مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ( چاتما ھېكايىلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78656
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 306
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 09:56:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىسىز

❉كۈيچى ئاۋازلىق كۇلۇبى سزنى قارشى ئالدۇ❉ي ي پىنداۋ  رىمىز:37877◆ ي ي چۈشۇرۈش ئادىرسى :www.yy.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78656
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 306
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:11:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

❉كۈيچى ئاۋازلىق كۇلۇبى سزنى قارشى ئالدۇ❉ي ي پىنداۋ  رىمىز:37877◆ ي ي چۈشۇرۈش ئادىرسى :www.yy.com

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 01:35:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 دەرتمەن تۇرغۇن

     بۇ كۇنلەردە ئاغىنىلەر بىلەن بىر يەرگە كېلىپ قالساق، دۇنيادا دەردى يوق ئادەممۇ بارمىدۇ، دېگەن مەسىلىدە مۇنازىرە قلىشىپ كېتىدىغان بولدۇق، نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆيىمىزنىڭ چىقىملىرىنى قامدىيالماي، پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرىمىز قالمىغان، شۇ چاغلاردا تۇرمۇشنى قامدىغۇدەك پۇل تاپالىساق دەرتلىرىمىز تۈگەيتى، دەپ ئويلاپ كېتەتتۇق. زاۋۇتتا ئىشلىگەندىن بىرى بەك باياشات بولمىساقمۇ، تۇرمۇشنىڭ ئاددى تەلەپلىرىدىن غەم قىلمايدىغان ھالغا كەلدۇق.شۇنداقتىمۇ بالىلار چوڭ بولغانسىرى يېڭى-يېڭى غەملەر بېشىمىزغا كېلىشكە باشلىدى، باللارنى تەربىيلەش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش،بارا-بارا زاماننىڭ كەينىدە قېلىۋاتقان ئۆي بىساتلىرىنى يەڭگۈشلەش، قوشنىلار ئارا ئېلىم-بېرىم، زاۋۇتتىكى خىزمەت بېسىمى… ۋاي-ۋۇي، ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى چېچىدىن تولا بولۇپ كېتىدىكەن. بىزغۇ ئۇ ئىشلارنى  ئەر-خوتۇن با مەسىلىھەت بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيمىز، ئەمما ئاغىنىمىز تۇرغۇننىڭ ھالىغا ۋاي،
   تۇرغۇن پۇل تاپتى، ناھىيىدە نامى بار كارخانىچىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈردى، لىكىن-زە، ئۇ يەنىلا خۇشال بولالمىدى، نىمىشىقا دەمسىلەر، سەۋەبى بىرلا. ئۇنىڭ خوتۇندىن تەلىيى كەلمىدى، ئۇنىڭ خوتۇنى كەمبىغەل ۋاقىتلاردا شۇنداق غەرەز ئۇقىدىغان، تۇرغۇننىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان بەلەن چوكان ئىدى، تۇرغۇن پۇل تاپقانسىرى ئۇنىڭ خوتۇنى  قىلىق چىقىرىپ، ئۆزىنى بىلەلمەيلا قالدى، نەچچە قېتىم يامانلاپ. ھەتتا سوتلارغىچە بېرىپ، تۇرغۇندىن نۇرغۇن پۇل بەدىلىگە ئاجراشماقچى بولدى، ئۇ چوكاننىڭ خىيالىدا نە ئائىلە، نە بالا يوق ئىدى، ئۇ خوتۇن تېپىلماسنىڭ خورمىسىدەك تۇرغۇنمۇ خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىشقا ئىزچىل قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.
-تۇرغۇنمۇ قاملاشمىغان نېمىكەن، شۇنچە بايلىقى، يۈز-ئابرويى بولغاندىكىن، ئۇنداق خوتۇننى بولۇشىغا ئۇرۇپ، ئەيۋەشكە كەلتۈرمەمدۇ.
- راسىت دەيمەن، پۇلى جىق، ھوقۇقى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئوخشايدۇ
- بىلسەڭلار، بۇنداق ئادەملەر پۇل تېپىشنىڭ، ھوقۇق تۇتۈشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە خوتۇنىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمايدۇ.
- ئۇنداق بولسا، تۇرغۇننىڭمۇ خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇق ئوخشىمامدۇ.
- خوتۇننى دەپ ياشىمىسا، بۇ دۇنيانىڭ باشقا يەنە نېمە خوۋلىقى بار، ئاغىنىلەر، شۇنىڭغا قارىغاندا تۇرغۇندىمۇ مەسىلە باركەندە؟
- خوتۇنى بىلەن كارى بولمايدىغان ئۇنداق ئاۋارىلەرنى تازا ئۇرسا بولىدۇ، جۇمۇ، بالىلار.
-ھەي ئاغىنىلەر، تۇرغۇننىڭ كاللىسىدا ئازراق دەرت بارمىكىن دەيمەن، قانداق دېسەڭلار ئۇنىڭ كاللىسى پۇل تېپىشقا ئىشلىگەن بىلەن، مۇشۇ تۇرمۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە زادى ئىشلىمەيدىكەن، ئۇ تايىنى يوق خوتۇننىڭ ئايرىلىپ كېتەلمىگۈدەك نېمىسى بار دەيمەن، ئاڭلىساق نى نى ئىسىل قىزلار تۇرغۇننىڭ ئىشىق ئوتىدا ئوت-كاۋاپ بولۇپ يۈرگىدەك، ھەتتا بەزى قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆز قىزلىرىنى تۇرغۇنغا سايە قىلىشىپ، تۇرغۇننىڭ ئىككى بالىسىنى گۈلدەك بېقىشقا ۋەدە بېرىپ ئۈلگۈرۈپتۇ، ئەگەر مەن تۇرغۇننىڭ ئورنىدا بولسام ئۇنداق گەپ يىمىگەن خوتۇننى ئاللاقاچان كۆزدىن يوقۇتۇپ، پەرىزاتتەك جاناندىن بىرنى ئېلىپ، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرگەن بولاتتىم.
- سىلەرمۇ ئۇنى بۇنى دەيسىلەر، ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ، دېگەندەك تۇرغۇننىڭ پۇلى كۆپ بولغىنىدەك، شۇنىڭغا يارشا يەتكۈچە دەردى بار، ئۇ خوتۇننى قويۇۋەتسە، پۈتۈن ئىگىلىكىنى ئىككىگە بۆلۈشكە توغرا كېلىدىغان گەپ. كىمنىڭمۇ شۇنچە بايلىقتىن قۇرۇق قالغۇسى بار دەيسىلەر.
-ئاڭلىشىمچە تۇرغۇن ھازىر خوتۇنى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن باش قاتۇرىۋىتىپتۇ، مالىيە بۆلۈمىدىكى ياش ئەرخوتۇن لەيلى بىلەن قادىر تۇرغۇنغا ياردەم قىلىپ ئامال ئىزدىشىپ بېرىۋاتقانمىش.
-رۇستەمدىن ئاڭلىشىمچە، ئامالنىمۇ تېپىپ بولغان ئوخشايدۇ، تۇرغۇن قادىرلارنىڭ مەسىلىھەتى بويىچە خوتۇنىنى ئېلىپ، نەچچە ھەپتىلىك ساياھەتكە مېڭىپتۇ.
     ئاغىنىلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك قادىر بىلەن لەيلى، تۇرغۇننىڭ تۇرمۇشىنى ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، ئاخىرى گۇناھنى تۇرغۇنغا قويغان ئىدى. تۇرغۇن شېغىل زاۋۇتىنى قۇرۇشقا كىرىشكەندىن بۇيان، پۈتۈن دىققىتىنى ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا قارىتىپ، ئائىلىسىنىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرى، بالىلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى، خوتۇنىنىڭ كەيپىياتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىسىلى قاتارلىق مەسىلىلەرگە پەقەت كۆڭۈل بۆلەلمەي، ھەممە ئىشنى خوتۇنىغا تاشلاپ قويغان، ھەتتا كۈنلەپ، ھەپتىلەپ زاۋۇتتا قونۇپ قالدىغان بولۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ پىكىرى بىر يەردىن چىقمايدىغان، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يەتمەكتە يوق،ھەر ئىككلىسى ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى پەش قىلىپ ، توختىماي جىدەللىشىدىغان بولۇپ قالغان.نەتىجىدە بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەت كىلىپ چىققان.
   قادىر بىلەن لەيلى ئۆيىدە زىياپەت راسلاپ تۇرغۇن بىلەن بۇ ھەقتە ئۇزۇن پاراڭلىشىپ، تۇرغۇننى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتراپ قىلىشقا ئۈندىگەن.
-ئۇكىللىرىم، ئويلاپ باقسام، نەچچە يىلدىن بىرى، ئىگىلىك تىكلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئائىلەمدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن، باللىرىمنى تۈزۈكرەك كۈتۈرۈپ باقماي، ئۇلارنىڭ قانداق چوڭ  بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن، ئايالىم بىلەنمۇ مۇداشمىغىلى ئۇزۇن زامانلار بوپتۇ، مەن كۆڭلۈمدە ئايالىمنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئائىلەم ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقاندىكىن، ئايالىممۇ مېنى توغرا چۈشىنىشى، مېنى قوللىشى كېرەك دەپ يۈزەكى ئويلاپلا، ئۇنىڭ ھېسياتى، خاپىلىق- خۇشاللىقلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنتۇپتىمەن، ئەمدى سىلەر ئېيتقاندەك تۇرمۇشىمنى ئىسلاھات قىلمىسام بولمايدىغان ھالغا كەپ قاپتۇ.
تۇرغۇننىڭ خوتۇنىنى ئېلىپ ساياھەتكە ماڭغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كىيىن، ئاغىنىلەرنىڭ تۇرغۇنغا بولغان قارىشى بىراقلا ئۆزگۈرۈپ كەتتى.
-تۇرغۇنمۇ ئەخمەق ئىكەن، خوتۇن خەخنى تۇرغۇندەك شەھەرمۇ شەھەر ئوينىتىپ يۈرسە، ئەتە-ئۆگۈن ئۇلار بېشىمىزغا  چىقىپ ياڭاق چاقمامدۇ.
-مۇشۇ تۇرغۇندەك سايىماخۇنلارنىڭ دەردىدىن بىزگىمۇ كۈن يوق، ئەتە-ئۆگۈن خوتۇنلىرىمىز، بىزنىمۇ ساياھەتكە ئېلىپ چىق دېسە قانداق قىلارمىز؟  تۇرغۇن خوتۇننىڭ كۆڭلىنى باشقىچە ئۇسۇلدا ئالسا بولماسمىدى، دەيمەن.
-خوتۇنىنىڭ رايىغا باقىدىغان ئادەمنى ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن.
-تۇرغۇن  كۆزىمىزچە پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ، بىزگەئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتىدۇ،دەيمەن.
-بىزدىمۇ بار، تازا ئۇرىدىغان ئىش ئىدى، ئەكسىچە كالىدەك ئىشلەپ ئۇنى باي قىلىۋاتىمىز... (17)

   داۋامى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 01:45 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40104
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 546
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 3742 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 07:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تۇرغۇننىڭ ئاغىنىلىرىنىڭ كاللىسى بالدۇرراق ئازاد بولسا بولاتتى.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:12:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kachan karisa gaywattin bashkini bilmay digan bir top aginliri barkan bu turghunning

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76946
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 01:21:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78450
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:19:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت تېخمۇ تىرشىڭ

بىر قەدەمىنى خاتا ماڭساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 12:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                       يامغۇر ۋەقەسى

  ئىشلار بىر ئوبدان يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى،  ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز ئامباردىن چاتاق چىقىپ زاۋۇتنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى.
  قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت دائىىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكى  ئامبار يېتىشمەي، سۇلياۋ ئىشىك- دەرىزە زاۋۇتى قورۇسىنىڭ ئىچىگە يېڭىدىن ئامبار سېلىنغان ئىدى. رۇستەم قوشۇمچە ئامبارغا مەسئۇل قىلىندى. تېخى ناھىيىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلانمىغاچقا، پۈتۈن ئامبارلار توشۇپ كېتىپ، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن مىڭ توننا سىمۇنت ئامبار ئالدىدىكى مەيدانغا چۈشۈرۈلدى. ئىشچىلار رۇستەمگە سىمۇنتلارنى يۆگەپ قويۇشقا يېتەرلىك ياپقۇچ يوقلىقىنى مەلۇم قىلىشتى. رۇستەم ئاسمانغا بىر قارىۋىتىپ، ياپقۇچلارنى ئامباردىن ئېلىپ چىقىشقا خېلى ۋاقىت كەتكۈدەك،  مېنىڭ ھازىر بىجىرىدىغان جىددى ئىشىم بار ئىدى، بۈگۈن-ئەتە قار-يېغىن يېغىش ئىھتىماللىقى يوقتەك تۇرىدۇ،  ئەتە يۆگىسەكمۇ كىچىمەيمىز، دەپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئىشچىلارمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلىشماي، ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېتىشتى.  شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت قورۇسىدا بىر-ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچىدىن باشقا ئادەم قالمىدى.
ناماز خۇپتەندىن يانغان چاغدا جامائەت  تۇيۇقسىز ھاۋانىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بايقاشتى.
- تۇداخۇن ئۇستام، ماۋۇ ھاۋا بىر دەمدە نېمە بولدى، شىۋىرغان چىقامدۇ،نېمە؟
-مەزىنئاخۇنۇم، ئەتىيازنىڭ ھاۋاسى دېگەن شۇ. خوتۇن كىشىنىڭ مىجەزىدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،  قارىسىلا. قارا بۇلۇتلار توپلىنىشقا باشلاپتۇ، يامغۇر يېغىپ قالماس، ئىگەكىم.
- ئاپلا، چاتاق چىقىدىغان بولدى.
    جامائەت ئارىسىدا رۇستەم قاتارلىق بىر قانچە ئاغىنە بار ئىدۇق، رۇستەم ماڭا باشقا ئاغىنىلەرنى ئېلىپ، دەرھال زاۋۇتقا بېرىشىمنى جىكىلەپ،بىر ئاغىنىمىز بىلەن ئۇچقاندەك كىتىپ قالدى،بىز ئاغىنىلەر بىلەن يىغىلىپ زاۋۇتقا بارغۇچە ئارلىقتا 10 مىنۇتچە  شىۋىرغان ئارلاش ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
   بىز يېرىم كىچىگىچە ھەپىلىشىپ، بارلىق سىمۇنىتلارنى يۆگەپ بولدۇق.  ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ رۇستەمنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بولۇپ، روھى كەيپىياتى بەك تۆۋەن ئىدى. بۇ ئىشنى تۇرغۇنغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي، ھەممىمىزنىڭ بېشى قاتتى.
- ئاز دېگەندە بىرەر يۈز توننا سىمۇنت بۇزۇلۇپتۇ، بۇ ئۆلگۈر يامغۇر يەنە ئون مىنۇت ياغقان بولسا. ئىشىمىز چاتاق ئىكەن.
- ئەتە ئىشچىلار كەلگەن ھامان ساق قالغان سىمۇنتلارنى ئايرىۋەتمىسەك بولمايدۇ، بولمىسا نەم تارتىپ باشقا سىمۇنتلارمۇ كىرەكتىن چىقىدۇ.
-كۈندۈزدە بىر ئوبدان تۇرمامتى بۇ ھاۋا، نېمىشىقىمۇ بارغاندىمەن شۇ چايغا، قانداق يىغىشتۇرارمەن بۇ ئىشىنى ئەمدى، ئەستەخپۇرۇللا!
- رۇستەم ئاداش بولمىسا، بۇ ئىشنى ئاۋۋال قادىرغا دەپ باقايلى ئۇ تاللا بازارنىڭ دىرىكتورى بولغاندىكىن بىر ئامال تاپار.
- قادىر بىزگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەر؟
-ئەرزان باھادا سېتىپ چىقىرىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس.
-مېنىڭچە. ھەممە زىياننى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالساق، بۇ ئىشنى پەقەت قادىرلا يۇشۇرۇپ كېتەلەيدۇ.
- تەس، قادىرمۇ تۇرغۇندىن ئۆتە قائىدىگە ئېسىلىۋىلىدىغان بىر نېمە.يامغۇردا قالغان سىمۇنتلاردا بازارغا سالساق، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئۇنىمايدۇ.
- ساپلا تاياقلا لايىق، كۆكەمىلەرنىڭ ئارىسىدا قاپتۇقتە، بىز.
   بىز تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپمۇ ياخشىراق ئامال تاپالماي، ئاخىرى بۇ ئىشنى تۇرغۇنغا مەلۇم قىلىش قارارىغا كەلدۇق. تۇرغۇن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ. دەرھال تېخنىك خادىملارنى زىياننىڭ دەرىجىسىنى بىكىتىشكە،  ئىشچىلارنى ساق قالغان سىمۇنتلارنى ئايرىۋىتىشكە بۇرىدى. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن زاۋۇتنىڭ بارلىق كادىرلىرى، بىر قىسىم پايچەكلەرنىڭ قاتنىشىشىدا يېغىن ئېچىلىپ، بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قلىش مۇزاكىرە قىلىندى، يىغىن ئەھلى  تۇرغۇننىڭ پىكىرىنى قوللاپ رۇستەمنىڭ بۇ  پەۋقۇلادە چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۈچۈن مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، كادىرلىقتىن قالدۇرۇپ، ئادەتتىكى ئىشچىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ تەمىنات بېكىتىشنى قارار قىلدى.
  زاۋۇتنىڭ بۇ قارارى ئاغىنىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ،  ئۇلاردا تۇرغۇنغا قارشى كەيپىيات پەيدا قىلدى.
- نەچچە يىللىق ئاغىنىدارچىلىقنىڭغۇ يۈزىنى قىلمىسۇن، نەچچە يىلدىن بىرى رۇستەمنىڭ زاۋۇتقا قىلغان ئەجىرىنى ئويلىسا نېمە بولىدۇ؟
- تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ئۇ تۇرغۇن، ئاغىنە بولغاندىكىن، بۇنچە داۋراڭ سېلىپ، پۈتۈن زاۋۇت بۇيىچە ئۇقتۇرۇش قىلىپ رۇستەمنى تەنقىد قىلماي، ئىچكى جەھەتتىلا بىر تەرەپ قىلسمۇ بولاتتىغۇ
- ناھايىتى 30 نەچچە مىڭ يۈەن زىيان بوپتىغۇ، تەسىرى يامان دەپلا مۇشۇنداق ئېغىر جازالىۋەتسە قانداق بولىدۇ دەيمەن، تۇرغۇندىن بەك كۆڭلۈم قالدى جۇمۇ ئاغىنىلەر.
- ئاغىنىلەر، بولمىسا، ھەممىمىز بىراقلا ئىش تاشلايلى، تۇرغۇنغا ئاغىنە لازىم بولسا، يېنىمىزغا كېلىپ يالۋۇرۇپ، رۇستەمنىڭ ۋەزىپىسى ۋە تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرسۇن.
- شۇنداق قىلايلى،بۇ قىلغىنىغا تۇرغۇننى راسا قىينايلى، ئۇ كۆكەمە قانداق قىلىدىكىن.
   ئەتىسى تۇرغۇننىڭ ئونغا يېقىن ئاغىنىسى بىلەن بەش-ئالتىدەك باشقا ئىشچى ئۆزىنىڭ ئىش تاشلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىشقا كەلمىدى. بۇ ئىش تۇرغۇننىڭ بېشىنى قاتۇردى، زاۋۇتنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى، ئۇلارنىڭ يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئىش تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى خىزمەتتىن ھەيدەپ، باشقىلارغا ئىبىرەت قىلىشنى ئېيتتى، بۇ ئىشقا قادىرنىڭ پىكىرى باشقىچە ئىدى.
- كۆپچىلىك، ئىش تاشلىغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى باش دىرىكتورنىڭ بالا چاغلىرىدىن تارتىپ تونۇشىدىغان، بىلىشىدىغان، سىرداش ئاغىنىلىرى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ھېسىيات بار، ئۇلار پەقەت باش دىرىكتورغا ئەركىلەپلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى بىراقلا ئىشتىن بوشىتىۋەتسەك قانۇنى جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ، ئەخلاق جەھەتتىن تازا توغرا ئەمەس، كىشىلەر رۇستەمگە بېرىلگەن جازانى قۇبۇل قىلالماي، ئاران تۇرغاندا، يەنە بۇ ئىش يۈز بەرسە، باش دىرىكتۇر يەنە مەھەللىسىدە ياشىسا بولىدۇ، شۇڭا تەكلىپىم، رۇستەمنىڭ تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك.
- بولمايدۇ،ئۆزەڭلەر بىلىسىلەر زاۋۇتتىكىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى تۈزۈك ئوقۇمىغان ئادەملەر، يۇمشاق باشلىق قىلساق، زاۋۇتنى باشقۇرۇپ ماڭماق تەس.
- تازىمۇ باش قاتتىغۇ...
-   ئاغىنىلەر مېنىڭ، زاۋۇتمۇ ھەم شۇنداق، ماڭا ھەر ئىككىلىسى مۇھىم، شۇنداقتىمۇ، رۇستەمگە بېرىلگەن جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ، ئاغىنىلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچىلارمۇ ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چىقىدۇ. سۇلايمان، سىز ئىش تاشلىغان بارلىق ئىشچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ، ئۇلار  چۈشتىن كىيىن  سائەت تۆتتە رۇستەمنىڭ ئۆيىگە يىغىلسۇن، شۇ يەردە مەن ئۇلارغا مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىمەن.
  تۇرغۇن يەنە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، زاۋۇتتىن ئايرىلدى ۋە ئۇدۇل رۇستەمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.(18)

  داۋامى بار.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 12:22 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

موھەببەت   راسم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8286
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5913
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلاۋاتىمەن

ھەي  بېلەيتاش  سەن قاچانغېچە   تۇمۇرنې   'ئېتتېكلېتېسەن  لېكېن  ئۆزۆڭ   كەسمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78779
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا خشى يېزىپسىز  داۋاملىق يېزىڭ
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش