مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ( چاتما ھېكايىلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 06:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
8- ھىكايە بولغان قويمىچى تۇرغۇننى ئوقۇپ بولدۇم . ۋەقەلىك بەك ياخشى كەن . تىلمۇ شۇنداق قايىدا بوپتۇ . ئوبرازلاردىن تۇرغۇن بىلەن قەيسەرنىڭلا ئىسمى بار ئىكەن .

يەنە سىزگە پىكىر . ئىمكان بولسا تۇرغۇننىڭ پۇل تىپۋىلىپ ساناۋاتقان يەردە تاياق يىگىنىدەك ۋەقەنى گەپ بىلەن ئەمەس ۋەقە بىلەن ھەركەتكە تارتايلى . ئاندىن سىنارىيە قىلىشنى ئويلىشىپ باقايلى بۇلامدۇ ؟  مىنىڭچە سىنارىيە قىلساق چوقۇم ياخشى بىر ئەسەر بولغىدەك .

1- ئۇنداق قىلىش ئالدى بىلەن ۋەقە يۈز بىرىۋاتقان ئورۇن زادى نە ؟
2- تۇرغۇن كىم ؟
3- باشقىلارچۇ ؟
4- سىزچۇ ؟ ئۇرۇق تۇققان - خۇلۇم خوشنىلارنىمۇ يىزىش كىرەك ئەمدى
ئىمكان بولسا سىز خالىغان شارائىتتا ئوبرازلارنىڭ رەسىمىنى تەڭ يوللىسڭىز بىر كۈرۈپ باقسام بۇلاتتى .

   

http://ozhalovqi.33591.com

ئاخسا يىگىت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4713
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 06:55:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز !  

ئۇنۇت دوستۇم ئازاپلىرىڭنى ،
ئۆتمۈشۈڭدىن بولغىن سەن جۇدا .
تىرىشقىن بۈگۈننى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،
يېنىڭدا دوستۇڭ بار ،ئۈستۈڭدە خۇدا !

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 07:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر بۈلۈم  كەپتۇ دە.....  رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hakkikat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 07:46 PM  


قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:37:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            ئائىلە ماجراسى
     تۇرغۇننىڭ ئائىلە ماجراسى زاۋۇتلارغىچە يېتىپ كېلىپ، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئاغىنىلەرنىڭ غەيۋەت -شىكايەتلىرىگە خېمىرتۇرۇچ بولۇپ بەردى.
- باش دېرىكتۇرنىڭ خوتۇنى يەنە ئاجرىشىش كوچىسىغا كىرىپتىمىش.
- تۇرغۇنكامنى خوتۇنىنىڭ رۇخسىتىسىز خالاغىمۇ چىقالمايدۇ، دەيدىغۇ.
- تۇرغۇنكام خوتۇنىنى قويۇپ بېرىپ،شەھەردىن  چىكىپ تۇرۇپ، خوتۇن ئېلىپ چىقارمىش.
- نىكاھسىز بالىسى بار دەپ ئاڭلايمىزغۇ.
    تۇرغۇن ئوغلىنىڭ خەتنە تويى ئىشىدا ئايالىدىن مەسىلىھەت ئالمىغان بولسا كېرەك، تۇرغۇننىڭ توي ئورنىغا قۇدۇق قېزىش ئۈچۈن بىنەملىكتە جامائەتكە قوي سويۇپ ئاددىغىنەئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن بىرى ئۇنىڭ خوتۇنى يەنە يامانلاپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالغان ئىدى. قۇلىقى ئوزۇن بىلەرمەنلەرنىڭ دېيىشىچە، تۇرغۇننىڭ ئايالى ( ئۇنىڭ ئىسمى مۇنىرە ئىدى) ئېرى بىلەن نەچچە ھەپتە ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن بېرى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تۈگمەس چايلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ئىدى، تۇرغۇننىڭ ئۆيگە تاماققا كېلەلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، ئىككى ئوغلىنى توك ۋېلسىپىتىنىڭ ئالدى-كەينىگە بىردىن ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپپىرىپ تاشلايتى-دە، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، تۇرغۇندىن سەل بۇرۇنلا ئۆيىگە كىرىۋالاتتى. قىز چاغلىرىدا شۇنداق ئوماق، ئىش بىلەرمەن، ئىشچان قىزنىڭ يىللار ئۆتكەنسىرى ئەقلى توشماقتا يوق، بارغانسىرى بېشەملىشىپ كېتىشى تۇرغۇننىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلاتتى، چوڭ ئوغلى بىلەن تەڭتۇش بالىلار يەسلىدىلا ساۋات چىقىرىپ، شۇنداق پەيزى ناخشىلارنى ئېيتىپ كەتسە، ئۆز ئوغلىنىڭ تېخىچە بىردىن تارتىپ 10 غىچە يېزىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقى تۇرغۇننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرەتتى، ئۆزىغۇ شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئايالىچۇ، ھەتتا كىر-قات يۇيۇش، نان يېقىشتەك ئىشلارنىمۇ باشقىلارغا سەتلىشىپ كېتىمەن،دەپ قىلدۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، تۇرغۇندىن ئۆتە ئالدىراش، بالىلارنىڭ ساۋات چىقىرىشى، ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگىنىشى دېگەندەك ئىشلار خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ.
-خوتۇن، رۇستەمنىڭ ئوغلۇم بىلەن تەڭ دېمەتلىك قىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە بارماي تۇرۇپلا ئىلىپپەنى تۈگىتىپ بوپتۇ، ئاڭلىسام رۇستەمنىڭ ئايالى ئۆزى بىر قوللۇق ئۈگىتىپ چىقانمىش، سەنمۇ تۈگمەس چايلىرىڭنى تاشلاپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلسەڭ بولاتتى. ئۆتكەندە قەيسەرنىڭ ئۆيىگە بارسام، ئۇنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى شۇنداق تولدۇرۇپ ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دەپ سالام قىلماسمۇ، شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم، بىزنىڭ بايۋەچچىمۇ كىچىك ئەمەس. سالام قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇل بەر دېيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
-ئەتىگەندە سەپرايىمنى ئۆرلەتمەڭ جۇمۇ، ئۆزىڭىزچە مەن پۇل تاپتىم. كاتتا ئادەم بولۇپ كەتتىم، دەپ باللىرىڭىزنىڭ بولۇمسىزلىقىنى ماڭا ئىتتىرىپ قويۇۋاتامسىز،  بالا يالغۇزلا مېنىڭ بولمىغاندىكىن، يېرىم كېچىلەرگىچە بېشىڭىز قايغان، پۇتىڭىز تايغان يەرلەردە يۈرمەي سىزمۇ باشقا ئەرلەردەك ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە كېلىپ، باللىرىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىڭ.
- ئەمدى يېرىم كىچىگىچە ئىشلىگىنىم گۇناھ  بولدىمۇ، بىكارچىلىقتىن سەمىرىپ، تىقىلىپ كېتىپسەن، ئانچە-مۇنچە ھەرىكەت قىلىپ قوي، جېنىم!
- ھە، كەمبىغەل چېغىڭىزدا، ۋاي جېنىم، يۈرىكىمنىڭ پارىسى دەپ ھالىڭىز قالمايتى، ئەمدى كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ قاپتىمەندە، خالىسىڭىز مانا مەن، خالىمىسىڭىز پۇلىڭىز جىق بولغاندىكىن، كوچىدا سەتەڭلار تولا، سەمىرىپ تىقىلىپ كېتىپسەن، دەپ جېنىمنى چىقىرىدا!
-خوتۇن بىلەن تەڭ بولغاندىكىن مەنمۇ ئەخمەق، نېمە قىلساڭ قىلمامسەن.
تۇرغۇن ئايالى بىلەن مانا مۇشۇنداق پاراڭلىشاتتى، بۇغۇ ئادەتتىكى پاراڭلار، مۇنىرەنىڭ تەرسالىقى تۇتۇپ قالدىمۇ بولدى، تېخىمۇ سەت گەپلەر بىلەن تۇرغۇننى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشقا يارايتى، تۇرغۇن ئۆيىدىن كۆڭۈلسىز چىقىپ كەتكەن پېتى، ئۆزىنى تەڭشەپ بولغۇچە ماشىنىسى بىلەن كوچىلارنى مەخسەتسىز ئايلىنىپ يۈرەتتى ياكى قادىرنى تېپىپ، مۇڭداشقاچ  ھال تۆكەتتى
- قادىر ئاغىنە، خوتۇننىڭغۇ ھالى شۇ،  بولۇمسىز چوڭ بولۇپ قالارمۇ، بىزدەك چالا ساۋاتلىقنىڭ دەردىنى تارتارمۇ، دەپ بالىلارنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەيمەن.
- ئۆزىڭنى تولا ئۇپراتما، مۇنىرە ئەقىللىق ئايال، ھامان ئۆزىىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى ھېس قىلىپ، سېنىڭ ھالىڭغا يېتىدىغان، سېنى قوللايدىغان، بالىلارغا كۈيۈنىدىغان بولىدۇ.
- سەن بىلمەيسەن، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمىزدا شۇنداق يېقىشلىق، مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە قىز ئىدى، مەن ئۇنىڭ تۈرگۈن مىجەزىنى ياخشى كۆرەتتىم، ھەتتا، چوڭ توي قىلماي،  يوقسۇزلۇق تۈپەيلى توي قىلالمايۋاتقان يېتىم ئوغوللارغا ياردەم قىلىش تەكلىپنىمۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلغان، باشقىلار بىلەن بىرىلىشىپ تورخانا ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەن، ئىگىلىك تىكلەش كۇرىسىغا قاتنىشىشىمنى قوللاپ بەرگەنمۇ مۇنىرە ئىدى. شېغىل زاۋۇتىدىن ھېرىپ-ئېچىپ، كەلگىنىمدە ئىللىق قوينىنى ئېچىپ مېنى كۈتۈۋالىدىغان، ئىسسىق سۇلارنى راسلاپ پۇتلىرىمنى يۇيۇپ قويىدىغان، باللىرىمنىڭ خاپىچىلىقىنى ماڭا بىلىندۈرمەيدىغانمۇ يەنە شۇ مۇنىرە ئىدى، قانداق قالتىس چاغلار ئىدى ئۇ، قاچان ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ، باش كۆتەردىم، مۇنىرەگە ھال كىردى، ئاۋۋال چايغا ئۆگۈنۈۋالدى، ئاندىن بالىلارنى چوڭلارغا تاشلاپ قويىدىغان قىلىقنى چىقىراۋالدى، ھەر چايدىن قايتقىنىدا بىردىن قىلىق چىقىرىپ، يېرىم كىچىگىچە ئىشلەپ ھېرىپ-ئېچىپ كەلسەم، بۇرۇنقىدەك تاتلىق گەپ-سۆزلەر نەدە، مۇشۇ ۋاقىتقىچە قايسى مايماقلار بىلەن يۈردۈڭ، باشقا ئەرلەر كۈندۈزى پۇل تاپسا، سەن كىچىسى زاۋۇتنى بانا قىىلپ، شالتاققا مىلىنىپ يۈرۈيسەن، دېگەندەك ئەپسانە گەپلەر بىلەن قارشى ئالىدىغان بولۇپ قالدى، مانا تۈزۈلەر، ئەنە ئوڭشىلىپ قالار، دەپ بۈگۈنگىچە كۈتتۈم، ھالى يەنە شۇ.
-بۇ قېتىم يەنە يامانلاپ كەتتىمۇ؟
- ئۇنىڭ ئارزۇسىچە بولغاندا خەتنە توينى كاتتا قىلىشىم، نەچچە يۈز ئادەمگە باغاق يېزىپ، رېستۇراندا داغدۇغا قوزغىىشىم كېرەك ئىكەن، ئۇ خېنىمنىڭ يۈز-ئابرۇيى دوست- دۈشمەنلىرى ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان بولاپتىمىش، ئەگەر خەتنە توينى قايتىدىن كاتتا ئۆتكۈزۈپ بەرمىسەم ئاجرىشىپ كېتەرمىش.
- مەنغۇ سېنى قوللايمەن، ئاجايىپ كاتتا ئىش قىلدىڭ، لېكىن بۇ ئىش تۈپەيلى ئائىلەڭ بۇزۇلۇپ كەتسە بولماس، ئازراق يول قويۇمسەن، يا؟
- ياق، قادىر مەن خاتا قىلمىدىم، ئەركىشى دېگەن ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىۋەرگەن ياخشى، ئەگەر مۇنىرە ئىلگىرىكىدەك  ئويلالىسا ئىدى، مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگەن بولاتتى، سەنمۇ بىلىسەن، مەن دېھقاندىن كېلىپ چىققان كارخانىچى، نەچچە يىل سۇ كادىرى بولدۇم، دېھقانغا نېمە كەم، سۇ! باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن بىر يۈەن ساخاۋەت قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ دېھقان ئۈچۈن ئىشلىتىمەن،
- ئايالىڭنىڭ ئىشىنى قانداق قىلىسەن ئەمدى؟
- مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلىمەن، ھەپتە-ئون كۈن باتناپ بېقىپ يەنە كېلىدۇ، مانا مۇشۇنچىلىك ئىش.
- ئايالىڭ بۇ قېتىم كوچا-كويلاردا تۇرغۇندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرۈپتىمىشقۇ؟
- نېمىشىقا ئاڭلىغانلىرىڭنى تولۇق دېمەيسەن، ئۇنىڭ تۇرغۇننىڭ مېڭىسىدە سۇ بولمىسا ئوغلىنىڭ تويىغا ئىشلىتىدىغان پۇلنى جاڭگالغا سورىۋىتەمتى، ئۆزىنى كۆرسەتكىنى، كاتتا ئادەم ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلغىنى، ئۇنداق  تاياققا لايىق ئادەم بىلەن ئۆي تۇتالمايمەن، دېگەنلىرىنى دېمىدىڭغۇ؟
-سەنمۇ ئاڭلىدىڭمۇ، ئايالىڭ تۇرغۇن دېگەن ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغان بىر ئوبدان توي بەرسە چاي پۇلىنىڭ ئۆزىلا نەچچە يۈز مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى، مەنمۇ نەچچە تۆمەن پۇللۇق بولۇپ قالاتتىم، دەپ ئايالىمغا دەرت تۆكۈپ بېرىپتۇ.
- ئائىلە ئىشلىرىمنى ھەل قىلالماي ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ، ئۇنىڭسىزمۇ چېچىمدىن تولا ئىشلىرىم تۇرسا، ھەي...
-  بۇ ئىشنىڭمۇ ئامالى چىقىپ قالار، ئىچىڭنى پۇشۇرما.
- راسىت گەپنى دېسەم، بۇ خوتۇندىن جاق تويدۇم جۇمۇ، بالىلارنى دېمىسەم... (22)

داۋامى بار.   

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-21 01:12 PM):
تۇرغۇننىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى گۈلسۇم، بۇ بۆلەكتە مۇنىرە دەپ خاتا ئېلىنغان.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 03:44:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئەقىلسىز  بۇلىدىكەن  مۇشۇ ئايال كىشى....بەزى  ۋاقىتلاردا.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:12:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  شىركەتنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى

  مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ تۇرغۇنلارنى قاتتىق قويۇۋىتىشى، تۇرغۇن ئۈچۈن قاتتىق ساۋاق بولۇپ،  تۇرغۇنغا ئۆزىنىڭ ۋە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن ئېڭى بىلەن كەسپى ساپاسى ۋە ئۇنۋىرسال قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇردى.  شۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە رۇستەم. سۇلايمان، قادىر ۋە لەيلىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدائىگىلىك باشقۇرۇش، ئىقتىساد باشقۇرۇش، بازار ئېچىش ۋە خوجىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بىلىم ئاشۇرۇش، تەجرىبە ئىگەللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشىنى قارار قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا زاۋۇتلاردا مەخسۇس لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەسپىي بىلىملەر بويىچە قەرەللىك تەربىيلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئون نەچچە نەپەر بەش يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخغا ئىگە ئىختىساس ئىگىسىنى شىركەتكە جەلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسلىھەلىلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك يېڭىلاپ، شىركەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. بۇ بىر تۈركۈم خىزمەتلەرگە 10 مىلىيۇن يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىنىپ، زاۋۇتتا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
-باش دېرىكتور ئۆتكەنكى قويمىچىلاردىن بەك قورقۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن مەبلەغ يېتىشمەيۋاتقاندا نۇرغۇن پۇلنى كۆككە سورىۋەتتى.
- بىز پايچىكلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ، ئۇلىنى چىڭداۋاتىدۇ، ئەتە- ئۆگۈن يەنە بىر ئىش بولسا، دەردىنى بىز تارتىمىز، نەدىن چىقتى ئاشۇ پايچىك دېگەن گەپ، يا مائاشنى يۈرەكلىك خەجلىگىلى قويمىغان.
-نەچچە يىلدىن بىرى ھەممىمىزدىن بەش يۈز يۈەندىن يىغىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ پۇللارنى بانكىغا قويسا، ئۆسۈمىلا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن بولۇپ كېتەرئىدى.
-ھېسابلاپ باقسام، پايچىك بولۇشنىڭ گىپى چىققىنىغا ئۈچ يىل بولۇپتۇ، ئۈچ يىلدىن بۇيان بىزگە قايتىقان پاي پايدىسىمۇ قوشقان پېيىمىزنى بىر قاتلىۋەتتى. تۇرغۇننىڭ ھەقىقەتەن بىڭسى بار ئىكەن.
- باش دېرىكتور ئۆتكەندىمۇ قاتتىق ئازدىغۇ، قەيسەر لاۋبەن بولمىغان بولسا، بىز بۇ چاغقىچە ئېتىزلىققا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان بولاتتۇق، ئولتۇراق ئۆي قورۇلۇشىنىڭ پايدىسىنى تۆمۈر-تەسەك ئېلىش بىلەن، ئىككى-تۆت تال ئادەمنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىۋىتىدىغان بولدى، ئۇغۇ مەيلى تۇرغۇن ئەخمەق بولمىسا، ھەر ھەپتىدە نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ، ئۈرۈمچىلەردىن ئايرۇپىلان بىلەن ئادەم ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى سائەتلىك قۇرۇق سۆزىنى سېتىۋالامتى، بىزنىڭ مۇكاپاتلىرىمىز نەچچە تۈشۈكتىن بىر يۈەنلەپ، بىر يۈەنلەپ ئاران چىقىدۇ، ئۇنداق تۈكى يوق ئىشلارغا نەچچە ئون مىڭلاپ سەرپ قىلىۋىرىدۇ، بىز بۇ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
-شۇنداق، باش دېرىكتور تۇرغۇن بولغان بىلەن، ئۇ خەجلەۋاتقان پۇلدا بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار، ھازىرلا بېرىپ توسايلى.
- بېرىپ تازا ئۇرامدۇق يا، ئاچچىقىمز چىقىپ قالاتتى.
-ساراڭ بولدىڭمۇ، ھازىر ئۇنى ئۇرۇش ئەمەس، تىكىلىپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ، ناھىيىمىزدىكى ھەممە ئادەم ۋاي تۇرغۇن دەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋاتسا.
-ئۆتكەندىكى يىغىندا ئۆزى دېدىغۇ، دادىل بولۇڭلار، زاۋۇتتا كىمدە-كىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدىكەن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇ سەۋەنلىككە قارىتا پىكىر بېرىش، پاش قىلىش، توسۇش مەجبۇرىتى بار، دەپ. سىلەر بارمىساڭلار مانا ئۆزەم بارىمەن، تۇرغۇن ئەۋلىيا ئەمەستۇ، ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇچىلىكىم بار مېنىڭ.
  تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە ئاخىرى ئون نەچچە ئادەمنى ۋەكىل قېلىپ ئەۋەتىش قارار قىلىندى، ۋەكىللەر ئارىسىغا، تۇرغۇنغا گەپ يېگۈزەلەيدۇ، دەپ ئاغىنىلەردىن بىر قانچىسى كىرگۈزۈلدى.
شىركەت بىناسىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى كىچىك يىغىن زالىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. باشتا ۋەكىللەر مەبلەغنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرغۇن ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرلەپ ماڭدى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
- ئۆتكەنكى ساۋاق ھەممىڭلارنىڭ ئىسىدە بولۇشى مۇمكىن، ۋەيران بولغىلى قىل قالدۇق، شىركەت ۋەيران بولدى دېگەن گەپ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئائىلە 1000 دەك ئادەم تاماق قاچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى دېگەن گەپ. بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر ئالدىنىپ كەتتۇق، مەن خاتا قارار چىقاردىم دەيلى، نېمىشىقا زاۋۇتتا مېنى پاكىتلار ئارقىلىق قايىل قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى، بىز نېمىشىقا بارلىق ئىقتىسادى ھوقۇق بىلەن قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردۇق؟ مەسىلە، بىزنىڭ قانۇن ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەنكى، ئىقتىسادى كاللىمىزنىڭ يېتىلمىگەنلىكى، كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈلمىمىزنىڭ ناچارلىقى، شىركەتنڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىقـتىساس ئىگىلىرىنىڭ ئازلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر سەۋەب بولدى. مەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن نۇرغۇن پۇلنى شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسىنى يېڭىلاش، ئەسلىھەللەرنى ئىلغارلاشتۇرۇش، ئىقتىساس خادىملىرىنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىۋەتتىم. كۆپچىلىك مېنى تىللىدى، خاتا چۈشەندى، ھەتتا ئىشخانامغا باستۇرۇپ كىرىپ، مېنى بولۇشىغا ئۇرماقچىمۇ بولۇشتى، مەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، سۈكۈت قىلدىم. سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرىڭلارنى خاتا دېمەيمەن، ئەمما ھازىر رىقابەت بەك كەسكىن، تەرەققىيات بەك تىز. كارخانىمىزنى زامانغا لايىق قىلىپ قۇرۇپ چىقالمىساق، شاللىنىپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. قۇچقاچ تۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئازراق دان كېرەك. ئەگەر يەنە خاتىرجەم بولالمايدىغانلار بولسا، ئۆزىنىڭ پاي پۇلىنى پايدىسى بىلەن قوشۇپ ئېلىۋالسا بولىدۇ، مەن تاكى ئۆزەم بىر ئادەم قالغۇچەشىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. ئويلاپ بېقىڭلار تېخى نەچچە يىل بۇرۇن بەش-ئالتە نەپەر ئىشچىسى بار ئادەتتىكى قۇم-شېغىل زاۋۇتى قانداق قىلىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار، يۈز نەچچە مىليۇن يۈەنلىك ئۆي- مۈلۈك تۈرىگە مەبلەغ سالالايدىغان، 30 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق پاي مەبلىغىنى جەلىپ قىلالىغۇدەك چوڭ شىركەتكە ئايلىنالىدۇق، بۇ پۈتۈنلەي كۆپچىلىكنىڭ بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، قالغان ئىشلارنى سىلەرمۇ ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار، ھامان بىر كۈنى كىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.     
  تۇرغۇن چىقىپ كەتتى، باشقا ۋەكىللەرمۇ يىغىن زالىدىن ئايرىلدى، بىز بىر قانچە ئاغىنىلەر ھاڭۋاقىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق،  كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىق بىزنى ھەيران قالدۇرۇۋاتاتتى، تېخى نەچچە يىل ئىلگىرى ئاغىنىلەرنىڭ بوزەك قىلىش ئوبىكتى بولغان، كۆكەمە تۇرغۇننىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈز نەچچە مىليۇن يۈەننىڭ گېپىنى قىلالايدىغان كاتتا كارخانىچىغا ئايلىنىپ كېتىشىى كىم ئويلىغان دەيسىز، ئەينى ۋاقىتتا يۈز مىڭ يۈەنگە ئەسكى سايلىقنى كۆتۈرە ئالىمەن دېسە، ئۇنىڭ ئەقىلسىزلىكى ئۈستىدىن كۈلۈپ زاڭلىق قىلغان، تازا ئۇرماقچى بولغان ئىدۇق. تاياققا لايىق ئادەم بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئادەم بولۇپ كەتتى، بىزچۇ؟ تېخىچە نەچچە مىڭ يۈەنگە ئىشلەيدىغان مەدىكار.
- ھەي بالىلار، قۇرۇلۇشقا دەسمى سالغان پۇلنىڭ ھەممىسى تۇرغۇننىڭمۇ؟
- بايام تۇرغۇننىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمىدىڭمۇ، بانكا 40نەچچە مىليۇن يۈەن قەرز بېرىپتۇ، 30 نەچچە مىليۇن يۈەن پايچىكلارنىڭ، قالغىنى...(23)

داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  مانا بىر ئاخشامدىلا ئىككى بۈلۈم  كىرىپتۇ،   تۇرغۇننىڭ ئەقلىگە قايىل بۇلىۋاتىمەن  جىمۇ.....  بۇ ھىكايە ئارقىلىق ئەقىل  بىلەن ئىش قىلىشتىن ئىبارەت بىر تاكتىكىنى ئۈگىنۋالدىم...  رەھمەت.....

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرغۇننىڭ  يېڭىچە  ئەقىلىگە قايىل بۇلىۋاتىمەن  جىمۇ......

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79112
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 05:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ھىكايىنى ھەقىقەتەن ياخشى يازىدۇ . مەن ھېكايىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇيدۇ...چوڭ چوڭ ياخشى...

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 06:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozhal يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 03:15 PM
ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىكى مەردانە روھ بىلەن ئاجىزلىقلارمۇ  ...

ئۇزھال  ئەپەندىم  سىز  رىجىسۇرلۇق  قىلىپ  بۇنى  كۆپ قىسىملىق  كىنو  قىلىپ  ئىشلىسىڭىز  بۇكىنۇ  مىنىڭچە  بەك  ئىسىل  چىقىشىغا  ئىشەنچىم  كامىل  ..ھۇنەرۋەن  ئۇستا بولسا  دوناي  ياغاچمۇ تۈز  بۇلۇدۇ  ئەمەسمۇ ...

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش