تۇرغۇننىڭ غەلىتە قارارى
زاۋۇتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئادەملەرمۇ كۆپۈيۈشكە باشلىغان ئىدى، زاۋۇتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۇرۇنقى پەقەت چالا ساۋاتلاردىن تەركىپ تېپىشتەك ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ۋە ئوتتۇرامەكتەپلەرگىچە ئوقۇغان ئادەملەرگىچە كېڭىيىپ كەتكەن ئىدى،ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سەۋىيىسى، ياش چەكلىمىسى، قىزىقىش-ھەۋەسلىرىدە پەرق زور بولغانلىقتىن زاۋۇتنىڭ ئادەم باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ، خىزمەت ۋاقتىدا تاماكا چېكىۋىلىدىغان، چۈشلۈك دەم تاماق ۋاقتىدا پىۋا ئېچىپ خىزمەتچىلەر ئارىسىدا پىتنە-پاسات پەيدا قىلىدىغان، خىزمەت ۋاقتىدا شەخسى تىلىفۇن قۇبۇل قىلىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى.
زاۋۇت رەھبەرلىكى بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى بىلەلمەي قالدى، زاۋۇت ئىچىدە تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ، خىزمەت ۋاقتىدا شەخسى ئىشلار ئۈچۈن تىلىفۇن ئالاقىسى قىلىشقا بولمايدۇ… دېگەندەك قائىدە-تۈزۈملەرمۇ بۇ خىل ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەپ بولالمىدى، شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇن، ئۇدا بىر ئاي تاماكا چەكمىگەنلەرگە، ھاراق ئىچمىگەنلەرگە 200 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ( ئىلگىرى تاماكا چەكمەيدىغانلار، ھاراق ئىچمەيدىغانلار ( بۇنىڭ سىرتىدا)، خىزمەت ۋاقتىدا شەخسى ئىشى ئۈچۈن ئۇدا بىر ئاي تىلىفۇن ئىشلەتمىگەنلەرگە 100 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ھەر قايسى زاۋۇت، تاللا بازىرى، ئىشخانا بىنالىرىغا پاش قىلىش ساندۇقى بېكىتىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆز-ئارا نازارەت قىلىنىدۇ، دېگەن غىەلتە قارارنى چىقىرىپ زاۋۇتتا غۇلغۇلا قوزغىدى.
-باش دېرىكتور ساراڭ بولۇپ قالمىغاندۇ-يەنە،مۇشۇنداقمۇ غەلىتە قارار بولامدۇ؟
-تېخى بىر-بىرىمىزنى ئاشكارا نازارەت قىلىدىكەنمىز.
-پاش قىلىش ساندۇقىغا ئۆز ئىسمىمىزنى قالدۇرىدىكەنمىز.
-بۇرۇن تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغانلارغا زىيان بولدى-دە
-بولدى ئەمدى تاماكا چەكمەيمەن، بۇنداق بولغاندا قوشلاپ پايدا بولغۇدەك.
-بۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسى كۆرۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، كوچىلاردا ئاشكارا تاماكىمۇ چەككلى بولمايدىغان بولدى-دە.
-زاۋۇت ئەتراپىدىكى دۇككانلارغا زىيان بولىدىغان بولدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ تاماكا، ھاراقلىرىنى كىم سېتىۋالار.
-ئادەمنىڭ شەخسى ئىشى بىلەن نېمە كارى، ئۇ تۇرغۇن دېگەننىڭ، ئىشىنى قىلسۇن، مەن بىلگىنىمنى قىلىۋىرىمەن تازا.
-تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ئۇ، خىزمەت ۋاقتىدا بەش-ئون مىنۇت تىلىفۇن قىلغانغا نېمە بولىدۇ، دەيمەن، ئەمدى قىز دوستۇم مەندىن رەنىجىيدىغان بولدى-دە.
-سىلەرنى كىم مەجبۇر قىلدى،ھاراق ئىچىسەڭ، تاماكا چەكسەڭ بىرىسى سېنى جازالايمەن دېمىدىغۇ، نىمىشىقا دېرىكتورنى تىللايسەن.
مۇشۇ خىلدىكى گەپ سۆزلەر ئۇزاققىچە بېسىقمىدى. شۇنداق بولسىمۇ پاش قىلىش ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلار كۈندىن- كۈنگە ئازلاشقا باشلىدى. بىر ئاي توشقاندا مۇكاپات ئالغانلار زاۋۇتتىكى تاماكا چىكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمىدى، ئەمما شەخسى تىلىفۇن قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇكاپات ئالغۇچىلارنىڭ سانى پۈتۈن زاۋۇتتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتتى.
رۇستەمنىڭ بىر نەۋرە تۇققىنى ئىشىك-دېرىزە زاۋۇتىنىڭ ئالدىدا بىرھاراق، تاماكا ، تۇرمۇش بويۇملىرى ساتىدىغان بىر ئەپچىللا دۇككان ئېچىۋالغان ئىدى، زاۋۇتتا ئاشكارا تاماكا چىكىدىغان،ئاشكارا ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا قالغاچقا، ئۇنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ بۇ تۈزۈم داۋاملىشىپ يېرىم يىلغا يەتمەي، ئۇنىڭ دۇككىنى تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى. (19)
داۋامى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 01:02 PM