ چىقتى.
- گۈلسۈمنىڭ تاللا بازىرىدا ئىشلىشى كاللامغا سىغمايدۇ، لەيلى، تۇرغۇن باشقۇرالمىغان ئايالنى مەن قانداق باشقۇرىمەن، بېشىمىزغا ئىش تېپىپسىز، بۇنىڭغا تۇرغۇن نېمە دەيدۇ، تېخى.
- قاراڭ، قادىركا،  سىزمۇ بىلىسىز، ئۇزۇندىن بىرى تۇرغۇنكام ئايالى بىلەن ياخشى ئەمەس، سەۋەبىنى بىلەمسىز، ئۇلاردا ئورتاق چۈشىنىش يوق. گۈلسۈم ئاچام ئەسلىدىنلا يارامسىز ئايال ئەمەس، تۇرغۇنكام ئىگىلىك تىكلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. بىز ئامال تېپىپ ئۇلارنى بىر-بىرسىنى چۈشىنىدىغان قىلىشىمىز كېرەك. تۇرغۇنكامدا گەپ يوق، پەقەت گۈلسۈم ئاچام ئېرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چىن مەنىسىدىن چۈشەنسە، قوللىسا، ئېرىگىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئاسانغا چۈشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، ئېنىق ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ غايىپ بولىدۇ. سىز ئاياللارنى چۈشەنمەيسىز، ئاياللار بەك ھېسىياتچان. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلسۈم ئاچامنىڭ ئىشلگۈسى بار ئىكەن.
- ئۇلارنىڭ باللىرى قانداق قىلىدۇ؟
- سىزنىڭ، بىزنىڭ باللىرىمىز قانداق قىلسا، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلسغم ئاچام ئىشلىمەي تۇرۇپمۇ، باللىرىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمايۋاتىدۇ-غۇ، ئەمدى مۇھىت ئالماشسا، چۇقۇم ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىمىز.
- چۈشەندىم، لەيلى، سۇلايماننىڭ بەك تەليى بار ئىكەن جۇمۇ، سىز بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز.
-مېنى ئالدىراپ ماختىماڭ، تۇرغۇنكام مېنى تىللاپ كېتەمدۇ، تېخى.
- خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشنى تۇرغۇننىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزىمەن.
-ئەمسە، گۈلسۈم ئاچام يېنىڭزدا ئىشلەشكە كېلىدۇ، جۇمۇ.
-بېشىمغا پىت تېرىپ قويىدىغان بولدىڭىز.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ گۈلسۈم ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا كىرىشىپلا كەتتى، ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۆزىنىڭ باش دېرىكتورنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىدەك سالاھىيىتىنى پەش قىلماي باشقا خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشقا كېلىپ، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشتى. تاشلىۋەتكىلى ئۇزۇن بولغان قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، قادىرنىڭ ئۈگەتكەنلىرىنى، ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرلەپ مېڭىشقا باشلىدى. ھەپتىنىڭ ئاخىرى دوستلىرى چايغا چىللاپ تىلىفۇن قىلغان ئىدى، ئۇ كۈنى ئىسمىنا باشلىقى  ئۇنى دۈجۈرنىلىككە ئورۇنلاشتۇرغاچقا، نەچچە يىللاردىن بىرى تۇنجى قېتىم چايغا بېرىشنى رەت قىلدى.
  گۈلسۈمنىڭ تاللا بازىرىدا ئىشلىشى زاۋۇتتا، جەمىيەتتە ۋە ئاغىنىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.
-ئاغىنىلەر، تۇرغۇننىڭ نېمە قىلغىنى دەيمەن، يەتتە پۇشتىغىچە يېتىپ يېسە يەتكۈدەك  بايلىقى تۇرۇپ خوتۇنىنىمۇ ئىشلەپ پۇل تاپقىلى ساپتۇ، تۆۋە،تۆۋە...
- ئاخىر زامان بولغان ئوخشايدۇ، بىزغۇ تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن ئايالىمىزنى ئىشلىتەيلى، تۇرغۇنغا نېمە كەم، بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ جۇمۇ.
- بۇرۇنلا بىلەتتىم، تۇرغۇن ئەسلىدە خوتۇنىدىن قورقىدۇ، دەيمەن.
- ئەمدى ئۇنىڭ باللىرى كوچىدا قالىدىغان بولدى-دە
-تۇرغۇن خوتۇننىڭ تۇرمۇش چىقىمىدىن قۇتۇلۇپتۇ ئەمدى.
  گۈلسۇم ئىشقا كەلگەن بىر ئايدىن بىرى، جەمىيەتتە بولۇۋاتقان گەپ- سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدى، باشقىلارنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك ئېرىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ تۇردى. پۈتۈن شىركەتتە 250 دەك ئادەمنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە ھەركەتلىنىدىغانلىقىنى، مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېرى سەۋەبلىك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى، ئېرىنىڭ ‹ ئۆز ماكان› دىن ئىبارەت بۇ چوڭ ماشىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن كۈنىگە ئون نەچچە سائەتلەپ ئىشلەپ، ھېرىپ- چارچاپ كېتىدىغانلىقىنى... ھەممىنى چۈشىنىپ يەتتى. تۇنجى قېتىم 1200 يۈەن مائاشىنى قولغا ئالغىنىدا ئۆز ئەمگىكىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى باغىرىغا تېڭىپ، ئىسىت نەچچە يىلدىن بىرى ئاقماس چاينىڭ كەينىدە بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم، ئىسىت، تۇرغۇنغا قىلغان يولسىزلىقلىرىم،دەپ ئاھ ئۇرۇپ نەچچە سائەت يىغلىدى. (26)

داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atux-0908 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 10:00 PM
قىززىغىلى تۇردى.

يەردە بەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز بىلىڭىز ئاغىرمىدىمۇ قېرىندىشىم ؟ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىز مىنى بەك تەسىرلەندۇردى .

ھى ھى ھى بۈگۈن مەن بەك خوشال....سىلەرچۇ دوسلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 03:32:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zvmrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 01:56 PM
يەردە بەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز بىلىڭىز ئاغىرمىدىمۇ قېرى ...

مۇشۇنداق  تېتىملىق  ھىكايىلەر بولسا  كىرىپلا كتىمەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51275
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2011-8-11
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 03:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش